المائدة

Al-Maaida

The Table · Surah 5 · Ayahs: 120 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَوۡفُواْ بِٱلۡعُقُودِۚ أُحِلَّتۡ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلۡأَنۡعَٰمِ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ غَيۡرَ مُحِلِّي ٱلصَّيۡدِ وَأَنتُمۡ حُرُمٌۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ مَا يُرِيدُ

    Open ayah 5:1

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار. (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم دائىرىسى) دا بولغىنىڭلاردا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

  2. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحِلُّواْ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَلَا ٱلۡهَدۡيَ وَلَا ٱلۡقَلَٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّهِمۡ وَرِضۡوَٰنٗاۚ وَإِذَا حَلَلۡتُمۡ فَٱصۡطَادُواْۚ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ أَن صَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ أَن تَعۡتَدُواْۘ وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 5:2

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىگە، ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايغا، قۇربانلىق مالغا، (قۇربانلىق مالغا) ئېسىپ قويۇلغان بويۇنچۇقلارغا، رەببىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا كەلگۈچىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۆچمەنلىكىڭلار ھەرگىزمۇ سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.

  3. حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيۡتُمۡ وَمَا ذُبِحَ عَلَى ٱلنُّصُبِ وَأَن تَسۡتَقۡسِمُواْ بِٱلۡأَزۡلَٰمِۚ ذَٰلِكُمۡ فِسۡقٌۗ ٱلۡيَوۡمَ يَئِسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن دِينِكُمۡ فَلَا تَخۡشَوۡهُمۡ وَٱخۡشَوۡنِۚ ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ وَأَتۡمَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ نِعۡمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلۡإِسۡلَٰمَ دِينٗاۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ فِي مَخۡمَصَةٍ غَيۡرَ مُتَجَانِفٖ لِّإِثۡمٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 5:3

    سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، غۇ لاپ چۈشۈپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقىلاردىن كېيىنكى بەش خىلدىن) جېنى چىققۇچە بوغۇزلىۋالغانلىرىڭلار ھالالدۇر. بۇتلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقتۇر. كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش)دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىنلا قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. كىمكى ئاچلىقتا، ئىلاجسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېسە، (ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن مېھرىباندۇر.

  4. يَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 5:4

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلدۈرگىنى بويىچە تەربىيەلەپ شىكارغا ئۆگەتكەن (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ ئوۋلىغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلاپ تۇتۇپ تۇرغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار، (ئوۋچى جانىۋارلارنى قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) ‹بىسمىللاھ› دەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر».

  5. ٱلۡيَوۡمَ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُۖ وَطَعَامُ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ حِلّٞ لَّكُمۡ وَطَعَامُكُمۡ حِلّٞ لَّهُمۡۖ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ إِذَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحۡصِنِينَ غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِيٓ أَخۡدَانٖۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلۡإِيمَٰنِ فَقَدۡ حَبِطَ عَمَلُهُۥ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 5:5

    بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تامىقى (يەنى بوغۇزلىغان چارۋىلىرى) سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر، سىلەر ئىپپەتلىك بولغان، زىنانى كۆزلىمىگەن ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمىغان ھالىتىڭلاردا مۇئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنى مەھرىنى بېرىپ (ئالساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر). كىمكى ئىماننى (يەنى ئاللاھ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان مەسىلىلەرنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭ (بۇرۇن قىلغان ياخشى) ئەمەلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.

  6. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجۡعَلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ حَرَجٖ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمۡ وَلِيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 5:6

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار؛ ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار (غۇسلى قىلىپ) پاكلىنىڭلار، ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھاجەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ (تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن)، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان بولۇپ (غۇسلى قىلىش ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا (قولۇڭلارنى) ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار (يەنى تەيەممۇم قىلىڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى مۇشەققەتتە قويۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاپ بېرىشنى خالايدۇ.

  7. وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَمِيثَٰقَهُ ٱلَّذِي وَاثَقَكُم بِهِۦٓ إِذۡ قُلۡتُمۡ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 5:7

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەر (ئىمان ئېيتىش ئارقىلىق) «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنىمۇ تولۇق بىلگۈچىدۇر.

  8. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ لِلَّهِ شُهَدَآءَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 5:8

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ (نىڭ رازىلىقى) ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار ۋە ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

  9. وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٌ عَظِيمٞ

    Open ayah 5:9

    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپاتنى ۋەدە قىلدى.

  10. وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ 

    Open ayah 5:10

    كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر.

  11. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ هَمَّ قَوۡمٌ أَن يَبۡسُطُوٓاْ إِلَيۡكُمۡ أَيۡدِيَهُمۡ فَكَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 5:11

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە (خىرىس قىلىپ) قول سالماقچى بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسۇپ قالدى. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!

  12. ۞وَلَقَدۡ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَبَعَثۡنَا مِنۡهُمُ ٱثۡنَيۡ عَشَرَ نَقِيبٗاۖ وَقَالَ ٱللَّهُ إِنِّي مَعَكُمۡۖ لَئِنۡ أَقَمۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَيۡتُمُ ٱلزَّكَوٰةَ وَءَامَنتُم بِرُسُلِي وَعَزَّرۡتُمُوهُمۡ وَأَقۡرَضۡتُمُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا لَّأُكَفِّرَنَّ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَلَأُدۡخِلَنَّكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ فَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ

    Open ayah 5:12

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن ئەمالىقەلەرگە[47]) ئەۋەتتۇق، ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلساڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، (ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىڭلارنى سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئىنكار يولىنى تۇتىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى.

    1. ئەمالىقە – ئەرەبلەرنىڭ قەدىمىي قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.
  13. فَبِمَا نَقۡضِهِم مِّيثَٰقَهُمۡ لَعَنَّٰهُمۡ وَجَعَلۡنَا قُلُوبَهُمۡ قَٰسِيَةٗۖ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَنَسُواْ حَظّٗا مِّمَّا ذُكِّرُواْ بِهِۦۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَآئِنَةٖ مِّنۡهُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۖ فَٱعۡفُ عَنۡهُمۡ وَٱصۡفَحۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 5:13

    ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق ۋە دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. (شۇڭا) ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئۆز ئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (سەن يەنىلا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە كەچۈرگىن، چۈنكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

  14. وَمِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰٓ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَهُمۡ فَنَسُواْ حَظّٗا مِّمَّا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَأَغۡرَيۡنَا بَيۡنَهُمُ ٱلۡعَدَاوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَسَوۡفَ يُنَبِّئُهُمُ ٱللَّهُ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ

    Open ayah 5:14

    بىز خىرىستىيانمىز دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىر _ بىرلەپ ئېيتىپ بېرىدۇ.

  15. يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ قَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمۡ كَثِيرٗا مِّمَّا كُنتُمۡ تُخۡفُونَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖۚ قَدۡ جَآءَكُم مِّنَ ٱللَّهِ نُورٞ وَكِتَٰبٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 5:15

    ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردا سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇنىدىن (پايدىسى بولمىغانلىقتىن بايان قىلماي) ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.

  16. يَهۡدِي بِهِ ٱللَّهُ مَنِ ٱتَّبَعَ رِضۡوَٰنَهُۥ سُبُلَ ٱلسَّلَٰمِ وَيُخۡرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِهِۦ وَيَهۡدِيهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

    Open ayah 5:16

    ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.

  17. لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ أَن يُهۡلِكَ ٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗاۗ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

    Open ayah 5:17

    «ئاللاھ _ مەريەم ئوغلى مەسىھتۇر» دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى پەيغەمبەر! خىرىستىيانلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى)دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

  18. وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ وَٱلنَّصَٰرَىٰ نَحۡنُ أَبۡنَٰٓؤُاْ ٱللَّهِ وَأَحِبَّٰٓؤُهُۥۚ قُلۡ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُمۖ بَلۡ أَنتُم بَشَرٞ مِّمَّنۡ خَلَقَۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

    Open ayah 5:18

    يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەكسىچە، سىلەرمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان ئىنسان. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، (ئاخىر) قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.

  19. يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ قَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمۡ عَلَىٰ فَتۡرَةٖ مِّنَ ٱلرُّسُلِ أَن تَقُولُواْ مَا جَآءَنَا مِنۢ بَشِيرٖ وَلَا نَذِيرٖۖ فَقَدۡ جَآءَكُم بَشِيرٞ وَنَذِيرٞۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

    Open ayah 5:19

    ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (ھەقىقەتنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

  20. وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَعَلَ فِيكُمۡ أَنۢبِيَآءَ وَجَعَلَكُم مُّلُوكٗا وَءَاتَىٰكُم مَّا لَمۡ يُؤۡتِ أَحَدٗا مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 5:20

    ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئاراڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەرنى ئۆز-ئۆزۈڭلارغا خۇجا قىلغان، جاھان ئەھلىدىن ھېچكىمگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.

  21. يَٰقَوۡمِ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡأَرۡضَ ٱلۡمُقَدَّسَةَ ٱلَّتِي كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡ وَلَا تَرۡتَدُّواْ عَلَىٰٓ أَدۡبَارِكُمۡ فَتَنقَلِبُواْ خَٰسِرِينَ

    Open ayah 5:21

    ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر».

  22. قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّ فِيهَا قَوۡمٗا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَن نَّدۡخُلَهَا حَتَّىٰ يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا فَإِن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا فَإِنَّا دَٰخِلُونَ

    Open ayah 5:22

    ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك ۋە زوراۋان بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى.

  23. قَالَ رَجُلَانِ مِنَ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمَا ٱدۡخُلُواْ عَلَيۡهِمُ ٱلۡبَابَ فَإِذَا دَخَلۡتُمُوهُ فَإِنَّكُمۡ غَٰلِبُونَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَتَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

    Open ayah 5:23

    ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن (ھۇجۇم قىلىپ) كىرىڭلار، ئۇنىڭدىن كىرسەڭلار چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.

  24. قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّا لَن نَّدۡخُلَهَآ أَبَدٗا مَّا دَامُواْ فِيهَا فَٱذۡهَبۡ أَنتَ وَرَبُّكَ فَقَٰتِلَآ إِنَّا هَٰهُنَا قَٰعِدُونَ

    Open ayah 5:24

    ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى): «ئى مۇسا! ئۇلار مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرمەيمىز. شۇڭا، سەن رەببىڭ بىلەن ئىككىڭلار بېرىپ (ئۇلار بىلەن) ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى.

  25. قَالَ رَبِّ إِنِّي لَآ أَمۡلِكُ إِلَّا نَفۡسِي وَأَخِيۖ فَٱفۡرُقۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ

    Open ayah 5:25

    مۇسا دېدىكى: «ئى رەببىم! شەكسىزكى، مەن ئۆزۈمدىن ۋە قېرىندىشىمدىن باشقىسىغا ئىگە بولالمايمەن. شۇڭا، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن».

  26. قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيۡهِمۡۛ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗۛ يَتِيهُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ فَلَا تَأۡسَ عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ

    Open ayah 5:26

    ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى قىرىق يىلغىچە چەكلەندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. بۇ پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».

  27. ۞وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱبۡنَيۡ ءَادَمَ بِٱلۡحَقِّ إِذۡ قَرَّبَا قُرۡبَانٗا فَتُقُبِّلَ مِنۡ أَحَدِهِمَا وَلَمۡ يُتَقَبَّلۡ مِنَ ٱلۡأٓخَرِ قَالَ لَأَقۡتُلَنَّكَۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 5:27

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ (ھابىل ۋە قابىل) ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسىسىنى ئەينەن بايان قىلىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل)نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل)نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  28. لَئِنۢ بَسَطتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقۡتُلَنِي مَآ أَنَا۠ بِبَاسِطٖ يَدِيَ إِلَيۡكَ لِأَقۡتُلَكَۖ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 5:28

    ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتقۇچى بولمايمەن. چۈنكى، مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن.

  29. إِنِّيٓ أُرِيدُ أَن تَبُوٓأَ بِإِثۡمِي وَإِثۡمِكَ فَتَكُونَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِۚ وَذَٰلِكَ جَزَٰٓؤُاْ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 5:29

    مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ گۇناھىم ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى خالايمەن، زالىملارنىڭ جازاسى شۇدۇر».

  30. فَطَوَّعَتۡ لَهُۥ نَفۡسُهُۥ قَتۡلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُۥ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ 

    Open ayah 5:30

    ئۇ (قابىل)نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى _ دە، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى.

  31. فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابٗا يَبۡحَثُ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُرِيَهُۥ كَيۡفَ يُوَٰرِي سَوۡءَةَ أَخِيهِۚ قَالَ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ أَعَجَزۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِثۡلَ هَٰذَا ٱلۡغُرَابِ فَأُوَٰرِيَ سَوۡءَةَ أَخِيۖ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ

    Open ayah 5:31

    ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولاۋاتاتتى. ئۇ (قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي ئىسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنغۇ!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى.

  32. مِنۡ أَجۡلِ ذَٰلِكَ كَتَبۡنَا عَلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَنَّهُۥ مَن قَتَلَ نَفۡسَۢا بِغَيۡرِ نَفۡسٍ أَوۡ فَسَادٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ ٱلنَّاسَ جَمِيعٗا وَمَنۡ أَحۡيَاهَا فَكَأَنَّمَآ أَحۡيَا ٱلنَّاسَ جَمِيعٗاۚ وَلَقَدۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم بَعۡدَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡأَرۡضِ لَمُسۡرِفُونَ

    Open ayah 5:32

    مۇشۇ (قاتىللىق جىنايىتى) سەۋەبلىك ئىسرائىل ئەۋلادىغا شۇنداق بەلگىلىدۇق: كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزسا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغاندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز ئۇلارغا ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە يەر يۈزىدە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى.

  33. إِنَّمَا جَزَٰٓؤُاْ ٱلَّذِينَ يُحَارِبُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَسۡعَوۡنَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَسَادًا أَن يُقَتَّلُوٓاْ أَوۡ يُصَلَّبُوٓاْ أَوۡ تُقَطَّعَ أَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم مِّنۡ خِلَٰفٍ أَوۡ يُنفَوۡاْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِۚ ذَٰلِكَ لَهُمۡ خِزۡيٞ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ

    Open ayah 5:33

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى ئۇرۇش ئاچىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا چوڭ ئازاب باردۇر.

  34. إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِن قَبۡلِ أَن تَقۡدِرُواْ عَلَيۡهِمۡۖ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 5:34

    پەقەت سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  35. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱبۡتَغُوٓاْ إِلَيۡهِ ٱلۡوَسِيلَةَ وَجَٰهِدُواْ فِي سَبِيلِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

    Open ayah 5:35

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا يېقىن بولۇشنىڭ يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار.

  36. إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ أَنَّ لَهُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لِيَفۡتَدُواْ بِهِۦ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنۡهُمۡۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 5:36

    كاپىر بولغانلار يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولغان ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن (بۇ فىديە) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.

  37. يُرِيدُونَ أَن يَخۡرُجُواْ مِنَ ٱلنَّارِ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنۡهَاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّقِيمٞ

    Open ayah 5:37

    ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ _ يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلارغا دائىملىق ئازاب بار.

  38. وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقۡطَعُوٓاْ أَيۡدِيَهُمَا جَزَآءَۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلٗا مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

    Open ayah 5:38

    ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار، (بۇ) ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  39. فَمَن تَابَ مِنۢ بَعۡدِ ظُلۡمِهِۦ وَأَصۡلَحَ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَتُوبُ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ

    Open ayah 5:39

    كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  40. أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ 

    Open ayah 5:40

    بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

  41. ۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ لَا يَحۡزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡكُفۡرِ مِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَلَمۡ تُؤۡمِن قُلُوبُهُمۡۛ وَمِنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْۛ سَمَّٰعُونَ لِلۡكَذِبِ سَمَّٰعُونَ لِقَوۡمٍ ءَاخَرِينَ لَمۡ يَأۡتُوكَۖ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ مِنۢ بَعۡدِ مَوَاضِعِهِۦۖ يَقُولُونَ إِنۡ أُوتِيتُمۡ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمۡ تُؤۡتَوۡهُ فَٱحۡذَرُواْۚ وَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ فِتۡنَتَهُۥ فَلَن تَمۡلِكَ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمۡۚ لَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٞ

    Open ayah 5:41

    ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي تۇرۇپ، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق » دەپ قويىدىغان (مۇناپىق)لار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىن كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەمىشە يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر باشقا (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىر كىمنى ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، سەن ئاللاھتىن (كەلگەن ئازغۇنلۇقنى) ئۇنىڭدىن توسۇپ قالالمايسەن. ئاللاھ دىللىرىنى پاك قىلىشنى خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋالىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.

  42. سَمَّٰعُونَ لِلۡكَذِبِ أَكَّٰلُونَ لِلسُّحۡتِۚ فَإِن جَآءُوكَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُمۡ أَوۡ أَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡۖ وَإِن تُعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيۡـٔٗاۖ وَإِنۡ حَكَمۡتَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ

    Open ayah 5:42

    ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭمۇ ياكى ئۇلارنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. چۈنكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

  43. وَكَيۡفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ ٱلتَّوۡرَىٰةُ فِيهَا حُكۡمُ ٱللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوۡنَ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۚ وَمَآ أُوْلَٰٓئِكَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 5:43

    ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى ئۇلار تەۋراتقا ئەمەل قىلمىغان تۇرسا)، ئۇلار قانداقلارچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئاندىن سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن (سېنىڭ ھۆكمىڭدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ؟! ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، قۇرئانغىمۇ) ئىشەنمەيدىغانلاردۇر.

  44. إِنَّآ أَنزَلۡنَا ٱلتَّوۡرَىٰةَ فِيهَا هُدٗى وَنُورٞۚ يَحۡكُمُ بِهَا ٱلنَّبِيُّونَ ٱلَّذِينَ أَسۡلَمُواْ لِلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلۡأَحۡبَارُ بِمَا ٱسۡتُحۡفِظُواْ مِن كِتَٰبِ ٱللَّهِ وَكَانُواْ عَلَيۡهِ شُهَدَآءَۚ فَلَا تَخۡشَوُاْ ٱلنَّاسَ وَٱخۡشَوۡنِ وَلَا تَشۡتَرُواْ بِـَٔايَٰتِي ثَمَنٗا قَلِيلٗاۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ

    Open ayah 5:44

    شەكسىزكى، بىز ھىدايەت ۋە نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋراتنى نازىل قىلغان ئىدۇق، ئۆزلىرىنى ئاللاھقا ئاتىغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى، رەببانىي ئالىملار[48] ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى (بويىچە ھۆكۈم قىلاتتى)، ئۇلار ئۇنى ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىي ئالىملىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىنلا قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كاپىرلاردۇر.

    1. «رەببانىي ئالىملار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «رباني» دېگەن سۆز ئىلىم - ھېكمەتكە تولغان ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا سالالايدىغان يېتۈك ئالىمنى ئىپادىلەيدۇ «أيسر التفاسير» 1 _ 635 _ بەت.
  45. وَكَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ فِيهَآ أَنَّ ٱلنَّفۡسَ بِٱلنَّفۡسِ وَٱلۡعَيۡنَ بِٱلۡعَيۡنِ وَٱلۡأَنفَ بِٱلۡأَنفِ وَٱلۡأُذُنَ بِٱلۡأُذُنِ وَٱلسِّنَّ بِٱلسِّنِّ وَٱلۡجُرُوحَ قِصَاصٞۚ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِۦ فَهُوَ كَفَّارَةٞ لَّهُۥۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

    Open ayah 5:45

    ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان، كۆزگە كۆز، بۇرۇنغا بۇرۇن، قۇلاققا قۇلاق، چىشقا چىش ۋە كىشىنى قانداق يارىدار قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق يارىدار قىلىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى)غا كاپارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.

  46. وَقَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَ فِيهِ هُدٗى وَنُورٞ وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَهُدٗى وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 5:46

    ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە ئۈگۈت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق.

  47. وَلۡيَحۡكُمۡ أَهۡلُ ٱلۡإِنجِيلِ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فِيهِۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ

    Open ayah 5:47

    ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

  48. وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَمُهَيۡمِنًا عَلَيۡهِۖ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۖ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡ عَمَّا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ لِكُلّٖ جَعَلۡنَا مِنكُمۡ شِرۡعَةٗ وَمِنۡهَاجٗاۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن لِّيَبۡلُوَكُمۡ فِي مَآ ءَاتَىٰكُمۡۖ فَٱسۡتَبِقُواْ ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ

    Open ayah 5:48

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا بۇ كىتاب (قۇرئان)نى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كۆزەتكۈچى قىلىپ، ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتنەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەربىر ئۈممەتكە بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوپئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن (يول ۋە شەرىئەتلەر) بىلەن سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدى). ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاندىن سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.

  49. وَأَنِ ٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡ وَٱحۡذَرۡهُمۡ أَن يَفۡتِنُوكَ عَنۢ بَعۡضِ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيۡكَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَٱعۡلَمۡ أَنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُصِيبَهُم بِبَعۡضِ ذُنُوبِهِمۡۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ لَفَٰسِقُونَ

    Open ayah 5:49

    ئۇلارنىڭ (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ) ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان كىتاب (قۇرئان) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان (قۇرئان)نىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى خالايدۇ. شەكسىزكى، ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىقلاردۇر.

  50. أَفَحُكۡمَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ يَبۡغُونَۚ وَمَنۡ أَحۡسَنُ مِنَ ٱللَّهِ حُكۡمٗا لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ 

    Open ayah 5:50

    ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ھەقىقەتكە) جەزم قىلىپ ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادالەتلىك كىم بار؟

  51. ۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلۡيَهُودَ وَٱلنَّصَٰرَىٰٓ أَوۡلِيَآءَۘ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمۡ فَإِنَّهُۥ مِنۡهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 5:51

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىيلارنى ۋە خىرىستىيانلارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر _ بىرىنىڭ دوستىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  52. فَتَرَى ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ يُسَٰرِعُونَ فِيهِمۡ يَقُولُونَ نَخۡشَىٰٓ أَن تُصِيبَنَا دَآئِرَةٞۚ فَعَسَى ٱللَّهُ أَن يَأۡتِيَ بِٱلۡفَتۡحِ أَوۡ أَمۡرٖ مِّنۡ عِندِهِۦ فَيُصۡبِحُواْ عَلَىٰ مَآ أَسَرُّواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ نَٰدِمِينَ

    Open ayah 5:52

    دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنىڭ «بېشىمىزغا بىرەر پالاكەت كېلىپ قېلىشتىن قورقىمىز» دەپ، ئۇلار (يەنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار) بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ، ياكى (مۇناپىقلار ھەققىدە) ئۆز تەرىپىدىن بىر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ _ دە، (دىلىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار) ئۇلارنى كۆڭلىدە يوشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چەككۈچى بولۇپ قالىدۇ.

  53. وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ إِنَّهُمۡ لَمَعَكُمۡۚ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فَأَصۡبَحُواْ خَٰسِرِينَ

    Open ayah 5:53

    (بۇ چاغدا) مۇئمىنلەر: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچكەنلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالدى.

  54. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَن يَرۡتَدَّ مِنكُمۡ عَن دِينِهِۦ فَسَوۡفَ يَأۡتِي ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ يُحِبُّهُمۡ وَيُحِبُّونَهُۥٓ أَذِلَّةٍ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ يُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوۡمَةَ لَآئِمٖۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ

    Open ayah 5:54

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن كىمكى دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئاللاھ (مۇنداقلارنىڭ ئورنىغا) ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان، مۇئمىنلەرگە كەمتەر، كاپىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى ئۇزاققا قالماي مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ (سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ، ئاللاھ پەزلى كەڭ ۋە ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.

  55. إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُمۡ رَٰكِعُونَ

    Open ayah 5:55

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر ۋە (ئاللاھقا) بويسۇنۇپ نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان مۇئمىنلەردۇر.

  56. وَمَن يَتَوَلَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَإِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ

    Open ayah 5:56

    كىمكى ئاللاھنىڭ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ تەرەپدارى بولىدىكەن، (ئۇ ئاللاھنىڭ قوشۇنىدىندۇر). شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى ئەلۋەتتە غالىبتۇر.

  57. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَكُمۡ هُزُوٗا وَلَعِبٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَٱلۡكُفَّارَ أَوۡلِيَآءَۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

    Open ayah 5:57

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئىچىدىكى دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن _ تاماشا ماۋزۇسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلارنى ۋە كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

  58. وَإِذَا نَادَيۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ ٱتَّخَذُوهَا هُزُوٗا وَلَعِبٗاۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 5:58

    سىلەر نامازغا چاقىرغان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن _ تاماشا ماۋزۇسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان بىر قەۋم بولغانلىقىدىندۇر.

  59. قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ هَلۡ تَنقِمُونَ مِنَّآ إِلَّآ أَنۡ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلُ وَأَنَّ أَكۡثَرَكُمۡ فَٰسِقُونَ

    Open ayah 5:59

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر پەقەت بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان (كىتاب)قا ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىمان ئېيىتقانلىقىمىز ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلارنىڭ (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا بىزگە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتامسىلەر؟».

  60. قُلۡ هَلۡ أُنَبِّئُكُم بِشَرّٖ مِّن ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِندَ ٱللَّهِۚ مَن لَّعَنَهُ ٱللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيۡهِ وَجَعَلَ مِنۡهُمُ ٱلۡقِرَدَةَ وَٱلۡخَنَازِيرَ وَعَبَدَ ٱلطَّٰغُوتَۚ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ 

    Open ayah 5:60

    ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇنىڭدىنمۇ (يەنى سىلەرنىڭ ئەيىبلىغىنىڭلاردىنمۇ) يامانراق جازاغا ئۇچرايدىغانلارنى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟ ئۇلار (سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلار بولۇپ) ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلغان ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ۋە تاغۇتقا چوقۇنغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر».

  61. وَإِذَا جَآءُوكُمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَقَد دَّخَلُواْ بِٱلۡكُفۡرِ وَهُمۡ قَدۡ خَرَجُواْ بِهِۦۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا كَانُواْ يَكۡتُمُونَ

    Open ayah 5:61

    (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئۇلار يېنىڭلارغا كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتكەن تۇرۇپ، يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  62. وَتَرَىٰ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَأَكۡلِهِمُ ٱلسُّحۡتَۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 5:62

    سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ گۇناھتا، زۇلۇم سېلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بىر _ بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

  63. لَوۡلَا يَنۡهَىٰهُمُ ٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلۡأَحۡبَارُ عَن قَوۡلِهِمُ ٱلۡإِثۡمَ وَأَكۡلِهِمُ ٱلسُّحۡتَۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ

    Open ayah 5:63

    ئۇلارنىڭ رەببانىي ئالىملىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

  64. وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ يَدُ ٱللَّهِ مَغۡلُولَةٌۚ غُلَّتۡ أَيۡدِيهِمۡ وَلُعِنُواْ بِمَا قَالُواْۘ بَلۡ يَدَاهُ مَبۡسُوطَتَانِ يُنفِقُ كَيۡفَ يَشَآءُۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗاۚ وَأَلۡقَيۡنَا بَيۡنَهُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ كُلَّمَآ أَوۡقَدُواْ نَارٗا لِّلۡحَرۡبِ أَطۡفَأَهَا ٱللَّهُۚ وَيَسۡعَوۡنَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَسَادٗاۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

    Open ayah 5:64

    يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاغلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى. ئەكسىچە، ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر (پەزلى _ كەرەمى كەڭدۇر)، خالىغىنىچە بېرىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن) رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا يۈرىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.

  65. وَلَوۡ أَنَّ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَكَفَّرۡنَا عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَأَدۡخَلۡنَٰهُمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

    Open ayah 5:65

    ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتسا ۋە (يامانلىقلىرىدىن) ساقلانسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق.

  66. وَلَوۡ أَنَّهُمۡ أَقَامُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِم مِّن رَّبِّهِمۡ لَأَكَلُواْ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۚ مِّنۡهُمۡ أُمَّةٞ مُّقۡتَصِدَةٞۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ سَآءَ مَا يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 5:66

    ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىدىن ۋە ئايىغى ئاستىدىن (بېرىلگەن رىزىقنى) يەيتتى، ئۇلاردىن توغرا يولدا بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!

  67. ۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغۡ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ وَإِن لَّمۡ تَفۡعَلۡ فَمَا بَلَّغۡتَ رِسَالَتَهُۥۚ وَٱللَّهُ يَعۡصِمُكَ مِنَ ٱلنَّاسِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 5:67

    ئى پەيغەمبەر! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنى (تولۇق) يەتكۈزگىن، ئەگەر (شۇنداق) قىلمىساڭ، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  68. قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَسۡتُمۡ عَلَىٰ شَيۡءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُمۡۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗاۖ فَلَا تَأۡسَ عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 5:68

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر (ھەقىقەتتىن) ھېچ نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئەمەسسىلەر». رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ھەقىقەتلەر ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇڭا كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن.

  69. إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلصَّٰبِـُٔونَ وَٱلنَّصَٰرَىٰ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

    Open ayah 5:69

    مۇئمىنلەرگە، شۇنداقلا يەھۇدىيلار، سابىئىيلار[49] ۋە خىرىستىيانلار ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.

    1. سابىئىيلار— مۇئەييەن بىر دىنغا تەۋە بولماستىن، تۇغۇلۇشتىكى ھالىتى بىلەن قالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
  70. لَقَدۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمۡ رُسُلٗاۖ كُلَّمَا جَآءَهُمۡ رَسُولُۢ بِمَا لَا تَهۡوَىٰٓ أَنفُسُهُمۡ فَرِيقٗا كَذَّبُواْ وَفَرِيقٗا يَقۡتُلُونَ 

    Open ayah 5:70

    شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان بىرەر نەرسىنى (بىرەر ئەھكامنى) ئېلىپ كەلسە، ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر قىسمىنى ئىنكار قىلدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى.

  71. وَحَسِبُوٓاْ أَلَّا تَكُونَ فِتۡنَةٞ فَعَمُواْ وَصَمُّواْ ثُمَّ تَابَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ ثُمَّ عَمُواْ وَصَمُّواْ كَثِيرٞ مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 5:71

    ئۇلار ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلاپ، كور ۋە گاس بولۇۋالدى، (ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن) كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  72. لَقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ وَقَالَ ٱلۡمَسِيحُ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۖ إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ

    Open ayah 5:72

    شەكسىزكى، «ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر» دېگۈچىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. ھالبۇكى، ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى.

  73. لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ ثَالِثُ ثَلَٰثَةٖۘ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّآ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ وَإِن لَّمۡ يَنتَهُواْ عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ

    Open ayah 5:73

    شەكسىزكى، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر» دېگۈچىلەرمۇ ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلار قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ.

  74. أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى ٱللَّهِ وَيَسۡتَغۡفِرُونَهُۥۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 5:74

    ئۇلار تېخىچە ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  75. مَّا ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُ وَأُمُّهُۥ صِدِّيقَةٞۖ كَانَا يَأۡكُلَانِ ٱلطَّعَامَۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ ٱنظُرۡ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ

    Open ayah 5:75

    مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. ئايەتلىرىمىزنى ئۇلارغا (خىرىستىيانلارغا) قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ (ھەقتىن) قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغىمۇ قارىغىن.

  76. قُلۡ أَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَكُمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗاۚ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

    Open ayah 5:76

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».

  77. قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا تَغۡلُواْ فِي دِينِكُمۡ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوٓاْ أَهۡوَآءَ قَوۡمٖ قَدۡ ضَلُّواْ مِن قَبۡلُ وَأَضَلُّواْ كَثِيرٗا وَضَلُّواْ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ

    Open ayah 5:77

    (ئى پەيغەمبەر! خىرىستىيانلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا يولسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋم (يەھۇدىيلار)نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار».

  78. لُعِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُۥدَ وَعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ

    Open ayah 5:78

    ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى.

  79. كَانُواْ لَا يَتَنَاهَوۡنَ عَن مُّنكَرٖ فَعَلُوهُۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ

    Open ayah 5:79

    ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر _ بىرىنى توسمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

  80. تَرَىٰ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ يَتَوَلَّوۡنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ لَبِئۡسَ مَا قَدَّمَتۡ لَهُمۡ أَنفُسُهُمۡ أَن سَخِطَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَفِي ٱلۡعَذَابِ هُمۡ خَٰلِدُونَ 

    Open ayah 5:80

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشى قىلدۇرغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك) ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر.

  81. وَلَوۡ كَانُواْ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلنَّبِيِّ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَا ٱتَّخَذُوهُمۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ

    Open ayah 5:81

    ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان (ۋەھيى)گە ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمىغان بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئىتائىتىدىن) چىققۇچىلاردۇر.

  82. ۞لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ ٱلنَّاسِ عَدَٰوَةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلۡيَهُودَ وَٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقۡرَبَهُم مَّوَدَّةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنۡهُمۡ قِسِّيسِينَ وَرُهۡبَانٗا وَأَنَّهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ

    Open ayah 5:82

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. «بىز ناسارا»[50] دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۇئمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇنداق بولۇشى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالارنىڭ، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقىدىندۇر.

    1. بۇ ئايەتتىكى«ناسارا» دېگەن سۆزدىن خىرىستىيانلار ئارىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان پىرقە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر ئۇلارنىڭ ھەبەشىستاندىن كەلگەن ئەقىدىسى دۇرۇس خىرىستىيانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
  83. وَإِذَا سَمِعُواْ مَآ أُنزِلَ إِلَى ٱلرَّسُولِ تَرَىٰٓ أَعۡيُنَهُمۡ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمۡعِ مِمَّا عَرَفُواْ مِنَ ٱلۡحَقِّۖ يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱكۡتُبۡنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ

    Open ayah 5:83

    ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان (ئايەتلەر)نى ئاڭلىغان چاغدا، ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (ھەقىقەتكە) گۇۋاھ بولغۇچىلار قاتارىدا يازغىن.

  84. وَمَا لَنَا لَا نُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَمَا جَآءَنَا مِنَ ٱلۡحَقِّ وَنَطۡمَعُ أَن يُدۡخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلصَّٰلِحِينَ

    Open ayah 5:84

    بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى سالىھلار بىلەن بىللە (جەننەتكە) كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ئاللاھقا ۋە بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟».

  85. فَأَثَٰبَهُمُ ٱللَّهُ بِمَا قَالُواْ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 5:85

    بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.

  86. وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 5:86

    (ئاللاھنى) ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر.

  87. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحَرِّمُواْ طَيِّبَٰتِ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ

    Open ayah 5:87

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلىۋالماڭلار، چەكتىن ئاشماڭلار. چۈنكى، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.

  88. وَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلٗا طَيِّبٗاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 5:88

    ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

  89. لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلۡأَيۡمَٰنَۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطۡعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنۡ أَوۡسَطِ مَا تُطۡعِمُونَ أَهۡلِيكُمۡ أَوۡ كِسۡوَتُهُمۡ أَوۡ تَحۡرِيرُ رَقَبَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيۡمَٰنِكُمۡ إِذَا حَلَفۡتُمۡۚ وَٱحۡفَظُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 5:89

    ئاللاھ سىلەرنى مەقسەتسىز قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، (بۇنداق قەسەمنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كاپارىتى ئائىلەڭلەردىكىلەرگە بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا بىر قۇردىن كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. مانا بۇ سىلەر قەسەم قىلغاندا (بۇزۇۋەتكەن) قەسىمىڭلارنىڭ كاپارىتىدۇر. قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.

  90. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ 

    Open ayah 5:90

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، (مەبۇد قىلىپ) تىكلەنگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى (بىلەن پال سېلىش) پەقەت شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.

  91. إِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ فِي ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِ وَيَصُدَّكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّنتَهُونَ

    Open ayah 5:91

    شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراق بىلەن قىماردىن) يانمامسىلەر؟

  92. وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَٱحۡذَرُواْۚ فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ

    Open ayah 5:92

    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاسىيلىق قىلىشتىن) ھەزەر ئەيلەڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر.

  93. لَيۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جُنَاحٞ فِيمَا طَعِمُوٓاْ إِذَا مَا ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّأَحۡسَنُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 5:93

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەگەر (ھارامدىن) ساقلانسا، ئىمانىدا چىڭ تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئاندىن (ھارامدىن) داۋاملىق ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرسا، ئاندىن (ھارامدىن) ئىزچىل تۈردە ساقلانسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ (ھارام قىلىنشىتىن ئىلگىرى) يېگەن _ ئىچكەنلىرىدە ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

  94. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَيَبۡلُوَنَّكُمُ ٱللَّهُ بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلصَّيۡدِ تَنَالُهُۥٓ أَيۡدِيكُمۡ وَرِمَاحُكُمۡ لِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَخَافُهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 5:94

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! خىلۋەتتە ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان ئاز- تولا ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازاب بار.

  95. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقۡتُلُواْ ٱلصَّيۡدَ وَأَنتُمۡ حُرُمٞۚ وَمَن قَتَلَهُۥ مِنكُم مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآءٞ مِّثۡلُ مَا قَتَلَ مِنَ ٱلنَّعَمِ يَحۡكُمُ بِهِۦ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ هَدۡيَۢا بَٰلِغَ ٱلۡكَعۡبَةِ أَوۡ كَفَّٰرَةٞ طَعَامُ مَسَٰكِينَ أَوۡ عَدۡلُ ذَٰلِكَ صِيَامٗا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمۡرِهِۦۗ عَفَا ٱللَّهُ عَمَّا سَلَفَۚ وَمَنۡ عَادَ فَيَنتَقِمُ ٱللَّهُ مِنۡهُۚ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ

    Open ayah 5:95

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئادالەتلىك ئىككى كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭ كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كاپارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە تائام بېرىشتۇر، ياكى ھەربىر مىسكىنگە بېرىدىغان تائامنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىغان) بۇرۇنقى گۇناھلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى بۇ گۇناھنى قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (گۇناھكارلارنى) جازالىغۇچىدۇر.

  96. أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِلسَّيَّارَةِۖ وَحُرِّمَ عَلَيۡكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَرِّ مَا دُمۡتُمۡ حُرُمٗاۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ

    Open ayah 5:96

    سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنى يېيىش ھالال قىلىندى. سىلەر ئېھرامدا بولغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

  97. ۞جَعَلَ ٱللَّهُ ٱلۡكَعۡبَةَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ قِيَٰمٗا لِّلنَّاسِ وَٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَٱلۡهَدۡيَ وَٱلۡقَلَٰٓئِدَۚ ذَٰلِكَ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ

    Open ayah 5:97

    ئاللاھ ھۆرمەتلىك ئۆي كەئبىنى، ھەج ئېيىنى، قۇربانلىقنى، (قۇربانلىق ماللارغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنچۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.

  98. ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ وَأَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 5:98

    بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئازابى قاتتىق زاتتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  99. مَّا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ

    Open ayah 5:99

    پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (دىننى) يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

  100. قُل لَّا يَسۡتَوِي ٱلۡخَبِيثُ وَٱلطَّيِّبُ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ كَثۡرَةُ ٱلۡخَبِيثِۚ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ 

    Open ayah 5:100

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «گەرچە ناپاك نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەيران قالدۇرسىمۇ، ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولالمايدۇ». ئۇنداقتا، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

  101. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَسۡـَٔلُواْ عَنۡ أَشۡيَآءَ إِن تُبۡدَ لَكُمۡ تَسُؤۡكُمۡ وَإِن تَسۡـَٔلُواْ عَنۡهَا حِينَ يُنَزَّلُ ٱلۡقُرۡءَانُ تُبۡدَ لَكُمۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهَاۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ 

    Open ayah 5:101

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاشكارا قىلىنسا (يەنى جاۋاب بېرىلسە) سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (سوئال) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل بولۇۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە (ھۆكمى) بىلدۈرۈلىدۇ، ئاللاھ (بۇنىڭدىن بۇرۇن سورىغانلىرىڭلارنى) كەچۈرۈۋەتتى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.

  102. قَدۡ سَأَلَهَا قَوۡمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡ ثُمَّ أَصۡبَحُواْ بِهَا كَٰفِرِينَ 

    Open ayah 5:102

    سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبىدىن كاپىر بولۇپ كەتتى.

  103. مَا جَعَلَ ٱللَّهُ مِنۢ بَحِيرَةٖ وَلَا سَآئِبَةٖ وَلَا وَصِيلَةٖ وَلَا حَامٖ وَلَٰكِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَأَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ 

    Open ayah 5:103

    ئاللا بەھىرە[51]، سائىبە[52]، ۋەسىلە[53] ۋە ھام[54] ناملىق تۆگىلەرنىڭ ھېچبىرىنى (بۇتلارغا ئاتاشنى) بۇيرۇغان ئەمەس، لېكىن كاپىرلار ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ.

    1. بەھىرە _ بەشنى تۇغقان، بەشىنچىسىنى چىشى تۇغقان ھىنگان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى تىلىپ ئەن سېلىپ قويۇپ، ئىشلەتمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.
    2. سائىبە – ئىلاھلارغا ئاتالغان چىشى تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، ئەركىن قويۇپ بېرىلەتتى، خالىغان جايدا ئوتلايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى.
    3. ۋەسىلە – ئەركەك ۋە چىشى ئىككىنى بىر ۋاقىتتا تۇغقان ھىنگان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى ئۇنى ئەركىگە قويۇپ بېرەتتى ۋە ئىلاھلىرىغا خاس قىلاتتى.
    4. ھام _ ئون بوتىلاقنىڭ ئاتىسى بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، ئوتلاشتا ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.
  104. وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ قَالُواْ حَسۡبُنَا مَا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ءَابَآؤُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَهۡتَدُونَ 

    Open ayah 5:104

    ئۇلارغا «ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)غا ۋە پەيغەمبەر (بايان قىلغان ھۆكۈم)گە ئەمەل قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟).

  105. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَيۡكُمۡ أَنفُسَكُمۡۖ لَا يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا ٱهۡتَدَيۡتُمۡۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ 

    Open ayah 5:105

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلارنىڭ قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ.

  106. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ شَهَٰدَةُ بَيۡنِكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ حِينَ ٱلۡوَصِيَّةِ ٱثۡنَانِ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ أَوۡ ءَاخَرَانِ مِنۡ غَيۡرِكُمۡ إِنۡ أَنتُمۡ ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَأَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةُ ٱلۡمَوۡتِۚ تَحۡبِسُونَهُمَا مِنۢ بَعۡدِ ٱلصَّلَوٰةِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ لَا نَشۡتَرِي بِهِۦ ثَمَنٗا وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰ وَلَا نَكۡتُمُ شَهَٰدَةَ ٱللَّهِ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡأٓثِمِينَ 

    Open ayah 5:106

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاراڭلاردىن بىرى ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئادالەتلىك ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلسە، (ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچى تېپىلمىسا) باشقا دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن. ئەگەر سىلەر (باشقا دىندىكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: (بىز گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر) «بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، ئاللاھ (رازىلىقى) ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز، ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن.

  107. فَإِنۡ عُثِرَ عَلَىٰٓ أَنَّهُمَا ٱسۡتَحَقَّآ إِثۡمٗا فَـَٔاخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَوۡلَيَٰنِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ لَشَهَٰدَتُنَآ أَحَقُّ مِن شَهَٰدَتِهِمَا وَمَا ٱعۡتَدَيۡنَآ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 5:107

    ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز (ھەقىقەتتىن) چەتنەپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن.

  108. ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِٱلشَّهَٰدَةِ عَلَىٰ وَجۡهِهَآ أَوۡ يَخَافُوٓاْ أَن تُرَدَّ أَيۡمَٰنُۢ بَعۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡمَعُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ 

    Open ayah 5:108

    بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا ياكى قىلغان قەسىمىنىڭ (ۋارىسلارنىڭ قەسىمى بىلەن) رەت قىلىنىشىدىن قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  109. ۞يَوۡمَ يَجۡمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبۡتُمۡۖ قَالُواْ لَا عِلۡمَ لَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ 

    Open ayah 5:109

    (ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنىنى ئۇنتۇماڭلاركى) ئاللاھ ئۇ كۈندە پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «سىلەر (قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغاندا، ئۇلاردىن) قانداق جاۋابقا ئىگە بولغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز. شەكسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن» دەيدۇ.

  110. إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ كَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ 

    Open ayah 5:110

    ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ساڭا روھۇلقۇدۇس[55] بىلەن مەدەت بەرگەن ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ ئەينى زاماندا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم، ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، سەن مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ ئەينى زاماندا سەن مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ ئەينى زاماندا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.

    1. رۇھۇلقۇدۇس _ مۇقەددەس روھ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما خىرىستىيان دىنىنىڭ ئاتالغۇسىدا ئاللاھنىڭ روھى بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ روھ بىلەن يېتەكلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
  111. وَإِذۡ أَوۡحَيۡتُ إِلَى ٱلۡحَوَارِيِّـۧنَ أَنۡ ءَامِنُواْ بِي وَبِرَسُولِي قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّنَا مُسۡلِمُونَ

    Open ayah 5:111

    ئۆز ۋاقتىدا مەن ھاۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ئىلھام بەرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى.

  112. إِذۡ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ هَلۡ يَسۡتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِۖ قَالَ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

    Open ayah 5:112

    شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا (ئۇلارغا): «ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى.

  113. قَالُواْ نُرِيدُ أَن نَّأۡكُلَ مِنۡهَا وَتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعۡلَمَ أَن قَدۡ صَدَقۡتَنَا وَنَكُونَ عَلَيۡهَا مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ

    Open ayah 5:113

    ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (شۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى.

  114. قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ ٱللَّهُمَّ رَبَّنَآ أَنزِلۡ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ تَكُونُ لَنَا عِيدٗا لِّأَوَّلِنَا وَءَاخِرِنَا وَءَايَةٗ مِّنكَۖ وَٱرۡزُقۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

    Open ayah 5:114

    مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (ئاتا قىلىنغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن، بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن ھەقىقەتەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن» دېگەن ئىدى.

  115. قَالَ ٱللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيۡكُمۡۖ فَمَن يَكۡفُرۡ بَعۡدُ مِنكُمۡ فَإِنِّيٓ أُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا لَّآ أُعَذِّبُهُۥٓ أَحَدٗا مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 5:115

    ئاللاھ: «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچكىمنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى.

  116. وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

    Open ayah 5:116

    شۇ چاغدا ئاللاھ: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېگەنمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئىيسا ئېيتىدۇ: «(ئى رەببىم!) سەن شەنىڭگە لايىق كەلمەيدىغان سۈپەتلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇرسەن. ئېيتىشقا ھەققىم بولمىغان سۆزلەرنى ئېيتىش ماڭا ھەرگىز لايىق ئەمەس، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلگەن بولاتتىڭ. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شەكسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن.

  117. مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ

    Open ayah 5:117

    مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار› دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىسەن.

  118. إِن تُعَذِّبۡهُمۡ فَإِنَّهُمۡ عِبَادُكَۖ وَإِن تَغۡفِرۡ لَهُمۡ فَإِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 5:118

    ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، شەكسىزكى، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».

  119. قَالَ ٱللَّهُ هَٰذَا يَوۡمُ يَنفَعُ ٱلصَّٰدِقِينَ صِدۡقُهُمۡۚ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ

    Open ayah 5:119

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئەسقاتىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھ (ئاتا قىلغان ئىنئاملار)دىن رازى بولىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر».

  120. لِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا فِيهِنَّۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرُۢ 

    Open ayah 5:120

    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.