التوبة
At-Tawba
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بَرَآءَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 9:1(بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن سىلەر بىلەن (تىنچ ئۆتۈش ئۈچۈن) كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا (ئۇنى بۇزغانلىقى تۈپەيلىدىن) كېلىشىمنى بىكار قىلىش باياناتىدۇر.
فَسِيحُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُخۡزِي ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 9:2(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە تۆت ئاي يۈرۈۋېلىڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر.
وَأَذَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلنَّاسِ يَوۡمَ ٱلۡحَجِّ ٱلۡأَكۡبَرِ أَنَّ ٱللَّهَ بَرِيٓءٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ وَرَسُولُهُۥۚ فَإِن تُبۡتُمۡ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
Open ayah 9:3(بۇ) ئەڭ چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن ئىنسانلارغا (چىقىرىلغان) ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا _ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن يېنىپ) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.
إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ثُمَّ لَمۡ يَنقُصُوكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَمۡ يُظَٰهِرُواْ عَلَيۡكُمۡ أَحَدٗا فَأَتِمُّوٓاْ إِلَيۡهِمۡ عَهۡدَهُمۡ إِلَىٰ مُدَّتِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 9:4ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
فَإِذَا ٱنسَلَخَ ٱلۡأَشۡهُرُ ٱلۡحُرُمُ فَٱقۡتُلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡ وَخُذُوهُمۡ وَٱحۡصُرُوهُمۡ وَٱقۡعُدُواْ لَهُمۡ كُلَّ مَرۡصَدٖۚ فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:5ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى (ئۆز ھالىغا) قويۇۋېتىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 9:6ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىۋېلىشى (يەنى ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىۋېلىشى) ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئىمان ئېيتمىسا) ئۇنى ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ (كەڭچىلىك) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ھەقىقەتنى) بىلمەيدىغان قەۋمدۇر.
كَيۡفَ يَكُونُ لِلۡمُشۡرِكِينَ عَهۡدٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ رَسُولِهِۦٓ إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۖ فَمَا ٱسۡتَقَٰمُواْ لَكُمۡ فَٱسۡتَقِيمُواْ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 9:7ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نەزىرىدە، مۇشرىكلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما، مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار سىلەر بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ۋاپا قىلسىلا، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
كَيۡفَ وَإِن يَظۡهَرُواْ عَلَيۡكُمۡ لَا يَرۡقُبُواْ فِيكُمۡ إِلّٗا وَلَا ذِمَّةٗۚ يُرۡضُونَكُم بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَتَأۡبَىٰ قُلُوبُهُمۡ وَأَكۡثَرُهُمۡ فَٰسِقُونَ
Open ayah 9:8مۇشرىكلار ئەگەر سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەر توغرۇلۇق نە تۇغقانچىلىققا، نە كېلىشىمگە رىئايە قىلمايدىغان تۇرسا، قانداقمۇ (ئۇلارنىڭ ئەھدىسى ئېتىبارغا ئېلىنسۇن؟) ئۇلار سىلەرنى (شېرىن _ شېكەر) گەپلىرى بىلەن خۇش قىلىدۇ، دىللىرى بولسا (ئۇنداق قىلىشنى) خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر.
ٱشۡتَرَوۡاْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلٗا فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 9:9ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سېتىۋېتىپ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
لَا يَرۡقُبُونَ فِي مُؤۡمِنٍ إِلّٗا وَلَا ذِمَّةٗۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُعۡتَدُونَ
Open ayah 9:10ئۇلار بىرەر مۇئمىن ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە كېلىشىمگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.
فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَإِخۡوَٰنُكُمۡ فِي ٱلدِّينِۗ وَنُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 9:11ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسا ۋە زاكات بەرسە، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي جەھەتتىكى قېرىندىشىڭلارغا ئايلىنىدۇ. بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى (ئەنە شۇنداق) تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
وَإِن نَّكَثُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُم مِّنۢ بَعۡدِ عَهۡدِهِمۡ وَطَعَنُواْ فِي دِينِكُمۡ فَقَٰتِلُوٓاْ أَئِمَّةَ ٱلۡكُفۡرِ إِنَّهُمۡ لَآ أَيۡمَٰنَ لَهُمۡ لَعَلَّهُمۡ يَنتَهُونَ
Open ayah 9:12ئەگەر ئۇلار ئەھدىلەشكەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (دۈشمەنلىكتىن) چەكلىنىشى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېچىڭلار. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق.
أَلَا تُقَٰتِلُونَ قَوۡمٗا نَّكَثُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ وَهَمُّواْ بِإِخۡرَاجِ ٱلرَّسُولِ وَهُم بَدَءُوكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٍۚ أَتَخۡشَوۡنَهُمۡۚ فَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخۡشَوۡهُ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 9:13(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (يۇرتىدىن) ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، سىلەرگە قارشى ئالدى بىلەن ئۇرۇش ئاچقان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ لايىقتۇر.
قَٰتِلُوهُمۡ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ بِأَيۡدِيكُمۡ وَيُخۡزِهِمۡ وَيَنصُرۡكُمۡ عَلَيۡهِمۡ وَيَشۡفِ صُدُورَ قَوۡمٖ مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 9:14ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ، (شۇنىڭ بىلەن) مۇئمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ، ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [14 _ 15]
وَيُذۡهِبۡ غَيۡظَ قُلُوبِهِمۡۗ وَيَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
Open ayah 9:15ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ، (شۇنىڭ بىلەن) مۇئمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ، ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [14 _ 15]
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تُتۡرَكُواْ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَلَمۡ يَتَّخِذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَا رَسُولِهِۦ وَلَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَلِيجَةٗۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 9:16ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۇئمىنلەردىن باشقىسىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ، سىلەر (سىنالمايلا) ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
مَا كَانَ لِلۡمُشۡرِكِينَ أَن يَعۡمُرُواْ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ شَٰهِدِينَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِم بِٱلۡكُفۡرِۚ أُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ وَفِي ٱلنَّارِ هُمۡ خَٰلِدُونَ
Open ayah 9:17مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ (ياخشىلىق دەپ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
إِنَّمَا يَعۡمُرُ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَلَمۡ يَخۡشَ إِلَّا ٱللَّهَۖ فَعَسَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ أَن يَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ
Open ayah 9:18ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغان، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇقەررەردۇر.
۞أَجَعَلۡتُمۡ سِقَايَةَ ٱلۡحَآجِّ وَعِمَارَةَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ كَمَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَجَٰهَدَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ لَا يَسۡتَوُۥنَ عِندَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 9:19سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار تەڭ ئەمەس. ئاللاھ (كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغان) زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ أَعۡظَمُ دَرَجَةً عِندَ ٱللَّهِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
Open ayah 9:20ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان، پۇل _ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر.
يُبَشِّرُهُمۡ رَبُّهُم بِرَحۡمَةٖ مِّنۡهُ وَرِضۡوَٰنٖ وَجَنَّٰتٖ لَّهُمۡ فِيهَا نَعِيمٞ مُّقِيمٌ
Open ayah 9:21رەببى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە تۈگىمەس نېمەتلەر بار.
خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
Open ayah 9:22ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، (ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُوٓاْ ءَابَآءَكُمۡ وَإِخۡوَٰنَكُمۡ أَوۡلِيَآءَ إِنِ ٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡكُفۡرَ عَلَى ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 9:23ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە، ئۇلارنى يېقىن كىشىلەر ھېسابلىماڭلار. سىلەردىن كىمكى، ئۇلارنى يېقىن كىشىلىرى ھېسابلايدىكەن، ئەنە شۇلار (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
قُلۡ إِن كَانَ ءَابَآؤُكُمۡ وَأَبۡنَآؤُكُمۡ وَإِخۡوَٰنُكُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ وَعَشِيرَتُكُمۡ وَأَمۡوَٰلٌ ٱقۡتَرَفۡتُمُوهَا وَتِجَٰرَةٞ تَخۡشَوۡنَ كَسَادَهَا وَمَسَٰكِنُ تَرۡضَوۡنَهَآ أَحَبَّ إِلَيۡكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَجِهَادٖ فِي سَبِيلِهِۦ فَتَرَبَّصُواْ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ ٱللَّهُ بِأَمۡرِهِۦۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 9:24(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل _ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھ (ھەققىڭلاردا ئازاب) ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ (دىننىڭ چەك-چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكەن) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
لَقَدۡ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٖ وَيَوۡمَ حُنَيۡنٍ إِذۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡ كَثۡرَتُكُمۡ فَلَمۡ تُغۡنِ عَنكُمۡ شَيۡـٔٗا وَضَاقَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ ثُمَّ وَلَّيۡتُم مُّدۡبِرِينَ
Open ayah 9:25شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين (ئۇرۇشى بولغان) كۈنىدە ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار.
ثُمَّ أَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَا وَعَذَّبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 9:26ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، (پەرىشتىلەردىن ئىبارەت) سىلەر كۆرەلمىگەن قوشۇنلارنى چۈشۈردى ۋە كاپىرلارنى ئازابلىدى. كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇدۇر.
ثُمَّ يَتُوبُ ٱللَّهُ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:27شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ يەنە خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡمُشۡرِكُونَ نَجَسٞ فَلَا يَقۡرَبُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ بَعۡدَ عَامِهِمۡ هَٰذَاۚ وَإِنۡ خِفۡتُمۡ عَيۡلَةٗ فَسَوۡفَ يُغۡنِيكُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦٓ إِن شَآءَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 9:28ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇشرىكلار پەقەتلا نىجىستۇر. شۇڭا مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 _ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇن. ئەگەر سىلەر(مۇشرىكلار بىلەن قىلىدىغان تىجارىتىڭلار توختاش سەۋەبلىك) پېقىر بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ئۇزاققا قالماي ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ ٱلۡحَقِّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ حَتَّىٰ يُعۡطُواْ ٱلۡجِزۡيَةَ عَن يَدٖ وَهُمۡ صَٰغِرُونَ
Open ayah 9:29سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا ئۆز قوللىرى بىلەن جىزيە تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار.
وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ عُزَيۡرٌ ٱبۡنُ ٱللَّهِ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَى ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ ٱللَّهِۖ ذَٰلِكَ قَوۡلُهُم بِأَفۡوَٰهِهِمۡۖ يُضَٰهِـُٔونَ قَوۡلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُۚ قَٰتَلَهُمُ ٱللَّهُۖ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
Open ayah 9:30يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، خىرىستىيانلار: «مەسىھ ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر. ئۇلار(نىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (كۇفرى) سۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، ئۇلار قانداقمۇ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 9:31(يەھۇدىيلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، (خىرىستىيانلار) ئۆزلىرىنىڭ راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى ئىلاھ قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىرلا ئىلاھ (بولغان ئاللاھ) قا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.
يُرِيدُونَ أَن يُطۡفِـُٔواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَيَأۡبَى ٱللَّهُ إِلَّآ أَن يُتِمَّ نُورَهُۥ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 9:32ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئۇنىڭ دىنىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. (ھالبۇكى) كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى تاماملىماي قالمايدۇ.
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُشۡرِكُونَ
Open ayah 9:33مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر.
۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡأَحۡبَارِ وَٱلرُّهۡبَانِ لَيَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۗ وَٱلَّذِينَ يَكۡنِزُونَ ٱلذَّهَبَ وَٱلۡفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٖ
Open ayah 9:34ئى ئىمان ئېيتقانلار يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ۋە خىرىستىيانلارنىڭ راھىبلىرىدىن [60] نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىنى يولسىزلىق بىلەن يەۋالىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئالتۇن _ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.
- يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى «ھاخام»، خىرىستىيانلارنىڭ ئۆلىمالىرى «قىسسىس» دەپ ئاتىلىدۇ. راھىب _ خىرىستىيانلارنىڭ ئىچىدىكى تەركىدۇنيالىق يولىنى تاللاپ، ئۆزىنى ئىبادەتكە ئاتىۋەتكەن كىشىگە بېرىلگەن ئۇنۋاندۇر.
يَوۡمَ يُحۡمَىٰ عَلَيۡهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكۡوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمۡ وَجُنُوبُهُمۡ وَظُهُورُهُمۡۖ هَٰذَا مَا كَنَزۡتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡنِزُونَ
Open ayah 9:35ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئالتۇن _ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. (ئۇلارغا): «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان بايلىقىڭلاردۇر. (زاكىتىنى ئايرىماي) يىغقان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ عِدَّةَ ٱلشُّهُورِ عِندَ ٱللَّهِ ٱثۡنَا عَشَرَ شَهۡرٗا فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ يَوۡمَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ مِنۡهَآ أَرۡبَعَةٌ حُرُمٞۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُۚ فَلَا تَظۡلِمُواْ فِيهِنَّ أَنفُسَكُمۡۚ وَقَٰتِلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ كَآفَّةٗ كَمَا يُقَٰتِلُونَكُمۡ كَآفَّةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 9:36شەكسىزكى، ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ، (بىر يىلدىكى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ كىتابى (لەۋھۇلمەھفۇز) دا ئون ئىككىدۇر، ئۇلاردىن (زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەبتىن ئىبارەت) تۆتى ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر. بۇ توغرا دىندۇر، شۇڭا بۇ ئايلاردا (چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ) ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مۇشرىكلار سىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقاندەك، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
إِنَّمَا ٱلنَّسِيٓءُ زِيَادَةٞ فِي ٱلۡكُفۡرِۖ يُضَلُّ بِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُحِلُّونَهُۥ عَامٗا وَيُحَرِّمُونَهُۥ عَامٗا لِّيُوَاطِـُٔواْ عِدَّةَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ فَيُحِلُّواْ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُۚ زُيِّنَ لَهُمۡ سُوٓءُ أَعۡمَٰلِهِمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 9:37(ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان) ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى باشقا ئايغا ئۆزگەرتىش) ھەقىقەتەن كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ (ئۇرۇش قىلىشنى) ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال سانىسا، ئىككىنچى يىلى ھارام سانايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَا لَكُمۡ إِذَا قِيلَ لَكُمُ ٱنفِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱثَّاقَلۡتُمۡ إِلَى ٱلۡأَرۡضِۚ أَرَضِيتُم بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا مِنَ ٱلۡأٓخِرَةِۚ فَمَا مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا قَلِيلٌ
Open ayah 9:38ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرگە «ئاللاھ يولىدا (جىھادقا) ئاتلىنىڭلار» دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلارغا تارتىشىپ تۇرۇۋالىسىلەر؟ ئاخىرەتتىن (ۋاز كېچىپ) دۇنيا ھاياتىغا رازى بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنتۇماڭلاركى، دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا پەقەت ئازغىنە مەنپەئەتتۇر.
إِلَّا تَنفِرُواْ يُعَذِّبۡكُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا وَيَسۡتَبۡدِلۡ قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيۡـٔٗاۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 9:39ئەگەر سىلەر (جىھادقا) ئاتلانمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر (بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
إِلَّا تَنصُرُوهُ فَقَدۡ نَصَرَهُ ٱللَّهُ إِذۡ أَخۡرَجَهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ثَانِيَ ٱثۡنَيۡنِ إِذۡ هُمَا فِي ٱلۡغَارِ إِذۡ يَقُولُ لِصَٰحِبِهِۦ لَا تَحۡزَنۡ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَنَاۖ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَيۡهِ وَأَيَّدَهُۥ بِجُنُودٖ لَّمۡ تَرَوۡهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلسُّفۡلَىٰۗ وَكَلِمَةُ ٱللَّهِ هِيَ ٱلۡعُلۡيَاۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
Open ayah 9:40ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن ئەبۇ بەكرىدىن ئىبارەت) بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلغان ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (پەيغەمبەر) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، شەكسىزكى، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك چۈشۈرگەن، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى (تەۋھىد كەلىمىسى) ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ٱنفِرُواْ خِفَافٗا وَثِقَالٗا وَجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 9:41(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر يەڭگىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ [61] جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇشۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
- ئايەتتىكى﴿يەڭگىل ۋە ئېغىر﴾دىن مەقسەت، مەيلى ئوڭاي شارائىتتا بولۇڭلار، ياكى قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار، مەيلى ياش، ياكى قېرى، مەيلى ئاجىز، ياكى كۈچلۈك، مەيلى باي، ياكى كەمبەغەل بولۇڭلار، مەيلى ئاتلىق، ياكى پىيادە بولۇڭلار، مەيلى قانداقلا ھالەتتە بولۇڭلار، جىھادقا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردا دەرھال جىھادقا ئاتلىنىڭلار، دېگەنلىكتۇر.
لَوۡ كَانَ عَرَضٗا قَرِيبٗا وَسَفَرٗا قَاصِدٗا لَّٱتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنۢ بَعُدَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلشُّقَّةُۚ وَسَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَوِ ٱسۡتَطَعۡنَا لَخَرَجۡنَا مَعَكُمۡ يُهۡلِكُونَ أَنفُسَهُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 9:42ئەگەر (مۇناپىقلار دەۋەت قىلىنغان بۇ ئىش) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يېقىن مۇساپىلىك) ئوڭاي سەپەر بولسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ( يالغان قەسەملىرى بىلەن) ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك _ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر.
عَفَا ٱللَّهُ عَنكَ لِمَ أَذِنتَ لَهُمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَتَعۡلَمَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 9:43(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمىگۈچە، نېمىشقا ئۇلارغا (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ؟
لَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أَن يُجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 9:44ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (چىن قەلبىدىن) ئىشىنىدىغانلار سەندىن پۇل _ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشتىن (قېلىپ قېلىش ئۈچۈن) رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
إِنَّمَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱرۡتَابَتۡ قُلُوبُهُمۡ فَهُمۡ فِي رَيۡبِهِمۡ يَتَرَدَّدُونَ
Open ayah 9:45سەندىن پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، دىلىدا شەك بار كىشىلەرلا رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار شەك _ شۈبھىلىرىدە تېڭىرقاپ يۈرىدۇ.
۞وَلَوۡ أَرَادُواْ ٱلۡخُرُوجَ لَأَعَدُّواْ لَهُۥ عُدَّةٗ وَلَٰكِن كَرِهَ ٱللَّهُ ٱنۢبِعَاثَهُمۡ فَثَبَّطَهُمۡ وَقِيلَ ٱقۡعُدُواْ مَعَ ٱلۡقَٰعِدِينَ
Open ayah 9:46ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) قىمىرلاپ قويۇشىنىمۇ ياقتۇرمىدى، شۇڭا ئۇلارنى (جىھادتىن) سوغۇتۇپ قويدى. (ئۇلارغا): «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالىدىغان (ئاياللار، كىچىك بالىلار ۋە ئاجىز) لار بىلەن بىللە قېلىڭلار» دېيىلدى.
لَوۡ خَرَجُواْ فِيكُم مَّا زَادُوكُمۡ إِلَّا خَبَالٗا وَلَأَوۡضَعُواْ خِلَٰلَكُمۡ يَبۡغُونَكُمُ ٱلۡفِتۡنَةَ وَفِيكُمۡ سَمَّٰعُونَ لَهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 9:47ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە چىققان بولسا ئىدى، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە _ پاساتنىلا كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك قىلاتتى. ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىگە بەك قۇلاق سالىدىغانلار بار. ئاللاھ (ئۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
لَقَدِ ٱبۡتَغَوُاْ ٱلۡفِتۡنَةَ مِن قَبۡلُ وَقَلَّبُواْ لَكَ ٱلۡأُمُورَ حَتَّىٰ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَظَهَرَ أَمۡرُ ٱللَّهِ وَهُمۡ كَٰرِهُونَ
Open ayah 9:48(ئى پەيغەمبەر!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ساڭا ھىيلە _ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر.
وَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ ٱئۡذَن لِّي وَلَا تَفۡتِنِّيٓۚ أَلَا فِي ٱلۡفِتۡنَةِ سَقَطُواْۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 9:49ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا رۇخسەت قىلغىن، مېنى پىتنىگە چۈشۈرمىگىن» (يەنى رىملۇق ئاياللار بىلەن گۇناھ قىلىپ سېلىشىمغا سەۋەبچى بولمىغىن) دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) پىتنىگە چۈشۈپ بولغان ئىدى. شەكسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى چوقۇم قورشىغۇچىدۇر.
إِن تُصِبۡكَ حَسَنَةٞ تَسُؤۡهُمۡۖ وَإِن تُصِبۡكَ مُصِيبَةٞ يَقُولُواْ قَدۡ أَخَذۡنَآ أَمۡرَنَا مِن قَبۡلُ وَيَتَوَلَّواْ وَّهُمۡ فَرِحُونَ
Open ayah 9:50(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «(ئەجەب ياخشى بولدى) بىز بۇرۇن تەدبىرىمىزنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ.
قُل لَّن يُصِيبَنَآ إِلَّا مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَنَا هُوَ مَوۡلَىٰنَاۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 9:51ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسىلا يېتىدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن!».
قُلۡ هَلۡ تَرَبَّصُونَ بِنَآ إِلَّآ إِحۡدَى ٱلۡحُسۡنَيَيۡنِۖ وَنَحۡنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمۡ أَن يُصِيبَكُمُ ٱللَّهُ بِعَذَابٖ مِّنۡ عِندِهِۦٓ أَوۡ بِأَيۡدِينَاۖ فَتَرَبَّصُوٓاْ إِنَّا مَعَكُم مُّتَرَبِّصُونَ
Open ayah 9:52ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى ياخشىلىقنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشىنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، شەكسىزكى، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمىز».
قُلۡ أَنفِقُواْ طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا لَّن يُتَقَبَّلَ مِنكُمۡ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
Open ayah 9:53(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك (پۇل _ مال) سەرپ قىلىپ كېتىڭلار، ئۇ سىلەردىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم بولۇپ كەتتىڭلار».
وَمَا مَنَعَهُمۡ أَن تُقۡبَلَ مِنۡهُمۡ نَفَقَٰتُهُمۡ إِلَّآ أَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَبِرَسُولِهِۦ وَلَا يَأۡتُونَ ٱلصَّلَوٰةَ إِلَّا وَهُمۡ كُسَالَىٰ وَلَا يُنفِقُونَ إِلَّا وَهُمۡ كَٰرِهُونَ
Open ayah 9:54ئۇلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ئۇلاردىن قوبۇل بولماسلىقىدىكى سەۋەب پەقەت شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازغا پەقەت خۇش ياقمىغان ھالدا كېلىدۇ، پۇل _ مېلىنى ياقتۇرمىغان ھالدا سەرپ قىلىدۇ.
فَلَا تُعۡجِبۡكَ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُمۡۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُم بِهَا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَتَزۡهَقَ أَنفُسُهُمۡ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 9:55(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ مال _ مۈلۈكى ۋە پەرزەنتلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، پەقەت ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىدا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ.
وَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنَّهُمۡ لَمِنكُمۡ وَمَا هُم مِّنكُمۡ وَلَٰكِنَّهُمۡ قَوۡمٞ يَفۡرَقُونَ
Open ayah 9:56ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار (سىلەردىن) قورقىدىغان (شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلماندەك كۆرسىتىدىغان) قەۋمدۇر.
لَوۡ يَجِدُونَ مَلۡجَـًٔا أَوۡ مَغَٰرَٰتٍ أَوۡ مُدَّخَلٗا لَّوَلَّوۡاْ إِلَيۡهِ وَهُمۡ يَجۡمَحُونَ
Open ayah 9:57ئەگەر ئۇلار بىرەر پاناھگاھ ياكى غار ۋەياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشكەن بولاتتى.
وَمِنۡهُم مَّن يَلۡمِزُكَ فِي ٱلصَّدَقَٰتِ فَإِنۡ أُعۡطُواْ مِنۡهَا رَضُواْ وَإِن لَّمۡ يُعۡطَوۡاْ مِنۡهَآ إِذَا هُمۡ يَسۡخَطُونَ
Open ayah 9:58(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىرلىرى باركى، ئۇلار سەدىقىلەرنىڭ (تەقسىمات) ئىشلىرىدا سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە رازى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بېرىلمىسە دەرھال نارازى بولىدۇ.
وَلَوۡ أَنَّهُمۡ رَضُواْ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَقَالُواْ حَسۡبُنَا ٱللَّهُ سَيُؤۡتِينَا ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ وَرَسُولُهُۥٓ إِنَّآ إِلَى ٱللَّهِ رَٰغِبُونَ
Open ayah 9:59ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولۇپ: «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ بىزگە يېقىندا ئۆز پەزلىدىن (يەنە) بېرىدۇ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە (ئۇنى تەقسىم قىلىپ) بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھتىنلا ئۈمىد كۈتكۈچىلەرمىز» دېسە ئىدى (ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى).
۞إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 9:60زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَمِنۡهُمُ ٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلنَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٞۚ قُلۡ أُذُنُ خَيۡرٖ لَّكُمۡ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَيُؤۡمِنُ لِلۡمُؤۡمِنِينَ وَرَحۡمَةٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ رَسُولَ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 9:61ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ئارىسىدا پەيغەمبەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ: «ئۇ (ئاڭلىغىنىغا ئىشىنىۋېرىدىغان) قۇلاقتۇر» دەيدىغانلىرى بار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشى (پايدىلىق بولغان) سۆزلەرنى ئاڭلايدىغان قۇلاقتۇر. ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلەرگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمۡ لِيُرۡضُوكُمۡ وَٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَحَقُّ أَن يُرۡضُوهُ إِن كَانُواْ مُؤۡمِنِينَ
Open ayah 9:62ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستتىنلا مۇئمىن بولىدىغان بولسا، رازى قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ ھەقلىق ئىدى.
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّهُۥ مَن يُحَادِدِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَأَنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدٗا فِيهَاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡخِزۡيُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 9:63كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ چوقۇم دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر.
يَحۡذَرُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيۡهِمۡ سُورَةٞ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلِ ٱسۡتَهۡزِءُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ مُخۡرِجٞ مَّا تَحۡذَرُونَ
Open ayah 9:64مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى مۇئمىنلەرگە پاش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىلىۋېرىڭلار، سىلەر ئەنسىرەيدىغان نەرسىنى ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ».
وَلَئِن سَأَلۡتَهُمۡ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلۡعَبُۚ قُلۡ أَبِٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ وَرَسُولِهِۦ كُنتُمۡ تَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 9:65ئەگەر سەن ئۇلاردىن (نېمە ئۈچۈن مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سۈرۈشتە قىلساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت چاقچاق قىلىپ ۋە ئوينىشىپ دەپ قويغان ئىدۇق» دەيدۇ. (ئۇ مۇناپىقلارغا): «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن.
لَا تَعۡتَذِرُواْ قَدۡ كَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡۚ إِن نَّعۡفُ عَن طَآئِفَةٖ مِّنكُمۡ نُعَذِّبۡ طَآئِفَةَۢ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ
Open ayah 9:66(ئى مۇناپىقلار!) سىلەر (يالغاندىن) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن (سەمىمىي تەۋبە قىلغان) بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساقمۇ، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن جازالايمىز.
ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتُ بَعۡضُهُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡمُنكَرِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَقۡبِضُونَ أَيۡدِيَهُمۡۚ نَسُواْ ٱللَّهَ فَنَسِيَهُمۡۚ إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 9:67مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار بىر _ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار (بېخىللىق قىلىپ) قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئۇلارنى مەرھەمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ هِيَ حَسۡبُهُمۡۚ وَلَعَنَهُمُ ٱللَّهُۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّقِيمٞ
Open ayah 9:68ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللارغا ۋە (بارلىق) كاپىرلارغا دوزاخ ئوتىنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار (دوزاخقا كىرىدۇ)، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ (ئۇلارنى ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ئازاب بار.
كَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنكُمۡ قُوَّةٗ وَأَكۡثَرَ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا فَٱسۡتَمۡتَعُواْ بِخَلَٰقِهِمۡ فَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِخَلَٰقِكُمۡ كَمَا ٱسۡتَمۡتَعَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُم بِخَلَٰقِهِمۡ وَخُضۡتُمۡ كَٱلَّذِي خَاضُوٓاْۚ أُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 9:69(ئى مۇناپىقلار!) سىلەر بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئوخشايسىلەر. ئۇلار كۈچ _ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلارنىڭ مال _ مۈلۈكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. ئۇلار نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار، ئۇلار باتىلغا پېتىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا پېتىپ كەتتىڭلار. ئەنە شۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
أَلَمۡ يَأۡتِهِمۡ نَبَأُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَقَوۡمِ إِبۡرَٰهِيمَ وَأَصۡحَٰبِ مَدۡيَنَ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتِۚ أَتَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 9:70ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ، نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك بولدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَيُطِيعُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ سَيَرۡحَمُهُمُ ٱللَّهُۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
Open ayah 9:71مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر _ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ وَرِضۡوَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 9:72ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ دائىملىق قارارگاھى بولغان جەننەتلەردىكى ئېسىل تۇرالغۇلارنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھنىڭ (ئۇلاردىن) رازى بولۇشى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ) ئەڭ كاتتىسىدۇر، مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ جَٰهِدِ ٱلۡكُفَّارَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱغۡلُظۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 9:73ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ مَا قَالُواْ وَلَقَدۡ قَالُواْ كَلِمَةَ ٱلۡكُفۡرِ وَكَفَرُواْ بَعۡدَ إِسۡلَٰمِهِمۡ وَهَمُّواْ بِمَا لَمۡ يَنَالُواْۚ وَمَا نَقَمُوٓاْ إِلَّآ أَنۡ أَغۡنَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ مِن فَضۡلِهِۦۚ فَإِن يَتُوبُواْ يَكُ خَيۡرٗا لَّهُمۡۖ وَإِن يَتَوَلَّوۡاْ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ عَذَابًا أَلِيمٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَا لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
Open ayah 9:74(مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىدۇق دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن كاپىر بولدى؛ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەست قىلىشتىن ئىبارەت) ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلار (تۇزكورلۇق قىلىپ، پەيغەمبەرگە) دۈشمەن بولدى. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ.
۞وَمِنۡهُم مَّنۡ عَٰهَدَ ٱللَّهَ لَئِنۡ ءَاتَىٰنَا مِن فَضۡلِهِۦ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 9:75ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن (بايلىق) ئاتا قىلسا، بىز ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە سالىھلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ۋەدە بەردى.
فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُم مِّن فَضۡلِهِۦ بَخِلُواْ بِهِۦ وَتَوَلَّواْ وَّهُم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 9:76ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن (بايلىق) ئاتا قىلغان چاغدا، ئۇلار بېخىللىق قىلىشتى، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈپ (ۋەدىسىدىن) يېنىۋالدى.
فَأَعۡقَبَهُمۡ نِفَاقٗا فِي قُلُوبِهِمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ يَلۡقَوۡنَهُۥ بِمَآ أَخۡلَفُواْ ٱللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ
Open ayah 9:77ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، (ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ) يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغان (قىيامەت) كۈنىگە قەدەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇناپىقلىقنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلمىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى.
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ
Open ayah 9:78ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى، پىچىرلىشىشلىرىنى شەكسىز بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ غەيىبلەرنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟
ٱلَّذِينَ يَلۡمِزُونَ ٱلۡمُطَّوِّعِينَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ فِي ٱلصَّدَقَٰتِ وَٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهۡدَهُمۡ فَيَسۡخَرُونَ مِنۡهُمۡ سَخِرَ ٱللَّهُ مِنۡهُمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Open ayah 9:79ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى مەردلىك بىلەن ئۆزى خالاپ سەدىقە قىلغۇچىلارنى، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە (ئاز بولسىمۇ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ ئاللاھ ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
ٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ أَوۡ لَا تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ إِن تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ سَبۡعِينَ مَرَّةٗ فَلَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 9:80(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن يەتمىش قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ (بۇنداق) پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
فَرِحَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ بِمَقۡعَدِهِمۡ خِلَٰفَ رَسُولِ ٱللَّهِ وَكَرِهُوٓاْ أَن يُجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَالُواْ لَا تَنفِرُواْ فِي ٱلۡحَرِّۗ قُلۡ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرّٗاۚ لَّوۡ كَانُواْ يَفۡقَهُونَ
Open ayah 9:81ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە خىلاپلىق قىلىپ (تەبۇك غازىتىغا چىقىشتىن) قېلىپ قالغانلار ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا پۇل _ ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار (بىر _ بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇناپىقلارغا) «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر» دېگىن. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) چۈشەنگەن بولسا ئىدى (ئىسسىقتا جىھادقا چىقىشتىن قېلىپ قالمىغان بولاتتى).
فَلۡيَضۡحَكُواْ قَلِيلٗا وَلۡيَبۡكُواْ كَثِيرٗا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 9:82ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن.
فَإِن رَّجَعَكَ ٱللَّهُ إِلَىٰ طَآئِفَةٖ مِّنۡهُمۡ فَٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِلۡخُرُوجِ فَقُل لَّن تَخۡرُجُواْ مَعِيَ أَبَدٗا وَلَن تُقَٰتِلُواْ مَعِيَ عَدُوًّاۖ إِنَّكُمۡ رَضِيتُم بِٱلۡقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٖ فَٱقۡعُدُواْ مَعَ ٱلۡخَٰلِفِينَ
Open ayah 9:83ئەگەر ئاللاھ ساڭا (تەبۇك غازىتىدىن) قايتىشنى نېسىپ قىلىپ، سېنى (ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمى بىلەن ئۇچراشتۇرسا، ئۇلار (بۇنىڭدىن كېيىنكى جىھادلارغا) چىقىش ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (جىھادقا) چىقمايسىلەر، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە (چىقىپ) دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر! چۈنكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (جىھادقا چىقماي ئۆيلىرىڭلاردا) ئولتۇرۇشقا رازى بولغان ئىدىڭلار، ئەمدى (جىھادقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار».
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰٓ أَحَدٖ مِّنۡهُم مَّاتَ أَبَدٗا وَلَا تَقُمۡ عَلَىٰ قَبۡرِهِۦٓۖ إِنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَمَاتُواْ وَهُمۡ فَٰسِقُونَ
Open ayah 9:84(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچقانداق ئادەمنىڭ نامىزىنى ھەرگىز چۈشۈرمىگىن، (دەپنە، زىيارەت ۋە دۇئا قىلىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە دىندىن چىققان ھالىتىدە ئۆلدى.
وَلَا تُعۡجِبۡكَ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَأَوۡلَٰدُهُمۡۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُعَذِّبَهُم بِهَا فِي ٱلدُّنۡيَا وَتَزۡهَقَ أَنفُسُهُمۡ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 9:85ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرى ۋە پەرزەنتلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا پەقەت شۇلار (يەنى پۇل-مال ۋە پەرزەنتلەر) ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ.
وَإِذَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٌ أَنۡ ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَجَٰهِدُواْ مَعَ رَسُولِهِ ٱسۡتَـٔۡذَنَكَ أُوْلُواْ ٱلطَّوۡلِ مِنۡهُمۡ وَقَالُواْ ذَرۡنَا نَكُن مَّعَ ٱلۡقَٰعِدِينَ
Open ayah 9:86قاچانكى، بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بايلار سەندىن (قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، بىز (جىھادقا چىقماي ئۆيلىرىدە) قېلىپ قالىدىغانلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ.
رَضُواْ بِأَن يَكُونُواْ مَعَ ٱلۡخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَفۡقَهُونَ
Open ayah 9:87ئۇلار ئۆيلىرىدە قالىدىغانلار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى. (بۇ سەۋەبتىن) ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇڭا ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ.
لَٰكِنِ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ جَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡخَيۡرَٰتُۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 9:88ئەمما پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار پۇل _ ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ئەنە شۇلار ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 9:89ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ چوڭ ئۇتۇقتۇر.
وَجَآءَ ٱلۡمُعَذِّرُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ لِيُؤۡذَنَ لَهُمۡ وَقَعَدَ ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 9:90سەھرالىق ئەرەبلەردىن ئۆزۈر ئېيتقۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغان سۆزلىگەنلەر (ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
لَّيۡسَ عَلَى ٱلضُّعَفَآءِ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرۡضَىٰ وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُواْ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡسِنِينَ مِن سَبِيلٖۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:91(ياشىنىپ قالغان) ئاجىزلار، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، (جىھادقا چىقمىغانلىقى سەۋەبلىك) ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. سەمىمىي بولغانلارنى ئەيىبلەشكە يول يوق. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ إِذَا مَآ أَتَوۡكَ لِتَحۡمِلَهُمۡ قُلۡتَ لَآ أَجِدُ مَآ أَحۡمِلُكُمۡ عَلَيۡهِ تَوَلَّواْ وَّأَعۡيُنُهُمۡ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمۡعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُواْ مَا يُنفِقُونَ
Open ayah 9:92يەنە (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەن بولسىمۇ، (سەن ئۇلارغا) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېگەندە، (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشقان كىشىلەرنىمۇ (ئەيىبلەشكە يول يوق).
۞إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ وَهُمۡ أَغۡنِيَآءُۚ رَضُواْ بِأَن يَكُونُواْ مَعَ ٱلۡخَوَالِفِ وَطَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 9:93ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك بولغانلار پەقەت ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، سەندىن (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلاردۇر. (چۈنكى) ئۇلار (ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلاردىن ئىبارەت) ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇڭا) ئۇلار (نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.
يَعۡتَذِرُونَ إِلَيۡكُمۡ إِذَا رَجَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡۚ قُل لَّا تَعۡتَذِرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكُمۡ قَدۡ نَبَّأَنَا ٱللَّهُ مِنۡ أَخۡبَارِكُمۡۚ وَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 9:94(ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر غازاتتىن) ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار سىلەرگە ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىزگە خەۋەر قىلدى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرىدۇ، يېقىندا سىلەر يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە بارلىق قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن.
سَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمۡ إِذَا ٱنقَلَبۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ لِتُعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ إِنَّهُمۡ رِجۡسٞۖ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 9:95ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەرنى ئېيتىپ)، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى، ئۇلار نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر.
يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ لِتَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡۖ فَإِن تَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَرۡضَىٰ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ
Open ayah 9:96سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ (بۇنداق) پاسىق قەۋمدىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ.
ٱلۡأَعۡرَابُ أَشَدُّ كُفۡرٗا وَنِفَاقٗا وَأَجۡدَرُ أَلَّا يَعۡلَمُواْ حُدُودَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 9:97سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كۇفرىلىقى ۋە مۇناپىقلىقى بەكمۇ قاتتىقتۇر، ئۇلار ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان (شەرىئەت ئەھكاملىرى)نى بىلمەسلىككە تېخىمۇ يېقىندۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ مَغۡرَمٗا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ ٱلدَّوَآئِرَۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 9:98سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ھادىسىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، (ئۇلار كۈتكەن) يامان ھادىسە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلسۇن! ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ قُرُبَٰتٍ عِندَ ٱللَّهِ وَصَلَوَٰتِ ٱلرَّسُولِۚ أَلَآ إِنَّهَا قُرۡبَةٞ لَّهُمۡۚ سَيُدۡخِلُهُمُ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:99سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىڭلاركى، (ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا بەرگەنلىرى) راستتىنلا ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلۡأَوَّلُونَ مِنَ ٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ وَٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُم بِإِحۡسَٰنٖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي تَحۡتَهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 9:100ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ئۇلارغا (ئېتىقادتا، ئەمەلدە ۋە گەپ _ سۆزدە) مۇكەممەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ كاتتا ئۇتۇقتۇر.
وَمِمَّنۡ حَوۡلَكُم مِّنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مُنَٰفِقُونَۖ وَمِنۡ أَهۡلِ ٱلۡمَدِينَةِ مَرَدُواْ عَلَى ٱلنِّفَاقِ لَا تَعۡلَمُهُمۡۖ نَحۡنُ نَعۡلَمُهُمۡۚ سَنُعَذِّبُهُم مَّرَّتَيۡنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٖ
Open ayah 9:101ئەتراپىڭلاردىكى سەھرالىق ئەرەبلەردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسى ئىچىدىمۇ مۇناپىقلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەر بار. ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (دۇنيادا ۋە قەبرىدە) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا قايتۇرۇلىدۇ.
وَءَاخَرُونَ ٱعۡتَرَفُواْ بِذُنُوبِهِمۡ خَلَطُواْ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَءَاخَرَ سَيِّئًا عَسَى ٱللَّهُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 9:102گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ياخشى ئىشنى يامان ئىش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
Open ayah 9:103(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَأۡخُذُ ٱلصَّدَقَٰتِ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 9:104ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، سەدىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغان، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟
وَقُلِ ٱعۡمَلُواْ فَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 9:105(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (ياخشى ئەمەللەرنى) قىلىڭلار، ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۇئمىنلەر كۆرىدۇ، سىلەر يېقىندا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ».
وَءَاخَرُونَ مُرۡجَوۡنَ لِأَمۡرِ ٱللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمۡ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيۡهِمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 9:106(جىھادقا چىقمىغانلاردىن) يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ ئۇلارنى يا جازالايدۇ، يا تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مَسۡجِدٗا ضِرَارٗا وَكُفۡرٗا وَتَفۡرِيقَۢا بَيۡنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَإِرۡصَادٗا لِّمَنۡ حَارَبَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ مِن قَبۡلُۚ وَلَيَحۡلِفُنَّ إِنۡ أَرَدۡنَآ إِلَّا ٱلۡحُسۡنَىٰۖ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 9:107(يەنە بۇ مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن مۇئمىنلەرگە) زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىلىقنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، ئىلگىرى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەمنىڭ [62] كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد [63] بىنا قىلغانلار بار. شەكسىزكى، ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر.
- مەزكۇر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان ۋە رىم ئىمپېرىيەسىدىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ياردەم سورىغىلى كەتكەن ئەبۇ ئامىر ئىسىملىك بىر راھىب بولۇپ، بۇ مۇناپىقلار ئۇنىڭ كېلىشىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلاردىن ئىنتىقام ئېلىشنى كۈتەتتى.
- بۇ يەردە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ئۈچۈن مەدىنىگە سالغان «زىرار مەسجىدى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
لَا تَقُمۡ فِيهِ أَبَدٗاۚ لَّمَسۡجِدٌ أُسِّسَ عَلَى ٱلتَّقۡوَىٰ مِنۡ أَوَّلِ يَوۡمٍ أَحَقُّ أَن تَقُومَ فِيهِۚ فِيهِ رِجَالٞ يُحِبُّونَ أَن يَتَطَهَّرُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُطَّهِّرِينَ
Open ayah 9:108(ئى پەيغەمبەر!) ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا سېلىنغان مەسجىد (قۇبا مەسجىدى) ئەلۋەتتە ئىچىدە (ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) تۇرۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا (تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق گۇناھ - مەئسىيەتتىن پاك بولۇشنى ياخشى كۆرگەندەك، پاسكىنىلىقلاردىن) پاكلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
أَفَمَنۡ أَسَّسَ بُنۡيَٰنَهُۥ عَلَىٰ تَقۡوَىٰ مِنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٍ خَيۡرٌ أَم مَّنۡ أَسَّسَ بُنۡيَٰنَهُۥ عَلَىٰ شَفَا جُرُفٍ هَارٖ فَٱنۡهَارَ بِهِۦ فِي نَارِ جَهَنَّمَۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 9:109ئۆزىنىڭ بىناسىنى ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ لېۋىگە سېلىپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ.
لَا يَزَالُ بُنۡيَٰنُهُمُ ٱلَّذِي بَنَوۡاْ رِيبَةٗ فِي قُلُوبِهِمۡ إِلَّآ أَن تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
Open ayah 9:110تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە _ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى (زىرار مەسجىدى) دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
۞إِنَّ ٱللَّهَ ٱشۡتَرَىٰ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَنفُسَهُمۡ وَأَمۡوَٰلَهُم بِأَنَّ لَهُمُ ٱلۡجَنَّةَۚ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيَقۡتُلُونَ وَيُقۡتَلُونَۖ وَعۡدًا عَلَيۡهِ حَقّٗا فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَٱلۡإِنجِيلِ وَٱلۡقُرۡءَانِۚ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِعَهۡدِهِۦ مِنَ ٱللَّهِۚ فَٱسۡتَبۡشِرُواْ بِبَيۡعِكُمُ ٱلَّذِي بَايَعۡتُم بِهِۦۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 9:111شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، پۇل _ ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىش بەدىلىگە سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا بايان قىلىنغان راست ۋەدىدۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ )ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئاللاھ بىلەن قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
ٱلتَّٰٓئِبُونَ ٱلۡعَٰبِدُونَ ٱلۡحَٰمِدُونَ ٱلسَّٰٓئِحُونَ ٱلرَّٰكِعُونَ ٱلسَّٰجِدُونَ ٱلۡأٓمِرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱلنَّاهُونَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡحَٰفِظُونَ لِحُدُودِ ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 9:112(بۇ سودىنى قىلغان مۇئمىنلەر) تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى، روزا تۇتقۇچى، رۇكۇ قىلغۇچى، سەجدە قىلغۇچى، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇغۇچى، يامان ئىشلاردىن توسقۇچى ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. (ئى پەيغەمبەر! يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان) مۇئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.
مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن يَسۡتَغۡفِرُواْ لِلۡمُشۡرِكِينَ وَلَوۡ كَانُوٓاْ أُوْلِي قُرۡبَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 9:113(كاپىر ھالىتىدە ئۆلگەن) مۇشرىكلارنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكى پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تىلىشى ھەرگىز دۇرۇس ئەمەس.
وَمَا كَانَ ٱسۡتِغۡفَارُ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوۡعِدَةٖ وَعَدَهَآ إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥٓ أَنَّهُۥ عَدُوّٞ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنۡهُۚ إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَأَوَّٰهٌ حَلِيمٞ
Open ayah 9:114ئىبراھىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلىشى پەقەت ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش يۈزىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسىدىن ئادا _ جۇدا بولدى. شەكسىزكى، ئىبراھىم ئاللاھقا كۆپ ئىلتىجا قىلغۇچى، دىلى يۇمشاق، ئەپۇچان ئىدى.
وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِلَّ قَوۡمَۢا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰهُمۡ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
Open ayah 9:115ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ھۆكۈم قىلمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۚ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
Open ayah 9:116شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (خالىغانغا) ھاياتلىق بېرىدۇ، (خالىغاننىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر.
لَّقَد تَّابَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلنَّبِيِّ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ ٱلۡعُسۡرَةِ مِنۢ بَعۡدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٖ مِّنۡهُمۡ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّهُۥ بِهِمۡ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:117ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (شۇ ۋاقتتا) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ كۆيۈمچاندۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَعَلَى ٱلثَّلَٰثَةِ ٱلَّذِينَ خُلِّفُواْ حَتَّىٰٓ إِذَا ضَاقَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ وَضَاقَتۡ عَلَيۡهِمۡ أَنفُسُهُمۡ وَظَنُّوٓاْ أَن لَّا مَلۡجَأَ مِنَ ٱللَّهِ إِلَّآ إِلَيۡهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡ لِيَتُوبُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 9:118(جىھادتىن) قېلىپ قالغان ئۈچ كىشىنىڭ (تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى). شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە جەزم قىلغان ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. چۈنكى، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 9:119ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.
مَا كَانَ لِأَهۡلِ ٱلۡمَدِينَةِ وَمَنۡ حَوۡلَهُم مِّنَ ٱلۡأَعۡرَابِ أَن يَتَخَلَّفُواْ عَن رَّسُولِ ٱللَّهِ وَلَا يَرۡغَبُواْ بِأَنفُسِهِمۡ عَن نَّفۡسِهِۦۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ لَا يُصِيبُهُمۡ ظَمَأٞ وَلَا نَصَبٞ وَلَا مَخۡمَصَةٞ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَطَـُٔونَ مَوۡطِئٗا يَغِيظُ ٱلۡكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنۡ عَدُوّٖ نَّيۡلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُم بِهِۦ عَمَلٞ صَٰلِحٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 9:120مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقىشتىن قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ھەربىر ئۇسسۇزلۇق، تارتقان ھەرقانداق جاپا _ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى غەزەپلەندۈرىدىغان ھەربىر قەدىمى، دۈشمەن ئۈستىدىن (غالىب كېلىپ) قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق يېزىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى) مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
وَلَا يُنفِقُونَ نَفَقَةٗ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةٗ وَلَا يَقۡطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمۡ لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 9:121ئۇلارنىڭ (ئاللاھ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد يولىدا باسقان ھەربىر قەدىمىگە (ئەجىر-ساۋاب) يېزىلىدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئەڭ ياخشى قىلغان ئەمەللىرى بويىچە مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر.
۞وَمَا كَانَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لِيَنفِرُواْ كَآفَّةٗۚ فَلَوۡلَا نَفَرَ مِن كُلِّ فِرۡقَةٖ مِّنۡهُمۡ طَآئِفَةٞ لِّيَتَفَقَّهُواْ فِي ٱلدِّينِ وَلِيُنذِرُواْ قَوۡمَهُمۡ إِذَا رَجَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَحۡذَرُونَ
Open ayah 9:122مۇئمىنلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەربىر جامائەسىدىن بىر تۈركۈمى (جىھادقا چىققان ئىكەن، يەنە بىر تۈركۈمى) دىندا ئالىم بولۇپ، قەۋمى (جىھادتىن) قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ (ئاللاھتىن) قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە، نېمىشقا (دىننى ئۆگىنىشكە) ئاتلانمىدى؟
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ ٱلۡكُفَّارِ وَلۡيَجِدُواْ فِيكُمۡ غِلۡظَةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 9:123ئى ئىمان ئېيتقانلار! كاپىرلاردىن ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئۇلار سىلەردىن قاتتىق قوللۇقنى كۆرسۈن، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
وَإِذَا مَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ فَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ أَيُّكُمۡ زَادَتۡهُ هَٰذِهِۦٓ إِيمَٰنٗاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَزَادَتۡهُمۡ إِيمَٰنٗا وَهُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ
Open ayah 9:124قانداقلا بىر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ (مۇناپىقلارنىڭ) ئارىسىدا: «بۇ سۈرە قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلدى؟» دەيدىغانلار بار، مۇئمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (بۇ سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشتى، ئۇلار بولسا سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ فَزَادَتۡهُمۡ رِجۡسًا إِلَىٰ رِجۡسِهِمۡ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 9:125دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارغا كېلىدىغان بولساق، (بۇ سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقىغا كۇفرىلىق قوشتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى.
أَوَلَا يَرَوۡنَ أَنَّهُمۡ يُفۡتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٖ مَّرَّةً أَوۡ مَرَّتَيۡنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمۡ يَذَّكَّرُونَ
Open ayah 9:126ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى كۆرمەمدۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ، ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ.
وَإِذَا مَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ نَّظَرَ بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٍ هَلۡ يَرَىٰكُم مِّنۡ أَحَدٖ ثُمَّ ٱنصَرَفُواْۚ صَرَفَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُم بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ
Open ayah 9:127(ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار: «سىلەرنى بىر كىم كۆرۈپ قالارمۇ» دەپ، بىر _ بىرىگە قارايدۇ، ئاندىن تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئۇنىڭدىن) بۇرىۋەتتى.
لَقَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولٞ مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ عَزِيزٌ عَلَيۡهِ مَا عَنِتُّمۡ حَرِيصٌ عَلَيۡكُم بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 9:128(ئى ئىنسانلار!) ھەقىقەتەن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بولغان بىر پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرگە (يەنى ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە بەكمۇ شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ حَسۡبِيَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَهُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 9:129(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر» دېگىن.