الأعراف

Al-A'raaf

The Heights · Surah 7 · Ayahs: 206 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓمٓصٓ

    Open ayah 7:1

    ئەلىف، لام، مىيم، ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. كِتَٰبٌ أُنزِلَ إِلَيۡكَ فَلَا يَكُن فِي صَدۡرِكَ حَرَجٞ مِّنۡهُ لِتُنذِرَ بِهِۦ وَذِكۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 7:2

    (ئى پەيغەمبەر! بۇ، ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە مۇئمىنلەرگە ۋەز _ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.

  3. ٱتَّبِعُواْ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُمۡ وَلَا تَتَّبِعُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَۗ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 7:3

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەر رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (ساختا) مەدەتكارلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز- نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر.

  4. وَكَم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَا فَجَآءَهَا بَأۡسُنَا بَيَٰتًا أَوۡ هُمۡ قَآئِلُونَ

    Open ayah 7:4

    بىز قانچىلىغان يۇرت (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى.

  5. فَمَا كَانَ دَعۡوَىٰهُمۡ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَآ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

    Open ayah 7:5

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.

  6. فَلَنَسۡـَٔلَنَّ ٱلَّذِينَ أُرۡسِلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَنَسۡـَٔلَنَّ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 7:6

    بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەرنى سوئال _ سوراق قىلىمىز، پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئەلۋەتتە سوئال _ سوراق قىلىمىز.

  7. فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيۡهِم بِعِلۡمٖۖ وَمَا كُنَّا غَآئِبِينَ

    Open ayah 7:7

    (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) ئۇلارغا ئېنىق مەلۇمات بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز. بىز ئۇلاردىن ھېچقاچان ئايرىلمىغان ئىدۇق.

  8. وَٱلۡوَزۡنُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّۚ فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

    Open ayah 7:8

    بۇ كۈندە (ئەمەللەرنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر كەلسە، ئەنە شۇلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر.

  9. وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُم بِمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَظۡلِمُونَ

    Open ayah 7:9

    كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى يېنىك كەلسە، ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر.

  10. وَلَقَدۡ مَكَّنَّٰكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَۗ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ 

    Open ayah 7:10

    (ئى ئىنسانلار!) شەكسىزكى، بىز سىلەرنى يەر يۈزىدە ماكانلاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق. (شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر.

  11. وَلَقَدۡ خَلَقۡنَٰكُمۡ ثُمَّ صَوَّرۡنَٰكُمۡ ثُمَّ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ لَمۡ يَكُن مِّنَ ٱلسَّٰجِدِينَ

    Open ayah 7:11

    شەكسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىلىرى سەجدە قىلدى، ئىبلىس سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.

  12. قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسۡجُدَ إِذۡ أَمَرۡتُكَۖ قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ

    Open ayah 7:12

    ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سېنى سەجدە قىلىشتىن نېمە توسۇپ قالدى؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، (چۈنكى) مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.

  13. قَالَ فَٱهۡبِطۡ مِنۡهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَن تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَٱخۡرُجۡ إِنَّكَ مِنَ ٱلصَّٰغِرِينَ

    Open ayah 7:13

    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت! بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال! سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن».

  14. قَالَ أَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

    Open ayah 7:14

    ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن» دېدى.

  15. قَالَ إِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ

    Open ayah 7:15

    ئاللاھ: «سەن چوقۇم مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىنسەن» دېدى.

  16. قَالَ فَبِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأَقۡعُدَنَّ لَهُمۡ صِرَٰطَكَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ

    Open ayah 7:16

    ئىبلىس ئېيتتى: «سەن مېنى ئازدۇرغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالىمەن.

  17. ثُمَّ لَأٓتِيَنَّهُم مِّنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ وَعَنۡ أَيۡمَٰنِهِمۡ وَعَن شَمَآئِلِهِمۡۖ وَلَا تَجِدُ أَكۡثَرَهُمۡ شَٰكِرِينَ

    Open ayah 7:17

    ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (ساڭا) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن».

  18. قَالَ ٱخۡرُجۡ مِنۡهَا مَذۡءُومٗا مَّدۡحُورٗاۖ لَّمَن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 7:18

    ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) ئەيىبلەنگەن ۋە قوغلانغان ھالدا چىق! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن».

  19. وَيَٰٓـَٔادَمُ ٱسۡكُنۡ أَنتَ وَزَوۡجُكَ ٱلۡجَنَّةَ فَكُلَا مِنۡ حَيۡثُ شِئۡتُمَا وَلَا تَقۡرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 7:19

    (ئاللاھ يەنە) «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن، (ئىككىڭلار) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار؛ بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر».

  20. فَوَسۡوَسَ لَهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ لِيُبۡدِيَ لَهُمَا مَا وُۥرِيَ عَنۡهُمَا مِن سَوۡءَٰتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَىٰكُمَا رَبُّكُمَا عَنۡ هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةِ إِلَّآ أَن تَكُونَا مَلَكَيۡنِ أَوۡ تَكُونَا مِنَ ٱلۡخَٰلِدِينَ 

    Open ayah 7:20

    لېكىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ قالغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى.

  21. وَقَاسَمَهُمَآ إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ ٱلنَّٰصِحِينَ

    Open ayah 7:21

    ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سەمىمي نەسىھەت قىلغۇچىمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.

  22. فَدَلَّىٰهُمَا بِغُرُورٖۚ فَلَمَّا ذَاقَا ٱلشَّجَرَةَ بَدَتۡ لَهُمَا سَوۡءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخۡصِفَانِ عَلَيۡهِمَا مِن وَرَقِ ٱلۡجَنَّةِۖ وَنَادَىٰهُمَا رَبُّهُمَآ أَلَمۡ أَنۡهَكُمَا عَن تِلۡكُمَا ٱلشَّجَرَةِ وَأَقُل لَّكُمَآ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لَكُمَا عَدُوّٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 7:22

    شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئالداپ، (دەرەخكە يېقىنلىشىشقا) جۈرئەتلەندۈردى، ئاندىن ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (تىكى دەرەخلەرنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. رەببى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شەكسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى.

  23. قَالَا رَبَّنَا ظَلَمۡنَآ أَنفُسَنَا وَإِن لَّمۡ تَغۡفِرۡ لَنَا وَتَرۡحَمۡنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 7:23

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.

  24. قَالَ ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ

    Open ayah 7:24

    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر _ بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا (جەننەتتىن) چۈشۈڭلار، سىلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە ماكانلىشىدىغان جاي ۋە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بار».

  25. قَالَ فِيهَا تَحۡيَوۡنَ وَفِيهَا تَمُوتُونَ وَمِنۡهَا تُخۡرَجُونَ

    Open ayah 7:25

    ئاللاھ ئېيتتى: «يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر».

  26. يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ قَدۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكُمۡ لِبَاسٗا يُوَٰرِي سَوۡءَٰتِكُمۡ وَرِيشٗاۖ وَلِبَاسُ ٱلتَّقۡوَىٰ ذَٰلِكَ خَيۡرٞۚ ذَٰلِكَ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ

    Open ayah 7:26

    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىمنى ۋە زىننەتلىنىدىغان كىيىمنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى) ئەسلىشى (ۋە شۈكۈر قىلىشى) ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر.

  27. يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ لَا يَفۡتِنَنَّكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ كَمَآ أَخۡرَجَ أَبَوَيۡكُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ يَنزِعُ عَنۡهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوۡءَٰتِهِمَآۚ إِنَّهُۥ يَرَىٰكُمۡ هُوَ وَقَبِيلُهُۥ مِنۡ حَيۡثُ لَا تَرَوۡنَهُمۡۗ إِنَّا جَعَلۡنَا ٱلشَّيَٰطِينَ أَوۡلِيَآءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:27

    ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا _ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرۋەتمىسۇن. شەيتان ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەن ئىدى. شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان يەردىن كۆرەلەيدۇ. شەكسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق.

  28. وَإِذَا فَعَلُواْ فَٰحِشَةٗ قَالُواْ وَجَدۡنَا عَلَيۡهَآ ءَابَآءَنَا وَٱللَّهُ أَمَرَنَا بِهَاۗ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَأۡمُرُ بِٱلۡفَحۡشَآءِۖ أَتَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:28

    ئۇلار (يەنى كاپىرلار) بىرەر قەبىھ گۇناھنى قىلغان چاغلىرىدا: «ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەرگىز قەبىھ ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتامسىلەر؟».

  29. قُلۡ أَمَرَ رَبِّي بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَقِيمُواْ وُجُوهَكُمۡ عِندَ كُلِّ مَسۡجِدٖ وَٱدۡعُوهُ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَۚ كَمَا بَدَأَكُمۡ تَعُودُونَ

    Open ayah 7:29

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) ئېيتقىنكى، «رەببىم مېنى ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەربىر سەجدە قىلىدىغان يەردە يۈزۈڭلارنى (قىبلىگە) توغرىلاڭلار، تائەت - ئىبادىتىڭلارنى (رىيا ۋە شېرىكتىن) ساپ قىلغان ھالدا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، (ئاللاھ سىلەرنى) دەسلەپتە ياراتقاندەك سىلەر (قىيامەت كۈنى يەنە ھاياتقا) قايتىسىلەر».

  30. فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلضَّلَٰلَةُۚ إِنَّهُمُ ٱتَّخَذُواْ ٱلشَّيَٰطِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ 

    Open ayah 7:30

    ئاللاھ (بەندىلىرىدىن) بىر قىسمىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدى، يەنە بىر قىسمىغا ئازغۇنلۇق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. (ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.

  31. ۞يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمۡ عِندَ كُلِّ مَسۡجِدٖ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ

    Open ayah 7:31

    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (پاكىز ۋە) چىرايلىق كىيىنىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، (چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ) ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

  32. قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ قُلۡ هِيَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا خَالِصَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:32

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، «ئۇلار بۇ دۇنيادا مۇئمىنلەر ئۈچۈندۇر (گەرچە كاپىرلارمۇ پايدىلانسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۇئمىنلەرگىلا خاستۇر». (بۇنىڭ قىممىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

  33. قُلۡ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ ٱلۡفَوَٰحِشَ مَا ظَهَرَ مِنۡهَا وَمَا بَطَنَ وَٱلۡإِثۡمَ وَٱلۡبَغۡيَ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَأَن تُشۡرِكُواْ بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗا وَأَن تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:33

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «رەببىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى».

  34. وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٞۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ لَا يَسۡتَأۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ

    Open ayah 7:34

    ھەربىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولمايدۇ.

  35. يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ إِمَّا يَأۡتِيَنَّكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي فَمَنِ ٱتَّقَىٰ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

    Open ayah 7:35

    ئى ئادەم بالىلىرى! ئاراڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، كىمكى (ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىشتىن) ساقلانسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتسە، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.

  36. وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱسۡتَكۡبَرُواْ عَنۡهَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

    Open ayah 7:36

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.

  37. فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ يَنَالُهُمۡ نَصِيبُهُم مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوۡنَهُمۡ قَالُوٓاْ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالُواْ ضَلُّواْ عَنَّا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ

    Open ayah 7:37

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار لەۋھۇلمەھفۇزدا پۈتۈلگەن نېسىۋىلىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟» دەيدۇ، ئۇلار: «مەبۇدلىرىمىز بىزنى تاشلاپ كەتتى» دەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىغا (ئىقرار قىلىپ)، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

  38. قَالَ ٱدۡخُلُواْ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِكُم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ فِي ٱلنَّارِۖ كُلَّمَا دَخَلَتۡ أُمَّةٞ لَّعَنَتۡ أُخۡتَهَاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا ٱدَّارَكُواْ فِيهَا جَمِيعٗا قَالَتۡ أُخۡرَىٰهُمۡ لِأُولَىٰهُمۡ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ أَضَلُّونَا فَـَٔاتِهِمۡ عَذَابٗا ضِعۡفٗا مِّنَ ٱلنَّارِۖ قَالَ لِكُلّٖ ضِعۡفٞ وَلَٰكِن لَّا تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:38

    ئاللاھ (ئۇلارغا): «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېزىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەم بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يولباشچىلىرىغا) قارىتىپ: «ئى رەببىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. شۇڭا ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «(سىلەردىن) ھەممىڭلار ئىككى ھەسسە ئازابقا تېگىشلىك بولدۇڭلار، لېكىن سىلەر (ئۇ ئازابنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيسىلەر» دەيدۇ.

  39. وَقَالَتۡ أُولَىٰهُمۡ لِأُخۡرَىٰهُمۡ فَمَا كَانَ لَكُمۡ عَلَيۡنَا مِن فَضۡلٖ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ

    Open ayah 7:39

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، شۇڭا، سىلەرمۇ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.

  40. إِنَّ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱسۡتَكۡبَرُواْ عَنۡهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمۡ أَبۡوَٰبُ ٱلسَّمَآءِ وَلَا يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ ٱلۡجَمَلُ فِي سَمِّ ٱلۡخِيَاطِۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُجۡرِمِينَ 

    Open ayah 7:40

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقانلارغا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.

  41. لَهُم مِّن جَهَنَّمَ مِهَادٞ وَمِن فَوۡقِهِمۡ غَوَاشٖۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 7:41

    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.

  42. وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَا نُكَلِّفُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

    Open ayah 7:42

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار __ بىز ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز __ ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ.

  43. وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلّٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي هَدَىٰنَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهۡتَدِيَ لَوۡلَآ أَنۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُۖ لَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلۡحَقِّۖ وَنُودُوٓاْ أَن تِلۡكُمُ ٱلۡجَنَّةُ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 7:43

    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ھەر قانداق ئۆچمەنلىكنى (ۋە شۇنىڭدەك سەلبىي ھېس _ تۇيغۇلارنى) ئېلىپ تاشلايمىز، ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى سارايلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «بىزنى بۇنىڭغا يېتەكلىگەن ئاللاھقا شۈكۈركى، ئەگەر ئۇ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، بىز توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق. شەكسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن سىلەر ۋارىس قىلىنغان جەننەت مانا مۇشۇدۇر» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.

  44. وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ أَن قَدۡ وَجَدۡنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقّٗا فَهَلۡ وَجَدتُّم مَّا وَعَدَ رَبُّكُمۡ حَقّٗاۖ قَالُواْ نَعَمۡۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنُۢ بَيۡنَهُمۡ أَن لَّعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 7:44

    جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: «بىز ھەقىقەتەن رەببىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىلەرگە راستتىنلا ئېرىشتۇق، سىلەرمۇ رەببىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىلەرگە راستتىنلا ئېرىشتىڭلارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولسۇن!

  45. ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ كَٰفِرُونَ

    Open ayah 7:45

    ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدىغان، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەردۇر».

  46. وَبَيۡنَهُمَا حِجَابٞۚ وَعَلَى ٱلۡأَعۡرَافِ رِجَالٞ يَعۡرِفُونَ كُلَّۢا بِسِيمَىٰهُمۡۚ وَنَادَوۡاْ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ أَن سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡۚ لَمۡ يَدۡخُلُوهَا وَهُمۡ يَطۡمَعُونَ

    Open ayah 7:46

    ئۇلارنىڭ (يەنى جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ) ئارىسىدا بىر سېپىل بولىدۇ [58]. ئەئرافتا (يەنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە) ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى سىيماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر.

    1. ئايەتتىكى﴿حجاب﴾ دېگەن سۆز توسۇق، پەردە دېگەن مەنىدە بولۇپ، تەپسىرى ئىبنى كەسىر، تەپسىرى تەبەرى، تەپسىرى قۇرتۇبى، تەپسىرى بەغەۋى قاتارلىق بەزى تەپسىرلەردە، ﴿حجاب﴾ دېگەن سۆز «سېپىل» دەپ تەپسىر قىلىنغان. بۇنى ھەدىد سۈرىسىدىكى ﴿شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ﴾ دېگەن ئايەت كۈچلەندۈرىدۇ. (ھەدىد سۈرىسى : 13-ئايەت) .
  47. ۞وَإِذَا صُرِفَتۡ أَبۡصَٰرُهُمۡ تِلۡقَآءَ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِ قَالُواْ رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 7:47

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى رەببىمىز! بىزنى بۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ.

  48. وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَعۡرَافِ رِجَالٗا يَعۡرِفُونَهُم بِسِيمَىٰهُمۡ قَالُواْ مَآ أَغۡنَىٰ عَنكُمۡ جَمۡعُكُمۡ وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَكۡبِرُونَ

    Open ayah 7:48

    سېپىل ئۈستىدىكىلەر سىيماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان (پۇل _ مال، بالىچاقا، قورال – ياراق، ئەسكەر، ئەگەشكۈچى قاتارلىق) نەرسىلىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟

  49. أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقۡسَمۡتُمۡ لَا يَنَالُهُمُ ٱللَّهُ بِرَحۡمَةٍۚ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ

    Open ayah 7:49

    سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دەپ (مۇئمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) توۋلايدۇ، (ئاندىن سېپىل ئۈستىدىكىلەرگە) «جەننەتكە كىرىڭلار، (جەننەتتە) سىلەرگە قورقۇنچ بولمايدۇ ۋە غەم - قايغۇغا قالمايسىلەر» (دېيىلىدۇ).

  50. وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ أَنۡ أَفِيضُواْ عَلَيۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ أَوۡ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُۚ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ 

    Open ayah 7:50

    دوزاخ ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن بىزگىمۇ بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ پەرياد قىلىدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ.

  51. ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَهُمۡ لَهۡوٗا وَلَعِبٗا وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰهُمۡ كَمَا نَسُواْ لِقَآءَ يَوۡمِهِمۡ هَٰذَا وَمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ

    Open ayah 7:51

    ئۇلار دىنىنى مەسخىرە ۋە ئويۇن _ تاماشا قىلىۋالغان ۋە دۇنيا ھاياتى ئۇلارنى ئالداپ قويغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (ئازابتا تاشلاپ قويىمىز).

  52. وَلَقَدۡ جِئۡنَٰهُم بِكِتَٰبٖ فَصَّلۡنَٰهُ عَلَىٰ عِلۡمٍ هُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:52

    بىز ھەقىقەتەن ئىلىم -ھېكمەت ئاساسىدا تەپسىلىي بايان قىلغان، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتاب (قۇرئان)نى ئۇلارغا ئېلىپ كەلدۇق.

  53. هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا تَأۡوِيلَهُۥۚ يَوۡمَ يَأۡتِي تَأۡوِيلُهُۥ يَقُولُ ٱلَّذِينَ نَسُوهُ مِن قَبۡلُ قَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلۡحَقِّ فَهَل لَّنَا مِن شُفَعَآءَ فَيَشۡفَعُواْ لَنَآ أَوۡ نُرَدُّ فَنَعۡمَلَ غَيۡرَ ٱلَّذِي كُنَّا نَعۡمَلُۚ قَدۡ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ

    Open ayah 7:53

    ئۇلار پەقەت ئۇ (كىتابتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار)نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتىدۇ، ئۇ ئەمەلگە ئاشقان (قىيامەت) كۈنى، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) راستتىنلا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، ئەمدى بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بۇرۇن قىلغانلىرىمىزغا ئوخشىمايدىغان (ياخشى) ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلساق بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقەتەن زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرىنى (يەنى شاپائەتچىلىرىنى) يېنىدا تاپالمايدۇ.

  54. إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يُغۡشِي ٱلَّيۡلَ ٱلنَّهَارَ يَطۡلُبُهُۥ حَثِيثٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ وَٱلنُّجُومَ مُسَخَّرَٰتِۭ بِأَمۡرِهِۦٓۗ أَلَا لَهُ ٱلۡخَلۡقُ وَٱلۡأَمۡرُۗ تَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 7:54

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن، كېچە بىلەن كۈندۈزنى يېپىپ، بىر _ بىرىنى قوغلىشىدىغان، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتقان ئاللاھتۇر. بىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.

  55. ٱدۡعُواْ رَبَّكُمۡ تَضَرُّعٗا وَخُفۡيَةًۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ

    Open ayah 7:55

    رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

  56. وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَا وَٱدۡعُوهُ خَوۡفٗا وَطَمَعًاۚ إِنَّ رَحۡمَتَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ مِّنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 7:56

    (ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، (ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر.

  57. وَهُوَ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَقَلَّتۡ سَحَابٗا ثِقَالٗا سُقۡنَٰهُ لِبَلَدٖ مَّيِّتٖ فَأَنزَلۡنَا بِهِ ٱلۡمَآءَ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ كَذَٰلِكَ نُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 7:57

    ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتى (بولغان يامغۇر) يېغىش ئالدىدا شاماللارنى بېشارەتچى قىلىپ ئەۋەتىدىغان زاتتۇر، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇ بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (قاقاس) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك _ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. بىز (قىيامەت كۈنى) ئۆلۈكلەرنى (قەبرىلىرىدىن) ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز، (بۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالغايسىلەر.

  58. وَٱلۡبَلَدُ ٱلطَّيِّبُ يَخۡرُجُ نَبَاتُهُۥ بِإِذۡنِ رَبِّهِۦۖ وَٱلَّذِي خَبُثَ لَا يَخۡرُجُ إِلَّا نَكِدٗاۚ كَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَشۡكُرُونَ

    Open ayah 7:58

    مۇنبەت يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (مۇئمىن ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ)، ناچار يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى ناھايىتى قىيىن (ۋە ناچار) ئۈنىدۇ (كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن مەنپەئەت ئالمايدۇ). شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىمىز.

  59. لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ

    Open ayah 7:59

    شەكسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېدى.

  60. قَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِهِۦٓ إِنَّا لَنَرَىٰكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ 

    Open ayah 7:60

    قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى: «بىز سېنى راستتىنلا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمىز» دېدى.

  61. قَالَ يَٰقَوۡمِ لَيۡسَ بِي ضَلَٰلَةٞ وَلَٰكِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 7:61

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە قىلچىلىكمۇ ئازغۇنلۇق يوقتۇر، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.

  62. أُبَلِّغُكُمۡ رِسَٰلَٰتِ رَبِّي وَأَنصَحُ لَكُمۡ وَأَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:62

    مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھتىن (كەلگەن ۋەھيى سايىسىدا) سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.

  63. أَوَعَجِبۡتُمۡ أَن جَآءَكُمۡ ذِكۡرٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنكُمۡ لِيُنذِرَكُمۡ وَلِتَتَّقُواْ وَلَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ

    Open ayah 7:63

    سىلەرنى (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (قىيامەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىپ، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق رەببىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟».

  64. فَكَذَّبُوهُ فَأَنجَيۡنَٰهُ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَأَغۡرَقۡنَا ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمًا عَمِينَ

    Open ayah 7:64

    ئۇلار يەنىلا نۇھنى يالغانغا چىقاردى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى بولسا (سۇغا) غەرق قىلدۇق. چۈنكى، ئۇلار (دىلى) كور قەۋم ئىدى.

  65. ۞وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمۡ هُودٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ

    Open ayah 7:65

    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى.

  66. قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦٓ إِنَّا لَنَرَىٰكَ فِي سَفَاهَةٖ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ

    Open ayah 7:66

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىباشلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى.

  67. قَالَ يَٰقَوۡمِ لَيۡسَ بِي سَفَاهَةٞ وَلَٰكِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 7:67

    ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.

  68. أُبَلِّغُكُمۡ رِسَٰلَٰتِ رَبِّي وَأَنَا۠ لَكُمۡ نَاصِحٌ أَمِينٌ

    Open ayah 7:68

    سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.

  69. أَوَعَجِبۡتُمۡ أَن جَآءَكُمۡ ذِكۡرٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنكُمۡ لِيُنذِرَكُمۡۚ وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ جَعَلَكُمۡ خُلَفَآءَ مِنۢ بَعۡدِ قَوۡمِ نُوحٖ وَزَادَكُمۡ فِي ٱلۡخَلۡقِ بَصۜۡطَةٗۖ فَٱذۡكُرُوٓاْ ءَالَآءَ ٱللَّهِ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

    Open ayah 7:69

    سىلەرنى (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق رەببىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟ ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنلىكىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، سىلەر نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار».

  70. قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِنَعۡبُدَ ٱللَّهَ وَحۡدَهُۥ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ 

    Open ayah 7:70

    ئۇلار: (ئى ھۇد!) «سەن بىزنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىل بولساڭ، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىنە قېنى؟» دېدى.

  71. قَالَ قَدۡ وَقَعَ عَلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُمۡ رِجۡسٞ وَغَضَبٌۖ أَتُجَٰدِلُونَنِي فِيٓ أَسۡمَآءٖ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّا نَزَّلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٖۚ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ

    Open ayah 7:71

    ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم رەببىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى چۈشىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا _ بوۋاڭلار (ئىلاھ دەپ) ئاتىۋالغان، بۇ ھەقتە ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن ئاشۇ بۇتلار ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن» دېدى.

  72. فَأَنجَيۡنَٰهُ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَقَطَعۡنَا دَابِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۖ وَمَا كَانُواْ مُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 7:72

    بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.

  73. وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ قَدۡ جَآءَتۡكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡۖ هَٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمۡ ءَايَةٗۖ فَذَرُوهَا تَأۡكُلۡ فِيٓ أَرۡضِ ٱللَّهِۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 7:73

    سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلاپ) ئوپئوچۇق مۆجىزە كەلدى، مانا بۇ ئاللاھنىڭ (تاشتىن چىقارغان) چىشى تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا (ئىختىيارى) ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان _ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قىينىغۇچى ئازاب ھالاك قىلىدۇ.

  74. وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ جَعَلَكُمۡ خُلَفَآءَ مِنۢ بَعۡدِ عَادٖ وَبَوَّأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَتَّخِذُونَ مِن سُهُولِهَا قُصُورٗا وَتَنۡحِتُونَ ٱلۡجِبَالَ بُيُوتٗاۖ فَٱذۡكُرُوٓاْ ءَالَآءَ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

    Open ayah 7:74

    ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە قەسىرلەرنى سالغان ۋە تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىغانچىلىق تېرىماڭلار» دېدى.

  75. قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِمَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُمۡ أَتَعۡلَمُونَ أَنَّ صَٰلِحٗا مُّرۡسَلٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلَ بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:75

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا _ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇئمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى.

  76. قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا بِٱلَّذِيٓ ءَامَنتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

    Open ayah 7:76

    ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەننى بىز ئىنكارقىلىمىز» دېدى.

  77. فَعَقَرُواْ ٱلنَّاقَةَ وَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ وَقَالُواْ يَٰصَٰلِحُ ٱئۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 7:77

    ئاندىن ئۇلار ھېلىقى چىشى تۆگىنى بوغۇزلاپ، رەببىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! ئەگەر سەن راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى.

  78. فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

    Open ayah 7:78

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلدى _ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى.

  79. فَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰقَوۡمِ لَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُمۡ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحۡتُ لَكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُحِبُّونَ ٱلنَّٰصِحِينَ

    Open ayah 7:79

    سالىھ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايسىلەر» دېدى.

  80. وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 7:80

    لۇتنى (سەدۇم ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ (بۇنداق قەبىھ ئىشنى) سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلىپ باقمىغان ئىدى.

  81. إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ مُّسۡرِفُونَ

    Open ayah 7:81

    سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم ئىكەنسىلەر».

  82. وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَخۡرِجُوهُم مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ أُنَاسٞ يَتَطَهَّرُونَ

    Open ayah 7:82

    لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇلار (يەنى لۇت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى)نى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى پاك ساقلايدىغان كىشىلەرمىش» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.

  83. فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

    Open ayah 7:83

    لۇتنى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە (قەۋمىگە چۈشكەن ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەتلا ئۇنىڭ ئايالىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئۇ (ئاشۇ يۇرتتا) قېلىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئىدى.

  84. وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 7:84

    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (تاشتىن) يامغۇر ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.

  85. وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ قَدۡ جَآءَتۡكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡۖ فَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَٱلۡمِيزَانَ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

    Open ayah 7:85

    مەديەن (خەلقى)گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە رەببىڭلاردىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) ئوپئوچۇق مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا ئىشلىتىڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ زېمىننى) ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، شۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

  86. وَلَا تَقۡعُدُواْ بِكُلِّ صِرَٰطٖ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ بِهِۦ وَتَبۡغُونَهَا عِوَجٗاۚ وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ كُنتُمۡ قَلِيلٗا فَكَثَّرَكُمۡۖ وَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

    Open ayah 7:86

    سىلەر (كىشىلەرگە) تەھدىت سېلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ھالدا يول- يولدا ئولتۇرۇۋالماڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئەينى ۋاقىتتا سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتتى (شۇنىڭ بىلەن كۈچلەندىڭلار). بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار.

  87. وَإِن كَانَ طَآئِفَةٞ مِّنكُمۡ ءَامَنُواْ بِٱلَّذِيٓ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦ وَطَآئِفَةٞ لَّمۡ يُؤۡمِنُواْ فَٱصۡبِرُواْ حَتَّىٰ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ بَيۡنَنَاۚ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ

    Open ayah 7:87

    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».

  88. ۞قَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لَنُخۡرِجَنَّكَ يَٰشُعَيۡبُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَكَ مِن قَرۡيَتِنَآ أَوۡ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَاۚ قَالَ أَوَلَوۡ كُنَّا كَٰرِهِينَ

    Open ayah 7:88

    شۇئەيب قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ياقتۇرمىساقمۇ (دىنىڭلارغا مەجبۇرلامسىلەر؟» دېدى.

  89. قَدِ ٱفۡتَرَيۡنَا عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا إِنۡ عُدۡنَا فِي مِلَّتِكُم بَعۡدَ إِذۡ نَجَّىٰنَا ٱللَّهُ مِنۡهَاۚ وَمَا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّعُودَ فِيهَآ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّنَاۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمًاۚ عَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡنَاۚ رَبَّنَا ٱفۡتَحۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَ قَوۡمِنَا بِٱلۡحَقِّ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡفَٰتِحِينَ

    Open ayah 7:89

    (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ھەرگىزمۇ قايتمايمىز. رەببىمىزنىڭ ئىلىمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىز ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».

  90. وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ لَئِنِ ٱتَّبَعۡتُمۡ شُعَيۡبًا إِنَّكُمۡ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ 

    Open ayah 7:90

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاتتىباشلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شەكسىزكى، سىلەر ئۇ چاغدا چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى.

  91. فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

    Open ayah 7:91

    ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلۇپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى.

  92. ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ شُعَيۡبٗا كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَاۚ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ شُعَيۡبٗا كَانُواْ هُمُ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 7:92

    شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ھالاك بولۇپ) گويا بۇ يەردە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزى بولدى.

  93. فَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰقَوۡمِ لَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُمۡ رِسَٰلَٰتِ رَبِّي وَنَصَحۡتُ لَكُمۡۖ فَكَيۡفَ ءَاسَىٰ عَلَىٰ قَوۡمٖ كَٰفِرِينَ

    Open ayah 7:93

    شۇئەيب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەلۋەتتە، رەببىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، ئەمدىلىكتە، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇراي!» دېدى.

  94. وَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّبِيٍّ إِلَّآ أَخَذۡنَآ أَهۡلَهَا بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَضَّرَّعُونَ

    Open ayah 7:94

    بىز قايسىلا يۇرتقا بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (يۇرت ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنى (ئىمانغا كېلىپ) ئاللاھقا يالۋۇرسۇن دەپ، نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق

  95. ثُمَّ بَدَّلۡنَا مَكَانَ ٱلسَّيِّئَةِ ٱلۡحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَواْ وَّقَالُواْ قَدۡ مَسَّ ءَابَآءَنَا ٱلضَّرَّآءُ وَٱلسَّرَّآءُ فَأَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

    Open ayah 7:95

    ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (مال _ دۇنيا ۋە پەرزەنت جەھەتتىن) كۆپەيدى. ئۇلار «بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزغىمۇ شۇنداق كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى» دېدى (يەنى ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئىمان ئېيتمىدى). شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇيماي قالغاندا، ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق.

  96. وَلَوۡ أَنَّ أَهۡلَ ٱلۡقُرَىٰٓ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَفَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَرَكَٰتٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِن كَذَّبُواْ فَأَخَذۡنَٰهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

    Open ayah 7:96

    (پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھ _ مەئسىيەتتىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق.

  97. أَفَأَمِنَ أَهۡلُ ٱلۡقُرَىٰٓ أَن يَأۡتِيَهُم بَأۡسُنَا بَيَٰتٗا وَهُمۡ نَآئِمُونَ

    Open ayah 7:97

    (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۇلار كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا (تۇيۇقسىز) كېلىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟

  98. أَوَأَمِنَ أَهۡلُ ٱلۡقُرَىٰٓ أَن يَأۡتِيَهُم بَأۡسُنَا ضُحٗى وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ

    Open ayah 7:98

    ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا _ ئۇلار تىرىكچىلىك بىلەن مەشغۇل بولۇپ، (غەپلەتتە) تۇرغاندا كېلىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟

  99. أَفَأَمِنُواْ مَكۡرَ ٱللَّهِۚ فَلَا يَأۡمَنُ مَكۡرَ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

    Open ayah 7:99

    ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن خاتىرجەم يۈرىدۇ.

  100. أَوَلَمۡ يَهۡدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ أَهۡلِهَآ أَن لَّوۡ نَشَآءُ أَصَبۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡۚ وَنَطۡبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ 

    Open ayah 7:100

    زېمىندا ئىلگىرى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇ زېمىنغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىمىز _ دە، ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

  101. تِلۡكَ ٱلۡقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآئِهَاۚ وَلَقَدۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْ بِمَا كَذَّبُواْ مِن قَبۡلُۚ كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلۡكَٰفِرِينَ 

    Open ayah 7:101

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاشۇ يۇرت) ئاھالىسى(نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك _ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ.

  102. وَمَا وَجَدۡنَا لِأَكۡثَرِهِم مِّنۡ عَهۡدٖۖ وَإِن وَجَدۡنَآ أَكۡثَرَهُمۡ لَفَٰسِقِينَ 

    Open ayah 7:102

    بىز ئۇلارنىڭ تولىسىدا ھېچبىر ئەھدىگە ۋاپا قىلىش دېگەننى كۆرمىدۇق، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان) پاسىق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.

  103. ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَظَلَمُواْ بِهَاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ 

    Open ayah 7:103

    ئاندىن ئۇلاردىن (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.

  104. وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰفِرۡعَوۡنُ إِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 7:104

    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن.

  105. حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ قَدۡ جِئۡتُكُم بِبَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَرۡسِلۡ مَعِيَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ 

    Open ayah 7:105

    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا ھەقلىقمەن. مەن راستتىنلا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».

  106. قَالَ إِن كُنتَ جِئۡتَ بِـَٔايَةٖ فَأۡتِ بِهَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ 

    Open ayah 7:106

    پىرئەۋن: «ئەگەر سەن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ گېپىڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، قېنى ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى.

  107. فَأَلۡقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعۡبَانٞ مُّبِينٞ 

    Open ayah 7:107

    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى.

  108. وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِيَ بَيۡضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ 

    Open ayah 7:108

    قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى.

  109. قَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٞ 

    Open ayah 7:109

    پىرئەۋن قەۋمىدىن بولغان كاتتىباشلار ئېيتتى: «بۇ راستتىنلا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.

  110. يُرِيدُ أَن يُخۡرِجَكُم مِّنۡ أَرۡضِكُمۡۖ فَمَاذَا تَأۡمُرُونَ 

    Open ayah 7:110

    ئۇ سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى». (پىرئەۋن ئېيتتىكى) «ئۇنداقتا، نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»

  111. قَالُوٓاْ أَرۡجِهۡ وَأَخَاهُ وَأَرۡسِلۡ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ

    Open ayah 7:111

    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (ھارۇن)نى بىرئاز ساقلاتقىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن.

  112. يَأۡتُوكَ بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ

    Open ayah 7:112

    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن».

  113. وَجَآءَ ٱلسَّحَرَةُ فِرۡعَوۡنَ قَالُوٓاْ إِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

    Open ayah 7:113

    سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى.

  114. قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ لَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

    Open ayah 7:114

    پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن بولۇپ كېتىسىلەر» دېدى.

  115. قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلۡقِيَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ نَحۡنُ ٱلۡمُلۡقِينَ

    Open ayah 7:115

    ئۇلار: «ئى مۇسا! (تاشلايدىغان نەرسەڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى.

  116. قَالَ أَلۡقُواْۖ فَلَمَّآ أَلۡقَوۡاْ سَحَرُوٓاْ أَعۡيُنَ ٱلنَّاسِ وَٱسۡتَرۡهَبُوهُمۡ وَجَآءُو بِسِحۡرٍ عَظِيمٖ

    Open ayah 7:116

    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار (سېھىرگەرلىك بۇيۇملىرىنى) تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى. ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ بىر سېھىرنى كۆرسەتتى.

  117. ۞وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَلۡقِ عَصَاكَۖ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ

    Open ayah 7:117

    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (ئۇ ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ھاسا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى.

  118. فَوَقَعَ ٱلۡحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 7:118

    شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن (سېھىر) لىرى بەربات بولدى.

  119. فَغُلِبُواْ هُنَالِكَ وَٱنقَلَبُواْ صَٰغِرِينَ

    Open ayah 7:119

    بۇ يەردە (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى) مەغلۇپ بولدى ۋە خار بولۇپ كەتتى.

  120. وَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ 

    Open ayah 7:120

    سېھىرگەرلەر ئۆزىنى سەجدىگە ئاتتى.

  121. قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 7:121

    ئۇلار دېدى: «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە _ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق». [121 _ 122]

  122. رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

    Open ayah 7:122

    ئۇلار دېدى: «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە _ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق». [121 _ 122]

  123. قَالَ فِرۡعَوۡنُ ءَامَنتُم بِهِۦ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكۡرٞ مَّكَرۡتُمُوهُ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لِتُخۡرِجُواْ مِنۡهَآ أَهۡلَهَاۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:123

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر (بېشىڭلارغا كېلىدىغاننى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.

  124. لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 7:124

    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى ئوڭ _ سول قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن».

  125. قَالُوٓاْ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ

    Open ayah 7:125

    سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزگە قايتقۇچىلارمىز.

  126. وَمَا تَنقِمُ مِنَّآ إِلَّآ أَنۡ ءَامَنَّا بِـَٔايَٰتِ رَبِّنَا لَمَّا جَآءَتۡنَاۚ رَبَّنَآ أَفۡرِغۡ عَلَيۡنَا صَبۡرٗا وَتَوَفَّنَا مُسۡلِمِينَ

    Open ayah 7:126

    سەن رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرى بىزگە كەلگەن ھامان ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزدىن ئۆچ ئېلىۋاتىسەن، ئى رەببىمىز! بىزگە زور سەۋرچانلىق ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن».

  127. وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِ فِرۡعَوۡنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوۡمَهُۥ لِيُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَيَذَرَكَ وَءَالِهَتَكَۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبۡنَآءَهُمۡ وَنَسۡتَحۡيِۦ نِسَآءَهُمۡ وَإِنَّا فَوۡقَهُمۡ قَٰهِرُونَ

    Open ayah 7:127

    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى.

  128. قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِ ٱسۡتَعِينُواْ بِٱللَّهِ وَٱصۡبِرُوٓاْۖ إِنَّ ٱلۡأَرۡضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 7:128

    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، چىداملىق بولۇڭلار. يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭدۇر، ئۇ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر» دېدى.

  129. قَالُوٓاْ أُوذِينَا مِن قَبۡلِ أَن تَأۡتِيَنَا وَمِنۢ بَعۡدِ مَا جِئۡتَنَاۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يُهۡلِكَ عَدُوَّكُمۡ وَيَسۡتَخۡلِفَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرَ كَيۡفَ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 7:129

    ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئورنىغا چوقۇم سىلەرنى دەسسىتىپ [59]، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ» دېدى.

    1. ئايەتتىكى«عسى» ئۈمىد مەنىسىدە كەلگەندەك، كەسكىن ۋە چوقۇم دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تەپسىرىگە كۆرە، «عسى» بۇ يەردە «چوقۇم» دېگەن مەنىدە كەلگەن.
  130. وَلَقَدۡ أَخَذۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ بِٱلسِّنِينَ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ 

    Open ayah 7:130

    شەكسىزكى، بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق.

  131. فَإِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡحَسَنَةُ قَالُواْ لَنَا هَٰذِهِۦۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَطَّيَّرُواْ بِمُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓۗ أَلَآ إِنَّمَا طَٰٓئِرُهُمۡ عِندَ ٱللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:131

    ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر باشلىرىغا بىرەر يامانلىق يەتسە، «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن شۇملۇق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  132. وَقَالُواْ مَهۡمَا تَأۡتِنَا بِهِۦ مِنۡ ءَايَةٖ لِّتَسۡحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحۡنُ لَكَ بِمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 7:132

    ئۇلار: «سەن بىزنى سېھىرلەش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى.

  133. فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلطُّوفَانَ وَٱلۡجَرَادَ وَٱلۡقُمَّلَ وَٱلضَّفَادِعَ وَٱلدَّمَ ءَايَٰتٖ مُّفَصَّلَٰتٖ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

    Open ayah 7:133

    بىز ئۇلارغا كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (ئاپەتلىرى)نى ئوپئوچۇق مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار (يەنىلا ئىماندىن( باش تارتتى. ئۇلار ئەسلىدىنلا گۇناھكار قەۋم ئىدى.

  134. وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيۡهِمُ ٱلرِّجۡزُ قَالُواْ يَٰمُوسَى ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَۖ لَئِن كَشَفۡتَ عَنَّا ٱلرِّجۡزَ لَنُؤۡمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرۡسِلَنَّ مَعَكَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ

    Open ayah 7:134

    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشكەن چاغدا، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن رەببىڭگە ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى (نىڭ ھۆرمىتى) بىلەن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بۇ ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى.

  135. فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُمُ ٱلرِّجۡزَ إِلَىٰٓ أَجَلٍ هُم بَٰلِغُوهُ إِذَا هُمۡ يَنكُثُونَ

    Open ayah 7:135

    بىز ئۇلاردىن ئاپەتنى (ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن) مۇئەييەن مۇددەتكىچە كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار شۇ ھامان ۋەدىسىنى بۇزدى.

  136. فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّ بِأَنَّهُمۡ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ عَنۡهَا غَٰفِلِينَ

    Open ayah 7:136

    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە ئۇ ئايەتلەردىن پەرۋاسىزلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق.

  137. وَأَوۡرَثۡنَا ٱلۡقَوۡمَ ٱلَّذِينَ كَانُواْ يُسۡتَضۡعَفُونَ مَشَٰرِقَ ٱلۡأَرۡضِ وَمَغَٰرِبَهَا ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَاۖ وَتَمَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ ٱلۡحُسۡنَىٰ عَلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ بِمَا صَبَرُواْۖ وَدَمَّرۡنَا مَا كَانَ يَصۡنَعُ فِرۡعَوۡنُ وَقَوۡمُهُۥ وَمَا كَانُواْ يَعۡرِشُونَ

    Open ayah 7:137

    بوزەك قىلىنغان قەۋم (ئىسرائىل ئەۋلادى)نى بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىنىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، (شۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىشتىن ئىبارەت) رەببىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان گۈزەل ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان (ئىمارەت) لىرىنى ۋە بىنا قىلغان (باغۇ _ بوستان) لىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.

  138. وَجَٰوَزۡنَا بِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡبَحۡرَ فَأَتَوۡاْ عَلَىٰ قَوۡمٖ يَعۡكُفُونَ عَلَىٰٓ أَصۡنَامٖ لَّهُمۡۚ قَالُواْ يَٰمُوسَى ٱجۡعَل لَّنَآ إِلَٰهٗا كَمَا لَهُمۡ ءَالِهَةٞۚ قَالَ إِنَّكُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ

    Open ayah 7:138

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى.

  139. إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ مُتَبَّرٞ مَّا هُمۡ فِيهِ وَبَٰطِلٞ مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 7:139

    (ئۇ بۇتپەرەسلەرگە كەلسەك) شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ باتىل دىنلىرى ھالاكەتكە مەھكۇمدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر.

  140. قَالَ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡغِيكُمۡ إِلَٰهٗا وَهُوَ فَضَّلَكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 7:140

    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى.

  141. وَإِذۡ أَنجَيۡنَٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يُقَتِّلُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ

    Open ayah 7:141

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى قىرغىن قىلاتتى، قىزلىرىڭلارنى (ئىشلىتىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇراتتى، بۇنىڭدا رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە چوڭ سىنىقى بار ئىدى.

  142. ۞وَوَٰعَدۡنَا مُوسَىٰ ثَلَٰثِينَ لَيۡلَةٗ وَأَتۡمَمۡنَٰهَا بِعَشۡرٖ فَتَمَّ مِيقَٰتُ رَبِّهِۦٓ أَرۡبَعِينَ لَيۡلَةٗۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَٰرُونَ ٱخۡلُفۡنِي فِي قَوۡمِي وَأَصۡلِحۡ وَلَا تَتَّبِعۡ سَبِيلَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

    Open ayah 7:142

    مۇساغا ئوتتۇز كېچىنى (ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆزلىشىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ رەببىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى تولۇق قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزغۇنچىلارنىڭ يولىغا ئەگەشمگىن» دېدى.

  143. وَلَمَّا جَآءَ مُوسَىٰ لِمِيقَٰتِنَا وَكَلَّمَهُۥ رَبُّهُۥ قَالَ رَبِّ أَرِنِيٓ أَنظُرۡ إِلَيۡكَۚ قَالَ لَن تَرَىٰنِي وَلَٰكِنِ ٱنظُرۡ إِلَى ٱلۡجَبَلِ فَإِنِ ٱسۡتَقَرَّ مَكَانَهُۥ فَسَوۡفَ تَرَىٰنِيۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُۥ لِلۡجَبَلِ جَعَلَهُۥ دَكّٗا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقٗاۚ فَلَمَّآ أَفَاقَ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 7:143

    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) كەلگەن ۋە رەببى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا بىر قارىۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. رەببى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (قەۋمىم ئىچىدە ساڭا( ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ تۇنجىسىمەن« دېدى.

  144. قَالَ يَٰمُوسَىٰٓ إِنِّي ٱصۡطَفَيۡتُكَ عَلَى ٱلنَّاسِ بِرِسَٰلَٰتِي وَبِكَلَٰمِي فَخُذۡ مَآ ءَاتَيۡتُكَ وَكُن مِّنَ ٱلشَّٰكِرِينَ

    Open ayah 7:144

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. مەن ساڭا ئاتا قىلغان (پەيغەمبەرلىك)نى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن».

  145. وَكَتَبۡنَا لَهُۥ فِي ٱلۡأَلۡوَاحِ مِن كُلِّ شَيۡءٖ مَّوۡعِظَةٗ وَتَفۡصِيلٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ فَخُذۡهَا بِقُوَّةٖ وَأۡمُرۡ قَوۡمَكَ يَأۡخُذُواْ بِأَحۡسَنِهَاۚ سَأُوْرِيكُمۡ دَارَ ٱلۡفَٰسِقِينَ

    Open ayah 7:145

    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز _ نەسىھەت ۋە (دىنىي ئەھكاملارنىڭ) ھەممىنى تەپسىلىي يازدۇق (ۋە دېدۇقكى، ئى مۇسا!) ئۇنى مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن. پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلارنىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن.

  146. سَأَصۡرِفُ عَنۡ ءَايَٰتِيَ ٱلَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَإِن يَرَوۡاْ كُلَّ ءَايَةٖ لَّا يُؤۡمِنُواْ بِهَا وَإِن يَرَوۡاْ سَبِيلَ ٱلرُّشۡدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلٗا وَإِن يَرَوۡاْ سَبِيلَ ٱلۡغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلٗاۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ عَنۡهَا غَٰفِلِينَ

    Open ayah 7:146

    يەر يۈزىدە يولسىزلىق قىلىپ تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىم (نى چۈشىنىش)تىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار توغرا يولنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆزىنىڭ يولى قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پەرۋاسىزلىقىدىندۇر.

  147. وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَلِقَآءِ ٱلۡأٓخِرَةِ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡۚ هَلۡ يُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 7:147

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.

  148. وَٱتَّخَذَ قَوۡمُ مُوسَىٰ مِنۢ بَعۡدِهِۦ مِنۡ حُلِيِّهِمۡ عِجۡلٗا جَسَدٗا لَّهُۥ خُوَارٌۚ أَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّهُۥ لَا يُكَلِّمُهُمۡ وَلَا يَهۡدِيهِمۡ سَبِيلًاۘ ٱتَّخَذُوهُ وَكَانُواْ ظَٰلِمِينَ

    Open ayah 7:148

    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن)دىن كېيىن، ئۆزىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى ياساپ چىقتى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋېلىپ، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار بولۇپ قالدى.

  149. وَلَمَّا سُقِطَ فِيٓ أَيۡدِيهِمۡ وَرَأَوۡاْ أَنَّهُمۡ قَدۡ ضَلُّواْ قَالُواْ لَئِن لَّمۡ يَرۡحَمۡنَا رَبُّنَا وَيَغۡفِرۡ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 7:149

    ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.

  150. وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ غَضۡبَٰنَ أَسِفٗا قَالَ بِئۡسَمَا خَلَفۡتُمُونِي مِنۢ بَعۡدِيٓۖ أَعَجِلۡتُمۡ أَمۡرَ رَبِّكُمۡۖ وَأَلۡقَى ٱلۡأَلۡوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأۡسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُۥٓ إِلَيۡهِۚ قَالَ ٱبۡنَ أُمَّ إِنَّ ٱلۡقَوۡمَ ٱسۡتَضۡعَفُونِي وَكَادُواْ يَقۡتُلُونَنِي فَلَا تُشۡمِتۡ بِيَ ٱلۡأَعۡدَآءَ وَلَا تَجۡعَلۡنِي مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 7:150

    مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر _ ھە! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىنى (كۈتمەي) ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (قېرىندىشى ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن، مېنى (موزايغا چوقۇنغان) زالىم قەۋم قاتارىدا سانىمىغىن».

  151. قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِأَخِي وَأَدۡخِلۡنَا فِي رَحۡمَتِكَۖ وَأَنتَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ

    Open ayah 7:151

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىسەن».

  152. إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ ٱلۡعِجۡلَ سَيَنَالُهُمۡ غَضَبٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَذِلَّةٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُفۡتَرِينَ

    Open ayah 7:152

    شەكسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار رەببىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ. يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز.

  153. وَٱلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ثُمَّ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِهَا وَءَامَنُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 7:153

    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارغا كەلسەك، شەكسىزكى، رەببىڭ (ئۇلارنىڭ بۇ) تەۋبىسىدىن كېيىن ئەلۋەتتە بەك مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىدۇر.

  154. وَلَمَّا سَكَتَ عَن مُّوسَى ٱلۡغَضَبُ أَخَذَ ٱلۡأَلۡوَاحَۖ وَفِي نُسۡخَتِهَا هُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلَّذِينَ هُمۡ لِرَبِّهِمۡ يَرۡهَبُونَ

    Open ayah 7:154

    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندا (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا رەببىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت (قىلىنىدىغانلىقى) يېزىلغان ئىدى.

  155. وَٱخۡتَارَ مُوسَىٰ قَوۡمَهُۥ سَبۡعِينَ رَجُلٗا لِّمِيقَٰتِنَاۖ فَلَمَّآ أَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ قَالَ رَبِّ لَوۡ شِئۡتَ أَهۡلَكۡتَهُم مِّن قَبۡلُ وَإِيَّٰيَۖ أَتُهۡلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَّآۖ إِنۡ هِيَ إِلَّا فِتۡنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَآءُ وَتَهۡدِي مَن تَشَآءُۖ أَنتَ وَلِيُّنَا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَاۖ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡغَٰفِرِينَ

    Open ayah 7:155

    مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى، ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلغاندا، مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەتلا سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن.

  156. ۞وَٱكۡتُبۡ لَنَا فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِنَّا هُدۡنَآ إِلَيۡكَۚ قَالَ عَذَابِيٓ أُصِيبُ بِهِۦ مَنۡ أَشَآءُۖ وَرَحۡمَتِي وَسِعَتۡ كُلَّ شَيۡءٖۚ فَسَأَكۡتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَٰتِنَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:156

    بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق». ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم (بۇ دۇنيادا) مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمدۇر. رەھمىتىمنى (قىيامەت كۈنىدە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن».

  157. ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلرَّسُولَ ٱلنَّبِيَّ ٱلۡأُمِّيَّ ٱلَّذِي يَجِدُونَهُۥ مَكۡتُوبًا عِندَهُمۡ فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَٱلۡإِنجِيلِ يَأۡمُرُهُم بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَىٰهُمۡ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَ وَيَضَعُ عَنۡهُمۡ إِصۡرَهُمۡ وَٱلۡأَغۡلَٰلَ ٱلَّتِي كَانَتۡ عَلَيۡهِمۡۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِهِۦ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَٱتَّبَعُواْ ٱلنُّورَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ مَعَهُۥٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

    Open ayah 7:157

    ئۇلار ئەلچىگە _ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا (ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ مۇنداق) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىدىكى تاقاقلارنى (قىيىنچىلىقلارنى) ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (قۇرئان)غا ئەگەشكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر».

  158. قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِيِّ ٱلۡأُمِّيِّ ٱلَّذِي يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ

    Open ayah 7:158

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە _ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار».

  159. وَمِن قَوۡمِ مُوسَىٰٓ أُمَّةٞ يَهۡدُونَ بِٱلۡحَقِّ وَبِهِۦ يَعۡدِلُونَ

    Open ayah 7:159

    مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ھەق بىلەن ئادالەتلىك ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار.

  160. وَقَطَّعۡنَٰهُمُ ٱثۡنَتَيۡ عَشۡرَةَ أَسۡبَاطًا أُمَمٗاۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ إِذِ ٱسۡتَسۡقَىٰهُ قَوۡمُهُۥٓ أَنِ ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡحَجَرَۖ فَٱنۢبَجَسَتۡ مِنۡهُ ٱثۡنَتَا عَشۡرَةَ عَيۡنٗاۖ قَدۡ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٖ مَّشۡرَبَهُمۡۚ وَظَلَّلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلۡغَمَٰمَ وَأَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰۖ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ 

    Open ayah 7:160

    بىز ئۇلارنى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ئون ئىككى قەبىلىلىك ئۈممەت قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». ئۇلار (بۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە زىيان يەتكۈزەلمىدى، لېكىن ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.

  161. وَإِذۡ قِيلَ لَهُمُ ٱسۡكُنُواْ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةَ وَكُلُواْ مِنۡهَا حَيۡثُ شِئۡتُمۡ وَقُولُواْ حِطَّةٞ وَٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا نَّغۡفِرۡ لَكُمۡ خَطِيٓـَٰٔتِكُمۡۚ سَنَزِيدُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 7:161

    بىر زامانلاردا ئۇلارغا: «سىلەر بۇ شەھەر (بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ‹ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن› دەڭلار. (شۇنداق قىلساڭلار) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا مۇكاپاتىنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى.

  162. فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡ قَوۡلًا غَيۡرَ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمۡ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَظۡلِمُونَ

    Open ayah 7:162

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق.

  163. وَسۡـَٔلۡهُمۡ عَنِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَتۡ حَاضِرَةَ ٱلۡبَحۡرِ إِذۡ يَعۡدُونَ فِي ٱلسَّبۡتِ إِذۡ تَأۡتِيهِمۡ حِيتَانُهُمۡ يَوۡمَ سَبۡتِهِمۡ شُرَّعٗا وَيَوۡمَ لَا يَسۡبِتُونَ لَا تَأۡتِيهِمۡۚ كَذَٰلِكَ نَبۡلُوهُم بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

    Open ayah 7:163

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار)دىن دېڭىز بويىدىكى يۇرت (ئاھالىسى)نىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇلار شەنبە كۈنلۈكتە (بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ) ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى، شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى، شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز.

  164. وَإِذۡ قَالَتۡ أُمَّةٞ مِّنۡهُمۡ لِمَ تَعِظُونَ قَوۡمًا ٱللَّهُ مُهۡلِكُهُمۡ أَوۡ مُعَذِّبُهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗاۖ قَالُواْ مَعۡذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

    Open ayah 7:164

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە كىشىلەر (ۋەز _ نەسىھەت قىلغۇچىلارغا): «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇ ۋەز _ نەسىھەت قىلغۇچىلار: «رەببىڭلارنىڭ ئالدىدا (ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلدۇق، دەپ) ئۆزرە ئېيتىشىمىز ۋە نەسىھەت ئاڭلىغۇچىلارنىڭ (گۇناھتىن) ساقلىنىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلىمىز)» دېدى.

  165. فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦٓ أَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلسُّوٓءِ وَأَخَذۡنَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ بِعَذَابِۭ بَـِٔيسِۭ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

    Open ayah 7:165

    ئۇلار ئۆزىگە قىلىنغان ۋەز _ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن زالىملارنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق.

  166. فَلَمَّا عَتَوۡاْ عَن مَّا نُهُواْ عَنۡهُ قُلۡنَا لَهُمۡ كُونُواْ قِرَدَةً خَٰسِـِٔينَ

    Open ayah 7:166

    ئۇلار چەكلەنگەن ئىشلارنى تاشلاشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خارلانغان ھالدا مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق.

  167. وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبۡعَثَنَّ عَلَيۡهِمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَن يَسُومُهُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ ٱلۡعِقَابِ وَإِنَّهُۥ لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 7:167

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئۇلارغا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شەكسىزكى، رەببىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  168. وَقَطَّعۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ أُمَمٗاۖ مِّنۡهُمُ ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنۡهُمۡ دُونَ ذَٰلِكَۖ وَبَلَوۡنَٰهُم بِٱلۡحَسَنَٰتِ وَٱلسَّيِّـَٔاتِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

    Open ayah 7:168

    ئۇلارنى يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سالىھلىرىمۇ بار، تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتىۋالسۇن دەپ، باياشاتچىلىق ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق.

  169. فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٞ وَرِثُواْ ٱلۡكِتَٰبَ يَأۡخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا ٱلۡأَدۡنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغۡفَرُ لَنَا وَإِن يَأۡتِهِمۡ عَرَضٞ مِّثۡلُهُۥ يَأۡخُذُوهُۚ أَلَمۡ يُؤۡخَذۡ عَلَيۡهِم مِّيثَٰقُ ٱلۡكِتَٰبِ أَن لَّا يَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّ وَدَرَسُواْ مَا فِيهِۗ وَٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

    Open ayah 7:169

    ئۇلاردىن كېيىن (يامان) ئەۋلادلار كېلىپ، تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار (تەۋرات تېكىستلىرىنى ئۆزگەرتىش بەدىلىگە) بۇ دۇنيانىڭ شۇ ئەرزىمەس پۇل _ مېلىنى ئېلىپ «ئاللاھ بىزنى ئەپۇ قىلىدۇ» دەپ قوياتتى. ئەگەر شۇنداق پۇل _ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالاتتى. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا دائىر ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇلار كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدى. ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەڭ ياخشىدۇر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟

  170. وَٱلَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِٱلۡكِتَٰبِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُصۡلِحِينَ 

    Open ayah 7:170

    كىتابقا چىڭ ئېسىلىپ ئەمەل قىلىدىغانلار ۋە نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغانلارغا كەلسەك، شەكسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيمىز.

  171. ۞وَإِذۡ نَتَقۡنَا ٱلۡجَبَلَ فَوۡقَهُمۡ كَأَنَّهُۥ ظُلَّةٞ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُۥ وَاقِعُۢ بِهِمۡ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱذۡكُرُواْ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ

    Open ayah 7:171

    ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى (قومۇرۇپ كېلىپ) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك كۆتۈرگەن ئىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن (كىتاب)نى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى (كۆرسەتمىلىرىمىز)نى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار».

  172. وَإِذۡ أَخَذَ رَبُّكَ مِنۢ بَنِيٓ ءَادَمَ مِن ظُهُورِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَأَشۡهَدَهُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَلَسۡتُ بِرَبِّكُمۡۖ قَالُواْ بَلَىٰ شَهِدۡنَآۚ أَن تَقُولُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّا كُنَّا عَنۡ هَٰذَا غَٰفِلِينَ

    Open ayah 7:172

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىنى (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، (ئەلۋەتتە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن) بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغانلا يېرىمىز بار، ئازغۇنلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر. [172 _ 173]

  173. أَوۡ تَقُولُوٓاْ إِنَّمَآ أَشۡرَكَ ءَابَآؤُنَا مِن قَبۡلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةٗ مِّنۢ بَعۡدِهِمۡۖ أَفَتُهۡلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

    Open ayah 7:173

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىنى (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، (ئەلۋەتتە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن) بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغانلا يېرىمىز بار، ئازغۇنلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر. [172 _ 173]

  174. وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ وَلَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

    Open ayah 7:174

    ئۇلارنىڭ (چوڭقۇر ئويلىنىپ كۇفرىدىن) قايتىشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

  175. وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱلَّذِيٓ ءَاتَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا فَٱنسَلَخَ مِنۡهَا فَأَتۡبَعَهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ

    Open ayah 7:175

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا (يەھۇدىيلارغا) شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇ ئادەمگە ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتىۋىدى، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازغۇنلاردىن بولۇپ كەتتى.

  176. وَلَوۡ شِئۡنَا لَرَفَعۡنَٰهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُۥٓ أَخۡلَدَ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُۚ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ ٱلۡكَلۡبِ إِن تَحۡمِلۡ عَلَيۡهِ يَلۡهَثۡ أَوۡ تَتۡرُكۡهُ يَلۡهَثۚ ذَّٰلِكَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۚ فَٱقۡصُصِ ٱلۡقَصَصَ لَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ

    Open ayah 7:176

    ئەگەر بىز خالىساق، بۇ ئايەتلەر بىلەن ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. قەۋمىڭنىڭ ئويلاپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن.

