الأنعام
Al-An'aam
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ ٱلظُّلُمَٰتِ وَٱلنُّورَۖ ثُمَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ
Open ayah 6:1جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە يورۇقلۇقنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق ئايەت ۋە دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق) كاپىرلار رەببىگە (مەخلۇقاتنى) تەڭ قىلىۋالىدۇ.
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن طِينٖ ثُمَّ قَضَىٰٓ أَجَلٗاۖ وَأَجَلٞ مُّسَمًّى عِندَهُۥۖ ثُمَّ أَنتُمۡ تَمۡتَرُونَ
Open ayah 6:2ئاللاھ سىلەرنى لايدىن ياراتقان، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتكەن زاتتۇر، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئۇنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر. (ئى كاپىرلار! سىلەر مۇشۇ باياندىن) كېيىنمۇ (تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر.
وَهُوَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ يَعۡلَمُ سِرَّكُمۡ وَجَهۡرَكُمۡ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡسِبُونَ
Open ayah 6:3ئۇ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھتۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.
وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ
Open ayah 6:4ئاشۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتىدۇ.
فَقَدۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَسَوۡفَ يَأۡتِيهِمۡ أَنۢبَٰٓؤُاْ مَا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 6:5ئۇلارغا ھەق كىتاب (قۇرئان) كېلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى يالغان دېدى. ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ.
أَلَمۡ يَرَوۡاْ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّن قَرۡنٖ مَّكَّنَّٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَا لَمۡ نُمَكِّن لَّكُمۡ وَأَرۡسَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡهِم مِّدۡرَارٗا وَجَعَلۡنَا ٱلۡأَنۡهَٰرَ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمۡ فَأَهۡلَكۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡ وَأَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قَرۡنًا ءَاخَرِينَ
Open ayah 6:6ئۇلار بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمىدىمۇ؟ بىز ئۇلارغا يەر يۈزىدە سىلەرگە بەرمىگەن ئىمكانىيەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق.
وَلَوۡ نَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ كِتَٰبٗا فِي قِرۡطَاسٖ فَلَمَسُوهُ بِأَيۡدِيهِمۡ لَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 6:7(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇلار: «بۇ پەقەتلا ئوپئوچۇق بىر سېھىردۇر» دەيتتى.
وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ مَلَكٞۖ وَلَوۡ أَنزَلۡنَا مَلَكٗا لَّقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ثُمَّ لَا يُنظَرُونَ
Open ayah 6:8ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە بىز كۆرەلەيدىغان) بىر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرۇلۇق) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئاندىن ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيتتى.
وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ مَلَكٗا لَّجَعَلۡنَٰهُ رَجُلٗا وَلَلَبَسۡنَا عَلَيۡهِم مَّا يَلۡبِسُونَ
Open ayah 6:9بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر چۈشكەن شۈبھىگە يەنە چۈشۈرەتتۇق.
وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُواْ مِنۡهُم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 6:10(ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى كۆزگە ئىلمىغان ئازاب قورشىۋالدى.
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ ٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 6:11(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «يەر يۈزىنى كېزىڭلار، ئاندىن (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار».
قُل لِّمَن مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قُل لِّلَّهِۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفۡسِهِ ٱلرَّحۡمَةَۚ لَيَجۡمَعَنَّكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِۚ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:12(ئى پەيغەمبەر! ئۇلاردىن) سورىغىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. قىلچە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ. (كۇفرىنى تاللاش بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
۞وَلَهُۥ مَا سَكَنَ فِي ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 6:13كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
قُلۡ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيّٗا فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَهُوَ يُطۡعِمُ وَلَا يُطۡعَمُۗ قُلۡ إِنِّيٓ أُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ أَوَّلَ مَنۡ أَسۡلَمَۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 6:14(ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ (ھەممىگە) رىزىق بېرىدىغان، ئۆزى رىزىققا موھتاج بولمايدىغان تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقىسىنى مەدەتكار قىلىۋالامدىمەن؟». ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە) مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم ۋە (ماڭا) «ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن» (دەپ ئەمر قىلىندى).
قُلۡ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
Open ayah 6:15(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك (قىيامەت) كۈنىنىڭ ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن».
مَّن يُصۡرَفۡ عَنۡهُ يَوۡمَئِذٖ فَقَدۡ رَحِمَهُۥۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 6:16ئاشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم _ شەپقەت قىلغان بولىدۇ. ئەنە شۇ ئوپئوچۇق نىجاتلىقتۇر.
وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 6:17(ئى ئىنسان!) ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋەتكۈچى يوقتۇر، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇنى توسۇۋالغۇچى يوقتۇر). شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
وَهُوَ ٱلۡقَاهِرُ فَوۡقَ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
Open ayah 6:18ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
قُلۡ أَيُّ شَيۡءٍ أَكۡبَرُ شَهَٰدَةٗۖ قُلِ ٱللَّهُۖ شَهِيدُۢ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ لِأُنذِرَكُم بِهِۦ وَمَنۢ بَلَغَۚ أَئِنَّكُمۡ لَتَشۡهَدُونَ أَنَّ مَعَ ٱللَّهِ ءَالِهَةً أُخۡرَىٰۚ قُل لَّآ أَشۡهَدُۚ قُلۡ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَإِنَّنِي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ
Open ayah 6:19(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارمۇ بار، دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەلەمسىلەر؟» (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىرلا ئىلاھتۇر، مەن سىلەر (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئەلۋەتتە ئادا-جۇدامەن».
ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡرِفُونَهُۥ كَمَا يَعۡرِفُونَ أَبۡنَآءَهُمُۘ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:20بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) خۇددى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 6:21ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شەكسىزكى، زالىملار ھەرگىز نىجات تاپالمايدۇ.
وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ أَيۡنَ شُرَكَآؤُكُمُ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ
Open ayah 6:22(قىيامەت) كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى»؟ دەيمىز.
ثُمَّ لَمۡ تَكُن فِتۡنَتُهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ وَٱللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشۡرِكِينَ
Open ayah 6:23ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان ئۆزرىسى پەقەت: «رەببىمىز ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
ٱنظُرۡ كَيۡفَ كَذَبُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡۚ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 6:24سەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارشى قانداق يالغان ئېيتقانلىقىغا قارىغىن[56]. ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ.
- مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى يالغان ئېيتقانلىقى ئۇلارنىڭ «بۇتلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزىدۇر. (تەپسىرى قۇرتۇبى، تەپسىرى جەزائىرى) .
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُ إِلَيۡكَۖ وَجَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۚ وَإِن يَرَوۡاْ كُلَّ ءَايَةٖ لَّا يُؤۡمِنُواْ بِهَاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوكَ يُجَٰدِلُونَكَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 6:25(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭ قىرائىتىڭگە قۇلاق سالىدىغانلار بار، ئۇنى چۈشەنمىسۇن، دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ھەتتا ئۇ كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ، «بۇ (قۇرئان) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ.
وَهُمۡ يَنۡهَوۡنَ عَنۡهُ وَيَنۡـَٔوۡنَ عَنۡهُۖ وَإِن يُهۡلِكُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 6:26ئۇلار كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن (قۇرئاندىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ.
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَى ٱلنَّارِ فَقَالُواْ يَٰلَيۡتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 6:27(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان، ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق ئىدۇق، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دەپ كېتىدىغان چاغدا كۆرگەن بولساڭ (دەھشەتلىك بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ).
بَلۡ بَدَا لَهُم مَّا كَانُواْ يُخۡفُونَ مِن قَبۡلُۖ وَلَوۡ رُدُّواْ لَعَادُواْ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 6:28ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان قىلمىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا كۆرۈندى. (شۇڭا ئۇلار شۇنداق دەيدۇ). ئۇلار (دۇنياغا) قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شەكسىزكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.
وَقَالُوٓاْ إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ
Open ayah 6:29ئۇلار: «ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، بىز (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دېگەن ئىدى.
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ قَالَ أَلَيۡسَ هَٰذَا بِٱلۡحَقِّۚ قَالُواْ بَلَىٰ وَرَبِّنَاۚ قَالَ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
Open ayah 6:30ئۇلارنى رەببىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرسەڭ) ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا، كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ قَالُواْ يَٰحَسۡرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطۡنَا فِيهَا وَهُمۡ يَحۡمِلُونَ أَوۡزَارَهُمۡ عَلَىٰ ظُهُورِهِمۡۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ
Open ayah 6:31ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈستىگە يۈكلىۋالغان ھالدا: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىز سەۋەبلىك كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت!» دەپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۖ وَلَلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 6:32دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن – تاماشا ۋە غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، (بۇنىڭغا) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
قَدۡ نَعۡلَمُ إِنَّهُۥ لَيَحۡزُنُكَ ٱلَّذِي يَقُولُونَۖ فَإِنَّهُمۡ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ
Open ayah 6:33(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. (ئەسلىدە) ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن بۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.
وَلَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ فَصَبَرُواْ عَلَىٰ مَا كُذِّبُواْ وَأُوذُواْ حَتَّىٰٓ أَتَىٰهُمۡ نَصۡرُنَاۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ وَلَقَدۡ جَآءَكَ مِن نَّبَإِيْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 6:34سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ تۆھمەتلەرگە ۋە ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يەنى قانۇنلىرىنى) ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شەكسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنىڭ بىر قىسمى ساڭا يەتكۈزۈلدى.
وَإِن كَانَ كَبُرَ عَلَيۡكَ إِعۡرَاضُهُمۡ فَإِنِ ٱسۡتَطَعۡتَ أَن تَبۡتَغِيَ نَفَقٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ سُلَّمٗا فِي ٱلسَّمَآءِ فَتَأۡتِيَهُم بِـَٔايَةٖۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَمَعَهُمۡ عَلَى ٱلۡهُدَىٰۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ
Open ayah 6:35ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، قولۇڭدىن كەلسە، يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن.
۞إِنَّمَا يَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ يَسۡمَعُونَۘ وَٱلۡمَوۡتَىٰ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ ثُمَّ إِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ
Open ayah 6:36سېنىڭ سۆزۈڭگە (سەمىمىيلىك بىلەن) قۇلاق سالىدىغانلار (دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئۇلارنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ.
وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يُنَزِّلَ ءَايَةٗ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 6:37ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن (بىز تەلەپ قىلغاندەك) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنىڭ ھېكمىتىنى) بىلمەيدۇ.
وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ مَّا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ
Open ayah 6:38مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، ياكى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر. بىز لەۋھۇلمەھفۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق. كېيىن ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 6:39بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار بولسا (بەئەينى) قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ.
قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ أَوۡ أَتَتۡكُمُ ٱلسَّاعَةُ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَدۡعُونَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 6:40(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىسىغا يالۋۇرامسىلەر؟
بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ
Open ayah 6:41ئۇنداق قىلمايسىلەر. سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا، سىلەر (كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ) ئىلتىجا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، (ئۇ چاغدا) سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر».
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَتَضَرَّعُونَ
Open ayah 6:42شەكسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۈممەتلەر (ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بىزگە) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق – سىلاق بىلەن جازالىدۇق.
فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:43ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ
Open ayah 6:44ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، (سىناش ئۈچۈن) ئۇلارغا پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەر بىلەن كۆرەڭلەپ تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 6:45(كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغان قەۋم پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَخَذَ ٱللَّهُ سَمۡعَكُمۡ وَأَبۡصَٰرَكُمۡ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِهِۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ هُمۡ يَصۡدِفُونَ
Open ayah 6:46(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىغىن.
قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ بَغۡتَةً أَوۡ جَهۡرَةً هَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 6:47ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋم ھالاك قىلىنماي، كىملەر ھالاك قىلىنسۇن!؟».
وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۖ فَمَنۡ ءَامَنَ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 6:48بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتىمىز. كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَمَسُّهُمُ ٱلۡعَذَابُ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
Open ayah 6:49بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ إِنِّي مَلَكٌۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 6:50(ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، ‹مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار›، ‹مەن غەيىبنى بىلىمەن› دېمەيمەن، يەنە سىلەرگە ‹مەن بولسام بىر پەرىشتە› دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟».
وَأَنذِرۡ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحۡشَرُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ لَيۡسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
Open ayah 6:51رەببىنىڭ دەرگاھىغا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق دوستى ۋە شاپائەتچىسى يوق ھالەتتە توپلىنىشتىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن.
وَلَا تَطۡرُدِ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ مَا عَلَيۡكَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَمَا مِنۡ حِسَابِكَ عَلَيۡهِم مِّن شَيۡءٖ فَتَطۡرُدَهُمۡ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 6:52ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغانلارنى سەن (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن. ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لِّيَقُولُوٓاْ أَهَٰٓؤُلَآءِ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنۢ بَيۡنِنَآۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِٱلشَّٰكِرِينَ
Open ayah 6:53بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن سىنىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى (بەزىسىنى كۆزگە ئىلماي): «ئارىمىزدىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمىكەن؟» دەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
وَإِذَا جَآءَكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِنَا فَقُلۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡۖ كَتَبَ رَبُّكُمۡ عَلَىٰ نَفۡسِهِ ٱلرَّحۡمَةَ أَنَّهُۥ مَنۡ عَمِلَ مِنكُمۡ سُوٓءَۢا بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ تَابَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَصۡلَحَ فَأَنَّهُۥ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 6:54بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەن چاغدا (سەن ئۇلارغا): «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، رەببىڭلار رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە (ئاللاھ ئۇنى كەچۈرىدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ رەھىم قىلغۇچىدۇر» دېگىن.
وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلِتَسۡتَبِينَ سَبِيلُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 6:55(ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى) ۋە گۇناھكارلارنىڭ يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى ئاشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىمىز.
قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ قُل لَّآ أَتَّبِعُ أَهۡوَآءَكُمۡ قَدۡ ضَلَلۡتُ إِذٗا وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ
Open ayah 6:56(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن ئەلۋەتتە مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، ئەگەر مەن سىلەرگە ئەگەشسەم، ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن».
قُلۡ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَكَذَّبۡتُم بِهِۦۚ مَا عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦٓۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ يَقُصُّ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡفَٰصِلِينَ
Open ayah 6:57ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن رەببىم تەرىپىدىن (كەلگەن) روشەن دەلىل (ۋەھيى)گە ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى يالغانغا چىقاردىڭلار، سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئازاب مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس. بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ، ئۇ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
قُل لَّوۡ أَنَّ عِندِي مَا تَسۡتَعۡجِلُونَ بِهِۦ لَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۗ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 6:58ئېيتقىنكى، «سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان بولاتتى». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ.
۞وَعِندَهُۥ مَفَاتِحُ ٱلۡغَيۡبِ لَا يَعۡلَمُهَآ إِلَّا هُوَۚ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۚ وَمَا تَسۡقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعۡلَمُهَا وَلَا حَبَّةٖ فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡأَرۡضِ وَلَا رَطۡبٖ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ
Open ayah 6:59غەيىبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ، تۆكۈلگەن يوپۇرماقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر تال ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى لەۋھۇلمەھفۇزدا ئېنىق يېزىلغاندۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا جَرَحۡتُم بِٱلنَّهَارِ ثُمَّ يَبۡعَثُكُمۡ فِيهِ لِيُقۡضَىٰٓ أَجَلٞ مُّسَمّٗىۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:60ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدىغان، كۈندۈزدە قىلغان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە (ياشىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدىغان زاتتۇر. ئاندىن قايتىدىغان جايىڭلار ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاندىن ئۇ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
وَهُوَ ٱلۡقَاهِرُ فَوۡقَ عِبَادِهِۦۖ وَيُرۡسِلُ عَلَيۡكُمۡ حَفَظَةً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ تَوَفَّتۡهُ رُسُلُنَا وَهُمۡ لَا يُفَرِّطُونَ
Open ayah 6:61ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، نىھايەت بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەندە، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قىلچە بىپەرۋالىق قىلماستىن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
ثُمَّ رُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۚ أَلَا لَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَهُوَ أَسۡرَعُ ٱلۡحَٰسِبِينَ
Open ayah 6:62ئاندىن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئۇ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
قُلۡ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ تَدۡعُونَهُۥ تَضَرُّعٗا وَخُفۡيَةٗ لَّئِنۡ أَنجَىٰنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ
Open ayah 6:63(ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ زۇلمەتلىرىدىن (يەنى بالايىئاپەتلىرىدىن) سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بالايىئاپەت كەلگەن چاغدا) سىلەر ‹ئەگەر (ئاللاھ) بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسلەر».
قُلِ ٱللَّهُ يُنَجِّيكُم مِّنۡهَا وَمِن كُلِّ كَرۡبٖ ثُمَّ أَنتُمۡ تُشۡرِكُونَ
Open ayah 6:64ئېيتقىنكى، «سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەم _ قايغۇلاردىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (يەنە ئۇنىڭغا) شېرىك كەلتۈرىسىلەر».
قُلۡ هُوَ ٱلۡقَادِرُ عَلَىٰٓ أَن يَبۡعَثَ عَلَيۡكُمۡ عَذَابٗا مِّن فَوۡقِكُمۡ أَوۡ مِن تَحۡتِ أَرۡجُلِكُمۡ أَوۡ يَلۡبِسَكُمۡ شِيَعٗا وَيُذِيقَ بَعۡضَكُم بَأۡسَ بَعۡضٍۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَفۡقَهُونَ
Open ayah 6:65ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ (ئۇرۇشتۇرۇپ)، بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقىنىمىزغا قارىغىن.
وَكَذَّبَ بِهِۦ قَوۡمُكَ وَهُوَ ٱلۡحَقُّۚ قُل لَّسۡتُ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ
Open ayah 6:66قۇرئان ھەق تۇرسا، سېنىڭ قەۋمىڭ ئۇنى ئىنكار قىلدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن.
لِّكُلِّ نَبَإٖ مُّسۡتَقَرّٞۚ وَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 6:67(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەربىر خەۋەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى بار، (سىلەر بۇنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
وَإِذَا رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ يَخُوضُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَلَا تَقۡعُدۡ بَعۡدَ ٱلذِّكۡرَىٰ مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 6:68بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا گەپكە يۆتكەلمىگۈچە ئۇلاردىن يىراق تۇرغىن. (ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشنى) شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، بۇنداق زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن.
وَمَا عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنۡ حِسَابِهِم مِّن شَيۡءٖ وَلَٰكِن ذِكۡرَىٰ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
Open ayah 6:69تەقۋادارلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، تەقۋادارلار ئۇلارنىڭ (بۇنداق قىلمىشتىن) ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
وَذَرِ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَهُمۡ لَعِبٗا وَلَهۡوٗا وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ وَذَكِّرۡ بِهِۦٓ أَن تُبۡسَلَ نَفۡسُۢ بِمَا كَسَبَتۡ لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٞ وَلَا شَفِيعٞ وَإِن تَعۡدِلۡ كُلَّ عَدۡلٖ لَّا يُؤۡخَذۡ مِنۡهَآۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أُبۡسِلُواْ بِمَا كَسَبُواْۖ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 6:70دىنىنى ئويۇن _ تاماشا قىلىۋالغان ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى قويۇپ تۇرغىن. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى سەۋەبلىك ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەرقانداق فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغانلاردۇر. ئۇلارغا كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن قايناپ تۇرغان شاراب ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار.
قُلۡ أَنَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعۡقَابِنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِي ٱسۡتَهۡوَتۡهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِي ٱلۡأَرۡضِ حَيۡرَانَ لَهُۥٓ أَصۡحَٰبٞ يَدۡعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلۡهُدَى ٱئۡتِنَاۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۖ وَأُمِرۡنَا لِنُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 6:71(ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھنى قويۇپ بىزگە پايدا –زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (ئەگەر بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق) شەيتانلار ئازدۇرۇپ بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (بولسىمۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ھالاك بولغان) بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز». ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ ھىدايىتىلا ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق.
وَأَنۡ أَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّقُوهُۚ وَهُوَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
Open ayah 6:72بىز يەنە ‹نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار› (دەپ بۇيرۇلدۇق). ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان زاتتۇر».
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ وَيَوۡمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُۚ قَوۡلُهُ ٱلۡحَقُّۚ وَلَهُ ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
Open ayah 6:73ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ (قانداقلا بىر نەرسىگە) «بول!» دېگەن كۈنى ئۇ دەرھال بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر[57]. ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
- سۇر_ قىيامەت قايىم بولغاندا بىر قېتىم، ئاندىن ئاخىرەتتە ئىنسانلار تىرىلىدىغان چاغدا يەنە بىر قېتىم چېلىنىدىغان كانايدۇر.
۞وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ ءَازَرَ أَتَتَّخِذُ أَصۡنَامًا ءَالِهَةً إِنِّيٓ أَرَىٰكَ وَقَوۡمَكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 6:74ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «سەن بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ شەكسىزكى، مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلىقتا كۆرۈۋاتىمەن» دېدى.
وَكَذَٰلِكَ نُرِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ مَلَكُوتَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلِيَكُونَ مِنَ ٱلۡمُوقِنِينَ
Open ayah 6:75شۇنىڭدەك ئىبراھىمنى قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولسۇن دەپ، بىز ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرسەتتۇق.
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيۡهِ ٱلَّيۡلُ رَءَا كَوۡكَبٗاۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّيۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَآ أُحِبُّ ٱلۡأٓفِلِينَ
Open ayah 6:76ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن» دېدى.
فَلَمَّا رَءَا ٱلۡقَمَرَ بَازِغٗا قَالَ هَٰذَا رَبِّيۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَئِن لَّمۡ يَهۡدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 6:77ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر رەببىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇن قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى.
فَلَمَّا رَءَا ٱلشَّمۡسَ بَازِغَةٗ قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَآ أَكۡبَرُۖ فَلَمَّآ أَفَلَتۡ قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ
Open ayah 6:78ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر (ئاللاھقا) شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەردىن ئۈزۈل-كېسىل ئادا -جۇدامەن.
إِنِّي وَجَّهۡتُ وَجۡهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ حَنِيفٗاۖ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 6:79شەكسىزكى، مەن بارچە باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
وَحَآجَّهُۥ قَوۡمُهُۥۚ قَالَ أَتُحَٰٓجُّوٓنِّي فِي ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنِۚ وَلَآ أَخَافُ مَا تُشۡرِكُونَ بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَشَآءَ رَبِّي شَيۡـٔٗاۚ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمًاۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
Open ayah 6:80ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. پەقەت رەببىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. رەببىمنىڭ ئىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
وَكَيۡفَ أَخَافُ مَآ أَشۡرَكۡتُمۡ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمۡ أَشۡرَكۡتُم بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ عَلَيۡكُمۡ سُلۡطَٰنٗاۚ فَأَيُّ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ أَحَقُّ بِٱلۡأَمۡنِۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 6:81(بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش) ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن تۇرسىمۇ، سىلەر ئۇ نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتىن قورقمايۋاتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرىڭلاردىن قانداقسىگە قورققۇدەكمەن؟ ئەگەر بىلسەڭلار (ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، بىز ۋە سىلەردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى پىرقىدىن زادى قايسىمىز (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ئەڭ خاتىرجەم بولۇشقا تېگىشلىك؟».
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يَلۡبِسُوٓاْ إِيمَٰنَهُم بِظُلۡمٍ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡأَمۡنُ وَهُم مُّهۡتَدُونَ
Open ayah 6:82ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىغا زۇلۇم (شېرىك) ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە كەلسەك، (ئازابتىن) ئەمىنلىك ئەنە شۇلارغا خاستۇر. ئۇلار توغرا يولنى تاپقۇچىلاردۇر.
وَتِلۡكَ حُجَّتُنَآ ءَاتَيۡنَٰهَآ إِبۡرَٰهِيمَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
Open ayah 6:83ئەنە شۇ ئىبراھىمغا قەۋمىگە رەددىيە بەرسۇن دەپ، بەرگەن دەلىلىمىز. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز. رەببىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ كُلًّا هَدَيۡنَاۚ وَنُوحًا هَدَيۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِۦ دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَٰرُونَۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 6:84بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى (ھىدايەت قىلغان ئىدۇق). (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَزَكَرِيَّا وَيَحۡيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلۡيَاسَۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 6:85زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياس قاتارلىقلارنىمۇ (ھىدايەت قىلدۇق). ئۇلارنىڭ ھەممىسى سالىھلاردىندۇر.
وَإِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطٗاۚ وَكُلّٗا فَضَّلۡنَا عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 6:86ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇت قاتارلىقلارنىمۇ (ھىدايەت قىلدۇق). ئۇلارنى (ئۆز زامانىسىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
وَمِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡ وَإِخۡوَٰنِهِمۡۖ وَٱجۡتَبَيۡنَٰهُمۡ وَهَدَيۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 6:87ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى (ھىدايەت قىلدۇق)، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە توغرا يولغا يېتەكلىدۇق.
ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَلَوۡ أَشۡرَكُواْ لَحَبِطَ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:88مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولۇپ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَۚ فَإِن يَكۡفُرۡ بِهَا هَٰٓؤُلَآءِ فَقَدۡ وَكَّلۡنَا بِهَا قَوۡمٗا لَّيۡسُواْ بِهَا بِكَٰفِرِينَ
Open ayah 6:89ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلغان كىشىلەردۇر. ناۋادا ئۇلار (يەنى مەككىلىك كاپىرلار) بۇلارنى ئىنكار قىلسا، ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە تاپشۇرىمىز.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۖ فَبِهُدَىٰهُمُ ٱقۡتَدِهۡۗ قُل لَّآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 6:90ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. (ئى پەيغەمبەر!) سەنمۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننى سىلەرگە يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇ (قۇرئان) پەقەت پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەتتۇر».
وَمَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓ إِذۡ قَالُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٖ مِّن شَيۡءٖۗ قُلۡ مَنۡ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِي جَآءَ بِهِۦ مُوسَىٰ نُورٗا وَهُدٗى لِّلنَّاسِۖ تَجۡعَلُونَهُۥ قَرَاطِيسَ تُبۡدُونَهَا وَتُخۡفُونَ كَثِيرٗاۖ وَعُلِّمۡتُم مَّا لَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنتُمۡ وَلَآ ءَابَآؤُكُمۡۖ قُلِ ٱللَّهُۖ ثُمَّ ذَرۡهُمۡ فِي خَوۡضِهِمۡ يَلۡعَبُونَ
Open ayah 6:91ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئاللاھنى ئۆز قەدرىگە لايىق تونۇمىدى. چۈنكى، ئۇلار «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە چۈشۈرمىدى» دېدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئۇنداقتا) مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە _ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، (خالىغىنىڭلارنى) ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىدىغان، سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا _ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر ئۇنىڭ سايىسىدا بىلدۈرۈلگەن كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟» (ئى پەيغەمبەر!) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئازغۇنلۇققا پاتقان ھالدا ئويناپ يۈرسۇن.
وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ مُّصَدِّقُ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَلِتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَاۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَهُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ
Open ayah 6:92بۇ (قۇرئان) سېنىڭ مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمۡ يُوحَ إِلَيۡهِ شَيۡءٞ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثۡلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي غَمَرَٰتِ ٱلۡمَوۡتِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓاْ أَيۡدِيهِمۡ أَخۡرِجُوٓاْ أَنفُسَكُمُۖ ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَكُنتُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهِۦ تَسۡتَكۡبِرُونَ
Open ayah 6:93ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھيى قىلىندى دېگەن، ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى مەنمۇ نازىل قىلالايمەن دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ (ئى پەيغەمبەر!) سەن بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقتىدا بىر كۆرسەڭ (ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئەھۋالنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر قوللىرىنى سوزۇپ ئۇلارغا: «جېنىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ناتوغرا سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ.
وَلَقَدۡ جِئۡتُمُونَا فُرَٰدَىٰ كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَتَرَكۡتُم مَّا خَوَّلۡنَٰكُمۡ وَرَآءَ ظُهُورِكُمۡۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمۡ شُفَعَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ أَنَّهُمۡ فِيكُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْۚ لَقَد تَّقَطَّعَ بَيۡنَكُمۡ وَضَلَّ عَنكُم مَّا كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ
Open ayah 6:94(ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ): «سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ، خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك تەنھا كەپسىلەرغۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئاتىۋالغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەتچى دەپ) گۇمان قىلغان نەرسىلەر سىلەردىن يوقالدى».
۞إِنَّ ٱللَّهَ فَالِقُ ٱلۡحَبِّ وَٱلنَّوَىٰۖ يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَمُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتِ مِنَ ٱلۡحَيِّۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
Open ayah 6:95شەكسىزكى، ئاللاھ داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، ئۇ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر. شۇلارنى قىلغان زات _ يېگانە ئاللاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
فَالِقُ ٱلۡإِصۡبَاحِ وَجَعَلَ ٱلَّيۡلَ سَكَنٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ حُسۡبَانٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
Open ayah 6:96ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇلۇقتىن) يېرىپ چىقارغان، (سىلەر ئۈچۈن) كېچىنى ئارام ئېلىش ۋاقتى قىلغان، قۇياش بىلەن ئاينى (ئۆز ئوربىتىسىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە) مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلغان زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب، (ھەممىنى) تولۇق بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلنُّجُومَ لِتَهۡتَدُواْ بِهَا فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 6:97ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، دەلىل _ پاكىتلارنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق.
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ فَمُسۡتَقَرّٞ وَمُسۡتَوۡدَعٞۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَفۡقَهُونَ
Open ayah 6:98ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇسىدا) قارارلاشتۇرغان، (ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا) ساقلىغان زاتتۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق.
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَيۡءٖ فَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهُ خَضِرٗا نُّخۡرِجُ مِنۡهُ حَبّٗا مُّتَرَاكِبٗا وَمِنَ ٱلنَّخۡلِ مِن طَلۡعِهَا قِنۡوَانٞ دَانِيَةٞ وَجَنَّٰتٖ مِّنۡ أَعۡنَابٖ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشۡتَبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٍۗ ٱنظُرُوٓاْ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَيَنۡعِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمۡ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:99ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇرنى چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. مانا بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق. يەنە يېشىل مايسىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر _ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردۇق، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى (يېتىشتۈردۇق، يەنە) ئۈزۈملۈك باغلارنى، بىر _ بىرىگە (بەزى تەرەپتىن) ئوخشايدىغان ۋە (بەزى تەرەپتىن) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى (يېتىشتۈردۇق). سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىگەن چاغدىكى يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراپ بېقىڭلار، ئۇلاردا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىللەر باردۇر.
وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلۡجِنَّ وَخَلَقَهُمۡۖ وَخَرَقُواْ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتِۭ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
Open ayah 6:100جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، نادانلىقتىن، «ئاللاھنىڭ ئوغۇل _ قىزلىرى بار» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىشتى. ئاللاھ ئۇلار سۈپەتلىگەن نەرسىلەردىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.
بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَمۡ تَكُن لَّهُۥ صَٰحِبَةٞۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 6:101ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ جۈپتى بولمىسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ فَٱعۡبُدُوهُۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٞ
Open ayah 6:102(ئى ئىنسانلار!) ئەنە شۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر.
لَّا تُدۡرِكُهُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَهُوَ يُدۡرِكُ ٱلۡأَبۡصَٰرَۖ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ
Open ayah 6:103كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى تولۇق بىلىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئەڭ مەخپىي ئىشلاردىنمۇ تولۇق خەۋەرداردۇر.
قَدۡ جَآءَكُم بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنۡ أَبۡصَرَ فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ عَمِيَ فَعَلَيۡهَاۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِحَفِيظٖ
Open ayah 6:104(ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) «(ئى ئىنسانلار!) سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن توغرا يولنىڭ روشەن دەلىللىرى كەلدى، كىمكى (ھەقىقەتنى) كۆرسە، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگە، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگىدۇر. مەن سىلەرگە كۆزەتچى ئەمەسمەن».
وَكَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلِيَقُولُواْ دَرَسۡتَ وَلِنُبَيِّنَهُۥ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 6:105بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق خىلمۇخىل شەكىلدە بايان قىلىپ بەرسەك، مۇشرىكلار (سەن قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگىنىپسەن دەۋاتىدۇ. بىز بىلەلەيدىغان قەۋمگە (ھەقىقەتنى) ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز.
ٱتَّبِعۡ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 6:106(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان (قۇرئان)غا ئەگەشكىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن.
وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكُواْۗ وَمَا جَعَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظٗاۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٖ
Open ayah 6:107ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن.
وَلَا تَسُبُّواْ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَسُبُّواْ ٱللَّهَ عَدۡوَۢا بِغَيۡرِ عِلۡمٖۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمۡ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِم مَّرۡجِعُهُمۡ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:108(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار نادانلىقتىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك (يەنى مۇشرىكلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكىنىمىزدەك)، ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى رەببىنىڭ دەرگاھىدۇر. (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ لَّيُؤۡمِنُنَّ بِهَاۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَا يُشۡعِرُكُمۡ أَنَّهَآ إِذَا جَآءَتۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:109ئۇلار : «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە، بىز ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) «مۆجىزىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر» دېگىن. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) مۆجىزىلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.
وَنُقَلِّبُ أَفۡـِٔدَتَهُمۡ وَأَبۡصَٰرَهُمۡ كَمَا لَمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهِۦٓ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَنَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
Open ayah 6:110ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى (ھەقىقەتنى چۈشىنىشتىن ۋە كۆرۈشتىن) بۇرۇۋېتىمىز، ئۇلار مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز.
۞وَلَوۡ أَنَّنَا نَزَّلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَحَشَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ كُلَّ شَيۡءٖ قُبُلٗا مَّا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَجۡهَلُونَ
Open ayah 6:111بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان كاپىرلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەر (تىرىلىپ، سېنىڭ راستچىللىقىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ) ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەن، (ئۇلار تەلەپ قىلغان) ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن، (ئۇلار ھەممىنى كۆز ئالدىدا كۆرگەن) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغۇچە، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا شَيَٰطِينَ ٱلۡإِنسِ وَٱلۡجِنِّ يُوحِي بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ زُخۡرُفَ ٱلۡقَوۡلِ غُرُورٗاۚ وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ
Open ayah 6:112(ئى پەيغەمبەر! بىز مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەربىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار شېرىن _ شېكەر سۆزلەر بىلەن بىر _ بىرىنى ئالداپ ۋەسۋەسە قىلىشىدۇ، ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنىمۇ قىلالمايتتى. ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرغان نەرسىلىرىگە قويۇپ بەرگىن.
وَلِتَصۡغَىٰٓ إِلَيۡهِ أَفۡـِٔدَةُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَلِيَرۡضَوۡهُ وَلِيَقۡتَرِفُواْ مَا هُم مُّقۡتَرِفُونَ
Open ayah 6:113(ئۇلار) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئۇ شېرىن _ شېكەر سۆزلەرگە) مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇرسۇن (دەپ شۇنداق قىلىدۇ).
أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡتَغِي حَكَمٗا وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مُفَصَّلٗاۚ وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡلَمُونَ أَنَّهُۥ مُنَزَّلٞ مِّن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
Open ayah 6:114(ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە (ھەقىقەتنى) ئوپئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغان زات تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئىزدەمدىمەن؟». بىز كىتاب ئاتا قىلغان (يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇ (قۇرئان)نىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
وَتَمَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدۡقٗا وَعَدۡلٗاۚ لَّا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 6:115رەببىڭنىڭ سۆزى راستلىق ۋە توغرىلىق جەھەتتە ۋايىغا يەتكەندۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَإِن تُطِعۡ أَكۡثَرَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
Open ayah 6:116ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە (يەنى كاپىرلارغا) ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئەگىشىدۇ، يالغاننىلا سۆزلەيدۇ.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ مَن يَضِلُّ عَن سَبِيلِهِۦۖ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
Open ayah 6:117(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
فَكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ إِن كُنتُم بِـَٔايَٰتِهِۦ مُؤۡمِنِينَ
Open ayah 6:118ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار.
وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تَأۡكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَقَدۡ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيۡكُمۡ إِلَّا مَا ٱضۡطُرِرۡتُمۡ إِلَيۡهِۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا لَّيُضِلُّونَ بِأَهۡوَآئِهِم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُعۡتَدِينَ
Open ayah 6:119زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نادانلىقتىن ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، (بۇ خىل مەسىلىلەردە) باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
وَذَرُواْ ظَٰهِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَبَاطِنَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡسِبُونَ ٱلۡإِثۡمَ سَيُجۡزَوۡنَ بِمَا كَانُواْ يَقۡتَرِفُونَ
Open ayah 6:120ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تاشلاڭلار، شەكسىزكى، گۇناھكارلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ.
وَلَا تَأۡكُلُواْ مِمَّا لَمۡ يُذۡكَرِ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ وَإِنَّهُۥ لَفِسۡقٞۗ وَإِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰٓ أَوۡلِيَآئِهِمۡ لِيُجَٰدِلُوكُمۡۖ وَإِنۡ أَطَعۡتُمُوهُمۡ إِنَّكُمۡ لَمُشۡرِكُونَ
Open ayah 6:121(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (ھالال _ ھارام ئىشىدا) سىلەر بىلەن تالاش _ تارتىش قىلىشقا قۇترىتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا بويسۇنساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر.
أَوَمَن كَانَ مَيۡتٗا فَأَحۡيَيۡنَٰهُ وَجَعَلۡنَا لَهُۥ نُورٗا يَمۡشِي بِهِۦ فِي ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ لَيۡسَ بِخَارِجٖ مِّنۡهَاۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡكَٰفِرِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:122ئەسلىدە (مەنىۋى جەھەتتىن) ئۆلۈك بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا يۈرەلەيدىغان نۇر بەرگەن ئادەم بىلەن زۇلمەتلەر ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٍ أَكَٰبِرَ مُجۡرِمِيهَا لِيَمۡكُرُواْ فِيهَاۖ وَمَا يَمۡكُرُونَ إِلَّا بِأَنفُسِهِمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 6:123شۇنىڭدەك (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنى باش گۇناھكارلىرى قىلغىنىمىزدەك)، ھەربىر يۇرتنىڭ كاتتىباشلىرىنى ھىيلە _ مىكىر ئىشلىتىشى ئۈچۈن باش گۇناھكارلار قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرلىرى پەقەتلا ئۆزىگە يانىدۇ، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ.
وَإِذَا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَةٞ قَالُواْ لَن نُّؤۡمِنَ حَتَّىٰ نُؤۡتَىٰ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ رُسُلُ ٱللَّهِۘ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ حَيۡثُ يَجۡعَلُ رِسَالَتَهُۥۗ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْ صَغَارٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا كَانُواْ يَمۡكُرُونَ
Open ayah 6:124ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسىلا، «بىزگىمۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمگە بېرىشنى) ئوبدان بىلىدۇ. (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە _ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، يېقىندا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خارلىققا ۋە قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ.
فَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يَهۡدِيَهُۥ يَشۡرَحۡ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِۖ وَمَن يُرِدۡ أَن يُضِلَّهُۥ يَجۡعَلۡ صَدۡرَهُۥ ضَيِّقًا حَرَجٗا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي ٱلسَّمَآءِۚ كَذَٰلِكَ يَجۡعَلُ ٱللَّهُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:125ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى _ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ كۆڭلى _ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، گويا ئۇ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك ئىچى سىقىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ.
وَهَٰذَا صِرَٰطُ رَبِّكَ مُسۡتَقِيمٗاۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ
Open ayah 6:126(ئى پەيغەمبەر!) بۇ (دىن) رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق ئوچۇق بايان قىلدۇق.
۞لَهُمۡ دَارُ ٱلسَّلَٰمِ عِندَ رَبِّهِمۡۖ وَهُوَ وَلِيُّهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:127رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا تىنچلىق يۇرتى (جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر.
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ قَدِ ٱسۡتَكۡثَرۡتُم مِّنَ ٱلۡإِنسِۖ وَقَالَ أَوۡلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلۡإِنسِ رَبَّنَا ٱسۡتَمۡتَعَ بَعۡضُنَا بِبَعۡضٖ وَبَلَغۡنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِيٓ أَجَّلۡتَ لَنَاۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثۡوَىٰكُمۡ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
Open ayah 6:128ئاللاھ (ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ) ھەممىسىنى تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار (تائىپىسىدىن بولغان شەيتانلار) جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەيدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىرـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (قىيامەتكە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعۡضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 6:129شۇنىڭدەك (يەنى جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ئىنسانلارنىڭ كاپىرلىرىغا مۇسەللەت قىلىپ قويغىنىمىزدەك)، زالىملارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىر _ بىرىگە مۇسەللەت قىلىپ قويىمىز.
يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ شَهِدۡنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَاۖ وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ
Open ayah 6:130«ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئاراڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» (دېيىلگەندە)، ئۇلار: «بىز (پەيغەمبەرلەرنىڭ كەلگەنلىكىگە) ئۆزىمىزگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىمىز» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ذَٰلِكَ أَن لَّمۡ يَكُن رَّبُّكَ مُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا غَٰفِلُونَ
Open ayah 6:131بۇ (پەيغەمبەر ئەۋەتىش) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، رەببىڭ يۇرت ئاھالىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن غەپلەتتە تۇرغان ۋاقتىدا (ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماي تۇرۇپ) ھالاك قىلغان ئەمەس.
وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 6:132ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر.
وَرَبُّكَ ٱلۡغَنِيُّ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَسۡتَخۡلِفۡ مِنۢ بَعۡدِكُم مَّا يَشَآءُ كَمَآ أَنشَأَكُم مِّن ذُرِّيَّةِ قَوۡمٍ ءَاخَرِينَ
Open ayah 6:133رەببىڭ (ھېچكىمگە) موھتاج ئەمەستۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، سىلەرنى خۇددى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ.
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَأٓتٖۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ
Open ayah 6:134شەكسىزكى، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە (يەنى قىيامەت) چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَامِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 6:135(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار، مەنمۇ (ئۆز يولۇم بويىچە) ئىش قىلىۋېرەي. ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر. شۇ ئېنىقكى، زالىملار ھەرگىز مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ».
وَجَعَلُواْ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلۡحَرۡثِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ نَصِيبٗا فَقَالُواْ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعۡمِهِمۡ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَاۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمۡ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمۡۗ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
Open ayah 6:136ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چارۋىلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) بۇتلىرىنىڭ نېسىۋىسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئەمما ئاللاھنىڭ نېسىۋىسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى. ئۇلارنىڭ (بۇ) ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ!
وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٖ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ قَتۡلَ أَوۡلَٰدِهِمۡ شُرَكَآؤُهُمۡ لِيُرۡدُوهُمۡ وَلِيَلۡبِسُواْ عَلَيۡهِمۡ دِينَهُمۡۖ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ
Open ayah 6:137مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (بولمىش شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلىرىغا نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ ئىش)نى قىلالمايتتى. شۇڭا سەن ئۇلارنى (ئاللاھ نامىدىن) ئويدۇرغان يالغانلىرى بىلەن بىللە قويۇپ تۇرغىن.
وَقَالُواْ هَٰذِهِۦٓ أَنۡعَٰمٞ وَحَرۡثٌ حِجۡرٞ لَّا يَطۡعَمُهَآ إِلَّا مَن نَّشَآءُ بِزَعۡمِهِمۡ وَأَنۡعَٰمٌ حُرِّمَتۡ ظُهُورُهَا وَأَنۡعَٰمٞ لَّا يَذۡكُرُونَ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا ٱفۡتِرَآءً عَلَيۡهِۚ سَيَجۡزِيهِم بِمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 6:138ئۇلار ئۆز گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر» دېدى. (ئۇلار) بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا (ئاللاھ شۇنداق بۇيرۇغان دەپ) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئويدۇرغان يالغانلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ.
وَقَالُواْ مَا فِي بُطُونِ هَٰذِهِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ خَالِصَةٞ لِّذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِنَاۖ وَإِن يَكُن مَّيۡتَةٗ فَهُمۡ فِيهِ شُرَكَآءُۚ سَيَجۡزِيهِمۡ وَصۡفَهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
Open ayah 6:139ئۇلار يەنە: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، ئاياللىرىمىزغا ھارامدۇر، ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، ئۇ چاغدا، بۇ (ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا) ئورتاقتۇر (ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ)» دېيىشتى. ئاللاھ ئۇلارنى ئويدۇرغان يالغانلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ قَتَلُوٓاْ أَوۡلَٰدَهُمۡ سَفَهَۢا بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَحَرَّمُواْ مَا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُ ٱفۡتِرَآءً عَلَى ٱللَّهِۚ قَدۡ ضَلُّواْ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
Open ayah 6:140ئەخمەقلىقى ۋە نادانلىقىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام سانىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار راستتىنلا ئېزىپ كەتتى، ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولمىدى.
۞وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
Open ayah 6:141ئاللاھ بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلىرى بىر _ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (ياپراقلىرى) بىر _ بىرىگە ئوخشايدىغان، (مېۋىسى ۋە تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتقان زاتتۇر. مېۋىلىگەندە ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋىنى يىغقان كۈندە، ئۇنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى) ئادا قىلىڭلار، (يەپ - ئىچىشتە ۋە پۇل- مال سەرپ قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ) ئىسراپ قىلماڭلار، چۈنكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ حَمُولَةٗ وَفَرۡشٗاۚ كُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
Open ayah 6:142چارۋىلاردىن يۈك توشۇيدىغانلىرىنى، ياتقۇزۇپ بوغۇزلىنىدىغانلىرىنى (ياراتقان ئاللاھتۇر). ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار. چۈنكى، شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۖ مِّنَ ٱلضَّأۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡمَعۡزِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ نَبِّـُٔونِي بِعِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 6:143ئەركەك _ چىشى سەككىز ھايۋان (نىمۇ ئاللاھ ياراتتى): قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋەياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا (ئاللاھ تەرىپىدىن) بىرەر مەلۇمات ئېيتىپ بېرىڭلار!».
وَمِنَ ٱلۡإِبِلِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ وَصَّىٰكُمُ ٱللَّهُ بِهَٰذَاۚ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا لِّيُضِلَّ ٱلنَّاسَ بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 6:144(ئاللاھ سىلەرگە ئەركەك _ چىشى قىلىپ) تۆگىدىن ئىككىنى، كالىدىنمۇ ئىككىنى (ياراتتى). (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋەياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماي تۇرۇپ، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 6:145(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىتىلغان قان ۋەياكى (ئەسلىدىن) پاسكىنىلىقى سەۋەبلىك (ھارام قىلىنغان) چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلىنىپ گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھېچكىمگە ھارام كۆرمەيمەن». كىمكى چارىسىز قېلىپ ئۇلاردىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) لەززەتلىنىشنى كۆزلىمەي، (ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردىن) ئاشۇرۇۋەتمەي يېسە (گۇناھ بولمايدۇ). چۈنكى، سېنىڭ رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٖۖ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ وَٱلۡغَنَمِ حَرَّمۡنَا عَلَيۡهِمۡ شُحُومَهُمَآ إِلَّا مَا حَمَلَتۡ ظُهُورُهُمَآ أَوِ ٱلۡحَوَايَآ أَوۡ مَا ٱخۡتَلَطَ بِعَظۡمٖۚ ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِبَغۡيِهِمۡۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
Open ayah 6:146يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا ۋە قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ (پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ئارقىلىق) ئۇلارنى جازالىدۇق، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.
فَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل رَّبُّكُمۡ ذُو رَحۡمَةٖ وَٰسِعَةٖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُهُۥ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 6:147(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا، سەن (ئۇلارغا): «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن.
سَيَقُولُ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكۡنَا وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ حَتَّىٰ ذَاقُواْ بَأۡسَنَاۗ قُلۡ هَلۡ عِندَكُم مِّنۡ عِلۡمٖ فَتُخۡرِجُوهُ لَنَآۖ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَخۡرُصُونَ
Open ayah 6:148مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ، ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلىۋالمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ تاكى بىزنىڭ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) بىزگە كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر پاكىتىڭلار بارمۇ؟ سىلەر پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىسىلەر، پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيسىلەر».
قُلۡ فَلِلَّهِ ٱلۡحُجَّةُ ٱلۡبَٰلِغَةُۖ فَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 6:149(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلغان بولاتتى».
قُلۡ هَلُمَّ شُهَدَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ يَشۡهَدُونَ أَنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَ هَٰذَاۖ فَإِن شَهِدُواْ فَلَا تَشۡهَدۡ مَعَهُمۡۚ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَهُم بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ
Open ayah 6:150(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا يەنە) «ئاللاھ بۇلارنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار (يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە (ساختا ئىلاھلارنى) رەببىگە تەڭ قىلىۋالىدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
۞قُلۡ تَعَالَوۡاْ أَتۡلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمۡ عَلَيۡكُمۡۖ أَلَّا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡـٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗاۖ وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُم مِّنۡ إِمۡلَٰقٖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُكُمۡ وَإِيَّاهُمۡۖ وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلۡفَوَٰحِشَ مَا ظَهَرَ مِنۡهَا وَمَا بَطَنَۖ وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكُمۡ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 6:151(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «كېلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە نېمىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا _ ئاناڭلارغا (قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىڭلار، نامراتلىق تۈپەيلىدىن بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ ئىشلاردىن ھېچبىرىگە يېقىنلاشماڭلار، ئاللاھ (ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار؛ پەقەت ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى.
وَلَا تَقۡرَبُواْ مَالَ ٱلۡيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ أَشُدَّهُۥۚ وَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَٱلۡمِيزَانَ بِٱلۡقِسۡطِۖ لَا نُكَلِّفُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۖ وَإِذَا قُلۡتُمۡ فَٱعۡدِلُواْ وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰۖ وَبِعَهۡدِ ٱللَّهِ أَوۡفُواْۚ ذَٰلِكُمۡ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
Open ayah 6:152سىلەر يېتىمنىڭ مال _ مۈلۈكىگە يېقىن كەلمەڭلار، پەقەت ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدىلا يېقىن كەلسەڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى ئادالەت بىلەن قوللىنىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. (بىراۋغا ھۆكۈم قىلىش ياكى گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) سۆز قىلغان چېغىڭلاردا، (ئۇ ئادەم) ئۇرۇق-تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئادالەتلىك بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (مەسئۇلىيىتىڭلارنى) ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى».
وَأَنَّ هَٰذَا صِرَٰطِي مُسۡتَقِيمٗا فَٱتَّبِعُوهُۖ وَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلسُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمۡ عَن سَبِيلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
Open ayah 6:153شەكسىزكى، بۇ مېنىڭ توپتوغرا يولۇمدۇر، شۇڭا سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، بولمىسا (ئۇ ناتوغرا يوللار) سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (يامان ئاقىۋەتتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى.
ثُمَّ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ تَمَامًا عَلَى ٱلَّذِيٓ أَحۡسَنَ وَتَفۡصِيلٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لَّعَلَّهُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمۡ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 6:154ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشى ئىش قىلغان ئادەمگە (نېمىتىمىزنى) مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق.
وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ فَٱتَّبِعُوهُ وَٱتَّقُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
Open ayah 6:155بۇ (قۇرئان) بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە (ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار.
أَن تَقُولُوٓاْ إِنَّمَآ أُنزِلَ ٱلۡكِتَٰبُ عَلَىٰ طَآئِفَتَيۡنِ مِن قَبۡلِنَا وَإِن كُنَّا عَن دِرَاسَتِهِمۡ لَغَٰفِلِينَ
Open ayah 6:156(ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ «پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى (يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلاردىن ئىبارەت) ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق ئىدى» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ياكى سىلەرنىڭ «ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (بىز قۇرئاننى نازىل قىلدۇق). سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز. [156 _ 157]
أَوۡ تَقُولُواْ لَوۡ أَنَّآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡكِتَٰبُ لَكُنَّآ أَهۡدَىٰ مِنۡهُمۡۚ فَقَدۡ جَآءَكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞۚ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَصَدَفَ عَنۡهَاۗ سَنَجۡزِي ٱلَّذِينَ يَصۡدِفُونَ عَنۡ ءَايَٰتِنَا سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ بِمَا كَانُواْ يَصۡدِفُونَ
Open ayah 6:157(ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ «پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى (يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلاردىن ئىبارەت) ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق ئىدى» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ياكى سىلەرنىڭ «ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (بىز قۇرئاننى نازىل قىلدۇق). سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز. [156 _ 157]
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ رَبُّكَ أَوۡ يَأۡتِيَ بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَۗ يَوۡمَ يَأۡتِي بَعۡضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَ لَا يَنفَعُ نَفۡسًا إِيمَٰنُهَا لَمۡ تَكُنۡ ءَامَنَتۡ مِن قَبۡلُ أَوۡ كَسَبَتۡ فِيٓ إِيمَٰنِهَا خَيۡرٗاۗ قُلِ ٱنتَظِرُوٓاْ إِنَّا مُنتَظِرُونَ
Open ayah 6:158ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) پەقەت (جان ئالغۇچى) پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ياكى رەببىڭنىڭ (قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) كېلىشىنى ۋەياكى رەببىڭنىڭ (قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن (يەنى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىققان) كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ (ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر) ياخشى ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ (ۋە قىلغان ئەمەلىنىڭ) قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) «سىلەر (ئاقىۋىتىڭلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمۡ وَكَانُواْ شِيَعٗا لَّسۡتَ مِنۡهُمۡ فِي شَيۡءٍۚ إِنَّمَآ أَمۡرُهُمۡ إِلَى ٱللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ
Open ayah 6:159ئۆز دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلەر بىلەن سېنىڭ ھېچبىر مۇناسىۋىتىڭ يوق، ئۇلارنىڭ ئىشىنى پەقەت ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ عَشۡرُ أَمۡثَالِهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَىٰٓ إِلَّا مِثۡلَهَا وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 6:160كىمكى (دەرگاھىمىزغا) بىرەر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئۇ ئون ھەسسە ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى بىرەر يامانلىق بىلەن كەلسە، ئۇ پەقەت شۇ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
قُلۡ إِنَّنِي هَدَىٰنِي رَبِّيٓ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ دِينٗا قِيَمٗا مِّلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۚ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 6:161(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن رەببىم مېنى توغرا يولغا، يەنى توغرا دىنغا _ توغرا يولدا ماڭغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
قُلۡ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحۡيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 6:162ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
لَا شَرِيكَ لَهُۥۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرۡتُ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 6:163ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا (يەنى مۇشۇنداق دەپ ئېتىقاد قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىمەن».
قُلۡ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡغِي رَبّٗا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيۡءٖۚ وَلَا تَكۡسِبُ كُلُّ نَفۡسٍ إِلَّا عَلَيۡهَاۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرۡجِعُكُمۡ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 6:164ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟» ھەركىم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ. ھېچقانداق بىر گۇناھكار ئادەم باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. كېيىن قايتىدىغان جايىڭلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدۇر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَكُمۡ خَلَٰٓئِفَ ٱلۡأَرۡضِ وَرَفَعَ بَعۡضَكُمۡ فَوۡقَ بَعۡضٖ دَرَجَٰتٖ لِّيَبۡلُوَكُمۡ فِي مَآ ءَاتَىٰكُمۡۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ ٱلۡعِقَابِ وَإِنَّهُۥ لَغَفُورٞ رَّحِيمُۢ
Open ayah 6:165ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە (بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلغان، سىلەرگە بەرگەن نېمەتلەر ھەققىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلغان زاتتۇر. شەكسىزكى، رەببىڭ (زالىملارنى) تېز جازالىغۇچىدۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مەخلۇقاتىغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.