الحجر

Al-Hijr

The Rock · Surah 15 · Ayahs: 99 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ وَقُرۡءَانٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 15:1

    ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار كىتابنىڭ ۋە (ھەر نەرسىنى) روشەن بايان قىلغۇچى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.

  2. رُّبَمَا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ كَانُواْ مُسۡلِمِينَ

    Open ayah 15:2

    كاپىرلار (قىيامەت كۈنى) كاشكى بىزمۇ مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ناھايىتى بەك ئارزۇ قىلىپ كېتىدۇ.

  3. ذَرۡهُمۡ يَأۡكُلُواْ وَيَتَمَتَّعُواْ وَيُلۡهِهِمُ ٱلۡأَمَلُۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 15:3

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار يەپ _ ئىچىپ، (دۇنيا لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن غەپلەتتە قېلىۋەرسۇن. ئۇلار (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىدۇ.

  4. وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٞ مَّعۡلُومٞ

    Open ayah 15:4

    بىز (پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان) ھېچقانداق يۇرت (ئاھالىسى)نى ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق.

  5. مَّا تَسۡبِقُ مِنۡ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ

    Open ayah 15:5

    ھېچبىر ئۈممەت ئۆز ئەجىلىنى ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.

  6. وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِي نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ إِنَّكَ لَمَجۡنُونٞ

    Open ayah 15:6

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن راستتىنلا مەجنۇنسەن.

  7. لَّوۡ مَا تَأۡتِينَا بِٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

    Open ayah 15:7

    ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، ئالدىمىزغا پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟».

  8. مَا نُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَمَا كَانُوٓاْ إِذٗا مُّنظَرِينَ

    Open ayah 15:8

    بىز پەرىشتىلەرنى (كاپىرلارغا) ھەق (لىق بولغان ئازاب) بىلەنلا چۈشۈرىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.

  9. إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا ٱلذِّكۡرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ

    Open ayah 15:9

    قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز.

  10. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي شِيَعِ ٱلۡأَوَّلِينَ 

    Open ayah 15:10

    (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەندىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ئىچىدىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.

  11. وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 15:11

    ئۇلار ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر پەيغەمبەر كەلسە ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.

  12. كَذَٰلِكَ نَسۡلُكُهُۥ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 15:12

    ئەنە شۇنىڭدەك، بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا (ئىنكار قىلىشنى) سالىمىز.

  13. لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ وَقَدۡ خَلَتۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 15:13

    ئاللاھنىڭ (ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى جازالاشتىكى) قانۇنىيىتى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردە ئۆتكەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ.

  14. وَلَوۡ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَظَلُّواْ فِيهِ يَعۡرُجُونَ

    Open ayah 15:14

    بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىن داۋاملىق ئاسمانغا ئۆرلىگەن تەقدىردىمۇ،

  15. لَقَالُوٓاْ إِنَّمَا سُكِّرَتۡ أَبۡصَٰرُنَا بَلۡ نَحۡنُ قَوۡمٞ مَّسۡحُورُونَ

    Open ayah 15:15

    ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم بىز سېھىرلەنگەن بىر قەۋم بولۇپ قالدۇق» دېيىشىدۇ.

  16. وَلَقَدۡ جَعَلۡنَا فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَزَيَّنَّٰهَا لِلنَّٰظِرِينَ

    Open ayah 15:16

    بىز ئاسماندا ئوربىتىلارنى قىلدۇق، قارىغۇچىلار ئۈچۈن ئاسماننى زىننەتلىدۇق.

  17. وَحَفِظۡنَٰهَا مِن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٍ

    Open ayah 15:17

    بىز ئاسماننى ھەربىر قوغلاندى شەيتاندىن قوغدىدۇق.

  18. إِلَّا مَنِ ٱسۡتَرَقَ ٱلسَّمۡعَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 15:18

    لېكىن (شەيتانلاردىن) كىمكى ئوغرىلىقچە (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) قۇلاق سالماقچى بولىدىكەن، روشەن ئاقار يۇلتۇز ئۇنى قوغلاپ يېتىدۇ.

  19. وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَيۡءٖ مَّوۡزُونٖ

    Open ayah 15:19

    يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.

  20. وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَ وَمَن لَّسۡتُمۡ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ 

    Open ayah 15:20

    يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق.

  21. وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٖ مَّعۡلُومٖ

    Open ayah 15:21

    ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مۇئەييەن بىر ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىمىز.

  22. وَأَرۡسَلۡنَا ٱلرِّيَٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَسۡقَيۡنَٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمۡ لَهُۥ بِخَٰزِنِينَ

    Open ayah 15:22

    بىز شاماللارنى چاڭلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ئۇنى ھەرگىز ساقلىيالمايتتىڭلار.

