البقرة
Al-Baqara
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓمٓ
Open ayah 2:1ئەلىف، لام، مىيم (بەزى سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كەلگەن بۇ خىلدىكى ھەرپلەر قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، قۇرئاننىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ).
ذَٰلِكَ ٱلۡكِتَٰبُ لَا رَيۡبَۛ فِيهِۛ هُدٗى لِّلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 2:2بۇ ئۇلۇغ كىتابتۇر، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارغا [3] يېتەكچىدۇر.
- تەقۋادار ياكى تەقۋا _ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچى، ئاللاھتىن قورققۇچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈپ، دۇنيا ئاخىرەتتە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغۇچى دېگەنلىكتۇر.
ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡغَيۡبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
Open ayah 2:3ئۇلار غەيىبكە [4] ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
- غەيىب _ سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئالەم دېمەكتۇر. ئۇ «مېتافىزىكا ئالىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ وَبِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ
Open ayah 2:4ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىشىنىدىغان ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 2:5ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدىدۇر، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 2:6(ئى پەيغەمبەر!) ئېنىقكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى [5] ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
- «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار» دېگەن ئايەتتىن ئۆزىگە ھەق دىننىڭ دەۋىتى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇشقا بەل باغلىغان كاپىرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مۇشۇ ئايەت چۈشۈشتىن 12 يىل ئىلگىرى مەككىدە نازىل بولغان كافىرۇن سۈرىسىدىكى ﴿وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ﴾ يەنى ﴿ سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر﴾ دېگەن ئايەتتە ئىمان ئېيتمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن كاپىرلارغا ئوخشاش كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا قارىتىلغان ئايەتتۇر. يەنە بىر مەسىلە، بۇ ئايەتتىكى ﴿بەرىبىر﴾ دېگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن «بەرىبىر» ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى شۇ كاپىرلار ئۈچۈن «بەرىبىر» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى كىمنىڭ ئىمان ئېيتىدىغان ۋە كىمنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَعَلَىٰ سَمۡعِهِمۡۖ وَعَلَىٰٓ أَبۡصَٰرِهِمۡ غِشَٰوَةٞۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 2:7ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (شۇڭا ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (شۇڭا ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَمَا هُم بِمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:8بەزىبىر ئادەملەر باركى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىشەنمەي تۇرۇپ، «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەپ قويۇشىدۇ.
يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَمَا يَخۡدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 2:9ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ
Open ayah 2:10ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئېيتىۋاتقان يالغانلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ قَالُوٓاْ إِنَّمَا نَحۡنُ مُصۡلِحُونَ
Open ayah 2:11ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.
أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡمُفۡسِدُونَ وَلَٰكِن لَّا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 2:12بىلىڭلاركى، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن (بۇنى) ئۆزلىرى تۇيمايدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ كَمَآ ءَامَنَ ٱلنَّاسُ قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ كَمَآ ءَامَنَ ٱلسُّفَهَآءُۗ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلسُّفَهَآءُ وَلَٰكِن لَّا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:13ئۇلارغا: «سىلەرمۇ كىشىلەر (مۇسۇلمانلار) ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەقلەردۇر، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَإِذَا لَقُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ إِلَىٰ شَيَٰطِينِهِمۡ قَالُوٓاْ إِنَّا مَعَكُمۡ إِنَّمَا نَحۡنُ مُسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 2:14ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، (ئۆزلىرىنى ئازدۇرغان ئادىمىي) شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز تېپىشقاندا بولسا: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللىمىز، بىز پەقەت (ئىمان ئېيتقانلارنى) مەسخىرە قىلىۋاتىمىز» دەيدۇ.
ٱللَّهُ يَسۡتَهۡزِئُ بِهِمۡ وَيَمُدُّهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
Open ayah 2:15ئاللاھ ئۇلارغا (مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ) جازاسىنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇق (پاتقاقلىرى)دا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇلار بولسا تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلۡهُدَىٰ فَمَا رَبِحَت تِّجَٰرَتُهُمۡ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
Open ayah 2:16ئەنە شۇلار ھىدايەتكە ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.
مَثَلُهُمۡ كَمَثَلِ ٱلَّذِي ٱسۡتَوۡقَدَ نَارٗا فَلَمَّآ أَضَآءَتۡ مَا حَوۡلَهُۥ ذَهَبَ ٱللَّهُ بِنُورِهِمۡ وَتَرَكَهُمۡ فِي ظُلُمَٰتٖ لَّا يُبۡصِرُونَ
Open ayah 2:17ئۇلار گوياكى (قاراڭغۇ كېچىدە) مەشئەل[6] ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، مەشئەل ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە قالدۇردى.
- بۇ ئورۇندىكى «نَار» يەنى «ئوت» دېگەن سۆزدىن مەشئەل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يورۇقلۇق ھاسىل قىلىپ يولنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوتتۇر.
صُمُّۢ بُكۡمٌ عُمۡيٞ فَهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
Open ayah 2:18ئۇلار گاستۇر (ھەق سۆزنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (ئازغۇنلۇقىدىن) قايتمايدۇ.
أَوۡ كَصَيِّبٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فِيهِ ظُلُمَٰتٞ وَرَعۡدٞ وَبَرۡقٞ يَجۡعَلُونَ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِم مِّنَ ٱلصَّوَٰعِقِ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِۚ وَٱللَّهُ مُحِيطُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:19ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
يَكَادُ ٱلۡبَرۡقُ يَخۡطَفُ أَبۡصَٰرَهُمۡۖ كُلَّمَآ أَضَآءَ لَهُم مَّشَوۡاْ فِيهِ وَإِذَآ أَظۡلَمَ عَلَيۡهِمۡ قَامُواْۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمۡعِهِمۡ وَأَبۡصَٰرِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 2:20چاقماق ئۇلارنى كۆز نۇرىدىن ئايرىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، چاقماق ئۇلارغا ھەرقاچان يورۇق چۈشۈرگەندە، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇلۇق باسقاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
Open ayah 2:21ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار[7] ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار [8].
- ﴿لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ دېگەن ئايەتنى كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر «ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن» دەپ تەپسىر قىلغان. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن مەقسەت ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ﴿تَتَّقُونَ﴾ دېگەن سۆز لۇغەتتە «ساقلىنىش»، «قوغدىنىش» ۋە «قورقۇش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بىز ئۇنى بۇ ئورۇندا «ساقلىنىش» دەپ تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
- بۇ يەردىكى ئىبادەت _ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر.
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فِرَٰشٗا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءٗ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ فَلَا تَجۡعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:22ئۇ سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا ۋە ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەرگەن، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. شۇڭا، سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
وَإِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّمَّا نَزَّلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّن مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 2:23ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىز (مۇھەممەد)كە نازىل قىلغان قۇرئانغا شەك كەلتۈرسەڭلار ۋە (قۇرئان ئىنسان سۆزىدۇر دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ، قۇرئاندىكىگە ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.
فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ وَلَن تَفۡعَلُواْ فَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُۖ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:24ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار _ ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر _ ئۇنداقتا، كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:25(ئى پەيغەمبەر!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار ھەر قېتىم جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا (كۆرۈنۈشتە دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە) ئوخشايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك ھۆرلەر بار، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ.
۞إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسۡتَحۡيِۦٓ أَن يَضۡرِبَ مَثَلٗا مَّا بَعُوضَةٗ فَمَا فَوۡقَهَاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرٗا وَيَهۡدِي بِهِۦ كَثِيرٗاۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 2:26شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ؛ بۇ مىسال بىلەن پەقەت پاسىقلارنى ئازدۇرىدۇ.
ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 2:27(ئۇ) پاسىقلار ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
كَيۡفَ تَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمۡ أَمۡوَٰتٗا فَأَحۡيَٰكُمۡۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 2:28(ئى كاپىرلار!) ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟ جانسىز ئىدىڭلار، ئۇ سىلەرگە ھايات بەردى، كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 2:29ئاللاھ زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتقان، ئاندىن ئاسمانغا يۈزلىنىپ، ئۇنى نۇقسانسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىغان زاتتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي جَاعِلٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ خَلِيفَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَجۡعَلُ فِيهَا مَن يُفۡسِدُ فِيهَا وَيَسۡفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحۡنُ نُسَبِّحُ بِحَمۡدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَۖ قَالَ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:30ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە ئورۇنباسار يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (ئىنسان)نى ئورۇنباسار قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز ۋە ئۇلۇغلايمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى.
وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلۡأَسۡمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمۡ عَلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِي بِأَسۡمَآءِ هَٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 2:31ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى (ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى) ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇ شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «(ئورۇنباسارلىققا ئادەمدىن بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ لَا عِلۡمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمۡتَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 2:32پەرىشتىلەر: «(ئى رەببىمىز!) بىز سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز. شەكسىزكى، سەن ھەممىنى بىلگۈچىسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.
قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئۡهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَأَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ
Open ayah 2:33ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى شەكسىز بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ وَٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:34ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلغىلى) ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى ۋە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.
وَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ ٱسۡكُنۡ أَنتَ وَزَوۡجُكَ ٱلۡجَنَّةَ وَكُلَا مِنۡهَا رَغَدًا حَيۡثُ شِئۡتُمَا وَلَا تَقۡرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:35بىز (ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن! سىلەر جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ _ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق.
فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ عَنۡهَا فَأَخۡرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِۖ وَقُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ
Open ayah 2:36شەيتان ئۇ ئىككىسىنى (مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىگۈزۈپ) خاتالاشتۇردى، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۇۋەتتى. بىز (ئادەم، ھەۋۋا ۋە ئىبلىسقا): «بىر _ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە سىلەرگە ۋاقىتلىق يەرلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش بار» دېدۇق.
فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَٰتٖ فَتَابَ عَلَيۡهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 2:37ئادەم رەببىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
قُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ مِنۡهَا جَمِيعٗاۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:38بىز (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن ھىدايەت كەلگەن چاغدا، مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ» دېدۇق.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:39كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار— ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِيٓ أُوفِ بِعَهۡدِكُمۡ وَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ
Open ayah 2:40ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلەڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، سىلەر مەندىنلا قورقۇڭلار.
وَءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلۡتُ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُمۡ وَلَا تَكُونُوٓاْ أَوَّلَ كَافِرِۭ بِهِۦۖ وَلَا تَشۡتَرُواْ بِـَٔايَٰتِي ثَمَنٗا قَلِيلٗا وَإِيَّٰيَ فَٱتَّقُونِ
Open ayah 2:41مەن قولۇڭلاردىكى (تەۋرات)نى تەستىقلىغۇچى قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى (بۇرمىلاپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
وَلَا تَلۡبِسُواْ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُواْ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:42ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار.
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرۡكَعُواْ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
Open ayah 2:43نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، (ئاللاھقا) رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.
۞أَتَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبِرِّ وَتَنسَوۡنَ أَنفُسَكُمۡ وَأَنتُمۡ تَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:44كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالامسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
وَٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلۡخَٰشِعِينَ
Open ayah 2:45سەۋر[9] ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شەكسىزكى، ناماز ئاللاھقا قەلبىدىن باغلانغان كىشىلەردىن باشقىسىغا ئېغىر كېلىدۇ [10].
- سەۋر— ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا، گۇناھتىن ساقلىنىشتا ۋە تەقدىرگە رازى بولۇشتا چىداملىق بولۇش دېگەنلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدىكى «سەۋر» دېگەن سۆز مۇشۇ ئۈچ مەنىدە كەلگەن.
- ئايەتتە كەلگەن «خاشعين» دېگەن سۆز «خشوع» نىڭ پائىل شەكلى بولۇپ، قەلبى ئاللاھ تائالاغا مەھكەم باغلانغان ۋە كۆڭلى ئۇنىڭغا تەلپۈنۈپ تۇرغاننى ئىپادىلەيدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر ئۇنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ تۇرغۇچى دەپ تەپسىر قىلغان.
ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ رَبِّهِمۡ وَأَنَّهُمۡ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ
Open ayah 2:46(ئاللاھقا قەلبىدىن باغلانغانلار) رەببى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 2:47ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە (بىر زامانلاردا) سىلەرنى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار.
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا يُؤۡخَذُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 2:48سىلەر كىشى كىشىگە قىلچىلىك ئەسقاتمايدىغان، (ئاللاھ ئىجازەت بەرمىگۈچە) ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، كاپىرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
وَإِذۡ نَجَّيۡنَٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ
Open ayah 2:49ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پىرئەۋن گۇرۇھىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) ھايات قالدۇراتتى. (بېشىڭلارغا كەلگەن) ئاشۇ ئىشتا رەببىڭلارنىڭ چوڭ سىنىقى بار ئىدى.
وَإِذۡ فَرَقۡنَا بِكُمُ ٱلۡبَحۡرَ فَأَنجَيۡنَٰكُمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
Open ayah 2:50ئۆز ۋاقتىدا بىز دېڭىزنى سىلەر ئۈچۈن يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق.
وَإِذۡ وَٰعَدۡنَا مُوسَىٰٓ أَرۡبَعِينَ لَيۡلَةٗ ثُمَّ ٱتَّخَذۡتُمُ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَنتُمۡ ظَٰلِمُونَ
Open ayah 2:51ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قىرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى بېرىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار.