  177. سَآءَ مَثَلًا ٱلۡقَوۡمُ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَأَنفُسَهُمۡ كَانُواْ يَظۡلِمُونَ

    Open ayah 7:177

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!

  178. مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِيۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

    Open ayah 7:178

    ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ئازغۇن قىلسا، (ھەقىقىي) زىيان تارتقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر.

  179. وَلَقَدۡ ذَرَأۡنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ لَهُمۡ قُلُوبٞ لَّا يَفۡقَهُونَ بِهَا وَلَهُمۡ أَعۡيُنٞ لَّا يُبۡصِرُونَ بِهَا وَلَهُمۡ ءَاذَانٞ لَّا يَسۡمَعُونَ بِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ

    Open ayah 7:179

    شەك _ شۈبھىسىزكى، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بار تۇرۇپ چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بار تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بار تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ئۇلار ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر.

  180. وَلِلَّهِ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ فَٱدۡعُوهُ بِهَاۖ وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ أَسۡمَٰٓئِهِۦۚ سَيُجۡزَوۡنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ 

    Open ayah 7:180

    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، شۇڭا، سىلەر ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدە (توغرا يولدىن) ئېزىپ كەتكەنلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

  181. وَمِمَّنۡ خَلَقۡنَآ أُمَّةٞ يَهۡدُونَ بِٱلۡحَقِّ وَبِهِۦ يَعۡدِلُونَ

    Open ayah 7:181

    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ئادالەتنى ھەق بىلەن بەرپا قىلىدىغان بىر ئۈممەت بار.

  182. وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:182

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا _ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز.

  183. وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ

    Open ayah 7:183

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ تەدبىرىم ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر.

  184. أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْۗ مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٌ

    Open ayah 7:184

    ئۇلار ئويلاپ باقمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەرگىز جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. ئۇ پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

  185. أَوَلَمۡ يَنظُرُواْ فِي مَلَكُوتِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ وَأَنۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَدِ ٱقۡتَرَبَ أَجَلُهُمۡۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:185

    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنەتىگە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا نەزەر سالمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟

  186. مَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُۥۚ وَيَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

    Open ayah 7:186

    ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئازغۇنلۇقىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن ھالىتىدە قويۇۋېتىدۇ.

  187. يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّيۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقۡتِهَآ إِلَّا هُوَۚ ثَقُلَتۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا تَأۡتِيكُمۡ إِلَّا بَغۡتَةٗۗ يَسۡـَٔلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنۡهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ ٱللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 7:187

    (ئى پەيغەمبەر! مەككىلىك كاپىرلار) سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ئىلىمى پەقەت رەببىمنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، (قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر كەلدى، ئۇ سىلەرگە پەقەت تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ». ئۇلار گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ئىلىمى پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، لېكىن (بۇنداق ئىكەنلىكىنى) ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.

  188. قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي نَفۡعٗا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ وَلَوۡ كُنتُ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ لَٱسۡتَكۡثَرۡتُ مِنَ ٱلۡخَيۡرِ وَمَا مَسَّنِيَ ٱلسُّوٓءُۚ إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 7:188

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمنى زىياندىن قوغداپ قېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئەگەر مەن غەيىبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، زىيان _ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى (قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن)».

  189. ۞هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَجَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا لِيَسۡكُنَ إِلَيۡهَاۖ فَلَمَّا تَغَشَّىٰهَا حَمَلَتۡ حَمۡلًا خَفِيفٗا فَمَرَّتۡ بِهِۦۖ فَلَمَّآ أَثۡقَلَت دَّعَوَا ٱللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنۡ ءَاتَيۡتَنَا صَٰلِحٗا لَّنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ

    Open ayah 7:189

    ئۇ سىلەرنى (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) بىر ئىنساندىن ياراتقان، ئۇنىڭ ئۇنسى _ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئايالىنى ئۇنىڭ ئۆز تىپىدىن ياراتقان زاتتۇر. ئۇ ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئايالى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى. (بۇ ھامىلىدارلىق) داۋاملاشتى، ئايالى ئېغىرلىشىۋىدى، (ئەر _ ئايال) ئىككىيلەن رەببى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، ئەلۋەتتە (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى.

  190. فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُمَا صَٰلِحٗا جَعَلَا لَهُۥ شُرَكَآءَ فِيمَآ ءَاتَىٰهُمَاۚ فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشۡرِكُونَ 

    Open ayah 7:190

    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىۋىدى، ئۇلار (نىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر قىسمى) ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نەرسىسى (پەرزەنتى) ھەققىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالدى. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىدىن پاكتۇر.

  191. أَيُشۡرِكُونَ مَا لَا يَخۡلُقُ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ

    Open ayah 7:191

    ئۇلار ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان، (بەلكى) ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى (ئاللاھقا) شېرىك قىلىۋالامدۇ؟

  192. وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ لَهُمۡ نَصۡرٗا وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ

    Open ayah 7:192

    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.

  193. وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمۡۚ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡ أَدَعَوۡتُمُوهُمۡ أَمۡ أَنتُمۡ صَٰمِتُونَ

    Open ayah 7:193

    ئۇ نەرسىلەرنى توغرا يولغا چاقىرساڭلارمۇ، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى چاقىرىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاشتۇر (يەنى چاقىرىقىڭلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ).

  194. إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ عِبَادٌ أَمۡثَالُكُمۡۖ فَٱدۡعُوهُمۡ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 7:194

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا مەخلۇقاتتۇر، ئەگەر (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن) سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەر ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن!

  195. أَلَهُمۡ أَرۡجُلٞ يَمۡشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَيۡدٖ يَبۡطِشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَعۡيُنٞ يُبۡصِرُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۗ قُلِ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنظِرُونِ

    Open ayah 7:195

    ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ۋەياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن ماڭا ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەي (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) زىيانكەشلىك قىلىپ بېقىڭلار.

  196. إِنَّ وَلِـِّۧيَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡكِتَٰبَۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى ٱلصَّٰلِحِينَ

    Open ayah 7:196

    شەكسىزكى، مېنىڭ ئىگەم كىتابنى (قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھتۇر، ئۇ سالىھلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

  197. وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَكُمۡ وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ

    Open ayah 7:197

    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ».

  198. وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَسۡمَعُواْۖ وَتَرَىٰهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ وَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ

    Open ayah 7:198

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭمۇ، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ساڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ.

  199. خُذِ ٱلۡعَفۡوَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡعُرۡفِ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡجَٰهِلِينَ

    Open ayah 7:199

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەپۇچانلىق يولىنى تۇتقىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن.

  200. وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٌ عَلِيمٌ 

    Open ayah 7:200

    ئەگەر سەن شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسىنى ھېس قىلساڭ، دەرھال ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  201. إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ إِذَا مَسَّهُمۡ طَٰٓئِفٞ مِّنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُم مُّبۡصِرُونَ 

    Open ayah 7:201

    تەقۋادارلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا ئاللاھنى ئېسىگە ئالىدۇ-دە، شۇ ھامان ھەقىقەتنى كۆرۈۋالىدۇ (شۇنىڭ بىلەن گۇناھتىن يانىدۇ).

  202. وَإِخۡوَٰنُهُمۡ يَمُدُّونَهُمۡ فِي ٱلۡغَيِّ ثُمَّ لَا يُقۡصِرُونَ 

    Open ayah 7:202

    شەيتانلار ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە مەدەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئازدۇرۇشتىن قالمايدۇ.

  203. وَإِذَا لَمۡ تَأۡتِهِم بِـَٔايَةٖ قَالُواْ لَوۡلَا ٱجۡتَبَيۡتَهَاۚ قُلۡ إِنَّمَآ أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ مِن رَّبِّيۚ هَٰذَا بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمۡ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ 

    Open ayah 7:203

    ئۇلارغا (ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمىسەڭ، ئۇلار: «ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ چىقساڭ بولمامتى؟» دېيىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت رەببىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەگىشىمەن، بۇ (قۇرئان) رەببىڭلار تەرىپىدىن (كەلتۈرۈلگەن) روشەن دەلىللەردۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر».

  204. وَإِذَا قُرِئَ ٱلۡقُرۡءَانُ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥ وَأَنصِتُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ 

    Open ayah 7:204

    رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار.

  205. وَٱذۡكُر رَّبَّكَ فِي نَفۡسِكَ تَضَرُّعٗا وَخِيفَةٗ وَدُونَ ٱلۡجَهۡرِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ 

    Open ayah 7:205

    رەببىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە _ ئاخشامدا ئوتتۇراھال ئاۋازدا ئۇنىڭغا زىكىر ئېيتقىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.

  206. إِنَّ ٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيُسَبِّحُونَهُۥ وَلَهُۥ يَسۡجُدُونَۤ۩ 

    Open ayah 7:206

    رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى (پەرىشتە) لەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا (كېچە-كۈندۈز) تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدۇ.