الأنفال

Al-Anfaal

The Spoils of War · Surah 8 · Ayahs: 75 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡأَنفَالِۖ قُلِ ٱلۡأَنفَالُ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَصۡلِحُواْ ذَاتَ بَيۡنِكُمۡۖ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

    Open ayah 8:1

    (ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ) سەندىن غەنىيمەتلەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. ئەگەر سىلەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار».

  2. إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَإِذَا تُلِيَتۡ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُهُۥ زَادَتۡهُمۡ إِيمَٰنٗا وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ

    Open ayah 8:2

    ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگە تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر.

  3. ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ

    Open ayah 8:3

    ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ.

  4. أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُمۡ دَرَجَٰتٌ عِندَ رَبِّهِمۡ وَمَغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ

    Open ayah 8:4

    ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر، ئۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.

  5. كَمَآ أَخۡرَجَكَ رَبُّكَ مِنۢ بَيۡتِكَ بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقٗا مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ لَكَٰرِهُونَ

    Open ayah 8:5

    (ئۇلارنىڭ غەنىيمەت تەقسىماتىغا نارازى بولغانلىقتىكى ھالى) خۇددى رەببىڭنىڭ سېنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۆيۈڭدىن (جىھادقا) چىقارغاندىكى ھالەتكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، مۇئمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (جىھادقا چىقىشنى) ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ.

  6. يُجَٰدِلُونَكَ فِي ٱلۡحَقِّ بَعۡدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى ٱلۡمَوۡتِ وَهُمۡ يَنظُرُونَ

    Open ayah 8:6

    ئۇلارغا ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىنمۇ، گويا ئۇلار قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت (يەنى جىھادقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ.

  7. وَإِذۡ يَعِدُكُمُ ٱللَّهُ إِحۡدَى ٱلطَّآئِفَتَيۡنِ أَنَّهَا لَكُمۡ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيۡرَ ذَاتِ ٱلشَّوۡكَةِ تَكُونُ لَكُمۡ وَيُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُحِقَّ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦ وَيَقۡطَعَ دَابِرَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 8:7

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ (مۇشرىكلار كارۋىنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنىدىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر بولساڭلار قورالسىز گۇرۇھ (كارۋان)نىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈشىنى ياقتۇراتتىڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ.

  8. لِيُحِقَّ ٱلۡحَقَّ وَيُبۡطِلَ ٱلۡبَٰطِلَ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُجۡرِمُونَ

    Open ayah 8:8

    (بۇنداق قىلىش) گۇناھكارلارنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ ھەقنى مۇستەھكەم قىلىشى ۋە باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈندۇر.

  9. إِذۡ تَسۡتَغِيثُونَ رَبَّكُمۡ فَٱسۡتَجَابَ لَكُمۡ أَنِّي مُمِدُّكُم بِأَلۡفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُرۡدِفِينَ

    Open ayah 8:9

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلاردىن مەدەت تىلىگەن ئىدىڭلار، رەببىڭلار: «سىلەرگە ئارقىمۇئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ تىلىكىڭلارنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

  10. وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشۡرَىٰ وَلِتَطۡمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمۡۚ وَمَا ٱلنَّصۡرُ إِلَّا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ 

    Open ayah 8:10

    ئاللاھ (بۇ ياردەمنى) پەقەت سىلەرگە (غەلىبىدىن) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا قىلدى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  11. إِذۡ يُغَشِّيكُمُ ٱلنُّعَاسَ أَمَنَةٗ مِّنۡهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ لِّيُطَهِّرَكُم بِهِۦ وَيُذۡهِبَ عَنكُمۡ رِجۡزَ ٱلشَّيۡطَٰنِ وَلِيَرۡبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمۡ وَيُثَبِّتَ بِهِ ٱلۡأَقۡدَامَ

    Open ayah 8:11

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە يەڭگىل بىر ئۇيقۇ بېغىشلىغان ئىدى؛ سىلەرنى پاكلاش ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، (قۇملۇقتا) قەدىمىڭلارنى مەزمۇت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

  12. إِذۡ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَنِّي مَعَكُمۡ فَثَبِّتُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ سَأُلۡقِي فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلرُّعۡبَ فَٱضۡرِبُواْ فَوۡقَ ٱلۡأَعۡنَاقِ وَٱضۡرِبُواْ مِنۡهُمۡ كُلَّ بَنَانٖ

    Open ayah 8:12

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە. مۇئمىنلەرنى (جىھاد مەيدانىدا) مۇستەھكەم تۇرغۇزۇڭلار، مەن كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھيى قىلغان ئىدى. (ئى مۇئمىنلەر! قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ھەممە بارماقلىرىنى چېپىپ تاشلاڭلار.