  23. وَإِنَّا لَنَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَنَحۡنُ ٱلۡوَٰرِثُونَ

    Open ayah 15:23

    شەكسىزكى، بىز (يوقنى يارىتىپ) تىرىلدۈرىمىز، (ئەجىلى توشقاننى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) بىز ۋارىسلىق قىلىمىز.

  24. وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَقۡدِمِينَ مِنكُمۡ وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَـٔۡخِرِينَ

    Open ayah 15:24

    شەكسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى كېلىپ كەتكەنلەرنىمۇ بىلىمىز ۋە (قىيامەتكە قەدەر) كېلىدىغانلارنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىمىز.

  25. وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحۡشُرُهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ

    Open ayah 15:25

    شەكسىزكى، رەببىڭ (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنى يىغىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

  26. وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

    Open ayah 15:26

    شەكسىزكى، بىز ئىنساننى (چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن ياراتتۇق.

  27. وَٱلۡجَآنَّ خَلَقۡنَٰهُ مِن قَبۡلُ مِن نَّارِ ٱلسَّمُومِ

    Open ayah 15:27

    جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق.

  28. وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

    Open ayah 15:28

    رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن (چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن ئىنسان يارىتىمەن.

  29. فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ

    Open ayah 15:29

    مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا (مەن ياراتقان) روھىمدىن پۈۋلىگەن (يەنى جان كىرگۈزگەن) چاغدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».

  30. فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ 

    Open ayah 15:30

    پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى سەجدە قىلدى.

  31. إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰٓ أَن يَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ

    Open ayah 15:31

    پەقەت ئىبلىسلا ئۇلار بىلەن بىللە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.

  32. قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ

    Open ayah 15:32

    ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلار بىلەن بىللە سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى.

  33. قَالَ لَمۡ أَكُن لِّأَسۡجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقۡتَهُۥ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

    Open ayah 15:33

    ئىبلىس: مەن «(چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن يارىتىلغان ئىنسانغا سەجدە قىلىدىغان ئەمەسمەن» دېدى.

  34. قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ

    Open ayah 15:34

    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن سەن قوغلاندى بولدۇڭ.

  35. وَإِنَّ عَلَيۡكَ ٱللَّعۡنَةَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ

    Open ayah 15:35

    شەكسىزكى، قىيامەت كۈنىگە قەدەر ساڭا لەنەت يېغىپ تۇرىدۇ».

  36. قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

    Open ayah 15:36

    ئىبلىس: «ئى رەببىم! ماڭا (مەخلۇقات) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.

  37. قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ

    Open ayah 15:37

    ئاللاھ: «سەن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدىغانلاردىنسەن» دېدى. [37 _ 38]

  38. إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ

    Open ayah 15:38

    ئاللاھ: «سەن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدىغانلاردىنسەن» دېدى. [37 _ 38]

  39. قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 15:39

    ئىبلىس ئېيتتى: «ئى رەببىم! سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن.

  40. إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ 

    Open ayah 15:40

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ساڭا سەمىمىي ئىتائەت قىلىدىغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا».

  41. قَالَ هَٰذَا صِرَٰطٌ عَلَيَّ مُسۡتَقِيمٌ

    Open ayah 15:41

    ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ ماڭا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ توغرا يولدۇر.

  42. إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٌ إِلَّا مَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ

    Open ayah 15:42

    شەكسىزكى، مېنىڭ بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق، پەقەت ساڭا ئەگەشكەن ئازغۇنلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا».

  43. وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوۡعِدُهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 15:43

    شەكسىزكى، جەھەننەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر.

  44. لَهَا سَبۡعَةُ أَبۡوَٰبٖ لِّكُلِّ بَابٖ مِّنۡهُمۡ جُزۡءٞ مَّقۡسُومٌ

    Open ayah 15:44

    جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ھەربىر دەرۋازىدىن كىرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن مۇئەييەن بىر گۇرۇھ ئايرىلغان بولىدۇ.

  45. إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

    Open ayah 15:45

    تەقۋادارلار ئەلۋەتتە جەننەت باغچىلىرىدا ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.

  46. ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ

    Open ayah 15:46

    (ئۇلارغا) «جەننەتكە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ.

  47. وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلٍّ إِخۡوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

    Open ayah 15:47

    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچ - ئاداۋەتنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.

  48. لَا يَمَسُّهُمۡ فِيهَا نَصَبٞ وَمَا هُم مِّنۡهَا بِمُخۡرَجِينَ

    Open ayah 15:48

    جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن ئەسلا چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.

  49. ۞نَبِّئۡ عِبَادِيٓ أَنِّيٓ أَنَا ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 15:49

    (ئى پەيغەمبەر!) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن راستتىنلا بەك مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن.

  50. وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ ٱلۡعَذَابُ ٱلۡأَلِيمُ 

    Open ayah 15:50

    مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قىينىغۇچى ئازابتۇر.

  51. وَنَبِّئۡهُمۡ عَن ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ

    Open ayah 15:51

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگىن.

  52. إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗا قَالَ إِنَّا مِنكُمۡ وَجِلُونَ

    Open ayah 15:52

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەن ئىدى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمىز» دېدى.

  53. قَالُواْ لَا تَوۡجَلۡ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ

    Open ayah 15:53

    ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ناھايىتى بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى.

  54. قَالَ أَبَشَّرۡتُمُونِي عَلَىٰٓ أَن مَّسَّنِيَ ٱلۡكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ

    Open ayah 15:54

    ئىبراھىم: «ماڭا قېرىلىق يەتكەن تۇرۇقلۇق، خۇش خەۋەر بەرمەكچىمۇ سىلەر؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى.

  55. قَالُواْ بَشَّرۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡقَٰنِطِينَ

    Open ayah 15:55

    ئۇلار: «بىز ساڭا راست ئىش بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق، ئۈمىدسىزلەردىن بولمىغىن» دېدى.

  56. قَالَ وَمَن يَقۡنَطُ مِن رَّحۡمَةِ رَبِّهِۦٓ إِلَّا ٱلضَّآلُّونَ

    Open ayah 15:56

    ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى.

  57. قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ

    Open ayah 15:57

    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! (يەنە باشقا) نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى.

  58. قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ

    Open ayah 15:58

    ئۇلار ئېيتتى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە (ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق.

  59. إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 15:59

    پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا جازالىمايمىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز.

  60. إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ قَدَّرۡنَآ إِنَّهَا لَمِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ 

    Open ayah 15:60

    پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم ئازابتا قالغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالدىن بېكىتىۋەتتۇق».

  61. فَلَمَّا جَآءَ ءَالَ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلُونَ

    Open ayah 15:61

    ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا،

  62. قَالَ إِنَّكُمۡ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ

    Open ayah 15:62

    لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى.

  63. قَالُواْ بَلۡ جِئۡنَٰكَ بِمَا كَانُواْ فِيهِ يَمۡتَرُونَ

    Open ayah 15:63

    ئۇلار ئېيتتى: «ياق، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا (سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان نەرسىنى (يەنى ئازابنى) ئېلىپ كەلدۇق.

  64. وَأَتَيۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ

    Open ayah 15:64

    بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.

  65. فَأَسۡرِ بِأَهۡلِكَ بِقِطۡعٖ مِّنَ ٱلَّيۡلِ وَٱتَّبِعۡ أَدۡبَٰرَهُمۡ وَلَا يَلۡتَفِتۡ مِنكُمۡ أَحَدٞ وَٱمۡضُواْ حَيۡثُ تُؤۡمَرُونَ

    Open ayah 15:65

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەۋېرىڭلار».

  66. وَقَضَيۡنَآ إِلَيۡهِ ذَٰلِكَ ٱلۡأَمۡرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰٓؤُلَآءِ مَقۡطُوعٞ مُّصۡبِحِينَ

    Open ayah 15:66

    لۇتقا: «سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ۋەھيى قىلدۇق.

  67. وَجَآءَ أَهۡلُ ٱلۡمَدِينَةِ يَسۡتَبۡشِرُونَ

    Open ayah 15:67

    يۇرت ئاھالىسى خۇشال بولغان ھالدا يېتىپ كېلىشتى.

  68. قَالَ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ ضَيۡفِي فَلَا تَفۡضَحُونِ

    Open ayah 15:68

    لۇت ئېيتتى: « بۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ مېھمانلىرىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ) مېنى رەسۋا قىلماڭلار.

  69. وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُخۡزُونِ

    Open ayah 15:69

    ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى خىجالەتتە قويماڭلار».

  70. قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ نَنۡهَكَ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 15:70

    ئۇلار: «بىز سېنى كىشىلەر (نى مېھمان قىلىش)تىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.

  71. قَالَ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِيٓ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ

    Open ayah 15:71

    لۇت: «ئەگەر (ئويلىغىنىڭلارنى) قىلماقچى بولساڭلار، بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى.

  72. لَعَمۡرُكَ إِنَّهُمۡ لَفِي سَكۡرَتِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

    Open ayah 15:72

    (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار راستتىنلا ئۆز ئازغۇنلۇقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.

  73. فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُشۡرِقِينَ

    Open ayah 15:73

    كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز يۈزلەندى.

  74. فَجَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٍ

    Open ayah 15:74

    ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى ئاستىن _ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق.

  75. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُتَوَسِّمِينَ

    Open ayah 15:75

    شەكسىزكى، بۇنىڭدا (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەت بار.

  76. وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٖ مُّقِيمٍ

    Open ayah 15:76

    ئۇ (يۇرتنىڭ خارابىسى) ھېلىھەم يول ئۈستىدە تۇرماقتا.

  77. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 15:77

    بۇنىڭدا مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.

  78. وَإِن كَانَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ لَظَٰلِمِينَ

    Open ayah 15:78

    ئەيكەلىكلەرمۇ ھەقىقەتەن (ھەددىدىن ئاشقان) زالىملار ئىدى.

  79. فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 15:79

    ئۇلارغىمۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتتۇق، (لۇت قەۋمىنىڭ شەھىرى بىلەن ئەيكەلىكلەرنىڭ شەھىرى) ھەر ئىككىسى (نىڭ خارابىلىرى) ھېلىھەم ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر.

  80. وَلَقَدۡ كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡحِجۡرِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ 

    Open ayah 15:80

    شەكسىزكى، ھىجرلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى.

  81. وَءَاتَيۡنَٰهُمۡ ءَايَٰتِنَا فَكَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ

    Open ayah 15:81

    بىز ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئۇنىڭدىن داۋاملىق يۈز ئۆرۈدى.

  82. وَكَانُواْ يَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ

    Open ayah 15:82

    ئۇلار خاتىرجەم ھالدا تاغلارنى ئۇيۇپ ئۆيلەرنى ياسايتتى.

  83. فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُصۡبِحِينَ

    Open ayah 15:83

    لېكىن ئۇلارنى تاڭ سەھەردە قاتتىق بىر ئاۋاز ھالاك قىلدى.

  84. فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

    Open ayah 15:84

    ئۇلارنىڭ (ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن) قىلغانلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى.

  85. وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞۖ فَٱصۡفَحِ ٱلصَّفۡحَ ٱلۡجَمِيلَ

    Open ayah 15:85

    بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەت چوقۇم كېلىدۇر. شۇڭا سەن (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ تۇرغىن.

  86. إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ

    Open ayah 15:86

    شەكسىزكى، رەببىڭ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  87. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ

    Open ayah 15:87

    شەكسىزكى، بىز ساڭا (نامازدا) تەكرار ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان يەتتە (ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسى)نى ۋە (ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق.

  88. لَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 15:88

    بىز ئۇلاردىن (يەنى كاپىرلاردىن) بەزىسىنى بەھرىمەن قىلغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلمىغىن، (ئىمان ئېيتمىدى دەپ) ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، مۇئمىنلەرگە مەرھەمەتلىك بولغىن.

  89. وَقُلۡ إِنِّيٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلۡمُبِينُ

    Open ayah 15:89

    «مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.

  90. كَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَى ٱلۡمُقۡتَسِمِينَ 

    Open ayah 15:90

    (ئىلاھىي كىتابنى ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق) بۆلۈۋەتكۈچىلەرگە (تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك، (ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق).

  91. ٱلَّذِينَ جَعَلُواْ ٱلۡقُرۡءَانَ عِضِينَ

    Open ayah 15:91

    ئۇلار قۇرئاننىمۇ (بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ) بۆلەكلەرگە بۆلۈۋەتتى.

  92. فَوَرَبِّكَ لَنَسۡـَٔلَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 15:92

    (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلمىشلىرى توغرىسىدا سوراققا تارتىمىز. [92 _ 93]

  93. عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 15:93

    (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلمىشلىرى توغرىسىدا سوراققا تارتىمىز. [92 _ 93]

  94. فَٱصۡدَعۡ بِمَا تُؤۡمَرُ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

    Open ayah 15:94

    ساڭا بۇيرۇلغان (ھەق دەۋەت)نى ئوچۇق _ ئاشكارا جاكارلىغىن، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن.

  95. إِنَّا كَفَيۡنَٰكَ ٱلۡمُسۡتَهۡزِءِينَ

    Open ayah 15:95

    سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز.

  96. ٱلَّذِينَ يَجۡعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 15:96

    ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ.

  97. وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدۡرُكَ بِمَا يَقُولُونَ

    Open ayah 15:97

    بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز.

  98. فَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّٰجِدِينَ

    Open ayah 15:98

    شۇڭا سەن رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن.

  99. وَٱعۡبُدۡ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأۡتِيَكَ ٱلۡيَقِينُ

    Open ayah 15:99

    ساڭا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن.