النحل
An-Nahl
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
أَتَىٰٓ أَمۡرُ ٱللَّهِ فَلَا تَسۡتَعۡجِلُوهُۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 16:1ئاللاھنىڭ ئەمرى (قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.
يُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ بِٱلرُّوحِ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرُوٓاْ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱتَّقُونِ
Open ayah 16:2ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە پەرىشتىلەرنى: «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا مەندىنلا قورقۇڭلار» دېگەن ۋەھيى بىلەن چۈشۈرىدۇ.
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ تَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 16:3ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ
Open ayah 16:4ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئەمدىلىكتە ئۇ (ئاللاھقا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولدى.
وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ
Open ayah 16:5ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلاردا (يۇڭى ۋە تېرىسىگە ئوخشاش) سىلەر ئىسسىنىدىغان نەرسىلەر ۋە (نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغىغا ئوخشاش) نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى)دىن يەيسىلەر.
وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ
Open ayah 16:6(بۇ چارۋا ماللارنى) كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە گۈزەل مەنزىرە ئاتا قىلىدۇ.
وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 16:7ئۇلار يۈك _ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا _ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، شەكسىزكى، رەببىڭلار سىلەرگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر ۋە تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:8ئاللاھ ئاتنى، قېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئۇ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ.
وَعَلَى ٱللَّهِ قَصۡدُ ٱلسَّبِيلِ وَمِنۡهَا جَآئِرٞۚ وَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 16:9توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتى.
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ
Open ayah 16:10ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن ئۆسكەن دەل _ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر.
يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 16:11ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ. چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئىبرەت بار.
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 16:12ئاللاھ كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى سىلەر (نىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمَا ذَرَأَ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ
Open ayah 16:13ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى). ۋەز _ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.
وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 16:14ئاللاھ سىلەرنى دېڭىز (ھايۋانلىرى) نىڭ يېڭى گۆشلىرىنى يېسۇن، (ئۈنچە _ مارجان قاتارلىق) تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَأَنۡهَٰرٗا وَسُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
Open ayah 16:15زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردى، (سۇ ئېھتىياجىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق _ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى ۋە بەلگىلەرنى بەرپا قىلدى. ئۇلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يوللىرىنى تېپىۋالىدۇ. [15 _ 16]
وَعَلَٰمَٰتٖۚ وَبِٱلنَّجۡمِ هُمۡ يَهۡتَدُونَ
Open ayah 16:16زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردى، (سۇ ئېھتىياجىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق _ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى ۋە بەلگىلەرنى بەرپا قىلدى. ئۇلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يوللىرىنى تېپىۋالىدۇ. [15 _ 16]
أَفَمَن يَخۡلُقُ كَمَن لَّا يَخۡلُقُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Open ayah 16:17ياراتقان ئاللاھ بىلەن ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان (بۇتلار) ئوخشاش بولامدۇ؟ (بۇنى) ئويلاپ باقمامسىلەر؟
وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 16:18ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ (ئاتا قىلغان) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ
Open ayah 16:19ئاللاھ سىلەرنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ
Open ayah 16:20ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرى ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلار يارىتىلغان نەرسىلەردۇر.
أَمۡوَٰتٌ غَيۡرُ أَحۡيَآءٖۖ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ
Open ayah 16:21ئۇ نەرسىلەر تىرىك ئەمەس، ئۆلۈكتۈر. ئۇ نەرسىلەر ئۆزلىرىنىڭ (ياكى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ) قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ.
إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ فَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ قُلُوبُهُم مُّنكِرَةٞ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ
Open ayah 16:22سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىرلا ئىلاھتۇر. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر.
لَا جَرَمَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡتَكۡبِرِينَ
Open ayah 16:23شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۇتەكەببىرلىك قىلغۇچىلارنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُم مَّاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡ قَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 16:24ئۇلارغا: «رەببىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى (نازىل قىلدى)» دېيىشىدۇ.
لِيَحۡمِلُوٓاْ أَوۡزَارَهُمۡ كَامِلَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَمِنۡ أَوۡزَارِ ٱلَّذِينَ يُضِلُّونَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۗ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ
Open ayah 16:25ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشى ۋە نادانلىقتىن ئۆزلىرى ئازدۇرغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن (شۇنداق دەيدۇ). ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىۋالغان (گۇناھ)لىرى نېمىدېگەن يامان!
قَدۡ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَى ٱللَّهُ بُنۡيَٰنَهُم مِّنَ ٱلۡقَوَاعِدِ فَخَرَّ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّقۡفُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 16:26ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە _ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ھىيلە _ مىكىر) بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىۋىدى، (بۇ بىنانىڭ) ئۆگزىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ئازاب ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن كەلدى.
ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُخۡزِيهِمۡ وَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تُشَٰٓقُّونَ فِيهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ إِنَّ ٱلۡخِزۡيَ ٱلۡيَوۡمَ وَٱلسُّوٓءَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 16:27ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ ۋە (ئۇلارغا): «مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبىرىڭلار بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم ئىگىلىرى بولسا: «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ئەلۋەتتە كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ.
ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡۖ فَأَلۡقَوُاْ ٱلسَّلَمَ مَا كُنَّا نَعۡمَلُ مِن سُوٓءِۭۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 16:28ئۇلار (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلىۋاتقان پەيتتە پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئۇلار: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىغان ئىدۇق» دېيىشىپ، بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
فَٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَلَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ
Open ayah 16:29سىلەر مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ تۇرارجايى نېمىدېگەن يامان!
۞وَقِيلَ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ مَاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡۚ قَالُواْ خَيۡرٗاۗ لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۚ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞۚ وَلَنِعۡمَ دَارُ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 16:30تەقۋادارلارغا: «رەببىڭلار نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى (نازىل قىلدى)» دېيىشىدۇ. بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا (دۇنيادا نۇسرەت ۋە كەڭ رىزىق دېگەندەك) گۈزەل مۇكاپات بار، ئاخىرەت تۇرالغۇسى بولسا ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ تۇرالغۇسى (بولغان جەننەت) نېمىدېگەن گۈزەل!
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ لَهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَۚ كَذَٰلِكَ يَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 16:31ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ۋە دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە ئۇلارغا خالىغىنى بار، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ.
ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 16:32پەرىشتىلەر ئۇلارنى (كۇفرىدىن) پاك ھالىتىدە ۋاپات قىلدۇرۇپ، (ئۇلارغا): «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلار يۈزىسىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ.
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ أَمۡرُ رَبِّكَۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 16:33كاپىرلار پەقەت (جان ئالغۇچى) پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشىنى ياكى رەببىڭنىڭ (ئازابلاش) ئەمرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان ئىدى.
فَأَصَابَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 16:34ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالدى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا عَبَدۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖ نَّحۡنُ وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 16:35مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ، ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە چوقۇنمىغان بولاتتۇق ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىسىز ھېچ نەرسىنى ھارام دېمىگەن بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى دىننى ئوچۇق-ئاشكارا يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەتتۇر.
وَلَقَدۡ بَعَثۡنَا فِي كُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱجۡتَنِبُواْ ٱلطَّٰغُوتَۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ هَدَى ٱللَّهُ وَمِنۡهُم مَّنۡ حَقَّتۡ عَلَيۡهِ ٱلضَّلَٰلَةُۚ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 16:36بىز ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ساختا ئىلاھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، ئازغۇنلۇققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرۈپ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
إِن تَحۡرِصۡ عَلَىٰ هُدَىٰهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَن يُضِلُّۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 16:37سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، ئاللاھ ئۆزى ئازغۇن قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارغا (ئاللاھتىن باشقا) ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ.
وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَا يَبۡعَثُ ٱللَّهُ مَن يَمُوتُۚ بَلَىٰ وَعۡدًا عَلَيۡهِ حَقّٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:38ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن بولۇشىغا قەسەم ئىچىشتى، ياق (ئۇلار ئەلۋەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
لِيُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي يَخۡتَلِفُونَ فِيهِ وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰذِبِينَ
Open ayah 16:39ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىش ۋە كاپىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ).
إِنَّمَا قَوۡلُنَا لِشَيۡءٍ إِذَآ أَرَدۡنَٰهُ أَن نَّقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 16:40بىز بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلساق، ئۇنىڭغا: «بول!» دەيمىز _ دە، ئۇ شۇ ھامان بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْ لَنُبَوِّئَنَّهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:41زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتى تېخىمۇ چوڭدۇر. (ھىجرەتتىن قېلىپ قالغۇچىلار بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (ھەرگىز قېلىپ قالمايتتى).
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
Open ayah 16:42ئۇلار (يەنى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار ھەر قانداق ئەھۋالدا) چىدامچانلىق كۆرسىتىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:43(ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى قىلىپ، ئۇلارنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. (ئى مۇشرىكلار! ئۇنى) بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار.
بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِۗ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 16:44(ئۇ پەيغەمبەرلەرنى) ئوپئوچۇق مۆجىزىلەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق). بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
أَفَأَمِنَ ٱلَّذِينَ مَكَرُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَخۡسِفَ ٱللَّهُ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 16:45ھىيلە _ مىكر ئىشلىتىپ يامانلىق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن ۋەياكى ئۆزلىرىنىڭ سەپەر ئۈستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا تۇتۇلۇشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟ (ئۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. [45 _ 46]
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ فِي تَقَلُّبِهِمۡ فَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ
Open ayah 16:46ھىيلە _ مىكر ئىشلىتىپ يامانلىق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن ۋەياكى ئۆزلىرىنىڭ سەپەر ئۈستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا تۇتۇلۇشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟ (ئۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. [45 _ 46]
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ عَلَىٰ تَخَوُّفٖ فَإِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 16:47ياكى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى بىر-بىرلەپ جازالاپ (پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟) شەكسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەلۋەتتە كۆيۈمچاندۇر، ناھايىتى رەھىم- شەپقەتلىكدۇر.
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ يَتَفَيَّؤُاْ ظِلَٰلُهُۥ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَٱلشَّمَآئِلِ سُجَّدٗا لِّلَّهِ وَهُمۡ دَٰخِرُونَ
Open ayah 16:48ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇپ ئوڭ _ سولغا مايىل بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟
وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن دَآبَّةٖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ
Open ayah 16:49ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكى بارچە جانلىقلار، پەرىشتىلەر چوڭچىلىق قىلماستىن، ئاللاھقا بويسۇنىدۇ.
يَخَافُونَ رَبَّهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ۩
Open ayah 16:50ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى رەببىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ.
۞وَقَالَ ٱللَّهُ لَا تَتَّخِذُوٓاْ إِلَٰهَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ
Open ayah 16:51ئاللاھ (ئىنسانلارغا): «ئىككى ئىلاھقا ئېتىقاد قىلماڭلار، ئۇ ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى.
وَلَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلدِّينُ وَاصِبًاۚ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَتَّقُونَ
Open ayah 16:52ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر، تائەت _ ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر. سىلەر ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقامسىلەر؟
وَمَا بِكُم مِّن نِّعۡمَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فَإِلَيۡهِ تَجۡـَٔرُونَ
Open ayah 16:53سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەرقانداق نېمەت ئاللاھتىندۇر. ئاندىن سىلەرگە بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتسە، ئۇنىڭغىلا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر.
ثُمَّ إِذَا كَشَفَ ٱلضُّرَّ عَنكُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنكُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ
Open ayah 16:54ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن زىيان _ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم شۇ ھامان رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:55ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلىدۇ). سىلەر (دۇنيا ھاياتىدىن) بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
وَيَجۡعَلُونَ لِمَا لَا يَعۡلَمُونَ نَصِيبٗا مِّمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡۗ تَٱللَّهِ لَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَفۡتَرُونَ
Open ayah 16:56ئۇلار بىز بەرگەن رىزىقتىن ئۆزلىرى (ماھىيىتىنى) بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە (يەنى بۇتلارغا) نېسىۋە بەلگىلەيدۇ، (ئى مۇشرىكلار!) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلاردىن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر.
وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ ٱلۡبَنَٰتِ سُبۡحَٰنَهُۥ وَلَهُم مَّا يَشۡتَهُونَ
Open ayah 16:57ئۇلار قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە (بۇنداق بوھتاندىن) پاكتۇر، ئۆزلىرىگە بولسا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان (ئوغۇللارنى)نى تەۋە قىلىدۇ.
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِٱلۡأُنثَىٰ ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٞ
Open ayah 16:58ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىز بالىسى بولغانلىق خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، قاتتىق غەزەپلىنىپ چىرايى قارىداپ كېتىدۇ.
يَتَوَٰرَىٰ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ مِن سُوٓءِ مَا بُشِّرَ بِهِۦٓۚ أَيُمۡسِكُهُۥ عَلَىٰ هُونٍ أَمۡ يَدُسُّهُۥ فِي ٱلتُّرَابِۗ أَلَا سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
Open ayah 16:59يەتكۈزۈلگەن خەۋەرنى يامان كۆرگەنلىكتىن، ئۇ قىزنى نومۇسقا چىداپ ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى تۇپراققا (تىرىك) كۆمۈۋېتەمدۇ؟ (بۇنى ئويلاپ)، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. قاراڭلار! ئۇلار چىقارغان ھۆكۈم نېمىدېگەن قەبىھ!
لِلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ مَثَلُ ٱلسَّوۡءِۖ وَلِلَّهِ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 16:60ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار يامان سۈپەتكە ئىگىدۇر، ئەڭ ئېسىل سۈپەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلَوۡ يُؤَاخِذُ ٱللَّهُ ٱلنَّاسَ بِظُلۡمِهِم مَّا تَرَكَ عَلَيۡهَا مِن دَآبَّةٖ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ لَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ
Open ayah 16:61ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (دەرھال) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچقانداق جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى (جازالاشنى) مۇئەييەن ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (جازالىنىش) ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار ئۇنى قىلچە ئىلگىرى – كېيىن قىلالمايدۇ.
وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ مَا يَكۡرَهُونَۚ وَتَصِفُ أَلۡسِنَتُهُمُ ٱلۡكَذِبَ أَنَّ لَهُمُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ لَا جَرَمَ أَنَّ لَهُمُ ٱلنَّارَ وَأَنَّهُم مُّفۡرَطُونَ
Open ayah 16:62ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى ‹ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت بىزگە مەنسۇپتۇر› دەپ يالغان سۆزلەيدۇ. شەكسىزكى، ئۇلارغا ئەلۋەتتە دوزاخ باردۇر، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر.
تَٱللَّهِ لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 16:63ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ ئەلۋەتتە (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكەن ئىدۇق، شەيتان ئۇ ئۈممەتلەرنىڭ (يامان) ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ دوستىدۇر. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 16:64بىز ساڭا قۇرئاننى پەقەت كىشىلەرگە ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ۋە ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ھەم رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق.
وَٱللَّهُ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ
Open ayah 16:65ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىنغا (سۇسىزلىقتىن) ئۆلگىنىدىن كېيىن ھاياتلىق بەردى، شەكسىزكى، بۇنىڭدا (ھەق سۆزنى) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) ئەلۋەتتە دەلىل بار.
وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ
Open ayah 16:66شەكسىزكى، چارۋىلاردىمۇ سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ قارنىدىكى ژىن ۋە قان ئارىسىدىن (ئايرىلىپ چىققان) ۋە ئىچكۈچىلەرگە سىڭىشلىك ساپ سۈت بىلەن سۇغىرىۋاتىمىز.
وَمِن ثَمَرَٰتِ ٱلنَّخِيلِ وَٱلۡأَعۡنَٰبِ تَتَّخِذُونَ مِنۡهُ سَكَرٗا وَرِزۡقًا حَسَنًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 16:67سىلەر خورمىدىن، ئۈزۈمدىن شارابلار ۋە پاك يېمەكلىكلەرنى ياسايسىلەر، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.
وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ
Open ayah 16:68رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (ئىنسانلار) ياسىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا تۈزگىن.
ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 16:69ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەردىن يېگىن، رەببىڭ (ساڭا) ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگەن يوللاردا يۈرگىن» دەپ ئىلھام قىلدى. ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار.
وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ ثُمَّ يَتَوَفَّىٰكُمۡۚ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡ لَا يَعۡلَمَ بَعۡدَ عِلۡمٖ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٞ قَدِيرٞ
Open ayah 16:70سىلەرنى ئاللاھ ياراتتى، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ ئەڭ ناچار (قېرىلىق) باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا بۇرۇن بىلگەنلىرىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.
وَٱللَّهُ فَضَّلَ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلرِّزۡقِۚ فَمَا ٱلَّذِينَ فُضِّلُواْ بِرَآدِّي رِزۡقِهِمۡ عَلَىٰ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَهُمۡ فِيهِ سَوَآءٌۚ أَفَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ
Open ayah 16:71ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى رىزىقتا تەڭ بولايلى دەپ ھەرگىز قول ئاستىدىكى قۇللارغا بەرمەيدۇ، ئۇلار (بۇنداق قىلىشقا رازى بولمايدىغان تۇرۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُم بَنِينَ وَحَفَدَةٗ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ هُمۡ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 16:72ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن جورلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن جورۇڭلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ رِزۡقٗا مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ شَيۡـٔٗا وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ
Open ayah 16:73ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ۋە يەردىن ھېچقانداق رىزىق تېپىپ بېرەلمەيدىغان، (ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز) قۇدرىتى يەتمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامدۇ؟
فَلَا تَضۡرِبُواْ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡثَالَۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:74سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى ئوخشاتماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
۞ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا عَبۡدٗا مَّمۡلُوكٗا لَّا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَمَن رَّزَقۡنَٰهُ مِنَّا رِزۡقًا حَسَنٗا فَهُوَ يُنفِقُ مِنۡهُ سِرّٗا وَجَهۡرًاۖ هَلۡ يَسۡتَوُۥنَۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:75ئاللاھ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان، باشقىسىنىڭ مۈلۈكى بولغان بىر قۇل بىلەن بىز تەرەپتىن ئوبدان رىزىققا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلَيۡنِ أَحَدُهُمَآ أَبۡكَمُ لَا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوۡلَىٰهُ أَيۡنَمَا يُوَجِّههُّ لَا يَأۡتِ بِخَيۡرٍ هَلۡ يَسۡتَوِي هُوَ وَمَن يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 16:76ئاللاھ يەنە مۇنداق ئىككى كىشىنى مىسال كەلتۈرىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچا بولۇپ، ئىگىسى ئۇنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق بىر پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟
وَلِلَّهِ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَآ أَمۡرُ ٱلسَّاعَةِ إِلَّا كَلَمۡحِ ٱلۡبَصَرِ أَوۡ هُوَ أَقۡرَبُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 16:77ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىب (نى بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 16:78ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلاردا چىقاردى، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرگە قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.
أَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ مُسَخَّرَٰتٖ فِي جَوِّ ٱلسَّمَآءِ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱللَّهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 16:79ئۇلار ھاۋا بوشلۇقىدا (ئۇچۇش ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇلغان قۇشلارنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋا بوشلۇقىدا) پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ
Open ayah 16:80ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى ئارام ئالىدىغان جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە يەنە چارۋىلارنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئوڭايلا توشۇپ كېتەلەيدىغان ئۆيلەرنى (چېدىرلارنى) قىلىپ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن، ۋە چۇپۇرلىرىدىن ئۆي سەرەمجانلىرىنى ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى.
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّمَّا خَلَقَ ظِلَٰلٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡجِبَالِ أَكۡنَٰنٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ سَرَٰبِيلَ تَقِيكُمُ ٱلۡحَرَّ وَسَرَٰبِيلَ تَقِيكُم بَأۡسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡلِمُونَ
Open ayah 16:81ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەردىن سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى ھازىرلاپ بەردى. سىلەرنى ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلايدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى مۇداپىئە قىلىدىغان ساۋۇتلارنى تەييارلاپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنى بويسۇنسۇن قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ.
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 16:82(ئى پەيغەمبەر! شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئۇلار (سەندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇنىڭغا غەمكىن بولمىغىن)، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەتلا دىننى ئوچۇق -ئاشكارا يەتكۈزۈشتۇر.
يَعۡرِفُونَ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُنكِرُونَهَا وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 16:83ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىرلاردۇر.
وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ مِن كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدٗا ثُمَّ لَا يُؤۡذَنُ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
Open ayah 16:84(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا قىيامەتنى ئەسلەتكىنكى) ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا (ئۆزرە ئېيتىشقا) رۇخسەت قىلىنمايدۇ ئۇلاردىن (رەببىنى) رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلۡعَذَابَ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
Open ayah 16:85زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (ئازاب) ئۇلاردىن يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ شُرَكَآءَهُمۡ قَالُواْ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ شُرَكَآؤُنَا ٱلَّذِينَ كُنَّا نَدۡعُواْ مِن دُونِكَۖ فَأَلۡقَوۡاْ إِلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلَ إِنَّكُمۡ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 16:86مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى رەببىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىمىزدۇر» دەيدۇ، بۇتلار ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شەكسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ.
وَأَلۡقَوۡاْ إِلَى ٱللَّهِ يَوۡمَئِذٍ ٱلسَّلَمَۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 16:87شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرى يوققا چىقىدۇ.
ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ زِدۡنَٰهُمۡ عَذَابٗا فَوۡقَ ٱلۡعَذَابِ بِمَا كَانُواْ يُفۡسِدُونَ
Open ayah 16:88(ھەق دىننى) ئىنكار قىلغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنى ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب قوشۇپ جازالايمىز.
وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدًا عَلَيۡهِم مِّنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَجِئۡنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ تِبۡيَٰنٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 16:89(ئى پەيغەمبەر! شۇنى ئەسلىگىنكى) ئۇ كۈندە بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرىگە قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت كەلتۈرىمىز. سېنىمۇ بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭگە) شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. بىز ساڭا قۇرئاننى ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ نازىل قىلدۇق.
۞إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
Open ayah 16:90شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولۇشقا، (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلىشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا (ياردەم) بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز _ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە پەند _ نەسىھەت قىلىدۇ.
وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ إِذَا عَٰهَدتُّمۡ وَلَا تَنقُضُواْ ٱلۡأَيۡمَٰنَ بَعۡدَ تَوۡكِيدِهَا وَقَدۡ جَعَلۡتُمُ ٱللَّهَ عَلَيۡكُمۡ كَفِيلًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ
Open ayah 16:91سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەندە، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار ۋە قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار. (ئۇنتۇماڭلاركى) سىلەر ئۆزۈڭلاغا ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّتِي نَقَضَتۡ غَزۡلَهَا مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٍ أَنكَٰثٗا تَتَّخِذُونَ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ أَن تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرۡبَىٰ مِنۡ أُمَّةٍۚ إِنَّمَا يَبۡلُوكُمُ ٱللَّهُ بِهِۦۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 16:92سىلەر بىر جامائەنىڭ (سان ۋە مال _ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەسىمىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىپ، (مۇستەھكەم ئەھدىنى بۇزۇپ) پىششىق ئېگىرگەن يىپىنى چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار [74]. شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى بۇنىڭ بىلەن سىنايدۇ، سىلەر تالاش _ تارتىش قىلىۋاتقان نەرسىلەرنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
- بۇ قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلىشقاندىن كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان ئادەم ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسالدۇر.
وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَلَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 16:93ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، سىلەر ھەربىر قىلمىشىڭلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوراققا تارتىلىسىلەر.
وَلَا تَتَّخِذُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ فَتَزِلَّ قَدَمُۢ بَعۡدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُواْ ٱلسُّوٓءَ بِمَا صَدَدتُّمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَكُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 16:94قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا قەدىمىڭلار (ئىسلامدا) مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كېتىدۇ، (يامان ئۆرنەك بولۇپ، كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) جازاسىنى تېتىيسىلەر، (ئاخىرەتتە بولسا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر.
وَلَا تَشۡتَرُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ إِنَّمَا عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:95سىلەر ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (مۇكاپات) ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
مَا عِندَكُمۡ يَنفَدُ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ بَاقٖۗ وَلَنَجۡزِيَنَّ ٱلَّذِينَ صَبَرُوٓاْ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 16:96سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. (ۋەدىگە ۋاپا قىلىش قاتارلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشتا) چىداملىق بولغۇچىلارغا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپات بېرىمىز.
مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَنُحۡيِيَنَّهُۥ حَيَوٰةٗ طَيِّبَةٗۖ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 16:97ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە كۆڭۈللۈك بىر ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز.
فَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ
Open ayah 16:98سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتان (نىڭ ئازدۇرۇشى)دىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن.
إِنَّهُۥ لَيۡسَ لَهُۥ سُلۡطَٰنٌ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
Open ayah 16:99شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.
إِنَّمَا سُلۡطَٰنُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَوَلَّوۡنَهُۥ وَٱلَّذِينَ هُم بِهِۦ مُشۡرِكُونَ
Open ayah 16:100شەيتان پەقەت ئۇنى دوست تۇتقانلارنىڭ ۋە (ئۇنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن) مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
وَإِذَا بَدَّلۡنَآ ءَايَةٗ مَّكَانَ ءَايَةٖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مُفۡتَرِۭۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 16:101بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا، — ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغان ئايەتنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ — ئۇلار: «سەن يالغاننى توقۇۋاتىسەن» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنداق قىلىشىمىزدىكى ھېكمەتنى) ئۇقمايدۇ.
قُلۡ نَزَّلَهُۥ رُوحُ ٱلۡقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّ لِيُثَبِّتَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 16:102(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇنى جىبرىل ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىش، مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە ئۇلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىن راستچىللىق بىلەن ئېلىپ چۈشتى.
وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّهُمۡ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُۥ بَشَرٞۗ لِّسَانُ ٱلَّذِي يُلۡحِدُونَ إِلَيۡهِ أَعۡجَمِيّٞ وَهَٰذَا لِسَانٌ عَرَبِيّٞ مُّبِينٌ
Open ayah 16:103بىز ئۇلارنىڭ: «قۇرئاننى ئۇنىڭغا بىر ئىنسان ئۆگىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز. ئۇلار (مۇھەممەدكە ئۆگىتىپ تۇرىدۇ) دەۋاتقان ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس[75]، ھالبۇكى بۇ (قۇرئان) بولسا ئېنىق ئەرەب تىلىدىدۇر.
- مۇجاھىد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەككىدە بەلئام ئىسىملىك بىر خىرىستىيان تۆمۈرچى بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتەتتى، مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ چىققانلىقىنى كۆرگەندە، ‹قۇرئاننى مۇھەممەدكە بەلئام ئۆگىتىدۇ› دەپ بىلجىرلايتتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان». («تفسير الطبري» مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن).
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَا يَهۡدِيهِمُ ٱللَّهُ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Open ayah 16:104شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
إِنَّمَا يَفۡتَرِي ٱلۡكَذِبَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
Open ayah 16:105پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھ نامىدىن) يالغاننى توقۇيدۇ. ئەنە شۇلار يالغانچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
مَن كَفَرَ بِٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِهِۦٓ إِلَّا مَنۡ أُكۡرِهَ وَقَلۡبُهُۥ مُطۡمَئِنُّۢ بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَٰكِن مَّن شَرَحَ بِٱلۡكُفۡرِ صَدۡرٗا فَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 16:106كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالىدىكەن(ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ). قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ، مەجبۇرلاش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، لېكىن، كىمكى كۆڭلىنى كۇفرىغا ئاچىدىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا عَلَى ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 16:107بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَسَمۡعِهِمۡ وَأَبۡصَٰرِهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ
Open ayah 16:108ئەنە شۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر.
لَا جَرَمَ أَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 16:109شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ هَاجَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا فُتِنُواْ ثُمَّ جَٰهَدُواْ وَصَبَرُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 16:110ئاندىن (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، رەببىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھىجرەت قىلغان، ئاندىن جىھاد قىلغان ۋە چىداملىق بولغانلارغا (مەدەتكاردۇر). رەببىڭ شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەلۋەتتە كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىدۇر.
۞يَوۡمَ تَأۡتِي كُلُّ نَفۡسٖ تُجَٰدِلُ عَن نَّفۡسِهَا وَتُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
Open ayah 16:111(ئى پەيغەمبەر! شۇ قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىنكى) ئۇ كۈندە ھەر ئادەم (ئۆزىنى ئاقلاش كويىدىلا بولۇپ) ئۆزى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا قَرۡيَةٗ كَانَتۡ ءَامِنَةٗ مُّطۡمَئِنَّةٗ يَأۡتِيهَا رِزۡقُهَا رَغَدٗا مِّن كُلِّ مَكَانٖ فَكَفَرَتۡ بِأَنۡعُمِ ٱللَّهِ فَأَذَٰقَهَا ٱللَّهُ لِبَاسَ ٱلۡجُوعِ وَٱلۡخَوۡفِ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ
Open ayah 16:112ئاللاھ مۇنداق بىر شەھەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇ: بۇ شەھەر تىنچ _ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ _ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئازابىنى تېتىتتى.
وَلَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مِّنۡهُمۡ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
Open ayah 16:113ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كېلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار (ھەق دىنغا دۈشمەنلىك قىلىشتىن ئىبارەت) زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالدى.
فَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَٱشۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
Open ayah 16:114ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر (راستتىنلا) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار.
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۖ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 16:115ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىلدى. كىمكى (ئۇلارنىڭ گۆشىدىن) ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىلاجسىزلىقتىن، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە گۇناھكار بولمايدۇ)، شەكسىزكى، ئاللاھ (ئۇنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) بەك مېھرىباندۇر.
وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ
Open ayah 16:116سىلەر ئېغىزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەپ «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداق دېسەڭلار) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، شەكسىزكى، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
مَتَٰعٞ قَلِيلٞ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 16:117(ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئېرىشىدىغان نەرسىسى) ئازغىنە مەنپەئەتتۇر. (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا مَا قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُۖ وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 16:118(ئى پەيغەمبەر!) بىز ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يەھۇدىيلارغا ھارام قىلغان ئىدۇق[76]، بىز (بۇلارنى ھارام قىلىش بىلەن) ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
- «ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلىنغان نەرسىلەر»دىن ئەنئام سۈرىسىنىڭ 146-ئايىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (تەپسىر جەلالەين شەرھى 4-توم، 277-بەت).
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 16:119شەكسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلىپ سالغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ، (ئۆزىنى ۋە قىلمىشىنى) تۈزەتكەنلەرگە شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ رەھىم قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ كَانَ أُمَّةٗ قَانِتٗا لِّلَّهِ حَنِيفٗا وَلَمۡ يَكُ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 16:120شەكسىزكى، ئىبراھىم ئاللاھقا ئىتائەتمەن، ھەق دىنغا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن بىر پېشۋا ئىدى، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
شَاكِرٗا لِّأَنۡعُمِهِۚ ٱجۡتَبَىٰهُ وَهَدَىٰهُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 16:121ئۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە توغرا يولغا يېتەكلىدى.
وَءَاتَيۡنَٰهُ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 16:122ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك _ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاخىرەتتىمۇ ئەلۋەتتە سالىھلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.
ثُمَّ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ أَنِ ٱتَّبِعۡ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 16:123(ئى پەيغەمبەر!) ئاندىن ساڭا: «ھەق دىنغا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
إِنَّمَا جُعِلَ ٱلسَّبۡتُ عَلَى ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 16:124شەنبە كۈنى (نى ئۇلۇغلاش) پەقەت ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان (يەھۇدىي)لار ئۈچۈنلا بەلگىلەندى. شەكسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ٱدۡعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِٱلۡحِكۡمَةِ وَٱلۡمَوۡعِظَةِ ٱلۡحَسَنَةِۖ وَجَٰدِلۡهُم بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
Open ayah 16:125(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا گۈزەل ۋەز _ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. شەكسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
وَإِنۡ عَاقَبۡتُمۡ فَعَاقِبُواْ بِمِثۡلِ مَا عُوقِبۡتُم بِهِۦۖ وَلَئِن صَبَرۡتُمۡ لَهُوَ خَيۡرٞ لِّلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 16:126(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
وَٱصۡبِرۡ وَمَا صَبۡرُكَ إِلَّا بِٱللَّهِۚ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَلَا تَكُ فِي ضَيۡقٖ مِّمَّا يَمۡكُرُونَ
Open ayah 16:127(ئى پەيغەمبەر! ساڭا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن. سېنىڭ سەۋرچانلىقىڭ پەقەت ئاللاھ (نىڭ ياردىمى) بىلەنلا بولىدۇ. (ئىمان ئېيتمىدى دەپ) ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.
إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْ وَّٱلَّذِينَ هُم مُّحۡسِنُونَ
Open ayah 16:128شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلار ۋە (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.