الإسراء
Al-Israa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِيٓ أَسۡرَىٰ بِعَبۡدِهِۦ لَيۡلٗا مِّنَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ إِلَى ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡأَقۡصَا ٱلَّذِي بَٰرَكۡنَا حَوۡلَهُۥ لِنُرِيَهُۥ مِنۡ ءَايَٰتِنَآۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ
Open ayah 17:1قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُواْ مِن دُونِي وَكِيلٗا
Open ayah 17:2بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق. (ئۇلارغا) «مەندىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق).
ذُرِّيَّةَ مَنۡ حَمَلۡنَا مَعَ نُوحٍۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَبۡدٗا شَكُورٗا
Open ayah 17:3ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ (يەنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزغانلارنىڭ) ئەۋلادلىرى! (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار). چۈنكى، نۇھ كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.
وَقَضَيۡنَآ إِلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ لَتُفۡسِدُنَّ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَّتَيۡنِ وَلَتَعۡلُنَّ عُلُوّٗا كَبِيرٗا
Open ayah 17:4ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا: «سىلەر يەر يۈزىدە چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە چوڭچىلىق قىلىپ بەكمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ أُولَىٰهُمَا بَعَثۡنَا عَلَيۡكُمۡ عِبَادٗا لَّنَآ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ فَجَاسُواْ خِلَٰلَ ٱلدِّيَارِۚ وَكَانَ وَعۡدٗا مَّفۡعُولٗا
Open ayah 17:5ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازالاس) ۋاقتى كەلگەن چاغدا، سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار (سىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. بۇ ئىشقا ئاشىدىغان بىر ۋەدە ئىدى.
ثُمَّ رَدَدۡنَا لَكُمُ ٱلۡكَرَّةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَمۡدَدۡنَٰكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ أَكۡثَرَ نَفِيرًا
Open ayah 17:6ئاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، سىلەرگە نۇرغۇن مال _ مۈلۈك ۋە ئوغۇللارنى ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپەيتتۇق.
إِنۡ أَحۡسَنتُمۡ أَحۡسَنتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡۖ وَإِنۡ أَسَأۡتُمۡ فَلَهَاۚ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ ٱلۡأٓخِرَةِ لِيَسُـُٔواْ وُجُوهَكُمۡ وَلِيَدۡخُلُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَلِيُتَبِّرُواْ مَا عَلَوۡاْ تَتۡبِيرًا
Open ayah 17:7(ئى ئىسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشى ئىش قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولىسىلەر، ئەگەر يامان ئىش قىلساڭلار، بۇمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازالاش) ۋاقتى كەلگەن چاغدا، (دۈشمىنىڭلارنىڭ خارلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشى ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب قىلدۇق).
عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يَرۡحَمَكُمۡۚ وَإِنۡ عُدتُّمۡ عُدۡنَاۚ وَجَعَلۡنَا جَهَنَّمَ لِلۡكَٰفِرِينَ حَصِيرًا
Open ayah 17:8رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشىدا ئۈمىد بار. ئەگەر سىلەر (يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا) قايتساڭلار، بىزمۇ (سىلەرنى جازالاشقا) قايتىمىز. جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق.
إِنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ يَهۡدِي لِلَّتِي هِيَ أَقۡوَمُ وَيُبَشِّرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ أَجۡرٗا كَبِيرٗا
Open ayah 17:9شەكسىزكى، بۇ قۇرئان (ئىنسانلارنى) ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ،
وَأَنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 17:10ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىغانلىقىمىز بىلەن (ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ).
وَيَدۡعُ ٱلۡإِنسَٰنُ بِٱلشَّرِّ دُعَآءَهُۥ بِٱلۡخَيۡرِۖ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ عَجُولٗا
Open ayah 17:11ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالىچاقىلىرىغا) ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ. ئىنسان بەكمۇ ئالدىراقسان كېلىدۇ.
وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ ءَايَتَيۡنِۖ فَمَحَوۡنَآ ءَايَةَ ٱلَّيۡلِ وَجَعَلۡنَآ ءَايَةَ ٱلنَّهَارِ مُبۡصِرَةٗ لِّتَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡ وَلِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ وَكُلَّ شَيۡءٖ فَصَّلۡنَٰهُ تَفۡصِيلٗا
Open ayah 17:12كېچە بىلەن كۈندۈزنى (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، رەببىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كېچىنىڭ ئالامىتى (بولغان ئاينىڭ نۇرىنى) ئۆچۈرۈپ (كېچىنى قاراڭغۇلۇق قىلدۇق)، كۈندۈزنىڭ ئالامىتى (بولغان قۇياش)نى يورۇتقۇچى قىلدۇق. (بىز) ھەممە نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
وَكُلَّ إِنسَٰنٍ أَلۡزَمۡنَٰهُ طَٰٓئِرَهُۥ فِي عُنُقِهِۦۖ وَنُخۡرِجُ لَهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ كِتَٰبٗا يَلۡقَىٰهُ مَنشُورًا
Open ayah 17:13بىز ھەربىر ئىنساننىڭ ئەمەللىرىنى ئۇنىڭ بوينىغا تاڭىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىپ بېرىمىز.
ٱقۡرَأۡ كِتَٰبَكَ كَفَىٰ بِنَفۡسِكَ ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكَ حَسِيبٗا
Open ayah 17:14(ئۇنىڭغا): «نامە _ ئەمەلىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭدىن ھېساب ئېلىشقا ئۆزۈڭ يېتەرلىك» (دەيمىز).
مَّنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبۡعَثَ رَسُولٗا
Open ayah 17:15كىمكى ھىدايەت تاپسا، پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، پەقەت ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچكىمنى) ئازابلىغىنىمىز يوق.
وَإِذَآ أَرَدۡنَآ أَن نُّهۡلِكَ قَرۡيَةً أَمَرۡنَا مُتۡرَفِيهَا فَفَسَقُواْ فِيهَا فَحَقَّ عَلَيۡهَا ٱلۡقَوۡلُ فَدَمَّرۡنَٰهَا تَدۡمِيرٗا
Open ayah 17:16بىز قانداقلا بىر يۇرت (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى ھاكاۋۇر دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئۇ يەردە ئىتائەتسىزلىك (قىلىپ بىزگە ئاسىيلىق) قىلىدۇ _ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتنى قاتتىق ۋەيران قىلىپ (ئاھالىسىنى ھالاك قىلىپ) تاشلايمىز.
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِنۢ بَعۡدِ نُوحٖۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا
Open ayah 17:17نۇھتىن كېيىن، نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى (كۇفرىلىقى سەۋەبلىك) ھالاك قىلدۇق، رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر.
مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعَاجِلَةَ عَجَّلۡنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلۡنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصۡلَىٰهَا مَذۡمُومٗا مَّدۡحُورٗا
Open ayah 17:18كىمكى بۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان (دۇنيا مەنپەئەتلىرى)نى كۆزلەيدىكەن، بىز دۇنيادا (ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن) ئۆزىمىز خالىغان ئادەمگە ئۆزىمىز خالىغاننى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا جەھەننەمنى (تەيىن) قىلىمىز، ئۇ خارلانغان، (رەھمىتىمىزدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.
وَمَنۡ أَرَادَ ٱلۡأٓخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعۡيَهَا وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ كَانَ سَعۡيُهُم مَّشۡكُورٗا
Open ayah 17:19كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەت ئۈچۈن لايىقىدا ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلارنىڭ ئەمەلىگە (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مۇكاپات بېرىلىدۇ.
كُلّٗا نُّمِدُّ هَٰٓؤُلَآءِ وَهَٰٓؤُلَآءِ مِنۡ عَطَآءِ رَبِّكَۚ وَمَا كَانَ عَطَآءُ رَبِّكَ مَحۡظُورًا
Open ayah 17:20مۇشۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ھەربىرىگە رەببىڭنىڭ ئاتا - ئېھسانلىرىدىن بېرىمىز. رەببىڭنىڭ ئاتا - ئېھسانى (دۇنيادا ھېچكىمگە) چەكلەنگەن ئەمەس.
ٱنظُرۡ كَيۡفَ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ وَلَلۡأٓخِرَةُ أَكۡبَرُ دَرَجَٰتٖ وَأَكۡبَرُ تَفۡضِيلٗا
Open ayah 17:21ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن. ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەر تېخىمۇ چوڭ ۋە (ئۇنىڭدىكى) ئۈستۈنلۈك تېخىمۇ كاتتىدۇر.
لَّا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَقۡعُدَ مَذۡمُومٗا مَّخۡذُولٗا
Open ayah 17:22ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ) ئەيىبلەنگەن ۋە خارلانغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىسەن.
۞وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنًاۚ إِمَّا يَبۡلُغَنَّ عِندَكَ ٱلۡكِبَرَ أَحَدُهُمَآ أَوۡ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَآ أُفّٖ وَلَا تَنۡهَرۡهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوۡلٗا كَرِيمٗا
Open ayah 17:23رەببىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىق ۋە خىزمەتلەرنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى، ئەگەر سېنىڭ يېنىڭدا ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسىگە قېرىلىق يەتكەن بولسا، ئۇلارغا «ئوف!» دېمىگىن (يەنى شۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن.
وَٱخۡفِضۡ لَهُمَا جَنَاحَ ٱلذُّلِّ مِنَ ٱلرَّحۡمَةِ وَقُل رَّبِّ ٱرۡحَمۡهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرٗا
Open ayah 17:24ئۇلارغا چوڭقۇر مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر، مۇلايىم بولغىن ۋە: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە (مېھرى بىلەن) تەربىيەلىگەندەك، سەن ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن» دېگىن.
رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمۡۚ إِن تَكُونُواْ صَٰلِحِينَ فَإِنَّهُۥ كَانَ لِلۡأَوَّٰبِينَ غَفُورٗا
Open ayah 17:25رەببىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر سالىھ بولساڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ داۋاملىق تەۋبە قىلغۇچىلارنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَءَاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرۡ تَبۡذِيرًا
Open ayah 17:26تۇغقانغا، مىسكىنگە، (ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان) مۇساپىرغا (خەير _ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل _ مېلىڭنى كېرەكسىز يەرگە) بۇزۇپ _ چاچمىغىن.
إِنَّ ٱلۡمُبَذِّرِينَ كَانُوٓاْ إِخۡوَٰنَ ٱلشَّيَٰطِينِۖ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِرَبِّهِۦ كَفُورٗا
Open ayah 17:27چۈنكى، بۇزۇپ _ چاچقۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان رەببىگە تولىمۇ تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
وَإِمَّا تُعۡرِضَنَّ عَنۡهُمُ ٱبۡتِغَآءَ رَحۡمَةٖ مِّن رَّبِّكَ تَرۡجُوهَا فَقُل لَّهُمۡ قَوۡلٗا مَّيۡسُورٗا
Open ayah 17:28ئەگەر (سەن بىر نەرسە بېرىدىغان شارائىتتا بولمىغانلىقتىن، ئۇ موھتاجلارنى) قۇرۇق قول قايتۇرماقچى بولساڭ، رەببىڭدىن كۈتۈۋاتقان رەھمەت (رىزىق)نى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.
وَلَا تَجۡعَلۡ يَدَكَ مَغۡلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبۡسُطۡهَا كُلَّ ٱلۡبَسۡطِ فَتَقۡعُدَ مَلُومٗا مَّحۡسُورًا
Open ayah 17:29(بېخىللىق قىلىپ) قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن، (ئىسراپ قىلىپ) قولۇڭنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتمىگىن، (بولمىسا) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن.
إِنَّ رَبَّكَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا
Open ayah 17:30شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. چۈنكى، رەببىڭ بەندىلىرىنى (ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ خَشۡيَةَ إِمۡلَٰقٖۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُهُمۡ وَإِيَّاكُمۡۚ إِنَّ قَتۡلَهُمۡ كَانَ خِطۡـٔٗا كَبِيرٗا
Open ayah 17:31كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار [77]. ئۇلارنىڭمۇ، سىلەرنىڭمۇ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز. شەكسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھتۇر.
- جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئەرەبلەر نامراتلىقتىن ياكى نۇمۇستىن قورقۇپ قىزلىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆمۈۋېتەتتى.
وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلزِّنَىٰٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَسَآءَ سَبِيلٗا
Open ayah 17:32زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.
وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَمَن قُتِلَ مَظۡلُومٗا فَقَدۡ جَعَلۡنَا لِوَلِيِّهِۦ سُلۡطَٰنٗا فَلَا يُسۡرِف فِّي ٱلۡقَتۡلِۖ إِنَّهُۥ كَانَ مَنصُورٗا
Open ayah 17:33ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار، (قىساس ئېلىشقا ئوخشاش) ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا تولۇق ھوقۇق بەردۇق. ئۇ قىساس ئېلىشتا چەكتىن ئاشمىسۇن. ئۇ (قىساس ئېلىشتا ئاللاھ تەرەپتىن) ھەقىقەتەن ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر.
وَلَا تَقۡرَبُواْ مَالَ ٱلۡيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ أَشُدَّهُۥۚ وَأَوۡفُواْ بِٱلۡعَهۡدِۖ إِنَّ ٱلۡعَهۡدَ كَانَ مَسۡـُٔولٗا
Open ayah 17:34يېتىمنىڭ مال _ مۈلۈكىگە يېقىنلاشماڭلار، بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (ئۇنىڭ پايدىسى ئۈچۈن) ئەڭ ئۇيغۇن ئۇسۇلدا يېقىنلىشىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. چۈنكى، (قىيامەتتە) ئەھدىنىڭ سورىقى بار.
وَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ إِذَا كِلۡتُمۡ وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلٗا
Open ayah 17:35سىلەر (كىشىلەرگە) ئۆلچەپ بەرگەن ۋاقتىڭلاردا تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىڭلار. بۇنداق قىلىش تولىمۇ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر.
وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡـُٔولٗا
Open ayah 17:36ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى، قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ.
وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّكَ لَن تَخۡرِقَ ٱلۡأَرۡضَ وَلَن تَبۡلُغَ ٱلۡجِبَالَ طُولٗا
Open ayah 17:37سەن زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى، سەن (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە غادايساڭمۇ) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن.
كُلُّ ذَٰلِكَ كَانَ سَيِّئُهُۥ عِندَ رَبِّكَ مَكۡرُوهٗا
Open ayah 17:38بۇلارنىڭ ھەممىسى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا يامان كۆرۈلىدىغان قەبىھ ئىشلاردۇر.
ذَٰلِكَ مِمَّآ أَوۡحَىٰٓ إِلَيۡكَ رَبُّكَ مِنَ ٱلۡحِكۡمَةِۗ وَلَا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتُلۡقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومٗا مَّدۡحُورًا
Open ayah 17:39بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، (بولمىسا) مالامەت قىلىنغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.
أَفَأَصۡفَىٰكُمۡ رَبُّكُم بِٱلۡبَنِينَ وَٱتَّخَذَ مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنَٰثًاۚ إِنَّكُمۡ لَتَقُولُونَ قَوۡلًا عَظِيمٗا
Open ayah 17:40ئەجىبا، رەببىڭلار سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ [78] شەكسىزكى، سىلەر ئېغىر بىر سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر.
- بۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېگۈچىلەرگە قارىتىلغان.
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِيَذَّكَّرُواْ وَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا نُفُورٗا
Open ayah 17:41شەكسىزكى، ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا (ھەر خىل مەزمۇنلارنى) تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، بۇ ئۇلارغا (ھەقىقەتتىن) يىراقلىشىشتىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايۋاتىدۇ.
قُل لَّوۡ كَانَ مَعَهُۥٓ ءَالِهَةٞ كَمَا يَقُولُونَ إِذٗا لَّٱبۡتَغَوۡاْ إِلَىٰ ذِي ٱلۡعَرۡشِ سَبِيلٗا
Open ayah 17:42ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا (قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن) يول ئىزدىگەن بولاتتى.
سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوّٗا كَبِيرٗا
Open ayah 17:43ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر ۋە ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.
تُسَبِّحُ لَهُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ ٱلسَّبۡعُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمۡدِهِۦ وَلَٰكِن لَّا تَفۡقَهُونَ تَسۡبِيحَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا
Open ayah 17:44يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇدات ئاللاھنى پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ (ئېيتقان) تەسبىھىنى چۈشەنمەيسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ جَعَلۡنَا بَيۡنَكَ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ حِجَابٗا مَّسۡتُورٗا
Open ayah 17:45(ئى پەيغەمبەر!) سەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغان چېغىڭدا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن بىر پەردە پەيدا قىلىمىز.
وَجَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۚ وَإِذَا ذَكَرۡتَ رَبَّكَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِ وَحۡدَهُۥ وَلَّوۡاْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِمۡ نُفُورٗا
Open ayah 17:46قۇرئاننى چۈشەنمەيلا كەتسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، (ئۇنى ئاڭلىيالمىسۇن دەپ) ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، سەن قۇرئان (ئوقۇغان)دا رەببىڭنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ ئارقىغا قېچىپ كېتىدۇ.
نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَسۡتَمِعُونَ بِهِۦٓ إِذۡ يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَ وَإِذۡ هُمۡ نَجۡوَىٰٓ إِذۡ يَقُولُ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا
Open ayah 17:47ئۇلار ساڭا (يەنى تىلاۋىتىڭگە) قۇلاق سالغاندا، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ زالىملارنىڭ ئۆزئارا پىچىرلاشقاندا: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېگەنلىكىنى بىز ئوبدان بىلىمىز.
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَالَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا
Open ayah 17:48ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق قانداق ئوخشىتىشلارنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىغىن. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئېزىپ كەتتى، شۇڭا ئۇلار (توغرا) يول تاپالمايدۇ.
وَقَالُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا وَرُفَٰتًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ خَلۡقٗا جَدِيدٗا
Open ayah 17:49ئۇلار: «بىز قۇرۇق سۆڭەككە ۋە چىرىپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دېيىشىدۇ.
۞قُلۡ كُونُواْ حِجَارَةً أَوۡ حَدِيدًا
Open ayah 17:50(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش سىلەرگە قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ)». ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار (مەسخىرە بىلەن) ساڭا باشلىرىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟» دېيىشىدۇ، سەن «بەلكىم ئۇ يېقىندا بولىدۇ» دېگىن. [50 _ 51]
أَوۡ خَلۡقٗا مِّمَّا يَكۡبُرُ فِي صُدُورِكُمۡۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَاۖ قُلِ ٱلَّذِي فَطَرَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖۚ فَسَيُنۡغِضُونَ إِلَيۡكَ رُءُوسَهُمۡ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَۖ قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَرِيبٗا
Open ayah 17:51(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش سىلەرگە قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ)». ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار (مەسخىرە بىلەن) ساڭا باشلىرىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟» دېيىشىدۇ، سەن «بەلكىم ئۇ يېقىندا بولىدۇ» دېگىن. [50 _ 51]
يَوۡمَ يَدۡعُوكُمۡ فَتَسۡتَجِيبُونَ بِحَمۡدِهِۦ وَتَظُنُّونَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 17:52ئاللاھ سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن) چاقىرىدىغان كۈندە، سىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇپ ئاۋاز قوشىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە تۇرغاندەك ئويلاپ قالىسىلەر.
وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ ٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ يَنزَغُ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٗا مُّبِينٗا
Open ayah 17:53بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار (گەپ قىلغاندا ۋە مۇنازىرىلەشكەندە) ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شەكىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولىدۇ، چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.
رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِكُمۡۖ إِن يَشَأۡ يَرۡحَمۡكُمۡ أَوۡ إِن يَشَأۡ يُعَذِّبۡكُمۡۚ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا
Open ayah 17:54رەببىڭلار سىلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ. بىز سېنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق.
وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِمَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ فَضَّلۡنَا بَعۡضَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ عَلَىٰ بَعۡضٖۖ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا
Open ayah 17:55رەببىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق.
قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِهِۦ فَلَا يَمۡلِكُونَ كَشۡفَ ٱلضُّرِّ عَنكُمۡ وَلَا تَحۡوِيلًا
Open ayah 17:56(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان نەرسەڭلارغا يالۋۇرۇپ بېقىڭلارچۇ، ئۇلار سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكىمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشقىمۇ قادىر ئەمەس.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ يَبۡتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ ٱلۡوَسِيلَةَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ وَيَرۡجُونَ رَحۡمَتَهُۥ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُۥٓۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحۡذُورٗا
Open ayah 17:57ئۇلارنىڭ (ئىلاھ دەپ) چوقۇنۇۋاتقان ئۇ كىشىلىرى (ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەر) قانداق قىلساق ئاللاھقا يېقىن بولارمىز دەپ رەببىگە يېقىن بولۇش يولىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئازابىدىن قورقىدۇ. رەببىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.
وَإِن مِّن قَرۡيَةٍ إِلَّا نَحۡنُ مُهۡلِكُوهَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَوۡ مُعَذِّبُوهَا عَذَابٗا شَدِيدٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا
Open ayah 17:58(كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) قانداقلا بىر يۇرت ئاھالىسى بولسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ، كىتابتا (لەۋھۇلمەھفۇزدا) پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم)دۇر.
وَمَا مَنَعَنَآ أَن نُّرۡسِلَ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّآ أَن كَذَّبَ بِهَا ٱلۡأَوَّلُونَۚ وَءَاتَيۡنَا ثَمُودَ ٱلنَّاقَةَ مُبۡصِرَةٗ فَظَلَمُواْ بِهَاۚ وَمَا نُرۡسِلُ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّا تَخۡوِيفٗا
Open ayah 17:59(مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز سەمۇد قەۋمىگە ئوپئوچۇق بىر مۆجىزە سۈپىتىدە چىشى تۆگىنى بەردۇق، ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)، بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.
وَإِذۡ قُلۡنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِۚ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلرُّءۡيَا ٱلَّتِيٓ أَرَيۡنَٰكَ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلۡمَلۡعُونَةَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِۚ وَنُخَوِّفُهُمۡ فَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا طُغۡيَٰنٗا كَبِيرٗا
Open ayah 17:60(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا «رەببىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) قورشاپ تۇرىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدۇق. بىز ساڭا (مىراج كېچىسى) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخ (زەققۇم دەرىخى)نى پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. بىز ئۇلارنى قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتۇشىمىز ئۇلارغا چوڭ بىر يولسىزلىقتىن باشقىسىنى زىيادە قىلمايدۇ.
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ قَالَ ءَأَسۡجُدُ لِمَنۡ خَلَقۡتَ طِينٗا
Open ayah 17:61ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار!» دېگەن ئىدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس: «سەن لايدىن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلامدىمەن؟» دېدى.
قَالَ أَرَءَيۡتَكَ هَٰذَا ٱلَّذِي كَرَّمۡتَ عَلَيَّ لَئِنۡ أَخَّرۡتَنِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَأَحۡتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 17:62ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان (ئادەم) مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمىنى (ئازدۇرۇپ) ئۆزۈمگە ئەگىشىدىغان قىلىۋېتىمەن» دېدى.
قَالَ ٱذۡهَبۡ فَمَن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَآؤُكُمۡ جَزَآءٗ مَّوۡفُورٗا
Open ayah 17:63ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «يوقال! ئۇلاردىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ھەقىقەتەن سىلەرگە بېرىلىدىغان يېتەرلىك جازادۇر.
وَٱسۡتَفۡزِزۡ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتَ مِنۡهُم بِصَوۡتِكَ وَأَجۡلِبۡ عَلَيۡهِم بِخَيۡلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِ وَعِدۡهُمۡۚ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا
Open ayah 17:64ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۈشكۈرتەلەيدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن كۈشكۈرتكىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن — شەيتاننىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان ۋەدىسى پەقەتلا ئالدامچىلىقتۇر.
إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٞۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلٗا
Open ayah 17:65شەكسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن مۇئمىن) بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچبىر ھۆكۈمرانلىقىڭ يوقتۇر. (ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە) ھامىي بولۇشقا رەببىڭ يېتەرلىكتۇر».
رَّبُّكُمُ ٱلَّذِي يُزۡجِي لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ فِي ٱلۡبَحۡرِ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا
Open ayah 17:66رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز پەزلىدىن (رىزىق) ئىزدىسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدىغان زاتتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِي ٱلۡبَحۡرِ ضَلَّ مَن تَدۡعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ أَعۡرَضۡتُمۡۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ كَفُورًا
Open ayah 17:67سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا (سىلەر ئۇنىڭدىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ئىنتايىن تۇزكوردۇر.
أَفَأَمِنتُمۡ أَن يَخۡسِفَ بِكُمۡ جَانِبَ ٱلۡبَرِّ أَوۡ يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗا ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ وَكِيلًا
Open ayah 17:68سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر تەرىپىدە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا ھېچبىر ھامىي تاپالماي قېلىشىڭلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كەتتىڭلارمۇ؟
أَمۡ أَمِنتُمۡ أَن يُعِيدَكُمۡ فِيهِ تَارَةً أُخۡرَىٰ فَيُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ قَاصِفٗا مِّنَ ٱلرِّيحِ فَيُغۡرِقَكُم بِمَا كَفَرۡتُمۡ ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ عَلَيۡنَا بِهِۦ تَبِيعٗا
Open ayah 17:69ياكى سىلەرنىڭ كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ، ئۈستۈڭلارغا قارا بوراننى ئەۋەتىپ غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەر ئۈچۈن بىزدىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدىغان ھېچكىمنى تاپالماي قېلىشىڭلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كەتتىڭلارمۇ؟
۞وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا
Open ayah 17:70شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق.
يَوۡمَ نَدۡعُواْ كُلَّ أُنَاسِۭ بِإِمَٰمِهِمۡۖ فَمَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَقۡرَءُونَ كِتَٰبَهُمۡ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلٗا
Open ayah 17:71(ئى پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىنكى) ئۇ كۈندە ھەممە ئادەمنى ئۆزىنىڭ يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز، كىمنىڭ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلسە، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامە _ ئەمەلىنى (خۇشاللىق ئىچىدە) ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
وَمَن كَانَ فِي هَٰذِهِۦٓ أَعۡمَىٰ فَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ أَعۡمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
Open ayah 17:72بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ يولدىن ئازغان بولىدۇ.
وَإِن كَادُواْ لَيَفۡتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ لِتَفۡتَرِيَ عَلَيۡنَا غَيۡرَهُۥۖ وَإِذٗا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلٗا
Open ayah 17:73(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار ھەقىقەتەن سېنى بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈتۈپ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىزنىڭ نامىمىزدىن ئويدۇرۇپ چىقارغۇزۇشقا تاس قالدى، (ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى يېقىن دوست قىلىۋالاتتى.
وَلَوۡلَآ أَن ثَبَّتۡنَٰكَ لَقَدۡ كِدتَّ تَرۡكَنُ إِلَيۡهِمۡ شَيۡـٔٗا قَلِيلًا
Open ayah 17:74بىز سېنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، سەن ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ.
إِذٗا لَّأَذَقۡنَٰكَ ضِعۡفَ ٱلۡحَيَوٰةِ وَضِعۡفَ ٱلۡمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيۡنَا نَصِيرٗا
Open ayah 17:75ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيانىڭ قاتمۇقات ئازابىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ قاتمۇقات ئازابىنى تېتىتقان بولاتتۇق. ئاندىن سەن ئۆزۈڭگە بىزگە قارشى ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى تاپالمايتتىڭ.
وَإِن كَادُواْ لَيَسۡتَفِزُّونَكَ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ لِيُخۡرِجُوكَ مِنۡهَاۖ وَإِذٗا لَّا يَلۡبَثُونَ خِلَٰفَكَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 17:76(ئۇ كاپىرلار) ھەقىقەتەن سېنى (مەككە) زېمىنىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇ يەردە سېنى (خاتىرجەم) تۇرغۇزمىغىلى تاس قالدى، شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا تۇرالايتتى.
سُنَّةَ مَن قَدۡ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِن رُّسُلِنَاۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحۡوِيلًا
Open ayah 17:77(بۇ) سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدىكى قانۇنىيەتتۇر، بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا
Open ayah 17:78(ئى پەيغەمبەر!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر (بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا) ناماز ئوقۇغىن [79]. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، شەكسىزكى، بامدات نامىزىغا (كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى) ھازىر بولىدۇ.
- بۇ يەردە پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَتَهَجَّدۡ بِهِۦ نَافِلَةٗ لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبۡعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامٗا مَّحۡمُودٗا
Open ayah 17:79ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا ئويغىنىپ، ناماز ئوقۇغىن، رەببىڭنىڭ سېنى «مەدھىيەلىنىدىغان ماقام»غا كۆتۈرىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
وَقُل رَّبِّ أَدۡخِلۡنِي مُدۡخَلَ صِدۡقٖ وَأَخۡرِجۡنِي مُخۡرَجَ صِدۡقٖ وَٱجۡعَل لِّي مِن لَّدُنكَ سُلۡطَٰنٗا نَّصِيرٗا
Open ayah 17:80سەن «ئى رەببىم! مېنى كىرىدىغان يېرىمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، چىقىدىغان يېرىمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، دەرگاھىڭدىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان كۈچ _ قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن.
وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا
Open ayah 17:81«ھەق (دىن) كەلدى، باتىل يوقالدى. چۈنكى، باتىل ئەزەلدىن تېز يوقالغۇچىدۇر» دېگىن.
وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٞ وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارٗا
Open ayah 17:82بىز قۇرئاندىن مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. بۇ ئايەتلەر زالىملارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ.
وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسٗا
Open ayah 17:83ئىنسانغا نېمەت بەرگەن چېغىمىزدا، (ئۇ بىزدىن) يۈز ئۆرۈپ يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتسە، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
قُلۡ كُلّٞ يَعۡمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِۦ فَرَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَنۡ هُوَ أَهۡدَىٰ سَبِيلٗا
Open ayah 17:84(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى «ھەر ئادەم ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، رەببىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ».
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنۡ أَمۡرِ رَبِّي وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 17:85ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى، «روھ (نىڭ ماھىيىتىنى بىلىش) رەببىمگە خاس ئىشتۇر، سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەندۇر».
وَلَئِن شِئۡنَا لَنَذۡهَبَنَّ بِٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيۡنَا وَكِيلًا
Open ayah 17:86ئەگەر خالىساق، بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئان)نى ئەلۋەتتە (دىللاردىن) كۆتۈرۈۋېتەتتۇق، ئاندىن (ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن) بىزگە قارشى ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايتتىڭ.
إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ إِنَّ فَضۡلَهُۥ كَانَ عَلَيۡكَ كَبِيرٗا
Open ayah 17:87پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن (ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى). ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى.
قُل لَّئِنِ ٱجۡتَمَعَتِ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِمِثۡلِ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لَا يَأۡتُونَ بِمِثۡلِهِۦ وَلَوۡ كَانَ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٖ ظَهِيرٗا
Open ayah 17:88ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، بىر _ بىرىگە ياردەمچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ».
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا
Open ayah 17:89شەكسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى خىلمۇخىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۇفرىلىقتىن باشقىسىغا ئۇنىمىدى.
وَقَالُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكَ حَتَّىٰ تَفۡجُرَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَرۡضِ يَنۢبُوعًا
Open ayah 17:90ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە،
أَوۡ تَكُونَ لَكَ جَنَّةٞ مِّن نَّخِيلٖ وَعِنَبٖ فَتُفَجِّرَ ٱلۡأَنۡهَٰرَ خِلَٰلَهَا تَفۡجِيرًا
Open ayah 17:91ياكى سېنىڭ خورما، ئۈزۈملەر ئۆسكەن ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولمىغۇچە،
أَوۡ تُسۡقِطَ ٱلسَّمَآءَ كَمَا زَعَمۡتَ عَلَيۡنَا كِسَفًا أَوۡ تَأۡتِيَ بِٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ قَبِيلًا
Open ayah 17:92ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە _ پارچە قىلىپ چۈشۈرمىگۈچە، ياكى (راستچىللىقىڭغا) گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرمىگۈچە،
أَوۡ يَكُونَ لَكَ بَيۡتٞ مِّن زُخۡرُفٍ أَوۡ تَرۡقَىٰ فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَن نُّؤۡمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيۡنَا كِتَٰبٗا نَّقۡرَؤُهُۥۗ قُلۡ سُبۡحَانَ رَبِّي هَلۡ كُنتُ إِلَّا بَشَرٗا رَّسُولٗا
Open ayah 17:93ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە، ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغۇچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن».
وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَبَعَثَ ٱللَّهُ بَشَرٗا رَّسُولٗا
Open ayah 17:94(ئىمان ئېيتمىغان) ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە، پەقەت ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپتىمۇ؟» دېگەنلىكى ئىدى.
قُل لَّوۡ كَانَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَلَٰٓئِكَةٞ يَمۡشُونَ مُطۡمَئِنِّينَ لَنَزَّلۡنَا عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَلَكٗا رَّسُولٗا
Open ayah 17:95(ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا يەر يۈزىدە خاتىرجەم مېڭىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق».
قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا
Open ayah 17:96ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راستچىللىقىمغا) گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەھۋالى)نى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُمۡ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِهِۦۖ وَنَحۡشُرُهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ عُمۡيٗا وَبُكۡمٗا وَصُمّٗاۖ مَّأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ كُلَّمَا خَبَتۡ زِدۡنَٰهُمۡ سَعِيرٗا
Open ayah 17:97ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ھىمايىچىنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى يۈزىچە سۆرەپ، كور، گاچا، گاس ھالىتىدە يىغىمىز. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، ھەرقاچان (جەھەننەمنىڭ ئوتى) پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنىڭ يالقۇنىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُم بِأَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَقَالُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا وَرُفَٰتًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ خَلۡقٗا جَدِيدًا
Open ayah 17:98مانا بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە «بىز چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر.
۞أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يَخۡلُقَ مِثۡلَهُمۡ وَجَعَلَ لَهُمۡ أَجَلٗا لَّا رَيۡبَ فِيهِ فَأَبَى ٱلظَّٰلِمُونَ إِلَّا كُفُورٗا
Open ayah 17:99ئۇلار ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم كېلىدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، (ھەقىقەت شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار كۇفرىدىن باشقىسىغا ئۇنىمايدۇ.
قُل لَّوۡ أَنتُمۡ تَمۡلِكُونَ خَزَآئِنَ رَحۡمَةِ رَبِّيٓ إِذٗا لَّأَمۡسَكۡتُمۡ خَشۡيَةَ ٱلۡإِنفَاقِۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ قَتُورٗا
Open ayah 17:100ئېيتقىنكى، «رەببىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئەگەر سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇنى چىقىم (قىلىش بىلەن تۈگەپ كېتىشى)دىن قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان ئەزەلدىن بېخىلدۇر».
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ تِسۡعَ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۖ فَسۡـَٔلۡ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِذۡ جَآءَهُمۡ فَقَالَ لَهُۥ فِرۡعَوۡنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَٰمُوسَىٰ مَسۡحُورٗا
Open ayah 17:101بىز مۇساغا ناھايىتى روشەن توققۇز مۆجىزە ئاتا قىلغان ئىدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن، مۇسا (پەيغەمبەر بولۇپ) ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەن چاغدا، پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم سېھىرلەنگەن دەپ ئويلايمەن» دېدى.
قَالَ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَآ أَنزَلَ هَٰٓؤُلَآءِ إِلَّا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ بَصَآئِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَٰفِرۡعَوۡنُ مَثۡبُورٗا
Open ayah 17:102مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇ مۆجىزىلەرنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى (بولغان ئاللاھ مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن ئەلۋەتتە، ئوبدان بىلىسەن، ئى پىرئەۋن! مەن سېنى چوقۇم ھالاك بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.
فَأَرَادَ أَن يَسۡتَفِزَّهُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ فَأَغۡرَقۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ جَمِيعٗا
Open ayah 17:103پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
وَقُلۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ لِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱسۡكُنُواْ ٱلۡأَرۡضَ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ ٱلۡأٓخِرَةِ جِئۡنَا بِكُمۡ لَفِيفٗا
Open ayah 17:104پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (بولغان قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى ئارىلاش توپلاپ ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق.
وَبِٱلۡحَقِّ أَنزَلۡنَٰهُ وَبِٱلۡحَقِّ نَزَلَۗ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
Open ayah 17:105بىز قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق.
وَقُرۡءَانٗا فَرَقۡنَٰهُ لِتَقۡرَأَهُۥ عَلَى ٱلنَّاسِ عَلَىٰ مُكۡثٖ وَنَزَّلۡنَٰهُ تَنزِيلٗا
Open ayah 17:106(ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ قۇرئاننى كىشىلەرگە توختاپ _ توختاپ ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇنى بۆلەكلەرگە بۆلدۇق ۋە تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.
قُلۡ ءَامِنُواْ بِهِۦٓ أَوۡ لَا تُؤۡمِنُوٓاْۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ مِن قَبۡلِهِۦٓ إِذَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ يَخِرُّونَۤ لِلۡأَذۡقَانِۤ سُجَّدٗاۤ
Open ayah 17:107ئېيتقىنكى، «(ئى مۇشرىكلار! مەيلى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار ياكى ئىمان ئېيتماڭلار، ھەقىقەت شۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە (بۇ قۇرئان) تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار (ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ.
وَيَقُولُونَ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِن كَانَ وَعۡدُ رَبِّنَا لَمَفۡعُولٗا
Open ayah 17:108ئۇلار: ‹رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ› دەيدۇ.
وَيَخِرُّونَ لِلۡأَذۡقَانِ يَبۡكُونَ وَيَزِيدُهُمۡ خُشُوعٗا۩
Open ayah 17:109ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ سەجدىگە باش قويىدۇ، (قۇرئاننى ئاڭلاش) ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ».
قُلِ ٱدۡعُواْ ٱللَّهَ أَوِ ٱدۡعُواْ ٱلرَّحۡمَٰنَۖ أَيّٗا مَّا تَدۡعُواْ فَلَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَلَا تَجۡهَرۡ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتۡ بِهَا وَٱبۡتَغِ بَيۡنَ ذَٰلِكَ سَبِيلٗا
Open ayah 17:110(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ (نۇرغۇن) گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا ئاۋازىڭنى بەك يۇقىرىمۇ قىلمىغىن، بەك تۆۋەنمۇ قىلمىغىن. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن.
وَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ وَلِيّٞ مِّنَ ٱلذُّلِّۖ وَكَبِّرۡهُ تَكۡبِيرَۢا
Open ayah 17:111(ئى پەيغەمبەر!) «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، ئىلاھلىقىدا شېرىكى بولمىغان، ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بىرەر دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر!» دېگىن ۋە ئاللاھنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن.