الرعد

Ar-Ra'd

The Thunder · Surah 13 · Ayahs: 43 · Medinan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓمٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِۗ وَٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ ٱلۡحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 13:1

    ئەلىف. لام. مىيم. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار كىتابنىڭ (قۇرئاننىڭ) ئايەتلىرىدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (بۇ قۇرئان) ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ.

  2. ٱللَّهُ ٱلَّذِي رَفَعَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمۡ تُوقِنُونَ

    Open ayah 13:2

    ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرۈۋاتقاندەك تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلغان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن، كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

  3. وَهُوَ ٱلَّذِي مَدَّ ٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۡهَٰرٗاۖ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ يُغۡشِي ٱلَّيۡلَ ٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

    Open ayah 13:3

    ئۇ يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتقان، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى بەرپا قىلغان، مېۋىلەردىن ھەربىر تۈرىنى ئەركەك _ چىشى — ئىككى (جىنسلىق) قىلىپ ياراتقان زاتتۇر، ئۇ كۈندۈزنى كېچە بىلەن يېپىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  4. وَفِي ٱلۡأَرۡضِ قِطَعٞ مُّتَجَٰوِرَٰتٞ وَجَنَّٰتٞ مِّنۡ أَعۡنَٰبٖ وَزَرۡعٞ وَنَخِيلٞ صِنۡوَانٞ وَغَيۡرُ صِنۡوَانٖ يُسۡقَىٰ بِمَآءٖ وَٰحِدٖ وَنُفَضِّلُ بَعۡضَهَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلۡأُكُلِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 13:4

    يەر يۈزىدە بىر _ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قىتئەلەر، ئۈزۈملۈك باغلار، تۈرلۈك زىرائەتلەر، شاخلىغان ۋە شاخلىمىغان خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. (ئەمما ئۇلارنىڭ) بەزىسىنى بەزىسىدىن تەملىك قىلىمىز. شەكسىزكى، بۇلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  5. ۞وَإِن تَعۡجَبۡ فَعَجَبٞ قَوۡلُهُمۡ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا أَءِنَّا لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدٍۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡأَغۡلَٰلُ فِيٓ أَعۡنَاقِهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

    Open ayah 13:5

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، كاپىرلارنىڭ: «بىز توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىكتۇر. ئەنە شۇلار رەببىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

  6. وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبۡلَ ٱلۡحَسَنَةِ وَقَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِمُ ٱلۡمَثُلَٰتُۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلۡمِهِمۡۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 13:6

    ئۇلار سەندىن ياخشىلىقتىن ئىلگىرى يامانلىقنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنىڭ) تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى (ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنكارچى قەۋملەرگە) كۆپلىگەن ئازابلار كەلگەن ئىدى (ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇلاردىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟). ئىنسانلار يولسىزلىق قىلسىمۇ، (تەۋبە قىلسىلا) رەببىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن مەغپىرەت ئىگىسىدۇر. (تەۋبە قىلمىسا) رەببىڭنىڭ ئازابى تولىمۇ قاتتىقتۇر.

  7. وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦٓۗ إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرٞۖ وَلِكُلِّ قَوۡمٍ هَادٍ

    Open ayah 13:7

    كاپىرلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغاندەك) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېيىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ھەربىر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەتكە چاقىرغۇچىسى بولىدۇ.

  8. ٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَحۡمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلۡأَرۡحَامُ وَمَا تَزۡدَادُۚ وَكُلُّ شَيۡءٍ عِندَهُۥ بِمِقۡدَارٍ

    Open ayah 13:8

    ھەربىر چىشىنىڭ نېمىگە ھامىلىدار بولغانلىقىنى، بالىياتقۇلارنىڭ نېمىنى كېمەيتىپ نېمىنى زىيادە قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ھامىلىنىڭ مۇددىتى توشماي ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر.

  9. عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡكَبِيرُ ٱلۡمُتَعَالِ

    Open ayah 13:9

    ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر.

  10. سَوَآءٞ مِّنكُم مَّنۡ أَسَرَّ ٱلۡقَوۡلَ وَمَن جَهَرَ بِهِۦ وَمَنۡ هُوَ مُسۡتَخۡفِۭ بِٱلَّيۡلِ وَسَارِبُۢ بِٱلنَّهَارِ 

    Open ayah 13:10

    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھنىڭ ئىلىمىگە نىسبەتەن) ئوخشاشتۇر.

  11. لَهُۥ مُعَقِّبَٰتٞ مِّنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ يَحۡفَظُونَهُۥ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ سُوٓءٗا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ

    Open ayah 13:11

    ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى _ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. شەكسىزكى، ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ قانداقلا بىر قەۋمگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ھېچقانداق قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىگىمۇ چىقمايدۇ.

  12. هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنشِئُ ٱلسَّحَابَ ٱلثِّقَالَ

    Open ayah 13:12

    ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدىغان ۋە قويۇق ئېغىر بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدىغان زاتتۇر!

  13. وَيُسَبِّحُ ٱلرَّعۡدُ بِحَمۡدِهِۦ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مِنۡ خِيفَتِهِۦ وَيُرۡسِلُ ٱلصَّوَٰعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَن يَشَآءُ وَهُمۡ يُجَٰدِلُونَ فِي ٱللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ ٱلۡمِحَالِ

    Open ayah 13:13

    گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، كاپىرلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىۋاتقاندا ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.

  14. لَهُۥ دَعۡوَةُ ٱلۡحَقِّۚ وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسۡتَجِيبُونَ لَهُم بِشَيۡءٍ إِلَّا كَبَٰسِطِ كَفَّيۡهِ إِلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَٰلِغِهِۦۚ وَمَا دُعَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ

    Open ayah 13:14

    ھەقىقىي دۇئا ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىغا يالۋۇرغانلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ. ئۇلار ئېغىزىمغا سۇ يەتسۇن دەپ ئىككى ئالىقىنىنى (يىراقتىن) سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرغان ئادەمگىلا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، سۇ (ئاڭلىمايدىغان، ھېس قىلمايدىغان نەرسە بولغاچقا) ھەرگىز ئۇنىڭ ئېغىزىغا يەتمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ (مەبۇدلىرىغا قىلغان) دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر.

  15. وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ طَوۡعٗا وَكَرۡهٗا وَظِلَٰلُهُم بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ۩

    Open ayah 13:15

    ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (بەزىسى) ئىختىيارىي ۋە (بەزىسى) مەجبۇرىي يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ.

  16. قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ قُلِ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ لَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ نَفۡعٗا وَلَا ضَرّٗاۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ أَمۡ هَلۡ تَسۡتَوِي ٱلظُّلُمَٰتُ وَٱلنُّورُۗ أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ

    Open ayah 13:16

    (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ رەببى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بەرگىن. (يەنە ئۇلارغا) «(شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ پايدا _ زىيىنىغا ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ياكى (ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى) ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش يارىتالايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قېلىپ، (ئۇ مەبۇدلىرىنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر».

  17. أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَالَتۡ أَوۡدِيَةُۢ بِقَدَرِهَا فَٱحۡتَمَلَ ٱلسَّيۡلُ زَبَدٗا رَّابِيٗاۖ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيۡهِ فِي ٱلنَّارِ ٱبۡتِغَآءَ حِلۡيَةٍ أَوۡ مَتَٰعٖ زَبَدٞ مِّثۡلُهُۥۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡحَقَّ وَٱلۡبَٰطِلَۚ فَأَمَّا ٱلزَّبَدُ فَيَذۡهَبُ جُفَآءٗۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ فَيَمۡكُثُ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ

    Open ayah 13:17

    ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى _ دە، يامغۇر جىلغىلاردا لىقمۇلىق ئاقتى. كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى. كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلغا مۇشۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ. كۆپۈك پارچىلىنىپ يوقىلىدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.

  18. لِلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِرَبِّهِمُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُۥ لَوۡ أَنَّ لَهُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفۡتَدَوۡاْ بِهِۦٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ سُوٓءُ ٱلۡحِسَابِ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ

    Open ayah 13:18

    رەببىنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل مۇكاپات بار. ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، يەنە شۇنىڭ بىر ھەسسىسى ئۇلارنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىديە قىلىپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. ھېسابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەنە شۇلارغا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!

  19. ۞أَفَمَن يَعۡلَمُ أَنَّمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ ٱلۡحَقُّ كَمَنۡ هُوَ أَعۡمَىٰٓۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 13:19

    (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ئۇنى بىلمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ.

  20. ٱلَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَلَا يَنقُضُونَ ٱلۡمِيثَٰقَ 

    Open ayah 13:20

    ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ[73]، (بەرگەن) ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ،

    1. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 27 _ ئايىتىگە بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
  21. وَٱلَّذِينَ يَصِلُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيَخۡشَوۡنَ رَبَّهُمۡ وَيَخَافُونَ سُوٓءَ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 13:21

    ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۇلايدۇ، رەببىدىن ئەيمىنىدۇ ۋە قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىن قورقىدۇ.

  22. وَٱلَّذِينَ صَبَرُواْ ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِمۡ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ وَيَدۡرَءُونَ بِٱلۡحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عُقۡبَى ٱلدَّارِ

    Open ayah 13:22

    ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغان ۋە ياخشى ئەمەلى ئارقىلىق يامانلىقنى توسىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.

  23. جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا وَمَن صَلَحَ مِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَأَزۡوَٰجِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَدۡخُلُونَ عَلَيۡهِم مِّن كُلِّ بَابٖ

    Open ayah 13:23

    (ياخشى ئاقىۋەت) دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى، جۈپتىلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى سالىھلارمۇ ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر (جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ، (ئۇلارغا): «چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ. [23 _ 24]

  24. سَلَٰمٌ عَلَيۡكُم بِمَا صَبَرۡتُمۡۚ فَنِعۡمَ عُقۡبَى ٱلدَّارِ

    Open ayah 13:24

    (ياخشى ئاقىۋەت) دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى، جۈپتىلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى سالىھلارمۇ ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر (جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ، (ئۇلارغا): «چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ. [23 _ 24]

  25. وَٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱللَّعۡنَةُ وَلَهُمۡ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

    Open ayah 13:25

    ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان نەرسىنى (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، تۇغقانچىلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى) ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر — ئەنە شۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) تۇرارجايى بەكمۇ يامان بولىدۇ.

  26. ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ وَفَرِحُواْ بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا مَتَٰعٞ

    Open ayah 13:26

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (كاپىرلار) دۇنيا ھاياتى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتتى. ھالبۇكى، دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتنىڭ ئالدىدا (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  27. وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَنۡ أَنَابَ

    Open ayah 13:27

    كاپىرلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) «شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى (ئاسىيلىقى تۈپەيلىدىن) ئازدۇرىدۇ ۋە تەۋبە قىلغان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىنىغا يېتەكلەيدۇ» دېگىن.

  28. ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَتَطۡمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكۡرِ ٱللَّهِۗ أَلَا بِذِكۡرِ ٱللَّهِ تَطۡمَئِنُّ ٱلۡقُلُوبُ

    Open ayah 13:28

    ئۇلار ئىمان ئېيتقان، دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.

  29. ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ طُوبَىٰ لَهُمۡ وَحُسۡنُ مَـَٔابٖ

    Open ayah 13:29

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇشال ھايات ۋە گۈزەل قارارگاھ بار.

  30. كَذَٰلِكَ أَرۡسَلۡنَٰكَ فِيٓ أُمَّةٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهَآ أُمَمٞ لِّتَتۡلُوَاْ عَلَيۡهِمُ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَهُمۡ يَكۡفُرُونَ بِٱلرَّحۡمَٰنِۚ قُلۡ هُوَ رَبِّي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ مَتَابِ 

    Open ayah 13:30

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، بۇلار رەھمان ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا. ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىمەن».

  31. وَلَوۡ أَنَّ قُرۡءَانٗا سُيِّرَتۡ بِهِ ٱلۡجِبَالُ أَوۡ قُطِّعَتۡ بِهِ ٱلۡأَرۡضُ أَوۡ كُلِّمَ بِهِ ٱلۡمَوۡتَىٰۗ بَل لِّلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ جَمِيعًاۗ أَفَلَمۡ يَاْيۡـَٔسِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن لَّوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَهَدَى ٱلنَّاسَ جَمِيعٗاۗ وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُواْ قَارِعَةٌ أَوۡ تَحُلُّ قَرِيبٗا مِّن دَارِهِمۡ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ وَعۡدُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخۡلِفُ ٱلۡمِيعَادَ

    Open ayah 13:31

    مۇبادا بىر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن تاغلار يۆتكەلگەن ياكى يەر يېرىلغان ۋەياكى ئۆلۈكلەر سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، (ئۇلار بەرىبىر ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۇئمىنلەر ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ (مۇئمىنلەرگە بەرگەن) ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، ھامان تۈرلۈك بالايىئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ياكى بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ.

  32. وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَمۡلَيۡتُ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ ثُمَّ أَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ عِقَابِ

    Open ayah 13:32

    سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، (شۇڭا سەنمۇ قايغۇرمىغىن). كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى جازالىغان ئىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟

  33. أَفَمَنۡ هُوَ قَآئِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۗ وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ قُلۡ سَمُّوهُمۡۚ أَمۡ تُنَبِّـُٔونَهُۥ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَم بِظَٰهِرٖ مِّنَ ٱلۡقَوۡلِۗ بَلۡ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ مَكۡرُهُمۡ وَصُدُّواْ عَنِ ٱلسَّبِيلِۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ

    Open ayah 13:33

    ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان (نەرسە بار دەپ، ئۇ) نەرسىنى ئاللاھقا بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ ياكى (ئاساسى يوق) قۇرۇق گەپ بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئاتاۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ ھىلە - مىكىرلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭغا ھېچبىر ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.

  34. لَّهُمۡ عَذَابٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَشَقُّۖ وَمَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٖ

    Open ayah 13:34

    ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا بىر ئازاب بار، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.

  35. ۞مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ أُكُلُهَا دَآئِمٞ وَظِلُّهَاۚ تِلۡكَ عُقۡبَى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْۚ وَّعُقۡبَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٱلنَّارُ

    Open ayah 13:35

    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا دوزاختۇر.

  36. وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَفۡرَحُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَۖ وَمِنَ ٱلۡأَحۡزَابِ مَن يُنكِرُ بَعۡضَهُۥۚ قُلۡ إِنَّمَآ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱللَّهَ وَلَآ أُشۡرِكَ بِهِۦٓۚ إِلَيۡهِ أَدۡعُواْ وَإِلَيۡهِ مَـَٔابِ

    Open ayah 13:36

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز كىتاب بەرگەنلەر ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان بىلەن خۇشاللىنىدۇ. پەقەت (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ بەزى جايلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، مەن (ئىنسانلارنى) پەقەت شۇنىڭغىلا دەۋەت قىلىمەن، مېنىڭ قايتىدىغان يېرىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر».

  37. وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ حُكۡمًا عَرَبِيّٗاۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم بَعۡدَمَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا وَاقٖ

    Open ayah 13:37

    شۇنىڭدەك (يەنى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب چۈشۈرگىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىجرا قىلىنىدىغان) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق. ناۋادا ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قوغداپ قالغۇچى بولمايدۇ.

  38. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَذُرِّيَّةٗۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ لِكُلِّ أَجَلٖ كِتَابٞ

    Open ayah 13:38

    شەكسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغا ئاياللار ۋە بالىلارنى بەرگەن ئىدۇق، ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر مۇددەتنىڭ (مۇئەييەن) چېكى بولىدۇ.

  39. يَمۡحُواْ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ وَيُثۡبِتُۖ وَعِندَهُۥٓ أُمُّ ٱلۡكِتَٰبِ

    Open ayah 13:39

    ئاللاھ (ئۇنىڭدىن) خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز پېتى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھفۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.

  40. وَإِن مَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُ وَعَلَيۡنَا ٱلۡحِسَابُ 

    Open ayah 13:40

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب)نىڭ بىر قىسمىنى (ئۇلارغا چۈشۈرۈش بىلەن) ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەتلا دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.

  41. أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا نَأۡتِي ٱلۡأَرۡضَ نَنقُصُهَا مِنۡ أَطۡرَافِهَاۚ وَٱللَّهُ يَحۡكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكۡمِهِۦۚ وَهُوَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 13:41

    ئۇلار زېمىنلىرىنى بىزنىڭ (تەدرىجىي فەتھى قىلىپ) ئەتراپىدىن تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

  42. وَقَدۡ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَلِلَّهِ ٱلۡمَكۡرُ جَمِيعٗاۖ يَعۡلَمُ مَا تَكۡسِبُ كُلُّ نَفۡسٖۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلۡكُفَّٰرُ لِمَنۡ عُقۡبَى ٱلدَّارِ

    Open ayah 13:42

    ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى) تۇزاق قۇرغان ئىدى. (بارلىق تۇزاقلارنى بەربات قىلىش) تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار كىمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى ئىكەنلىكىنى پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.

  43. وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَسۡتَ مُرۡسَلٗاۚ قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡ وَمَنۡ عِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلۡكِتَٰبِ

    Open ayah 13:43

    (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلار: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر».