ابراهيم

Ibrahim

Abraham · Surah 14 · Ayahs: 52 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓرۚ كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ لِتُخۡرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ

    Open ayah 14:1

    ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). (ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان شۇنداق بىر) كىتابتۇركى، بىز ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى رەببىڭنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا — غالىب، مەدھىيەلەنگۈچى ئاللاھنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.

  2. ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٖ شَدِيدٍ

    Open ayah 14:2

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۆز ئىلكىدە بولغان زاتتۇر! قاتتىق ئازاب تۈپەيلىدىن كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

  3. ٱلَّذِينَ يَسۡتَحِبُّونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا عَلَى ٱلۡأٓخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ

    Open ayah 14:3

    ئۇلار دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئەنە شۇلار چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتىدۇر.

  4. وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوۡمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمۡۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 14:4

    قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتەيلى، بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى) بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغان قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇن قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  5. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ أَنۡ أَخۡرِجۡ قَوۡمَكَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَذَكِّرۡهُم بِأَيَّىٰمِ ٱللَّهِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ

    Open ayah 14:5

    شەكسىزكى، بىز مۇسانى «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى (يەنى نېمەتلىرىنى ۋە جازاسىنى) ئەسلەتكىن» دەپ مۆجىزىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ھەربىر سەۋرچان، كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

  6. وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ أَنجَىٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ

    Open ayah 14:6

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، ئاياللىرىڭلارنى (قىزلىرىڭلارنى خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ بىر سىناق بار ئىدى» دېگەن ئىدى.

  7. وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكُمۡ لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ وَلَئِن كَفَرۡتُمۡ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٞ

    Open ayah 14:7

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

  8. وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِن تَكۡفُرُوٓاْ أَنتُمۡ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ

    Open ayah 14:8

    مۇسا: «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر). چۈنكى، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» دېدى.

  9. أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَا يَعۡلَمُهُمۡ إِلَّا ٱللَّهُۚ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرَدُّوٓاْ أَيۡدِيَهُمۡ فِيٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَقَالُوٓاْ إِنَّا كَفَرۡنَا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ وَإِنَّا لَفِي شَكّٖ مِّمَّا تَدۡعُونَنَآ إِلَيۡهِ مُرِيبٖ

    Open ayah 14:9

    سىلەردىن ئىلگىرىكىلەردىن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلىپ بولالمايدۇ. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇلار (بولدى! بىزگە ئارتۇقچە گەپ قىلغۇچى بولماڭلار دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن) قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى راستتىنلا ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشتىن ھەقىقەتەن چوڭقۇر شەك ئىچىدىمىز» دېدى.

  10. ۞قَالَتۡ رُسُلُهُمۡ أَفِي ٱللَّهِ شَكّٞ فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَدۡعُوكُمۡ لِيَغۡفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرَكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ قَالُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأۡتُونَا بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ 

    Open ayah 14:10

    پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى ئاللاھتا شەك بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلاردىن بىر قىسمىنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى مەلۇم مۇددەتكىچە ياشىتىش ئۈچۈن سىلەرنى (ھەق دىنغا) دەۋەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، سىلەر بىزنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. ئۇنداقتا، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى.

  11. قَالَتۡ لَهُمۡ رُسُلُهُمۡ إِن نَّحۡنُ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ وَمَا كَانَ لَنَآ أَن نَّأۡتِيَكُم بِسُلۡطَٰنٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 14:11

    پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «(توغرا) بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكنى) ئېھسان قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!

  12. وَمَا لَنَآ أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنَا سُبُلَنَاۚ وَلَنَصۡبِرَنَّ عَلَىٰ مَآ ءَاذَيۡتُمُونَاۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ

    Open ayah 14:12

    ئاللاھ بىزنى (مېڭىشقا تېگىشلىك) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلمايمىز؟ سىلەر بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلەرگە ئەلۋەتتە سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى.

  13. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِرُسُلِهِمۡ لَنُخۡرِجَنَّكُم مِّنۡ أَرۡضِنَآ أَوۡ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَاۖ فَأَوۡحَىٰٓ إِلَيۡهِمۡ رَبُّهُمۡ لَنُهۡلِكَنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 14:13

    كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇڭا رەببى ئۇلارغا: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز.

  14. وَلَنُسۡكِنَنَّكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ

    Open ayah 14:14

    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، (ئۇلارنىڭ) زېمىنىدا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز. مانا بۇ مېنىڭ ئالدىمدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» دەپ ۋەھيى قىلدى.

  15. وَٱسۡتَفۡتَحُواْ وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٖ

    Open ayah 14:15

    (پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن) نۇسرەت تىلىۋىدى (ئۇلار نۇسرەتكە ئېرىشتى)، ھەربىر ئۇچىغا چىققان مۇتەكەببىر، گەدەنكەش ھالاك بولدى.

  16. مِّن وَرَآئِهِۦ جَهَنَّمُ وَيُسۡقَىٰ مِن مَّآءٖ صَدِيدٖ

    Open ayah 14:16

    ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، ئۇ، جەھەننەمدە يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ.

  17. يَتَجَرَّعُهُۥ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُۥ وَيَأۡتِيهِ ٱلۡمَوۡتُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٖۖ وَمِن وَرَآئِهِۦ عَذَابٌ غَلِيظٞ

    Open ayah 14:17

    ئۇنى يۇتۇملاپ ئىچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ (ھارارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئۈچەيلىرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ)، ئۆلۈم ئۇنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

  18. مَّثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡۖ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَرَمَادٍ ٱشۡتَدَّتۡ بِهِ ٱلرِّيحُ فِي يَوۡمٍ عَاصِفٖۖ لَّا يَقۡدِرُونَ مِمَّا كَسَبُواْ عَلَىٰ شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَٰلُ ٱلۡبَعِيدُ

    Open ayah 14:18

    رەببىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ (ياخشىلىق دەپ قىلغان) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، قىلغان ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، مانا بۇ قاتتىق ئازغۇنلۇقتۇر.

  19. أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ

    Open ayah 14:19

    ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرىدۇ.

  20. وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ 

    Open ayah 14:20

    بۇ ئاللاھقا (ھەرگىز) قىيىن ئەمەس.

  21. وَبَرَزُواْ لِلَّهِ جَمِيعٗا فَقَالَ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا مِنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ قَالُواْ لَوۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيۡنَٰكُمۡۖ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَجَزِعۡنَآ أَمۡ صَبَرۡنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٖ

    Open ayah 14:21

    (قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ، ئاجىزلىرى ھاكاۋۇر باشلامچىلىرىغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراقىنى بولسىمۇ كۆتۈرۈۋېتەلەمسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغان بولاتتۇق، بىز نالە _ پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ.

  22. وَقَالَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَمَّا قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمۡ وَعۡدَ ٱلۡحَقِّ وَوَعَدتُّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُكُمۡۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوۡتُكُمۡ فَٱسۡتَجَبۡتُمۡ لِيۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوٓاْ أَنفُسَكُمۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصۡرِخِكُمۡ وَمَآ أَنتُم بِمُصۡرِخِيَّ إِنِّي كَفَرۡتُ بِمَآ أَشۡرَكۡتُمُونِ مِن قَبۡلُۗ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 14:22

    (ھېساب ئېلىش ئىشى ئاخىرلىشىپ) ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ھەق ۋەدىنى قىلغان ئىدى (ئۇنىڭغا ۋاپا قىلدى)، مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، مەن (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم. مېنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى. مەن پەقەت سىلەرنى (كۇفرىلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، (بۈگۈن) مەن سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر. مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) زالىملارغا قىينىغۇچى ئازاب بار» دەيدۇ.

  23. وَأُدۡخِلَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡۖ تَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٌ

    Open ayah 14:23

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، بۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇلارغا ئۇ يەردە (ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر تەرىپىدىن) «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن» دەپ سالام بېرىلىدۇ.

  24. أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا كَلِمَةٗ طَيِّبَةٗ كَشَجَرَةٖ طَيِّبَةٍ أَصۡلُهَا ثَابِتٞ وَفَرۡعُهَا فِي ٱلسَّمَآءِ

    Open ayah 14:24

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ياخشى سۆز (كەلىمە تەييىبە) يىلتىزى (يەرنىڭ ئاستىدا) مۇستەھكەم بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، رەببىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋاقتى _ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ پەند- نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ. [24 _ 25]

  25. تُؤۡتِيٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينِۭ بِإِذۡنِ رَبِّهَاۗ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 14:25

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ياخشى سۆز (كەلىمە تەييىبە) يىلتىزى (يەرنىڭ ئاستىدا) مۇستەھكەم بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، رەببىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋاقتى _ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ پەند- نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ. [24 _ 25]

  26. وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٖ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجۡتُثَّتۡ مِن فَوۡقِ ٱلۡأَرۡضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٖ

    Open ayah 14:26

    يامان سۆز (كۇفرى سۆز) يەرنىڭ ئۈستىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، يىلتىزى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ.

  27. يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡقَوۡلِ ٱلثَّابِتِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّٰلِمِينَۚ وَيَفۡعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ

    Open ayah 14:27

    ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە چىڭ تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى (ھەقىقەتتىن) بۇرۇۋېتىدۇ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ.

  28. ۞أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ كُفۡرٗا وَأَحَلُّواْ قَوۡمَهُمۡ دَارَ ٱلۡبَوَارِ

    Open ayah 14:28

    ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلغان ۋە ئۆز قەۋمىنى (ئازدۇرۇپ) ھالاكەت يۇرتىغا باشلاپ بارغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟

  29. جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ

    Open ayah 14:29

    ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

  30. وَجَعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِهِۦۗ قُلۡ تَمَتَّعُواْ فَإِنَّ مَصِيرَكُمۡ إِلَى ٱلنَّارِ 

    Open ayah 14:30

    ئۇلار (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھقا شېرىكلەرنى قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، شەكسىزكى، سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر» دېگىن.

  31. قُل لِّعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خِلَٰلٌ

    Open ayah 14:31

    ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسۇن، ئېلىم _ سېتىممۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان (قىيامەت) كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان (پۇل _ مال) لىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلسۇن.

  32. ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ

    Open ayah 14:32

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەرگەن، سىلەرگە كېمىلەرنى ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان قىلىپ بەرگەن ۋە سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.

  33. وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ

    Open ayah 14:33

    ئۇ سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، يەنە سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.

  34. وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ

    Open ayah 14:34

    ئۇ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەرگەن زاتتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. شەكسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن بەك زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن تۇزكوردۇر.

  35. وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا ٱلۡبَلَدَ ءَامِنٗا وَٱجۡنُبۡنِي وَبَنِيَّ أَن نَّعۡبُدَ ٱلۡأَصۡنَامَ

    Open ayah 14:35

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «ئى رەببىم! بۇ (مەككە) شەھىرىنى تىنچ _ ئامان قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ پەرزەنتلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن.

  36. رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضۡلَلۡنَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِۖ فَمَن تَبِعَنِي فَإِنَّهُۥ مِنِّيۖ وَمَنۡ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

    Open ayah 14:36

    ئى رەببىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. كىمكى ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر. كىمكى (مۇشرىكلىكتىن باشقا گۇناھ قىلىپ) ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، سەن ھەقىقەتەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن.

  37. رَّبَّنَآ إِنِّيٓ أَسۡكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيۡرِ ذِي زَرۡعٍ عِندَ بَيۡتِكَ ٱلۡمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجۡعَلۡ أَفۡـِٔدَةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهۡوِيٓ إِلَيۡهِمۡ وَٱرۡزُقۡهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡكُرُونَ

    Open ayah 14:37

    ئى رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭ (كەئبە)نىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، ئى رەببىمىز! (بۇ ئىشنى) ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسۇن (دەپ قىلدىم). ئى رەببىمىز! ئىنسانلاردىن بىر قىسىمىنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنىڭ شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن.

  38. رَبَّنَآ إِنَّكَ تَعۡلَمُ مَا نُخۡفِي وَمَا نُعۡلِنُۗ وَمَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ

    Open ayah 14:38

    ئى رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. ئاسمان _ زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس».

  39. ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى ٱلۡكِبَرِ إِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ

    Open ayah 14:39

    بارلىق ھەمدۇسانا ياشانغان چېغىمدىمۇ ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر! شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئانى ناھايىتى بەك ئاڭلىغۇچىدۇر.

  40. رَبِّ ٱجۡعَلۡنِي مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِيۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلۡ دُعَآءِ 

    Open ayah 14:40

    ئى رەببىم! مېنى ۋە مېنىڭ نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنى نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان قىلغىن، ئى رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن.

  41. رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ يَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡحِسَابُ

    Open ayah 14:41

    ئى رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا _ ئانامغا ۋە مۇئمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن».

  42. وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ غَٰفِلًا عَمَّا يَعۡمَلُ ٱلظَّٰلِمُونَۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمۡ لِيَوۡمٖ تَشۡخَصُ فِيهِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ

    Open ayah 14:42

    زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن! ئاللاھ ئۇلارنىڭ جازاسىنى (قورقۇنچتىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان (قىيامەت) كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ.

  43. مُهۡطِعِينَ مُقۡنِعِي رُءُوسِهِمۡ لَا يَرۡتَدُّ إِلَيۡهِمۡ طَرۡفُهُمۡۖ وَأَفۡـِٔدَتُهُمۡ هَوَآءٞ

    Open ayah 14:43

    (ئۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ (چاقىرىلغان تەرەپكە قاراپ) تېز يۈگۈرىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (قورققانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل _ ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ.

  44. وَأَنذِرِ ٱلنَّاسَ يَوۡمَ يَأۡتِيهِمُ ٱلۡعَذَابُ فَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رَبَّنَآ أَخِّرۡنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ نُّجِبۡ دَعۡوَتَكَ وَنَتَّبِعِ ٱلرُّسُلَۗ أَوَلَمۡ تَكُونُوٓاْ أَقۡسَمۡتُم مِّن قَبۡلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٖ

    Open ayah 14:44

    (ئى پەيغەمبەر!) كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن، (ئۇ كۈنى) زالىملار: «ئى رەببىمىز! (بىزنى دۇنياغا قايتا ئەۋەتىپ) قىسقىغىنا ۋاقىت بولسىمۇ بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەپ يالۋۇرىدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر ئىلگىرى ‹بىز ھەرگىز يوقالمايمىز› دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟

  45. وَسَكَنتُمۡ فِي مَسَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَتَبَيَّنَ لَكُمۡ كَيۡفَ فَعَلۡنَا بِهِمۡ وَضَرَبۡنَا لَكُمُ ٱلۡأَمۡثَالَ

    Open ayah 14:45

    سىلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاك بولغانلارنىڭ يۇرتلىرىدا ماكانلاشقان ئىدىڭلار، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق بولغان ۋە سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنىمۇ كەلتۈرگەن ئىدۇق».

  46. وَقَدۡ مَكَرُواْ مَكۡرَهُمۡ وَعِندَ ٱللَّهِ مَكۡرُهُمۡ وَإِن كَانَ مَكۡرُهُمۡ لِتَزُولَ مِنۡهُ ٱلۡجِبَالُ

    Open ayah 14:46

    ئۇلار (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە) تۇزاق قۇردى. ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (كۈچلۈك) بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىنى بەربات قىلىدۇ.

  47. فَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ مُخۡلِفَ وَعۡدِهِۦ رُسُلَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٖ

    Open ayah 14:47

    ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، (زالىملاردىن) ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.

  48. يَوۡمَ تُبَدَّلُ ٱلۡأَرۡضُ غَيۡرَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱلسَّمَٰوَٰتُۖ وَبَرَزُواْ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ

    Open ayah 14:48

    ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ، (بارچە خالايىق) يېگانە، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ.

  49. وَتَرَى ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ مُّقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ

    Open ayah 14:49

    ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن بىر _ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرىسەن.

  50. سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٖ وَتَغۡشَىٰ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ 

    Open ayah 14:50

    ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قەتىران (يەنى قاراماي)دىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ.

  51. لِيَجۡزِيَ ٱللَّهُ كُلَّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 14:51

    ئاللاھ ھەر كىمگە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلىدۇ). ئاللاھ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

  52. هَٰذَا بَلَٰغٞ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُواْ بِهِۦ وَلِيَعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَلِيَذَّكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 14:52

    (ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا نازىل قىلغان) بۇ (قۇرئان) ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئېلان (ۋە چاقىرىقتۇر).