الكهف
Al-Kahf
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَىٰ عَبۡدِهِ ٱلۡكِتَٰبَ وَلَمۡ يَجۡعَل لَّهُۥ عِوَجَاۜ
Open ayah 18:1جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى. [1 _ 4]
قَيِّمٗا لِّيُنذِرَ بَأۡسٗا شَدِيدٗا مِّن لَّدُنۡهُ وَيُبَشِّرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ أَجۡرًا حَسَنٗا
Open ayah 18:2جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى. [1 _ 4]
مَّٰكِثِينَ فِيهِ أَبَدٗا
Open ayah 18:3جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى. [1 _ 4]
وَيُنذِرَ ٱلَّذِينَ قَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗا
Open ayah 18:4جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى. [1 _ 4]
مَّا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٖ وَلَا لِأٓبَآئِهِمۡۚ كَبُرَتۡ كَلِمَةٗ تَخۡرُجُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡۚ إِن يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبٗا
Open ayah 18:5ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ بوھتان توغرىسىدا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ (كۇفرىلىق)! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ.
فَلَعَلَّكَ بَٰخِعٞ نَّفۡسَكَ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ إِن لَّمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَسَفًا
Open ayah 18:6(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار بۇ سۆزگە (قۇرئانغا) ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىدىغاندەك تۇرىسەن.
إِنَّا جَعَلۡنَا مَا عَلَى ٱلۡأَرۡضِ زِينَةٗ لَّهَا لِنَبۡلُوَهُمۡ أَيُّهُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗا
Open ayah 18:7ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغان ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ زىننىتى قىلدۇق.
وَإِنَّا لَجَٰعِلُونَ مَا عَلَيۡهَا صَعِيدٗا جُرُزًا
Open ayah 18:8يەنە بىز ئەلۋەتتە ئۇ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، (يەر يۈزىنى) تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز.
أَمۡ حَسِبۡتَ أَنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡكَهۡفِ وَٱلرَّقِيمِ كَانُواْ مِنۡ ءَايَٰتِنَا عَجَبًا
Open ayah 18:9(ئى پەيغەمبەر!) ياكى سەن راستتىنلا ئەسھابۇلكەھفنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختىنى بىزنىڭ (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىقى دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟
إِذۡ أَوَى ٱلۡفِتۡيَةُ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ فَقَالُواْ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةٗ وَهَيِّئۡ لَنَا مِنۡ أَمۡرِنَا رَشَدٗا
Open ayah 18:10ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزنى بۇ ئىشىمىزدا توغرا بىر چىقىش يولىغا مۇۋەپپەق قىلغىن» دېگەن ئىدى.
فَضَرَبۡنَا عَلَىٰٓ ءَاذَانِهِمۡ فِي ٱلۡكَهۡفِ سِنِينَ عَدَدٗا
Open ayah 18:11شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆڭكۈردە ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق.
ثُمَّ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِنَعۡلَمَ أَيُّ ٱلۡحِزۡبَيۡنِ أَحۡصَىٰ لِمَا لَبِثُوٓاْ أَمَدٗا
Open ayah 18:12ئاندىن (ئەسھابۇل كەھف ئىچىدىكى) ئىككى گۇرۇھتىن (ئۆڭكۈردە) تۇرغان مۇددىتىنى قايسىسىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق.
نَّحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ نَبَأَهُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّهُمۡ فِتۡيَةٌ ءَامَنُواْ بِرَبِّهِمۡ وَزِدۡنَٰهُمۡ هُدٗى
Open ayah 18:13بىز ساڭا ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىگە ئىمان ئېيتقان يىگىتلەر ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى كۈچەيتكەن ئىدۇق.
وَرَبَطۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ إِذۡ قَامُواْ فَقَالُواْ رَبُّنَا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَن نَّدۡعُوَاْ مِن دُونِهِۦٓ إِلَٰهٗاۖ لَّقَدۡ قُلۡنَآ إِذٗا شَطَطًا
Open ayah 18:14بىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (زالىم پادىشاھ ئالدىدا) ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ رەببىدۇر، بىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىلاھ دېمەيمىز، ئەگەر بىز شۇنداق دېسەك، ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر سۆزنى قىلغان بولىمىز.
هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمُنَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ لَّوۡلَا يَأۡتُونَ عَلَيۡهِم بِسُلۡطَٰنِۭ بَيِّنٖۖ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا
Open ayah 18:15بىزنىڭ بۇ قەۋمىمىز ئاللاھتىن باشقىلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار نېمىشقا (ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا) ئېنىق بىر دەلىل كەلتۈرەلمەيدۇ؟ ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟».
وَإِذِ ٱعۡتَزَلۡتُمُوهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ فَأۡوُۥٓاْ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ يَنشُرۡ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَيُهَيِّئۡ لَكُم مِّنۡ أَمۡرِكُم مِّرۡفَقٗا
Open ayah 18:16(ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى دېدىكى) «سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۆڭكۈرنى پاناھ جاي قىلىڭلاركى، رەببىڭلار سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە سىلەرگە (قىيىن) ئىشىڭلاردىن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ».
۞وَتَرَى ٱلشَّمۡسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَٰوَرُ عَن كَهۡفِهِمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقۡرِضُهُمۡ ذَاتَ ٱلشِّمَالِ وَهُمۡ فِي فَجۡوَةٖ مِّنۡهُۚ ذَٰلِكَ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِۗ مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ وَلِيّٗا مُّرۡشِدٗا
Open ayah 18:17(ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇ يەردە بولساڭ ئىدىڭ) كۈن چىققان چاغدا، كۈننىڭ ئۇلار تۇرغان ئۆڭكۈرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا، كۈننىڭ ئۆڭكۈرنىڭ سول تەرىپىگە (ئۇلارغا چۈشمەيلا) ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. ئۇلار بولسا (كۈننىڭ ئىسسىقىدىن بىئارام بولماستىن) ئۆڭكۈرنىڭ ئازادە بىر يېرىدە (ئۇخلىماقتا) ئىدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ (قىلمىشى سەۋەبلىك) كىمنى ئازدۇرسا، سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر دوست تاپالمايسەن.
وَتَحۡسَبُهُمۡ أَيۡقَاظٗا وَهُمۡ رُقُودٞۚ وَنُقَلِّبُهُمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَذَاتَ ٱلشِّمَالِۖ وَكَلۡبُهُم بَٰسِطٞ ذِرَاعَيۡهِ بِٱلۡوَصِيدِۚ لَوِ ٱطَّلَعۡتَ عَلَيۡهِمۡ لَوَلَّيۡتَ مِنۡهُمۡ فِرَارٗا وَلَمُلِئۡتَ مِنۡهُمۡ رُعۡبٗا
Open ayah 18:18(ئەگەر ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغان بولساڭ) ئۇلار ئۇيقۇدا تۇرسىمۇ، سەن ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى ئۆڭكۈرنىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، چوقۇم ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ قاچقان بولاتتىڭ.
وَكَذَٰلِكَ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِيَتَسَآءَلُواْ بَيۡنَهُمۡۚ قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ كَمۡ لَبِثۡتُمۡۖ قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖۚ قَالُواْ رَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا لَبِثۡتُمۡ فَٱبۡعَثُوٓاْ أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمۡ هَٰذِهِۦٓ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ فَلۡيَنظُرۡ أَيُّهَآ أَزۡكَىٰ طَعَامٗا فَلۡيَأۡتِكُم بِرِزۡقٖ مِّنۡهُ وَلۡيَتَلَطَّفۡ وَلَا يُشۡعِرَنَّ بِكُمۡ أَحَدًا
Open ayah 18:19شۇنىڭدەك، (ئۆزلىرىنىڭ ئۆڭكۈردە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى) ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى «(بۇ ئۆڭكۈردە) قانچە ئۇزاق تۇردۇڭلار؟» دېدى. (ئۇلارنىڭ بەزىسى): «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. (يەنە بەزىسى) دېدىكى، «قانچىلىك ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. سىلەر (ئىچىڭلاردىن) بىرىڭلارنى بۇ تەڭگىلىرىڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار، ئۇ قاراپ بېقىپ، قايسى تاماق ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرۇپ قويمىسۇن.
إِنَّهُمۡ إِن يَظۡهَرُواْ عَلَيۡكُمۡ يَرۡجُمُوكُمۡ أَوۡ يُعِيدُوكُمۡ فِي مِلَّتِهِمۡ وَلَن تُفۡلِحُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا
Open ayah 18:20ئەگەر ئۇلار سىلەرنى سېزىپ قالسا، سىلەرنى چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. (ئەگەر ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرسەڭلار) ئۇ ھالدا سىلەر ھەرگىز نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر».
وَكَذَٰلِكَ أَعۡثَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ لِيَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ لَا رَيۡبَ فِيهَآ إِذۡ يَتَنَٰزَعُونَ بَيۡنَهُمۡ أَمۡرَهُمۡۖ فَقَالُواْ ٱبۡنُواْ عَلَيۡهِم بُنۡيَٰنٗاۖ رَّبُّهُمۡ أَعۡلَمُ بِهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ غَلَبُواْ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِمۡ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيۡهِم مَّسۡجِدٗا
Open ayah 18:21شۇنىڭدەك يەنە ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك _ شۈبھە يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر (ئەسھابۇلكەھف ئۈچۈن نېمە قىلىش) توغرۇلۇق ئۆز ئارىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىشقان ئىدى. بەزىلەر: «ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىر بىنا سېلىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. گېپى ئۆتىدىغانلار: «ئۆڭكۈرنىڭ ئورنىغا چوقۇم بىر مەسجىد سالايلى» دېدى.
سَيَقُولُونَ ثَلَٰثَةٞ رَّابِعُهُمۡ كَلۡبُهُمۡ وَيَقُولُونَ خَمۡسَةٞ سَادِسُهُمۡ كَلۡبُهُمۡ رَجۡمَۢا بِٱلۡغَيۡبِۖ وَيَقُولُونَ سَبۡعَةٞ وَثَامِنُهُمۡ كَلۡبُهُمۡۚ قُل رَّبِّيٓ أَعۡلَمُ بِعِدَّتِهِم مَّا يَعۡلَمُهُمۡ إِلَّا قَلِيلٞۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمۡ إِلَّا مِرَآءٗ ظَٰهِرٗا وَلَا تَسۡتَفۡتِ فِيهِم مِّنۡهُمۡ أَحَدٗا
Open ayah 18:22بەزىلەر: «ئەسھابۇلكەھف ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي قارىسىغا ئېيتىلغان سۆزدۇر. يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، (ئى پەيغەرمبەر!) «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ، (رەببىمدىن باشقا) ئازغىنە كىشىلەرلا بىلىدۇ» دېگىن. شۇڭا سەن ئۇلار توغرۇلۇق (ئەھلى كىتاب بىلەن) پەقەت يۈزەكىلا مۇنازىرىلەشكىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن (ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى) سورىمىغىن.
وَلَا تَقُولَنَّ لِشَاْيۡءٍ إِنِّي فَاعِلٞ ذَٰلِكَ غَدًا
Open ayah 18:23سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي،
إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ وَٱذۡكُر رَّبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَهۡدِيَنِ رَبِّي لِأَقۡرَبَ مِنۡ هَٰذَا رَشَدٗا
Open ayah 18:24«ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئەگەر ئۇنتۇپ قالساڭ، (ئېسىڭگە كەلگەن ھامان) رەببىڭنى ياد ئەتكىن ۋە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ (يەنى ئەسھابۇلكەھف قىسسىدىنمۇ) يېقىن (ۋە روشەن دەلىللەرنى بېرىش ئارقىلىق) توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن.
وَلَبِثُواْ فِي كَهۡفِهِمۡ ثَلَٰثَ مِاْئَةٖ سِنِينَ وَٱزۡدَادُواْ تِسۡعٗا
Open ayah 18:25ئۇلار ئۆڭكۈرىدە ئۈچ يۈز توققۇز يىل تۇردى.
قُلِ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا لَبِثُواْۖ لَهُۥ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ أَبۡصِرۡ بِهِۦ وَأَسۡمِعۡۚ مَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِيّٖ وَلَا يُشۡرِكُ فِي حُكۡمِهِۦٓ أَحَدٗا
Open ayah 18:26ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىب (نى بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن ئۆتكۈر! ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر، ئاللاھ ئۆز ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ».
وَٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِن كِتَابِ رَبِّكَۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦ وَلَن تَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدٗا
Open ayah 18:27(ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا قىلىنغان ۋەھيىنى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، (ئەگەر سەن ۋەھيىگە ئەمەل قىلمىساڭ)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھلىنىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسەن.
وَٱصۡبِرۡ نَفۡسَكَ مَعَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ وَلَا تَعۡدُ عَيۡنَاكَ عَنۡهُمۡ تُرِيدُ زِينَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَا تُطِعۡ مَنۡ أَغۡفَلۡنَا قَلۡبَهُۥ عَن ذِكۡرِنَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ وَكَانَ أَمۡرُهُۥ فُرُطٗا
Open ayah 18:28سەن رەببىنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن كۆڭلۈڭنى ئارام تاپقۇزغىن، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، (ئاسىيلىقى سەۋەبلىك) بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە بويسۇنمىغىن.
وَقُلِ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَن شَآءَ فَلۡيُؤۡمِن وَمَن شَآءَ فَلۡيَكۡفُرۡۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمۡ سُرَادِقُهَاۚ وَإِن يَسۡتَغِيثُواْ يُغَاثُواْ بِمَآءٖ كَٱلۡمُهۡلِ يَشۡوِي ٱلۡوُجُوهَۚ بِئۡسَ ٱلشَّرَابُ وَسَآءَتۡ مُرۡتَفَقًا
Open ayah 18:29(ئى پەيغەمبەر!) «ئېيتقىنكى، بۇ (دىن) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. شۇڭا خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن». بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى (دوزاخنى) تەييارلىدۇق، ئۇلار (ئۇسسۇزلۇقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ناھايىتى قىزىق سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ مَنۡ أَحۡسَنَ عَمَلًا
Open ayah 18:30ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (بىلسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىمىز)، قېتىرقىنىپ ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجىرىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيمىز.
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَيَلۡبَسُونَ ثِيَابًا خُضۡرٗا مِّن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۚ نِعۡمَ ٱلثَّوَابُ وَحَسُنَتۡ مُرۡتَفَقٗا
Open ayah 18:31ئەنە شۇلارغا (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بار، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي!
۞وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلٗا رَّجُلَيۡنِ جَعَلۡنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيۡنِ مِنۡ أَعۡنَٰبٖ وَحَفَفۡنَٰهُمَا بِنَخۡلٖ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمَا زَرۡعٗا
Open ayah 18:32(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۈزۈملۈك ئىككى باغ ئاتا قىلىپ، ھەر ئىككى باغنىڭ ئەتراپىنى خورما دەرەخلىرى بىلەن ئورىدۇق، ئوتتۇرىسىنى ئېكىنزارلىق قىلدۇق.
كِلۡتَا ٱلۡجَنَّتَيۡنِ ءَاتَتۡ أُكُلَهَا وَلَمۡ تَظۡلِم مِّنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ وَفَجَّرۡنَا خِلَٰلَهُمَا نَهَرٗا
Open ayah 18:33ھەر ئىككىلىسى كەم _ كۈتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق.
وَكَانَ لَهُۥ ثَمَرٞ فَقَالَ لِصَٰحِبِهِۦ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَنَا۠ أَكۡثَرُ مِنكَ مَالٗا وَأَعَزُّ نَفَرٗا
Open ayah 18:34باغ ئىگىسى مەھسۇلاتقا (يەنە باشقا كىرىملەرگىمۇ) ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ: «مەن پۇل _ مالدا سەندىن باي، ئادەم سانىدىمۇ سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن» دېدى.
وَدَخَلَ جَنَّتَهُۥ وَهُوَ ظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ قَالَ مَآ أَظُنُّ أَن تَبِيدَ هَٰذِهِۦٓ أَبَدٗا
Open ayah 18:35ئۇ بېغىغا كىرىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةٗ وَلَئِن رُّدِدتُّ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهَا مُنقَلَبٗا
Open ayah 18:36قىيامەتنىمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ناۋادا (قىيامەت بولۇپ) مەن رەببىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم بۇ باغدىنمۇ ياخشىراق جاينى تاپالايمەن».
قَالَ لَهُۥ صَاحِبُهُۥ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَكَفَرۡتَ بِٱلَّذِي خَلَقَكَ مِن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ سَوَّىٰكَ رَجُلٗا
Open ayah 18:37مۇئمىن بۇرادىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن (ۋە ئۇنىڭغا ۋەز _ نەسىھەت قىلغان) ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى قانداق ئىنكار قىلىسەن؟
لَّٰكِنَّا۠ هُوَ ٱللَّهُ رَبِّي وَلَآ أُشۡرِكُ بِرَبِّيٓ أَحَدٗا
Open ayah 18:38لېكىن (مەن دەيمەنكى) ئۇ مېنىڭ رەببىم ئاللاھتۇر، رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن.
وَلَوۡلَآ إِذۡ دَخَلۡتَ جَنَّتَكَ قُلۡتَ مَا شَآءَ ٱللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِٱللَّهِۚ إِن تَرَنِ أَنَا۠ أَقَلَّ مِنكَ مَالٗا وَوَلَدٗا
Open ayah 18:39سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا، (ئۇنىڭدىن خۇشاللانساڭ): ‹ماشائاللاھ! لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى)› دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، رەببىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلىشى، ئۇنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈشى بىلەن بېغىڭنىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن». [39 _ 41]
فَعَسَىٰ رَبِّيٓ أَن يُؤۡتِيَنِ خَيۡرٗا مِّن جَنَّتِكَ وَيُرۡسِلَ عَلَيۡهَا حُسۡبَانٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَتُصۡبِحَ صَعِيدٗا زَلَقًا
Open ayah 18:40سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا، (ئۇنىڭدىن خۇشاللانساڭ): ‹ماشائاللاھ! لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى)› دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، رەببىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلىشى، ئۇنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈشى بىلەن بېغىڭنىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن». [39 _ 41]
أَوۡ يُصۡبِحَ مَآؤُهَا غَوۡرٗا فَلَن تَسۡتَطِيعَ لَهُۥ طَلَبٗا
Open ayah 18:41سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا، (ئۇنىڭدىن خۇشاللانساڭ): ‹ماشائاللاھ! لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى)› دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، رەببىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلىشى، ئۇنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈشى بىلەن بېغىڭنىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن». [39 _ 41]
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِۦ فَأَصۡبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيۡهِ عَلَىٰ مَآ أَنفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُشۡرِكۡ بِرَبِّيٓ أَحَدٗا
Open ayah 18:42(دېگەندەك) ئۇنىڭ مېۋىلىرى (بېغى) پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى، تېلىنىڭ بېدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالىقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسامچۇ!» دەپ قالدى.
وَلَمۡ تَكُن لَّهُۥ فِئَةٞ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مُنتَصِرًا
Open ayah 18:43ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچبىر جامائە چىقمىدى، ئۆزىمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلالمىدى.
هُنَالِكَ ٱلۡوَلَٰيَةُ لِلَّهِ ٱلۡحَقِّۚ هُوَ خَيۡرٞ ثَوَابٗا وَخَيۡرٌ عُقۡبٗا
Open ayah 18:44ئەنە شۇنداق (دەھشەتلىك) چاغلاردا (مەدەتكار بولۇش) پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەڭ ياخشى قىلغۇچىدۇر.
وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ فَأَصۡبَحَ هَشِيمٗا تَذۡرُوهُ ٱلرِّيَٰحُۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ مُّقۡتَدِرًا
Open ayah 18:45(ئى پەيغەمبەر!) ئىنسانلارغا دۇنيا ھاياتى ھەققىدە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرگىن: (دۇنيا ھاياتى) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، شۇ يامغۇر بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى (ئۆسۈپ) بىر _ بىرىگە چىرمىشىپ كۆكىرىدۇ، كېيىن ئۇ (قۇرۇپ تۆكۈلۈپ) بوران (تەرەپ _ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ يۈرىدىغان ئوت _ چۆپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ٱلۡمَالُ وَٱلۡبَنُونَ زِينَةُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٌ أَمَلٗا
Open ayah 18:46پۇل _ ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشىدۇر، (ساۋابىنى) ئۈمىد قىلىش جەھەتتىمۇ ئەڭ ياخشىدۇر.
وَيَوۡمَ نُسَيِّرُ ٱلۡجِبَالَ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ بَارِزَةٗ وَحَشَرۡنَٰهُمۡ فَلَمۡ نُغَادِرۡ مِنۡهُمۡ أَحَدٗا
Open ayah 18:47ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە بىز تاغلارنى (ئورۇنلىرىدىن) يۆتكەيمىز، زېمىننىڭ تۈپتۈز بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، بىز ئىنسانلارنى ھېساب مەيدانىغا يىغىمىز، ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويمايمىز.
وَعُرِضُواْ عَلَىٰ رَبِّكَ صَفّٗا لَّقَدۡ جِئۡتُمُونَا كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةِۭۚ بَلۡ زَعَمۡتُمۡ أَلَّن نَّجۡعَلَ لَكُم مَّوۡعِدٗا
Open ayah 18:48ئۇلار سەپ _ سەپ بولۇشۇپ رەببىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىرىلىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق شۇ ھالەتتە كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) بىزنى سىلەر ئۈچۈن (مۇنداق بىر ئۇچرىشىش) ۋاقتىنى بېكىتمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىڭلار» (دەيمىز).
وَوُضِعَ ٱلۡكِتَٰبُ فَتَرَى ٱلۡمُجۡرِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَٰوَيۡلَتَنَا مَالِ هَٰذَا ٱلۡكِتَٰبِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةً إِلَّآ أَحۡصَىٰهَاۚ وَوَجَدُواْ مَا عَمِلُواْ حَاضِرٗاۗ وَلَا يَظۡلِمُ رَبُّكَ أَحَدٗا
Open ayah 18:49كىشىلەرنىڭ نامە _ ئەمەلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەنلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بۇ قانداق كىتاب؟ چوڭ _ كىچىك ھېچبىر ئىشنى چالا قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان _ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە _ ئەمەلىگە خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ كَانَ مِنَ ٱلۡجِنِّ فَفَسَقَ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِۦٓۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُۥ وَذُرِّيَّتَهُۥٓ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِي وَهُمۡ لَكُمۡ عَدُوُّۢۚ بِئۡسَ لِلظَّٰلِمِينَ بَدَلٗا
Open ayah 18:50ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر. بۇ (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا ئىتائەت قىلىش) زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان ئالماشتۇرۇش!
۞مَّآ أَشۡهَدتُّهُمۡ خَلۡقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَا خَلۡقَ أَنفُسِهِمۡ وَمَا كُنتُ مُتَّخِذَ ٱلۡمُضِلِّينَ عَضُدٗا
Open ayah 18:51مەن ئۇلارنى (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ ھازىر قىلغىنىم يوق. مەن ئاشۇ ئازدۇرغۇچىلارنى ئەزەلدىن ياردەمچى قىلىپ تۇتقىنىممۇ يوق.
وَيَوۡمَ يَقُولُ نَادُواْ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُم مَّوۡبِقٗا
Open ayah 18:52شۇ كۈندە ئاللاھ (مۇشرىكلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر ماڭا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ _ يۇ، لېكىن ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلىمىز.
وَرَءَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ ٱلنَّارَ فَظَنُّوٓاْ أَنَّهُم مُّوَاقِعُوهَا وَلَمۡ يَجِدُواْ عَنۡهَا مَصۡرِفٗا
Open ayah 18:53گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چوقۇم كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَكۡثَرَ شَيۡءٖ جَدَلٗا
Open ayah 18:54شەكسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان ئەڭ كۆپ جېدەللىشىدىغان مەخلۇقتۇر.
وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰ وَيَسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّهُمۡ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ قُبُلٗا
Open ayah 18:55ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توسۇپ قالغان نەرسە پەقەت ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ ئۆز باشلىرىغا كېلىشىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتكەنلىكى ئىدى.
وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۚ وَيُجَٰدِلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ لِيُدۡحِضُواْ بِهِ ٱلۡحَقَّۖ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَمَآ أُنذِرُواْ هُزُوٗا
Open ayah 18:56بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتىمىز. كاپىرلار باتىل سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (تېمىسى) قىلىۋالغان.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ فَأَعۡرَضَ عَنۡهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُۚ إِنَّا جَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۖ وَإِن تَدۡعُهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ فَلَن يَهۡتَدُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا
Open ayah 18:57رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند _ نەسىھەت قىلىنغان تۇرۇپمۇ ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭمۇ، ئۇ ھالدا ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.
وَرَبُّكَ ٱلۡغَفُورُ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۖ لَوۡ يُؤَاخِذُهُم بِمَا كَسَبُواْ لَعَجَّلَ لَهُمُ ٱلۡعَذَابَۚ بَل لَّهُم مَّوۡعِدٞ لَّن يَجِدُواْ مِن دُونِهِۦ مَوۡئِلٗا
Open ayah 18:58رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم _ شەپقەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك (دەرھال) جازالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىتتا) ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھ جاي تاپالمايدۇ.
وَتِلۡكَ ٱلۡقُرَىٰٓ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَعَلۡنَا لِمَهۡلِكِهِم مَّوۡعِدٗا
Open ayah 18:59شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) زۇلۇم قىلغان چاغدا، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَىٰهُ لَآ أَبۡرَحُ حَتَّىٰٓ أَبۡلُغَ مَجۡمَعَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ أَوۡ أَمۡضِيَ حُقُبٗا
Open ayah 18:60ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش ھەمراھىغا: «ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارمىغۇچە ياكى بەك ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتمىگۈچە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا بَلَغَا مَجۡمَعَ بَيۡنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ سَرَبٗا
Open ayah 18:61ئۇلار ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دېڭىزغا (تونېلغا ئوخشاش) يول ئېچىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى.
فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَىٰهُ ءَاتِنَا غَدَآءَنَا لَقَدۡ لَقِينَا مِن سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبٗا
Open ayah 18:62ئۇلار ئۇ جايدىن ئۆتۈپ بولغاندا مۇسا ياش ھەمراھىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى.
قَالَ أَرَءَيۡتَ إِذۡ أَوَيۡنَآ إِلَى ٱلصَّخۡرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ ٱلۡحُوتَ وَمَآ أَنسَىٰنِيهُ إِلَّا ٱلشَّيۡطَٰنُ أَنۡ أَذۡكُرَهُۥۚ وَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ عَجَبٗا
Open ayah 18:63ھەمراھى: «بىز قورام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان ۋاقتىمىز ئېسىڭدە بارمۇ؟ مەن شۇ جايدا بېلىققا بولغان ئەھۋالنى ساڭا ئېيتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇنى ساڭا ئېيتىشىمنى پەقەتلا شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق شۇ چاغدا ھەيران قالارلىق ھالدا دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى» دېدى.
قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبۡغِۚ فَٱرۡتَدَّا عَلَىٰٓ ءَاثَارِهِمَا قَصَصٗا
Open ayah 18:64مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل ئاشۇ ئىدى» دېدى _ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە قايتتى.
فَوَجَدَا عَبۡدٗا مِّنۡ عِبَادِنَآ ءَاتَيۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَعَلَّمۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّا عِلۡمٗا
Open ayah 18:65ئاندىن ئۇ ئىككىسى (شۇ چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بەندىلىرىمىزدىن بىزنىڭ ئالاھىدە مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە دەرگاھىمىزدىن (غەيىبىي) ئىلىم بىلدۈرگەن بىر بەندە (خىزىر)نى ئۇچراتتى.
قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰ هَلۡ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰٓ أَن تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمۡتَ رُشۡدٗا
Open ayah 18:66مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا بىلدۈرۈلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىمنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
قَالَ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
Open ayah 18:67ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن.
وَكَيۡفَ تَصۡبِرُ عَلَىٰ مَا لَمۡ تُحِطۡ بِهِۦ خُبۡرٗا
Open ayah 18:68سەن (ھەقىقىتىنى) ئۇقمىغان ئىشقا قانداقمۇ سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟».
قَالَ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ صَابِرٗا وَلَآ أَعۡصِي لَكَ أَمۡرٗا
Open ayah 18:69مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن».
قَالَ فَإِنِ ٱتَّبَعۡتَنِي فَلَا تَسۡـَٔلۡنِي عَن شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ أُحۡدِثَ لَكَ مِنۡهُ ذِكۡرٗا
Open ayah 18:70ئۇ ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ساڭا سۆز ئاچمىغۇچە مەندىن ھېچ نەرسە ھەققىدە سوئال سورىما».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا رَكِبَا فِي ٱلسَّفِينَةِ خَرَقَهَاۖ قَالَ أَخَرَقۡتَهَا لِتُغۡرِقَ أَهۡلَهَا لَقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـًٔا إِمۡرٗا
Open ayah 18:71شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقتى، ئۇ (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن راستتىنلا غەلىتە ئىش قىلدىڭ» دېدى.
قَالَ أَلَمۡ أَقُلۡ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
Open ayah 18:72ئۇ: «مەن بىلەن بىللە بولۇشقا ھەرگىز سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
قَالَ لَا تُؤَاخِذۡنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرۡهِقۡنِي مِنۡ أَمۡرِي عُسۡرٗا
Open ayah 18:73مۇسا ئېيتتى: «ۋەدەمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سەن مېنى ئەيىبلىمە، ئىشىمدا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويما».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا لَقِيَا غُلَٰمٗا فَقَتَلَهُۥ قَالَ أَقَتَلۡتَ نَفۡسٗا زَكِيَّةَۢ بِغَيۡرِ نَفۡسٖ لَّقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـٔٗا نُّكۡرٗا
Open ayah 18:74ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن راستتىنلا چوڭ بىر (گۇناھ) ئىشنى قىلدىڭ».
۞قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكَ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
Open ayah 18:75ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن بىلەن بىللە بولۇشقا ھەرگىز سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟».
قَالَ إِن سَأَلۡتُكَ عَن شَيۡءِۭ بَعۡدَهَا فَلَا تُصَٰحِبۡنِيۖ قَدۡ بَلَغۡتَ مِن لَّدُنِّي عُذۡرٗا
Open ayah 18:76مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن. سەن مەندىن (زېرىكىپ) ئۆزرە ئېيتىدىغان يەرگە يەتتىڭ».
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَيَآ أَهۡلَ قَرۡيَةٍ ٱسۡتَطۡعَمَآ أَهۡلَهَا فَأَبَوۡاْ أَن يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارٗا يُرِيدُ أَن يَنقَضَّ فَأَقَامَهُۥۖ قَالَ لَوۡ شِئۡتَ لَتَّخَذۡتَ عَلَيۡهِ أَجۡرٗا
Open ayah 18:77ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر يۇرتقا يېتىپ كېلىپ، يۇرت ئاھالىسىدىن تاماق سورىۋىدى، يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلغىلى ئۇنىمىدى، ئۇلار بۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، ئۇ (خىزىر) ئۇنى رۇسلاپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن سەن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ».
قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيۡنِي وَبَيۡنِكَۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأۡوِيلِ مَا لَمۡ تَسۡتَطِع عَّلَيۡهِ صَبۡرًا
Open ayah 18:78ئۇ ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىش ۋاقتىدۇر. مەن ساڭا سەن سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
أَمَّا ٱلسَّفِينَةُ فَكَانَتۡ لِمَسَٰكِينَ يَعۡمَلُونَ فِي ٱلۡبَحۡرِ فَأَرَدتُّ أَنۡ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَآءَهُم مَّلِكٞ يَأۡخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصۡبٗا
Open ayah 18:79كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى (تېشىپ) ئەيىبلىك قىلىپ قويماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق (ساق) كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
وَأَمَّا ٱلۡغُلَٰمُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤۡمِنَيۡنِ فَخَشِينَآ أَن يُرۡهِقَهُمَا طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗا
Open ayah 18:80ھېلىقى بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى مۇئمىن ئىدى. ئۇنىڭ (چوڭ بولغاندا) ئازغۇنلۇق بىلەن كۇفرىلىقنى ئاتا _ ئانىسىغا تېڭىشىدىن ئەنسىرىدۇق.
فَأَرَدۡنَآ أَن يُبۡدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيۡرٗا مِّنۡهُ زَكَوٰةٗ وَأَقۡرَبَ رُحۡمٗا
Open ayah 18:81شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رەببىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىدىنمۇ پاك ۋە بەك كۆيۈمچان پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى مەقسەت قىلدۇق.
وَأَمَّا ٱلۡجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَٰمَيۡنِ يَتِيمَيۡنِ فِي ٱلۡمَدِينَةِ وَكَانَ تَحۡتَهُۥ كَنزٞ لَّهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَٰلِحٗا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَن يَبۡلُغَآ أَشُدَّهُمَا وَيَسۡتَخۡرِجَا كَنزَهُمَا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ وَمَا فَعَلۡتُهُۥ عَنۡ أَمۡرِيۚ ذَٰلِكَ تَأۡوِيلُ مَا لَمۡ تَسۡطِع عَّلَيۡهِ صَبۡرٗا
Open ayah 18:82تامغا كەلسەك، ئۇ تام ئاشۇ يۇرتتىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ بولۇپ، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ (ئۇلارغا) رەھىم قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. ئۇ ئىشلارنى مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلمىدىم، سەن سەۋر _ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇدۇر».
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَن ذِي ٱلۡقَرۡنَيۡنِۖ قُلۡ سَأَتۡلُواْ عَلَيۡكُم مِّنۡهُ ذِكۡرًا
Open ayah 18:83(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا ئائىت قىسسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ بېرەي» دېگىن.
إِنَّا مَكَّنَّا لَهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَءَاتَيۡنَٰهُ مِن كُلِّ شَيۡءٖ سَبَبٗا
Open ayah 18:84بىز ئۇنىڭغا زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ _ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا ئوڭايلىق يول ھازىرلاپ بەردۇق.
فَأَتۡبَعَ سَبَبًا
Open ayah 18:85زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَغۡرِبَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَغۡرُبُ فِي عَيۡنٍ حَمِئَةٖ وَوَجَدَ عِندَهَا قَوۡمٗاۖ قُلۡنَا يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِمَّآ أَن تُعَذِّبَ وَإِمَّآ أَن تَتَّخِذَ فِيهِمۡ حُسۡنٗا
Open ayah 18:86نىھايەت، ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننى قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى[80]. بۇلاقنىڭ يېنىدا ئۇ بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدۇق.
- ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىسىمۇ، كىشىگە كۈن خۇددى دېڭىزغا ياكى تاغنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
قَالَ أَمَّا مَن ظَلَمَ فَسَوۡفَ نُعَذِّبُهُۥ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِۦ فَيُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا نُّكۡرٗا
Open ayah 18:87زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى (كۇفرىلىقتىن يانماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ.
وَأَمَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَهُۥ جَزَآءً ٱلۡحُسۡنَىٰۖ وَسَنَقُولُ لَهُۥ مِنۡ أَمۡرِنَا يُسۡرٗا
Open ayah 18:88ئەمما كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار، بىز ئۇنى ئوڭاي ئىشقا بۇيرۇيمىز».
ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا
Open ayah 18:89ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن يەنە) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَطۡلِعَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَطۡلُعُ عَلَىٰ قَوۡمٖ لَّمۡ نَجۡعَل لَّهُم مِّن دُونِهَا سِتۡرٗا
Open ayah 18:90نىھايەت، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، بىز كۈننىڭ (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىغان بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كَذَٰلِكَۖ وَقَدۡ أَحَطۡنَا بِمَا لَدَيۡهِ خُبۡرٗا
Open ayah 18:91(ئەھۋال بۇ يەردىمۇ) شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق.
ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا
Open ayah 18:92ئاندىن ئۇ (يەنە) بىر يولغا ماڭدى.
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ بَيۡنَ ٱلسَّدَّيۡنِ وَجَدَ مِن دُونِهِمَا قَوۡمٗا لَّا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ قَوۡلٗا
Open ayah 18:93نىھايەت، زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ يەردە ئوڭايلىقچە گەپ چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى.
قَالُواْ يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِنَّ يَأۡجُوجَ وَمَأۡجُوجَ مُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَهَلۡ نَجۡعَلُ لَكَ خَرۡجًا عَلَىٰٓ أَن تَجۡعَلَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَهُمۡ سَدّٗا
Open ayah 18:94ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بەرسەڭ، ساڭا ئىش ھەققى بەلگىلىسەك بولامدۇ؟» دېدى.
قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيۡرٞ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجۡعَلۡ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُمۡ رَدۡمًا
Open ayah 18:95زۇلقەرنەين ئېيتتى: «رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرى (سىلەرنىڭ بەرمەكچى بولغان نەرسەڭلاردىن) ياخشىدۇر، كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي.
ءَاتُونِي زُبَرَ ٱلۡحَدِيدِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا سَاوَىٰ بَيۡنَ ٱلصَّدَفَيۡنِ قَالَ ٱنفُخُواْۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَعَلَهُۥ نَارٗا قَالَ ءَاتُونِيٓ أُفۡرِغۡ عَلَيۡهِ قِطۡرٗا
Open ayah 18:96سىلەر ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار». ئىككى تاغنىڭ ئارىسى (تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن توشۇپ) تەكشى بولغاندا، زۇلقەرنەين: «(ئوت يېقىپ كۆرۈكلەر بىلەن) پۈۋلەڭلار» دېدى. تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىسنى كەلتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.
فَمَا ٱسۡطَٰعُوٓاْ أَن يَظۡهَرُوهُ وَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ لَهُۥ نَقۡبٗا
Open ayah 18:97ئۇلارنىڭ (يەنى يەجۇج بىلەن مەجۇجنىڭ) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقالمىدى، ئۇنى تېشىشكىمۇ كۈچى يەتمىدى.
قَالَ هَٰذَا رَحۡمَةٞ مِّن رَّبِّيۖ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ رَبِّي جَعَلَهُۥ دَكَّآءَۖ وَكَانَ وَعۡدُ رَبِّي حَقّٗا
Open ayah 18:98زۇلقەرنەين: «بۇ (توسما) رەببىمدىن بىر نېمەتتۇر، رەببىم ۋەدە قىلغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر» دېدى.
۞وَتَرَكۡنَا بَعۡضَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ يَمُوجُ فِي بَعۡضٖۖ وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَجَمَعۡنَٰهُمۡ جَمۡعٗا
Open ayah 18:99ئۇ كۈندە ئىنسانلارنى (دولقۇنلاردەك) بىر _ بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ھالدا تەرك ئېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، (ئاندىن) ئۇلارنى (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز.
وَعَرَضۡنَا جَهَنَّمَ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡكَٰفِرِينَ عَرۡضًا
Open ayah 18:100ئۇ كۈندە (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) كۆزلىرى مېنى يادىغا سالىدىغان دەلىللەرنى كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن، (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى) ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىغان ئاشۇ كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز. [100 _ 101]
ٱلَّذِينَ كَانَتۡ أَعۡيُنُهُمۡ فِي غِطَآءٍ عَن ذِكۡرِي وَكَانُواْ لَا يَسۡتَطِيعُونَ سَمۡعًا
Open ayah 18:101ئۇ كۈندە (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) كۆزلىرى مېنى يادىغا سالىدىغان دەلىللەرنى كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن، (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى) ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىغان ئاشۇ كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز. [100 _ 101]
أَفَحَسِبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن يَتَّخِذُواْ عِبَادِي مِن دُونِيٓ أَوۡلِيَآءَۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا جَهَنَّمَ لِلۡكَٰفِرِينَ نُزُلٗا
Open ayah 18:102كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشنى توغرا دەپ ئويلامدۇ؟ شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن جەھەننەمنى چۈشىدىغان جاي قىلىپ تەييارلىدۇق.
قُلۡ هَلۡ نُنَبِّئُكُم بِٱلۡأَخۡسَرِينَ أَعۡمَٰلًا
Open ayah 18:103(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (قىلغان) ئەمەللىرىدە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟
ٱلَّذِينَ ضَلَّ سَعۡيُهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ يُحۡسِنُونَ صُنۡعًا
Open ayah 18:104ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ وَلِقَآئِهِۦ فَحَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فَلَا نُقِيمُ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَزۡنٗا
Open ayah 18:105ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر». قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُمۡ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُواْ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَرُسُلِي هُزُوًا
Open ayah 18:106كاپىر بولغانلىقى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَانَتۡ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡفِرۡدَوۡسِ نُزُلًا
Open ayah 18:107شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ.
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يَبۡغُونَ عَنۡهَا حِوَلٗا
Open ayah 18:108ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ.
قُل لَّوۡ كَانَ ٱلۡبَحۡرُ مِدَادٗا لِّكَلِمَٰتِ رَبِّي لَنَفِدَ ٱلۡبَحۡرُ قَبۡلَ أَن تَنفَدَ كَلِمَٰتُ رَبِّي وَلَوۡ جِئۡنَا بِمِثۡلِهِۦ مَدَدٗا
Open ayah 18:109ئېيتقىنكى، «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولغان، بىز يەنە شۇنچىلىك دېڭىز سۈيىنى سىياھ قىلىپ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى».
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَمَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلۡيَعۡمَلۡ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَلَا يُشۡرِكۡ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدَۢا
Open ayah 18:110(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. (شۇ ئېنىقكى) ماڭا: ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ. كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا (ئۇنىڭغا) ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».