يوسف
Yusuf
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 12:1ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 12:2شۈبھىسىزكى، سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق.
نَحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ أَحۡسَنَ ٱلۡقَصَصِ بِمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ وَإِن كُنتَ مِن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ
Open ayah 12:3(ئى پەيغەمبەر!) بىز بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل قىسسىنى بايان قىلىپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى (بۇ قىسسىلەردىن) خەۋەرسىز قالغانلاردىن ئىدىڭ.
إِذۡ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ إِنِّي رَأَيۡتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوۡكَبٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ رَأَيۡتُهُمۡ لِي سَٰجِدِينَ
Open ayah 12:4ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن (چۈشۈمدە) ئون بىر يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن ئىدى.
قَالَ يَٰبُنَيَّ لَا تَقۡصُصۡ رُءۡيَاكَ عَلَىٰٓ إِخۡوَتِكَ فَيَكِيدُواْ لَكَ كَيۡدًاۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
Open ayah 12:5ئاتىسى: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قويمىسۇن. چۈنكى، شەيتان ئىنسانغا ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر،
وَكَذَٰلِكَ يَجۡتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعۡقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيۡكَ مِن قَبۡلُ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 12:6رەببىڭ شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا بۇ چۈشنى كۆرسەتكەندەك) سېنى (ئۇلۇغ ئىشلارغا) تاللايدۇ ۋە ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا (پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىپ نېمىتىنى) تاماملىغىنىغا ئوخشاش، ساڭا ۋە يەئقۇب ئائىلىسىگمۇ (پەيغەمبەرلىك بىلەن) نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى.
۞لَّقَدۡ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخۡوَتِهِۦٓ ءَايَٰتٞ لِّلسَّآئِلِينَ
Open ayah 12:7يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
إِذۡ قَالُواْ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
Open ayah 12:8ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى: «بىز بىر توپ (كۈچلۈك) جامائە بولغان تۇرۇقلۇق، يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى، ئاتىمىز ئوپئوچۇق بىر خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى.
ٱقۡتُلُواْ يُوسُفَ أَوِ ٱطۡرَحُوهُ أَرۡضٗا يَخۡلُ لَكُمۡ وَجۡهُ أَبِيكُمۡ وَتَكُونُواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ قَوۡمٗا صَٰلِحِينَ
Open ayah 12:9ئۇلار (ئۆز ئارىسىدا) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاتاڭلار سىلەرگە ئوڭچە قالىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) سالىھ ئادەم بولۇۋالارسىلەر» (دېيىشتى).
قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ لَا تَقۡتُلُواْ يُوسُفَ وَأَلۡقُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّ يَلۡتَقِطۡهُ بَعۡضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
Open ayah 12:10ئۇلاردىن يەنە بىرى: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئەگەر (ئۇنى ئاتىمىزدىن يىراق) قىلماقچى بولساڭلار، قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن بىرەرسى ئېلىۋالار» دېدى.
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأۡمَ۬نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ
Open ayah 12:11ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياخشى قارايمىز.
أَرۡسِلۡهُ مَعَنَا غَدٗا يَرۡتَعۡ وَيَلۡعَبۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
Open ayah 12:12ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ _ ئىچىپ، ئويناپ _ كۈلۈپ كەلسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز».
قَالَ إِنِّي لَيَحۡزُنُنِيٓ أَن تَذۡهَبُواْ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأۡكُلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَأَنتُمۡ عَنۡهُ غَٰفِلُونَ
Open ayah 12:13يەئقۇب: «سىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار، مەن راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.
قَالُواْ لَئِنۡ أَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّآ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ
Open ayah 12:14ئۇلار: «بىز بىر توپ جامائە تۇرۇپ ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.
فَلَمَّا ذَهَبُواْ بِهِۦ وَأَجۡمَعُوٓاْ أَن يَجۡعَلُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمۡرِهِمۡ هَٰذَا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 12:15(قېرىنداشلىرى) ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان (ئاندىن يۈسۈفكە قىلىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىغان) چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «شەكسىزكى، (كېلەچەكتە) ئۇلار (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇقمايدىغان بىر پەيتتە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (بىر _ بىرلەپ) ئېيتىپ بېرىسەن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
وَجَآءُوٓ أَبَاهُمۡ عِشَآءٗ يَبۡكُونَ
Open ayah 12:16ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى.
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبۡنَا نَسۡتَبِقُ وَتَرَكۡنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤۡمِنٖ لَّنَا وَلَوۡ كُنَّا صَٰدِقِينَ
Open ayah 12:17ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسە _ كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قاپتۇق، (ئەپسۇسكى) ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى.
وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٖ كَذِبٖۚ قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٞۖ وَٱللَّهُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
Open ayah 12:18ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بەلكى (ئىش سىلەر دېگەندەك ئەمەس)، نەپسىڭلار سىلەرگە قەبىھ بىر قىلمىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ بۇ يالغانلىرىڭلارغا (سەۋر قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا) ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى.
وَجَآءَتۡ سَيَّارَةٞ فَأَرۡسَلُواْ وَارِدَهُمۡ فَأَدۡلَىٰ دَلۡوَهُۥۖ قَالَ يَٰبُشۡرَىٰ هَٰذَا غُلَٰمٞۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَٰعَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 12:19بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى (سۇغا) ئەۋەتتى، ئۇ چېلىكىنى (قۇدۇققا) تاشلىدى ۋە (يۈسۈفنى كۆرۈپ): «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَشَرَوۡهُ بِثَمَنِۭ بَخۡسٖ دَرَٰهِمَ مَعۡدُودَةٖ وَكَانُواْ فِيهِ مِنَ ٱلزَّٰهِدِينَ
Open ayah 12:20ئۇلار يۈسۈفنى بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى. ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى.
وَقَالَ ٱلَّذِي ٱشۡتَرَىٰهُ مِن مِّصۡرَ لِٱمۡرَأَتِهِۦٓ أَكۡرِمِي مَثۡوَىٰهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗاۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلِنُعَلِّمَهُۥ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ وَٱللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِۦ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:21ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىن، بىزگە ئەسقېتىپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈفنى (ئادالەتلىك ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن) ۋە ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئۇ يەرگە (مىسىرغا) مانا مۇشۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئاللاھ (ئۆزى ئىرادە قىلغان) ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 12:22يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 12:23يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى _ دە، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! ئېرىڭىز ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. (خىيانەت قىلىدىغان) زالىملار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
وَلَقَدۡ هَمَّتۡ بِهِۦۖ وَهَمَّ بِهَا لَوۡلَآ أَن رَّءَا بُرۡهَٰنَ رَبِّهِۦۚ كَذَٰلِكَ لِنَصۡرِفَ عَنۡهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلۡفَحۡشَآءَۚ إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُخۡلَصِينَ
Open ayah 12:24ئايال ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدى. يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا (ئىنسانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئازراق) مايىل بولدى. ئۇ رەببىنىڭ دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا (گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتى). بىز يامانلىقنى ۋە سەتچىلىكنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق (دەلىلىمىزنى كۆرسەتتۇق). چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
وَٱسۡتَبَقَا ٱلۡبَابَ وَقَدَّتۡ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٖ وَأَلۡفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلۡبَابِۚ قَالَتۡ مَا جَزَآءُ مَنۡ أَرَادَ بِأَهۡلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسۡجَنَ أَوۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 12:25ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. ئايال يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىككىلىسى ئىشىك ئالدىدا ئايالنىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئايال: «سېنىڭ ئائىلەڭگە يامانلىق قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى.
قَالَ هِيَ رَٰوَدَتۡنِي عَن نَّفۡسِيۚ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٖ فَصَدَقَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 12:26يۈسۈف: «ئۇ مېنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى» دېدى. ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا ئايال راست سۆزلىگەن بولىدۇ، يۈسۈف يالغانچىلاردىن بولىدۇ.
وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ فَكَذَبَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 12:27ئەگەر يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا ئايال يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، يۈسۈف راستچىللاردىن بولىدۇ» دېدى.
فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيۡدِكُنَّۖ إِنَّ كَيۡدَكُنَّ عَظِيمٞ
Open ayah 12:28(ئايالنىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالىغا: «(ئەي ئاياللار جامائەسى!) بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر».
يُوسُفُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَاۚ وَٱسۡتَغۡفِرِي لِذَنۢبِكِۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلۡخَاطِـِٔينَ
Open ayah 12:29ئى يۈسۈف! بۇنى دەپ يۈرمىگىن. (ھەي خوتۇن!) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن. چۈنكى، سەن گۇناھكارلاردىن بولدۇڭ» دېدى.
۞وَقَالَ نِسۡوَةٞ فِي ٱلۡمَدِينَةِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفۡسِهِۦۖ قَدۡ شَغَفَهَا حُبًّاۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 12:30شەھەردىكى (بەزى) ئاياللار: «ئەزىزنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بوپتۇ، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا كۆرۈۋاتىمىز» دېيىشتى.
فَلَمَّا سَمِعَتۡ بِمَكۡرِهِنَّ أَرۡسَلَتۡ إِلَيۡهِنَّ وَأَعۡتَدَتۡ لَهُنَّ مُتَّكَـٔٗا وَءَاتَتۡ كُلَّ وَٰحِدَةٖ مِّنۡهُنَّ سِكِّينٗا وَقَالَتِ ٱخۡرُجۡ عَلَيۡهِنَّۖ فَلَمَّا رَأَيۡنَهُۥٓ أَكۡبَرۡنَهُۥ وَقَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّ وَقُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا مَلَكٞ كَرِيمٞ
Open ayah 12:31ئايال ئۇلارنىڭ سۆز _ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ، (چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن) ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا يۆلىنىدىغان تەكىيە _ ياستۇقلار (ۋە مېۋىلەر)نى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (ئايال يۈسۈفكە) «ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن» دېدى. ئاياللار ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ھاڭ _ تاڭ بولۇپ، قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر! بۇ ئادەمزات ئەمەس، بۇ پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتە ئىكەنغۇ» دېيىشتى.
قَالَتۡ فَذَٰلِكُنَّ ٱلَّذِي لُمۡتُنَّنِي فِيهِۖ وَلَقَدۡ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ فَٱسۡتَعۡصَمَۖ وَلَئِن لَّمۡ يَفۡعَلۡ مَآ ءَامُرُهُۥ لَيُسۡجَنَنَّ وَلَيَكُونٗا مِّنَ ٱلصَّٰغِرِينَ
Open ayah 12:32ئايال دېدى: «مانا بۇ سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان ھېلىقى كىشى، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمغا ئۇنىمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەملەردىن بولۇپ قالىدۇ» دېدى.
قَالَ رَبِّ ٱلسِّجۡنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِۖ وَإِلَّا تَصۡرِفۡ عَنِّي كَيۡدَهُنَّ أَصۡبُ إِلَيۡهِنَّ وَأَكُن مِّنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ
Open ayah 12:33يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن توسمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.
فَٱسۡتَجَابَ لَهُۥ رَبُّهُۥ فَصَرَفَ عَنۡهُ كَيۡدَهُنَّۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 12:34رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن توستى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ثُمَّ بَدَا لَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا رَأَوُاْ ٱلۡأٓيَٰتِ لَيَسۡجُنُنَّهُۥ حَتَّىٰ حِينٖ
Open ayah 12:35ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، (سۆز _ چۆچەك بېسىققانغا قەدەر) ئۇنى بىر مەزگىل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى.
وَدَخَلَ مَعَهُ ٱلسِّجۡنَ فَتَيَانِۖ قَالَ أَحَدُهُمَآ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَعۡصِرُ خَمۡرٗاۖ وَقَالَ ٱلۡأٓخَرُ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَحۡمِلُ فَوۡقَ رَأۡسِي خُبۡزٗا تَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِنۡهُۖ نَبِّئۡنَا بِتَأۡوِيلِهِۦٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 12:36زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن (ئۈزۈمدىن) مەي سىقىۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەكمەن، ناننى قۇشلار يەۋاتقۇدەك، بۇنىڭ تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ. چۈنكى، بىز سېنى (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىمۇ، ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ) ياخشى كىشىلەردىن دەپ قارايمىز» دېدى.
قَالَ لَا يَأۡتِيكُمَا طَعَامٞ تُرۡزَقَانِهِۦٓ إِلَّا نَبَّأۡتُكُمَا بِتَأۡوِيلِهِۦ قَبۡلَ أَن يَأۡتِيَكُمَاۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّيٓۚ إِنِّي تَرَكۡتُ مِلَّةَ قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 12:37يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا رىزىقلىنىشقا سىرتتىن تاماق كېلىدىغانلا بولسا، ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە (تاماق) ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن بىلىملەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلمىدىم.
وَٱتَّبَعۡتُ مِلَّةَ ءَابَآءِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشۡرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ عَلَيۡنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 12:38مەن ئاتا _ بوۋىلىرىم _ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس. بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ ءَأَرۡبَابٞ مُّتَفَرِّقُونَ خَيۡرٌ أَمِ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ
Open ayah 12:39ئى زىندانداشلىرىم! كۆپ خىل مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىرلا ئاللاھمۇ؟
مَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ أَسۡمَآءٗ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِ أَمَرَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:40سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا _ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە باشقا ساختا ئىلاھلارنىڭ) ناملىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلار (غا چوقۇنۇش) توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگەن ئەمەس. بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر. ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ أَمَّآ أَحَدُكُمَا فَيَسۡقِي رَبَّهُۥ خَمۡرٗاۖ وَأَمَّا ٱلۡأٓخَرُ فَيُصۡلَبُ فَتَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِن رَّأۡسِهِۦۚ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ٱلَّذِي فِيهِ تَسۡتَفۡتِيَانِ
Open ayah 12:41ئى زىندانداشلىرىم! (كۆرگەن چۈشۈڭلارغا كەلسەك)، سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ، بۇرۇنقىدەك) خوجايىنىغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار توغرىسىدا (مۇشۇنداق) ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى».
وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُۥ نَاجٖ مِّنۡهُمَا ٱذۡكُرۡنِي عِندَ رَبِّكَ فَأَنسَىٰهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ ذِكۡرَ رَبِّهِۦ فَلَبِثَ فِي ٱلسِّجۡنِ بِضۡعَ سِنِينَ
Open ayah 12:42يۈسۈف ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قۇتۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان بىرىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مېنىڭ گېپىمنى قىلىپ قويغىن» دېگەن ئىدى. ئەمما خوجايىنىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى. بۇ سەۋەبتىن يۈسۈف زىنداندا يەنە بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى.
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ إِنِّيٓ أَرَىٰ سَبۡعَ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعَ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖۖ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ أَفۡتُونِي فِي رُءۡيَٰيَ إِن كُنتُمۡ لِلرُّءۡيَا تَعۡبُرُونَ
Open ayah 12:43پادىشاھ ئېيتتى: «مەن راستتىنلا چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى كاتتىباشلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار».
قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمٖۖ وَمَا نَحۡنُ بِتَأۡوِيلِ ٱلۡأَحۡلَٰمِ بِعَٰلِمِينَ
Open ayah 12:44ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى بىلمەيمىز».
وَقَالَ ٱلَّذِي نَجَا مِنۡهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعۡدَ أُمَّةٍ أَنَا۠ أُنَبِّئُكُم بِتَأۡوِيلِهِۦ فَأَرۡسِلُونِ
Open ayah 12:45ھېلىقى ئىككىسىنىڭ (زىنداندىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئېسىگە ئالغان بىرى: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ تەبىرىنى خەۋەر قىلىمەن، مېنى (دەرھال زىندانغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى.
يُوسُفُ أَيُّهَا ٱلصِّدِّيقُ أَفۡتِنَا فِي سَبۡعِ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعِ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖ لَّعَلِّيٓ أَرۡجِعُ إِلَى ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:46(ئۇ زىندانغا بېرىپ، يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى _ دە) «يۈسۈف! ئى راستچىل كىشى! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاق (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈش) توغرىسىدا بىزگە تەبىر بەرگىن. ئۈمىدكى، مەن كىشىلەرگە (توغرا تەبىر بىلەن) قايتسام، ئۇلار (سېنىڭ قەدىرىڭنى) بىلگەي» دېدى.
قَالَ تَزۡرَعُونَ سَبۡعَ سِنِينَ دَأَبٗا فَمَا حَصَدتُّمۡ فَذَرُوهُ فِي سُنۢبُلِهِۦٓ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تَأۡكُلُونَ
Open ayah 12:47يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئاز بىر قىسمىنى ئادالىغاندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇڭلار.
ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ سَبۡعٞ شِدَادٞ يَأۡكُلۡنَ مَا قَدَّمۡتُمۡ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تُحۡصِنُونَ
Open ayah 12:48شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىنى يەيسىلەر.
ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ عَامٞ فِيهِ يُغَاثُ ٱلنَّاسُ وَفِيهِ يَعۡصِرُونَ
Open ayah 12:49شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) بىر يىل كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل _ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر (مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى) سىقىپ چىقىرىدۇ».
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦۖ فَلَمَّا جَآءَهُ ٱلرَّسُولُ قَالَ ٱرۡجِعۡ إِلَىٰ رَبِّكَ فَسۡـَٔلۡهُ مَا بَالُ ٱلنِّسۡوَةِ ٱلَّٰتِي قَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيۡدِهِنَّ عَلِيمٞ
Open ayah 12:50(بۇلارنى ئاڭلىغان) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ يېنىغا بارغاندا، (يۈسۈف ئۇنىڭغا): «سەن خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان ئاياللارنىڭ دەردى نېمىكەن؟ سوراپ باققىن. شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
قَالَ مَا خَطۡبُكُنَّ إِذۡ رَٰوَدتُّنَّ يُوسُفَ عَن نَّفۡسِهِۦۚ قُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا عَلِمۡنَا عَلَيۡهِ مِن سُوٓءٖۚ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡـَٰٔنَ حَصۡحَصَ ٱلۡحَقُّ أَنَا۠ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 12:51پادىشاھ (ھېلىقى ئاياللارنى يىغىپ): «سىلەر يۈسۈفنى ئۆزۈڭلارغا تارتماقچى بولغاندا، ھەقىقىي ئەھۋال قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، بىز ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر گۇناھ بارلىقىنى بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولغان ئىدىم. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى.
ذَٰلِكَ لِيَعۡلَمَ أَنِّي لَمۡ أَخُنۡهُ بِٱلۡغَيۡبِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي كَيۡدَ ٱلۡخَآئِنِينَ
Open ayah 12:52(ئەزىزنىڭ ئايالى ئېيتتى) «بۇ (يەنى يۈسۈفنى ئاقلاپ، ئۆز گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلىشىم) يۈسۈف يوق چاغدا، مېنىڭ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى (ئۇنىڭغا) بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى».
۞وَمَآ أُبَرِّئُ نَفۡسِيٓۚ إِنَّ ٱلنَّفۡسَ لَأَمَّارَةُۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّيٓۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 12:53(ئەزىزنىڭ ئايالى يەنە دېدىكى): «(مەن بۇنىڭ بىلەن) ئۆزۈمنى ئاقلىماقچىمۇ ئەمەسمەن. چۈنكى، رەببىم رەھىم قىلمىسا، نەپس دېگەن ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرىغۇچىدۇر. رەببىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦٓ أَسۡتَخۡلِصۡهُ لِنَفۡسِيۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلۡيَوۡمَ لَدَيۡنَا مَكِينٌ أَمِينٞ
Open ayah 12:54پادىشاھ: «يۈسۈفنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئۇ يۈسۈف بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈپ: «ھەقىقەتەن سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى.
قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ
Open ayah 12:55يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن. چۈنكى، مەن ئۇنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە (بۇ ئىشنى) بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى.
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَتَبَوَّأُ مِنۡهَا حَيۡثُ يَشَآءُۚ نُصِيبُ بِرَحۡمَتِنَا مَن نَّشَآءُۖ وَلَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 12:56شۇنىڭدەك، بىز يۈسۈفكە خالىغان يەردە تۇرۇپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سالاھىيەت بەردۇق. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان كىشىگە نېسىپ قىلىمىز، (ياخشى ئەمەللەرنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز.
وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
Open ayah 12:57ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھلاردىن) ساقلانغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
وَجَآءَ إِخۡوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَعَرَفَهُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ
Open ayah 12:58يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى.
وَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ قَالَ ٱئۡتُونِي بِأَخٖ لَّكُم مِّنۡ أَبِيكُمۡۚ أَلَا تَرَوۡنَ أَنِّيٓ أُوفِي ٱلۡكَيۡلَ وَأَنَا۠ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ
Open ayah 12:59يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
فَإِن لَّمۡ تَأۡتُونِي بِهِۦ فَلَا كَيۡلَ لَكُمۡ عِندِي وَلَا تَقۡرَبُونِ
Open ayah 12:60ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار».
قَالُواْ سَنُرَٰوِدُ عَنۡهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَٰعِلُونَ
Open ayah 12:61ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز بۇنى چوقۇم قىلىمىز» دېدى.
وَقَالَ لِفِتۡيَٰنِهِ ٱجۡعَلُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ فِي رِحَالِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَعۡرِفُونَهَآ إِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 12:62يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (ئاشلىق سېتىۋالغان) پۇل _ ماللىرىنى يۈك _ تاقلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى.
فَلَمَّا رَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيهِمۡ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مُنِعَ مِنَّا ٱلۡكَيۡلُ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَآ أَخَانَا نَكۡتَلۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
Open ayah 12:63ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرىلمەيدىغان بولدى، ئۇكىمىز (بۇنيامىن)نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايدىكەنمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى.
قَالَ هَلۡ ءَامَنُكُمۡ عَلَيۡهِ إِلَّا كَمَآ أَمِنتُكُمۡ عَلَىٰٓ أَخِيهِ مِن قَبۡلُ فَٱللَّهُ خَيۡرٌ حَٰفِظٗاۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
Open ayah 12:64يەئقۇب ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇ توغرىسىدا مەن ئىلگىرى سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭ قېرىندىشى (يۈسۈف)نىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىمەن؟ (مەن ئۇنى پەقەت ئاللاھقا ئامانەت قىلىمەن) ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ئۇ شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىدۇر».
وَلَمَّا فَتَحُواْ مَتَٰعَهُمۡ وَجَدُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ رُدَّتۡ إِلَيۡهِمۡۖ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا نَبۡغِيۖ هَٰذِهِۦ بِضَٰعَتُنَا رُدَّتۡ إِلَيۡنَاۖ وَنَمِيرُ أَهۡلَنَا وَنَحۡفَظُ أَخَانَا وَنَزۡدَادُ كَيۡلَ بَعِيرٖۖ ذَٰلِكَ كَيۡلٞ يَسِيرٞ
Open ayah 12:65ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) پۇل _ ماللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ پۇل _ ماللىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلەلەيمىز، بىز ئۇكىمىزنى (ئوبدان) مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالالايمىز. بۇ (پادىشاھقا نىسبەتەن) ئازغىنە ئاشلىقتۇر» دېدى.
قَالَ لَنۡ أُرۡسِلَهُۥ مَعَكُمۡ حَتَّىٰ تُؤۡتُونِ مَوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ لَتَأۡتُنَّنِي بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يُحَاطَ بِكُمۡۖ فَلَمَّآ ءَاتَوۡهُ مَوۡثِقَهُمۡ قَالَ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ
Open ayah 12:66يەئقۇب ئېيتتى: «سىلەر قورشىلىپلا قالمىساڭلار (يەنى چارىسىز ھالغا چۈشۈپلا قالمىساڭلار) ئۇنى (بۇنيامىننى) چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە، ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى.
وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ
Open ayah 12:67(ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (شەھەرگە) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا _ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئەمما مەن سىلەردىن ئاللاھتىن (كېلىدىغان) ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم، تايانغۇچىلار ئاللاھقىلا تايانسۇن!» دېدى.
وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:68ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە (شەھەرگە باشقا _ باشقا دەرۋازىلاردىن) كىرگەندە، (بۇ تەدبىر) يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى تىلەكنى ئورۇنداشتىن باشقا ئاللاھتىن (كەلگەن) ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن توسۇپ قالالمىدى. شەكسىزكى، يەئقۇب بىزنىڭ ئۆگىتىشىمىز سايىسىدا ئەلۋەتتە بىر بىلىم ئىگىسى ئىدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَخَاهُۖ قَالَ إِنِّيٓ أَنَا۠ أَخُوكَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 12:69ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ ئاكاڭ بولىمەن. ئۇلارنىڭ (بىزگە) قىلغانلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى.
فَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ جَعَلَ ٱلسِّقَايَةَ فِي رَحۡلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا ٱلۡعِيرُ إِنَّكُمۡ لَسَٰرِقُونَ
Open ayah 12:70يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، بىر سۇ قاچىسىنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە (تۇيدۇرماي) سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكارچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى.
قَالُواْ وَأَقۡبَلُواْ عَلَيۡهِم مَّاذَا تَفۡقِدُونَ
Open ayah 12:71(يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دېدى.
قَالُواْ نَفۡقِدُ صُوَاعَ ٱلۡمَلِكِ وَلِمَن جَآءَ بِهِۦ حِمۡلُ بَعِيرٖ وَأَنَا۠ بِهِۦ زَعِيمٞ
Open ayah 12:72ئۇلار: «پادىشاھنىڭ سۇ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق (مۇكاپات) بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى.
قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ عَلِمۡتُم مَّا جِئۡنَا لِنُفۡسِدَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كُنَّا سَٰرِقِينَ
Open ayah 12:73(يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى.
قَالُواْ فَمَا جَزَٰٓؤُهُۥٓ إِن كُنتُمۡ كَٰذِبِينَ
Open ayah 12:74ئۇلار: «ئەگەر سىلەر يالغانچى چىقىپ قالساڭلار، ئۇ چاغدا (سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا) ئوغرىنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟» دېدى.
قَالُواْ جَزَٰٓؤُهُۥ مَن وُجِدَ فِي رَحۡلِهِۦ فَهُوَ جَزَٰٓؤُهُۥۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 12:75(يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى): «ئۇنىڭ جازاسى (ئوغرىلانغان نەرسە) كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئاشۇ (كىشىنى قۇل قىلىش) ئۇنىڭ جازاسىدۇر. بىز (ئوغرىلىق قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى.
فَبَدَأَ بِأَوۡعِيَتِهِمۡ قَبۡلَ وِعَآءِ أَخِيهِ ثُمَّ ٱسۡتَخۡرَجَهَا مِن وِعَآءِ أَخِيهِۚ كَذَٰلِكَ كِدۡنَا لِيُوسُفَۖ مَا كَانَ لِيَأۡخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ ٱلۡمَلِكِ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ وَفَوۡقَ كُلِّ ذِي عِلۡمٍ عَلِيمٞ
Open ayah 12:76يۈسۈف ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئاكىلىرىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن سۇ قاچىسىنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق. (چۈنكى) پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە ئۇ ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى. ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى. بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىملىكنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك بىرى بار.
۞قَالُوٓاْ إِن يَسۡرِقۡ فَقَدۡ سَرَقَ أَخٞ لَّهُۥ مِن قَبۡلُۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفۡسِهِۦ وَلَمۡ يُبۡدِهَا لَهُمۡۚ قَالَ أَنتُمۡ شَرّٞ مَّكَانٗاۖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
Open ayah 12:77ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئىلگىرى ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ ئوغرىلىق قىلغان ئىدى» دېيىشتى. يۈسۈف بۇنى ئىچىدە ساقلىدى، ئۇلارغا چاندۇرمىدى، (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار تېخىمۇ يامان، ئاللاھ سىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
قَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ إِنَّ لَهُۥٓ أَبٗا شَيۡخٗا كَبِيرٗا فَخُذۡ أَحَدَنَا مَكَانَهُۥٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 12:78ئۇلار: «ئى ئەزىز [70] ! ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان بىر ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، شەكسىزكى، بىز سېنى ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى.
- «ئەزىز» دېگەن سۆز مىسىرنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئۈچۈن بىر ئۇنۋان سۈپىتىدە قوللىنىلاتتى. (ئەيسەرۇتتەفاسىر2- توم، 636-بەت) .
قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِ أَن نَّأۡخُذَ إِلَّا مَن وَجَدۡنَا مَتَٰعَنَا عِندَهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّظَٰلِمُونَ
Open ayah 12:79يۈسۈف: «بىز نەرسىمىزنى يۈكىدىن تاپقان كىشىدىن باشقىسىنى ئېلىپ قېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن! (ئەگەر شۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.
فَلَمَّا ٱسۡتَيۡـَٔسُواْ مِنۡهُ خَلَصُواْ نَجِيّٗاۖ قَالَ كَبِيرُهُمۡ أَلَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ أَبَاكُمۡ قَدۡ أَخَذَ عَلَيۡكُم مَّوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَمِن قَبۡلُ مَا فَرَّطتُمۡ فِي يُوسُفَۖ فَلَنۡ أَبۡرَحَ ٱلۡأَرۡضَ حَتَّىٰ يَأۡذَنَ لِيٓ أَبِيٓ أَوۡ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ لِيۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ
Open ayah 12:80ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) تامامەن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ چىن ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدا كەتكۈزۈپ قويغىنىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغۇچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيكُمۡ فَقُولُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّ ٱبۡنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدۡنَآ إِلَّا بِمَا عَلِمۡنَا وَمَا كُنَّا لِلۡغَيۡبِ حَٰفِظِينَ
Open ayah 12:81سىلەر ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ (بۇنيامىن) راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيىبنى بىلمەيمىز.
وَسۡـَٔلِ ٱلۡقَرۡيَةَ ٱلَّتِي كُنَّا فِيهَا وَٱلۡعِيرَ ٱلَّتِيٓ أَقۡبَلۡنَا فِيهَاۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
Open ayah 12:82بىز تۇرغان شەھەردىن (مىسىر ئاھالىسىدىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىز چوقۇم راست سۆزلەۋاتىمىز».
قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٌۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَأۡتِيَنِي بِهِمۡ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 12:83يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بىر قەبىھ ئىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپتۇ، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ (يۈسۈف، بۇنيامىن ۋە رۇبىل[71] قاتارلىق ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
- رۇبىل _ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا قالغان ئوغلىنىڭ ئىسمىدۇر. ( ئەيسەرۇتتەفاسىر2- توم، 639-بەت) .
وَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰٓأَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَٱبۡيَضَّتۡ عَيۡنَاهُ مِنَ ٱلۡحُزۡنِ فَهُوَ كَظِيمٞ
Open ayah 12:84يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئاھ يۈسۈف!» دېدى، قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى.
قَالُواْ تَٱللَّهِ تَفۡتَؤُاْ تَذۡكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوۡ تَكُونَ مِنَ ٱلۡهَٰلِكِينَ
Open ayah 12:85ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ئويلاۋېرىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىدىغان ياكى ھالاك قىلىدىغان بولدۇڭ» دېدى.
قَالَ إِنَّمَآ أَشۡكُواْ بَثِّي وَحُزۡنِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَأَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:86يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ _ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
يَٰبَنِيَّ ٱذۡهَبُواْ فَتَحَسَّسُواْ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَاْيۡـَٔسُواْ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ لَا يَاْيۡـَٔسُ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 12:87ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ».
فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَيۡهِ قَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهۡلَنَا ٱلضُّرُّ وَجِئۡنَا بِبِضَٰعَةٖ مُّزۡجَىٰةٖ فَأَوۡفِ لَنَا ٱلۡكَيۡلَ وَتَصَدَّقۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَجۡزِي ٱلۡمُتَصَدِّقِينَ
Open ayah 12:88(يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا قايتا كېلىپ) ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ دېدىكى، «ئى ئەزىز! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى. (ئالدىڭغا) ئەرزىمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، سەن بىزگە (بۇرۇن بەرگەندەك) ئاشلىقنى تولۇق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن. چۈنكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ».
قَالَ هَلۡ عَلِمۡتُم مَّا فَعَلۡتُم بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذۡ أَنتُمۡ جَٰهِلُونَ
Open ayah 12:89يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى.
قَالُوٓاْ أَءِنَّكَ لَأَنتَ يُوسُفُۖ قَالَ أَنَا۠ يُوسُفُ وَهَٰذَآ أَخِيۖ قَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَآۖ إِنَّهُۥ مَن يَتَّقِ وَيَصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 12:90ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «(ھەئە) مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزگە مەرھەمەت قىلدى. چۈنكى، كىمكى تەقۋالىق قىلىدىكەن ۋە سەۋر قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ ءَاثَرَكَ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَإِن كُنَّا لَخَٰطِـِٔينَ
Open ayah 12:91ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى.
قَالَ لَا تَثۡرِيبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَۖ يَغۡفِرُ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
Open ayah 12:92يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىدۇر.
ٱذۡهَبُواْ بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلۡقُوهُ عَلَىٰ وَجۡهِ أَبِي يَأۡتِ بَصِيرٗا وَأۡتُونِي بِأَهۡلِكُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 12:93سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە يېپىڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلەردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار».
وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلۡعِيرُ قَالَ أَبُوهُمۡ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَۖ لَوۡلَآ أَن تُفَنِّدُونِ
Open ayah 12:94كارۋان (مىسىردىن) قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى (يېنىدىكىلەرگە): «مەن ھەقىقەتەن يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، ئەگەر سىلەر مېنى ئالجىپ قاپتۇ دېمەيدىغان بولساڭلار (مەن ئۇنى ھايات دەيتتىم)» دېدى.
قَالُواْ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَٰلِكَ ٱلۡقَدِيمِ
Open ayah 12:95ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن تېخىچە بۇرۇنقى خاتا قارىشىڭدا ئىكەنسەن» دېدى.
فَلَمَّآ أَن جَآءَ ٱلۡبَشِيرُ أَلۡقَىٰهُ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ فَٱرۡتَدَّ بَصِيرٗاۖ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 12:96خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە يېپىۋىدى، ئۇنىڭ كۆزى دەرھال ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى.
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا ٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَآ إِنَّا كُنَّا خَٰطِـِٔينَ
Open ayah 12:97ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن (ئاللاھتىن) بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن. چۈنكى، بىز راستتىنلا گۇناھكارلاردىن بوپتىمىز» دېيىشتى.
قَالَ سَوۡفَ أَسۡتَغۡفِرُ لَكُمۡ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 12:98يەئقۇب: «كېيىنچە رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن، رەببىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» دېدى.
فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَبَوَيۡهِ وَقَالَ ٱدۡخُلُواْ مِصۡرَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ
Open ayah 12:99ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا _ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خالىسا، مىسىرغا ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار!» دېدى.
وَرَفَعَ أَبَوَيۡهِ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ وَخَرُّواْ لَهُۥ سُجَّدٗاۖ وَقَالَ يَٰٓأَبَتِ هَٰذَا تَأۡوِيلُ رُءۡيَٰيَ مِن قَبۡلُ قَدۡ جَعَلَهَا رَبِّي حَقّٗاۖ وَقَدۡ أَحۡسَنَ بِيٓ إِذۡ أَخۡرَجَنِي مِنَ ٱلسِّجۡنِ وَجَآءَ بِكُم مِّنَ ٱلۡبَدۡوِ مِنۢ بَعۡدِ أَن نَّزَغَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بَيۡنِي وَبَيۡنَ إِخۡوَتِيٓۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٞ لِّمَا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 12:100(يۈسۈف) ئاتا _ ئانىسىنى تەختىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار يۈسۈفكە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىشتى[72]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر. رەببىم ئۇ چۈشۈمنى ھەقىقەتەن راستقا چىقاردى. شەيتان قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى بۇزغاندىن كېيىن، رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش ۋە سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. رەببىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، چۈنكى، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
- ئۇلارنىڭ شەرىئىتىدە ھۆرمەت ئۈچۈن ئىنسانغا سەجدە قىلىش جائىز ئىدى، ئەمما بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە جائىز ئەمەس.
۞رَبِّ قَدۡ ءَاتَيۡتَنِي مِنَ ٱلۡمُلۡكِ وَعَلَّمۡتَنِي مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَنتَ وَلِيِّۦ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ تَوَفَّنِي مُسۡلِمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 12:101ئى رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىقتىن (نېسىۋە) ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! سەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، جېنىمنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ئالغىن، مېنى سالىھلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن» دېدى.
ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۖ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ أَجۡمَعُوٓاْ أَمۡرَهُمۡ وَهُمۡ يَمۡكُرُونَ
Open ayah 12:102(ئى پەيغەمبەر!) مانا بۇلار غەيىب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتىمىز. (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) ھىيلە _ مىكىر بىلەن ئىشلىرىنى قارارلاشتۇرغاندا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
وَمَآ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ وَلَوۡ حَرَصۡتَ بِمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 12:103سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.
وَمَا تَسۡـَٔلُهُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 12:104سەن بۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايسەن. ئۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەتلا ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
وَكَأَيِّن مِّنۡ ءَايَةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ يَمُرُّونَ عَلَيۡهَا وَهُمۡ عَنۡهَا مُعۡرِضُونَ
Open ayah 12:105ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
وَمَا يُؤۡمِنُ أَكۡثَرُهُم بِٱللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشۡرِكُونَ
Open ayah 12:106ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنگەندىمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.
أَفَأَمِنُوٓاْ أَن تَأۡتِيَهُمۡ غَٰشِيَةٞ مِّنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ أَوۡ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 12:107ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ قورشىغۇچى ئازابلىرىدىن بىر ئازابنىڭ چۈشۈشىدىن ياكى ئۆزلىرى سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟
قُلۡ هَٰذِهِۦ سَبِيلِيٓ أَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا۠ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِيۖ وَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 12:108(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، مەن (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر ئوپئوچۇق دەلىل _ ئىسپاتقا ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰٓۗ أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۗ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 12:109بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت يۇرت ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق. (مۇشرىكلار) يەر يۈزىدە كېزىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. سىلەر تېخىچە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
حَتَّىٰٓ إِذَا ٱسۡتَيۡـَٔسَ ٱلرُّسُلُ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ قَدۡ كُذِبُواْ جَآءَهُمۡ نَصۡرُنَا فَنُجِّيَ مَن نَّشَآءُۖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُنَا عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 12:110ھەتتا پەيغەمبەرلەر ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە يالغانغا چىقىرىلىدىغان بولدۇق دەپ تۇرغاندا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ.
لَقَدۡ كَانَ فِي قَصَصِهِمۡ عِبۡرَةٞ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِۗ مَا كَانَ حَدِيثٗا يُفۡتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 12:111ئۇلارنىڭ (يەنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ) قىسسىلىرىدە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. (بۇ قۇرئان) توقۇپ چىقىرىلغان سۆز ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن (ساماۋى كىتابلار)نى تەستىقلىغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.