يونس
Yunus
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ
Open ayah 10:1ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ رَجُلٖ مِّنۡهُمۡ أَنۡ أَنذِرِ ٱلنَّاسَ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنَّ لَهُمۡ قَدَمَ صِدۡقٍ عِندَ رَبِّهِمۡۗ قَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٞ مُّبِينٌ
Open ayah 10:2ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىن چىققان بىر كىشىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): «ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئىمان ئېيتقانلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدىكى يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولۇپ قاپتۇمۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق سېھىرگەردۇر» دېدى.
إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۖ مَا مِن شَفِيعٍ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ إِذۡنِهِۦۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Open ayah 10:3شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ئاسمانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن ئاللاھتۇر. ئۇ (ھەممە) ئىشنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىجازىتى بولماستىن ھېچكىم شاپائەتچى بولالمايدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەر ۋەز _ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقًّاۚ إِنَّهُۥ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 10:4ھەممىڭلارنىڭ قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، چۈنكى ئۇ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) يارىتىدۇ، ئاندىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، (ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقى تۈپەيلىدىن، ناھايىتى قىزىق سۇدىن ئىچىملىك ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار.
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلشَّمۡسَ ضِيَآءٗ وَٱلۡقَمَرَ نُورٗا وَقَدَّرَهُۥ مَنَازِلَ لِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 10:5ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلغان، يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا مەنزىللەرنى بەلگىلىگەن زاتتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى پەقەتلا ھېكمەت بىلەن ياراتتى. (يارىتىشتىكى ھېكمەتنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
إِنَّ فِي ٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَّقُونَ
Open ayah 10:6شەكسىزكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا وَرَضُواْ بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَٱطۡمَأَنُّواْ بِهَا وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِنَا غَٰفِلُونَ
Open ayah 10:7شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايدىغان، دۇنيا ھاياتىغا رازى بولۇپ، كۆڭلى ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن پەرۋاسىز يۈرگەنلەر _
أُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 10:8ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ يَهۡدِيهِمۡ رَبُّهُم بِإِيمَٰنِهِمۡۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
Open ayah 10:9شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۇلارنىڭ ئىمانى يۈزىسىدىن رەببى (جەننەتنىڭ يولىغا) يېتەكلەيدۇ. نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئۇلارنىڭ (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ.
دَعۡوَىٰهُمۡ فِيهَا سُبۡحَٰنَكَ ٱللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٞۚ وَءَاخِرُ دَعۡوَىٰهُمۡ أَنِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 10:10ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىش، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر _ بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا) بېرىدىغان سالىمى: «ئامان بولۇڭلار!» دېيىش، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
۞وَلَوۡ يُعَجِّلُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ ٱلشَّرَّ ٱسۡتِعۡجَالَهُم بِٱلۡخَيۡرِ لَقُضِيَ إِلَيۡهِمۡ أَجَلُهُمۡۖ فَنَذَرُ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
Open ayah 10:11ئەگەر ئىنسانلار ياخشىلىقنىڭ تېز كېلىشىگە ئالدىرىغاندەك ئاللاھمۇ ئۇلارغا يامانلىق چۈشۈرۈشنى تېزلەتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەجىلى ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىدىن پەرۋاسىز يۈرگەنلەرنى ئازغۇنلۇقتا تېڭىرقىغان ھالىتىگە قويۇۋېتىمىز.
وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ٱلضُّرُّ دَعَانَا لِجَنۢبِهِۦٓ أَوۡ قَاعِدًا أَوۡ قَآئِمٗا فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُ ضُرَّهُۥ مَرَّ كَأَن لَّمۡ يَدۡعُنَآ إِلَىٰ ضُرّٖ مَّسَّهُۥۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡمُسۡرِفِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 10:12ئىنساننىڭ بېشىغا بالايىئاپەت كەلسە، ئۇ ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، ئۆرە تۇرسىمۇ، (ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا يەتكەن بالايىئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇ گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەكلا يۈرۈۋېرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 10:13شۈبھىسىزكى، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغاندا، ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. زادى ئۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئىدى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
ثُمَّ جَعَلۡنَٰكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لِنَنظُرَ كَيۡفَ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 10:14ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، بىز سىلەرنى زېمىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتۇق.
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَاتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا ٱئۡتِ بِقُرۡءَانٍ غَيۡرِ هَٰذَآ أَوۡ بَدِّلۡهُۚ قُلۡ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أُبَدِّلَهُۥ مِن تِلۡقَآيِٕ نَفۡسِيٓۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۖ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
Open ayah 10:15ئۇلارغا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق (دەلىللىرى بولغان) ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىدىن قورقمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن» دېدى. (ئۇلارغا) «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەگىشىمەن. ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن.
قُل لَّوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا تَلَوۡتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَدۡرَىٰكُم بِهِۦۖ فَقَدۡ لَبِثۡتُ فِيكُمۡ عُمُرٗا مِّن قَبۡلِهِۦٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 10:16«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرگە ئۇنى ئوقۇپ بەرمىگەن بولاتتىم، ئاللاھمۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمىگەن بولاتتى. (قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئاراڭلاردا ئۇزاق ۋاقىت تۇردۇم. سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن.
فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 10:17ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡ وَيَقُولُونَ هَٰٓؤُلَآءِ شُفَعَٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِۚ قُلۡ أَتُنَبِّـُٔونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 10:18ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «ئاشۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشىدۇ، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ئەجىبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بولمىغان بىر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئۇنى ئاللاھقا ئېيتىپ بەرمەكچىمۇ؟». ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر.
وَمَا كَانَ ٱلنَّاسُ إِلَّآ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَٱخۡتَلَفُواْۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡ فِيمَا فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 10:19ئىنسانلار (ئەسلىدە) پەقەت بىر دىندا ئىدى. كېيىن ئۇلار بۆلۈندى. ئەگەر رەببىڭ تەرىپىدىن (ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە) ئالدىنئالا (ئېيتىلغان) بىر سۆز بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى.
وَيَقُولُونَ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۖ فَقُلۡ إِنَّمَا ٱلۡغَيۡبُ لِلَّهِ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ
Open ayah 10:20ئۇلار (يەنى مەككىلىك كاپىرلار): «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەيىب (نى بىلىش) پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر، ئەمدى سىلەر (ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن.
وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ مِّنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُمۡ إِذَا لَهُم مَّكۡرٞ فِيٓ ءَايَاتِنَاۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسۡرَعُ مَكۡرًاۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكۡتُبُونَ مَا تَمۡكُرُونَ
Open ayah 10:21ئىنسانلارغا زىيان _ زەخمەت يەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتىپ قويساق، ئۇلار (مەغرۇرلىنىپ) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە رەزىل پىلانلارنى تۈزۈشكە ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنىڭ رەزىل پىلانلىرىنى ئەڭ تېز بىتچىت قىلغۇچىدۇر». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ھىيلە-مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ.
هُوَ ٱلَّذِي يُسَيِّرُكُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا كُنتُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَرَيۡنَ بِهِم بِرِيحٖ طَيِّبَةٖ وَفَرِحُواْ بِهَا جَآءَتۡهَا رِيحٌ عَاصِفٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡمَوۡجُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ أُحِيطَ بِهِمۡ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ لَئِنۡ أَنجَيۡتَنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ
Open ayah 10:22ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدىغان زاتتۇر. سىلەر ئولتۇرغان كېمە مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار (بۇ) شامالدىن خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا قاتتىق بوران چىقىدۇ-دە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، ئۇلار (ھالاكەت) قورشاۋىدا قالغانلىقىغا كۆزى يېتىپ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزساڭ، بىز چوقۇم (ساڭا) شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولاتتۇق» دەپ چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ.
فَلَمَّآ أَنجَىٰهُمۡ إِذَا هُمۡ يَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۗ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَا بَغۡيُكُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۖ مَّتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُكُمۡ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 10:23ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ ۋابالى پەقەت ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن (ئاز _ تولا) بەھرىمەن بولىسىلەر. ئاندىن سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر. شۇ چاغدا بىز سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز.
إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 10:24دۇنيا ھاياتى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى بىر _ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان بولدۇق دەپ تۇرغان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا ئەمرىمىز (يەنى ئاپىتىمىز) يەتتى _ دە، ئۇنى تۈنۈگۈن يوقتەكلا ئورۇپ تاشلانغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدۇق. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَىٰ دَارِ ٱلسَّلَٰمِ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 10:25ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ئامانلىق يۇرتىغا (جەننەتكە) دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
۞لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ ٱلۡحُسۡنَىٰ وَزِيَادَةٞۖ وَلَا يَرۡهَقُ وُجُوهَهُمۡ قَتَرٞ وَلَا ذِلَّةٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 10:26(تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغانلار ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا (جەننەتكە) ۋە يەنە زىيادىسىگە (ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە) نائىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى زۇلمەت ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَسَبُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ جَزَآءُ سَيِّئَةِۭ بِمِثۡلِهَا وَتَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ مَّا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۖ كَأَنَّمَآ أُغۡشِيَتۡ وُجُوهُهُمۡ قِطَعٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مُظۡلِمًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 10:27يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار قىلغان يامانلىقىغا لايىق جازاغا تارتىلىدۇ، ئۇلارنى قاتتىق خارلىق قورشىۋالىدۇ، ئۇلارنى زادى ئاللاھتىن (كېلىدىغان ئازابتىن) قۇتقۇزغۇچى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ مَكَانَكُمۡ أَنتُمۡ وَشُرَكَآؤُكُمۡۚ فَزَيَّلۡنَا بَيۡنَهُمۡۖ وَقَالَ شُرَكَآؤُهُم مَّا كُنتُمۡ إِيَّانَا تَعۡبُدُونَ
Open ayah 10:28شۇ (قىيامەت)كۈنىدە (خالايىقنىڭ) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار بىلەن ئورنۇڭلاردا جىم تۇرۇڭلار»دەپ، ئۇلارنى بىر _ بىرىدىن ئايرىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە چوقۇنمىغان ئىدىڭلارغۇ!
فَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ إِن كُنَّا عَنۡ عِبَادَتِكُمۡ لَغَٰفِلِينَ
Open ayah 10:29سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھچى بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، سىلەرنىڭ (بىزگە) چوقۇنغانلىقىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىكەنمىز».
هُنَالِكَ تَبۡلُواْ كُلُّ نَفۡسٖ مَّآ أَسۡلَفَتۡۚ وَرُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 10:30بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان _ ئەتكەنلىرىنى بىلىپ يېتىدۇ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى — ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن غايىب بولىدۇ.
قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أَمَّن يَمۡلِكُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَمَن يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُۚ فَقُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 10:31(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن كىم چىقىرىدۇ؟ (كائىناتنىڭ) ئىشىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟». ئۇلار (جاۋاب بېرىپ): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنداقتا، ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟
فَذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَاذَا بَعۡدَ ٱلۡحَقِّ إِلَّا ٱلضَّلَٰلُۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ
Open ayah 10:32ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن باشقىسى پەقەتلا ئازغۇنلۇقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر قانداقمۇ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟».
كَذَٰلِكَ حَقَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ فَسَقُوٓاْ أَنَّهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 10:33رەببىڭنىڭ ئىتائەتتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى «ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى مانا مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشتى.
قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۚ قُلِ ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
Open ayah 10:34(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلار ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرسا، سىلەر نېمىشقا (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟».
قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّۚ قُلِ ٱللَّهُ يَهۡدِي لِلۡحَقِّۗ أَفَمَن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ أَحَقُّ أَن يُتَّبَعَ أَمَّن لَّا يَهِدِّيٓ إِلَّآ أَن يُهۡدَىٰۖ فَمَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
Open ayah 10:35ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (ئاللاھقا قوشۇۋالغان) شېرىكلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلىرى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ. ھەق يولغا يېتەكلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغانلارغا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىغا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟».
وَمَا يَتَّبِعُ أَكۡثَرُهُمۡ إِلَّا ظَنًّاۚ إِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ
Open ayah 10:36ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقىقەت ئالدىدا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
وَمَا كَانَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ أَن يُفۡتَرَىٰ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 10:37بۇ قۇرئاننى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، (بۇ قۇرئان) ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلايدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ) بەلگىلىگەنلىرىنى بايان قىلىدىغان كىتابتۇر، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەندۇر.
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 10:38ئۇلار: «قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار».
بَلۡ كَذَّبُواْ بِمَا لَمۡ يُحِيطُواْ بِعِلۡمِهِۦ وَلَمَّا يَأۡتِهِمۡ تَأۡوِيلُهُۥۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 10:39ئەكسىچە، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن!
وَمِنۡهُم مَّن يُؤۡمِنُ بِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن لَّا يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 10:40ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلارمۇ بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، رەببىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ.
وَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل لِّي عَمَلِي وَلَكُمۡ عَمَلُكُمۡۖ أَنتُم بَرِيٓـُٔونَ مِمَّآ أَعۡمَلُ وَأَنَا۠ بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 10:41ئەگەر ئۇلار يەنە سېنى يالغانغا چىقارسا: «مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر مېنىڭ قىلغان ئەمەلىمدىن جاۋابكار ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن جاۋابكار ئەمەس» دېگىن.
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يَعۡقِلُونَ
Open ayah 10:42ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، ئەمما سەن گاسلارغا ئۇلار ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟ (شۇنىڭدەك ئاشۇ مۇشرىكلارنىمۇ ئاللاھ خالىمىسا ھىدايەت قىلالمايسەن).
وَمِنۡهُم مَّن يَنظُرُ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يُبۡصِرُونَ
Open ayah 10:43ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (ئۇلار كورلاردۇر)، كورلار )ھەقىقەتنى) كۆرەلمىسىمۇ سەن ئۇلارغا كۆرسىتەلەمسەن؟
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ ٱلنَّاسَ شَيۡـٔٗا وَلَٰكِنَّ ٱلنَّاسَ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 10:44شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ.
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ كَأَن لَّمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّنَ ٱلنَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيۡنَهُمۡۚ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
Open ayah 10:45ئاللاھ ئۇلارنى (مەھشەرگاھقا) يىغىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزنىڭ ئاز قىسمىدىلا ياشاپ ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە توغرا يولغا ئەگەشمىگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ ٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ
Open ayah 10:46بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى (ئۇلارنى ئازاپلاش بىلەن) ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلارنىڭ بارارجايى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولٞۖ فَإِذَا جَآءَ رَسُولُهُمۡ قُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 10:47(ئۆتكەن) ھەربىر ئۈممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 10:48(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلار) «بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (جاۋاب بېرىڭلارچۇ)» دەيدۇ.
قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي ضَرّٗا وَلَا نَفۡعًا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌۚ إِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ فَلَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ
Open ayah 10:49ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىماي تۇرۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ پايدا _ زىيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايمەن. ھەربىر ئۈممەتنىڭ بىر ئەجىلى بولىدۇ، شۇ ئەجەل يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرەلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ».
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُهُۥ بَيَٰتًا أَوۡ نَهَارٗا مَّاذَا يَسۡتَعۡجِلُ مِنۡهُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 10:50ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (نېمە قىلارسىلەر؟) گۇناھكارلار (بۇ ئازابنىڭ) قايسىبىرىگە ئالدىرايدۇ؟
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ ءَامَنتُم بِهِۦٓۚ ءَآلۡـَٰٔنَ وَقَدۡ كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ
Open ayah 10:51ئازاب كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدىمۇ؟ (يەنى ئەمدى ئەقلىڭلارنى تاپتىڭلارمۇ؟ ھالبۇكى ئىلگىرى سىلەر مەسخىرە قىلىپ) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟».
ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡخُلۡدِ هَلۡ تُجۡزَوۡنَ إِلَّا بِمَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ
Open ayah 10:52ئاندىن كېيىن كۇپرىلىق قىلىپ (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «سىلەر مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ.
۞وَيَسۡتَنۢبِـُٔونَكَ أَحَقٌّ هُوَۖ قُلۡ إِي وَرَبِّيٓ إِنَّهُۥ لَحَقّٞۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ
Open ayah 10:53ئۇلار سەندىن: «ئۇ (جازانىڭ بېرىلىدىغانلىقى) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر (ئۇنىڭدىن) قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن.
وَلَوۡ أَنَّ لِكُلِّ نَفۡسٖ ظَلَمَتۡ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لَٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۖ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 10:54شەكسىزكى، (كۇفرىنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغان ھەربىر ئادەم ئەگەر يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا، (ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن) ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىديە قىلىپ بېرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ھەسرەت _ نادامەتلىرىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 10:55بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭدۇر. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى جازالاش ھەققىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن راستتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 10:56ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَتۡكُم مَّوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَشِفَآءٞ لِّمَا فِي ٱلصُّدُورِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:57ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت، دىللاردىكى (ئىللەت) لەرگە شىپا، مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى.
قُلۡ بِفَضۡلِ ٱللَّهِ وَبِرَحۡمَتِهِۦ فَبِذَٰلِكَ فَلۡيَفۡرَحُواْ هُوَ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
Open ayah 10:58ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، (بۇ) ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
قُلۡ أَرَءَيۡتُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ لَكُم مِّن رِّزۡقٖ فَجَعَلۡتُم مِّنۡهُ حَرَامٗا وَحَلَٰلٗا قُلۡ ءَآللَّهُ أَذِنَ لَكُمۡۖ أَمۡ عَلَى ٱللَّهِ تَفۡتَرُونَ
Open ayah 10:59ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئاللاھ سىلەرگە چۈشۈرگەن رىزىقتىن بىر قىسمىنى ھارام، (يەنە بىر قىسمىنى بولسا) ھالال قىلىۋالدىڭلار». ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە (مۇشۇنداق قىلىشقا) رۇخسەت بەرگەنمۇ؟ ياكى سىلەر ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇۋاتامسىلەر؟»
وَمَا ظَنُّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 10:60ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ناھايىتى كەرەملىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلمايدۇ.
وَمَا تَكُونُ فِي شَأۡنٖ وَمَا تَتۡلُواْ مِنۡهُ مِن قُرۡءَانٖ وَلَا تَعۡمَلُونَ مِنۡ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيۡكُمۡ شُهُودًا إِذۡ تُفِيضُونَ فِيهِۚ وَمَا يَعۡزُبُ عَن رَّبِّكَ مِن مِّثۡقَالِ ذَرَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَآ أَصۡغَرَ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرَ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٍ
Open ayah 10:61(ئى پەيغەمبەر!) سەن قايسى ھالەتتە بولساڭ، قۇرئاندىن قايسى ئايەتنى ئوقۇساڭ، (ئى ئىنسانلار!) سىلەر قانداقلا بىر ئىشنى قىلساڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان _ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە رەببىڭنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، روشەن كىتابتا (لەۋھۇلمەھفۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر.
أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
Open ayah 10:62بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
Open ayah 10:63ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە ھەمىشە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر.
لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ لَا تَبۡدِيلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 10:64ئۇلارغا دۇنيادىكى ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا ئۇتۇقتۇر.
وَلَا يَحۡزُنكَ قَوۡلُهُمۡۘ إِنَّ ٱلۡعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًاۚ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 10:65(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. شەكسىزكى، پۈتۈن كۈچ _ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَمَا يَتَّبِعُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُرَكَآءَۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
Open ayah 10:66ئۇنتۇماڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت (ئاللاھ نامىدىن) قالايمىقان بىلجىرلايدۇ.
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ
Open ayah 10:67ئاللاھ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەرگەن، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. شەكسىزكى، (ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
قَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۖ هُوَ ٱلۡغَنِيُّۖ لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ إِنۡ عِندَكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭ بِهَٰذَآۚ أَتَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 10:68ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ئۇ (بالىدىن) بىھاجەتتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا سىلەرنىڭ ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟
قُلۡ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ
Open ayah 10:69ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەرگىز نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ».
مَتَٰعٞ فِي ٱلدُّنۡيَا ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ ٱلۡعَذَابَ ٱلشَّدِيدَ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 10:70(ئۇلار) بۇ دۇنيادىن (ئازغىنە) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا شىددەتلىك ئازابنى تېتىتىمىز.
۞وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ نُوحٍ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ إِن كَانَ كَبُرَ عَلَيۡكُم مَّقَامِي وَتَذۡكِيرِي بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَعَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡتُ فَأَجۡمِعُوٓاْ أَمۡرَكُمۡ وَشُرَكَآءَكُمۡ ثُمَّ لَا يَكُنۡ أَمۡرُكُمۡ عَلَيۡكُمۡ غُمَّةٗ ثُمَّ ٱقۡضُوٓاْ إِلَيَّ وَلَا تُنظِرُونِ
Open ayah 10:71ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا، (شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى) مەن يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەرمۇ (ئاللاھقا قوشۇۋالغان) شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (ماڭا قارشى) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار. ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار سىلەرگە ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن ماڭا ھېچبىر مۆھلەتمۇ بەرمەي، قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار.
فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَمَا سَأَلۡتُكُم مِّنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 10:72ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچبىر ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجىرىمنى پەقەت ئاللاھتىن كۈتىمەن، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى.
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ خَلَٰٓئِفَ وَأَغۡرَقۡنَا ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُنذَرِينَ
Open ayah 10:73لېكىن ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق ۋە ئۇلارنى (يەر يۈزىدە) ئورۇنباسارلار قىلدۇق، دەلىل _ پاكىتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى بولسا غەرق قىلدۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن!
ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْ بِمَا كَذَّبُواْ بِهِۦ مِن قَبۡلُۚ كَذَٰلِكَ نَطۡبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلۡمُعۡتَدِينَ
Open ayah 10:74نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۇ قەۋملەرگە ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. (ئەمما) ئۇلار ئىلگىرىمۇ (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن (ئەسلا) ئىمان ئېيتمىدى. بىز ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز.
ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ وَهَٰرُونَ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ بِـَٔايَٰتِنَا فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ
Open ayah 10:75ئۇلاردىن كېيىن بىز مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى.
فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُوٓاْ إِنَّ هَٰذَا لَسِحۡرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 10:76ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
قَالَ مُوسَىٰٓ أَتَقُولُونَ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَكُمۡۖ أَسِحۡرٌ هَٰذَا وَلَا يُفۡلِحُ ٱلسَّٰحِرُونَ
Open ayah 10:77مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە، سىلەر ئۇنى (سېھىر) دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ ھالبۇكى، سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى.
قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَلۡفِتَنَا عَمَّا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا نَحۡنُ لَكُمَا بِمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:78ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە (بۇ) زېمىننىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى.
وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ٱئۡتُونِي بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ
Open ayah 10:79پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى.
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلۡقُواْ مَآ أَنتُم مُّلۡقُونَ
Open ayah 10:80سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى.
فَلَمَّآ أَلۡقَوۡاْ قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئۡتُم بِهِ ٱلسِّحۡرُۖ إِنَّ ٱللَّهَ سَيُبۡطِلُهُۥٓ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُصۡلِحُ عَمَلَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 10:81ئۇلار (ئارغامچىلىرىنى) تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزىمەيدۇ» دېدى.
وَيُحِقُّ ٱللَّهُ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 10:82گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ.
فَمَآ ءَامَنَ لِمُوسَىٰٓ إِلَّا ذُرِّيَّةٞ مِّن قَوۡمِهِۦ عَلَىٰ خَوۡفٖ مِّن فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِمۡ أَن يَفۡتِنَهُمۡۚ وَإِنَّ فِرۡعَوۡنَ لَعَالٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
Open ayah 10:83مۇساغا (دەۋىتىنىڭ ئەۋۋىلىدە) پەقەت ئۆز قەۋمىدىن بىر بۆلۈك ياشلارلا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. چۈنكى، پىرئەۋن يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن زوراۋان ئىدى، ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰقَوۡمِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ فَعَلَيۡهِ تَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّسۡلِمِينَ
Open ayah 10:84مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى.
فَقَالُواْ عَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡنَا رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا فِتۡنَةٗ لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 10:85ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، ئى رەببىمىز! زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن.
وَنَجِّنَا بِرَحۡمَتِكَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 10:86رەھمىتىڭ بىلەن بىزنى ئۇ كاپىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَن تَبَوَّءَا لِقَوۡمِكُمَا بِمِصۡرَ بُيُوتٗا وَٱجۡعَلُواْ بُيُوتَكُمۡ قِبۡلَةٗ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:87بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەرنى ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، (ئى مۇسا!) مۇئمىنلەرگە (غەلىبە بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَآ إِنَّكَ ءَاتَيۡتَ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَأَهُۥ زِينَةٗ وَأَمۡوَٰلٗا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِكَۖ رَبَّنَا ٱطۡمِسۡ عَلَىٰٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ وَٱشۡدُدۡ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُواْ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
Open ayah 10:88مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! سەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا دۇنيا ھاياتىدا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال _ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ. ئى رەببىمىز! ئۇلار (بۇ نېمەتلەر بىلەن ئىنسانلارنى) يولۇڭدىن ئازدۇرۇۋاتىدۇ. ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال _ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن [64] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىينىغۇچى ئازابنى كۆرگەنگە قەدەر ئىمان ئېيتمسۇن».
- بۇ ئايەتنى «ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكىن» دەپ تەرجىمە قىلغانلارمۇ ۋە «قوللىرىدىن كەتكەن مال _ دۇنيانىڭ ھەسرىتى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى مۇجۇپ ئازابلىغىن» دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار.
قَالَ قَدۡ أُجِيبَت دَّعۡوَتُكُمَا فَٱسۡتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَآنِّ سَبِيلَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 10:89ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار».
۞وَجَٰوَزۡنَا بِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡبَحۡرَ فَأَتۡبَعَهُمۡ فِرۡعَوۡنُ وَجُنُودُهُۥ بَغۡيٗا وَعَدۡوًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَدۡرَكَهُ ٱلۡغَرَقُ قَالَ ءَامَنتُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱلَّذِيٓ ءَامَنَتۡ بِهِۦ بَنُوٓاْ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَأَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 10:90بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان چاغدا: «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مەنمۇ مۇسۇلمانلاردىن» دېدى.
ءَآلۡـَٰٔنَ وَقَدۡ عَصَيۡتَ قَبۡلُ وَكُنتَ مِنَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 10:91(ئۇنىڭغا شۇنداق دېيىلدى) «ئەمدىمۇ؟ )يەنى ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟( ھالبۇكى، ئىلگىرى (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن ئىدىڭ.
فَٱلۡيَوۡمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنۡ خَلۡفَكَ ءَايَةٗۚ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ عَنۡ ءَايَٰتِنَا لَغَٰفِلُونَ
Open ayah 10:92كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى (دېڭىزدىن) چىقىرىپ قويىمىز». شەكسىزكى نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر.
وَلَقَدۡ بَوَّأۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مُبَوَّأَ صِدۡقٖ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ فَمَا ٱخۡتَلَفُواْ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 10:93شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا (تەۋراتتىن ئىبارەت) ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا) ئىختىلاپ قىلىشتى. قىيامەت كۈنى رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
فَإِن كُنتَ فِي شَكّٖ مِّمَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ فَسۡـَٔلِ ٱلَّذِينَ يَقۡرَءُونَ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكَۚ لَقَدۡ جَآءَكَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
Open ayah 10:94(ئى پەيغەمبەر!) مۇبادا بىز ساڭا بەرگەن خەۋەردىن شەكلەنسەڭ، سەندىن ئىلگىرى (بىز نازىل قىلغان) كىتاب (تەۋرات)نى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ھەقىقەت كەلدى. شۇڭا سەن ھەرگىز (بۇ خەۋەرگە) شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن.
وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَتَكُونَ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
Open ayah 10:95سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ حَقَّتۡ عَلَيۡهِمۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 10:96شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ (كۇفرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ دېگەن) سۆزى تېگىشلىك بولغانلار پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ. [96 _ 97]
وَلَوۡ جَآءَتۡهُمۡ كُلُّ ءَايَةٍ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
Open ayah 10:97شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ (كۇفرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ دېگەن) سۆزى تېگىشلىك بولغانلار پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ. [96 _ 97]
فَلَوۡلَا كَانَتۡ قَرۡيَةٌ ءَامَنَتۡ فَنَفَعَهَآ إِيمَٰنُهَآ إِلَّا قَوۡمَ يُونُسَ لَمَّآ ءَامَنُواْ كَشَفۡنَا عَنۡهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ
Open ayah 10:98يۇرت ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇسنىڭ قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ شەپىسىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولغىنى يوق. يۇنۇسنىڭ قەۋمى ئىمان ئېيتىۋىدى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (ھاياتلىقتىن) بەھرىمەن قىلدۇق.
وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَأٓمَنَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ كُلُّهُمۡ جَمِيعًاۚ أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:99ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بولاتتى. سەن كىشىلەرنى مۇئمىن بولۇشقا مەجبۇرلىماقچىمۇ؟
وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تُؤۡمِنَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَجۡعَلُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَعۡقِلُونَ
Open ayah 10:100ئاللاھنىڭ ئىزنى بولماستىن ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنى ئازابقا مەھكۇم قىلىدۇ.
قُلِ ٱنظُرُواْ مَاذَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَا تُغۡنِي ٱلۡأٓيَٰتُ وَٱلنُّذُرُ عَن قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 10:101ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىڭلار. (ئەمما بۇلاردىكى) دەلىللەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدا بەرمەيدۇ.
فَهَلۡ يَنتَظِرُونَ إِلَّا مِثۡلَ أَيَّامِ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِهِمۡۚ قُلۡ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ
Open ayah 10:102ئۇلار پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن (ئازابلىق) كۈنلەرنى كۈتىدۇ. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن».
ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيۡنَا نُنجِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:103ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ۋە مۇئمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزىمىز. بىز مۇئمىنلەرنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز، بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزدۇر.
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي شَكّٖ مِّن دِينِي فَلَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِنۡ أَعۡبُدُ ٱللَّهَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُمۡۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 10:104ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلانساڭلار، (شۇنى بىلىڭلاركى) مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدىغان ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۇئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
وَأَنۡ أَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 10:105يەنە (ماڭا): «توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن،
وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 10:106ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا چوقۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن.
وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يُرِدۡكَ بِخَيۡرٖ فَلَا رَآدَّ لِفَضۡلِهِۦۚ يُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 10:107ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كۆتۈرۈۋەتكۈچى يوقتۇر، ئەگەر (ئاللاھ) ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ بۇ مەرھەمىتىنى قايتۇرۇۋەتكۈچى يوقتۇر. ئاللاھ مەرھەمىتىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» (دەپ ۋەھيى قىلىندى).
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ
Open ayah 10:108ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەق (دىن) كەلدى. ئەمدى كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەردىن (مۇئمىن بولماسلىقىڭلاردىن) جاۋابكار ئەمەسمەن».
وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَٱصۡبِرۡ حَتَّىٰ يَحۡكُمَ ٱللَّهُۚ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ
Open ayah 10:109(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.