  13. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ شَآقُّواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ وَمَن يُشَاقِقِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 8:13

    بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىدىكەن، ئاللاھنىڭ (ئۇنىڭغا بېرىدىغان) جازاسى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.

  14. ذَٰلِكُمۡ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابَ ٱلنَّارِ

    Open ayah 8:14

    (ئى كاپىرلار! بۇ دۇنيادا) سىلەر (مۇشۇنداق ئازابنى) تېتىڭلار. شەكسىزكى، كاپىرلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابى بار.

  15. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ زَحۡفٗا فَلَا تُوَلُّوهُمُ ٱلۡأَدۡبَارَ

    Open ayah 8:15

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر توپلىشىپ كەلگەن كاپىرلار قوشۇنى بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار).

  16. وَمَن يُوَلِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ دُبُرَهُۥٓ إِلَّا مُتَحَرِّفٗا لِّقِتَالٍ أَوۡ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٖ فَقَدۡ بَآءَ بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأۡوَىٰهُ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ

    Open ayah 8:16

    كىمكى ئۇ كۈندە (قايتا) ئۇرۇشۇش ياكى (كۈچ توپلاش ئۈچۈن) مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى (قېچىش مەقسىتىدە) دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان بارارجاي!

  17. فَلَمۡ تَقۡتُلُوهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ قَتَلَهُمۡۚ وَمَا رَمَيۡتَ إِذۡ رَمَيۡتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ رَمَىٰ وَلِيُبۡلِيَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ مِنۡهُ بَلَآءً حَسَنًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

    Open ayah 8:17

    (ئى مۇجاھىدلار! بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى پەيغەمبەر! بىر سىقىم توپىنى ئۇلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۇئمىنلەرنى گۈزەل ئىنئاملار بىلەن سىناش ئۈچۈن ئىدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  18. ذَٰلِكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُوهِنُ كَيۡدِ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 8:18

    بۇ (ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ياردىمىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر.

  19. إِن تَسۡتَفۡتِحُواْ فَقَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡفَتۡحُۖ وَإِن تَنتَهُواْ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَعُودُواْ نَعُدۡ وَلَن تُغۡنِيَ عَنكُمۡ فِئَتُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَوۡ كَثُرَتۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 8:19

    (ئى كاپىرلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە (قارشى) كېلىپ بولدى. ئەگەر (پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىك قىلىشتىن) ۋاز كەچسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر (ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشقا) يەنە قايتساڭلار، بىزمۇ (ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا) قايتىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ (قوشۇن) سىلەرگە قىلچىلىك ئەسقاتمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر.

  20. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَأَنتُمۡ تَسۡمَعُونَ 

    Open ayah 8:20

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (ئوقۇلۇۋاتقان قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار.

  21. وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ

    Open ayah 8:21

    ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەردەك بولماڭلار.

  22. ۞إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلصُّمُّ ٱلۡبُكۡمُ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 8:22

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس – گاچىلاردۇر.

  23. وَلَوۡ عَلِمَ ٱللَّهُ فِيهِمۡ خَيۡرٗا لَّأَسۡمَعَهُمۡۖ وَلَوۡ أَسۡمَعَهُمۡ لَتَوَلَّواْ وَّهُم مُّعۡرِضُونَ

    Open ayah 8:23

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقىقەتنى) ئاڭلىتاتتى، ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنە (ھەقىقەتتىن) يۈز ئۆرۈپ باش تارتاتتى.

  24. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱسۡتَجِيبُواْ لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمۡ لِمَا يُحۡيِيكُمۡۖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَحُولُ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَقَلۡبِهِۦ وَأَنَّهُۥٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ

    Open ayah 8:24

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى (بەختلىك) ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىگە چاقىرغان چاغدا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى ئۇنىڭ دىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ)، سىلەر (ئاخىر) چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.

  25. وَٱتَّقُواْ فِتۡنَةٗ لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنكُمۡ خَآصَّةٗۖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 8:25

    سىلەر ئاراڭلاردىكى زالىملارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا _ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.

  26. وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ أَنتُمۡ قَلِيلٞ مُّسۡتَضۡعَفُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمۡ وَأَيَّدَكُم بِنَصۡرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 8:26

    ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئاز ئىدىڭلار، (مەككە) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەرنىڭ تالان _ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) ماكانلاشتۇردى، (بەدرى غازىتىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە (غەنىيمەتتىن ئىبارەت) ھالال نەرسىلەردىن رىزىق بەردى.

  27. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 8:27

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار،

  28. وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ

    Open ayah 8:28

    بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەر ئۈچۈن) پەقەتلا بىر تۈرلۈك سىناقتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار.

  29. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَتَّقُواْ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّكُمۡ فُرۡقَانٗا وَيُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 8:29

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت (ۋە ئىلىم) ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.

  30. وَإِذۡ يَمۡكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيُثۡبِتُوكَ أَوۡ يَقۡتُلُوكَ أَوۡ يُخۡرِجُوكَۚ وَيَمۡكُرُونَ وَيَمۡكُرُ ٱللَّهُۖ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلۡمَٰكِرِينَ 

    Open ayah 8:30

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى تۇتقۇن قىلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋەياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلىغان ئىدى. ئۇلار سۇيىقەست پىلانلايدۇيۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلىدۇ. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى بەربات قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

  31. وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا قَالُواْ قَدۡ سَمِعۡنَا لَوۡ نَشَآءُ لَقُلۡنَا مِثۡلَ هَٰذَآ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 8:31

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بىز (بۇنداق سۆزلەرنى بۇرۇنمۇ) ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق، ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئەلۋەتتە بىزمۇ قىلالايتتۇق. بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

  32. وَإِذۡ قَالُواْ ٱللَّهُمَّ إِن كَانَ هَٰذَا هُوَ ٱلۡحَقَّ مِنۡ عِندِكَ فَأَمۡطِرۡ عَلَيۡنَا حِجَارَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ أَوِ ٱئۡتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٖ

    Open ayah 8:32

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ (قۇرئان) سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەق (كىتاب) بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە قىينىغۇچى ئازاب كەلتۈرگىن» دېدى.

  33. وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمۡ وَأَنتَ فِيهِمۡۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمۡ وَهُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ

    Open ayah 8:33

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ.

  34. وَمَا لَهُمۡ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ ٱللَّهُ وَهُمۡ يَصُدُّونَ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَمَا كَانُوٓاْ أَوۡلِيَآءَهُۥٓۚ إِنۡ أَوۡلِيَآؤُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُتَّقُونَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 8:34

    ئۇلار (مۇسۇلمانلارنى) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشتىن توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا قانداقمۇ ئازاب قىلمىسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىگىلىرى پەقەتلا تەقۋادارلاردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  35. وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمۡ عِندَ ٱلۡبَيۡتِ إِلَّا مُكَآءٗ وَتَصۡدِيَةٗۚ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ

    Open ayah 8:35

    ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتىش، چاۋاك چېلىشتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) سىلەر (ھەق دىننى) ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار.

  36. إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ لِيَصُدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ فَسَيُنفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيۡهِمۡ حَسۡرَةٗ ثُمَّ يُغۡلَبُونَۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحۡشَرُونَ

    Open ayah 8:36

    شۈبھىسىزكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار پۇل _ مېلىنى (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە سەرپ قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگە (ھەيدىلىپ ئۇ جايدا) توپلىنىدۇ.

  37. لِيَمِيزَ ٱللَّهُ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ وَيَجۡعَلَ ٱلۡخَبِيثَ بَعۡضَهُۥ عَلَىٰ بَعۡضٖ فَيَرۡكُمَهُۥ جَمِيعٗا فَيَجۡعَلَهُۥ فِي جَهَنَّمَۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

    Open ayah 8:37

    (بۇنداق توپلاش) ئاللاھنىڭ ناپاك ئادەمنى پاك ئادەمدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەممە ناپاك ئادەمنى ئۈستى _ ئۈستىگە دۆۋىلەپ دوزاخقا تاشلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

  38. قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَنتَهُواْ يُغۡفَرۡ لَهُم مَّا قَدۡ سَلَفَ وَإِن يَعُودُواْ فَقَدۡ مَضَتۡ سُنَّتُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 8:38

    (ئى پەيغەمبەر!) كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كاپىرلىقتىن، پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىك قىلىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار (كاپىرلىققا، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشكە) قايتسا، ئاللاھنىڭ (پەيغەمبەرگە دۈشمەن بولغۇچىلارنى تېز جازالاشتىكى) قانۇنىيىتى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردە ئۆتتى (ئۇلارمۇ ئاشۇنداق جازالىنىدۇ).

  39. وَقَٰتِلُوهُمۡ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتۡنَةٞ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ كُلُّهُۥ لِلَّهِۚ فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

    Open ayah 8:39

    پىتنە (شېرىك ۋە زۇلۇم) تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) يانسا، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

  40. وَإِن تَوَلَّوۡاْ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَوۡلَىٰكُمۡۚ نِعۡمَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَنِعۡمَ ٱلنَّصِيرُ 

    Open ayah 8:40

    ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەم قىلغۇچى!

  41. ۞وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا يَوۡمَ ٱلۡفُرۡقَانِ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

    Open ayah 8:41

    (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان ھەرقانداق غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە (خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان) مۇساپىرلارغا خاستۇر (قالغان قىسمى مۇجاھىدلار ئۈچۈندۇر). ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈندە _ ئىككى قوشۇن (بەدرىدە) ئۇچراشقان كۈندە _ بەندىمىز (مۇھەممەد)گە نازىل قىلغانلىرىمىزغا ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىگە ئەمەل قىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

  42. إِذۡ أَنتُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلۡقُصۡوَىٰ وَٱلرَّكۡبُ أَسۡفَلَ مِنكُمۡۚ وَلَوۡ تَوَاعَدتُّمۡ لَٱخۡتَلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡمِيعَٰدِ وَلَٰكِن لِّيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗا لِّيَهۡلِكَ مَنۡ هَلَكَ عَنۢ بَيِّنَةٖ وَيَحۡيَىٰ مَنۡ حَيَّ عَنۢ بَيِّنَةٖۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ

    Open ayah 8:42

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىڭلاردا ئىدى. ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ۋەدىگە خىلاپلىق قىلاتتىڭلار، لېكىن، ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى ئۈچۈن، ياشايدىغانلارنىڭمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن (سىلەرنى ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). شەكسىزكى، ئاللاھ ئەلۋەتتە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  43. إِذۡ يُرِيكَهُمُ ٱللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلٗاۖ وَلَوۡ أَرَىٰكَهُمۡ كَثِيرٗا لَّفَشِلۡتُمۡ وَلَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ سَلَّمَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 8:43

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (دۈشمەننى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا ئىدى، سىلەر چوقۇم قورقۇپ كېتەتتىڭلار ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم تالاش _ تارتىش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى مۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. شەكسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  44. وَإِذۡ يُرِيكُمُوهُمۡ إِذِ ٱلۡتَقَيۡتُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِكُمۡ قَلِيلٗا وَيُقَلِّلُكُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِهِمۡ لِيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗاۗ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ

    Open ayah 8:44

    ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى سىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىڭلارنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسىتىدۇ ۋە سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسىتىدۇ. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.

  45. يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمۡ فِئَةٗ فَٱثۡبُتُواْ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

    Open ayah 8:45

    ئى ئىمان ئېيتقانلار! (كاپىرلاردىن بولغان) قانداقلا بىر توپقا ئۇچراشساڭلار مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.

  46. وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَنَٰزَعُواْ فَتَفۡشَلُواْ وَتَذۡهَبَ رِيحُكُمۡۖ وَٱصۡبِرُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

    Open ayah 8:46

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ _ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، چىداملىق بولۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.

  47. وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بَطَرٗا وَرِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ

    Open ayah 8:47

    سىلەر يۇرتلىرىدىن كۆرەڭلىگەن ۋە ئىنسانلارغا ئۆزىنى كۆرسەتكەن ھالدا چىققان، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  48. وَإِذۡ زَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَإِنِّي جَارٞ لَّكُمۡۖ فَلَمَّا تَرَآءَتِ ٱلۡفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكُمۡ إِنِّيٓ أَرَىٰ مَا لَا تَرَوۡنَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَۚ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 8:48

    ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىپ: «بۈگۈن سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئەمما ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مېنىڭ سىلەر بىلەن ھېچبىر ئالاقەم يوق، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى مەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستتىنلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى.

  49. إِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ غَرَّ هَٰٓؤُلَآءِ دِينُهُمۡۗ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

    Open ayah 8:49

    ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار (مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ): «بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئالداپ قويدى (شۇڭا، ئۇلار ئۆزىدىن كۆپ سانلىق قوشۇن بىلەن ئۇرۇشتى)» دېگەن ئىدى. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  50. وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ يَتَوَفَّى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ 

    Open ayah 8:50

    ئەگەر سەن پەرىشتىلەرنىڭ (بەدرى غازىتىدا) كاپىرلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى، (ئاندىن ئۇلارغا:) «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دېگەنلىكىنى) كۆرگەن بولساڭ (تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ).

  51. ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ

    Open ayah 8:51

    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن سادىر قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلچە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.

  52. كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 8:52

    (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقىرىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدى. شەكسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئۇنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.

  53. ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ لَمۡ يَكُ مُغَيِّرٗا نِّعۡمَةً أَنۡعَمَهَا عَلَىٰ قَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

    Open ayah 8:53

    بۇ (ئازابنىڭ چۈشۈشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، بىرەر قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  54. كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ فَأَهۡلَكۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَۚ وَكُلّٞ كَانُواْ ظَٰلِمِينَ

    Open ayah 8:54

    (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلارمۇ رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. شۇڭا بىزمۇ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زالىملار ئىدى.

  55. إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 8:55

    ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار بولۇپ، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.

  56. ٱلَّذِينَ عَٰهَدتَّ مِنۡهُمۡ ثُمَّ يَنقُضُونَ عَهۡدَهُمۡ فِي كُلِّ مَرَّةٖ وَهُمۡ لَا يَتَّقُونَ

    Open ayah 8:56

    ئۇلار سەن بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، ئاندىن ئاللاھتىن قورقماستىن، ھەر قېتىمدا كېلىشىمنى بۇزىدىغانلاردۇر.

  57. فَإِمَّا تَثۡقَفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡحَرۡبِ فَشَرِّدۡ بِهِم مَّنۡ خَلۡفَهُمۡ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ

    Open ayah 8:57

    ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالساڭ، ئۇلار (نى قاتتىق جازالاش) ئارقىلىق ئارقىدىكىلىرىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتكىنكى، ئۇلار (بۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالسۇن.

  58. وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوۡمٍ خِيَانَةٗ فَٱنۢبِذۡ إِلَيۡهِمۡ عَلَىٰ سَوَآءٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡخَآئِنِينَ

    Open ayah 8:58

    ئەگەر سەن (ئاراڭلاردا كېلىشىم تۈزۈشكەن) بىرەر قەۋمنىڭ كېلىشىمگە ۋاپاسىزلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، (كېلىشىم بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدى دەپ) ئۇلارغا ئەھدىسىنى ئوچۇق – ئاشكارا تاشلاپ بەرگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ئەھدىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

  59. وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَبَقُوٓاْۚ إِنَّهُمۡ لَا يُعۡجِزُونَ

    Open ayah 8:59

    (بەدرى غازىتىدا تىرىك قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

  60. وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ تُرۡهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمۡ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمۡ لَا تَعۡلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعۡلَمُهُمۡۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ 

    Open ayah 8:60

    (دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر تونۇمايدىغان، (لېكىن) ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمىغان ھالدا ئۇنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ.

  61. ۞وَإِن جَنَحُواْ لِلسَّلۡمِ فَٱجۡنَحۡ لَهَا وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

    Open ayah 8:61

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. چۈنكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  62. وَإِن يُرِيدُوٓاْ أَن يَخۡدَعُوكَ فَإِنَّ حَسۡبَكَ ٱللَّهُۚ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَيَّدَكَ بِنَصۡرِهِۦ وَبِٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 8:62

    ئەگەر ئۇلار (يالغان سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، شەكسىزكى، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۇئمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ.

  63. وَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡۚ لَوۡ أَنفَقۡتَ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مَّآ أَلَّفۡتَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ أَلَّفَ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّهُۥ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

    Open ayah 8:63

    ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بىرلەشتۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  64. يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَسۡبُكَ ٱللَّهُ وَمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 8:64

    ئى پەيغەمبەر! ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.

  65. يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَى ٱلۡقِتَالِۚ إِن يَكُن مِّنكُمۡ عِشۡرُونَ صَٰبِرُونَ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ

    Open ayah 8:65

    ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (كاپىرلاردىن) ئىككى يۈزنى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن مىڭنى يېڭەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ بېكىتكەن قانۇنىيەتنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.

  66. ٱلۡـَٰٔنَ خَفَّفَ ٱللَّهُ عَنكُمۡ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمۡ ضَعۡفٗاۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ صَابِرَةٞ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمۡ أَلۡفٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفَيۡنِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

    Open ayah 8:66

    ئاللاھ سىلەردىكى ئاجىزلىقنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەمدى (مەزكۇز ھۆكۈمنى) يېنىكلەتتى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) ئىككى يۈز كىشىنى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) مىڭ ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن (ئۇلاردىن) ئىككى مىڭ كىشىنى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىق بولغانلار بىلەن بىللىدۇر.

  67. مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُۥٓ أَسۡرَىٰ حَتَّىٰ يُثۡخِنَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ ٱلدُّنۡيَا وَٱللَّهُ يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

    Open ayah 8:67

    ھېچقانداق پەيغەمبەرگە يەر يۈزىدە (كۇفرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ) دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەي تۇرۇپ، (فىديە ئېلىشنى كۆزلەپ) ئەسىرگە ئېلىش قەتئىي لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ھالبۇكى، ئاللاھ (سىلەرگە) ئاخىرەت (نىڭ مۇكاپاتى)نى كۆزلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  68. لَّوۡلَا كِتَٰبٞ مِّنَ ٱللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمۡ فِيمَآ أَخَذۡتُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ

    Open ayah 8:68

    ئاللاھنىڭ ئالدىن چىقارغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.

  69. فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمۡتُمۡ حَلَٰلٗا طَيِّبٗاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 8:69

    سىلەر ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  70. يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّمَن فِيٓ أَيۡدِيكُم مِّنَ ٱلۡأَسۡرَىٰٓ إِن يَعۡلَمِ ٱللَّهُ فِي قُلُوبِكُمۡ خَيۡرٗا يُؤۡتِكُمۡ خَيۡرٗا مِّمَّآ أُخِذَ مِنكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ 

    Open ayah 8:70

    ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا بىرەر ياخشىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلسە، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان نەرسىدىن (فىديەدىن) ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».

  71. وَإِن يُرِيدُواْ خِيَانَتَكَ فَقَدۡ خَانُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ فَأَمۡكَنَ مِنۡهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

    Open ayah 8:71

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (يەنى سەن قويۇپ بەرگەن ئەسىرلەر) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا (قايغۇرمىغىن)، ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقىمۇ ھەقىقەتەن خىيانەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  72. إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يُهَاجِرُواْ مَا لَكُم مِّن وَلَٰيَتِهِم مِّن شَيۡءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْۚ وَإِنِ ٱسۡتَنصَرُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ فَعَلَيۡكُمُ ٱلنَّصۡرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

    Open ayah 8:72

    ئىمان ئېيتقان، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان، پۇل _ مېلى ۋە جېنى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان (مۇھاجىر)لار بىلەن ئۇلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان (ئەنسار)لارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر _ بىرى بىلەن (ھەقىقىي) دوستلاردۇر. ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ھىجرەت قىلمىغانلار تاكى ھىجرەت قىلغانغا قەدەر سىلەرنىڭ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىرىگە قارشى سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  73. وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٍۚ إِلَّا تَفۡعَلُوهُ تَكُن فِتۡنَةٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَفَسَادٞ كَبِيرٞ

    Open ayah 8:73

    كاپىرلارمۇ بىر _ بىرىنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ بۇزغۇنچىلىق تۇغۇلىدۇ.

  74. وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ

    Open ayah 8:74

    ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان (مۇھاجىر)لار بىلەن (ئۆز يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان (ئەنسار) لارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.

  75. وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ مَعَكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ مِنكُمۡۚ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ

    Open ayah 8:75

    (ئاشۇ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلاردىن) كېيىن ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلغان ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارمۇ سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىدا (بەلگىلەنگەن ھۆكۈمگە ئاساسەن)، ئۇرۇق _ تۇغقانلار بىر _ بىرىگە ۋارىس بولۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.