الفاتحة
Al-Faatiha
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 1:1ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 1:2جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 1:3ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
مَٰلِكِ يَوۡمِ ٱلدِّينِ
Open ayah 1:4ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ
Open ayah 1:5(ئى رەببىمىز!) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز.
ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ
Open ayah 1:6بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 1:7غەزىپىڭگە ئۇچرىغان ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).