آل عمران
Aal-i-Imraan
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓمٓ
Open ayah 3:1ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُ
Open ayah 3:2ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، (ھەممىنى) ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
نَزَّلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَأَنزَلَ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ
Open ayah 3:3(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى كىتاب (قۇرئان)نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى؛ ئەمدى بولسا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھ غالىبتۇر، (كاپىرلارنى) جازالىغۇچىدۇر. [3 _ 4]
مِن قَبۡلُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ ٱلۡفُرۡقَانَۗ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ
Open ayah 3:4(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى كىتاب (قۇرئان)نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى؛ ئەمدى بولسا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھ غالىبتۇر، (كاپىرلارنى) جازالىغۇچىدۇر. [3 _ 4]
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَخۡفَىٰ عَلَيۡهِ شَيۡءٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ
Open ayah 3:5شەكسىزكى، ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەستۇر.
هُوَ ٱلَّذِي يُصَوِّرُكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ كَيۡفَ يَشَآءُۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 3:6ئۇ سىلەرنى بالىياتقۇدىكى چېغىڭلاردا ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىغان زاتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۡهُ ءَايَٰتٞ مُّحۡكَمَٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَٰبِهَٰتٞۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمۡ زَيۡغٞ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنۡهُ ٱبۡتِغَآءَ ٱلۡفِتۡنَةِ وَٱبۡتِغَآءَ تَأۡوِيلِهِۦۖ وَمَا يَعۡلَمُ تَأۡوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ رَبِّنَاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
Open ayah 3:7(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان زاتتۇر. ئۇنىڭدا مۇھكەم (مەنىسى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (كۆپ مەنىلەرگە دالالەت قىلىدىغان) ئايەتلەر بار. دىللىرىدا ئەگرىلىك بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇكى: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن كەلگەن». (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.
رَبَّنَا لَا تُزِغۡ قُلُوبَنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَيۡتَنَا وَهَبۡ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةًۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ
Open ayah 3:8(ئۇلار يەنە شۇنداق دەيدۇكى) «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. چۈنكى، سەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىسەن.
رَبَّنَآ إِنَّكَ جَامِعُ ٱلنَّاسِ لِيَوۡمٖ لَّا رَيۡبَ فِيهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ
Open ayah 3:9ئى رەببىمىز! كېلىدىغانلىقىدا قىلچە شەك بولمىغان (قىيامەت) كۈنىدە كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن». شەكسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ وَقُودُ ٱلنَّارِ
Open ayah 3:10شەكسىزكى، كاپىرلارنىڭ پۇل _ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ (ئازابى) ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.
كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۗ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
Open ayah 3:11(ئۇلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ سَتُغۡلَبُونَ وَتُحۡشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
Open ayah 3:12(ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!».
قَدۡ كَانَ لَكُمۡ ءَايَةٞ فِي فِئَتَيۡنِ ٱلۡتَقَتَاۖ فِئَةٞ تُقَٰتِلُ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَأُخۡرَىٰ كَافِرَةٞ يَرَوۡنَهُم مِّثۡلَيۡهِمۡ رَأۡيَ ٱلۡعَيۡنِۚ وَٱللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصۡرِهِۦ مَن يَشَآءُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
Open ayah 3:13(ئى يەھۇدىيلار! بەدرى غازىتىدا) ئۇچراشقان شۇ ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار ئىدى، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى كۆزلىرىگە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدەك ئىككى ھەسسە كۆرۈنۈپ كەتكەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ ٱلشَّهَوَٰتِ مِنَ ٱلنِّسَآءِ وَٱلۡبَنِينَ وَٱلۡقَنَٰطِيرِ ٱلۡمُقَنطَرَةِ مِنَ ٱلذَّهَبِ وَٱلۡفِضَّةِ وَٱلۡخَيۡلِ ٱلۡمُسَوَّمَةِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ وَٱلۡحَرۡثِۗ ذَٰلِكَ مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسۡنُ ٱلۡمَـَٔابِ
Open ayah 3:14ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن _ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ پۇل _ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا (ياخشىلار) قايتىدىغان گۈزەل جاي بار.
۞قُلۡ أَؤُنَبِّئُكُم بِخَيۡرٖ مِّن ذَٰلِكُمۡۖ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَأَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞ وَرِضۡوَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ
Open ayah 3:15(ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە) ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ياخشى نەرسىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قالىدىغان جەننەتلەر، پاك جۈپلەر، (ئەڭ كاتتىسى) ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار». ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەمەللىرى)نى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ إِنَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
Open ayah 3:16ئەنە شۇ تەقۋادارلار: «ئى رەببىمىز! بىز شەكسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
ٱلصَّٰبِرِينَ وَٱلصَّٰدِقِينَ وَٱلۡقَٰنِتِينَ وَٱلۡمُنفِقِينَ وَٱلۡمُسۡتَغۡفِرِينَ بِٱلۡأَسۡحَارِ
Open ayah 3:17ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، (ئىمانىدا) راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا) پۇل _ مال سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر.
شَهِدَ ٱللَّهُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَأُوْلُواْ ٱلۡعِلۡمِ قَآئِمَۢا بِٱلۡقِسۡطِۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 3:18ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ (شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەردى). ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلۡإِسۡلَٰمُۗ وَمَا ٱخۡتَلَفَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
Open ayah 3:19ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (قوبۇل بولىدىغان) دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر (ئۇلارنى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئەلۋەتتە جازالايدۇ).
فَإِنۡ حَآجُّوكَ فَقُلۡ أَسۡلَمۡتُ وَجۡهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡأُمِّيِّـۧنَ ءَأَسۡلَمۡتُمۡۚ فَإِنۡ أَسۡلَمُواْ فَقَدِ ٱهۡتَدَواْۖ وَّإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ
Open ayah 3:20(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن (ئۇلارغا): «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە ساۋاتسىزلارغا (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ؛ ئەگەر (ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن) باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەمەللىرى)نى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَيَقۡتُلُونَ ٱلَّذِينَ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡقِسۡطِ مِنَ ٱلنَّاسِ فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
Open ayah 3:21ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 3:22ئەنە شۇلار دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ كِتَٰبِ ٱللَّهِ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ وَهُم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 3:23(ئى پەيغەمبەر!) تەۋرات بىلىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسىلا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئارقىغا چېكىنىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۖ وَغَرَّهُمۡ فِي دِينِهِم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 3:24ئاشۇ (يۈز ئۆرۈش) ئۇلارنىڭ: «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكىدىن ۋە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ دىن ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى ئالداپ قويغانلىقىدىن بولدى.
فَكَيۡفَ إِذَا جَمَعۡنَٰهُمۡ لِيَوۡمٖ لَّا رَيۡبَ فِيهِ وَوُفِّيَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 3:25(كېلىدىغانلىقىدا) ھېچ شەك بولمىغان(قىيامەت) كۈنىدە بىز ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) توپلىغان ۋە ھەربىر كىشىگە قىلغان ئەمەلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى قىلچە ئۇۋال قىلىنماي تولۇق بېرىلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
قُلِ ٱللَّهُمَّ مَٰلِكَ ٱلۡمُلۡكِ تُؤۡتِي ٱلۡمُلۡكَ مَن تَشَآءُ وَتَنزِعُ ٱلۡمُلۡكَ مِمَّن تَشَآءُ وَتُعِزُّ مَن تَشَآءُ وَتُذِلُّ مَن تَشَآءُۖ بِيَدِكَ ٱلۡخَيۡرُۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 3:26ئېيتقىنكى «ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. شەكسىزكى، سەن ھەممىگە قادىرسەن.
تُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَتُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِۖ وَتُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَتُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّۖ وَتَرۡزُقُ مَن تَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
Open ayah 3:27كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن».
لَّا يَتَّخِذِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَلَيۡسَ مِنَ ٱللَّهِ فِي شَيۡءٍ إِلَّآ أَن تَتَّقُواْ مِنۡهُمۡ تُقَىٰةٗۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 3:28مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى قالمايدۇ. پەقەت (دوستتەك كۆرۈنۈپ) ئۇلاردىن (كېلىدىغان يامانلىقتىن) ساقلىنىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، (ئاخىر) قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.
قُلۡ إِن تُخۡفُواْ مَا فِي صُدُورِكُمۡ أَوۡ تُبۡدُوهُ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 3:29ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
يَوۡمَ تَجِدُ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ مِنۡ خَيۡرٖ مُّحۡضَرٗا وَمَا عَمِلَتۡ مِن سُوٓءٖ تَوَدُّ لَوۡ أَنَّ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَهُۥٓ أَمَدَۢا بَعِيدٗاۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفۡسَهُۥۗ وَٱللَّهُ رَءُوفُۢ بِٱلۡعِبَادِ
Open ayah 3:30ھەر ئىنسان قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، يامان ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا كۆرىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، (ئىنسان) ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
قُلۡ إِن كُنتُمۡ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِي يُحۡبِبۡكُمُ ٱللَّهُ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 3:31(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».
قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 3:32(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (سېنىڭ دەۋىتىڭدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى) ئاللاھ كاپىرلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
۞إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰٓ ءَادَمَ وَنُوحٗا وَءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ وَءَالَ عِمۡرَٰنَ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 3:33شەكسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى.
ذُرِّيَّةَۢ بَعۡضُهَا مِنۢ بَعۡضٖۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
Open ayah 3:34ئۇلار بىر _ بىرىنىڭ نەسلىدىندۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذۡ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ عِمۡرَٰنَ رَبِّ إِنِّي نَذَرۡتُ لَكَ مَا فِي بَطۡنِي مُحَرَّرٗا فَتَقَبَّلۡ مِنِّيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 3:35ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «ئى رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى ساڭا خالىس قىلىپ ئاتىدىم، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا وَضَعَتۡهَا قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي وَضَعۡتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا وَضَعَتۡ وَلَيۡسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلۡأُنثَىٰۖ وَإِنِّي سَمَّيۡتُهَا مَرۡيَمَ وَإِنِّيٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ
Open ayah 3:36ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى رەببىم! مەن قىز تۇغۇپ قالدىم، _ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ _ (مەن تەلەپ قىلغان) ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس (چۈنكى ئوغۇل كۈچلۈكتۇر)، مەن ئۇنىڭغا مەريەم [34] دەپ ئات قويدۇم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى.
- مەريەم _ ئىبرانى تىلىدا «ئاللاھنىڭ خىزمەتكارى» دېگەن مەنىدە.
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٖ وَأَنۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنٗا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّاۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيۡهَا زَكَرِيَّا ٱلۡمِحۡرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزۡقٗاۖ قَالَ يَٰمَرۡيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَاۖ قَالَتۡ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٍ
Open ayah 3:37رەببى ئۇنى گۈزەل بىر رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى.
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُۥۖ قَالَ رَبِّ هَبۡ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةٗ طَيِّبَةًۖ إِنَّكَ سَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
Open ayah 3:38شۇ ۋاقىتتا زەكەرىييا رەببىگە دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن ياخشى بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى.
فَنَادَتۡهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُوَ قَآئِمٞ يُصَلِّي فِي ٱلۡمِحۡرَابِ أَنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحۡيَىٰ مُصَدِّقَۢا بِكَلِمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَسَيِّدٗا وَحَصُورٗا وَنَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 3:39ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇپ تۇرۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئاللاھنىڭ (‹بول!› دېگەن) كەلىمىسى (ئارقىلىق تۆرەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى)نى تەستىقلىغۇچى، پېشۋا، ناھايىتى پەرھىزكار ۋە سالىھلاردىن بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى.
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَقَدۡ بَلَغَنِيَ ٱلۡكِبَرُ وَٱمۡرَأَتِي عَاقِرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكَ ٱللَّهُ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ
Open ayah 3:40ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. (پەرىشتىلەر): «ئاللاھ شۇنىڭدەك (ئادەتتىن تاشقىرى ئاجايىپ ئىشلاردىن) خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.
قَالَ رَبِّ ٱجۡعَل لِّيٓ ءَايَةٗۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمۡزٗاۗ وَٱذۡكُر رَّبَّكَ كَثِيرٗا وَسَبِّحۡ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ
Open ayah 3:41ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. (ئاللاھ): «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن، پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. رەببىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، ئەتىگەن - كەچتە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
وَإِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰكِ وَطَهَّرَكِ وَٱصۡطَفَىٰكِ عَلَىٰ نِسَآءِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 3:42پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلدى.
يَٰمَرۡيَمُ ٱقۡنُتِي لِرَبِّكِ وَٱسۡجُدِي وَٱرۡكَعِي مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
Open ayah 3:43ئى مەريەم! رەببىڭگە ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۚ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يُلۡقُونَ أَقۡلَٰمَهُمۡ أَيُّهُمۡ يَكۡفُلُ مَرۡيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ
Open ayah 3:44(ئى پەيغەمبەر!) بۇ بىز ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ (چەك تاشلاش ئۈچۈن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ ۋە ئۇلار (بۇ ھەقتە) دەتالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
إِذۡ قَالَتِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَٰمَرۡيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٖ مِّنۡهُ ٱسۡمُهُ ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ وَجِيهٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
Open ayah 3:45ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ (‹بول!› دېگەن) كەلىمىسى (ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولىدۇ.
وَيُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗا وَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 3:46ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە سالىھلاردىن بولىدۇ».
قَالَتۡ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞۖ قَالَ كَذَٰلِكِ ٱللَّهُ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 3:47مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟» دېدى. (پەرىشتە ئېيتتى): «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹بول!› دەيدۇ – دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ».
وَيُعَلِّمُهُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ
Open ayah 3:48ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَنِّي قَدۡ جِئۡتُكُم بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ أَنِّيٓ أَخۡلُقُ لَكُم مِّنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ فَأَنفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۖ وَأُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ وَأُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۖ وَأُنَبِّئُكُم بِمَا تَأۡكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:49ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شەكسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن– دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. يەنە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن) تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يېگەن ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلاپ قويغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شەكسىزكى، ئەگەر (ئاللاھنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىغا) ئىشەنسەڭلار، بۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار.
وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيَّ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي حُرِّمَ عَلَيۡكُمۡۚ وَجِئۡتُكُم بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 3:50مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). مەن سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
إِنَّ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
Open ayah 3:51شەكسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».
۞فَلَمَّآ أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنۡهُمُ ٱلۡكُفۡرَ قَالَ مَنۡ أَنصَارِيٓ إِلَى ٱللَّهِۖ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ نَحۡنُ أَنصَارُ ٱللَّهِ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّا مُسۡلِمُونَ
Open ayah 3:52ئىيسا ئۇلارنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[35] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا ساڭا بىز ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز شەكسىز مۇسۇلمانلارمىز.
- ھاۋارىيلار— ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەردۇر.
رَبَّنَآ ءَامَنَّا بِمَآ أَنزَلۡتَ وَٱتَّبَعۡنَا ٱلرَّسُولَ فَٱكۡتُبۡنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ
Open ayah 3:53ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان (ئىنجىل)غا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق. بىزنى (ھەقىقەتكە) گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدا قىلغىن».
وَمَكَرُواْ وَمَكَرَ ٱللَّهُۖ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلۡمَٰكِرِينَ
Open ayah 3:54(يەھۇدىيلار ئىيسانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئاللاھ ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ تەدبىر قوللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَىٰٓ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَجَاعِلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوكَ فَوۡقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ فِيمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 3:55ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن قۇتقۇزىمەن. ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر. شۇ چاغدا، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَأُعَذِّبُهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 3:56كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابلايمەن، ئۇلارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ».
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُوَفِّيهِمۡ أُجُورَهُمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 3:57ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ذَٰلِكَ نَتۡلُوهُ عَلَيۡكَ مِنَ ٱلۡأٓيَٰتِ وَٱلذِّكۡرِ ٱلۡحَكِيمِ
Open ayah 3:58(ئى پەيغەمبەر!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر.
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ ٱللَّهِ كَمَثَلِ ءَادَمَۖ خَلَقَهُۥ مِن تُرَابٖ ثُمَّ قَالَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 3:59شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ (ئاتىسىز) يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئادەمنىمۇ (ئاتا-ئانىسىز ھالدا) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى – دە، ئۇ دەرھال بولدى.
ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
Open ayah 3:60بۇ ھەقىقەت (يەنى توغرا خەۋەر) رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، شۇڭا سەن شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن.
فَمَنۡ حَآجَّكَ فِيهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ فَقُلۡ تَعَالَوۡاْ نَدۡعُ أَبۡنَآءَنَا وَأَبۡنَآءَكُمۡ وَنِسَآءَنَا وَنِسَآءَكُمۡ وَأَنفُسَنَا وَأَنفُسَكُمۡ ثُمَّ نَبۡتَهِلۡ فَنَجۡعَل لَّعۡنَتَ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 3:61ساڭا (ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي) مەلۇمات كەلگەندىن كېيىن، كىمكى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار! ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى چاقىرايلى، ئاندىن ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلايلى» دېگىن.
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡقَصَصُ ٱلۡحَقُّۚ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 3:62شەكسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىلەردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 3:63ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) يەنە باش تارتسا (ئۇلار چوقۇم بۇزغۇنچىلاردۇر)، شەكسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ كَلِمَةٖ سَوَآءِۭ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ أَلَّا نَعۡبُدَ إِلَّا ٱللَّهَ وَلَا نُشۡرِكَ بِهِۦ شَيۡـٔٗا وَلَا يَتَّخِذَ بَعۡضُنَا بَعۡضًا أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِۚ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُولُواْ ٱشۡهَدُواْ بِأَنَّا مُسۡلِمُونَ
Open ayah 3:64(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر – بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان كەلىمە (تەۋھىد)گە كېلىڭلار». (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئۇلار (بۇ گۈزەل دەۋەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتسا، (ئۇلارغا): «ئۇنداقتا، سىلەر بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دەڭلار.
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تُحَآجُّونَ فِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَمَآ أُنزِلَتِ ٱلتَّوۡرَىٰةُ وَٱلۡإِنجِيلُ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِهِۦٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 3:65ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (ئىبراھىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا بولسۇن؟).
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ حَٰجَجۡتُمۡ فِيمَا لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞ فَلِمَ تُحَآجُّونَ فِيمَا لَيۡسَ لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 3:66سىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىكەنسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسە توغرىسىدا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (بۇنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
مَا كَانَ إِبۡرَٰهِيمُ يَهُودِيّٗا وَلَا نَصۡرَانِيّٗا وَلَٰكِن كَانَ حَنِيفٗا مُّسۡلِمٗا وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 3:67ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، خىرىستىيانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى (ئىتائەتمەن) مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
إِنَّ أَوۡلَى ٱلنَّاسِ بِإِبۡرَٰهِيمَ لَلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ وَهَٰذَا ٱلنَّبِيُّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۗ وَٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:68شەكسىزكى، ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلاردۇر. ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر.
وَدَّت طَّآئِفَةٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَوۡ يُضِلُّونَكُمۡ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 3:69ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار بولسا (بۇنى) تۇيمايدۇ.
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَأَنتُمۡ تَشۡهَدُونَ
Open ayah 3:70ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدە كىتابىڭلاردا كەلگەن) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَلۡبِسُونَ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُونَ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 3:71ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرىسىلەر؟
وَقَالَت طَّآئِفَةٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ ءَامِنُواْ بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَجۡهَ ٱلنَّهَارِ وَٱكۡفُرُوٓاْ ءَاخِرَهُۥ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 3:72ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۇئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچتە يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىمانىدىن) يېنىشى مۇمكىن.
وَلَا تُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّا لِمَن تَبِعَ دِينَكُمۡ قُلۡ إِنَّ ٱلۡهُدَىٰ هُدَى ٱللَّهِ أَن يُؤۡتَىٰٓ أَحَدٞ مِّثۡلَ مَآ أُوتِيتُمۡ أَوۡ يُحَآجُّوكُمۡ عِندَ رَبِّكُمۡۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡفَضۡلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 3:73پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار يەنە ئۆز ئارىسىدا) «سىلەرگە بېرىلگەن (ئىلىمنىڭ) باشقا قانداقلا بىر كىشىگە بېرىلگەنلىكىگە ياكى ئۇلارنىڭ رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋېلىشىغا (ھۆججەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىلگىنىڭلارنى ئۇلارغا ئاشكارىلىماڭلار)» (دېيىشتى). (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «پەزل – كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
يَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 3:74ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
۞وَمِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مَنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِقِنطَارٖ يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِدِينَارٖ لَّا يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ إِلَّا مَا دُمۡتَ عَلَيۡهِ قَآئِمٗاۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَيۡسَ عَلَيۡنَا فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ سَبِيلٞ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 3:75ئەھلى كىتابنىڭ ئارىسىدىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل _ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغۇچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلارنىڭ بىزگە قارشى يولى يوق (يەنى دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋالساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ)» دەيدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
بَلَىٰۚ مَنۡ أَوۡفَىٰ بِعَهۡدِهِۦ وَٱتَّقَىٰ فَإِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 3:76ئىش ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ، كىمكى ئەھدىگە ۋاپا قىلسا ۋە گۇناھتىن ساقلانسا، ئاللاھ (ئەنە شۇنداق) تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَشۡتَرُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَأَيۡمَٰنِهِمۡ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ لَا خَلَٰقَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيۡهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 3:77ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار خۇشال بولىدىغان) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَإِنَّ مِنۡهُمۡ لَفَرِيقٗا يَلۡوُۥنَ أَلۡسِنَتَهُم بِٱلۡكِتَٰبِ لِتَحۡسَبُوهُ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَمَا هُوَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَمَا هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 3:78ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤۡتِيَهُ ٱللَّهُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُواْ عِبَادٗا لِّي مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِن كُونُواْ رَبَّٰنِيِّـۧنَ بِمَا كُنتُمۡ تُعَلِّمُونَ ٱلۡكِتَٰبَ وَبِمَا كُنتُمۡ تَدۡرُسُونَ
Open ayah 3:79ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلغان بىر ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن (ئۇ ئىنسان): «سىلەر كىتاب (قۇرئان)نى ئۆگىنىش ۋە (باشقىلارغا) ئۆگىتىشىڭلار ئارقىلىق رەببانىي ئالىم بولۇڭلار» (دەيدۇ).
وَلَا يَأۡمُرَكُمۡ أَن تَتَّخِذُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ أَرۡبَابًاۚ أَيَأۡمُرُكُم بِٱلۡكُفۡرِ بَعۡدَ إِذۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 3:80شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى ئىلاھ قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن (پەيغەمبىرىڭلار) سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟
وَإِذۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ لَمَآ ءَاتَيۡتُكُم مِّن كِتَٰبٖ وَحِكۡمَةٖ ثُمَّ جَآءَكُمۡ رَسُولٞ مُّصَدِّقٞ لِّمَا مَعَكُمۡ لَتُؤۡمِنُنَّ بِهِۦ وَلَتَنصُرُنَّهُۥۚ قَالَ ءَأَقۡرَرۡتُمۡ وَأَخَذۡتُمۡ عَلَىٰ ذَٰلِكُمۡ إِصۡرِيۖ قَالُوٓاْ أَقۡرَرۡنَاۚ قَالَ فَٱشۡهَدُواْ وَأَنَا۠ مَعَكُم مِّنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
Open ayah 3:81ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن: «مەن سىلەرگە قانداقلا بىر كىتاب ۋە ھېكمەت ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنى تەستىقلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار ۋە چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دەپ چىن ئەھدە ئالغان ئىدى. ئاللاھ «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگەندە، ئۇلار: «قوبۇل قىلدۇق» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا، بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.
فَمَن تَوَلَّىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 3:82كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، مۇنداقلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققۇچىلاردۇر.
أَفَغَيۡرَ دِينِ ٱللَّهِ يَبۡغُونَ وَلَهُۥٓ أَسۡلَمَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ طَوۡعٗا وَكَرۡهٗا وَإِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ
Open ayah 3:83ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقان تۇرسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (شۇ چاغدا ھەركىمگە ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ).
قُلۡ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
Open ayah 3:84(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان (ۋەھيى)گە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان(ۋەھيى)گە، مۇساغا، ئىيساغا ۋە (بارلىق) پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن(ۋەھيى)گە ئىمان ئېيتتۇق، (ئىمان ئېيتىشتا) ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
وَمَن يَبۡتَغِ غَيۡرَ ٱلۡإِسۡلَٰمِ دِينٗا فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
Open ayah 3:85كىمكى ئىسلامدىن باشقا دىننى ئىزدەيدىكەن، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادەم ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.
كَيۡفَ يَهۡدِي ٱللَّهُ قَوۡمٗا كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ وَشَهِدُوٓاْ أَنَّ ٱلرَّسُولَ حَقّٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 3:86ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟! ئاللاھ (بۇنداق) زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُمۡ أَنَّ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةَ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 3:87ئەنە شۇلارنىڭ جازاسى ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشتۇر.
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
Open ayah 3:88ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئازاب ئۇلاردىن يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 3:89پەقەت (كۇفرىلىقتىن) كېيىن تەۋبە قىلغانلار ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّن تُقۡبَلَ تَوۡبَتُهُمۡ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلضَّآلُّونَ
Open ayah 3:90شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغان، ئاندىن كاپىرلىقتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغانلارنىڭ (سەكراتقا چۈشكەندە قىلغان) تەۋبىسى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار ئازغۇنلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٞ فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡ أَحَدِهِم مِّلۡءُ ٱلۡأَرۡضِ ذَهَبٗا وَلَوِ ٱفۡتَدَىٰ بِهِۦٓۗ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 3:91شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزى تولغۇدەك ئالتۇن فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار، ئۇلارغا ھىچبىر مەدەتكار چىقمايدۇ.
لَن تَنَالُواْ ٱلۡبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ
Open ayah 3:92سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
۞كُلُّ ٱلطَّعَامِ كَانَ حِلّٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسۡرَٰٓءِيلُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ مِن قَبۡلِ أَن تُنَزَّلَ ٱلتَّوۡرَىٰةُۚ قُلۡ فَأۡتُواْ بِٱلتَّوۡرَىٰةِ فَٱتۡلُوهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 3:93تەۋرات كېلىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (يەئقۇب ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».
فَمَنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 3:94شۇنىڭدىن كېيىن، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئەنە شۇلار (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
قُلۡ صَدَقَ ٱللَّهُۗ فَٱتَّبِعُواْ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 3:95ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 3:96شەكسىزكى، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (كەئبە) دۇر.
فِيهِ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ مَّقَامُ إِبۡرَٰهِيمَۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنٗاۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 3:97ئۇنىڭدا ئوپئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، مەسجىدى ھەرەمگە كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ كەئبىگە (كېلىپ) ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىمكى (بۇنى) ئىنكار قىلىدىكەن، (بىلىپ قويسۇنكى)، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر.
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 3:98(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا (سىلەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ)، نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟».
قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ تَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَأَنتُمۡ شُهَدَآءُۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 3:99ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىپ، ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ فَرِيقٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ يَرُدُّوكُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ كَٰفِرِينَ
Open ayah 3:100ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن قاسىبىر پىرقىغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى (ئۇنىڭدىن) قايتۇرۇپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ.
وَكَيۡفَ تَكۡفُرُونَ وَأَنتُمۡ تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ وَفِيكُمۡ رَسُولُهُۥۗ وَمَن يَعۡتَصِم بِٱللَّهِ فَقَدۡ هُدِيَ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 3:101سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان تۇرسا، سىلەر قانداقمۇ كاپىر بولۇپ كېتىسىلەر؟! كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 3:102ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار.
وَٱعۡتَصِمُواْ بِحَبۡلِ ٱللَّهِ جَمِيعٗا وَلَا تَفَرَّقُواْۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ كُنتُمۡ أَعۡدَآءٗ فَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم بِنِعۡمَتِهِۦٓ إِخۡوَٰنٗا وَكُنتُمۡ عَلَىٰ شَفَا حُفۡرَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنۡهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
Open ayah 3:103ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (دىنىغا) مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئۇنىڭ نېمىتى بىلەن سىلەر ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە (كۇفرى ئىچىدە) ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام بىلەن) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا شۇنداق بايان قىلىدۇ.
وَلۡتَكُن مِّنكُمۡ أُمَّةٞ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلۡخَيۡرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 3:104سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (كىشىلەرنى) خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَٱخۡتَلَفُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 3:105سىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
يَوۡمَ تَبۡيَضُّ وُجُوهٞ وَتَسۡوَدُّ وُجُوهٞۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡوَدَّتۡ وُجُوهُهُمۡ أَكَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
Open ayah 3:106بەزى يۈزلەر ئاقىرىپ كېتىدىغان، بەزى يۈزلەر قارىداپ كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱبۡيَضَّتۡ وُجُوهُهُمۡ فَفِي رَحۡمَةِ ٱللَّهِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 3:107يۈزى ئاقىرىپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى (بولغان جەننەت) دە بولىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ.
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۗ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلۡمٗا لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 3:108مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، (ئى پەيغەمبەر!) بىز ئۇنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئاللاھ ئالەملەرگە (يەنى ھېچكىمگە) زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
Open ayah 3:109ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
كُنتُمۡ خَيۡرَ أُمَّةٍ أُخۡرِجَتۡ لِلنَّاسِ تَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَتَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِۗ وَلَوۡ ءَامَنَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۚ مِّنۡهُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 3:110(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا (مۇكەممەل) ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى (دىندىن چىقىپ كەتكەن) پاسىقلاردۇر.
لَن يَضُرُّوكُمۡ إِلَّآ أَذٗىۖ وَإِن يُقَٰتِلُوكُمۡ يُوَلُّوكُمُ ٱلۡأَدۡبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ
Open ayah 3:111ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
ضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلذِّلَّةُ أَيۡنَ مَا ثُقِفُوٓاْ إِلَّا بِحَبۡلٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَحَبۡلٖ مِّنَ ٱلنَّاسِ وَبَآءُو بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَسۡكَنَةُۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ
Open ayah 3:112قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا مەھكۇم قىلىندى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى، موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. (يەنە) بۇ ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە (ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن) چەتنەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.
۞لَيۡسُواْ سَوَآءٗۗ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ أُمَّةٞ قَآئِمَةٞ يَتۡلُونَ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ وَهُمۡ يَسۡجُدُونَ
Open ayah 3:113ئەھلى كىتاب ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان، دىنغا مەھكەم بىر جامائە بار.
يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 3:114ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلاردا (بىر _ بىرى بىلەن) بەسلىشىدۇ، ئەنە شۇلار سالىھلاردىندۇر.
وَمَا يَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَلَن يُكۡفَرُوهُۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 3:115ئۇلار ھەرقانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ مۇكاپاتسىز قالمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 3:116شۈبھىسىزكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنىڭ پۇل _ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.
مَثَلُ مَا يُنفِقُونَ فِي هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَثَلِ رِيحٖ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتۡ حَرۡثَ قَوۡمٖ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَأَهۡلَكَتۡهُۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِنۡ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 3:117ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا سەرپ قىلغان نەرسىلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ سوغۇق بوران نابۇت قىلىۋەتكەن زىرائىتىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ بِطَانَةٗ مِّن دُونِكُمۡ لَا يَأۡلُونَكُمۡ خَبَالٗا وَدُّواْ مَا عَنِتُّمۡ قَدۡ بَدَتِ ٱلۡبَغۡضَآءُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَمَا تُخۡفِي صُدُورُهُمۡ أَكۡبَرُۚ قَدۡ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 3:118ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار، (بۇ ھەقتە) سىلەرگە نۇرغۇنلىغان دەلىل _ پاكىتلارنى بايان قىلدۇق.
هَٰٓأَنتُمۡ أُوْلَآءِ تُحِبُّونَهُمۡ وَلَا يُحِبُّونَكُمۡ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱلۡكِتَٰبِ كُلِّهِۦ وَإِذَا لَقُوكُمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ عَضُّواْ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَنَامِلَ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۚ قُلۡ مُوتُواْ بِغَيۡظِكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 3:119سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، سىلەر ھەممە (ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر. ئۇلار بولسا سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغان چاغدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلاردىن ئۆلۈڭلار!» شەكسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
إِن تَمۡسَسۡكُمۡ حَسَنَةٞ تَسُؤۡهُمۡ وَإِن تُصِبۡكُمۡ سَيِّئَةٞ يَفۡرَحُواْ بِهَاۖ وَإِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ لَا يَضُرُّكُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـًٔاۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ
Open ayah 3:120ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋالىق دائىرىسىدە ئىش كۆرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
وَإِذۡ غَدَوۡتَ مِنۡ أَهۡلِكَ تُبَوِّئُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ مَقَٰعِدَ لِلۡقِتَالِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
Open ayah 3:121(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن چىقىپ، (ئۇھۇدتا) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذۡ هَمَّت طَّآئِفَتَانِ مِنكُمۡ أَن تَفۡشَلَا وَٱللَّهُ وَلِيُّهُمَاۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 3:122ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئادەم مەدەتكارى ئاللاھ بولغان تۇرۇقلۇق، (ئۇرۇش مەيدانىدىن) چېكىنمەكچى بولغان ئىدى (ئەمما ئاللاھ ئۇلارنى چېكىنىشتىن ساقلىدى). مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ئاللاھقىلا ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭغا تايانسۇن!).
وَلَقَدۡ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ بِبَدۡرٖ وَأَنتُمۡ أَذِلَّةٞۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 3:123بەدرى غازىتىدا سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار ئاجىز بولسىمۇ، ئاللاھ سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى. شۇڭا، سىلەر شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار.
إِذۡ تَقُولُ لِلۡمُؤۡمِنِينَ أَلَن يَكۡفِيَكُمۡ أَن يُمِدَّكُمۡ رَبُّكُم بِثَلَٰثَةِ ءَالَٰفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُنزَلِينَ
Open ayah 3:124(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلەرگە: «رەببىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسىمۇ يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ.
بَلَىٰٓۚ إِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ وَيَأۡتُوكُم مِّن فَوۡرِهِمۡ هَٰذَا يُمۡدِدۡكُمۡ رَبُّكُم بِخَمۡسَةِ ءَالَٰفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُسَوِّمِينَ
Open ayah 3:125ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر چىدامچانلىق كۆرسەتسەڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، رەببىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشۡرَىٰ لَكُمۡ وَلِتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِۦۗ وَمَا ٱلنَّصۡرُ إِلَّا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
Open ayah 3:126ئاللاھ ئۇنى پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولۇشى ۋە دىلىڭلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ.
لِيَقۡطَعَ طَرَفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَوۡ يَكۡبِتَهُمۡ فَيَنقَلِبُواْ خَآئِبِينَ
Open ayah 3:127(ئاللاھ يەنە بۇنى) كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇپ قايتىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلدى).
لَيۡسَ لَكَ مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٌ أَوۡ يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡ أَوۡ يُعَذِّبَهُمۡ فَإِنَّهُمۡ ظَٰلِمُونَ
Open ayah 3:128(ئى پەيغەمبەر!) بۇ ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى يا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ ياكى ئۇلارنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن) ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار زالىملاردۇر.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 3:129ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُواْ ٱلرِّبَوٰٓاْ أَضۡعَٰفٗا مُّضَٰعَفَةٗۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
Open ayah 3:130ئى ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
وَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِيٓ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 3:131كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
Open ayah 3:132سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.
۞وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 3:133رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە (ئېرىشىشكە) ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە (كىرىشكە) بەسلىشىڭلار.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي ٱلسَّرَّآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَٱلۡكَٰظِمِينَ ٱلۡغَيۡظَ وَٱلۡعَافِينَ عَنِ ٱلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 3:134تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ (مۇشۇنداق) ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ إِذَا فَعَلُواْ فَٰحِشَةً أَوۡ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ ذَكَرُواْ ٱللَّهَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ لِذُنُوبِهِمۡ وَمَن يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ إِلَّا ٱللَّهُ وَلَمۡ يُصِرُّواْ عَلَىٰ مَا فَعَلُواْ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 3:135تەقۋادارلار بىرەر چوڭ گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قالسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرەلەيدۇ؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُم مَّغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَجَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
Open ayah 3:136ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!
قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِكُمۡ سُنَنٞ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 3:137سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى، شۇڭا سىلەر يەر يۈزىنى كېزىپ، (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار.
هَٰذَا بَيَانٞ لِّلنَّاسِ وَهُدٗى وَمَوۡعِظَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 3:138بۇ (قۇرئان) ئىنسانلارغا باياندۇر، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
وَلَا تَهِنُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَنتُمُ ٱلۡأَعۡلَوۡنَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:139(دۈشمىنىڭلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، (ئۇھۇد غازىتىدىكى مۇسىبەت ئۈچۈن) قايغۇرماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىسىلەر.
إِن يَمۡسَسۡكُمۡ قَرۡحٞ فَقَدۡ مَسَّ ٱلۡقَوۡمَ قَرۡحٞ مِّثۡلُهُۥۚ وَتِلۡكَ ٱلۡأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيۡنَ ٱلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَيَتَّخِذَ مِنكُمۡ شُهَدَآءَۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 3:140ئەگەر سىلەرگە (ئۇھۇد غازىتىدا) بىر تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى غازىتىدا) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ئىمان ئېيتقانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ۋە سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَلِيُمَحِّصَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَيَمۡحَقَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 3:141بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىشى ۋە كاپىرلانى ھالاك قىلىشى ئۈچۈندۇر.
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَيَعۡلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 3:142(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپالىرىغا) چىداملىق بولغۇچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماي تۇرۇپ، سىلەر جەننەتكە كىرىشىڭلارنى ئويلىغانمىدىڭلار؟
وَلَقَدۡ كُنتُمۡ تَمَنَّوۡنَ ٱلۡمَوۡتَ مِن قَبۡلِ أَن تَلۡقَوۡهُ فَقَدۡ رَأَيۡتُمُوهُ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
Open ayah 3:143سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئەمدى ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر.
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُۚ أَفَإِيْن مَّاتَ أَوۡ قُتِلَ ٱنقَلَبۡتُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡۚ وَمَن يَنقَلِبۡ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ فَلَن يَضُرَّ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ وَسَيَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلشَّٰكِرِينَ
Open ayah 3:144مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن. ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، سىلەر (ئىماندىن) يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى (ئىمانىدىن) يېنىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تَمُوتَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِ كِتَٰبٗا مُّؤَجَّلٗاۗ وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَن يُرِدۡ ثَوَابَ ٱلۡأٓخِرَةِ نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَاۚ وَسَنَجۡزِي ٱلشَّٰكِرِينَ
Open ayah 3:145ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ئۆلمەيدۇ، (ئاللاھ ھەربىر ئادەمنىڭ) ئەجىلىنى (ۋاقتى _ سائىتى بىلەن) پۈتۈۋەتكەن. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيا مەنپەئەتىدىن بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىدىن بېرىمىز. شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز.
وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيّٖ قَٰتَلَ مَعَهُۥ رِبِّيُّونَ كَثِيرٞ فَمَا وَهَنُواْ لِمَآ أَصَابَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَمَا ضَعُفُواْ وَمَا ٱسۡتَكَانُواْۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 3:146نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىۋەتكەن كىشىلەر بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەر ئالدىدا روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَمَا كَانَ قَوۡلَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسۡرَافَنَا فِيٓ أَمۡرِنَا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 3:147ئۇلار پەقەت: «ئى رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشلىرىمىزدا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى.
فَـَٔاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا وَحُسۡنَ ثَوَابِ ٱلۡأٓخِرَةِۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 3:148شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ (ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَرُدُّوكُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡ فَتَنقَلِبُواْ خَٰسِرِينَ
Open ayah 3:149ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى كۇفرىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتىپ قالىسىلەر.
بَلِ ٱللَّهُ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلنَّٰصِرِينَ
Open ayah 3:150(كاپىرلار سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلار ئەمەس) بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
سَنُلۡقِي فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلرُّعۡبَ بِمَآ أَشۡرَكُواْ بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗاۖ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 3:151كاپىرلار ئاللاھ (ئىلاھلىقىغا) ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، (كاپىرلىقنى تاللاپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) بۇ زالىملارنىڭ تۇرارجايى نېمىدېگەن يامان!
وَلَقَدۡ صَدَقَكُمُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥٓ إِذۡ تَحُسُّونَهُم بِإِذۡنِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَا فَشِلۡتُمۡ وَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَعَصَيۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ مَآ أَرَىٰكُم مَّا تُحِبُّونَۚ مِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلدُّنۡيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۚ ثُمَّ صَرَفَكُمۡ عَنۡهُمۡ لِيَبۡتَلِيَكُمۡۖ وَلَقَدۡ عَفَا عَنكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:152شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتقان چېغىڭلاردا، ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. ئاللاھ سىلەر ئارزۇلىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلىپ، (پەيغەمبەر ئوقچى قوشۇنغا قىلغان) بۇيرۇق توغرىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىشتىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار. بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلار بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
۞إِذۡ تُصۡعِدُونَ وَلَا تَلۡوُۥنَ عَلَىٰٓ أَحَدٖ وَٱلرَّسُولُ يَدۡعُوكُمۡ فِيٓ أُخۡرَىٰكُمۡ فَأَثَٰبَكُمۡ غَمَّۢا بِغَمّٖ لِّكَيۡلَا تَحۡزَنُواْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا مَآ أَصَٰبَكُمۡۗ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 3:153ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچكىمگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەنلەرگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنۢ بَعۡدِ ٱلۡغَمِّ أَمَنَةٗ نُّعَاسٗا يَغۡشَىٰ طَآئِفَةٗ مِّنكُمۡۖ وَطَآئِفَةٞ قَدۡ أَهَمَّتۡهُمۡ أَنفُسُهُمۡ يَظُنُّونَ بِٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ ظَنَّ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ مِن شَيۡءٖۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَمۡرَ كُلَّهُۥ لِلَّهِۗ يُخۡفُونَ فِيٓ أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبۡدُونَ لَكَۖ يَقُولُونَ لَوۡ كَانَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٞ مَّا قُتِلۡنَا هَٰهُنَاۗ قُل لَّوۡ كُنتُمۡ فِي بُيُوتِكُمۡ لَبَرَزَ ٱلَّذِينَ كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَتۡلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمۡۖ وَلِيَبۡتَلِيَ ٱللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمۡ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 3:154ئاندىن ئاشۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك چۈشۈردىكى، (بۇ خاتىرجەملىكتىن كەلگەن) مۈگدەك ھالىتى سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى مۇئمىنلەرنى) قاپلىۋالغان ئىدى. يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ قالغان ئىدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا قاراشتا بولدى. ئۇلار: «بىزگە ئۇرۇشقا چىقىشتا ئىختىيار بارمىدى؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزدە (ئۇرۇشقا چىقىشتا) ئازراق ئىختىيار بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا قالغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈلۈپ كەتكەنلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ مِنكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِ إِنَّمَا ٱسۡتَزَلَّهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِبَعۡضِ مَا كَسَبُواْۖ وَلَقَدۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٞ
Open ayah 3:155(ئۇھۇدتا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلاردىن ئىبارەت) ئىككى قوشۇن بىر _ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئاراڭلاردىكى جەڭدىن چېكىنگەن كىشىلەرنى بەزى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەيتان تېيىلدۇردى، ئاللاھ ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقَالُواْ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ إِذَا ضَرَبُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ كَانُواْ غُزّٗى لَّوۡ كَانُواْ عِندَنَا مَا مَاتُواْ وَمَا قُتِلُواْ لِيَجۡعَلَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ حَسۡرَةٗ فِي قُلُوبِهِمۡۗ وَٱللَّهُ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
Open ayah 3:156ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئۇلار يېنىمىزدا قالغان بولسا، ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېيىشكەن كاپىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ (بۇزۇق ئېتىقاد)نى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قاتتىق ھەسرەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالىدۇ). ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن قُتِلۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوۡ مُتُّمۡ لَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَحۡمَةٌ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
Open ayah 3:157شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ياخشىدۇر.
وَلَئِن مُّتُّمۡ أَوۡ قُتِلۡتُمۡ لَإِلَى ٱللَّهِ تُحۡشَرُونَ
Open ayah 3:158ئەگەر سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ ياكى ئۆلتۈرۈلسەڭلارمۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر.
فَبِمَا رَحۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ لِنتَ لَهُمۡۖ وَلَوۡ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ ٱلۡقَلۡبِ لَٱنفَضُّواْ مِنۡ حَوۡلِكَۖ فَٱعۡفُ عَنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ وَشَاوِرۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِۖ فَإِذَا عَزَمۡتَ فَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَوَكِّلِينَ
Open ayah 3:159(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِن يَنصُرۡكُمُ ٱللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمۡۖ وَإِن يَخۡذُلۡكُمۡ فَمَن ذَا ٱلَّذِي يَنصُرُكُم مِّنۢ بَعۡدِهِۦۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 3:160ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَغُلَّۚ وَمَن يَغۡلُلۡ يَأۡتِ بِمَا غَلَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 3:161ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمەلىنىڭ بەدىلى (مۇكاپاتى ياكى جازاسى) ئۇۋال قىلىنماستىن تولۇق بېرىلىدۇ.
أَفَمَنِ ٱتَّبَعَ رِضۡوَٰنَ ٱللَّهِ كَمَنۢ بَآءَ بِسَخَطٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأۡوَىٰهُ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 3:162ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ جەھەننەم نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
هُمۡ دَرَجَٰتٌ عِندَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 3:163ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ھەر خىل بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
لَقَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذۡ بَعَثَ فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡ أَنفُسِهِمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمۡ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلُ لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
Open ayah 3:164ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا كاتتا ئىنئام قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
أَوَلَمَّآ أَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةٞ قَدۡ أَصَبۡتُم مِّثۡلَيۡهَا قُلۡتُمۡ أَنَّىٰ هَٰذَاۖ قُلۡ هُوَ مِنۡ عِندِ أَنفُسِكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 3:165سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن بولدى». شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
وَمَآ أَصَٰبَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِ فَبِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَلِيَعۡلَمَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:166ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈندۇر.
وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ نَافَقُواْۚ وَقِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ قَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوِ ٱدۡفَعُواْۖ قَالُواْ لَوۡ نَعۡلَمُ قِتَالٗا لَّٱتَّبَعۡنَٰكُمۡۗ هُمۡ لِلۡكُفۡرِ يَوۡمَئِذٍ أَقۡرَبُ مِنۡهُمۡ لِلۡإِيمَٰنِۚ يَقُولُونَ بِأَفۡوَٰهِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يَكۡتُمُونَ
Open ayah 3:167بۇ يەنە مۇناپىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار» دېيىلگەندە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.
ٱلَّذِينَ قَالُواْ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ وَقَعَدُواْ لَوۡ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُواْۗ قُلۡ فَٱدۡرَءُواْ عَنۡ أَنفُسِكُمُ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 3:168ئۇ مۇناپىقلار (جىھادقا چىقماي ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ، (ئۇھۇدتا شېھىت بولغان) قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرگەن بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن توسۇپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!».
وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ قُتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتَۢاۚ بَلۡ أَحۡيَآءٌ عِندَ رَبِّهِمۡ يُرۡزَقُونَ
Open ayah 3:169ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھەرگىز ئۆلۈك دەپ قارىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنماقتىدۇر.
فَرِحِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ وَيَسۡتَبۡشِرُونَ بِٱلَّذِينَ لَمۡ يَلۡحَقُواْ بِهِم مِّنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 3:170ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن دائىم خۇشالدۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) ھېچبىر قورقۇنچ ۋە غەم _ قايغۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
۞يَسۡتَبۡشِرُونَ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:171ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزل _ كەرەمدىن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەجىرىنى ئاللاھنىڭ ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
ٱلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِ مِنۢ بَعۡدِ مَآ أَصَابَهُمُ ٱلۡقَرۡحُۚ لِلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ مِنۡهُمۡ وَٱتَّقَوۡاْ أَجۡرٌ عَظِيمٌ
Open ayah 3:172ئۇلار (ئۇھۇدتا) يارىلانغاندىن كېيىنمۇ، يەنە ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بار.
ٱلَّذِينَ قَالَ لَهُمُ ٱلنَّاسُ إِنَّ ٱلنَّاسَ قَدۡ جَمَعُواْ لَكُمۡ فَٱخۡشَوۡهُمۡ فَزَادَهُمۡ إِيمَٰنٗا وَقَالُواْ حَسۡبُنَا ٱللَّهُ وَنِعۡمَ ٱلۡوَكِيلُ
Open ayah 3:173ئۇلار (شۇنداق زاتلاركى، بىر قىسىم) كىشىلەر ئۇلارغا: «شەك _ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى.
فَٱنقَلَبُواْ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ لَّمۡ يَمۡسَسۡهُمۡ سُوٓءٞ وَٱتَّبَعُواْ رِضۡوَٰنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَظِيمٍ
Open ayah 3:174شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن (بەدرى غازىتىدىن) ھېچقانداق زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىماي قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.
إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ يُخَوِّفُ أَوۡلِيَآءَهُۥ فَلَا تَخَافُوهُمۡ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 3:175پەقەت ئاشۇ شەيتان [36] سىلەرنى ئۆز دوستلىرى (بولغان كاپىرلار) دىن قورقۇتىدۇ. ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىنلا قورقۇڭلار.
- بۇ يەردىكى شەيتاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ يەتكۈزگەن نۇئەيم ئىبنى مەسئۇد دېگەن كىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. («تەپسىرى جەلالەين شەرھى»1 _ توم،516 _ بەت) .
وَلَا يَحۡزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡكُفۡرِۚ إِنَّهُمۡ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۚ يُرِيدُ ٱللَّهُ أَلَّا يَجۡعَلَ لَهُمۡ حَظّٗا فِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٌ
Open ayah 3:176(ئى پەيغەمبەر!) كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، شەكسىزكى، ئۇلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡكُفۡرَ بِٱلۡإِيمَٰنِ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 3:177ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ خَيۡرٞ لِّأَنفُسِهِمۡۚ إِنَّمَا نُمۡلِي لَهُمۡ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِثۡمٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 3:178كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار ئۆزلىرىگە مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا پەقەت گۇناھلىرىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈنلا مۆھلەت بېرىمىز. ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُطۡلِعَكُمۡ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَجۡتَبِي مِن رُّسُلِهِۦ مَن يَشَآءُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ وَإِن تُؤۡمِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَلَكُمۡ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
Open ayah 3:179ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىماي تۇرۇپ، سىلەر مۇئمىنلەرنى ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالىتىڭلارچە تاشلاپ قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيىبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللايدۇ (ئاندىن ئۇنىڭغا بەزى غەيىبلەرنى بىلدۈرىدۇ). شۇڭا، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋالىق قىلساڭلار سىلەرگە كاتتا ئەجىر بار.
وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ هُوَ خَيۡرٗا لَّهُمۖ بَلۡ هُوَ شَرّٞ لَّهُمۡۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُواْ بِهِۦ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 3:180ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەكسىچە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
لَّقَدۡ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوۡلَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ فَقِيرٞ وَنَحۡنُ أَغۡنِيَآءُۘ سَنَكۡتُبُ مَا قَالُواْ وَقَتۡلَهُمُ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَنَقُولُ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
Open ayah 3:181«شەكسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ (بارلىق) سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ۋە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!» دەيمىز.
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّامٖ لِّلۡعَبِيدِ
Open ayah 3:182مانا بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بولدى. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەستۇر.
ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ عَهِدَ إِلَيۡنَآ أَلَّا نُؤۡمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأۡتِيَنَا بِقُرۡبَانٖ تَأۡكُلُهُ ٱلنَّارُۗ قُلۡ قَدۡ جَآءَكُمۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِي بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَبِٱلَّذِي قُلۡتُمۡ فَلِمَ قَتَلۡتُمُوهُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 3:183ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قۇربانلىقىنى (ئۇنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ) بىر ئوت كېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمىگۈچە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپىلىغان» دېدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى؛ ئەگەر سىلەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟».
فَإِن كَذَّبُوكَ فَقَدۡ كُذِّبَ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ جَآءُو بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُنِيرِ
Open ayah 3:184(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن، چۈنكى) سەندىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى.
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوۡنَ أُجُورَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ فَمَن زُحۡزِحَ عَنِ ٱلنَّارِ وَأُدۡخِلَ ٱلۡجَنَّةَ فَقَدۡ فَازَۗ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ
Open ayah 3:185ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجىرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنىپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەت ئالدايدىغان مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
۞لَتُبۡلَوُنَّ فِيٓ أَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡ وَلَتَسۡمَعُنَّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ أَذٗى كَثِيرٗاۚ وَإِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ
Open ayah 3:186سىلەر مال _ مۈلۈكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر. ئەگەر (بۇلارنىڭ ھەممىسىگە) سەۋر قىلساڭلار، (گۇناھتىن) ساقلانساڭلار، مانا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
وَإِذۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَتُبَيِّنُنَّهُۥ لِلنَّاسِ وَلَا تَكۡتُمُونَهُۥ فَنَبَذُوهُ وَرَآءَ ظُهُورِهِمۡ وَٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلٗاۖ فَبِئۡسَ مَا يَشۡتَرُونَ
Open ayah 3:187ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن «كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىسىلەر ۋە يوشۇرمايسىلەر» دەپ ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
لَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡرَحُونَ بِمَآ أَتَواْ وَّيُحِبُّونَ أَن يُحۡمَدُواْ بِمَا لَمۡ يَفۡعَلُواْ فَلَا تَحۡسَبَنَّهُم بِمَفَازَةٖ مِّنَ ٱلۡعَذَابِۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 3:188(ئى پەيغەمبەر!) ئۆزلىرىنىڭ (يامان) قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ، دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 3:189ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
Open ayah 3:190شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوپئوچۇق دەلىللەر بار.
ٱلَّذِينَ يَذۡكُرُونَ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمۡ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبَّنَا مَا خَلَقۡتَ هَٰذَا بَٰطِلٗا سُبۡحَٰنَكَ فَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
Open ayah 3:191ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ (ۋە مۇنداق دەيدۇ:) «ئى رەببىمىز! سەن بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. (ھېكمەتسىز ئىش قىلىشتىن) ئەلۋەتتە پاكتۇرسەن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
رَبَّنَآ إِنَّكَ مَن تُدۡخِلِ ٱلنَّارَ فَقَدۡ أَخۡزَيۡتَهُۥۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ
Open ayah 3:192ئى رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ئۇنى ئەلۋەتتە رەسۋا قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ.
رَّبَّنَآ إِنَّنَا سَمِعۡنَا مُنَادِيٗا يُنَادِي لِلۡإِيمَٰنِ أَنۡ ءَامِنُواْ بِرَبِّكُمۡ فَـَٔامَنَّاۚ رَبَّنَا فَٱغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرۡ عَنَّا سَيِّـَٔاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ ٱلۡأَبۡرَارِ
Open ayah 3:193ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن.
رَبَّنَا وَءَاتِنَا مَا وَعَدتَّنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخۡزِنَا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ إِنَّكَ لَا تُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ
Open ayah 3:194ئى رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغانلىرىڭنى بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن».
فَٱسۡتَجَابَ لَهُمۡ رَبُّهُمۡ أَنِّي لَآ أُضِيعُ عَمَلَ عَٰمِلٖ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰۖ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۖ فَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ وَأُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَأُوذُواْ فِي سَبِيلِي وَقَٰتَلُواْ وَقُتِلُواْ لَأُكَفِّرَنَّ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَأُدۡخِلَنَّهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ ثَوَابٗا مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسۡنُ ٱلثَّوَابِ
Open ayah 3:195رەببى ئۇلار(نىڭ دۇئالىرى)نى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى، مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر (دىنىي قېرىنداشلىقتا ۋە ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابىنى كۆرۈشتە) ھەممىڭلار باراۋەرسىلەر. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغان، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئەزىيەت چەككەن، جىھاد قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر. مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.
لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ
Open ayah 3:196(ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنىڭ (موللۇق ئىچىدە) شەھەرمۇ _ شەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.
مَتَٰعٞ قَلِيلٞ ثُمَّ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
Open ayah 3:197بۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان ئورۇن!
لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا نُزُلٗا مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۗ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لِّلۡأَبۡرَارِ
Open ayah 3:198ئەمما رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەر ياخشىلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر.
وَإِنَّ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَمَن يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِمۡ خَٰشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشۡتَرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
Open ayah 3:199ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان (تەۋرات بىلەن ئىنجىل قاتارلىق كىتابلار)غا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بار؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەيدۇ. ئەنە شۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپات بار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱصۡبِرُواْ وَصَابِرُواْ وَرَابِطُواْ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
Open ayah 3:200ئى ئىمان ئېيتقانلار! مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمىنىڭلاردىن) بەكرەك چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.