ثُمَّ عَفَوۡنَا عَنكُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 2:52شۇنىڭدىن كېيىن، (ئەقىل تېپىپ) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدۇق.
وَإِذۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡفُرۡقَانَ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
Open ayah 2:53ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەن ئىدۇق.
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ إِنَّكُمۡ ظَلَمۡتُمۡ أَنفُسَكُم بِٱتِّخَاذِكُمُ ٱلۡعِجۡلَ فَتُوبُوٓاْ إِلَىٰ بَارِئِكُمۡ فَٱقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ عِندَ بَارِئِكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 2:54ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلىرىڭلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن ئىدى. (سىلەر بۇنى ئورۇندىدىڭلار) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نُّؤۡمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى ٱللَّهَ جَهۡرَةٗ فَأَخَذَتۡكُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
Open ayah 2:55ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار _ دە، قاراپ تۇرغان چېغىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى.
ثُمَّ بَعَثۡنَٰكُم مِّنۢ بَعۡدِ مَوۡتِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 2:56ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق.
وَظَلَّلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡغَمَامَ وَأَنزَلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰۖ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 2:57بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنەنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئەمما ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى.
وَإِذۡ قُلۡنَا ٱدۡخُلُواْ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةَ فَكُلُواْ مِنۡهَا حَيۡثُ شِئۡتُمۡ رَغَدٗا وَٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا وَقُولُواْ حِطَّةٞ نَّغۡفِرۡ لَكُمۡ خَطَٰيَٰكُمۡۚ وَسَنَزِيدُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 2:58ئۆز ۋاقتىدا (ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، ‹(ئى رەببىمىز!) بىزنى كەچۈرگىن› دەڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار)، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، (تائەت- ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ [11] قىلغۇچىلارغا (مۇكاپاتىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق.
- ئايەتتىكى ﴿الْمُحْسِنِينَ﴾ دېگەن سۆز ﴿الْإِحْسَانِ﴾ (ئېھسان) دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئېھسان _ ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ، مۇكەممەل قىلىش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ئېھسان دىننىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم مەرتىۋىسىدۇر.
فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ قَوۡلًا غَيۡرَ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمۡ فَأَنزَلۡنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
Open ayah 2:59(ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق.
۞وَإِذِ ٱسۡتَسۡقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ فَقُلۡنَا ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡحَجَرَۖ فَٱنفَجَرَتۡ مِنۡهُ ٱثۡنَتَا عَشۡرَةَ عَيۡنٗاۖ قَدۡ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٖ مَّشۡرَبَهُمۡۖ كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ مِن رِّزۡقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
Open ayah 2:60ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى)، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر ئايماق ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق).
وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نَّصۡبِرَ عَلَىٰ طَعَامٖ وَٰحِدٖ فَٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُخۡرِجۡ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۢ بَقۡلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَاۖ قَالَ أَتَسۡتَبۡدِلُونَ ٱلَّذِي هُوَ أَدۡنَىٰ بِٱلَّذِي هُوَ خَيۡرٌۚ ٱهۡبِطُواْ مِصۡرٗا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلۡتُمۡۗ وَضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلۡمَسۡكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ
Open ayah 2:61ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (شۇنچە ئېسىل نېمەتلەر بىلەن رىزىقلىنىپ تۇرۇپ): «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا يىمەكلىك بىلەن ھەرگىز تۇرالمايمىز، سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن (بولۇپمۇ) تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (ئۇنداقتا) سىلەر شەھەرگە كىرىڭلار، تىلىگىنىڭلار (شۇ يەردە) بار» دېدى. ئۇلار خارلىققا، موھتاجلىققا مەھكۇم قىلىندى. ئاللاھ تەرەپتىن غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلنَّصَٰرَىٰ وَٱلصَّٰبِـِٔينَ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:62شەكسىزكى، (بۇ ئۈممەت ئىچىدىكى) مۇئمىنلەرگە ۋە يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار، سابىئىيلار [12] ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
- سابىئىيلار— مۇئەييەن بىر دىنغا تەۋە بولماستىن، تۇغۇلۇشتىكى ھالىتى بىلەن قالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ وَرَفَعۡنَا فَوۡقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱذۡكُرُواْ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
Open ayah 2:63ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەرگە: «(ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق).
ثُمَّ تَوَلَّيۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۖ فَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ لَكُنتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
Open ayah 2:64شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ۋەدەڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار.
وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلَّذِينَ ٱعۡتَدَوۡاْ مِنكُمۡ فِي ٱلسَّبۡتِ فَقُلۡنَا لَهُمۡ كُونُواْ قِرَدَةً خَٰسِـِٔينَ
Open ayah 2:65ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى چەكلىمىدىن چەتنەپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى) سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خارلانغان ھالدا مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق.
فَجَعَلۡنَٰهَا نَكَٰلٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهَا وَمَا خَلۡفَهَا وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 2:66بىز بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەت قىلدۇق.
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تَذۡبَحُواْ بَقَرَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَتَّخِذُنَا هُزُوٗاۖ قَالَ أَعُوذُ بِٱللَّهِ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ
Open ayah 2:67(قاتىلى نامەلۇم بىر جىنايەت سادىر بولغان) ۋاقىتتا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «(مەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى.
قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِيَۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ لَّا فَارِضٞ وَلَا بِكۡرٌ عَوَانُۢ بَيۡنَ ذَٰلِكَۖ فَٱفۡعَلُواْ مَا تُؤۡمَرُونَ
Open ayah 2:68ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىن، رەببىڭ بىزگە ئۇنىڭ قانداق (كالا) ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى.
قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا لَوۡنُهَاۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ صَفۡرَآءُ فَاقِعٞ لَّوۡنُهَا تَسُرُّ ٱلنَّٰظِرِينَ
Open ayah 2:69ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى».
قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِيَ إِنَّ ٱلۡبَقَرَ تَشَٰبَهَ عَلَيۡنَا وَإِنَّآ إِن شَآءَ ٱللَّهُ لَمُهۡتَدُونَ
Open ayah 2:70ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلسۇن، بىز قانداق كالا بوغۇزلايدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇنى ئورۇنداشنىڭ يولىنى چوقۇم تاپىمىز» دېيىشتى.
قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ لَّا ذَلُولٞ تُثِيرُ ٱلۡأَرۡضَ وَلَا تَسۡقِي ٱلۡحَرۡثَ مُسَلَّمَةٞ لَّا شِيَةَ فِيهَاۚ قَالُواْ ٱلۡـَٰٔنَ جِئۡتَ بِٱلۡحَقِّۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُواْ يَفۡعَلُونَ
Open ayah 2:71مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، رەڭگىدە ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئۇلار بۇنى ئورۇندىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى
وَإِذۡ قَتَلۡتُمۡ نَفۡسٗا فَٱدَّٰرَٰءۡتُمۡ فِيهَاۖ وَٱللَّهُ مُخۡرِجٞ مَّا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ
Open ayah 2:72ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، بۇنى بىر _ بىرىڭلارغا دۆڭگەشكەن ئىدىڭلار. ھالبۇكى، سىلەر يوشۇرغاننى ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر.
فَقُلۡنَا ٱضۡرِبُوهُ بِبَعۡضِهَاۚ كَذَٰلِكَ يُحۡيِ ٱللَّهُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:73(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلىنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە (مۇشۇنداق) كۆرسىتىدۇ.
ثُمَّ قَسَتۡ قُلُوبُكُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ فَهِيَ كَٱلۡحِجَارَةِ أَوۡ أَشَدُّ قَسۡوَةٗۚ وَإِنَّ مِنَ ٱلۡحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنۡهُ ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ وَإِنَّ مِنۡهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخۡرُجُ مِنۡهُ ٱلۡمَآءُۚ وَإِنَّ مِنۡهَا لَمَا يَهۡبِطُ مِنۡ خَشۡيَةِ ٱللَّهِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:74شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، ئۇ تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ كەتتى. ھالبۇكى، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ، (يۇقىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
۞أَفَتَطۡمَعُونَ أَن يُؤۡمِنُواْ لَكُمۡ وَقَدۡ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ يَسۡمَعُونَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُۥ مِنۢ بَعۡدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:75(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟
وَإِذَا لَقُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ قَالُوٓاْ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ لِيُحَآجُّوكُم بِهِۦ عِندَ رَبِّكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:76ئۇلار مۇئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. بىر _ بىرى بىلەن يالغۇز قالغان چاغدا بولسا: «ئىمان ئېيتقانلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىزگە قارشى پاكىت قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە (تەۋراتتا) بىلدۈرگەنلەرنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ (بۇنىڭغا) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيدۇ.
أَوَلَا يَعۡلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَ
Open ayah 2:77يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
وَمِنۡهُمۡ أُمِّيُّونَ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّآ أَمَانِيَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ
Open ayah 2:78ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارغىلا قۇلاق سالىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرىمۇ بار.
فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ يَكۡتُبُونَ ٱلۡكِتَٰبَ بِأَيۡدِيهِمۡ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ لِيَشۡتَرُواْ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلٗاۖ فَوَيۡلٞ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتۡ أَيۡدِيهِمۡ وَوَيۡلٞ لَّهُم مِّمَّا يَكۡسِبُونَ
Open ayah 2:79كىتابنى ئۆز قولى بىلەن (ئۆزگەرتىپ) يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە مەنپەئەت بەدىلىگە سېتىۋېتىش ئۈچۈن «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغاندۇر» دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! (بۇ ئارقىلىق) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
وَقَالُواْ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَةٗۚ قُلۡ أَتَّخَذۡتُمۡ عِندَ ٱللَّهِ عَهۡدٗا فَلَن يُخۡلِفَ ٱللَّهُ عَهۡدَهُۥٓۖ أَمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:80ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەردىلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) دېگىنكى، «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ (ئەگەر ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟».
بَلَىٰۚ مَن كَسَبَ سَيِّئَةٗ وَأَحَٰطَتۡ بِهِۦ خَطِيٓـَٔتُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:81ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس. كىمكى گۇناھ قىلىدىكەن ۋە گۇناھقا پېتىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:82ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرغۇچىلاردۇر.
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ لَا تَعۡبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَانٗا وَذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَقُولُواْ لِلنَّاسِ حُسۡنٗا وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ ثُمَّ تَوَلَّيۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنكُمۡ وَأَنتُم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 2:83ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا _ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقىلىرىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (شۇنداق) يېنىۋالىسىلەر.
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ لَا تَسۡفِكُونَ دِمَآءَكُمۡ وَلَا تُخۡرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ ثُمَّ أَقۡرَرۡتُمۡ وَأَنتُمۡ تَشۡهَدُونَ
Open ayah 2:84ئۆز ۋاقتىدا بىر _ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر _ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئىدىڭلار، (بۇنىڭغا) ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھ.
ثُمَّ أَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تَقۡتُلُونَ أَنفُسَكُمۡ وَتُخۡرِجُونَ فَرِيقٗا مِّنكُم مِّن دِيَٰرِهِمۡ تَظَٰهَرُونَ عَلَيۡهِم بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَإِن يَأۡتُوكُمۡ أُسَٰرَىٰ تُفَٰدُوهُمۡ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيۡكُمۡ إِخۡرَاجُهُمۡۚ أَفَتُؤۡمِنُونَ بِبَعۡضِ ٱلۡكِتَٰبِ وَتَكۡفُرُونَ بِبَعۡضٖۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفۡعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ إِلَّا خِزۡيٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلۡعَذَابِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:85كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر _ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئاراڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتابنىڭ (تەۋراتنىڭ) بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ (شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى) سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا بولۇش، قىيامەت كۈنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 2:86ئەنە شۇلار ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا (ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن) ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَقَفَّيۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ بِٱلرُّسُلِۖ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمۡ رَسُولُۢ بِمَا لَا تَهۡوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ فَفَرِيقٗا كَذَّبۡتُمۡ وَفَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ
Open ayah 2:87شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ (پەيغەمبەرلەردىن) بىر قىسمىنى يالغانغا چىقاردىڭلار، يەنە بىر قىسمىنى ئۆلتۈردۈڭلار.
وَقَالُواْ قُلُوبُنَا غُلۡفُۢۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَقَلِيلٗا مَّا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 2:88ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار): «بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلىنىپ قالغان» دېدى. ئەكسىچە، ئۇلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىدى، شۇڭا ئۇلار بەكمۇ ئاز ئىمان ئېيتىدۇ (يەنى تولۇق ئىمان ئېيتمايدۇ).
وَلَمَّا جَآءَهُمۡ كِتَٰبٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٞ لِّمَا مَعَهُمۡ وَكَانُواْ مِن قَبۡلُ يَسۡتَفۡتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُواْ كَفَرُواْ بِهِۦۚ فَلَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:89ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا قولىدىكى (تەۋرات)نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) كەلگەن چاغدا (ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى)، ئىلگىرى ئۇلار (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار ئۆزلىرى بىلىدىغان بۇ پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى (مۇشۇنداق) كاپىرلارغا بولىدۇ.
بِئۡسَمَا ٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡ أَن يَكۡفُرُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغۡيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 2:90ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان بىرىگە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىغا ھەسەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)نى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى _ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. بۇ كاپىرلارغا خارلىغۇچى ئازاپ بار.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ نُؤۡمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَيَكۡفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلۡحَقُّ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَهُمۡۗ قُلۡ فَلِمَ تَقۡتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبۡلُ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:91ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)غا ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان (تەۋرات)قا ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن (قۇرئان)نى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (قۇرئان) ئۇلارنىڭ قولىدىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ھەق كىتابتۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن.
۞وَلَقَدۡ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذۡتُمُ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَنتُمۡ ظَٰلِمُونَ
Open ayah 2:92مۇسا سىلەرگە ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى. مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار.
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ وَرَفَعۡنَا فَوۡقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱسۡمَعُواْۖ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَأُشۡرِبُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡعِجۡلَ بِكُفۡرِهِمۡۚ قُلۡ بِئۡسَمَا يَأۡمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَٰنُكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:93ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. (بۇ ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭلار ئۈچۈن) تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، «بىز ئاتا قىلغان (تەۋرات)نى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە (ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتكە) قۇلاق سېلىڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دېدۇق. ئۇلار: «قۇلاق سالدۇق ۋە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى تۈپەيلىدىن، دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنە؟» دېگىن.
قُلۡ إِن كَانَتۡ لَكُمُ ٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ عِندَ ٱللَّهِ خَالِصَةٗ مِّن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُاْ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 2:94ئۇلارغا دېگىنكى: «ئەگەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاخىرەت يۇرتى باشقىلارغا ئەمەس، سىلەرگىلا خاس بولسا ۋە (شۇ گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!».
وَلَن يَتَمَنَّوۡهُ أَبَدَۢا بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:95ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ (بۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَلَتَجِدَنَّهُمۡ أَحۡرَصَ ٱلنَّاسِ عَلَىٰ حَيَوٰةٖ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمۡ لَوۡ يُعَمَّرُ أَلۡفَ سَنَةٖ وَمَا هُوَ بِمُزَحۡزِحِهِۦ مِنَ ٱلۡعَذَابِ أَن يُعَمَّرَۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:96شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قُلۡ مَن كَانَ عَدُوّٗا لِّـجِبۡرِيلَ فَإِنَّهُۥ نَزَّلَهُۥ عَلَىٰ قَلۡبِكَ بِإِذۡنِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَهُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:97ئېيتقىنكى، «كىمكى جىبرىلغا دۈشمەن بولىدىكەن (ئۇ ئاللاھقا دۈشمەن بولغان بولىدۇ)، ھەقىقەتەن جىبرىل ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ھىدايەت يېتەكچىسى ۋە مۇئمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە چۈشۈردى.
مَن كَانَ عَدُوّٗا لِّلَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَجِبۡرِيلَ وَمِيكَىٰلَ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَدُوّٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:98كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، جىبرىلغا، مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، ئاللاھمۇ (ئۇنداق) كاپىرلارنى چوقۇم دۈشمەن تۇتىدۇ».
وَلَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۖ وَمَا يَكۡفُرُ بِهَآ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 2:99شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
أَوَكُلَّمَا عَٰهَدُواْ عَهۡدٗا نَّبَذَهُۥ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 2:100(يەھۇدىيلار) ھەر قاچان بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنغا) ئىشەنمەيدۇ.
وَلَمَّا جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٞ لِّمَا مَعَهُمۡ نَبَذَ فَرِيقٞ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمۡ كَأَنَّهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:101ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنى تەستىقلىغۇچى بىر پەيغەمبەر كەلگەندە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى (خۇددى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (بولغان تەۋرات)نى ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ.
وَٱتَّبَعُواْ مَا تَتۡلُواْ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلۡكِ سُلَيۡمَٰنَۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيۡمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُواْ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحۡرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلۡمَلَكَيۡنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنۡ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحۡنُ فِتۡنَةٞ فَلَا تَكۡفُرۡۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنۡهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَزَوۡجِهِۦۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنۡ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡۚ وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ وَلَبِئۡسَ مَا شَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:102ئۇلار سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھىرگەرلىككە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلەيمان كاپىر بولمىدى (يەنى سېھىرگەرلىك قىلمىدى)، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىرنى، شۇنداقلا بابىل (شەھىرى) دىكى ھارۇت، مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە چۈشۈرۈلگەن سېھىرنى ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) «بىز (نىڭ ئەۋەتىلىشىمىز) پەقەتلا بىر سىناق، ھەرگىز كاپىر بولۇپ كەتمىگىن» دېمەي تۇرۇپ، ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) بۇ ئىككىسىدىن ئەر _ ئايالنى بىر _ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى) سېھىرگە تېگىشكۈچىگە ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە تېگىشكەن سېھىر نېمىدېگەن يامان! ئەگەر ئۇلار (ئۆزلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) بىلسە ئىدى (سېھىر ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلمىغان بولاتتى).
وَلَوۡ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَمَثُوبَةٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ خَيۡرٞۚ لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:103ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھتىن قورققان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات (سېھىرگەرلىكتىن تاپقان مال _ دۇنيادىن) ئەلۋەتتە ياخشى (بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن) بولاتتى. ئۇلار (ئىماندىن ۋە ئاللاھتىن قورقۇشتىن كېلىدىغان مۇكاپاتنىڭ قىممىتىنى) بىلسە ئىدى (ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بولاتتى).
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقُولُواْ رَٰعِنَا وَقُولُواْ ٱنظُرۡنَا وَٱسۡمَعُواْۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 2:104ئى ئىمان ئېيتقانلار! (پەيغەمبەرگە) «رائىنا» [13] دەپ خىتاب قىلماي، «ئۇنزۇرنا» دەپ خىتاب قىلىڭلار، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار! كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
- رائىنا _ يەھۇدىيلارنىڭ تىلى بولغان ئىبرانى تىلدا ھاقارەت مەنىسىنى، ئەرەب تىلىدا بولسا «بىزگە قاراپ قويساڭكەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەرگە مۇنداق ئىككى مەنىلىك سۆزنى ئىشلەتمەي، ئەرەبچىدە «بىزگە قاراپ قويساڭكەن» دېگەن بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇنزۇرنا» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.
مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَلَا ٱلۡمُشۡرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ خَيۡرٖ مِّن رَّبِّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 2:105ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان بەندىسىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر.
۞مَا نَنسَخۡ مِنۡ ءَايَةٍ أَوۡ نُنسِهَا نَأۡتِ بِخَيۡرٖ مِّنۡهَآ أَوۡ مِثۡلِهَآۗ أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 2:106بىز قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ياخشىراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. سەن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ
Open ayah 2:107ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ياكى مەدەتكار يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
أَمۡ تُرِيدُونَ أَن تَسۡـَٔلُواْ رَسُولَكُمۡ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِن قَبۡلُۗ وَمَن يَتَبَدَّلِ ٱلۡكُفۡرَ بِٱلۡإِيمَٰنِ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
Open ayah 2:108ياكى ئىلگىرى (يەھۇدىيلار) مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ راستتىنلا توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
وَدَّ كَثِيرٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَوۡ يَرُدُّونَكُم مِّنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِكُمۡ كُفَّارًا حَسَدٗا مِّنۡ عِندِ أَنفُسِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡحَقُّۖ فَٱعۡفُواْ وَٱصۡفَحُواْ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ ٱللَّهُ بِأَمۡرِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 2:109ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئىچ _ ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ (ئۇلار ھەققىدىكى) پەرمانى كەلگەنگە قەدەر، سىلەر يەنىلا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَۚ وَمَا تُقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُم مِّنۡ خَيۡرٖ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
Open ayah 2:110نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم تاپىسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَقَالُواْ لَن يَدۡخُلَ ٱلۡجَنَّةَ إِلَّا مَن كَانَ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰۗ تِلۡكَ أَمَانِيُّهُمۡۗ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 2:111يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى؛ خىرىستىيانلارمۇ «خىرىستىيان بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگىن.
بَلَىٰۚ مَنۡ أَسۡلَمَ وَجۡهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ فَلَهُۥٓ أَجۡرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:112ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. كىمكى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغان ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. مۇنداق كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ لَيۡسَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ لَيۡسَتِ ٱلۡيَهُودُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُمۡ يَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ مِثۡلَ قَوۡلِهِمۡۚ فَٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 2:113يەھۇدىيلار: «خىرىستىيانلار (توغرا دىندىن) ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس» دېدى. خىرىستىيانلارمۇ: «يەھۇدىيلار (توغرا دىندىن) ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، خىرىستىيانلار ئىنجىلنى) ئوقۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. (ۋەھيى[14] ھەققىدە بىر نەرسە) بىلمەيدىغانلارمۇ [15] بىر _ بىرى ھەققىدە ئۇلار دېگەندەك (بىزدىن باشقىلار توغرا دىندا ئەمەس) دېدى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
- ۋەھىي _ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن كۆرسەتمىسى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيىدۇر. دىننىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسمۇ ۋەھيىنىڭ بىر تۈرىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ لەۋزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، مەنىسى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن.
- »بىلمەيدىغانلار» دىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ أَن يُذۡكَرَ فِيهَا ٱسۡمُهُۥ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ مَا كَانَ لَهُمۡ أَن يَدۡخُلُوهَآ إِلَّا خَآئِفِينَۚ لَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 2:114ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار مەسجىدلەرگە پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى كېرەك. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋالىق، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار.
وَلِلَّهِ ٱلۡمَشۡرِقُ وَٱلۡمَغۡرِبُۚ فَأَيۡنَمَا تُوَلُّواْ فَثَمَّ وَجۡهُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:115كۈنچىقىشمۇ، كۈنپېتىشمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر). شەكسىزكى، ئاللاھ (مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى) كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۖ بَل لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ كُلّٞ لَّهُۥ قَٰنِتُونَ
Open ayah 2:116ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ (بۇ تۆھمەتتىن) پاكتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر.
بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَإِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 2:117ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان زاتتۇر. ئۇ بىرەر ئىشنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەت «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ بولىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ لَوۡلَا يُكَلِّمُنَا ٱللَّهُ أَوۡ تَأۡتِينَآ ءَايَةٞۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِم مِّثۡلَ قَوۡلِهِمۡۘ تَشَٰبَهَتۡ قُلُوبُهُمۡۗ قَدۡ بَيَّنَّا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يُوقِنُونَ
Open ayah 2:118بىلمەيدىغانلار (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىزگە گەپ قىلمايدۇ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر _ بىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق بايان قىلدۇق.
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗاۖ وَلَا تُسۡـَٔلُ عَنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 2:119(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. دوزاخقا كىرىدىغانلارغا سەن جاۋابكار ئەمەسسەن.
وَلَن تَرۡضَىٰ عَنكَ ٱلۡيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمۡۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم بَعۡدَ ٱلَّذِي جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ
Open ayah 2:120(ئى پەيغەمبەر!) سەن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا (قۇرئاندىن ئىبارەت) ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ.
ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَتۡلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 2:121بىز كىتاب بەرگەنلەر (ئىچىدىن بەزى مۇئمىنلەر) كىتابنى تەلەپكە لايىق ئوقۇيدۇ، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 2:122ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە (بىر زامانلاردا) سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار.
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 2:123سىلەر ھېچكىم ھېچكىمگە قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچكىمدىن فىديە (قۇتۇلۇش بەدىلى) قوبۇل قىلىنمايدىغان، شاپائەت پايدا بەرمەيدىغان ۋە كاپىرلارغا ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
۞وَإِذِ ٱبۡتَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَٰتٖ فَأَتَمَّهُنَّۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامٗاۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِيۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهۡدِي ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:124ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىر قانچە پەرمان بىلەن سىنىغان، ئىبراھىممۇ ئۇلارنى تولۇق ئورۇندىغان ئىدى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم ئىنسانلارغا پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ ئەۋلادىم ئىچىدىنمۇ (پېشۋالارنى چىقارساڭ)» دېدى. ئاللاھ: «(سېنىڭ نەسلىڭدىن بولسىمۇ، يامان ئىش قىلىپ، ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار مېنىڭ بۇ ۋەدەمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
وَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِـۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
Open ayah 2:125ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ئورۇن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە (ئۇلارغا) ماقامى ئىبراھىمنى [16] ناماز ئوقۇيدىغان يەر قىلىڭلار، دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبە)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرۇدۇق.
- مەقامى ئىبراھىم _ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ياسىغاندا ئۈستىگە چىقىپ تۇرغان تاشنىڭ ئورنىدۇر (تەپسىر جەلالەين) .
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا بَلَدًا ءَامِنٗا وَٱرۡزُقۡ أَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُم بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلٗا ثُمَّ أَضۡطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 2:126ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم! بۇ شەھەر (مەككە) نى تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (بۇ مېۋىلەردىن) ئازغىنە مۇددەت بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن» دېدى. (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان بارارجاي- ھە!
وَإِذۡ يَرۡفَعُ إِبۡرَٰهِـۧمُ ٱلۡقَوَاعِدَ مِنَ ٱلۡبَيۡتِ وَإِسۡمَٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلۡ مِنَّآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 2:127ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! (بۇ ئەمەلىمىزنى) بىزدىن قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (بەندىلىرىڭنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
رَبَّنَا وَٱجۡعَلۡنَا مُسۡلِمَيۡنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةٗ مُّسۡلِمَةٗ لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 2:128ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن.
رَبَّنَا وَٱبۡعَثۡ فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُزَكِّيهِمۡۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 2:129ئى رەببىمىز! بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان، كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. چۈنكى، سەن غالىپسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.
وَمَن يَرۡغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبۡرَٰهِـۧمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفۡسَهُۥۚ وَلَقَدِ ٱصۡطَفَيۡنَٰهُ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 2:130ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەكسىزكى، ئۇ ئاخىرەتتە ئەلۋەتتە سالىھلار[17] قاتارىدا بولىدۇ.
- سالىھ — ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغان، ئەمەللىرى تەلەپكە لايىق بولغان، ياراملىق ئادەمدۇر.
إِذۡ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسۡلِمۡۖ قَالَ أَسۡلَمۡتُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 2:131ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغىن» دېگەندە، ئۇ: «ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ئىتائەت قىلدىم» دېگەن ئىدى.
وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبۡرَٰهِـۧمُ بَنِيهِ وَيَعۡقُوبُ يَٰبَنِيَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 2:132ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىن (ئىسلام)نى تاللىدى، شۇڭا سىلەر مۇسۇلمان بولماي ئۆلۈپ كەتمەڭلار» دېدى.
أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ حَضَرَ يَعۡقُوبَ ٱلۡمَوۡتُ إِذۡ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعۡبُدُونَ مِنۢ بَعۡدِيۖ قَالُواْ نَعۡبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ ءَابَآئِكَ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗا وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
Open ayah 2:133(ئى يەھۇدىيلار!) يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىڭ _ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى.
تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:134ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
وَقَالُواْ كُونُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰ تَهۡتَدُواْۗ قُلۡ بَلۡ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِـۧمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 2:135يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى؛ خىرىستىيانلارمۇ: «خىرىستىيان بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) سەن: «ياق! بىز توپتوغرا يولدا بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن.
قُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِيَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
Open ayah 2:136(ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارغا) ئېيتىڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋرات)قا، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىل)غا، پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن (ۋەھيىلەر)گە ئىمان ئېيتتۇق، (بىز ئىمان ئېيتىشتا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
فَإِنۡ ءَامَنُواْ بِمِثۡلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهۡتَدَواْۖ وَّإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا هُمۡ فِي شِقَاقٖۖ فَسَيَكۡفِيكَهُمُ ٱللَّهُۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 2:137ئەگەر ئەھلى كىتاب سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتسا، ئەلۋەتتە، (سىلەرگە) قارشى مەيداندا تۇرغان بولىدۇ، (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا قارشى) ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
صِبۡغَةَ ٱللَّهِ وَمَنۡ أَحۡسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبۡغَةٗۖ وَنَحۡنُ لَهُۥ عَٰبِدُونَ
Open ayah 2:138ئاللاھ بەرگەن رەڭگە (دىنغا) كىرىڭلار، ئاللاھتىنمۇ گۈزەل رەڭ بېرىدىغان كىم بار؟ «بىز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز» (دەڭلار)[18].
- خىرىستىيانلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىنى يەتتىنچى كۈنى ‹مەئمۇدى› دەپ ئاتىلىدىغان سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق بىلەن بويايدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىشنى بوۋاقلىرىنى خىرىستىيانلىقنىڭ رېڭى بىلەن بويىغانلىق، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئاشۇ باتىل ئېتىقادىغا رەددىيە بەرگەن.
قُلۡ أَتُحَآجُّونَنَا فِي ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡ وَلَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُخۡلِصُونَ
Open ayah 2:139(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقا ئىخلاس (بىلەن تائەت _ ئىبادەت) قىلغۇچىلارمىز؛
أَمۡ تَقُولُونَ إِنَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطَ كَانُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰۗ قُلۡ ءَأَنتُمۡ أَعۡلَمُ أَمِ ٱللَّهُۗ وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:140ياكى سىلەر ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەر يەھۇدىي ئىدى ياكى خىرىستىيان ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «(بۇنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟ قولىدىكى ئاللاھتىن (كەلگەن) بىر گۇۋاھلىقنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:141ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.
۞سَيَقُولُ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَ ٱلنَّاسِ مَا وَلَّىٰهُمۡ عَن قِبۡلَتِهِمُ ٱلَّتِي كَانُواْ عَلَيۡهَاۚ قُل لِّلَّهِ ٱلۡمَشۡرِقُ وَٱلۡمَغۡرِبُۚ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 2:142بەزى ئەخمەق كىشىلەر «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەرنى) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسى (بەيتۇلمۇقەددەس)دىن نېمە بۇرىۋەتكەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «كۈنچىقىشمۇ، كۈنپېتىشمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ».
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَٰكُمۡ أُمَّةٗ وَسَطٗا لِّتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيۡكُمۡ شَهِيدٗاۗ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلۡقِبۡلَةَ ٱلَّتِي كُنتَ عَلَيۡهَآ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يَتَّبِعُ ٱلرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِۚ وَإِن كَانَتۡ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَٰنَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:143شۇنىڭدەك (يەنى بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك)، سىلەرنىڭ كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن، سىلەرنى ئادالەتلىك ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (بەيتۇلمۇقەددەس)نى (دەسلەپتە) قىبلە قىلغانلىقىمىز (ئاندىن سېنى ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كەئبىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغانلىقىمىز) پەقەت پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغانلارنى (دىندىن) يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر. (قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئىنسانلاغا تولىمۇ مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
قَدۡ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجۡهِكَ فِي ٱلسَّمَآءِۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبۡلَةٗ تَرۡضَىٰهَاۚ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:144(ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنىڭ (كەئبەنىڭ قىبلە بولۇشىنى تىلەپ) قايتا _ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مانا ئەمدى بىز سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قاراتقىن. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قارىتىڭلار. شەكسىزكى، (ئىلگىرى ئۆزلىرىگە) كىتاب بېرىلگەنلەر قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەستۇر.
وَلَئِنۡ أَتَيۡتَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ بِكُلِّ ءَايَةٖ مَّا تَبِعُواْ قِبۡلَتَكَۚ وَمَآ أَنتَ بِتَابِعٖ قِبۡلَتَهُمۡۚ وَمَا بَعۡضُهُم بِتَابِعٖ قِبۡلَةَ بَعۡضٖۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ إِنَّكَ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:145(ئى پەيغەمبەر!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە ئەگەشمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە ئەگەشمەيسەن؛ ئۇلارمۇ ئۆزئارا بىر _ بىرىنىڭ قىبلىسىگە ئەگەشمەيدۇ. ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ خاھىشىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.
ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡرِفُونَهُۥ كَمَا يَعۡرِفُونَ أَبۡنَآءَهُمۡۖ وَإِنَّ فَرِيقٗا مِّنۡهُمۡ لَيَكۡتُمُونَ ٱلۡحَقَّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:146بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.
ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
Open ayah 2:147بۇ ھەقىقەت رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. سەن ھەرگىز شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن.
وَلِكُلّٖ وِجۡهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَاۖ فَٱسۡتَبِقُواْ ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ أَيۡنَ مَا تَكُونُواْ يَأۡتِ بِكُمُ ٱللَّهُ جَمِيعًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 2:148ھەربىر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بار. شۇڭا سىلەر ياخشى ئىشلارنى بەس _ بەستە قىلىڭلار. قەيەردە بولۇڭلار، (ئاخىر) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب مەيدانىغا) يىغىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَمِنۡ حَيۡثُ خَرَجۡتَ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۖ وَإِنَّهُۥ لَلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 2:149قەيەردىن يولغا چىقساڭ، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ راستتىنلا رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەستۇر.
وَمِنۡ حَيۡثُ خَرَجۡتَ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيۡكُمۡ حُجَّةٌ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡ فَلَا تَخۡشَوۡهُمۡ وَٱخۡشَوۡنِي وَلِأُتِمَّ نِعۡمَتِي عَلَيۡكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
Open ayah 2:150(ئى پەيغەمبەر!) قەيەردىن يولغا چىقساڭ، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل _ ئىسپات بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى) دەلىل قىلىۋالىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن قورقماي، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.
كَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِيكُمۡ رَسُولٗا مِّنكُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِنَا وَيُزَكِّيكُمۡ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:151شۇنىڭدەك (يەنى كەئبىنى قىبلە قىلىپ، نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك)، ئاراڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى پاك قىلىدىغان، سىلەرگە قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، بىلمىگىنىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
فَٱذۡكُرُونِيٓ أَذۡكُرۡكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِي وَلَا تَكۡفُرُونِ
Open ayah 2:152مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 2:153ئى ئىمان ئېيتقانلار! سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
وَلَا تَقُولُواْ لِمَن يُقۡتَلُ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتُۢۚ بَلۡ أَحۡيَآءٞ وَلَٰكِن لَّا تَشۡعُرُونَ
Open ayah 2:154ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار، ئەكسىچە، ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر (بۇنى) سەزمەيسىلەر.
وَلَنَبۡلُوَنَّكُم بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 2:155شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە ئاچارچىلىق بىلەن، پۇل _ ماللىرىڭلاردىن، جانلىرىڭلاردىن، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن ئەلۋەتتە سىنايمىز. ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. [155 _ 156]
ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةٞ قَالُوٓاْ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ
Open ayah 2:156شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە ئاچارچىلىق بىلەن، پۇل _ ماللىرىڭلاردىن، جانلىرىڭلاردىن، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن ئەلۋەتتە سىنايمىز. ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. [155 _ 156]
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ صَلَوَٰتٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَرَحۡمَةٞۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُهۡتَدُونَ
Open ayah 2:157ئەنە شۇلار رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.
۞إِنَّ ٱلصَّفَا وَٱلۡمَرۡوَةَ مِن شَعَآئِرِ ٱللَّهِۖ فَمَنۡ حَجَّ ٱلۡبَيۡتَ أَوِ ٱعۡتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَاۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
Open ayah 2:158شەكسىزكى، سافا بىلەن مەرۋە ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ) مۇكاپاتىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلۡهُدَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أُوْلَٰٓئِكَ يَلۡعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلۡعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ
Open ayah 2:159بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشلەرگە توغرا يولنى ئىنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كىيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارنى ئاللاھ رەھمىتىدىن قوغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بارچە مەۋجۇدات لەنەت ئوقۇيدۇ.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ وَأَصۡلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَتُوبُ عَلَيۡهِمۡ وَأَنَا ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 2:160پەقەت تەۋبە قىلغان، (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتكەن ۋە (يوشۇرغانلىرىنى) ئاشكارا بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن، ناھايىتى مېھرىبانمەن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٌ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةُ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 2:161شەكسىزكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر __ ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
Open ayah 2:162ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
وَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 2:163سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يېگانە ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلۡفُلۡكِ ٱلَّتِي تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖ وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلۡمُسَخَّرِ بَيۡنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:164شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ قاقاس زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان _ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَندَادٗا يُحِبُّونَهُمۡ كَحُبِّ ٱللَّهِۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَشَدُّ حُبّٗا لِّلَّهِۗ وَلَوۡ يَرَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِذۡ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ أَنَّ ٱلۡقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعٗا وَأَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعَذَابِ
Open ayah 2:165بەزى ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، شېرىك قىلىۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ. زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا (بىلگەنگە ئوخشاش) پۈتۈن كۈچ _ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى (بۇ دۇنيادا) بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى).
إِذۡ تَبَرَّأَ ٱلَّذِينَ ٱتُّبِعُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَ وَتَقَطَّعَتۡ بِهِمُ ٱلۡأَسۡبَابُ
Open ayah 2:166ئاشۇ ۋاقىتتا (دوزاخنىڭ يولىغا باشلىغان) باشلامچىلار ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن يىراقلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ لَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَتَبَرَّأَ مِنۡهُمۡ كَمَا تَبَرَّءُواْ مِنَّاۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡ حَسَرَٰتٍ عَلَيۡهِمۡۖ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنَ ٱلنَّارِ
Open ayah 2:167ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە دۇنياغا قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ ھەسرەت - نادامەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقالمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ كُلُواْ مِمَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٌ
Open ayah 2:168ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال، پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچوق دۈشمەندۇر.
إِنَّمَا يَأۡمُرُكُم بِٱلسُّوٓءِ وَٱلۡفَحۡشَآءِ وَأَن تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:169شەيتان سىلەرنى پەقەت يامانلىققا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ نامىدىن ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ بَلۡ نَتَّبِعُ مَآ أَلۡفَيۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ءَابَآؤُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَهۡتَدُونَ
Open ayah 2:170ھەر قاچان ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىرىغا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار «ياق، بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نەرسىگە ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟).
وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ كَمَثَلِ ٱلَّذِي يَنۡعِقُ بِمَا لَا يَسۡمَعُ إِلَّا دُعَآءٗ وَنِدَآءٗۚ صُمُّۢ بُكۡمٌ عُمۡيٞ فَهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:171كاپىرلار (ۋە ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى) خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشنى ۋە ئاۋازنىلا ئاڭلايدىغان ھايۋانلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. (چۈنكى ئۇ كاپىرلار) گاستۇر، گاچىدۇر ۋە كوردۇر. شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِلَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
Open ayah 2:172ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيۡرِ ٱللَّهِۖ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 2:173ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇز گۆشىنى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىلدى. كىمكى (بۇ نەرسىلەردىن) ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجسىزلىقتىن (ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا) يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَشۡتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ مَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Open ayah 2:174شەكسىزكى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب (تەۋرات)تىن بىر نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋېتىدىغانلار _ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت ئوتنىلا يەيدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡعَذَابَ بِٱلۡمَغۡفِرَةِۚ فَمَآ أَصۡبَرَهُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ
Open ayah 2:175ئەنە شۇلار ھىدايەت بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى، مەغپىرەت بەدىلىگە ئازابنى سېتىۋالغانلاردۇر. ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق _ ھە!
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ نَزَّلَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِي ٱلۡكِتَٰبِ لَفِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
Open ayah 2:176بۇ (قاتتىق ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ كىتاب (تەۋرات)نى ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدى (ئۇلار تەۋراتتىكى ھەقىقەتنى يوشۇردى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى). بۇ كىتاب توغرۇلۇق ئىختىلاپ قىلغۇچىلار (ھەقىقەتتىن تولىمۇ) يىراق بىر تالاش _ تارتىش ئىچىدىدۇر.
۞لَّيۡسَ ٱلۡبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ قِبَلَ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلۡكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُوفُونَ بِعَهۡدِهِمۡ إِذَا عَٰهَدُواْۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِي ٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلۡبَأۡسِۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ
Open ayah 2:177سىلەرنىڭ كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىش تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، (ئاللاھ نازىل قىلغان) كىتابقا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، پۇل _ مالنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، پۇلسىز قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل _ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇللۇققا، كېسەللىككە ۋە جىھاد)[19] (قا بەرداشلىق بېرىش (قاتارلىقلار) ياخشى ئەمەلگە ياتىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار كىشىلەردۇر.
- جىھاد — ئىسلامنى تارقىتىش ياكى مۇسۇلمانلارنى نىشانغا ئالغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىش ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى قوغداش ۋەياكى ئازاد قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قوراللىق-قورالسىز كۈرەشلەرنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە دىنغا خىزمەت قىلىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردىكى «جىھاد» كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇش دېگەن مەنىدە كەلگەن.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِصَاصُ فِي ٱلۡقَتۡلَىۖ ٱلۡحُرُّ بِٱلۡحُرِّ وَٱلۡعَبۡدُ بِٱلۡعَبۡدِ وَٱلۡأُنثَىٰ بِٱلۡأُنثَىٰۚ فَمَنۡ عُفِيَ لَهُۥ مِنۡ أَخِيهِ شَيۡءٞ فَٱتِّبَاعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَأَدَآءٌ إِلَيۡهِ بِإِحۡسَٰنٖۗ ذَٰلِكَ تَخۡفِيفٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَرَحۡمَةٞۗ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 2:178ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى، (قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىق بىلەن بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن (يەنى دىيەتنى بەرگەندىن) كېيىن (قاتىلغا) ھۇجۇم قىلغان ئادەمگە قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلَكُمۡ فِي ٱلۡقِصَاصِ حَيَوٰةٞ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
Open ayah 2:179ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەر ئۈچۈن قىساستا ھاياتلىق بار [20]. (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس بەلگىلەندى).
- يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى بىلگەن ئادەم قاتىللىقتىن ساقلىنىدۇ.
كُتِبَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ إِن تَرَكَ خَيۡرًا ٱلۡوَصِيَّةُ لِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 2:180ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال _ دۇنيا قالدۇرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسىغا ۋە ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىغا ئادالەت بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى [21]. بۇ تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىدۇر.
- بۇ ئايەتتە پەرز قىلىنغان ۋەسىيەتنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ مىراسى تېگىدىغان تۇغقانلىرىغا بولغان پەرزلىكى نىسا سۈرىسىدىكى مىراس ئايىتىنىڭ نازىل بولۇشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش يوق» دېگەن ھەدىسى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەمما ئۆلگۈچىنىڭ مىراسى تەگمەيدىغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا ۋەسىيەت قىلىشىنىڭ پەرزلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان.
فَمَنۢ بَدَّلَهُۥ بَعۡدَمَا سَمِعَهُۥ فَإِنَّمَآ إِثۡمُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:181ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
فَمَنۡ خَافَ مِن مُّوصٖ جَنَفًا أَوۡ إِثۡمٗا فَأَصۡلَحَ بَيۡنَهُمۡ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:182كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ [22]. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
- ۋەسىيەت قىلغۇچى مال- دۇنياسىدىن ئۈچنىڭ بىرىدىن ئېشىپ كەتمىگەن مىقدارىنى ۋەسىيەت قىلىش ھەققى بار، بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان ئادەم ۋارىسلىرىنىڭ ھەققىنى باشقىلارغا بۇيرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋارىسلىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت چىقىدۇ. شۇڭا بۇنى بىلگەنلەر ئىككى تەرەپنى ياخشىلاپ قويسا گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ساۋاب بولىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
Open ayah 2:183ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى.
أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدۡيَةٞ طَعَامُ مِسۡكِينٖۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥۚ وَأَن تَصُومُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:184(رامىزان روزىسى) ساناقلىق كۈنلەردىدۇر. سىلەردىن كىمكى كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتالمىغان بولسا)، تۇتالمىغان كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (تۇتالمىغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى (فىديەنى بەلگىلەنگەن مىقدارىدىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (تۇتماي فىديە بەرگەندىن) ياخشىدۇر.
شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 2:185(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى روشەن (ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، روزا تۇتسۇن؛ كىم كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (بۇلارنىڭ ھەممىسى رامىزان كۈنلىرىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌۖ أُجِيبُ دَعۡوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِۖ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لِي وَلۡيُؤۡمِنُواْ بِي لَعَلَّهُمۡ يَرۡشُدُونَ
Open ayah 2:186(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن.
أُحِلَّ لَكُمۡ لَيۡلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمۡۚ هُنَّ لِبَاسٞ لَّكُمۡ وَأَنتُمۡ لِبَاسٞ لَّهُنَّۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَخۡتَانُونَ أَنفُسَكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡ وَعَفَا عَنكُمۡۖ فَٱلۡـَٰٔنَ بَٰشِرُوهُنَّ وَٱبۡتَغُواْ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ وَلَا تُبَٰشِرُوهُنَّ وَأَنتُمۡ عَٰكِفُونَ فِي ٱلۡمَسَٰجِدِۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَقۡرَبُوهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
Open ayah 2:187رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ، كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىپ ياشايسىلەر). ئاللاھ سىلەرنىڭ (رامىزان كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلىشىپ) ئۆزۈڭلارغا خىيانەت قىلغانلىقىڭلارنى بىلدى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (رامىزان كېچىلىرىدىمۇ) يېقىنچىلىق قىلساڭلار بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (پەرزەنت) نى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغان (يەنى تاڭ يورۇغان)غا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى (گۇناھلاردىن) ساقلانسۇن دەپ، ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:188بىر _ بىرىڭلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىدىن بىر قىسمىنى زۇلۇم بىلەن يېۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار.
۞يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡأَهِلَّةِۖ قُلۡ هِيَ مَوَٰقِيتُ لِلنَّاسِ وَٱلۡحَجِّۗ وَلَيۡسَ ٱلۡبِرُّ بِأَن تَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِن ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِنۡ أَبۡوَٰبِهَاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
Open ayah 2:189(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (ئۆز ئىشلىرىنىڭ) ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ۋاسىتىسىدۇر». ياخشىلىق (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق (گۇناھتىن) ساقلانغان ئادەمنىڭ ياخشىلىقىدۇر. سىلەر ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن كىرىڭلار، نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ
Open ayah 2:190سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار. چۈنكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡ وَأَخۡرِجُوهُم مِّنۡ حَيۡثُ أَخۡرَجُوكُمۡۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۚ وَلَا تُقَٰتِلُوهُمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِيهِۖ فَإِن قَٰتَلُوكُمۡ فَٱقۡتُلُوهُمۡۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:191ئۇلارنى (ئۇرۇشتا) تۇتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جايدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار. پىتنە [23] ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. تاكى ئۇلار ئۆزى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى مۇشۇنداق بولىدۇ.
- «الفتنة» (پىتنە) دېگەن سۆز بۇ ئورۇندا كىشىلەرنى دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. (تەپسىرى زەمەخشەرىي)
فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:192ئەگەر ئۇلار (ئۇرۇشتىن ۋە كۇفرىدىن) ۋاز كەچسە، شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.
وَقَٰتِلُوهُمۡ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتۡنَةٞ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ لِلَّهِۖ فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَلَا عُدۡوَٰنَ إِلَّا عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:193تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار ؛ ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن ۋە دۈشمەنلىكتىن) ۋاز كەچسە، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ٱلشَّهۡرُ ٱلۡحَرَامُ بِٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡحُرُمَٰتُ قِصَاصٞۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱعۡتَدُواْ عَلَيۡهِ بِمِثۡلِ مَا ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 2:194ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلار ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايدا سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلىقىنىڭ جازاسىدۇر). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بىر-بىرى بىلەن تەڭدۇر (يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ۋە جايلارنى دەپسەندە قىلغانلار قىلمىشىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىنىدۇ). كىم سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
وَأَنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا تُلۡقُواْ بِأَيۡدِيكُمۡ إِلَى ٱلتَّهۡلُكَةِ وَأَحۡسِنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 2:195ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار، (بېخىللىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ۋە پۇل-مال سەرپ قىلىشنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَأَتِمُّواْ ٱلۡحَجَّ وَٱلۡعُمۡرَةَ لِلَّهِۚ فَإِنۡ أُحۡصِرۡتُمۡ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۖ وَلَا تَحۡلِقُواْ رُءُوسَكُمۡ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ ٱلۡهَدۡيُ مَحِلَّهُۥۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ بِهِۦٓ أَذٗى مِّن رَّأۡسِهِۦ فَفِدۡيَةٞ مِّن صِيَامٍ أَوۡ صَدَقَةٍ أَوۡ نُسُكٖۚ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَمَن تَمَتَّعَ بِٱلۡعُمۡرَةِ إِلَى ٱلۡحَجِّ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۚ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖ فِي ٱلۡحَجِّ وَسَبۡعَةٍ إِذَا رَجَعۡتُمۡۗ تِلۡكَ عَشَرَةٞ كَامِلَةٞۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمۡ يَكُنۡ أَهۡلُهُۥ حَاضِرِي ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
Open ayah 2:196ھەج بىلەن ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنداڭلار، ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، قۇربانلىققا (يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپالىساڭلار، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ (ئېھرامدا تۇرۇپ چېچىنى چۈشۈرۈشكە مۇھتاج بولۇپ قالسا)، (ئۈچ كۈن) روزا تۇتۇش، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ھەربىرىگە يېرىم سادىن)[24] سەدىقە بېرىش، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلىش بىلەن فىديە ئادا قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم قۇربانلىقتىن نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قىلسۇن. قۇربانلىق تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (مەككىدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى بەكمۇ قاتتىقتۇر.
- سا— قەدىمقى ئۆلچەكلەردىن بولۇپ، بىر سا تەخمىنەن 2 كىلو 500 گراممىغا تەڭدۇر.
ٱلۡحَجُّ أَشۡهُرٞ مَّعۡلُومَٰتٞۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ ٱلۡحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي ٱلۡحَجِّۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيۡرَ ٱلزَّادِ ٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُونِ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
Open ayah 2:197ھەج (ۋاقتى) مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل _ ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلا بىر ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، (ھەج سەپىرىڭلارغا يەتكۈدەك) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار، شەكسىزكى، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! مەندىن قورقۇڭلار.
لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡۚ فَإِذَآ أَفَضۡتُم مِّنۡ عَرَفَٰتٖ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ عِندَ ٱلۡمَشۡعَرِ ٱلۡحَرَامِۖ وَٱذۡكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمۡ وَإِن كُنتُم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 2:198رەببىڭلاردىن (ھەج مەزگىلىدە تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەپاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار. شەكسىزكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
ثُمَّ أَفِيضُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَفَاضَ ٱلنَّاسُ وَٱسۡتَغۡفِرُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:199ئاندىن كېيىن، سىلەر كىشىلەر قايتقان جاي (ئەرەپات)دىن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
فَإِذَا قَضَيۡتُم مَّنَٰسِكَكُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَذِكۡرِكُمۡ ءَابَآءَكُمۡ أَوۡ أَشَدَّ ذِكۡرٗاۗ فَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖ
Open ayah 2:200سىلەر ھەجگە خاس ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا _ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. مۇنداق ئادەمگە ئاخىرەتتە (مۇكاپاتتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.
وَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ حَسَنَةٗ وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
Open ayah 2:201بەزى كىشىلەر «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ نَصِيبٞ مِّمَّا كَسَبُواْۚ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
Open ayah 2:202ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر.
۞وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوۡمَيۡنِ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۖ لِمَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
Open ayah 2:203ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە، ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىپ) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. (مىنادا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن) ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُعۡجِبُكَ قَوۡلُهُۥ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيُشۡهِدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلۡبِهِۦ وَهُوَ أَلَدُّ ٱلۡخِصَامِ
Open ayah 2:204(ئى پەيغەمبەر!) ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق (مۇناپىق) ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇ (ساڭا ۋە مۇئمىنلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ، دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُفۡسِدَ فِيهَا وَيُهۡلِكَ ٱلۡحَرۡثَ وَٱلنَّسۡلَۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلۡفَسَادَ
Open ayah 2:205ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، زىرائەتلەرنى ۋە ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُ ٱتَّقِ ٱللَّهَ أَخَذَتۡهُ ٱلۡعِزَّةُ بِٱلۡإِثۡمِۚ فَحَسۡبُهُۥ جَهَنَّمُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
Open ayah 2:206ئۇنىڭغا «ئاللاھتىن قورققىن» دېيىلگەن ھامان، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ گۇناھقا پاتىدۇ. بۇنداق ئادەمگە دوزاخ يېتەرلىكتۇر. دوزاخ بەكمۇ يامان جايدۇر.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡرِي نَفۡسَهُ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ رَءُوفُۢ بِٱلۡعِبَادِ
Open ayah 2:207بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱدۡخُلُواْ فِي ٱلسِّلۡمِ كَآفَّةٗ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
Open ayah 2:208ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئىسلامغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى، شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
فَإِن زَلَلۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡكُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
Open ayah 2:209سىلەرگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن، (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر (سىلەرنى جازالاشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن يَأۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ فِي ظُلَلٖ مِّنَ ٱلۡغَمَامِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
Open ayah 2:210ئۇلار (يەنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلار) پەقەت ئاللاھنىڭ (قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇتلارنىڭ سايىسى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (ھۆكۈم چىقىرىلىپ) ئىشنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتىدۇ. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
سَلۡ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ كَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُم مِّنۡ ءَايَةِۭ بَيِّنَةٖۗ وَمَن يُبَدِّلۡ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
Open ayah 2:211(ئى پەيغەمبەر!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.
زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَيَسۡخَرُونَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۘ وَٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
Open ayah 2:212كاپىرلارغا دۇنيا ھاياتى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. (شۇڭا) ئۇلار ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى، قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَمَا ٱخۡتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ ٱلۡحَقِّ بِإِذۡنِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٍ
Open ayah 2:213ئىنسانلار بىر دىندا ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى كاپىر بولۇپ ئىختىلاپلاشتى)، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى كىتابنى نازىل قىلدى. پەقەت كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار)لا ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە (ئۇ يەھۇدىيلار) بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَأۡتِكُم مَّثَلُ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۖ مَّسَّتۡهُمُ ٱلۡبَأۡسَآءُ وَٱلضَّرَّآءُ وَزُلۡزِلُواْ حَتَّىٰ يَقُولَ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ مَتَىٰ نَصۡرُ ٱللَّهِۗ أَلَآ إِنَّ نَصۡرَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ
Open ayah 2:214(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكى (مۇئمىنلەر)نىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلمەي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلار چىدىغۇسىز ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە شۇنداق ساراسىمىگە چۈشۈرۈلگەنكى، ھەتتا پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەپ كەتكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر.
يَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلۡ مَآ أَنفَقۡتُم مِّنۡ خَيۡرٖ فَلِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ
Open ayah 2:215(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى (كىمگە) سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، مال _ مۈلۈكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا _ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىدۇ.
كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ وَهُوَ كُرۡهٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡـٔٗا وَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّواْ شَيۡـٔٗا وَهُوَ شَرّٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:216(ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن) سىلەر ياقتۇرمىساڭلارمۇ ئۇرۇش قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بەلكى سىلەر بىر نەرسىنى يامان كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر؛ سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ نەرسە سىلەر ئۈچۈن يامانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ قِتَالٖ فِيهِۖ قُلۡ قِتَالٞ فِيهِ كَبِيرٞۚ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَكُفۡرُۢ بِهِۦ وَٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَإِخۡرَاجُ أَهۡلِهِۦ مِنۡهُ أَكۡبَرُ عِندَ ٱللَّهِۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَكۡبَرُ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمۡ عَن دِينِكُمۡ إِنِ ٱسۡتَطَٰعُواْۚ وَمَن يَرۡتَدِدۡ مِنكُمۡ عَن دِينِهِۦ فَيَمُتۡ وَهُوَ كَافِرٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:217(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن: «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ (ئەمما كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدىن توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەم ئاھالىسىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. پىتنە (يەنى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇئمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش) ئادەم ئۆلتۇرۇشتىنمۇ ئېغىر گۇناھتۇر». ئۇلار قولىدىن كەلسىلا، سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ (بارلىق ياخشى) ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر دوزاخ ئەھلىدۇر ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ يَرۡجُونَ رَحۡمَتَ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:218شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار __ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
۞يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِۖ قُلۡ فِيهِمَآ إِثۡمٞ كَبِيرٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَإِثۡمُهُمَآ أَكۡبَرُ مِن نَّفۡعِهِمَاۗ وَيَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلِ ٱلۡعَفۡوَۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 2:219(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ بار ۋە كىشىلەرگە ئازغىنە نەپمۇ بار، لېكىن بۇ ئىككىسىدىكى گۇناھ نەپكە قارىغاندا بەك چوڭدۇر»[25]. ئۇلار يەنە سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلەرنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
- بۇ ئايەت ھاراق بىلەن قىمار ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان.
فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۗ وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡيَتَٰمَىٰۖ قُلۡ إِصۡلَاحٞ لَّهُمۡ خَيۡرٞۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ ٱلۡمُفۡسِدَ مِنَ ٱلۡمُصۡلِحِۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَعۡنَتَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
Open ayah 2:220(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، (ئۇلارنى تەربىيەلەپ، ماللىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشلىرىنى) ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش تولىمۇ ياخشىدۇر. ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، (يېيىش - ئىچىش، كەسىپ ۋە تىجارەتتە ئۆزۈڭلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ياشىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يۇقتۇر) چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، (ئارىلىشپ ياشاشنى چەكلەپ) سىلەرنى چوقۇم جاپاغا سالغان بولاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلَا تَنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكَٰتِ حَتَّىٰ يُؤۡمِنَّۚ وَلَأَمَةٞ مُّؤۡمِنَةٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكَةٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡۗ وَلَا تُنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤۡمِنُواْۚ وَلَعَبۡدٞ مُّؤۡمِنٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكُمۡۗ أُوْلَٰٓئِكَ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ وَٱلۡمَغۡفِرَةِ بِإِذۡنِهِۦۖ وَيُبَيِّنُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
Open ayah 2:221(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە (مۇئمىن ئاياللارنى) ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەرلەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا باشلايدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، ئىنسانلار ئۈگۈت ئالسۇن دەپ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡمَحِيضِۖ قُلۡ هُوَ أَذٗى فَٱعۡتَزِلُواْ ٱلنِّسَآءَ فِي ٱلۡمَحِيضِ وَلَا تَقۡرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطۡهُرۡنَۖ فَإِذَا تَطَهَّرۡنَ فَأۡتُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلۡمُتَطَهِّرِينَ
Open ayah 2:222(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ھەيز (مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش) توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ زىيانلىقتۇر. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار. (ھەيزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. پاك بولغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ كۆپلەپ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
نِسَآؤُكُمۡ حَرۡثٞ لَّكُمۡ فَأۡتُواْ حَرۡثَكُمۡ أَنَّىٰ شِئۡتُمۡۖ وَقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُم مُّلَٰقُوهُۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:223ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەرنى) قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن.
وَلَا تَجۡعَلُواْ ٱللَّهَ عُرۡضَةٗ لِّأَيۡمَٰنِكُمۡ أَن تَبَرُّواْ وَتَتَّقُواْ وَتُصۡلِحُواْ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:224سىلەر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ياخشىلىق قىلىشقا، تەقۋادار بولۇشقا، كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە توسالغۇ قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتۡ قُلُوبُكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ
Open ayah 2:225مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. ئەمما قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ ئىنتايىن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لِّلَّذِينَ يُؤۡلُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ تَرَبُّصُ أَرۡبَعَةِ أَشۡهُرٖۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 2:226ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتۈشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇلار بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا (يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن قەسىمىدىن) قايتسا، (شۇنى ياخشى بىلسۇنكى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِنۡ عَزَمُواْ ٱلطَّلَٰقَ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:227ئەگەر ئۇلار (ئاياللىرىنى) تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، (شۇنىمۇ ياخشى بىلسۇنكى)، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكۡتُمۡنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِيٓ أَرۡحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤۡمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنۡ أَرَادُوٓاْ إِصۡلَٰحٗاۚ وَلَهُنَّ مِثۡلُ ٱلَّذِي عَلَيۡهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيۡهِنَّ دَرَجَةٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
Open ayah 2:228تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ [26]. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (راستتىنلا) ئىشىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسە (تۆرەلمە ياكى ھەيز)نى يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈسىتىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بار. ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
- ئايەتتىكى ﴿قُرُوءٍ﴾ دېگەن سۆز زىت مەنىلىك سۆز بولۇپ، ھەم ھەيز كۆرۈشنى ھەم ھەيزدىن پاكلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ.
ٱلطَّلَٰقُ مَرَّتَانِۖ فَإِمۡسَاكُۢ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ تَسۡرِيحُۢ بِإِحۡسَٰنٖۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَأۡخُذُواْ مِمَّآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ شَيۡـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَا فِيمَا ٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعۡتَدُوهَاۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 2:229(يارىشىۋېلىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (ئايالنى) ياخشىلىق بىلەن تۇتۇش، ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىش لازىم. ئاللاھنىڭ (ئەر _ ئاياللار ھەققىدىكى) بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولمىسىلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى[27] ئۈچۈن) بەرگەن پۇل _ مېلىڭلاردىن بىرەر نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئەر _ ئايال ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ (ئەر _ ئاياللار ھەققىدىكى) بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولسا، ئايال ئاجرىشىش ئۈچۈن (ئېرىگە) بىر نەرسە بەرسە، ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر.
- مەھرى _ نىكاھ سەۋەبى بىلەن ئەرنىڭ ئايالىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقداردىكى ماددىي ھەق (پۇل) دېمەكتۇر.
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوۡجًا غَيۡرَهُۥۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۗ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:230ئەگەر ئەر ئايالىنى (ئۈچىنچى قېتىم) يەنە تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا ھالال بولمايدۇ. ئەگەر (كېيىنكى ئەرمۇ) ئۇنى تالاق قىلسا، (ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن) بۇرۇنقى ئېرى بىلەن ئىككىسى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەقدىردە، قايتىدىن يارىشىۋالسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئۇنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.
وَإِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖۚ وَلَا تُمۡسِكُوهُنَّ ضِرَارٗا لِّتَعۡتَدُواْۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ وَلَا تَتَّخِذُوٓاْ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗاۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَمَآ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡحِكۡمَةِ يَعِظُكُم بِهِۦۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 2:231ئاياللارنى تالاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، (ئۇلار بىلەن يارىشىپ) ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار. زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە _ چاقچاق قىلىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ئۈگۈت بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابىنى، ھېكمەت (يەنى سۈننەت)نى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَإِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعۡضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحۡنَ أَزۡوَٰجَهُنَّ إِذَا تَرَٰضَوۡاْ بَيۡنَهُم بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ مِنكُمۡ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۗ ذَٰلِكُمۡ أَزۡكَىٰ لَكُمۡ وَأَطۡهَرُۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:232(ئۈچ تالاقنىڭ تۆۋىنىدە) تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشۇپ قالغان ئاياللار ئەگەر (ئۆز) ئېرى بىلەن قائىدە بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى (قايتا) نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى نىكاھلاپ قويۇش) سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
۞وَٱلۡوَٰلِدَٰتُ يُرۡضِعۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ حَوۡلَيۡنِ كَامِلَيۡنِۖ لِمَنۡ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَۚ وَعَلَى ٱلۡمَوۡلُودِ لَهُۥ رِزۡقُهُنَّ وَكِسۡوَتُهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ لَا تُكَلَّفُ نَفۡسٌ إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةُۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوۡلُودٞ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦۚ وَعَلَى ٱلۡوَارِثِ مِثۡلُ ذَٰلِكَۗ فَإِنۡ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٖ مِّنۡهُمَا وَتَشَاوُرٖ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَاۗ وَإِنۡ أَرَدتُّمۡ أَن تَسۡتَرۡضِعُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا سَلَّمۡتُم مَّآ ءَاتَيۡتُم بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
Open ayah 2:233ئانىلار بالىلىرىنى ئىككى يىل تولۇق ئېمىتسۇن، (بۇ ھۆكۈم) تولۇق ئېمىتىشنى خالىغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك _ ئىچمەك ۋە كىيىم _ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن. (ئاتا ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئەگەر ئاتا _ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) سۈتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلەرلا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَعَشۡرٗاۖ فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 2:234ئاراڭلاردىن ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ تۇل قالغان ئاياللار بولسا، ئۇلار تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇلار ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارنىڭ ئىگە _ چاقىلىرىغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا عَرَّضۡتُم بِهِۦ مِنۡ خِطۡبَةِ ٱلنِّسَآءِ أَوۡ أَكۡنَنتُمۡ فِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ سَتَذۡكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّآ أَن تَقُولُواْ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗاۚ وَلَا تَعۡزِمُواْ عُقۡدَةَ ٱلنِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ ٱلۡكِتَٰبُ أَجَلَهُۥۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ فَٱحۡذَرُوهُۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٞ
Open ayah 2:235(ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۈچ تالاق قىلىنغان) ئاياللارغا ئۆيلىنىش تەلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشتە ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇشتا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇم. لېكىن، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددىتى توشمىغۇچە نىكاھ قىلىشقا بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لَّا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ مَا لَمۡ تَمَسُّوهُنَّ أَوۡ تَفۡرِضُواْ لَهُنَّ فَرِيضَةٗۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى ٱلۡمُوسِعِ قَدَرُهُۥ وَعَلَى ٱلۡمُقۡتِرِ قَدَرُهُۥ مَتَٰعَۢا بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 2:236سىلەر مەھرىنى بېكىتمەستىن ئالغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى تالاق قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (لېكىن) ئۇلارنى (پۇل _ مالدىن) بەھرىمەن قىلىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن. بۇ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ [28] ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
- ياكى «ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر». چۈنكى ئايەتتىكى «المحسنين» دېگەن سۆز مۇكەممەل ئىش قىلغۇچىلار دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
وَإِن طَلَّقۡتُمُوهُنَّ مِن قَبۡلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدۡ فَرَضۡتُمۡ لَهُنَّ فَرِيضَةٗ فَنِصۡفُ مَا فَرَضۡتُمۡ إِلَّآ أَن يَعۡفُونَ أَوۡ يَعۡفُوَاْ ٱلَّذِي بِيَدِهِۦ عُقۡدَةُ ٱلنِّكَاحِۚ وَأَن تَعۡفُوٓاْ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۚ وَلَا تَنسَوُاْ ٱلۡفَضۡلَ بَيۡنَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
Open ayah 2:237ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىڭلار. ئەمما ئاياللار ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئېرىگە ئۆتۈنسە ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئايالىغا ئۆتۈنسىمۇ (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋەتسىمۇ) بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆتۈنگىنىڭلار تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
حَٰفِظُواْ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلۡوُسۡطَىٰ وَقُومُواْ لِلَّهِ قَٰنِتِينَ
Open ayah 2:238سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى ناماز (ئەسىر نامىزى)غا ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار.
فَإِنۡ خِفۡتُمۡ فَرِجَالًا أَوۡ رُكۡبَانٗاۖ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:239سىلەر قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، نامازنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا، نامازنى ئاللاھ سىلەرگە تەلىم بەرگەن بويىچە تولۇق ئوقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەر بىلمىگەن ئەھكاملارنى سىلەرگە تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار).
وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا وَصِيَّةٗ لِّأَزۡوَٰجِهِم مَّتَٰعًا إِلَى ٱلۡحَوۡلِ غَيۡرَ إِخۡرَاجٖۚ فَإِنۡ خَرَجۡنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِي مَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعۡرُوفٖۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
Open ayah 2:240ئاراڭلاردىن ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى (تۇل) قالىدىغانلار ئاياللىرىنىڭ ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماستىن، بىر يىلغىچە (يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن) تەمىنلىنىشىنى (ئۆزى ھايات ۋاقتىدا) ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئاياللار ئۆزى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلِلۡمُطَلَّقَٰتِ مَتَٰعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 2:241تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىلىدۇ. (بۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 2:242سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، ئاللاھ ئايەتلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.
۞أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَهُمۡ أُلُوفٌ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِ فَقَالَ لَهُمُ ٱللَّهُ مُوتُواْ ثُمَّ أَحۡيَٰهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 2:243ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا«ئۆلۈڭلار» دېدى (ۋە ئۇلار ئۆلدى)، ئاندىن كېيىن (ئاللاھ) ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلمايدۇ.
وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:244ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مَّن ذَا ٱلَّذِي يُقۡرِضُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥٓ أَضۡعَافٗا كَثِيرَةٗۚ وَٱللَّهُ يَقۡبِضُ وَيَبۡصُۜطُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 2:245كىمكى (پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز[29] بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشلەرنىڭكىنى) كەڭ قىلىدۇ، (ئاخىر ھەممىڭلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
- ياخشى قەرز_ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل_مال سەرپ قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئايەتتە ﴿قَرْضًا حَسَنًا﴾ يەنى (ياخشى قەرز) دەپ تەبىرلەنگەن.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰٓ إِذۡ قَالُواْ لِنَبِيّٖ لَّهُمُ ٱبۡعَثۡ لَنَا مَلِكٗا نُّقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ قَالَ هَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ أَلَّا تُقَٰتِلُواْۖ قَالُواْ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَٰتِلَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدۡ أُخۡرِجۡنَا مِن دِيَٰرِنَا وَأَبۡنَآئِنَاۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ تَوَلَّوۡاْ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:246(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسادىن كېيىن كەلگەن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى (جىھاد قىلىشتىن) باش تارتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَقَالَ لَهُمۡ نَبِيُّهُمۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَدۡ بَعَثَ لَكُمۡ طَالُوتَ مَلِكٗاۚ قَالُوٓاْ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ عَلَيۡنَا وَنَحۡنُ أَحَقُّ بِٱلۡمُلۡكِ مِنۡهُ وَلَمۡ يُؤۡتَ سَعَةٗ مِّنَ ٱلۡمَالِۚ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰهُ عَلَيۡكُمۡ وَزَادَهُۥ بَسۡطَةٗ فِي ٱلۡعِلۡمِ وَٱلۡجِسۡمِۖ وَٱللَّهُ يُؤۡتِي مُلۡكَهُۥ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:247پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار: «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالايدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن بەكرەك ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال _ مۈلۈكى كۆپ بولمىسا» دېدى، پەيغەمبەر: «ئاللاھ راستتىنلا سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى تاللىدى، ئۇنى ئىلىمى مول، قامەتلىك قىلدى، ئاللاھ پادىشاھلىقنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (پەزلى) كەڭ، ھەممىنى بىلىدىغان زاتتۇر» دېدى.
وَقَالَ لَهُمۡ نَبِيُّهُمۡ إِنَّ ءَايَةَ مُلۡكِهِۦٓ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلتَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَبَقِيَّةٞ مِّمَّا تَرَكَ ءَالُ مُوسَىٰ وَءَالُ هَٰرُونَ تَحۡمِلُهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:248ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭغا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تاۋابىئاتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن بىر دەلىل بار».
فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلۡجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبۡتَلِيكُم بِنَهَرٖ فَمَن شَرِبَ مِنۡهُ فَلَيۡسَ مِنِّي وَمَن لَّمۡ يَطۡعَمۡهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّيٓ إِلَّا مَنِ ٱغۡتَرَفَ غُرۡفَةَۢ بِيَدِهِۦۚ فَشَرِبُواْ مِنۡهُ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ قَالُواْ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلۡيَوۡمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٖ قَلِيلَةٍ غَلَبَتۡ فِئَةٗ كَثِيرَةَۢ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 2:249تالۇت (جىھاد قىلىش ئۈچۈن) ئەسكەرلىرى بىلەن يولغان چىققان چاغدا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى دەريا سۈيىدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى ئىچمەيدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئىچكەن ئادەم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى: «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ ئەسكەرلىرىدىن) ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قانچىلىغان ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان» دېدى. ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
وَلَمَّا بَرَزُواْ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُواْ رَبَّنَآ أَفۡرِغۡ عَلَيۡنَا صَبۡرٗا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:250ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن تۇتۇشقاندا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى.
فَهَزَمُوهُم بِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّفَسَدَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 2:251نىھايەت (مۇئمىنلەر) ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى يەڭدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا پادىشاھلىقنى، ھېكمەت (پەيغەمبەرلىك)نى بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلانغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ناھايىتى كەرەملىكتۇر.
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 2:252(ئى پەيغەمبەر!) بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىنسەن.
۞تِلۡكَ ٱلرُّسُلُ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۘ مِّنۡهُم مَّن كَلَّمَ ٱللَّهُۖ وَرَفَعَ بَعۡضَهُمۡ دَرَجَٰتٖۚ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلَ ٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ وَلَٰكِنِ ٱخۡتَلَفُواْ فَمِنۡهُم مَّنۡ ءَامَنَ وَمِنۡهُم مَّن كَفَرَۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلُواْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ
Open ayah 2:253ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلدى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (جىبرىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇشماس ئىدى. لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىنكار قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خُلَّةٞ وَلَا شَفَٰعَةٞۗ وَٱلۡكَٰفِرُونَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 2:254ئى ئىمان ئېيتقانلار! سودىلىشىش، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز) شاپائەت بولمايدىغان (قىيامەت) كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىرلار (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ لَا تَأۡخُذُهُۥ سِنَةٞ وَلَا نَوۡمٞۚ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ مَن ذَا ٱلَّذِي يَشۡفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيۡءٖ مِّنۡ عِلۡمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَۚ وَسِعَ كُرۡسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۖ وَلَا يَـُٔودُهُۥ حِفۡظُهُمَاۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 2:255بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر. ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلىمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ كۇرسى [30] ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاسمان _ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
- كۇرسى _ «ئورۇندۇق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ («ئەيسەرۇتتەفاسىر» بىرىنچى توم، 245 _ بەت) .
لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
Open ayah 2:256دىندا زورلاش يوقتۇر. ھىدايەت ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇتنى[31] ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
- تاغۇت _ چوقۇنۇلغان بارلىق ساختا ئىلاھلارغا، ئازغۇن يولباشچىلار ۋە زالىم ھۆكۈمدارلارغا قارىتىغان ئاتالغۇ بولۇپ، شەيتانمۇ تاغۇت قاتارىغا كىرىدۇ.
ٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُخۡرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَوۡلِيَآؤُهُمُ ٱلطَّٰغُوتُ يُخۡرِجُونَهُم مِّنَ ٱلنُّورِ إِلَى ٱلظُّلُمَٰتِۗ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:257ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن )ئىماننىڭ( يۇرۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ دوستلىرى تاغۇتتۇر، تاغۇت ئۇلارنى)ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن چىقىرىپ (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىغا كىرگۈزىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِي حَآجَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ فِي رَبِّهِۦٓ أَنۡ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ إِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّيَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا۠ أُحۡيِۦ وَأُمِيتُۖ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَأۡتِي بِٱلشَّمۡسِ مِنَ ٱلۡمَشۡرِقِ فَأۡتِ بِهَا مِنَ ٱلۡمَغۡرِبِ فَبُهِتَ ٱلَّذِي كَفَرَۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 2:258ئاللاھ ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى (ھاكاۋۇرلىشىپ)، رەببى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەم (نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم (ئۇنىڭغا): «مېنىڭ رەببىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، قېنى سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
أَوۡ كَٱلَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرۡيَةٖ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحۡيِۦ هَٰذِهِ ٱللَّهُ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۖ فَأَمَاتَهُ ٱللَّهُ مِاْئَةَ عَامٖ ثُمَّ بَعَثَهُۥۖ قَالَ كَمۡ لَبِثۡتَۖ قَالَ لَبِثۡتُ يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖۖ قَالَ بَل لَّبِثۡتَ مِاْئَةَ عَامٖ فَٱنظُرۡ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمۡ يَتَسَنَّهۡۖ وَٱنظُرۡ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجۡعَلَكَ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِۖ وَٱنظُرۡ إِلَى ٱلۡعِظَامِ كَيۡفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكۡسُوهَا لَحۡمٗاۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥ قَالَ أَعۡلَمُ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 2:259ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغان شەھەردىن ئۆتكەن ۋە «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن (ئاھالىسى)نى قانداقمۇ تىرىلدۈرەر؟» دېگەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى (ئۆلتۈرۈپ) شۇ ھالىتىدە يۈز يىل تۇرغۇزۇپ ئاندىن تىرىلدۈردى. (ئاللاھ پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىركۈنگىمۇ يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ياق! سەن يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك _ ئىچمىكىڭگە قاراپ باققىنكى، ھېچ بۇزۇلمىغان، ئېشىكىڭگە قارا (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). سېنى ئىنسانلارغا (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىشىمىز ئۈچۈن (مۇشۇ ئىشلارنى قىلدۇق). بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى بىز قانداق قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قانداق گۆش قوندۇرىدىكەنمىز». بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق بولغان چاغدا، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ (ئوبدان) بىلىۋالدىم» دېدى.
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ أَرِنِي كَيۡفَ تُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ قَالَ أَوَلَمۡ تُؤۡمِنۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطۡمَئِنَّ قَلۡبِيۖ قَالَ فَخُذۡ أَرۡبَعَةٗ مِّنَ ٱلطَّيۡرِ فَصُرۡهُنَّ إِلَيۡكَ ثُمَّ ٱجۡعَلۡ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٖ مِّنۡهُنَّ جُزۡءٗا ثُمَّ ٱدۡعُهُنَّ يَأۡتِينَكَ سَعۡيٗاۚ وَٱعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
Open ayah 2:260ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ (سەن بۇنىڭغا): «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ ئارام تېپىشى ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداقتا، قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ، گۆشلىرىنى پەيلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ) ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ» بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنۢبَتَتۡ سَبۡعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنۢبُلَةٖ مِّاْئَةُ حَبَّةٖۗ وَٱللَّهُ يُضَٰعِفُ لِمَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
Open ayah 2:261ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە (ئۇنىڭ ئەجىرىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ (مەرھەمىتى) كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ لَا يُتۡبِعُونَ مَآ أَنفَقُواْ مَنّٗا وَلَآ أَذٗى لَّهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:262پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير _ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەرگە رەببىنىڭ دەرگاھىدا (خاس) مۇكاپاتلار بار. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
۞قَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞ وَمَغۡفِرَةٌ خَيۡرٞ مِّن صَدَقَةٖ يَتۡبَعُهَآ أَذٗىۗ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٞ
Open ayah 2:263ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سەدىقىسىگە) موھتاج ئەمەستۇر، (گۇناھكارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُبۡطِلُواْ صَدَقَٰتِكُم بِٱلۡمَنِّ وَٱلۡأَذَىٰ كَٱلَّذِي يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفۡوَانٍ عَلَيۡهِ تُرَابٞ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٞ فَتَرَكَهُۥ صَلۡدٗاۖ لَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّمَّا كَسَبُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:264ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا _ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ (بۇرۇنقىدەك بولۇپ) كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ساۋابتىن) ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمُ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ وَتَثۡبِيتٗا مِّنۡ أَنفُسِهِمۡ كَمَثَلِ جَنَّةِۭ بِرَبۡوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٞ فَـَٔاتَتۡ أُكُلَهَا ضِعۡفَيۡنِ فَإِن لَّمۡ يُصِبۡهَا وَابِلٞ فَطَلّٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
Open ayah 2:265پۇل _ ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ۋە (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە) چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەن ھالدا سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا، مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولالمىسا، شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى ئىككىلا ھالەتتە مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَيَوَدُّ أَحَدُكُمۡ أَن تَكُونَ لَهُۥ جَنَّةٞ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَابٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ لَهُۥ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَأَصَابَهُ ٱلۡكِبَرُ وَلَهُۥ ذُرِّيَّةٞ ضُعَفَآءُ فَأَصَابَهَآ إِعۡصَارٞ فِيهِ نَارٞ فَٱحۡتَرَقَتۡۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 2:266ئاراڭلاردىن خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى تېپىلىدىغان بىر بېغى بار بىرەيلەن ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى تېخى كىچىك چاغدا، بۇ باغنىڭ بىر قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوت ئۇچقۇنىدا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟ [32] سىلەرنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
- بۇ پۇل _ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان كىشىنىڭ بۇ ئەمەلىنىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ئەسقاتمايدىغانلىقىغا كەلتۈرۈلگەن مىسالدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ وَلَا تَيَمَّمُواْ ٱلۡخَبِيثَ مِنۡهُ تُنفِقُونَ وَلَسۡتُم بِـَٔاخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغۡمِضُواْ فِيهِۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
Open ayah 2:267ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر (ھالال كەسىپ بىلەن) قولغا كەلتۈرگەن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار، (سىلەرگە بېرىلسە) كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالمىساڭلار ئالغۇڭلار كەلمەيدىغان ناچارلىرىنى سەدىقە قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقىگە) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
ٱلشَّيۡطَٰنُ يَعِدُكُمُ ٱلۡفَقۡرَ وَيَأۡمُرُكُم بِٱلۡفَحۡشَآءِۖ وَٱللَّهُ يَعِدُكُم مَّغۡفِرَةٗ مِّنۡهُ وَفَضۡلٗاۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 2:268شەيتان سىلەرگە پېقىرلىق بىلەن تەھدىت سالىدۇ، سىلەرنى يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن مەغپىرەتنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ (نىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى) كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
يُؤۡتِي ٱلۡحِكۡمَةَ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُؤۡتَ ٱلۡحِكۡمَةَ فَقَدۡ أُوتِيَ خَيۡرٗا كَثِيرٗاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
Open ayah 2:269ئاللاھ ھېكمەتنى [33] خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.
- ھېكمەت _ توغرا سۆز ۋە توغرا ئىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئايەتتىكى ھېكمەت _ ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىم دېمەكتۇر.
وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوۡ نَذَرۡتُم مِّن نَّذۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُهُۥۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٍ
Open ayah 2:270نېمىنى خەير– ساخاۋەت قىلساڭلار ياكى (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىدۇ. (پۇل _ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ.
إِن تُبۡدُواْ ٱلصَّدَقَٰتِ فَنِعِمَّا هِيَۖ وَإِن تُخۡفُوهَا وَتُؤۡتُوهَا ٱلۡفُقَرَآءَ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّـَٔاتِكُمۡۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 2:271سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر؛ ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ سىىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
۞لَّيۡسَ عَلَيۡكَ هُدَىٰهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَلِأَنفُسِكُمۡۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ ٱللَّهِۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ
Open ayah 2:272(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل _ مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. سىلەر خەير _ ساخاۋەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىڭلار. پۇل _ مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇنىڭ ئەجىرى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
لِلۡفُقَرَآءِ ٱلَّذِينَ أُحۡصِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ ضَرۡبٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ يَحۡسَبُهُمُ ٱلۡجَاهِلُ أَغۡنِيَآءَ مِنَ ٱلتَّعَفُّفِ تَعۡرِفُهُم بِسِيمَٰهُمۡ لَا يَسۡـَٔلُونَ ٱلنَّاسَ إِلۡحَافٗاۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ
Open ayah 2:273(خەير _ ساخاۋەت) ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (شۇڭا تىرىكچىلىك ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى بايمىكىن دەپ قالىدۇ، ئۇلارنى (يەنى نامراتلىقىنى) تۇرقىدىن بىلىۋالالايسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. پۇل - مېلىڭلاردىن قانداق نەرسىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:274پۇل _ ماللىرىنى كېچە – كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير - ساخاۋەت قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببىنىڭ دەرگاھىدا (تولۇق) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ ٱلرِّبَوٰاْ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِي يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مِنَ ٱلۡمَسِّۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡبَيۡعُ مِثۡلُ ٱلرِّبَوٰاْۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ فَمَن جَآءَهُۥ مَوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ فَٱنتَهَىٰ فَلَهُۥ مَا سَلَفَ وَأَمۡرُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَنۡ عَادَ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 2:275جازانە يېگەنلەر (ئاخىرەتتە قەبرىلىرىدىن) پەقەت جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ھارامنى ھالال ساناپ): «سودا - سېتىق پەقەت جازانىگە ئوخشاشتۇر (يەنى جازانىدا زىيادە ئېلىش بولغاندەك سودا – سېتىقتىمۇ زىيادە ئېلىش بار)» دېدى. ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى رەببى تەرىپىدىن ۋەز - نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن، جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. كىمكى (جازانىخورلۇققا) قايتىدىكەن، مۇنداقلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
يَمۡحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰاْ وَيُرۡبِي ٱلصَّدَقَٰتِۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
Open ayah 2:276ئاللاھ جازانىنى (بەرىكەتسىز، پايدىسىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارىلاشقان مالنى) توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنى (ئۆستۈرۈپ، پايدىسىنى) زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ (جازانىنى ھالال سانايدىغان) ھەرقانداق كاپىر گۇناھكارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 2:277ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەرگە رەببىنىڭ دەرگاھىدا تولۇق مۇكاپات بار. ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 2:278ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدا) قېلىپ قالغان جازانىنى ئالماڭلار.
فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ فَأۡذَنُواْ بِحَرۡبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ
Open ayah 2:279ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سىلەرگە قارشى) ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئەگەر (جازانىدىن قول يىغىپ) تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەر ئۇۋال قىلمىغان ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ.
وَإِن كَانَ ذُو عُسۡرَةٖ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيۡسَرَةٖۚ وَأَن تَصَدَّقُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 2:280ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، (ئۇ قەرزنى ئۇنىڭدىن) كەچۈرۈۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا تُرۡجَعُونَ فِيهِ إِلَى ٱللَّهِۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 2:281سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيۡنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى فَٱكۡتُبُوهُۚ وَلۡيَكۡتُب بَّيۡنَكُمۡ كَاتِبُۢ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَلَا يَأۡبَ كَاتِبٌ أَن يَكۡتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُۚ فَلۡيَكۡتُبۡ وَلۡيُمۡلِلِ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبۡخَسۡ مِنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ وَلَا يَأۡبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُواْۚ وَلَا تَسۡـَٔمُوٓاْ أَن تَكۡتُبُوهُ صَغِيرًا أَوۡ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقۡوَمُ لِلشَّهَٰدَةِ وَأَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَرۡتَابُوٓاْ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً حَاضِرَةٗ تُدِيرُونَهَا بَيۡنَكُمۡ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَلَّا تَكۡتُبُوهَاۗ وَأَشۡهِدُوٓاْ إِذَا تَبَايَعۡتُمۡۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٞ وَلَا شَهِيدٞۚ وَإِن تَفۡعَلُواْ فَإِنَّهُۥ فُسُوقُۢ بِكُمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 2:282ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز مۇئامىلىسى (ياكى نېسى سودا) قىلىشساڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى بىر پۈتۈكچى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن، پۈتۈكچى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك يېزىپ بېرىشنى رەت قىلماي، (ھەممىنى ئەينەن) يازسۇن، قەرزدار ئادەم (ئەينەن) ئېيتىپ بەرسۇن، رەببى بولغان ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم گالۋاڭ ياكى كەم ئەقىل ۋەياكى ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالدا بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن (ئېيتىپ بېرىپ) يازدۇرسۇن، سىلەر ئاراڭلاردىكى ئىككى ئەر كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىققا چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئادالەتلىكتۇر، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر ۋە گۇمانلىنىپ قالماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن، ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار، ئېنىقكى، بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققىنىڭلار دېمەكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى شۇنداق) ئۆگىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
۞وَإِن كُنتُمۡ عَلَىٰ سَفَرٖ وَلَمۡ تَجِدُواْ كَاتِبٗا فَرِهَٰنٞ مَّقۡبُوضَةٞۖ فَإِنۡ أَمِنَ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا فَلۡيُؤَدِّ ٱلَّذِي ٱؤۡتُمِنَ أَمَٰنَتَهُۥ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥۗ وَلَا تَكۡتُمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَۚ وَمَن يَكۡتُمۡهَا فَإِنَّهُۥٓ ءَاثِمٞ قَلۡبُهُۥۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ
Open ayah 2:283ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەم تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز بەرگۈچىگە) بىرەر نەرسىنى رەنىگە تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىر _ بىرىڭلارغا ئىشىنىپ (ھۆججەت ياكى رەنە تەلەپ قىلماي) قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا قەرز ئالغۇچى ئادەم ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، رەببى بولغان ئاللاھتىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇنىڭ دىلى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
لِّلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَإِن تُبۡدُواْ مَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ أَوۡ تُخۡفُوهُ يُحَاسِبۡكُم بِهِ ٱللَّهُۖ فَيَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 2:284ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى جازالايدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
ءَامَنَ ٱلرَّسُولُ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مِن رَّبِّهِۦ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۚ كُلٌّ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّن رُّسُلِهِۦۚ وَقَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ غُفۡرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 2:285بۇ پەيغەمبەر رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: «بىز (ئىمان ئېيتىشتا) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، ئى رەببىمىز! بىز سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دېدى.
لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَعَلَيۡهَا مَا ٱكۡتَسَبَتۡۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذۡنَآ إِن نَّسِينَآ أَوۡ أَخۡطَأۡنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تَحۡمِلۡ عَلَيۡنَآ إِصۡرٗا كَمَا حَمَلۡتَهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلۡنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِۦۖ وَٱعۡفُ عَنَّا وَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَآۚ أَنتَ مَوۡلَىٰنَا فَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 2:286ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ مۇكاپاتى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار يەنە: «ئى رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان بولساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك (مەجبۇرىيەت) يۈكلىمىگىن. ئى رەببىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى.