النساء
An-Nisaa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَخَلَقَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَبَثَّ مِنۡهُمَا رِجَالٗا كَثِيرٗا وَنِسَآءٗۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِي تَسَآءَلُونَ بِهِۦ وَٱلۡأَرۡحَامَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَيۡكُمۡ رَقِيبٗا
Open ayah 4:1ئى ئىنسانلار! سىلەرنى (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) بىر ئىنساندىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتى (ھەۋۋا)نى ياراتقان ۋە بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى (يارىتىپ، زېمىنغا) تارقاتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامىنى شېپى كەلتۈرىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. شەك _ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَءَاتُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰٓ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَتَبَدَّلُواْ ٱلۡخَبِيثَ بِٱلطَّيِّبِۖ وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَهُمۡ إِلَىٰٓ أَمۡوَٰلِكُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حُوبٗا كَبِيرٗا
Open ayah 4:2يېتىملەرنىڭ مال - مۈلۈكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندە) بېرىڭلار، ياخشىسىنى ناچارغا تىگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال _ مۈلۈكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال _ مۈلۈكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. چۈنكى، بۇ چوڭ گۇناھتۇر.
وَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تُقۡسِطُواْ فِي ٱلۡيَتَٰمَىٰ فَٱنكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ مَثۡنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تَعۡدِلُواْ فَوَٰحِدَةً أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَعُولُواْ
Open ayah 4:3ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادالەتلىك بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىڭلار، (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادالەتلىك بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر.
وَءَاتُواْ ٱلنِّسَآءَ صَدُقَٰتِهِنَّ نِحۡلَةٗۚ فَإِن طِبۡنَ لَكُمۡ عَن شَيۡءٖ مِّنۡهُ نَفۡسٗا فَكُلُوهُ هَنِيٓـٔٗا مَّرِيٓـٔٗا
Open ayah 4:4ئاياللارغا ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى (ئۆز رازىلىقى بىلەن) سىلەرگە ئۆتۈنسە، سىلەر ئۇنى مەمنۇنلۇق بىلەن بىمالال ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
وَلَا تُؤۡتُواْ ٱلسُّفَهَآءَ أَمۡوَٰلَكُمُ ٱلَّتِي جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمۡ قِيَٰمٗا وَٱرۡزُقُوهُمۡ فِيهَا وَٱكۡسُوهُمۡ وَقُولُواْ لَهُمۡ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
Open ayah 4:5ئاللاھ سىلەرگە تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسى قىلىپ بەرگەن پۇل _ مېلىڭلارنى (يەنى مەسئۇلىيىتىڭلار ئاستىدا بولغانلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) گالۋاڭلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇ پۇل _ ماللاردىن ئۇلارنى يېمەك _ ئىچمەك، كىيىم _ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار ۋە ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.
وَٱبۡتَلُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغُواْ ٱلنِّكَاحَ فَإِنۡ ءَانَسۡتُم مِّنۡهُمۡ رُشۡدٗا فَٱدۡفَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَأۡكُلُوهَآ إِسۡرَافٗا وَبِدَارًا أَن يَكۡبَرُواْۚ وَمَن كَانَ غَنِيّٗا فَلۡيَسۡتَعۡفِفۡۖ وَمَن كَانَ فَقِيرٗا فَلۡيَأۡكُلۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِذَا دَفَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡ فَأَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبٗا
Open ayah 4:6يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ (ئەقىل-ئىدراكتا) يېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا پۇل _ مېلىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مال _ مۈلۈكىنى بۇزۇپ _ چېچىپ، ئالدىراپ يەۋالماڭلار. كىمكى باي بولسا (يېتىمنى باققانلىق باھانىسى بىلەن) ئۇنىڭ مال _ مۈلۈكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، سىلەر يېتىملەرنىڭ مال _ مۈلۈكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار، ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر.
لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنۡهُ أَوۡ كَثُرَۚ نَصِيبٗا مَّفۡرُوضٗا
Open ayah 4:7ئاتا _ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا _ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (مىراس) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەر ئادەم (شەرىئەتتە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ.
وَإِذَا حَضَرَ ٱلۡقِسۡمَةَ أُوْلُواْ ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينُ فَٱرۡزُقُوهُم مِّنۡهُ وَقُولُواْ لَهُمۡ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
Open ayah 4:8تەقسىمات ۋاقتىدا (مىراستا ھەققى يوق) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە يوقسۇللار ھازىر بولسا، ئۇلارغىمۇ بۇ مىراستىن (ئاز _ تولا) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.
وَلۡيَخۡشَ ٱلَّذِينَ لَوۡ تَرَكُواْ مِنۡ خَلۡفِهِمۡ ذُرِّيَّةٗ ضِعَٰفًا خَافُواْ عَلَيۡهِمۡ فَلۡيَتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلۡيَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدًا
Open ayah 4:9ئارقىسىدا چارىسىز نارىسىدىلىرىنى قويۇپ كەتكەن تەقدىردە، ئۇلار ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغانلار، (باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان بالىلىرى ئۈچۈنمۇ) ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا گەپ قىلسۇن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلۡيَتَٰمَىٰ ظُلۡمًا إِنَّمَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ نَارٗاۖ وَسَيَصۡلَوۡنَ سَعِيرٗا
Open ayah 4:10يېتىملەرنىڭ مال _ مۈلۈكىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (يېنىپ تۇرغان) ئوتنى يېۋالغان بولىدۇ. ئۇلار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ.
يُوصِيكُمُ ٱللَّهُ فِيٓ أَوۡلَٰدِكُمۡۖ لِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۚ فَإِن كُنَّ نِسَآءٗ فَوۡقَ ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَۖ وَإِن كَانَتۡ وَٰحِدَةٗ فَلَهَا ٱلنِّصۡفُۚ وَلِأَبَوَيۡهِ لِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُۥ وَلَدٞۚ فَإِن لَّمۡ يَكُن لَّهُۥ وَلَدٞ وَوَرِثَهُۥٓ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ ٱلثُّلُثُۚ فَإِن كَانَ لَهُۥٓ إِخۡوَةٞ فَلِأُمِّهِ ٱلسُّدُسُۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصِي بِهَآ أَوۡ دَيۡنٍۗ ءَابَآؤُكُمۡ وَأَبۡنَآؤُكُمۡ لَا تَدۡرُونَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ لَكُمۡ نَفۡعٗاۚ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:11ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا _ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىلەر ئاتا _ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
۞وَلَكُمۡ نِصۡفُ مَا تَرَكَ أَزۡوَٰجُكُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٞ فَلَكُمُ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡنَۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصِينَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۚ وَلَهُنَّ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡتُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّكُمۡ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَكُمۡ وَلَدٞ فَلَهُنَّ ٱلثُّمُنُ مِمَّا تَرَكۡتُمۚ مِّنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ تُوصُونَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۗ وَإِن كَانَ رَجُلٞ يُورَثُ كَلَٰلَةً أَوِ ٱمۡرَأَةٞ وَلَهُۥٓ أَخٌ أَوۡ أُخۡتٞ فَلِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُۚ فَإِن كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِن ذَٰلِكَ فَهُمۡ شُرَكَآءُ فِي ٱلثُّلُثِۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصَىٰ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٍ غَيۡرَ مُضَآرّٖۚ وَصِيَّةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٞ
Open ayah 4:12ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىسى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى (ئى ئەرلەر!) سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىسى بولسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالاڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالاڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتىسى يوق، بالىسىمۇ يوق ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (ئانا بىر ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ) ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيەدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 4:13ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُۥ يُدۡخِلۡهُ نَارًا خَٰلِدٗا فِيهَا وَلَهُۥ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 4:14كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭغا خارلىغۇچى ئازاب باردۇر.
وَٱلَّٰتِي يَأۡتِينَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مِن نِّسَآئِكُمۡ فَٱسۡتَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِنَّ أَرۡبَعَةٗ مِّنكُمۡۖ فَإِن شَهِدُواْ فَأَمۡسِكُوهُنَّ فِي ٱلۡبُيُوتِ حَتَّىٰ يَتَوَفَّىٰهُنَّ ٱلۡمَوۡتُ أَوۡ يَجۡعَلَ ٱللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلٗا
Open ayah 4:15ئاياللىرىڭلار ئىچىدە پاھىشە قىلغانلار كۆرۈلسە، (بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە، تاكى ئۇ ئاياللار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇپ تۇرۇڭلار.
وَٱلَّذَانِ يَأۡتِيَٰنِهَا مِنكُمۡ فَـَٔاذُوهُمَاۖ فَإِن تَابَا وَأَصۡلَحَا فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ تَوَّابٗا رَّحِيمًا
Open ayah 4:16ئىچىڭلاردىن پاھىشە قىلغان ھەر ئىككى كىشىنى جازالاڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار[37]. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
- بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ھۆكۈم بولۇپ، «نۇر» سۈرىسىنىڭ 2 _ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن، بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
إِنَّمَا ٱلتَّوۡبَةُ عَلَى ٱللَّهِ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٖ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:17ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە پەقەت گۇناھ مەئسىيەتلەرنى نادانلىقتىن قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر، ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلَيۡسَتِ ٱلتَّوۡبَةُ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ حَتَّىٰٓ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ إِنِّي تُبۡتُ ٱلۡـَٰٔنَ وَلَا ٱلَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمۡ كُفَّارٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 4:18داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا بىز قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَرِثُواْ ٱلنِّسَآءَ كَرۡهٗاۖ وَلَا تَعۡضُلُوهُنَّ لِتَذۡهَبُواْ بِبَعۡضِ مَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِن كَرِهۡتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡـٔٗا وَيَجۡعَلَ ٱللَّهُ فِيهِ خَيۡرٗا كَثِيرٗا
Open ayah 4:19ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئورنىدا قىلىۋېلىشىڭلار سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق قەبىھ ئىشنى قىلمىغانلا بولسا، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
وَإِنۡ أَرَدتُّمُ ٱسۡتِبۡدَالَ زَوۡجٖ مَّكَانَ زَوۡجٖ وَءَاتَيۡتُمۡ إِحۡدَىٰهُنَّ قِنطَارٗا فَلَا تَأۡخُذُواْ مِنۡهُ شَيۡـًٔاۚ أَتَأۡخُذُونَهُۥ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:20ئەگەر سىلەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، (قويۇۋەتمەكچى بولغان) خوتۇنغا كۆپ تويلۇق بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوپئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئېلىۋالامسىلەر؟!
وَكَيۡفَ تَأۡخُذُونَهُۥ وَقَدۡ أَفۡضَىٰ بَعۡضُكُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ وَأَخَذۡنَ مِنكُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
Open ayah 4:21ئۆزئارا بىر يەردە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئۇ خوتۇن سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟!
وَلَا تَنكِحُواْ مَا نَكَحَ ءَابَآؤُكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۚ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَمَقۡتٗا وَسَآءَ سَبِيلًا
Open ayah 4:22ئاتىلىرىڭلار ئالغان خوتۇنلارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ سالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، چۈنكى بۇ تولىمۇ قەبىھ ئىشتۇر، سەسكىنىشلىك قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت!
حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمۡ أُمَّهَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُمۡ وَعَمَّٰتُكُمۡ وَخَٰلَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُ ٱلۡأَخِ وَبَنَاتُ ٱلۡأُخۡتِ وَأُمَّهَٰتُكُمُ ٱلَّٰتِيٓ أَرۡضَعۡنَكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُم مِّنَ ٱلرَّضَٰعَةِ وَأُمَّهَٰتُ نِسَآئِكُمۡ وَرَبَٰٓئِبُكُمُ ٱلَّٰتِي فِي حُجُورِكُم مِّن نِّسَآئِكُمُ ٱلَّٰتِي دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمۡ تَكُونُواْ دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ وَحَلَٰٓئِلُ أَبۡنَآئِكُمُ ٱلَّذِينَ مِنۡ أَصۡلَٰبِكُمۡ وَأَن تَجۡمَعُواْ بَيۡنَ ٱلۡأُخۡتَيۡنِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:23سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئىنىكئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر تۆشەكتە بولغان خوتۇنلىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا (ياكى باشقا ئۆيلەردە) ئۆسكەن قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن (نىكاھلىنىپ تېخى) بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇ قىزلارنى ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، يەنە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئاچا _ سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قىلمىشلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
۞وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۖ كِتَٰبَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡۚ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَآءَ ذَٰلِكُمۡ أَن تَبۡتَغُواْ بِأَمۡوَٰلِكُم مُّحۡصِنِينَ غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَۚ فَمَا ٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهِۦ مِنۡهُنَّ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا تَرَٰضَيۡتُم بِهِۦ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡفَرِيضَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:24ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت (ئولجا ئارقىلىق) قولۇڭلارغا ئۆتكەن ئېرى بار ئاياللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەلگىلىگەن ھۆكمىدۇر. بۇلاردىن باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغان ھالىتىڭلاردا، مال _ مۈلۈكۈڭلاردىن مەھرىنى بېرىپ، نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. ئاياللاردىن قايسىنى نىكاھلاپ ئېلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا (نىكاھتا) بېكىتىلگەن مەھرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەھرى توغرىسىدا ئۆز ئارا پۈتۈشكەن بولساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ مِنكُمۡ طَوۡلًا أَن يَنكِحَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ فَمِن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن فَتَيَٰتِكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِكُمۚ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ فَٱنكِحُوهُنَّ بِإِذۡنِ أَهۡلِهِنَّ وَءَاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِ مُحۡصَنَٰتٍ غَيۡرَ مُسَٰفِحَٰتٖ وَلَا مُتَّخِذَٰتِ أَخۡدَانٖۚ فَإِذَآ أُحۡصِنَّ فَإِنۡ أَتَيۡنَ بِفَٰحِشَةٖ فَعَلَيۡهِنَّ نِصۡفُ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ مِنَ ٱلۡعَذَابِۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ ٱلۡعَنَتَ مِنكُمۡۚ وَأَن تَصۡبِرُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 4:25سىلەردىن ھۆر مۇئمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن چۆرىلىرىڭلاردىن ئالسۇن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. سىلەر بىر _ بىرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك ياشايدىغان، ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان بولۇشى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى قائىدە بويىچە بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ. بۇ (چۆرىلەرنى ئېلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈم) ئاراڭلاردىكى زىنا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەرگە خاستۇر. (چۆرىلەرنى ئالماي) سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمۡ وَيَهۡدِيَكُمۡ سُنَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَيَتُوبَ عَلَيۡكُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 4:26ئاللاھ سىلەرگە (بىلمىگەنلىرىڭلارنى) ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقى (ياخشى) لارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىشىنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡكُمۡ وَيُرِيدُ ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلشَّهَوَٰتِ أَن تَمِيلُواْ مَيۡلًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:27ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھاۋايى _ ھەۋەسكە ئەگىشىدىغانلار بولسا سىلەرنىڭ توغرا يولدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ.
يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمۡۚ وَخُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ ضَعِيفٗا
Open ayah 4:28ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. (چۈنكى) ئىنسان ئاجىز يارىتىلغان.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً عَن تَرَاضٖ مِّنكُمۡۚ وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا
Open ayah 4:29ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ مال _ مۈلۈكىنى ھارام يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ عُدۡوَٰنٗا وَظُلۡمٗا فَسَوۡفَ نُصۡلِيهِ نَارٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
Open ayah 4:30كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ (چەكلەنگەن) ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
إِن تَجۡتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنۡهَوۡنَ عَنۡهُ نُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَنُدۡخِلۡكُم مُّدۡخَلٗا كَرِيمٗا
Open ayah 4:31ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى (جەننەتتىن ئىبارەت) ئېسىل ماكانغا كىرگۈزىمىز.
وَلَا تَتَمَنَّوۡاْ مَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بِهِۦ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبُواْۖ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبۡنَۚ وَسۡـَٔلُواْ ٱللَّهَ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
Open ayah 4:32(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى (ھەسەت قىلىپ) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
وَلِكُلّٖ جَعَلۡنَا مَوَٰلِيَ مِمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَۚ وَٱلَّذِينَ عَقَدَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَـَٔاتُوهُمۡ نَصِيبَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا
Open ayah 4:33ئاتا _ ئانىلار ۋە تۇغقانلار قالدۇرۇپ كەتكەن ھەربىر مىراسقا ۋارىسلارنى تەيىنلىدۇق. سىلەر بىلەن (ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ۋارىس بولۇشقا) قەسەم قىلىشقان [38] كىشىلەرگە نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
- بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ھۆكۈم بولۇپ، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 75_ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ فَٱلصَّٰلِحَٰتُ قَٰنِتَٰتٌ حَٰفِظَٰتٞ لِّلۡغَيۡبِ بِمَا حَفِظَ ٱللَّهُۚ وَٱلَّٰتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَٱهۡجُرُوهُنَّ فِي ٱلۡمَضَاجِعِ وَٱضۡرِبُوهُنَّۖ فَإِنۡ أَطَعۡنَكُمۡ فَلَا تَبۡغُواْ عَلَيۡهِنَّ سَبِيلًاۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيّٗا كَبِيرٗا
Open ayah 4:34ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل _ ماللىرىدىن (ئۇلارغا) سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ياخشى ئاياللار ئىتائەتمەن، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن (ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى) ساقلايدىغان ئاياللاردۇر. ئۆزۈڭلارغا بوي ئەگمەسلىكىدىن (ئىبارەت) سىلەر ئەنسىرەيدىغان (ئىش كۆرۈلگەن) ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى (ئەدەپلەش ئۈچۈن يەڭگىل) ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.
وَإِنۡ خِفۡتُمۡ شِقَاقَ بَيۡنِهِمَا فَٱبۡعَثُواْ حَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهِۦ وَحَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن يُرِيدَآ إِصۡلَٰحٗا يُوَفِّقِ ٱللَّهُ بَيۡنَهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرٗا
Open ayah 4:35ئەگەر ئەر _ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىسەڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ئادىل كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ئادىل كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئەگەر بۇ ئىككى كىشى ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر _ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
۞وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡـٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا وَبِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡجَارِ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡجَارِ ٱلۡجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلۡجَنۢبِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخۡتَالٗا فَخُورًا
Open ayah 4:36ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا _ ئاناڭلارغا، يېقىن _ تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، (سەپەرداش، ساۋاقداش قاتارلىق) ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل _ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاق ئادەمنى ياقتۇرمايدۇ.
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِ وَيَكۡتُمُونَ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
Open ayah 4:37ئۇلار (پۇل – مالغا) بېخىللىق قىلىدىغان، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدىغان، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەنلىرىنى يوشۇرىدىغانلاردۇر. بىز (بۇنداق) كاپىرلار ئۈچۈن خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق.
وَٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۗ وَمَن يَكُنِ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَهُۥ قَرِينٗا فَسَآءَ قَرِينٗا
Open ayah 4:38ئۇلار پۇل _ ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلاردۇر. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى دوست قىلىۋالىدىكەن، شەيتان نېمىدېگەن يامان دوست!
وَمَاذَا عَلَيۡهِمۡ لَوۡ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِهِمۡ عَلِيمًا
Open ayah 4:39ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن (پۇل _ مال)نىڭ بىر قىسمىنى (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖۖ وَإِن تَكُ حَسَنَةٗ يُضَٰعِفۡهَا وَيُؤۡتِ مِن لَّدُنۡهُ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:40شەكسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىكمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچىلىك ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، (ئۇنىڭغا) ئۆز دەرگاھىدىن كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ.
فَكَيۡفَ إِذَا جِئۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةِۭ بِشَهِيدٖ وَجِئۡنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ شَهِيدٗا
Open ayah 4:41(ئى پەيغەمبەر!) بىز ھەربىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
يَوۡمَئِذٖ يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَعَصَوُاْ ٱلرَّسُولَ لَوۡ تُسَوَّىٰ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضُ وَلَا يَكۡتُمُونَ ٱللَّهَ حَدِيثٗا
Open ayah 4:42كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە، ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقۡرَبُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنتُمۡ سُكَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَعۡلَمُواْ مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغۡتَسِلُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
Open ayah 4:43ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مەست بولۇپ قالغاندا نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگۈدەك بولغۇچە[39]، جۇنۇب بولۇپ قالغاندا غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا (ۋە مەسجىدكە) يېقىنلاشماڭلار، (مەسجىدنىڭ ھويلىسىدىن) ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەگەر (سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان دەرىجىدە) كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئايالىڭلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
- بۇ ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈم.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يَشۡتَرُونَ ٱلضَّلَٰلَةَ وَيُرِيدُونَ أَن تَضِلُّواْ ٱلسَّبِيلَ
Open ayah 4:44(ئى پەيغەمبەر!) كىتابتىن ئىلىم بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالىدۇ ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ.
وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِأَعۡدَآئِكُمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَلِيّٗا وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ نَصِيرٗا
Open ayah 4:45ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى قوغداشقا ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَيَقُولُونَ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَٱسۡمَعۡ غَيۡرَ مُسۡمَعٖ وَرَٰعِنَا لَيَّۢا بِأَلۡسِنَتِهِمۡ وَطَعۡنٗا فِي ٱلدِّينِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَا وَٱسۡمَعۡ وَٱنظُرۡنَا لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَقۡوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 4:46يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بويسۇنمىدۇق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىغىن، ئاڭلىماس بولۇپ كېتەرسەن!» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، «رائىنا» دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى _ بۈگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقىدەك گەپ قىلماي) «ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، «قۇلاق سال»، «ئۇنزۇرنا»[40] دېگەن بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى، تولىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلىقى سەۋەبلىك رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتكە) بەكمۇ ئاز ئىشىنىدۇ.
- بەقەرە سۈرىسىنىڭ 104 _ ئايىتىدە ئىزاھ بېرىلدى.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ ءَامِنُواْ بِمَا نَزَّلۡنَا مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُم مِّن قَبۡلِ أَن نَّطۡمِسَ وُجُوهٗا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰٓ أَدۡبَارِهَآ أَوۡ نَلۡعَنَهُمۡ كَمَا لَعَنَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلسَّبۡتِۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ مَفۡعُولًا
Open ayah 4:47ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ[41] ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، بىز ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىن ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەن.
- بۇ ئايەت كاپىرلارنىڭ ئارزۇ _ ئارمانلىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقىسىغا چېكىندۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ.
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا
Open ayah 4:48ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەنلىكنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغان بولىدۇ.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنفُسَهُمۚ بَلِ ٱللَّهُ يُزَكِّي مَن يَشَآءُ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلًا
Open ayah 4:49ئۆزلىرىنى ئاقلايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىش ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ.
ٱنظُرۡ كَيۡفَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَكَفَىٰ بِهِۦٓ إِثۡمٗا مُّبِينًا
Open ayah 4:50ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن قانداق يالغاننى توقۇۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡجِبۡتِ وَٱلطَّٰغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ هَٰٓؤُلَآءِ أَهۡدَىٰ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ سَبِيلًا
Open ayah 4:51كىتاب (تەۋرات)تىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سېھىرنى ۋە تاغۇتنى[42] تەستىقلايدۇ، ئۇلار مۇشرىكلار ئۈچۈن «ئاشۇلارنىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن بەكرەك توغرىدۇر» دەيدۇ.
- بۇ ئايەتتىكى تاغۇتتىن ھۇيەي ئىبنى ئەختەب ۋە كەئب ئىبنى ئەشرەف ئىسىملىك ئىككى نەپەر يەھۇدىي كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُۖ وَمَن يَلۡعَنِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ نَصِيرًا
Open ayah 4:52ئەنە شۇلار ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلسا، ئۇنىڭغا ھېچبىر ياردەم قىلغۇچى تاپالمايسەن.
أَمۡ لَهُمۡ نَصِيبٞ مِّنَ ٱلۡمُلۡكِ فَإِذٗا لَّا يُؤۡتُونَ ٱلنَّاسَ نَقِيرًا
Open ayah 4:53ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى.
أَمۡ يَحۡسُدُونَ ٱلنَّاسَ عَلَىٰ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۖ فَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ ءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَءَاتَيۡنَٰهُم مُّلۡكًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:54ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئائىلىسىگە كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق.
فَمِنۡهُم مَّنۡ ءَامَنَ بِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن صَدَّ عَنۡهُۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا
Open ayah 4:55ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار)نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار. (يۈز ئۆرۈگەنلەرگە) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَوۡفَ نُصۡلِيهِمۡ نَارٗا كُلَّمَا نَضِجَتۡ جُلُودُهُم بَدَّلۡنَٰهُمۡ جُلُودًا غَيۡرَهَا لِيَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:56شەكسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى يېقىندا دوزاخقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىشى ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەپ تۇرىمىز. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ لَّهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَنُدۡخِلُهُمۡ ظِلّٗا ظَلِيلًا
Open ayah 4:57ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ قويۇق سايىسىگە داخىل قىلىمىز.
۞إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا
Open ayah 4:58شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادالەتلىك ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نېمىدېگەن ياخشى ئۈگۈتلەرنى بېرىدۇ! شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلًا
Open ayah 4:59ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، _ سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، _ بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ گۈزەلدۇر.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يَزۡعُمُونَ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ يُرِيدُونَ أَن يَتَحَاكَمُوٓاْ إِلَى ٱلطَّٰغُوتِ وَقَدۡ أُمِرُوٓاْ أَن يَكۡفُرُواْ بِهِۦۖ وَيُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُضِلَّهُمۡ ضَلَٰلَۢا بَعِيدٗا
Open ayah 4:60(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان (مۇناپىق)لارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەرزىنى ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ. شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ رَأَيۡتَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ يَصُدُّونَ عَنكَ صُدُودٗا
Open ayah 4:61مۇناپىقلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
فَكَيۡفَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ ثُمَّ جَآءُوكَ يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنۡ أَرَدۡنَآ إِلَّآ إِحۡسَٰنٗا وَتَوۡفِيقًا
Open ayah 4:62قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بېشىغا بىرەر پالاكەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە ياراشتۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولار؟
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَعِظۡهُمۡ وَقُل لَّهُمۡ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَوۡلَۢا بَلِيغٗا
Open ayah 4:63ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىلىغا تەسىر قىلغۇدەك سۆزلەرنى قىلغىن.
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ إِذ ظَّلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ جَآءُوكَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡتَغۡفَرَ لَهُمُ ٱلرَّسُولُ لَوَجَدُواْ ٱللَّهَ تَوَّابٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:64بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن پەقەت ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق. مۇناپىقلار (ساڭا ئىتائەت قىلماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى.
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤۡمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ لَا يَجِدُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَرَجٗا مِّمَّا قَضَيۡتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسۡلِيمٗا
Open ayah 4:65(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە دىللىرىدا قىلچە غۇم قالماستىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.
وَلَوۡ أَنَّا كَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَنِ ٱقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ أَوِ ٱخۡرُجُواْ مِن دِيَٰرِكُم مَّا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٞ مِّنۡهُمۡۖ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ فَعَلُواْ مَا يُوعَظُونَ بِهِۦ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَشَدَّ تَثۡبِيتٗا
Open ayah 4:66ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز _ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان بولاتتى.
وَإِذٗا لَّأٓتَيۡنَٰهُم مِّن لَّدُنَّآ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:67ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك مۇكاپات ئاتا قىلاتتۇق.
وَلَهَدَيۡنَٰهُمۡ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
Open ayah 4:68ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق.
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَعَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ وَٱلصِّدِّيقِينَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَٱلصَّٰلِحِينَۚ وَحَسُنَ أُوْلَٰٓئِكَ رَفِيقٗا
Open ayah 4:69كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار[43]، شېھىتلەر ۋە سالىھلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار!
- سىددىق — پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى تەسىتقلىغان، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئادەمدۇر.
ذَٰلِكَ ٱلۡفَضۡلُ مِنَ ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ عَلِيمٗا
Open ayah 4:70بۇ پەزل _ كەرەم ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (ھەممىنى) بىلىشتە يېتەرلىكتۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ خُذُواْ حِذۡرَكُمۡ فَٱنفِرُواْ ثُبَاتٍ أَوِ ٱنفِرُواْ جَمِيعٗا
Open ayah 4:71ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇڭلار، (ئۇرۇشقا) تۈركۈم _ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار.
وَإِنَّ مِنكُمۡ لَمَن لَّيُبَطِّئَنَّ فَإِنۡ أَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةٞ قَالَ قَدۡ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيَّ إِذۡ لَمۡ أَكُن مَّعَهُمۡ شَهِيدٗا
Open ayah 4:72شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا (كىشىلەرنى) ئۇرۇشتىن سوۋۇتىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار. ئەگەر سىلەرگە بىرەر تالاپەت يەتسە: ئۇ (مۇناپىق) «ئاللاھ ھەقىقەتەن ماڭا ياخشىلىق قىپتىكەن، ھېلىمۇ مەن ئۇلار بىلەن بىللە (ئۇرۇشقا) قاتناشماپتىكەنمەن (بولمىسا مەنمۇ ئۆلتۈرۈلەركەنمەن)» دەيدۇ.
وَلَئِنۡ أَصَٰبَكُمۡ فَضۡلٞ مِّنَ ٱللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَن لَّمۡ تَكُنۢ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُۥ مَوَدَّةٞ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ مَعَهُمۡ فَأَفُوزَ فَوۡزًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:73ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (بولغان زەپەر) ئاتا قىلىنسا، گويا سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر دوستلۇق يوقتەك، «كاشكى، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسامچۇ، ئەلۋەتتە چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەركەنمەن» دەيدۇ.
۞فَلۡيُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يَشۡرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَن يُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيُقۡتَلۡ أَوۡ يَغۡلِبۡ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:74شۇڭا، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلىمىز.
وَمَا لَكُمۡ لَا تُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهۡلُهَا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا
Open ayah 4:75(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا، «ئى رەببىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى ئاتا قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر _ ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر؟
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱلطَّٰغُوتِ فَقَٰتِلُوٓاْ أَوۡلِيَآءَ ٱلشَّيۡطَٰنِۖ إِنَّ كَيۡدَ ٱلشَّيۡطَٰنِ كَانَ ضَعِيفًا
Open ayah 4:76مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ. (ئى مۇئمىنلەر!) سىلەر شەيتاننىڭ دوستلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار. شەكسىزكى، شەيتاننىڭ ھىيلىسى ئاجىزدۇر.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ قِيلَ لَهُمۡ كُفُّوٓاْ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ يَخۡشَوۡنَ ٱلنَّاسَ كَخَشۡيَةِ ٱللَّهِ أَوۡ أَشَدَّ خَشۡيَةٗۚ وَقَالُواْ رَبَّنَا لِمَ كَتَبۡتَ عَلَيۡنَا ٱلۡقِتَالَ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖۗ قُلۡ مَتَٰعُ ٱلدُّنۡيَا قَلِيلٞ وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّمَنِ ٱتَّقَىٰ وَلَا تُظۡلَمُونَ فَتِيلًا
Open ayah 4:77(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا: «(ئۇرۇش قىلىشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېيىلگەن، جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا بولسا بىر تۈركۈمى دۈشمەندىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھاد قىلىشنى پەرز قىلدىڭ؟ بىزنى يېقىن مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرسەڭ بولماسمىدى؟» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر، تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ئەڭ ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ».
أَيۡنَمَا تَكُونُواْ يُدۡرِككُّمُ ٱلۡمَوۡتُ وَلَوۡ كُنتُمۡ فِي بُرُوجٖ مُّشَيَّدَةٖۗ وَإِن تُصِبۡهُمۡ حَسَنَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِكَۚ قُلۡ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ فَمَالِ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلۡقَوۡمِ لَا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ حَدِيثٗا
Open ayah 4:78سىلەر قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ھەتتا مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇ (مۇناپىق)لار بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ، ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. «ھەممىسى ئاللاھتىندۇر» دېگىن. بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن؟ ھېچبىر سۆزنى چۈشىنەي دېمەيدۇ.
مَّآ أَصَابَكَ مِنۡ حَسَنَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ وَمَآ أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٖ فَمِن نَّفۡسِكَۚ وَأَرۡسَلۡنَٰكَ لِلنَّاسِ رَسُولٗاۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا
Open ayah 4:79(ئى ئىنسان!) ساڭا كەلگەن (ھەرقانداق) ياخشىلىق ئاللاھتىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى پەيغەمبەر!) سېنى بىز ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (بۇنىڭغا) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
مَّن يُطِعِ ٱلرَّسُولَ فَقَدۡ أَطَاعَ ٱللَّهَۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظٗا
Open ayah 4:80كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى (ئىتائەتتىن) باش تارتىدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.
وَيَقُولُونَ طَاعَةٞ فَإِذَا بَرَزُواْ مِنۡ عِندِكَ بَيَّتَ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ غَيۡرَ ٱلَّذِي تَقُولُۖ وَٱللَّهُ يَكۡتُبُ مَا يُبَيِّتُونَۖ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
Open ayah 4:81(ئى پەيغەمبەر!) مۇناپىقلار: «ساڭا ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ. سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى يوشۇرۇن ھالدا (سېنىڭ يېنىڭدا) دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى پىلانلايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، (ئۇلار ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ). ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك تايانچتۇر.
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَۚ وَلَوۡ كَانَ مِنۡ عِندِ غَيۡرِ ٱللَّهِ لَوَجَدُواْ فِيهِ ٱخۡتِلَٰفٗا كَثِيرٗا
Open ayah 4:82ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئان كاپىرلار ئويلىغاندەك) ئاللاھتىن باشقا بىرى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىتلىقلارنى تاپقان بولاتتى.
وَإِذَا جَآءَهُمۡ أَمۡرٞ مِّنَ ٱلۡأَمۡنِ أَوِ ٱلۡخَوۡفِ أَذَاعُواْ بِهِۦۖ وَلَوۡ رَدُّوهُ إِلَى ٱلرَّسُولِ وَإِلَىٰٓ أُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنۡهُمۡ لَعَلِمَهُ ٱلَّذِينَ يَسۡتَنۢبِطُونَهُۥ مِنۡهُمۡۗ وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ لَٱتَّبَعۡتُمُ ٱلشَّيۡطَٰنَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 4:83مۇناپىقلارغا (مۇئمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى يەتسە، ئۇلار ئۇنى يېيىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەر ئىچىدىكى ئىش باشقۇرغۇچىلارغا (ياكى دىنىي ئالىملارغا) مەلۇم قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇ خەۋەرنى تەھلىل قىلىپ نەتىجە چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇنى (تارقىتىش ياكى تارقاتماسلىق كېرەكلىكىنى) ئوتتۇرىغا قويغان بولاتتى. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئاز قىسمىڭلاردىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە، شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار.
فَقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفۡسَكَۚ وَحَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَكُفَّ بَأۡسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ وَٱللَّهُ أَشَدُّ بَأۡسٗا وَأَشَدُّ تَنكِيلٗا
Open ayah 4:84(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغىن. سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكارسەن، مۇئمىنلەرنى (جىھاد قىلىشقا) ئىلھاملاندۇرغىن. ئاللاھ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر.
مَّن يَشۡفَعۡ شَفَٰعَةً حَسَنَةٗ يَكُن لَّهُۥ نَصِيبٞ مِّنۡهَاۖ وَمَن يَشۡفَعۡ شَفَٰعَةٗ سَيِّئَةٗ يَكُن لَّهُۥ كِفۡلٞ مِّنۡهَاۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ مُّقِيتٗا
Open ayah 4:85كىمكى بىرەر ياخشى ئىش ئۈچۈن ۋاسىتە بولسا، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ ساۋابىدىن بىر نېسىۋە بولىدۇ؛ كىمكى بىرەر يامان ئىش ئۈچۈن ۋاسىتە بولسا، ئۇنىڭغا شۇ ئىشنىڭ گۇناھىدىن بىر نېسىۋە بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.
وَإِذَا حُيِّيتُم بِتَحِيَّةٖ فَحَيُّواْ بِأَحۡسَنَ مِنۡهَآ أَوۡ رُدُّوهَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَسِيبًا
Open ayah 4:86بىر كىشى سىلەرگە سالام بەرسە، ئۇنىڭ سالىمىنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بىلەن قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ھېسابىنى ئالغۇچىدۇر.
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ لَيَجۡمَعَنَّكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِۗ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ حَدِيثٗا
Open ayah 4:87ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ سىلەرنى (ھېساب مەيدانىغا) چوقۇم توپلايدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
۞فَمَا لَكُمۡ فِي ٱلۡمُنَٰفِقِينَ فِئَتَيۡنِ وَٱللَّهُ أَرۡكَسَهُم بِمَا كَسَبُوٓاْۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَهۡدُواْ مَنۡ أَضَلَّ ٱللَّهُۖ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلٗا
Open ayah 4:88ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كۇفرىغا قايتۇرۇۋەتتى، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز يول تېپىپ بېرەلمەيسەن.
وَدُّواْ لَوۡ تَكۡفُرُونَ كَمَا كَفَرُواْ فَتَكُونُونَ سَوَآءٗۖ فَلَا تَتَّخِذُواْ مِنۡهُمۡ أَوۡلِيَآءَ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَخُذُوهُمۡ وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡۖ وَلَا تَتَّخِذُواْ مِنۡهُمۡ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرًا
Open ayah 4:89ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا، ئۆزلىرى بىلەن (كاپىرلىقتا، مۇناپىقلىقتا) باراۋەر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئەگەر (ھىجرەتتىن) باش تارتسا، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، (ئۆزۈڭلارغا) ياردەمچىمۇ قىلماڭلار.
إِلَّا ٱلَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٌ أَوۡ جَآءُوكُمۡ حَصِرَتۡ صُدُورُهُمۡ أَن يُقَٰتِلُوكُمۡ أَوۡ يُقَٰتِلُواْ قَوۡمَهُمۡۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَسَلَّطَهُمۡ عَلَيۡكُمۡ فَلَقَٰتَلُوكُمۡۚ فَإِنِ ٱعۡتَزَلُوكُمۡ فَلَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ وَأَلۡقَوۡاْ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَمَ فَمَا جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمۡ عَلَيۡهِمۡ سَبِيلٗا
Open ayah 4:90پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە قوشۇلغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى سىلەرگە قارشى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ قوياتتى، ئاندىن ئەلۋەتتە، سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تىنچلىق تەكلىپى سۇنسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ.
سَتَجِدُونَ ءَاخَرِينَ يُرِيدُونَ أَن يَأۡمَنُوكُمۡ وَيَأۡمَنُواْ قَوۡمَهُمۡ كُلَّ مَا رُدُّوٓاْ إِلَى ٱلۡفِتۡنَةِ أُرۡكِسُواْ فِيهَاۚ فَإِن لَّمۡ يَعۡتَزِلُوكُمۡ وَيُلۡقُوٓاْ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَمَ وَيَكُفُّوٓاْ أَيۡدِيَهُمۡ فَخُذُوهُمۡ وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡۚ وَأُوْلَٰٓئِكُمۡ جَعَلۡنَا لَكُمۡ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:91ھەم سىلەردىن ھەم ئۆز قەۋمىدىن ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەرنى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەرقاچان كاپىرلىققا چاقىرىلسا ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تىنچلىق تەكلىپى سۇنمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇش قىلىشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارغا قارشى (ئۇرۇش قىلىشىڭلار ئۈچۈن) سىلەرگە ئوپئوچۇق دەلىل تۇرغۇزۇپ بەردۇق.
وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٍ أَن يَقۡتُلَ مُؤۡمِنًا إِلَّا خَطَـٔٗاۚ وَمَن قَتَلَ مُؤۡمِنًا خَطَـٔٗا فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖ وَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَصَّدَّقُواْۚ فَإِن كَانَ مِن قَوۡمٍ عَدُوّٖ لَّكُمۡ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ وَإِن كَانَ مِن قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞ فَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ وَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ تَوۡبَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:92سەۋەنلىكتىن بولمىسىلا، ھەرگىز بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈش ھەققى يوق. كىمكى بىرەر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە دىيەت[44] تۆلىشى كېرەك. پەقەت ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (بۇ چاغدا قاتىل ئۇنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ). ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەم بىر مۇئمىن قۇلنىلا ئازاد قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان قەۋمدىن بولسا، قاتىل ئۇنىڭ ئائىلىسىگە دىيەت تۆلەيدۇ ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىدۇ. قۇل ئازاد قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئادەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىش يۈزىسىدىن ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
- دىيەت _ سەۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەمدىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆلەمدۇر.
وَمَن يَقۡتُلۡ مُؤۡمِنٗا مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآؤُهُۥ جَهَنَّمُ خَٰلِدٗا فِيهَا وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:93كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَتَبَيَّنُواْ وَلَا تَقُولُواْ لِمَنۡ أَلۡقَىٰٓ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَٰمَ لَسۡتَ مُؤۡمِنٗا تَبۡتَغُونَ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فَعِندَ ٱللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٞۚ كَذَٰلِكَ كُنتُم مِّن قَبۡلُ فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَتَبَيَّنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
Open ayah 4:94ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ يولىدا (جىھاد قىلىشقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا (ئۇچرىغانلارنىڭ مۇئمىن ياكى ئەمەسلىكىنى) ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈڭلار، سىلەرگە (ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ) سالام بەرگەن ئادەمگە _ دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ _ «سەن مۇئمىن ئەمەسسەن» دېمەڭلار. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ھىدايەتنى) ئېھسان قىلدى، شۇڭا (ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى) ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
لَّا يَسۡتَوِي ٱلۡقَٰعِدُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ غَيۡرُ أُوْلِي ٱلضَّرَرِ وَٱلۡمُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۚ فَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ عَلَى ٱلۡقَٰعِدِينَ دَرَجَةٗۚ وَكُلّٗا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَفَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ عَلَى ٱلۡقَٰعِدِينَ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:95مۇئمىنلەردىن ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا پۇل _ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ پۇل _ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى (بىرەر ئۆزرە تۈپەيلىدىن) جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە جەننەتنى ۋەدە قىلدى، مۇجاھىدلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ) جىھادقا چىقمىغانلاردىن كاتتا بىر مۇكاپات بىلەن ئۈستۈن قىلدى.
دَرَجَٰتٖ مِّنۡهُ وَمَغۡفِرَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمًا
Open ayah 4:96ئاللاھ (ئۇلارغا) يۇقىرى مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ ئەزەلدىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَالُواْ فِيمَ كُنتُمۡۖ قَالُواْ كُنَّا مُسۡتَضۡعَفِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ قَالُوٓاْ أَلَمۡ تَكُنۡ أَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٗ فَتُهَاجِرُواْ فِيهَاۚ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرًا
Open ayah 4:97(ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەر بۇرۇن قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «بىز يەر يۈزىدە بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
إِلَّا ٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ حِيلَةٗ وَلَا يَهۡتَدُونَ سَبِيلٗا
Open ayah 4:98پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن (ھىجرەتكە) چارىسىز قالغان، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
فَأُوْلَٰٓئِكَ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَعۡفُوَ عَنۡهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَفُوًّا غَفُورٗا
Open ayah 4:99ئەنە شۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىدىن ئۈمىد بار. شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
۞وَمَن يُهَاجِرۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يَجِدۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُرَٰغَمٗا كَثِيرٗا وَسَعَةٗۚ وَمَن يَخۡرُجۡ مِنۢ بَيۡتِهِۦ مُهَاجِرًا إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ يُدۡرِكۡهُ ٱلۡمَوۡتُ فَقَدۡ وَقَعَ أَجۡرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:100كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا نۇرغۇن چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئەجىرىنى ئاللاھ چوقۇم بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَإِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَقۡصُرُواْ مِنَ ٱلصَّلَوٰةِ إِنۡ خِفۡتُمۡ أَن يَفۡتِنَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْۚ إِنَّ ٱلۡكَٰفِرِينَ كَانُواْ لَكُمۡ عَدُوّٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:101سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ سىلەرگە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى (تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە) قىسقارتپ ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
وَإِذَا كُنتَ فِيهِمۡ فَأَقَمۡتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلۡتَقُمۡ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُم مَّعَكَ وَلۡيَأۡخُذُوٓاْ أَسۡلِحَتَهُمۡۖ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلۡيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمۡ وَلۡتَأۡتِ طَآئِفَةٌ أُخۡرَىٰ لَمۡ يُصَلُّواْ فَلۡيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلۡيَأۡخُذُواْ حِذۡرَهُمۡ وَأَسۡلِحَتَهُمۡۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ تَغۡفُلُونَ عَنۡ أَسۡلِحَتِكُمۡ وَأَمۡتِعَتِكُمۡ فَيَمِيلُونَ عَلَيۡكُم مَّيۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن كَانَ بِكُمۡ أَذٗى مِّن مَّطَرٍ أَوۡ كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓاْ أَسۡلِحَتَكُمۡۖ وَخُذُواْ حِذۡرَكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
Open ayah 4:102(ئى پەيغەمبەر!) سەن مۇئمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن، (ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى قىسمى كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن، ھوشيار تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن. كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى، ماددىي ئەشيالىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ دىققەتسىزلىك قىلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىز) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك قىيىنچىلىق تۇغۇلسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھوشىيار بولۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
فَإِذَا قَضَيۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمۡۚ فَإِذَا ٱطۡمَأۡنَنتُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتۡ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ كِتَٰبٗا مَّوۡقُوتٗا
Open ayah 4:103نامازنى ئوقۇپ بولغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆرە تۇرۇپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ ۋە يېتىپمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار. شەكسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر.
وَلَا تَهِنُواْ فِي ٱبۡتِغَآءِ ٱلۡقَوۡمِۖ إِن تَكُونُواْ تَأۡلَمُونَ فَإِنَّهُمۡ يَأۡلَمُونَ كَمَا تَأۡلَمُونَۖ وَتَرۡجُونَ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا يَرۡجُونَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
Open ayah 4:104دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشتا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر ئەلەم چەكسەڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەلەم چېكىدۇ. سىلەر ئاللاھتىن (شېھىتلىكتىن ئىبارەت) ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىسلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِتَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُۚ وَلَا تَكُن لِّلۡخَآئِنِينَ خَصِيمٗا
Open ayah 4:105(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز سېنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خىيانەتكارلارغا بولۇشمىغىن.
وَٱسۡتَغۡفِرِ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:106ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. چۈنكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.
وَلَا تُجَٰدِلۡ عَنِ ٱلَّذِينَ يَخۡتَانُونَ أَنفُسَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ خَوَّانًا أَثِيمٗا
Open ayah 4:107خىيانەت قىلىپ ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلارغا بولۇشمىغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان ئادەمنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
يَسۡتَخۡفُونَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَلَا يَسۡتَخۡفُونَ مِنَ ٱللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمۡ إِذۡ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرۡضَىٰ مِنَ ٱلۡقَوۡلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطًا
Open ayah 4:108ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (ھايا قىلىپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى يوشۇرۇن پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر.
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ جَٰدَلۡتُمۡ عَنۡهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فَمَن يُجَٰدِلُ ٱللَّهَ عَنۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَم مَّن يَكُونُ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا
Open ayah 4:109سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلارنىڭ (ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالالايدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟
وَمَن يَعۡمَلۡ سُوٓءًا أَوۡ يَظۡلِمۡ نَفۡسَهُۥ ثُمَّ يَسۡتَغۡفِرِ ٱللَّهَ يَجِدِ ٱللَّهَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:110كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
وَمَن يَكۡسِبۡ إِثۡمٗا فَإِنَّمَا يَكۡسِبُهُۥ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:111كىمكى، بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَمَن يَكۡسِبۡ خَطِيٓـَٔةً أَوۡ إِثۡمٗا ثُمَّ يَرۡمِ بِهِۦ بَرِيٓـٔٗا فَقَدِ ٱحۡتَمَلَ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:112كىمكى سەۋەنلىكتىن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ياكى قەستەن بىرەر گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ.
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكَ وَرَحۡمَتُهُۥ لَهَمَّت طَّآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ أَن يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِن شَيۡءٖۚ وَأَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمۡ تَكُن تَعۡلَمُۚ وَكَانَ فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكَ عَظِيمٗا
Open ayah 4:113(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم سېنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتاب (قۇرئان)نى ۋە ھېكمەت (سۈننەت)نى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا بولغان ئىلتىپاتى چوڭدۇر.
۞لَّا خَيۡرَ فِي كَثِيرٖ مِّن نَّجۡوَىٰهُمۡ إِلَّا مَنۡ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوۡ مَعۡرُوفٍ أَوۡ إِصۡلَٰحِۭ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:114ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋەياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا بۇيرۇغان كىشىلەر (نىڭ پىچىرلىشىشلىرى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى بۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز.
وَمَن يُشَاقِقِ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ ٱلۡهُدَىٰ وَيَتَّبِعۡ غَيۡرَ سَبِيلِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ نُوَلِّهِۦ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصۡلِهِۦ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرًا
Open ayah 4:115كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، (ئاخىر) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
Open ayah 4:116ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى ئەلۋەتتە كەچۈرمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى ئۆزى خالىغان ئادەمدىن كەچۈرىۋېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
إِن يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ إِنَٰثٗا وَإِن يَدۡعُونَ إِلَّا شَيۡطَٰنٗا مَّرِيدٗا
Open ayah 4:117(مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت چىشى (ناملىرى بىلەن ئۆزلىرى ئاتىۋالغان) بۇتلارغىلا چوقۇنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغىلا چوقۇنىدۇ.
لَّعَنَهُ ٱللَّهُۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنۡ عِبَادِكَ نَصِيبٗا مَّفۡرُوضٗا
Open ayah 4:118ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلغان، شەيتان مۇنداق دېگەن: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن.
وَلَأُضِلَّنَّهُمۡ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمۡ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُبَتِّكُنَّ ءَاذَانَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلۡقَ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَّخِذِ ٱلشَّيۡطَٰنَ وَلِيّٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ فَقَدۡ خَسِرَ خُسۡرَانٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:119شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، خام خىيال قىلدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم (بۇتلارغا ئاتالغانلىقىغا بەلگە قىلىپ) ھايۋانلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ.
يَعِدُهُمۡ وَيُمَنِّيهِمۡۖ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا
Open ayah 4:120شەيتان ئۇلارغا ۋەدە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىدۇ، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنۡهَا مَحِيصٗا
Open ayah 4:121ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ قِيلٗا
Open ayah 4:122ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
لَّيۡسَ بِأَمَانِيِّكُمۡ وَلَآ أَمَانِيِّ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِۗ مَن يَعۡمَلۡ سُوٓءٗا يُجۡزَ بِهِۦ وَلَا يَجِدۡ لَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
Open ayah 4:123جەننەت سىلەرنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ بۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ.
وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ نَقِيرٗا
Open ayah 4:124ئەر ياكى ئاياللاردىن مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
وَمَنۡ أَحۡسَنُ دِينٗا مِّمَّنۡ أَسۡلَمَ وَجۡهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ وَٱتَّبَعَ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۗ وَٱتَّخَذَ ٱللَّهُ إِبۡرَٰهِيمَ خَلِيلٗا
Open ayah 4:125(تائەت _ ئىبادەتنى) مۇكەممەل قىلغان ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطٗا
Open ayah 4:126ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
وَيَسۡتَفۡتُونَكَ فِي ٱلنِّسَآءِۖ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِيهِنَّ وَمَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ فِي يَتَٰمَى ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا تُؤۡتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرۡغَبُونَ أَن تَنكِحُوهُنَّ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلۡوِلۡدَٰنِ وَأَن تَقُومُواْ لِلۡيَتَٰمَىٰ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِهِۦ عَلِيمٗا
Open ayah 4:127(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايەتلەر باركى، ئۇ ئايەتلەر سىلەر تەيىن قىلىنغان (مىراسى)نى بەرمەيدىغان، (مىراس قولىمىزدىن كېتىپ قالمىسۇن دەپ) ئەرگىمۇ بەرمەيدىغان، (ياكى چىراي كۆرۈمسىز دەپ، ئۆزۈڭلارمۇ ئالماي تۇتۇپ تۇرىدىغان) يېتىم قىزلار توغرىسىدىكى، بوزەك قىلىنغان بالىلار ۋە يېتىملەرگە ئادالەتلىك بولۇشۇڭلار توغرىسىدىكى بەلگىلىملەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَإِنِ ٱمۡرَأَةٌ خَافَتۡ مِنۢ بَعۡلِهَا نُشُوزًا أَوۡ إِعۡرَاضٗا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يُصۡلِحَا بَيۡنَهُمَا صُلۡحٗاۚ وَٱلصُّلۡحُ خَيۡرٞۗ وَأُحۡضِرَتِ ٱلۡأَنفُسُ ٱلشُّحَّۚ وَإِن تُحۡسِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
Open ayah 4:128ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قىلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىپ ئىش كۆرسە، ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كېلىشىپ ئىش قىلىش (ئاجرىشىشتىن) ياخشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقىنىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر (سىلەرنى تولۇق مۇكاپاتلايدۇ).
وَلَن تَسۡتَطِيعُوٓاْ أَن تَعۡدِلُواْ بَيۡنَ ٱلنِّسَآءِ وَلَوۡ حَرَصۡتُمۡۖ فَلَا تَمِيلُواْ كُلَّ ٱلۡمَيۡلِ فَتَذَرُوهَا كَٱلۡمُعَلَّقَةِۚ وَإِن تُصۡلِحُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:129ھەر قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا (دىلنىڭ مايىللىقىدا) ئادىللىق قىلىشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى بار _ يوقنىڭ ئورنىدا) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (ئۆزۈڭلارنى) تۈزىسەڭلار ۋە (ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىدۇر.
وَإِن يَتَفَرَّقَا يُغۡنِ ٱللَّهُ كُلّٗا مِّن سَعَتِهِۦۚ وَكَانَ ٱللَّهُ وَٰسِعًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:130ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ وَصَّيۡنَا ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَإِيَّاكُمۡ أَنِ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدٗا
Open ayah 4:131ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كاپىر بولساڭلار، (بىلىڭلاركى) ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
Open ayah 4:132ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ أَيُّهَا ٱلنَّاسُ وَيَأۡتِ بِـَٔاخَرِينَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرٗا
Open ayah 4:133ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر.
مَّن كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا فَعِندَ ٱللَّهِ ثَوَابُ ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا
Open ayah 4:134كىمكى دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (بىلىپ قويسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ بِٱلۡقِسۡطِ شُهَدَآءَ لِلَّهِ وَلَوۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَوِ ٱلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَۚ إِن يَكُنۡ غَنِيًّا أَوۡ فَقِيرٗا فَٱللَّهُ أَوۡلَىٰ بِهِمَاۖ فَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلۡهَوَىٰٓ أَن تَعۡدِلُواْۚ وَإِن تَلۡوُۥٓاْ أَوۡ تُعۡرِضُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
Open ayah 4:135ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا _ ئاناڭلارنىڭ ۋە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بەرپا قىلغۇچى ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇڭلار. (سىلەر گۇۋاھلىق بېرىدىغان كىشى) باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن (گۇۋاھلىق بېرىشتىن باش تارتماڭلار). چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن بەكرەك يېقىندۇر (ئۇلارغا نېمىنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ). نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ئادالەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ). چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِن قَبۡلُۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
Open ayah 4:136ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ سَبِيلَۢا
Open ayah 4:137ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن يەنە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ.
بَشِّرِ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ بِأَنَّ لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا
Open ayah 4:138(ئى پەيغەمبەر!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب باردۇر.
ٱلَّذِينَ يَتَّخِذُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ أَيَبۡتَغُونَ عِندَهُمُ ٱلۡعِزَّةَ فَإِنَّ ٱلۡعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعٗا
Open ayah 4:139مۇئمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدىغان بۇ مۇناپىقلار ئىززەتنى كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىزدەۋاتامدۇ؟ شەكسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
وَقَدۡ نَزَّلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أَنۡ إِذَا سَمِعۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ يُكۡفَرُ بِهَا وَيُسۡتَهۡزَأُ بِهَا فَلَا تَقۡعُدُواْ مَعَهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦٓ إِنَّكُمۡ إِذٗا مِّثۡلُهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ جَامِعُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡكَٰفِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
Open ayah 4:140(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنداق (ھۆكۈم) چۈشۈردىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
ٱلَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمۡ فَإِن كَانَ لَكُمۡ فَتۡحٞ مِّنَ ٱللَّهِ قَالُوٓاْ أَلَمۡ نَكُن مَّعَكُمۡ وَإِن كَانَ لِلۡكَٰفِرِينَ نَصِيبٞ قَالُوٓاْ أَلَمۡ نَسۡتَحۡوِذۡ عَلَيۡكُمۡ وَنَمۡنَعۡكُم مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ فَٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَلَن يَجۡعَلَ ٱللَّهُ لِلۡكَٰفِرِينَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ سَبِيلًا
Open ayah 4:141سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان مۇناپىقلار ئەگەر سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر زەپەر نېسىپ بولسا، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر قۇچسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىپ كەلگەن ۋە سىلەرنى مۇئمىنلەردىن قوغدىغان ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا مۇئمىنلەرگە قارشى ھەرگىز يول بەرمەيدۇ.
إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَهُوَ خَٰدِعُهُمۡ وَإِذَا قَامُوٓاْ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ قَامُواْ كُسَالَىٰ يُرَآءُونَ ٱلنَّاسَ وَلَا يَذۡكُرُونَ ٱللَّهَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 4:142شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا، خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
مُّذَبۡذَبِينَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ لَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ وَلَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلٗا
Open ayah 4:143مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار مۇئمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس، ئاللاھ كىمنى ئازغۇن قىلغان ئىكەن، (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇنىڭغا (يەنى ھىدايەت تېپىشىغا) ھەرگىز يول تاپالمايسەن.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَجۡعَلُواْ لِلَّهِ عَلَيۡكُمۡ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينًا
Open ayah 4:144ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، (بۇنداق قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ئاللاھقا ئوپئوچۇق بىر پاكىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالامسىلەر؟
إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ فِي ٱلدَّرۡكِ ٱلۡأَسۡفَلِ مِنَ ٱلنَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمۡ نَصِيرًا
Open ayah 4:145مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا بىرەر مەدەتكارمۇ تاپالمايسەن.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ وَأَصۡلَحُواْ وَٱعۡتَصَمُواْ بِٱللَّهِ وَأَخۡلَصُواْ دِينَهُمۡ لِلَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَعَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَسَوۡفَ يُؤۡتِ ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:146پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھقا چىڭ ئېسىلغان، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
مَّا يَفۡعَلُ ٱللَّهُ بِعَذَابِكُمۡ إِن شَكَرۡتُمۡ وَءَامَنتُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمٗا
Open ayah 4:147ئەگەر سىلەر (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنىڭ ئەجىرىنى بەرگۈچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
۞لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلۡجَهۡرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ إِلَّا مَن ظُلِمَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
Open ayah 4:148ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى)دىن باشقا (ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ) يامان سۆزنى ئاشكارىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
إِن تُبۡدُواْ خَيۡرًا أَوۡ تُخۡفُوهُ أَوۡ تَعۡفُواْ عَن سُوٓءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوّٗا قَدِيرًا
Open ayah 4:149سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىرەر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى كەچۈرگۈچىدۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيُرِيدُونَ أَن يُفَرِّقُواْ بَيۡنَ ٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيَقُولُونَ نُؤۡمِنُ بِبَعۡضٖ وَنَكۡفُرُ بِبَعۡضٖ وَيُرِيدُونَ أَن يَتَّخِذُواْ بَيۡنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
Open ayah 4:150شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلماقچى) بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار _ ئەنە شۇلار راستتىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق. [150 _ 151]
أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ حَقّٗاۚ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
Open ayah 4:151شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلماقچى) بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار _ ئەنە شۇلار راستتىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق. [150 _ 151]
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَلَمۡ يُفَرِّقُواْ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ أُوْلَٰٓئِكَ سَوۡفَ يُؤۡتِيهِمۡ أُجُورَهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 4:152ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَسۡـَٔلُكَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ أَن تُنَزِّلَ عَلَيۡهِمۡ كِتَٰبٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِۚ فَقَدۡ سَأَلُواْ مُوسَىٰٓ أَكۡبَرَ مِن ذَٰلِكَ فَقَالُوٓاْ أَرِنَا ٱللَّهَ جَهۡرَةٗ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ بِظُلۡمِهِمۡۚ ثُمَّ ٱتَّخَذُواْ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ فَعَفَوۡنَا عَن ذَٰلِكَۚ وَءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:153(ئى پەيغەمبەر!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشۈڭنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى تەلەپ قىلىپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق _ ئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يولسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (پەيغەمبەرلىكنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئاتا قىلغان ئىدۇق.
وَرَفَعۡنَا فَوۡقَهُمُ ٱلطُّورَ بِمِيثَٰقِهِمۡ وَقُلۡنَا لَهُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا وَقُلۡنَا لَهُمۡ لَا تَعۡدُواْ فِي ٱلسَّبۡتِ وَأَخَذۡنَا مِنۡهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
Open ayah 4:154ئۇلار (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقانلىقى تۈپەيلى) ئۇلاردىن مەھكەم ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر (تېغى)نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» ۋە «شەنبىدە (بېلىق تۇتۇپ) ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق (كېيىن ئۇلار ئەھدىنى بۇزدى).
فَبِمَا نَقۡضِهِم مِّيثَٰقَهُمۡ وَكُفۡرِهِم بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَقَتۡلِهِمُ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَقَوۡلِهِمۡ قُلُوبُنَا غُلۡفُۢۚ بَلۡ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَيۡهَا بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 4:155ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە (سۆزۈڭنى چۈشىنىشتىن) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن قوغلىدۇق). ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلار ناھايىتى ئاز ئىمان ئېيتىدۇ.
وَبِكُفۡرِهِمۡ وَقَوۡلِهِمۡ عَلَىٰ مَرۡيَمَ بُهۡتَٰنًا عَظِيمٗا
Open ayah 4:156يەنە ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق).
وَقَوۡلِهِمۡ إِنَّا قَتَلۡنَا ٱلۡمَسِيحَ عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ رَسُولَ ٱللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِن شُبِّهَ لَهُمۡۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُۚ مَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍ إِلَّا ٱتِّبَاعَ ٱلظَّنِّۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينَۢا
Open ayah 4:157يەنە (ئۇلار) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەسىھنى — مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ھالبۇكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن (ئۇلار ئۆلتۈرگەن ئادەم) ئۇلارغا ئىيساغا ئوخشاش كۆرسىتىلدى، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ (ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسى)دا شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلار بۇ (توغرىدا ھېچقانداق) مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرەلمىدى.
بَل رَّفَعَهُ ٱللَّهُ إِلَيۡهِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:158بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِن مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا لَيُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكُونُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا
Open ayah 4:159ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى (ئىيسا ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشكەندىن كېيىن) ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ.
فَبِظُلۡمٖ مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا عَلَيۡهِمۡ طَيِّبَٰتٍ أُحِلَّتۡ لَهُمۡ وَبِصَدِّهِمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ كَثِيرٗا
Open ayah 4:160يەھۇدىيلارنىڭ زۇلمى، نۇرغۇن (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، جازانىدىن چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىنى ناھەق يېۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب ھازىرلىدۇق. [160 _ 161]
وَأَخۡذِهِمُ ٱلرِّبَوٰاْ وَقَدۡ نُهُواْ عَنۡهُ وَأَكۡلِهِمۡ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِۚ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 4:161يەھۇدىيلارنىڭ زۇلمى، نۇرغۇن (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، جازانىدىن چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىنى ناھەق يېۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب ھازىرلىدۇق. [160 _ 161]
لَّٰكِنِ ٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ مِنۡهُمۡ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَۚ وَٱلۡمُقِيمِينَ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَٱلۡمُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أُوْلَٰٓئِكَ سَنُؤۡتِيهِمۡ أَجۡرًا عَظِيمًا
Open ayah 4:162(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق كىتابلار)غا ئىمان ئېيتىدىغان مۇئمىنلەرگە، بولۇپمۇ نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز.
۞إِنَّآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ كَمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ نُوحٖ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَٰرُونَ وَسُلَيۡمَٰنَۚ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا
Open ayah 4:163(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ساڭىمۇ ۋەھيى قىلدۇق، ھەمدە ئىبراھىمغا، ئىىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلغان ئىدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلغان ئىدۇق.
وَرُسُلٗا قَدۡ قَصَصۡنَٰهُمۡ عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُ وَرُسُلٗا لَّمۡ نَقۡصُصۡهُمۡ عَلَيۡكَۚ وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا
Open ayah 4:164(بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا) ئىلگىرى بىز ساڭا بايان قىلغان پەيغەمبەرلەرمۇ، بايان قىلمىغان پەيغەمبەرلەرمۇ بار. ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان ئىدى.
رُّسُلٗا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى ٱللَّهِ حُجَّةُۢ بَعۡدَ ٱلرُّسُلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:165بىزنىڭ پەيغەمبەرلەرنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمىز كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەر كەلگەندىن كېيىن (ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاللاھنىڭ ئالدىدا باھانە كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لَّٰكِنِ ٱللَّهُ يَشۡهَدُ بِمَآ أَنزَلَ إِلَيۡكَۖ أَنزَلَهُۥ بِعِلۡمِهِۦۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَشۡهَدُونَۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًا
Open ayah 4:166(ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىيلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئېتىراپ قىلمايدۇ) لېكىن ئاللاھ ساڭا ئۆز ئىلىمى بىلەن نازىل قىلغان (قۇرئان) ئارقىلىق (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ قَدۡ ضَلُّواْ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
Open ayah 4:167شۈبھىسىزكى، (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا پاتتى.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَظَلَمُواْ لَمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ طَرِيقًا
Open ayah 4:168شۈبھىسىزكى، (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغانلارنى ۋە (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا) زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، توغرا يولغىمۇ مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
Open ayah 4:169ئۇلارنى پەقەت دوزاخنىڭ يولىغىلا قويۇۋېتىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلرَّسُولُ بِٱلۡحَقِّ مِن رَّبِّكُمۡ فَـَٔامِنُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 4:170ئى ئىنسانلار! بۇ پەيغەمبەر سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. شۇڭا، سىلەر (ئۇنىڭغا) ئىمان ئېيتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇۋالساڭلار (بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ۋە ئىمانىڭلارغا ھاجىتى يوق. چۈنكى) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا تَغۡلُواْ فِي دِينِكُمۡ وَلَا تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ إِنَّمَا ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ رَسُولُ ٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥٓ أَلۡقَىٰهَآ إِلَىٰ مَرۡيَمَ وَرُوحٞ مِّنۡهُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۖ وَلَا تَقُولُواْ ثَلَٰثَةٌۚ ٱنتَهُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ إِنَّمَا ٱللَّهُ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓ أَن يَكُونَ لَهُۥ وَلَدٞۘ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
Open ayah 4:171ئى ئەھلى كىتاب (يەنى خىرىستىيانلار)! دىنىڭلار توغرىسىدا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ نامىدىن پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ _ مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشۈرگەن كەلىمىسىدۇر[45]، ئاللاھ تەرىپىدىن (كەلگەن) بىر روھتۇر. شۇڭا، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، «(ئاللاھ) ئۈچتۇر»[46] دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
- يەنى ئاللاھنىڭ «بول!» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر.
- خىرىستىيانلارنىڭ بەزىسى«ئاللاھ، مەريەم ۋە ئىيسا ئۈچى بىر ئىلاھتۇر» دېسە، يەنە بەزىسى«ئاللاھ، ئىيسا ۋە رۇھۇلقۇدۇس ئۈچى بىر ئىلاھتۇر» دەيدۇ.
لَّن يَسۡتَنكِفَ ٱلۡمَسِيحُ أَن يَكُونَ عَبۡدٗا لِّلَّهِ وَلَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ٱلۡمُقَرَّبُونَۚ وَمَن يَسۡتَنكِفۡ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيَسۡتَكۡبِرۡ فَسَيَحۡشُرُهُمۡ إِلَيۡهِ جَمِيعٗا
Open ayah 4:172مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلىپ قويسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُوَفِّيهِمۡ أُجُورَهُمۡ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضۡلِهِۦۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡتَنكَفُواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ فَيُعَذِّبُهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
Open ayah 4:173ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۆز پەزلىدىن (نېمىتىنى) ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، (ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُم بُرۡهَٰنٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ نُورٗا مُّبِينٗا
Open ayah 4:174ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن كەسكىن دەلىل كەلدى، سىلەرگە ئوپئوچۇق نۇر (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَٱعۡتَصَمُواْ بِهِۦ فَسَيُدۡخِلُهُمۡ فِي رَحۡمَةٖ مِّنۡهُ وَفَضۡلٖ وَيَهۡدِيهِمۡ إِلَيۡهِ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
Open ayah 4:175ئاللاھقا ئىمان ئېيتىقان ۋە ئۇنىڭغا چىڭ باغلانغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى (جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان) توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
يَسۡتَفۡتُونَكَ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِي ٱلۡكَلَٰلَةِۚ إِنِ ٱمۡرُؤٌاْ هَلَكَ لَيۡسَ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَهُۥٓ أُخۡتٞ فَلَهَا نِصۡفُ مَا تَرَكَۚ وَهُوَ يَرِثُهَآ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهَا وَلَدٞۚ فَإِن كَانَتَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُمَا ٱلثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَۚ وَإِن كَانُوٓاْ إِخۡوَةٗ رِّجَالٗا وَنِسَآءٗ فَلِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۗ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ أَن تَضِلُّواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ
Open ayah 4:176(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولۇپ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىرلا ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ ھەمشىرىسى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، ئۇنىڭ ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر (ئۇ كىشىنىڭ) ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ئۈلۈشى بېرىلىدۇ. (ھەقىقەتتىن) ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر».