هود

Hud

Hud · Surah 11 · Ayahs: 123 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓرۚ كِتَٰبٌ أُحۡكِمَتۡ ءَايَٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتۡ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ خَبِيرٍ

    Open ayah 11:1

    ئەلىف، لام، را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، ئايەتلىرى (ھەر تەرەپتىن) پۇختا بېكىتىلگەن، ئاندىن (ئەھكاملىرى) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.

  2. أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۚ إِنَّنِي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ

    Open ayah 11:2

    (بۇ كىتاب) سىلەرنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن (نازىل قىلىندى). (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) «(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن.

  3. وَأَنِ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِ يُمَتِّعۡكُم مَّتَٰعًا حَسَنًا إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَيُؤۡتِ كُلَّ ذِي فَضۡلٖ فَضۡلَهُۥۖ وَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ كَبِيرٍ

    Open ayah 11:3

    سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلار توشقىچە ئوبدان ياشىتىدۇ، ھەربىر ياخشى ئىش قىلغۇچىغا ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.

  4. إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

    Open ayah 11:4

    سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».

  5. أَلَآ إِنَّهُمۡ يَثۡنُونَ صُدُورَهُمۡ لِيَسۡتَخۡفُواْ مِنۡهُۚ أَلَا حِينَ يَسۡتَغۡشُونَ ثِيَابَهُمۡ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 11:5

    بىلىڭلاركى، ئۇلار (كۆڭلىدىكىنى) ئاللاھتىن يوشۇرماقچى بولۇپ، دىلىدىكى (كۇفرى)نى يوشۇرىدۇ[65]. بىلىڭلاركى، ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغان چاغلىرىدىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.

    1. بۇ ئايەتكە «ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىرىدە) ئۇنىڭدىن (ئۆزىنى) يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈگۈلۈۋالىدۇ» دەپ مەنە ئېيتقانلارمۇ بار.
  6. ۞وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزۡقُهَا وَيَعۡلَمُ مُسۡتَقَرَّهَا وَمُسۡتَوۡدَعَهَاۚ كُلّٞ فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 11:6

    يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇ جانلىقنىڭ تۇرىدىغان جايىنى ۋە ئۆلىدىغان يېرىنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (لەۋھۇلمەھفۇزغا) يېزىلغاندۇر.

  7. وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَكَانَ عَرۡشُهُۥ عَلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۗ وَلَئِن قُلۡتَ إِنَّكُم مَّبۡعُوثُونَ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡمَوۡتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 11:7

    ئاللاھ سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان زاتتۇر. (ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. (ئى پەيغەمبەر!) قەسەمكى، ئەگەر سەن (كاپىرلارغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.

  8. وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ أَلَا يَوۡمَ يَأۡتِيهِمۡ لَيۡسَ مَصۡرُوفًا عَنۡهُمۡ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 11:8

    ئەگەر بىز ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار: «ئۇنى نېمە توسۇپ قالغاندۇ؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇ ئازاب ئۇلاردىن قايتۇرۇلمايدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالىدۇ.

  9. وَلَئِنۡ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ ثُمَّ نَزَعۡنَٰهَا مِنۡهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٞ كَفُورٞ

    Open ayah 11:9

    ئەگەر بىز ئىنسانغا پەزلىمىزدىن بىرەر رەھمەتنى تېتىتىپ، ئاندىن شۇ نېمەتنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ تامامەن ئۈمىدسىزلىنىپ تۇزكورلۇق قىلىدۇ.

  10. وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ نَعۡمَآءَ بَعۡدَ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّيٓۚ إِنَّهُۥ لَفَرِحٞ فَخُورٌ 

    Open ayah 11:10

    ئەگەر بىز بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەردىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىرەر نېمەت تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «ئەمدى بالالار مەندىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى» دەپ كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ.

  11. إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ

    Open ayah 11:11

    پەقەت سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارغا مەغپىرەت ۋە چوڭ مۇكاپات بار.

  12. فَلَعَلَّكَ تَارِكُۢ بَعۡضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَضَآئِقُۢ بِهِۦ صَدۡرُكَ أَن يَقُولُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌۚ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٞۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٌ

    Open ayah 11:12

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ): «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقىدىن (ئەنسىرەپ، بەلكىم) ساڭا نازىل بولغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ ۋە (بۇنى يەتكۈزۈشتىن) يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ. سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  13. أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِعَشۡرِ سُوَرٖ مِّثۡلِهِۦ مُفۡتَرَيَٰتٖ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 11:13

    ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئون سۈرە توقۇپ كەلتۈرۈپ بېقىڭلار».

  14. فَإِلَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أُنزِلَ بِعِلۡمِ ٱللَّهِ وَأَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ

    Open ayah 11:14

    ئەگەر ئۇلار سىلەرگە جاۋاب بېرەلمىسە، بىلىڭلاركى، (قۇرئان) پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلىمى بىلەن نازىل بولغاندۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر (ئاللاھقا) ئەمدىغۇ بويسۇنارسىلەر؟

  15. مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيۡهِمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ فِيهَا وَهُمۡ فِيهَا لَا يُبۡخَسُونَ

    Open ayah 11:15

    كىمكى دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلەيدىكەن، مۇنداقلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ (ئەجىرىنى) بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا (ئۇلارنىڭ ئەجىرىدىن ھېچ نەرسە) كېمەيتىلمەيدۇ.

  16. أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَيۡسَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا ٱلنَّارُۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُواْ فِيهَا وَبَٰطِلٞ مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 11:16

    ئەنە شۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا ياخشىلىق دەپ) قىلغانلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر.

  17. أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ وَيَتۡلُوهُ شَاهِدٞ مِّنۡهُ وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةًۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ مِنَ ٱلۡأَحۡزَابِ فَٱلنَّارُ مَوۡعِدُهُۥۚ فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّنۡهُۚ إِنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 11:17

    رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان، يەنە رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن بىر گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يېتەكچى ۋە رەھمەت سۈپىتىدە مۇساغا بېرىلگەن كىتاب (راستچىللىقىغا) گۇۋاھلىق بەرگەن ئادەم (ھەقىقەتتىن دەلىلى يوق ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئەنە ئاشۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. (ھەرقايسى) تائىپىلەردىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن رەببىڭدىن (كەلگەن) ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ ھەقىقەتكە) ئىشەنمەيدۇ.

  18. وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُعۡرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمۡ وَيَقُولُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ أَلَا لَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 11:18

    ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىم بار؟ ئەنە شۇنداقلار (قىيامەت كۈنى) رەببىىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ، گۇۋاھچىلار: «رەببى توغرۇلۇق يالغان سۆزلىگەنلەر ئاشۇلاردۇر» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ.

  19. ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ

    Open ayah 11:19

    ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغانلاردۇر.

  20. أُوْلَٰٓئِكَ لَمۡ يَكُونُواْ مُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَۘ يُضَٰعَفُ لَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ مَا كَانُواْ يَسۡتَطِيعُونَ ٱلسَّمۡعَ وَمَا كَانُواْ يُبۡصِرُونَ 

    Open ayah 11:20

    ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا مەدەتكارلارمۇ چىقمايدۇ، ئۇلارغا (جەھەننەمدە) ئازاب قاتمۇقات ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار (كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن قۇرئان ئايەتلىرىنى) ئاڭلاشقا ۋە (كائىنات دەلىللىرىنى) كۆرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى.

  21. أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ

    Open ayah 11:21

    ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان (ساختا ئىلاھ) لىرىنى يېنىدا تاپالمىدى.

  22. لَا جَرَمَ أَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡأَخۡسَرُونَ

    Open ayah 11:22

    شەكسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

  23. إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَخۡبَتُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

    Open ayah 11:23

    شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە رەببىگە چىن كۆڭلىدىن ئىخلاس قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرغۇچىلاردۇر.

  24. ۞مَثَلُ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ كَٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡأَصَمِّ وَٱلۡبَصِيرِ وَٱلسَّمِيعِۚ هَلۡ يَسۡتَوِيَانِ مَثَلًاۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 11:24

    (كاپىرلار بىلەن مۇئمىنلەردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى پىرقىنىڭ بىرى كور بىلەن گاسقا، يەنە بىرى كۆزى كۆرىدىغان ۋە قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى باراۋەر بولامدۇ؟ سىلەر ئىبرەت ئالمامسىلەر؟

  25. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

    Open ayah 11:25

    شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ: «شەكسىزكى، مەن سىلەر ئۈچۈن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

  26. أَن لَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۖ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ أَلِيمٖ

    Open ayah 11:26

    بىر ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ قىينىغۇچى كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېدى.

  27. فَقَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ مَا نَرَىٰكَ إِلَّا بَشَرٗا مِّثۡلَنَا وَمَا نَرَىٰكَ ٱتَّبَعَكَ إِلَّا ٱلَّذِينَ هُمۡ أَرَاذِلُنَا بَادِيَ ٱلرَّأۡيِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمۡ عَلَيۡنَا مِن فَضۡلِۭ بَلۡ نَظُنُّكُمۡ كَٰذِبِينَ

    Open ayah 11:27

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىباشلىرى: «كۆرۈۋاتىمىزكى، سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن. ھەمدە ساڭا ئارىمىزدىكى چولتا پىكىرلىك پەس ئادەملەردىن باشقىسىنىڭ ئەگەشمىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. بەلكى، بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى.

  28. قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَءَاتَىٰنِي رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِهِۦ فَعُمِّيَتۡ عَلَيۡكُمۡ أَنُلۡزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمۡ لَهَا كَٰرِهُونَ

    Open ayah 11:28

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانغان تۇرسام ۋە ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت (پەيغەمبەرلىك) ئاتا قىلغان تۇرسا، ئاندىن سىلەر بۇ (ھەقىقەت)نى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلارمۇ، بىز سىلەرنى ئۇنىڭغا زورلامدۇق؟

  29. وَيَٰقَوۡمِ لَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مَالًاۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۚ وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْۚ إِنَّهُم مُّلَٰقُواْ رَبِّهِمۡ وَلَٰكِنِّيٓ أَرَىٰكُمۡ قَوۡمٗا تَجۡهَلُونَ

    Open ayah 11:29

    ئى قەۋمىم! ئۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن پۇل _ مال تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىم (نى بېرىش) پەقەت ئاللاھقا ئائىتتۇر، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن. چۈنكى، ئۇلار رەببى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلاردۇر. ئەمما مەن سىلەرنى نادان بىر قەۋم دەپ قارايمەن.

  30. وَيَٰقَوۡمِ مَن يَنصُرُنِي مِنَ ٱللَّهِ إِن طَرَدتُّهُمۡۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ 

    Open ayah 11:30

    ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟

  31. وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٞ وَلَآ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزۡدَرِيٓ أَعۡيُنُكُمۡ لَن يُؤۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ خَيۡرًاۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا فِيٓ أَنفُسِهِمۡ إِنِّيٓ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 11:31

    مەن سىلەرگە مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، مەن غەيىبنى بىلىمەن دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى پەرىشتىمۇ دېمەيمەن، ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ، دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. (ئەگەر مەن شۇنداق دېسەم) ئۇ چاغدا مەن چوقۇم زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن».

  32. قَالُواْ يَٰنُوحُ قَدۡ جَٰدَلۡتَنَا فَأَكۡثَرۡتَ جِدَٰلَنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

    Open ayah 11:32

    ئۇلار: «ئى نۇھ ! سەن بىز بىلەن جېدەللەشتىڭ، جېدەللەشكەندىمۇ كۆپ جېدەللىشىپ كەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان شۇ ئازابنى بىر كەلتۈرۈپ باققىنە!» دېدى.

  33. قَالَ إِنَّمَا يَأۡتِيكُم بِهِ ٱللَّهُ إِن شَآءَ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ

    Open ayah 11:33

    نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر خالىسا ئۇنى سىلەرگە پەقەت ئاللاھ كەلتۈرەلەيدۇ. (ئۇ چاغدا) سىلەر (ئۇنىڭدىن) قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.

  34. وَلَا يَنفَعُكُمۡ نُصۡحِيٓ إِنۡ أَرَدتُّ أَنۡ أَنصَحَ لَكُمۡ إِن كَانَ ٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يُغۡوِيَكُمۡۚ هُوَ رَبُّكُمۡ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

    Open ayah 11:34

    مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، (ئۇ چاغدا) مېنىڭ قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».

  35. أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ إِنِ ٱفۡتَرَيۡتُهُۥ فَعَلَيَّ إِجۡرَامِي وَأَنَا۠ بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُجۡرِمُونَ

    Open ayah 11:35

    ياكى ئۇلار: «بۇ دىننى (ئۇ ئۆزى) توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن ئۇنى توقۇپ چىققان بولسام، گۇناھىم ئۆزۈمگىدۇر. مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن بىزارمەن».

  36. وَأُوحِيَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُۥ لَن يُؤۡمِنَ مِن قَوۡمِكَ إِلَّا مَن قَدۡ ءَامَنَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ

    Open ayah 11:36

    نۇھقا (مۇنداق دەپ) ۋەھيى قىلىندى: «ئېنىقكى، سېنىڭ قەۋمىڭ ئارىسىدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ئىمان ئېيتىدىغانلار چىقمايدۇ. شۇڭا سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن.

  37. وَٱصۡنَعِ ٱلۡفُلۡكَ بِأَعۡيُنِنَا وَوَحۡيِنَا وَلَا تُخَٰطِبۡنِي فِي ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِنَّهُم مُّغۡرَقُونَ

    Open ayah 11:37

    سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن ۋە (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر».

  38. وَيَصۡنَعُ ٱلۡفُلۡكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيۡهِ مَلَأٞ مِّن قَوۡمِهِۦ سَخِرُواْ مِنۡهُۚ قَالَ إِن تَسۡخَرُواْ مِنَّا فَإِنَّا نَسۡخَرُ مِنكُمۡ كَمَا تَسۡخَرُونَ

    Open ayah 11:38

    نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى قاچانلا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، شەكسىزكى، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك، بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز.

  39. فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ

    Open ayah 11:39

    خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».

  40. حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلۡنَا ٱحۡمِلۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ وَمَنۡ ءَامَنَۚ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٞ 

    Open ayah 11:40

    نىھايەت، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان چاغدا، نۇھقا دېدۇقكى: «(جانلىقلارنىڭ) ھەر تۈرىدىن (ئەركەك _ چىشى بولۇپ) بىر جۈپنى، ئائىلەڭدىكى (غەرق بولىدىغانلىقى ھەققىدە) ھۆكۈم قىلىنىپ بولغانلاردىن باشقىلارنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىۋالغىن» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشى ئىمان ئېيتقان ئىدى.

  41. ۞وَقَالَ ٱرۡكَبُواْ فِيهَا بِسۡمِ ٱللَّهِ مَجۡر۪ىٰهَا وَمُرۡسَىٰهَآۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 11:41

    نۇھ ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، ئۇنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».

  42. وَهِيَ تَجۡرِي بِهِمۡ فِي مَوۡجٖ كَٱلۡجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبۡنَهُۥ وَكَانَ فِي مَعۡزِلٖ يَٰبُنَيَّ ٱرۡكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 11:42

    كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى.

  43. قَالَ سَـَٔاوِيٓ إِلَىٰ جَبَلٖ يَعۡصِمُنِي مِنَ ٱلۡمَآءِۚ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلۡيَوۡمَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَۚ وَحَالَ بَيۡنَهُمَا ٱلۡمَوۡجُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُغۡرَقِينَ

    Open ayah 11:43

    ئوغلى: «مېنى سۇدىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى _ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتكەنلەردىن بولدى.

  44. وَقِيلَ يَٰٓأَرۡضُ ٱبۡلَعِي مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقۡلِعِي وَغِيضَ ٱلۡمَآءُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَٱسۡتَوَتۡ عَلَى ٱلۡجُودِيِّۖ وَقِيلَ بُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 11:44

    «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت! يامغۇرنى توختاتقىن» دېيىلدى، (توپان) سۈيى سىڭدۈرۈلدى، ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدى [66] تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى.

    1. جۇدى تېغى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراق چىگرىسى ئەتراپىدا بولۇپ، تەۋراتتا كېمىنىڭ ئارارات (ئاغرى) تېغىدا توختىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئارارات تېغى جۇدى تېغىدىن 200مىل يىراقلىققا جايلاشقان. ئامېرىكىلىق مەخسۇس تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى 2004 _ يىلى 17 _ ئىيول كۈنى ئارارات تېغىدا ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق كېمە توختىغان ئورۇننى رەسىمگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما «national geographic» ژۇرنىلى ئۇلار تارتقان سۈرەتنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ سۈرىتى ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان ۋە ئامېرىكىلىق ئاكادېمىكلەرمۇ بۇ سۈرەتنىڭ ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان. يەنە بىر قاراشقا كۆرە، «جۇدى» دېگەن سۆز ئېگىز تاغ دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.
  45. وَنَادَىٰ نُوحٞ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبۡنِي مِنۡ أَهۡلِي وَإِنَّ وَعۡدَكَ ٱلۡحَقُّ وَأَنتَ أَحۡكَمُ ٱلۡحَٰكِمِينَ

    Open ayah 11:45

    نۇھ رەببىگە ئىلتىجا قىلىپ: «ئى رەببىم! شەكسىزكى، ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىندۇر (سەن ماڭا ئائىلەمدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى.

  46. قَالَ يَٰنُوحُ إِنَّهُۥ لَيۡسَ مِنۡ أَهۡلِكَۖ إِنَّهُۥ عَمَلٌ غَيۡرُ صَٰلِحٖۖ فَلَا تَسۡـَٔلۡنِ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۖ إِنِّيٓ أَعِظُكَ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ

    Open ayah 11:46

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ ھەرگىز سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس، ئۇنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن ياماندۇر. سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسىنى مەندىن تىلىمىگىن، مەن ساڭا جاھىللار قاتارىدىن بولماسلىقىڭ ئۈچۈن نەسىھەت قىلىۋاتىمەن».

  47. قَالَ رَبِّ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِكَ أَنۡ أَسۡـَٔلَكَ مَا لَيۡسَ لِي بِهِۦ عِلۡمٞۖ وَإِلَّا تَغۡفِرۡ لِي وَتَرۡحَمۡنِيٓ أَكُن مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 11:47

    نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مەن ساڭا سىغىنىپ، (ھەقىقىتىنى) بىلمىگەن نەرسىنى سەندىن تىلەشتىن پاناھ تىلەيمەن. ئەگەر مېنى كەچۈرمىسەڭ ۋە ماڭا رەھىم قىلمىساڭ، مەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن».

  48. قِيلَ يَٰنُوحُ ٱهۡبِطۡ بِسَلَٰمٖ مِّنَّا وَبَرَكَٰتٍ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ أُمَمٖ مِّمَّن مَّعَكَۚ وَأُمَمٞ سَنُمَتِّعُهُمۡ ثُمَّ يَمَسُّهُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 11:48

    دېيىلدىكى: «ئى نۇھ! سەن بىز تەرەپتىن ساڭا ۋە سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا چۈشكەن ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (دۇنيا ھاياتىدىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار (كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن) بىزنىڭ قىينىغۇچى ئازابىمىزغا ئۇچرايدۇ».

  49. تِلۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهَآ إِلَيۡكَۖ مَا كُنتَ تَعۡلَمُهَآ أَنتَ وَلَا قَوۡمُكَ مِن قَبۡلِ هَٰذَاۖ فَٱصۡبِرۡۖ إِنَّ ٱلۡعَٰقِبَةَ لِلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 11:49

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەنە شۇ (قىسسە) بىز ساڭا ۋەھيى قىلىپ بېرىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار. شۇڭا سەن (قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.

  50. وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمۡ هُودٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۖ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا مُفۡتَرُونَ 

    Open ayah 11:50

    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر».

  51. يَٰقَوۡمِ لَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱلَّذِي فَطَرَنِيٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

    Open ayah 11:51

    «ئى قەۋمىم! مەن ئۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى مېنى ياراتقان ئاللاھلا ئۈستىگە ئالغان، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».

  52. وَيَٰقَوۡمِ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِ يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا وَيَزِدۡكُمۡ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمۡ وَلَا تَتَوَلَّوۡاْ مُجۡرِمِينَ

    Open ayah 11:52

    «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (شۇنداق قىلساڭلار)، ئۇ سىلەرگە كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، كۈچۈڭلارغا كۈچ قاتىدۇ. سىلەر گۇناھقا پاتقان ھالدا (ئاللاھتىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار».

  53. قَالُواْ يَٰهُودُ مَا جِئۡتَنَا بِبَيِّنَةٖ وَمَا نَحۡنُ بِتَارِكِيٓ ءَالِهَتِنَا عَن قَوۡلِكَ وَمَا نَحۡنُ لَكَ بِمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 11:53

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، بىز سېنىڭ سۆزۈڭگە كىرىپ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىغۇچى ئەمەسمىز، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگىمۇ ئىشەنمەيمىز.

  54. إِن نَّقُولُ إِلَّا ٱعۡتَرَىٰكَ بَعۡضُ ءَالِهَتِنَا بِسُوٓءٖۗ قَالَ إِنِّيٓ أُشۡهِدُ ٱللَّهَ وَٱشۡهَدُوٓاْ أَنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ

    Open ayah 11:54

    بىز (سەن توغرۇلۇق) پەقەت ‹بەزى ئىلاھلىرىمىز سېنى ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ› دەپلا ئېيتىمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلاردىن ئەلۋەتتە يىراقمەن. قېنى ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلساڭلار قىلىۋېرىڭلار، ماڭا ئاراممۇ بەرمەڭلار. [54 _ 55]

  55. مِن دُونِهِۦۖ فَكِيدُونِي جَمِيعٗا ثُمَّ لَا تُنظِرُونِ

    Open ayah 11:55

    بىز (سەن توغرۇلۇق) پەقەت ‹بەزى ئىلاھلىرىمىز سېنى ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ› دەپلا ئېيتىمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلاردىن ئەلۋەتتە يىراقمەن. قېنى ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلساڭلار قىلىۋېرىڭلار، ماڭا ئاراممۇ بەرمەڭلار. [54 _ 55]

  56. إِنِّي تَوَكَّلۡتُ عَلَى ٱللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمۚ مَّا مِن دَآبَّةٍ إِلَّا هُوَ ءَاخِذُۢ بِنَاصِيَتِهَآۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

    Open ayah 11:56

    شەكسىزكى، مەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر. رەببىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر.

  57. فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُم مَّآ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَيَسۡتَخۡلِفُ رَبِّي قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ وَلَا تَضُرُّونَهُۥ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَفِيظٞ

    Open ayah 11:57

    ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. رەببىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. رەببىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».

  58. وَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا هُودٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَنَجَّيۡنَٰهُم مِّنۡ عَذَابٍ غَلِيظٖ

    Open ayah 11:58

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى دەرگاھىمىزدىن (كاتتا) بىر رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق.

  59. وَتِلۡكَ عَادٞۖ جَحَدُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ وَعَصَوۡاْ رُسُلَهُۥ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٖ

    Open ayah 11:59

    ئەنە شۇ ئاد قەۋمى رەببىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇچىغا چىققان تەرسا، زوراۋانلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى.

  60. وَأُتۡبِعُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَآ إِنَّ عَادٗا كَفَرُواْ رَبَّهُمۡۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّعَادٖ قَوۡمِ هُودٖ 

    Open ayah 11:60

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى راستتىنلا رەببىنى ئىنكار قىلدى. بىلىڭلاركى، ھۇدنىڭ قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن!

  61. ۞وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱسۡتَعۡمَرَكُمۡ فِيهَا فَٱسۡتَغۡفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٞ مُّجِيبٞ

    Open ayah 11:61

    سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرغۇچى قىلدى. ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى، رەببىم (ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشىگە) يېقىندۇر، (دۇئالارنى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر».

  62. قَالُواْ يَٰصَٰلِحُ قَدۡ كُنتَ فِينَا مَرۡجُوّٗا قَبۡلَ هَٰذَآۖ أَتَنۡهَىٰنَآ أَن نَّعۡبُدَ مَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِي شَكّٖ مِّمَّا تَدۡعُونَآ إِلَيۡهِ مُرِيبٖ

    Open ayah 11:62

    ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد كۈتۈلگەن كىشى ئىدىڭ. (ئەمدى) بىزنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسامسەن؟ شەك _ شۈبھىسىزكى، سەن بىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان ئىش توغرۇلۇق بىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر شەك ئىچىدىمىز» دېيىشتى.

  63. قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَءَاتَىٰنِي مِنۡهُ رَحۡمَةٗ فَمَن يَنصُرُنِي مِنَ ٱللَّهِ إِنۡ عَصَيۡتُهُۥۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيۡرَ تَخۡسِيرٖ

    Open ayah 11:63

    سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن رەببىم تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانغان بولۇپ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغان تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسە قىلىپ بېرەلمەيسىلەر.

  64. وَيَٰقَوۡمِ هَٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمۡ ءَايَةٗۖ فَذَرُوهَا تَأۡكُلۡ فِيٓ أَرۡضِ ٱللَّهِۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابٞ قَرِيبٞ

    Open ayah 11:64

    ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ (تاشتىن چىقارغان) بۇ چىشى تۆگىسى سىلەرگە مۆجىزىدۇر، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا قىلچە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى يېقىندا كېلىدىغان بىر ئازاب ھالاك قىلىدۇ».

  65. فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُواْ فِي دَارِكُمۡ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٖۖ ذَٰلِكَ وَعۡدٌ غَيۡرُ مَكۡذُوبٖ

    Open ayah 11:65

    ئەمما ئۇلار (بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي) چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى. سالىھ ئېيتتى: «يۇرتۇڭلاردا (ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار (ئاندىن ھالاك بولىسىلەر)، بۇ يالغىنى يوق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر».

  66. فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا صَٰلِحٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَمِنۡ خِزۡيِ يَوۡمِئِذٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ

    Open ayah 11:66

    بىزنىڭ ئەمرىمىز كېلىۋىدى، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن (ھەم ئۇ ئازابتىن ھەم) شۇ كۈننىڭ شەرمەندىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

  67. وَأَخَذَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلصَّيۡحَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دِيَٰرِهِمۡ جَٰثِمِينَ

    Open ayah 11:67

    بۇ زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى _ دە، ئۇلار تۇرغان يېرىدە قېتىپ قالدى.

  68. كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَآۗ أَلَآ إِنَّ ثَمُودَاْ كَفَرُواْ رَبَّهُمۡۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّثَمُودَ

    Open ayah 11:68

    ئۇلارنىڭ دىيارى گويا ئۇلار ياشىمىغاندەك بولۇپ قالدى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى راستتىنلا رەببىنى ئىنكار قىلدى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى ھالاك بولسۇن!

  69. وَلَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞۖ فَمَا لَبِثَ أَن جَآءَ بِعِجۡلٍ حَنِيذٖ

    Open ayah 11:69

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (بولغان پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى ۋە: «سالام» دېدى. ئىبراھىممۇ: «سىلەرگىمۇ سالام» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي، كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاينى ئېلىپ كەلدى.

  70. فَلَمَّا رَءَآ أَيۡدِيَهُمۡ لَا تَصِلُ إِلَيۡهِ نَكِرَهُمۡ وَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۚ قَالُواْ لَا تَخَفۡ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمِ لُوطٖ 

    Open ayah 11:70

    (ئىبراھىم) ئۇلارنىڭ كاۋاپقا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى (خاتا چۈشىنىپ) غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، قورقۇپ قالدى. ئۇلار: «قورقمىغىن، شەكسىزكى، بىز (پەرىشتىلەرمىز، شۇڭا تاماق يېمەيمىز) لۇتنىڭ قەۋمى (نى ھالاك قىلىش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق» دېدى.

  71. وَٱمۡرَأَتُهُۥ قَآئِمَةٞ فَضَحِكَتۡ فَبَشَّرۡنَٰهَا بِإِسۡحَٰقَ وَمِن وَرَآءِ إِسۡحَٰقَ يَعۡقُوبَ

    Open ayah 11:71

    ئۇنىڭ ئايالى (سارە) ئۆرە تۇراتتى، (بۇنى ئاڭلاپ) كۈلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق (ئاتلىق پەرزەنتى بولىدىغانلىقى) ۋە ئىسھاقتىن كېيىن، يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.

  72. قَالَتۡ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ ءَأَلِدُ وَأَنَا۠ عَجُوزٞ وَهَٰذَا بَعۡلِي شَيۡخًاۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٌ عَجِيبٞ

    Open ayah 11:72

    ئۇ: «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، مەن ئەمدى تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى.

  73. قَالُوٓاْ أَتَعۡجَبِينَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۖ رَحۡمَتُ ٱللَّهِ وَبَرَكَٰتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِۚ إِنَّهُۥ حَمِيدٞ مَّجِيدٞ

    Open ayah 11:73

    پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرگە بولسۇن ئى ئۆي ئەھلى! شەكسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا سازاۋەردۇر» دېدى.

  74. فَلَمَّا ذَهَبَ عَنۡ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلرَّوۡعُ وَجَآءَتۡهُ ٱلۡبُشۡرَىٰ يُجَٰدِلُنَا فِي قَوۡمِ لُوطٍ

    Open ayah 11:74

    ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇش خەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن (يەنى پەرىشتىلىرىمىز بىلەن) لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە (باشلىدى).

  75. إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّٰهٞ مُّنِيبٞ

    Open ayah 11:75

    ئىبراھىم ھەقىقەتەن كۆڭلى _ كۆكسى كەڭ، دىلى يۇمشاق ۋە دائىم ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان زات ئىدى.

  76. يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَآۖ إِنَّهُۥ قَدۡ جَآءَ أَمۡرُ رَبِّكَۖ وَإِنَّهُمۡ ءَاتِيهِمۡ عَذَابٌ غَيۡرُ مَرۡدُودٖ

    Open ayah 11:76

    (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنىڭدىن ۋاز كەچكىن. چۈنكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان كېلىپ بولدى، ئۇلارغا چوقۇم قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئازاب كېلىدۇ».

  77. وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗا وَقَالَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَصِيبٞ

    Open ayah 11:77

    بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (بولغان پەرىشتىلەر ئىنسان سۈرىتىدە) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر قىيىن كۈندۇر» دېدى.

  78. وَجَآءَهُۥ قَوۡمُهُۥ يُهۡرَعُونَ إِلَيۡهِ وَمِن قَبۡلُ كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِي هُنَّ أَطۡهَرُ لَكُمۡۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُخۡزُونِ فِي ضَيۡفِيٓۖ أَلَيۡسَ مِنكُمۡ رَجُلٞ رَّشِيدٞ

    Open ayah 11:78

    (لۇتنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان) قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ (بەچچىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ) يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى. لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مانا بۇلار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر (ئۇلارغا ئۆيلىنىڭلار)، بۇلار سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى مېھمانلىرىم ئالدىدا ئوسال قىلماڭلار، ئاراڭلاردا ئەقلى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟».

  79. قَالُواْ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا لَنَا فِي بَنَاتِكَ مِنۡ حَقّٖ وَإِنَّكَ لَتَعۡلَمُ مَا نُرِيدُ

    Open ayah 11:79

    ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن».

  80. قَالَ لَوۡ أَنَّ لِي بِكُمۡ قُوَّةً أَوۡ ءَاوِيٓ إِلَىٰ رُكۡنٖ شَدِيدٖ 

    Open ayah 11:80

    لۇت ئېيتتى: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرگە (قارشى تۇرغۇدەك) كۈچ _ قۇۋۋىتىم ياكى تايانغۇدەك كۈچلۈك جەمەتىم بولغان بولسىچۇ!».

  81. قَالُواْ يَٰلُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوٓاْ إِلَيۡكَۖ فَأَسۡرِ بِأَهۡلِكَ بِقِطۡعٖ مِّنَ ٱلَّيۡلِ وَلَا يَلۡتَفِتۡ مِنكُمۡ أَحَدٌ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَۖ إِنَّهُۥ مُصِيبُهَا مَآ أَصَابَهُمۡۚ إِنَّ مَوۡعِدَهُمُ ٱلصُّبۡحُۚ أَلَيۡسَ ٱلصُّبۡحُ بِقَرِيبٖ

    Open ayah 11:81

    (پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شەكسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (يۇرتۇڭدىن) چىقىپ كەتكىن، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن. ئايالىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئۇلارغا يەتكەن (ئازاب) چوقۇم ئۇنىڭغىمۇ يېتىدۇ. شەكسىزكى، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان (ئازاب چۈشىدىغان) چاغ تاڭ يورۇش ۋاقتىدۇر، تاڭنىڭ يورۇشى يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى.

  82. فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا جَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهَا حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٖ مَّنضُودٖ

    Open ayah 11:82

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، بىز ئۇ يۇرتلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ساپال تاشلارنى ئۈستى _ ئۈستىلەپ ياغدۇردۇق. بۇ (ئازاب) زالىملاردىن يىراق ئەمەس. [82 _ 83]

  83. مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَۖ وَمَا هِيَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ بِبَعِيدٖ

    Open ayah 11:83

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، بىز ئۇ يۇرتلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ساپال تاشلارنى ئۈستى _ ئۈستىلەپ ياغدۇردۇق. بۇ (ئازاب) زالىملاردىن يىراق ئەمەس. [82 _ 83]

  84. ۞وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ وَلَا تَنقُصُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَۖ إِنِّيٓ أَرَىٰكُم بِخَيۡرٖ وَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ مُّحِيطٖ

    Open ayah 11:84

    «مەديەن (ئاھالىسى)گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى بايلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ (ھەممىنى) قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.

  85. وَيَٰقَوۡمِ أَوۡفُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

    Open ayah 11:85

    ئى قەۋمىم! ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا ئادىللىق بىلەن تولۇق ئۆلچەپ، تولۇق تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق تېرىماڭلار.

  86. بَقِيَّتُ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِحَفِيظٖ

    Open ayah 11:86

    ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھ قالدۇرغان (ھالال پايدا) سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. مەن سىلەرگە مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن».

  87. قَالُواْ يَٰشُعَيۡبُ أَصَلَوٰتُكَ تَأۡمُرُكَ أَن نَّتۡرُكَ مَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَآ أَوۡ أَن نَّفۡعَلَ فِيٓ أَمۡوَٰلِنَا مَا نَشَٰٓؤُاْۖ إِنَّكَ لَأَنتَ ٱلۡحَلِيمُ ٱلرَّشِيدُ

    Open ayah 11:87

    ئۇلار (مەسخىرە قىلغان ھالدا): «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ[67] سېنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى تەرك ئەتكۈزۈشكە ياكى پۇل _ ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى _ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان بىر ئادەمسەن _ دە» دېدى.

    1. ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «صلاة» دېگەن سۆزنىڭ ئىبنى ئەتىيەنىڭ تەپسىرىدە ناماز، قىرائەت، ئىبادەتگاھ ۋە دەۋەت مەنىسىدە كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا ئايەتتىكى «صلاتك» نى «سېنىڭ دەۋىتىڭ» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.
  88. قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَرَزَقَنِي مِنۡهُ رِزۡقًا حَسَنٗاۚ وَمَآ أُرِيدُ أَنۡ أُخَالِفَكُمۡ إِلَىٰ مَآ أَنۡهَىٰكُمۡ عَنۡهُۚ إِنۡ أُرِيدُ إِلَّا ٱلۡإِصۡلَٰحَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُۚ وَمَا تَوۡفِيقِيٓ إِلَّا بِٱللَّهِۚ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ

    Open ayah 11:88

    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! دەپ بېقىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن (بېرىلگەن) ئوپئوچۇق دەلىلگە ئاساسلانغان تۇرسام ۋە ئۇ مېنى ئۆز تەرىپىدىن گۈزەل بىر رىزىق بىلەن رىزىقلاندۇرغان تۇرسا، (ئەمدى مەن رەببىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىمەن؟) مەن سىلەرنى توسقان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە ئىسلاھ قىلىشنىلا خالايمەن، (مېنىڭ بۇ ئىشتا) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىمەن.

  89. وَيَٰقَوۡمِ لَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شِقَاقِيٓ أَن يُصِيبَكُم مِّثۡلُ مَآ أَصَابَ قَوۡمَ نُوحٍ أَوۡ قَوۡمَ هُودٍ أَوۡ قَوۡمَ صَٰلِحٖۚ وَمَا قَوۡمُ لُوطٖ مِّنكُم بِبَعِيدٖ

    Open ayah 11:89

    ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قارشىلىقىڭلار ھەرگىز سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋەياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. (ھالاك قىلىنغان) لۇت قەۋمىمۇ سىلەردىن يىراق ئەمەس.

  90. وَٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي رَحِيمٞ وَدُودٞ 

    Open ayah 11:90

    رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم ناھايىتى كەرەملىكتۇر، (مۇئمىنلەرنى) دوست تۇتقۇچىدۇر».

  91. قَالُواْ يَٰشُعَيۡبُ مَا نَفۡقَهُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَىٰكَ فِينَا ضَعِيفٗاۖ وَلَوۡلَا رَهۡطُكَ لَرَجَمۡنَٰكَۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡنَا بِعَزِيزٖ

    Open ayah 11:91

    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ كۆپلىرىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز بىر ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم _ قېرىنداشلىرىڭ بولمىسا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلاتتۇق. سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى.

  92. قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَهۡطِيٓ أَعَزُّ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَٱتَّخَذۡتُمُوهُ وَرَآءَكُمۡ ظِهۡرِيًّاۖ إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ

    Open ayah 11:92

    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم _ قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئارقاڭلارغا چۆرۈۋەتتىڭلار. شەكسىزكى، رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە تولۇق خەۋەرداردۇر.

  93. وَيَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَٰمِلٞۖ سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَمَنۡ هُوَ كَٰذِبٞۖ وَٱرۡتَقِبُوٓاْ إِنِّي مَعَكُمۡ رَقِيبٞ

    Open ayah 11:93

    ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە (ئۆز يولۇم بويىچە) ھەرىكەت قىلاي! سىلەر ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. كۈتۈڭلار! مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتۈۋاتىمەن».

  94. وَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا شُعَيۡبٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَأَخَذَتِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلصَّيۡحَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دِيَٰرِهِمۡ جَٰثِمِينَ

    Open ayah 11:94

    بىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى بىز تەرەپتىن (كاتتا) بىر رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، (ئىمان ئېيتمىغان) بۇ زالىملارغا قاتتىق بىر ئاۋاز يۈزلەندى _ دە، ئۇلار دىيارلىرىدا تۇرغان پېتى قېتىپ قالدى.

  95. كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَآۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّمَدۡيَنَ كَمَا بَعِدَتۡ ثَمُودُ

    Open ayah 11:95

    گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرىدا ئادەمزات ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. بىلىڭلاركى، مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولدى.

  96. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ

    Open ayah 11:96

    شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىللەر بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئۇ كاتتىباشلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى. [96 _ 97]

  97. إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ فِرۡعَوۡنَۖ وَمَآ أَمۡرُ فِرۡعَوۡنَ بِرَشِيدٖ

    Open ayah 11:97

    شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىللەر بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئۇ كاتتىباشلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى. [96 _ 97]

  98. يَقۡدُمُ قَوۡمَهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَأَوۡرَدَهُمُ ٱلنَّارَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡوِرۡدُ ٱلۡمَوۡرُودُ

    Open ayah 11:98

    پىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىگە باشلامچىلىق قىلىپ [68] ئۇلارنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇلار كىرىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!

    1. يەنى پىرئەۋن خۇددى بۇ دۇنيادا قەۋمىگە باشلامچىلىق قىلىپ ئۇلارنى ئازدۇرغاندەك ۋە دېڭىزغا باشلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ غەرق بولۇشىغا سەۋەب بولغاندەك، قىيامەت كۈنىمۇ ئۆز قەۋمىگە باشلامچىلىق قىلىپ ئۇلارنى دوزاخقا باشلاپ بارىدۇ.
  99. وَأُتۡبِعُواْ فِي هَٰذِهِۦ لَعۡنَةٗ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ بِئۡسَ ٱلرِّفۡدُ ٱلۡمَرۡفُودُ

    Open ayah 11:99

    ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان!

  100. ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡقُرَىٰ نَقُصُّهُۥ عَلَيۡكَۖ مِنۡهَا قَآئِمٞ وَحَصِيدٞ 

    Open ayah 11:100

    «مانا بۇلار (ھالاك قىلىنغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىندۇركى، بىز ئۇنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن (سەمۇد قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىدەك) ئىزى قالغانلىرىمۇ بار، (ئاد قەۋمىنىڭ يۇرتلىرىدەك) ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار.

  101. وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡۖ فَمَآ أَغۡنَتۡ عَنۡهُمۡ ءَالِهَتُهُمُ ٱلَّتِي يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ لَّمَّا جَآءَ أَمۡرُ رَبِّكَۖ وَمَا زَادُوهُمۡ غَيۡرَ تَتۡبِيبٖ 

    Open ayah 11:101

    بىز ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمىدى. (ئەكسىچە) ئۇلارغا زىيان سېلىشتىن باشقىسىغا يارىمىدى.

  102. وَكَذَٰلِكَ أَخۡذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلۡقُرَىٰ وَهِيَ ظَٰلِمَةٌۚ إِنَّ أَخۡذَهُۥٓ أَلِيمٞ شَدِيدٌ 

    Open ayah 11:102

    رەببىڭ زالىملارنىڭ يۇرتلىرىنى ۋەيران قىلسا، ئەنە شۇنداق ۋەيران قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئازابى بەكمۇ قىينىغۇچى ۋە تولىمۇ قاتتىقتۇر.

  103. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّمَنۡ خَافَ عَذَابَ ٱلۡأٓخِرَةِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمٞ مَّجۡمُوعٞ لَّهُ ٱلنَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوۡمٞ مَّشۡهُودٞ 

    Open ayah 11:103

    مانا بۇنىڭدا ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت باردۇر. ئەنە شۇ (ئاخىرەت كۈنى) پۈتۈن ئىنسانلار توپلىنىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر.

  104. وَمَا نُؤَخِّرُهُۥٓ إِلَّا لِأَجَلٖ مَّعۡدُودٖ 

    Open ayah 11:104

    بىز ئۇنى (قىيامەت كۈنىنى) پەقەت ساناقلىق مۇددەتكىچىلا كېچىكتۈرىمىز.

  105. يَوۡمَ يَأۡتِ لَا تَكَلَّمُ نَفۡسٌ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ فَمِنۡهُمۡ شَقِيّٞ وَسَعِيدٞ 

    Open ayah 11:105

    ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز ھېچكىم سۆز قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ.

  106. فَأَمَّا ٱلَّذِينَ شَقُواْ فَفِي ٱلنَّارِ لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَشَهِيقٌ 

    Open ayah 11:106

    بەدبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار (ئۇ كۈنى) دوزاختا بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا ئېگىز _ پەس توۋلاپ نالە _ پەرياد چېكىدۇ.

  107. خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ 

    Open ayah 11:107

    (ئاخىرەتنىڭ) ئاسمان - زېمىنى مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇلار دوزاختا داۋاملىق تۇرۇۋېرىدۇ، رەببىڭ خالىغان كىشىلەر (يەنى مۇئمىنلەردىن بولغان گۇناھكارلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەتەن رەببىڭ خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.

  108. ۞وَأَمَّا ٱلَّذِينَ سُعِدُواْ فَفِي ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَۖ عَطَآءً غَيۡرَ مَجۡذُوذٖ 

    Open ayah 11:108

    سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ، (ئاخىرەتنىڭ) ئاسمان - زېمىنى مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇلار جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇۋېرىدۇ، رەببىڭ خالىغان كىشىلەر (يەنى مۇئمىنلەردىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ دوزاختا قالغان مۇددىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (بۇ) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر.

  109. فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّمَّا يَعۡبُدُ هَٰٓؤُلَآءِۚ مَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُهُم مِّن قَبۡلُۚ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمۡ نَصِيبَهُمۡ غَيۡرَ مَنقُوصٖ 

    Open ayah 11:109

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ (باتىللىقىدىن) قەتئىي شەكلەنمىگىن. ئۇلار پەقەت ئىلگىرى ئاتا _ بوۋىلىرى (دەلىل-پاكىتسىز) چوقۇنغانغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ (ئازابتىن) تېگىشلىك بولغان نېسىۋىسىنى ئەلۋەتتە كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىمىز.

  110. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ 

    Open ayah 11:110

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى بەردۇق. ئەمما بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى. رەببىڭنىڭ (ئازابنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە) ئالدىن ئېيتىلغان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە (مۇشۇ دۇنيادىلا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار) ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) چوڭقۇر شەك ئىچىدىدۇر.

  111. وَإِنَّ كُلّٗا لَّمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمۡ رَبُّكَ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ إِنَّهُۥ بِمَا يَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

    Open ayah 11:111

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەممە ئادەمگە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپات _ جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

  112. فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطۡغَوۡاْۚ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

    Open ayah 11:112

    (ئى پەيغەمبەر!) بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) راۋۇرۇس بولغىن، سەن بىلەن بىرلىكتە تەۋبە قىلغانلارمۇ (شۇنداق بولسۇن). چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  113. وَلَا تَرۡكَنُوٓاْ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ

    Open ayah 11:113

    زالىملارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر، ئاندىن سىلەر ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.

  114. وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ

    Open ayah 11:114

    كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ (كۈندۈزگە) يېقىن ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن. شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ ئىبرەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر.

  115. وَٱصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 11:115

    (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بولغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.

  116. فَلَوۡلَا كَانَ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِن قَبۡلِكُمۡ أُوْلُواْ بَقِيَّةٖ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡفَسَادِ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّنۡ أَنجَيۡنَا مِنۡهُمۡۗ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَآ أُتۡرِفُواْ فِيهِ وَكَانُواْ مُجۡرِمِينَ

    Open ayah 11:116

    سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (ئىنسانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر چىقمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (بۇزغۇنچىلىقنى توسقانلىقى ئۈچۈن) بىز نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. زالىمىلار ئەيش _ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىپ كەتتى، ئۇلار گۇناھكار ئادەملەر ئىدى.

  117. وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا مُصۡلِحُونَ

    Open ayah 11:117

    رەببىڭ ئاھالىسى (ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى) ئىسلاھ قىلغۇچى بولۇپ تۇرغان يۇرتلارنى ئورۇنسىز ۋەيران قىلىۋەتمەيدۇ.

  118. وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ ٱلنَّاسَ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗۖ وَلَا يَزَالُونَ مُخۡتَلِفِينَ

    Open ayah 11:118

    ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە (ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان) بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلار داۋاملىق ھەر خىل دىنلاردا بولىدۇ. پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى [69]. رەببىڭنىڭ: «مەن چوقۇم دوزاخنى پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار (نىڭ گۇناھكارلىرى) بىلەن توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى بېكىتىلىپ بولدى. [118 _ 119]

    1. يەنى «رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى» ياكى «ئۆزى خالىغان دىننى تاللىسۇن دەپ ياراتتى» (تەپسىرى ئىبنى كەسىر ۋە تەپسىرى تەبەرى).
  119. إِلَّا مَن رَّحِمَ رَبُّكَۚ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمۡۗ وَتَمَّتۡ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 11:119

    ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە (ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان) بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلار داۋاملىق ھەر خىل دىنلاردا بولىدۇ. پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى [69]. رەببىڭنىڭ: «مەن چوقۇم دوزاخنى پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار (نىڭ گۇناھكارلىرى) بىلەن توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى بېكىتىلىپ بولدى. [118 _ 119]

    1. يەنى «رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى» ياكى «ئۆزى خالىغان دىننى تاللىسۇن دەپ ياراتتى» (تەپسىرى ئىبنى كەسىر ۋە تەپسىرى تەبەرى).
  120. وَكُلّٗا نَّقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِۦ فُؤَادَكَۚ وَجَآءَكَ فِي هَٰذِهِ ٱلۡحَقُّ وَمَوۡعِظَةٞ وَذِكۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ 

    Open ayah 11:120

    (ئى پەيغەمبەر!) پەيغەمبەرلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن سېنىڭ قەلبىڭنى مۇستەھكەم قىلىدىغان ھەربىر خەۋەرنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇنىڭدا (بۇ سۈرىدە) ساڭا ھەقىقەت، مۇئمىنلەر ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەت ۋە بىر ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى.

  121. وَقُل لِّلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنَّا عَٰمِلُونَ

    Open ayah 11:121

    ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىڭلار، بىزمۇ (ئۆز يولىمىز بويىچە) ئىش قىلماقتىمىز.

  122. وَٱنتَظِرُوٓاْ إِنَّا مُنتَظِرُونَ

    Open ayah 11:122

    سىلەر (قىلمىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز».

  123. وَلِلَّهِ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ يُرۡجَعُ ٱلۡأَمۡرُ كُلُّهُۥ فَٱعۡبُدۡهُ وَتَوَكَّلۡ عَلَيۡهِۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 11:123

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىب (نى بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر ۋە ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ. شۇڭا سەن ئاللا-ھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغىن! رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.