مريم
Maryam
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
كٓهيعٓصٓ
Open ayah 19:1كاف، ھا، يا، ئەين، ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
ذِكۡرُ رَحۡمَتِ رَبِّكَ عَبۡدَهُۥ زَكَرِيَّآ
Open ayah 19:2بۇ رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر.
إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥ نِدَآءً خَفِيّٗا
Open ayah 19:3ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ-قۇۋۋىتىمدىن قالدىم، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ نائۈمىد قالغىنىم يوق. [3 _ 4]
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ ٱلۡعَظۡمُ مِنِّي وَٱشۡتَعَلَ ٱلرَّأۡسُ شَيۡبٗا وَلَمۡ أَكُنۢ بِدُعَآئِكَ رَبِّ شَقِيّٗا
Open ayah 19:4ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ-قۇۋۋىتىمدىن قالدىم، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ نائۈمىد قالغىنىم يوق. [3 _ 4]
وَإِنِّي خِفۡتُ ٱلۡمَوَٰلِيَ مِن وَرَآءِي وَكَانَتِ ٱمۡرَأَتِي عَاقِرٗا فَهَبۡ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا
Open ayah 19:5مەندىن كېيىن تۇغقانلىرىمنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن». [5 _ 6]
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنۡ ءَالِ يَعۡقُوبَۖ وَٱجۡعَلۡهُ رَبِّ رَضِيّٗا
Open ayah 19:6مەندىن كېيىن تۇغقانلىرىمنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن». [5 _ 6]
يَٰزَكَرِيَّآ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ ٱسۡمُهُۥ يَحۡيَىٰ لَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ مِن قَبۡلُ سَمِيّٗا
Open ayah 19:7(ئاللاھ ئېيتتى) «ئى زەكەرىييا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق».
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَكَانَتِ ٱمۡرَأَتِي عَاقِرٗا وَقَدۡ بَلَغۡتُ مِنَ ٱلۡكِبَرِ عِتِيّٗا
Open ayah 19:8زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەنمۇ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟».
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞ وَقَدۡ خَلَقۡتُكَ مِن قَبۡلُ وَلَمۡ تَكُ شَيۡـٔٗا
Open ayah 19:9پەرىشتە ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى بۇرۇن مەن ياراتتىم، ھالبۇكى، سەن يوق ئىدىڭ».
قَالَ رَبِّ ٱجۡعَل لِّيٓ ءَايَةٗۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَٰثَ لَيَالٖ سَوِيّٗا
Open ayah 19:10زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىرەر بەلگە بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە _ كۈندۈز كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن».
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنَ ٱلۡمِحۡرَابِ فَأَوۡحَىٰٓ إِلَيۡهِمۡ أَن سَبِّحُواْ بُكۡرَةٗ وَعَشِيّٗا
Open ayah 19:11زەكەرىييا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا: «ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.
يَٰيَحۡيَىٰ خُذِ ٱلۡكِتَٰبَ بِقُوَّةٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحُكۡمَ صَبِيّٗا
Open ayah 19:12(يەھيا تۇغۇلۇپ سۆزنى چۈشىنىدىغان ياشقا كەلگەندە) «ئى يەھيا! كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) چىڭ ئېسىلغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل _ پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق.
وَحَنَانٗا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَوٰةٗۖ وَكَانَ تَقِيّٗا
Open ayah 19:13بىز يەنە ئۇنىڭغا دەرگاھىمىزدىن مېھرىبانلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇ تەقۋادار ئىدى،
وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَيۡهِ وَلَمۡ يَكُن جَبَّارًا عَصِيّٗا
Open ayah 19:14ئاتا _ ئانىسىغا كۆيۈمچان ئىدى. ئۇ مۇتەكەببىر ۋە ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى.
وَسَلَٰمٌ عَلَيۡهِ يَوۡمَ وُلِدَ وَيَوۡمَ يَمُوتُ وَيَوۡمَ يُبۡعَثُ حَيّٗا
Open ayah 19:15ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ.
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَرۡيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتۡ مِنۡ أَهۡلِهَا مَكَانٗا شَرۡقِيّٗا
Open ayah 19:16(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى مەريەم (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا كەتكەن ئىدى.
فَٱتَّخَذَتۡ مِن دُونِهِمۡ حِجَابٗا فَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرٗا سَوِيّٗا
Open ayah 19:17مەريەم ئۇلار (يەنى ئۆزى بىلەن ئائىلىسى ۋە باشقىلار) ئارىسىدا پەردە تۇتۇۋەتتى (يەنى كۆرۈنمەيدىغان بولدى)، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىز (جىبرىل)نى ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى.
قَالَتۡ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيّٗا
Open ayah 19:18مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن رەھمان ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)».
قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَٰمٗا زَكِيّٗا
Open ayah 19:19جىبرىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن».
قَالَتۡ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞ وَلَمۡ أَكُ بَغِيّٗا
Open ayah 19:20مەريەم ئېيتتى: «ماڭا ھېچبىر ئادەم يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟».
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞۖ وَلِنَجۡعَلَهُۥٓ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِ وَرَحۡمَةٗ مِّنَّاۚ وَكَانَ أَمۡرٗا مَّقۡضِيّٗا
Open ayah 19:21جىبرىل ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلىمىز، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر».
۞فَحَمَلَتۡهُ فَٱنتَبَذَتۡ بِهِۦ مَكَانٗا قَصِيّٗا
Open ayah 19:22ئاندىن مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، چەت بىر جايغا كەتتى.
فَأَجَآءَهَا ٱلۡمَخَاضُ إِلَىٰ جِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ قَالَتۡ يَٰلَيۡتَنِي مِتُّ قَبۡلَ هَٰذَا وَكُنتُ نَسۡيٗا مَّنسِيّٗا
Open ayah 19:23تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى مەريەمنى بىر خورما دەرىخىگە (يۆلىنىۋېلىشقا) مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ! تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!».
فَنَادَىٰهَا مِن تَحۡتِهَآ أَلَّا تَحۡزَنِي قَدۡ جَعَلَ رَبُّكِ تَحۡتَكِ سَرِيّٗا
Open ayah 19:24جىبرىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئاقىدىغان) بىر ئېرىق پەيدا قىلدى.
وَهُزِّيٓ إِلَيۡكِ بِجِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ تُسَٰقِطۡ عَلَيۡكِ رُطَبٗا جَنِيّٗا
Open ayah 19:25خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.
فَكُلِي وَٱشۡرَبِي وَقَرِّي عَيۡنٗاۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ ٱلۡبَشَرِ أَحَدٗا فَقُولِيٓ إِنِّي نَذَرۡتُ لِلرَّحۡمَٰنِ صَوۡمٗا فَلَنۡ أُكَلِّمَ ٱلۡيَوۡمَ إِنسِيّٗا
Open ayah 19:26(بۇ خورمىدىن) يېگىن، (بۇ سۇدىن) ئىچكىن ۋە (بوۋىقىڭدىن) شاتلانغىن، ئەگەر سەن بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ: ‹مەن ھەقىقەتەن سۆز قىلمايمەن دەپ رەھمان ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن».
فَأَتَتۡ بِهِۦ قَوۡمَهَا تَحۡمِلُهُۥۖ قَالُواْ يَٰمَرۡيَمُ لَقَدۡ جِئۡتِ شَيۡـٔٗا فَرِيّٗا
Open ayah 19:27نىھايەت، مەريەم بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە بىر ئىشنى قىلىپ قويدۇڭ.
يَٰٓأُخۡتَ هَٰرُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ ٱمۡرَأَ سَوۡءٖ وَمَا كَانَتۡ أُمُّكِ بَغِيّٗا
Open ayah 19:28ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ ناچار ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان ئايال ئەمەس ئىدى».
فَأَشَارَتۡ إِلَيۡهِۖ قَالُواْ كَيۡفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِي ٱلۡمَهۡدِ صَبِيّٗا
Open ayah 19:29مەريەم (گەپ قىلماي، بۇنىڭدىن سوراڭلار دېگەندەك) بوۋاقنى كۆرسىتىپ قويدى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق گەپ قىلىمىز؟» دېدى.
قَالَ إِنِّي عَبۡدُ ٱللَّهِ ءَاتَىٰنِيَ ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلَنِي نَبِيّٗا
Open ayah 19:30بوۋاق ئېيتتى: «شەكسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتاب (ئىنجىل)نى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ.
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيۡنَ مَا كُنتُ وَأَوۡصَٰنِي بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ مَا دُمۡتُ حَيّٗا
Open ayah 19:31قەيەردىلا بولسام، ئاللاھ مېنى مۇبارەك قىلدى، ھاياتلا بولسام، ناماز ئوقۇشۇمنى، زاكات بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَتِي وَلَمۡ يَجۡعَلۡنِي جَبَّارٗا شَقِيّٗا
Open ayah 19:32مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر ۋە ئاسىي قىلمىدى.
وَٱلسَّلَٰمُ عَلَيَّ يَوۡمَ وُلِدتُّ وَيَوۡمَ أَمُوتُ وَيَوۡمَ أُبۡعَثُ حَيّٗا
Open ayah 19:33مەن تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان كۈندە ۋە مەن تىرىلىدىغان كۈندە ماڭا ئامانلىق بولىدۇ».
ذَٰلِكَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ قَوۡلَ ٱلۡحَقِّ ٱلَّذِي فِيهِ يَمۡتَرُونَ
Open ayah 19:34ئەنە شۇ مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇلار شەك قىلىۋاتقان مەسىلە توغرىسىدىكى ھەق سۆز مۇشۇدۇر.
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٖۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 19:35ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى (ئۇنىڭ شەنىگە) لايىق ئەمەس، ئۇ (مۇنداق بولۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ شۇ ھامان بولىدۇ.
وَإِنَّ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
Open ayah 19:36(ئىيسا قەۋمىگە مۇنداق دېدى:) «ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».
فَٱخۡتَلَفَ ٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَيۡنِهِمۡۖ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن مَّشۡهَدِ يَوۡمٍ عَظِيمٍ
Open ayah 19:37شۇنداق تۇرۇقلۇق (يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان) پىرقىلەر ئۆز ئارىسىدا (ئىيسا توغرۇلۇق) ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممە ھازىر قىلىنىدىغان بۈيۈك (قىيامەت) كۈنىدىكى ھالىغا ۋاي!
أَسۡمِعۡ بِهِمۡ وَأَبۡصِرۡ يَوۡمَ يَأۡتُونَنَا لَٰكِنِ ٱلظَّٰلِمُونَ ٱلۡيَوۡمَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 19:38ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە، (ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى) نېمىدېگەن سەزگۈر! (كۆزلىرى) نېمىدېگەن ئۆتكۈر! لېكىن زالىملار بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا تۇرۇۋاتىدۇ.
وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡحَسۡرَةِ إِذۡ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ وَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 19:39(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن [81] ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، ئۇلار (قىيامەتكە) ئىشەنمەيدۇ.
- ھەسرەت كۈنى _ قىيامەت كۈنى بولۇپ، كاپىرلار ھەسرەت چېكىدىغان كۈندۇر.
إِنَّا نَحۡنُ نَرِثُ ٱلۡأَرۡضَ وَمَنۡ عَلَيۡهَا وَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ
Open ayah 19:40زېمىنغا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەۋجۇداتقا پەقەت بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِبۡرَٰهِيمَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقٗا نَّبِيًّا
Open ayah 19:41(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىبراھىم (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى.
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ لِمَ تَعۡبُدُ مَا لَا يَسۡمَعُ وَلَا يُبۡصِرُ وَلَا يُغۡنِي عَنكَ شَيۡـٔٗا
Open ayah 19:42ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
يَٰٓأَبَتِ إِنِّي قَدۡ جَآءَنِي مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَمۡ يَأۡتِكَ فَٱتَّبِعۡنِيٓ أَهۡدِكَ صِرَٰطٗا سَوِيّٗا
Open ayah 19:43ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر كەلدى، سەن ماڭا ئەگەشكىن، مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن.
يَٰٓأَبَتِ لَا تَعۡبُدِ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ عَصِيّٗا
Open ayah 19:44ئى ئاتا! سەن شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان رەھمان ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى.
يَٰٓأَبَتِ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيۡطَٰنِ وَلِيّٗا
Open ayah 19:45ئى ئاتا! سېنىڭ رەھمان ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن».
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنۡ ءَالِهَتِي يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُۖ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ لَأَرۡجُمَنَّكَۖ وَٱهۡجُرۡنِي مَلِيّٗا
Open ayah 19:46ئاتىسى ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن (بۇنىڭدىن) يانمىساڭ، سېنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، سەن ئۇزاققىچە كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما».
قَالَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكَۖ سَأَسۡتَغۡفِرُ لَكَ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِي حَفِيّٗا
Open ayah 19:47ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەن رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر.
وَأَعۡتَزِلُكُمۡ وَمَا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَأَدۡعُواْ رَبِّي عَسَىٰٓ أَلَّآ أَكُونَ بِدُعَآءِ رَبِّي شَقِيّٗا
Open ayah 19:48مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىمەن، (سەن ئۈچۈن) رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ قالماسلىقىمنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىمەن».
فَلَمَّا ٱعۡتَزَلَهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا نَبِيّٗا
Open ayah 19:49ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشقان چاغدا، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق.
وَوَهَبۡنَا لَهُم مِّن رَّحۡمَتِنَا وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ لِسَانَ صِدۡقٍ عَلِيّٗا
Open ayah 19:50ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزدىن ئىنئام قىلدۇق ۋە ئۇلارغا يۈكسەك شان _ شەرەپ ئاتا قىلدۇق.
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مُوسَىٰٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ مُخۡلَصٗا وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا
Open ayah 19:51(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى مۇسا (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، شەكسىزكى، ئۇ تاللانغان زات ئىدى، ھەم رەسۇل ھەم نەبى (پەيغەمبەر)[82] ئىدى.
- رەسۇل— ۋەھيى قىلىنغان، كىتاب نازىل قىلىنغان ۋە مۇستەقىل شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرنى، نەبى— ۋەھيىلا قىلىنغان ۋە ئالدىنقى پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىدىغان پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئۆلىملار ئىككىسىنىڭ پەرقى يوق دەپ قارايدۇ.
وَنَٰدَيۡنَٰهُ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ ٱلۡأَيۡمَنِ وَقَرَّبۡنَٰهُ نَجِيّٗا
Open ayah 19:52ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى مۇڭداشقۇچى قىلىپ (ئۆزىمىزگە) يېقىنلاشتۇردۇق.
وَوَهَبۡنَا لَهُۥ مِن رَّحۡمَتِنَآ أَخَاهُ هَٰرُونَ نَبِيّٗا
Open ayah 19:53بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى (پەيغەمبەر قىلىپ) بەردۇق.
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِسۡمَٰعِيلَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلۡوَعۡدِ وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا
Open ayah 19:54(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىسمائىل (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، رەسۇل ھەم نەبى ئىدى.
وَكَانَ يَأۡمُرُ أَهۡلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِۦ مَرۡضِيّٗا
Open ayah 19:55ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ رەببىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن زات ئىدى.
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِدۡرِيسَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقٗا نَّبِيّٗا
Open ayah 19:56(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىدرىس (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى.
وَرَفَعۡنَٰهُ مَكَانًا عَلِيًّا
Open ayah 19:57ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِن ذُرِّيَّةِ ءَادَمَ وَمِمَّنۡ حَمَلۡنَا مَعَ نُوحٖ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡرَٰٓءِيلَ وَمِمَّنۡ هَدَيۡنَا وَٱجۡتَبَيۡنَآۚ إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُ ٱلرَّحۡمَٰنِ خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَبُكِيّٗا۩
Open ayah 19:58ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەئقۇب) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا رەھمان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ.
۞فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٌ أَضَاعُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُواْ ٱلشَّهَوَٰتِۖ فَسَوۡفَ يَلۡقَوۡنَ غَيًّا
Open ayah 19:59ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق بىر ئەۋلادلار كەلدىكى، ئۇلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا
Open ayah 19:60تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
جَنَّٰتِ عَدۡنٍ ٱلَّتِي وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ عِبَادَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّهُۥ كَانَ وَعۡدُهُۥ مَأۡتِيّٗا
Open ayah 19:61(ئۇ جەننەتلەر) رەھمان ئاللاھ بەندىلىرىگە غايىبانە ۋەدە قىلغان (ئۇلارمۇ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن)، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوًا إِلَّا سَلَٰمٗاۖ وَلَهُمۡ رِزۡقُهُمۡ فِيهَا بُكۡرَةٗ وَعَشِيّٗا
Open ayah 19:62ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە گەپلەرنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى سالامنى (ھۇزۇر ۋە ئامان – ئېسەنلىك بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى) ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن _ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ.
تِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِي نُورِثُ مِنۡ عِبَادِنَا مَن كَانَ تَقِيّٗا
Open ayah 19:63بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمۡرِ رَبِّكَۖ لَهُۥ مَا بَيۡنَ أَيۡدِينَا وَمَا خَلۡفَنَا وَمَا بَيۡنَ ذَٰلِكَۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيّٗا
Open ayah 19:64(جىبرىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى:) بىز رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەنلا چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە شۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، رەببىڭ (ھېچقانداق نەرسىنى) ئۇنتۇيدىغان ئەمەس.
رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا فَٱعۡبُدۡهُ وَٱصۡطَبِرۡ لِعِبَٰدَتِهِۦۚ هَلۡ تَعۡلَمُ لَهُۥ سَمِيّٗا
Open ayah 19:65ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن. سەن ئۇنىڭ شېرىكى بار دەپ قارامسەن؟!
وَيَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَءِذَا مَا مِتُّ لَسَوۡفَ أُخۡرَجُ حَيًّا
Open ayah 19:66(كاپىر) ئىنسان: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، راستتىنلا تىرىلىپ (قەبرەمدىن) چىقىرىلامدىمەن؟» دەيدۇ.
أَوَلَا يَذۡكُرُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَنَّا خَلَقۡنَٰهُ مِن قَبۡلُ وَلَمۡ يَكُ شَيۡـٔٗا
Open ayah 19:67ئۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمامدۇ؟
فَوَرَبِّكَ لَنَحۡشُرَنَّهُمۡ وَٱلشَّيَٰطِينَ ثُمَّ لَنُحۡضِرَنَّهُمۡ حَوۡلَ جَهَنَّمَ جِثِيّٗا
Open ayah 19:68رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە شەيتانلار بىلەن قوشۇپ (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ قويىمىز.
ثُمَّ لَنَنزِعَنَّ مِن كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمۡ أَشَدُّ عَلَى ٱلرَّحۡمَٰنِ عِتِيّٗا
Open ayah 19:69ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن رەھمان ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز.
ثُمَّ لَنَحۡنُ أَعۡلَمُ بِٱلَّذِينَ هُمۡ أَوۡلَىٰ بِهَا صِلِيّٗا
Open ayah 19:70بىز دوزاخقا كىرىشكە ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز.
وَإِن مِّنكُمۡ إِلَّا وَارِدُهَاۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتۡمٗا مَّقۡضِيّٗا
Open ayah 19:71ئاراڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان[83] بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر.
- يەنى ھەممە كىشى دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان پىلسىرات كۆۋرۈكىگە بارىدۇ، دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، جەننەتكە لايىق بولغانلار سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ثُمَّ نُنَجِّي ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْ وَّنَذَرُ ٱلظَّٰلِمِينَ فِيهَا جِثِيّٗا
Open ayah 19:72ئاندىن تەقۋادارلارنى قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى بولسا جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان پېتى قويىمىز.
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَيُّ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ خَيۡرٞ مَّقَامٗا وَأَحۡسَنُ نَدِيّٗا
Open ayah 19:73ئۇلارغا بىزنىڭ (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق (دەلىللىرى بولغان) ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇ كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى.
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هُمۡ أَحۡسَنُ أَثَٰثٗا وَرِءۡيٗا
Open ayah 19:74بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى (ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۈممەتلەر مەيلى مال _ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى.
قُلۡ مَن كَانَ فِي ٱلضَّلَٰلَةِ فَلۡيَمۡدُدۡ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ مَدًّاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوۡاْ مَا يُوعَدُونَ إِمَّا ٱلۡعَذَابَ وَإِمَّا ٱلسَّاعَةَ فَسَيَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضۡعَفُ جُندٗا
Open ayah 19:75(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «كىمكى ئازغۇنلۇقتا بولىدىكەن، (ئۇنىڭ ئازغۇنلۇققا تېخىمۇ پېتىشى ئۈچۈن) رەھمان ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، ئۇلار ئازاب ياكى قىيامەتتىن ئىبارەت ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئاندىن كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان، كىمنىڭ لەشكىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ».
وَيَزِيدُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ هُدٗىۗ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٞ مَّرَدًّا
Open ayah 19:76ئاللاھ توغرا يولدا يۈرگەنلەرنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر مۇكاپات جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشىدۇر.
أَفَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي كَفَرَ بِـَٔايَٰتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالٗا وَوَلَدًا
Open ayah 19:77بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە «ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال _ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ» دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
أَطَّلَعَ ٱلۡغَيۡبَ أَمِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحۡمَٰنِ عَهۡدٗا
Open ayah 19:78ئۇ غەيىبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى رەھمان ئاللاھنىڭ (بۇ ھەقتىكى) ۋەدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟
كَلَّاۚ سَنَكۡتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُۥ مِنَ ٱلۡعَذَابِ مَدّٗا
Open ayah 19:79ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى (تۈگىمەيدىغان قىلىپ) ئۇزارتىمىز.
وَنَرِثُهُۥ مَا يَقُولُ وَيَأۡتِينَا فَرۡدٗا
Open ayah 19:80ئۇنىڭ دېگەن نەرسىلىرىنى (يەنى مال _ دۇنيا ۋە ئەۋلادلىرىنى) بىز ئىگىلەيمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ.
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لِّيَكُونُواْ لَهُمۡ عِزّٗا
Open ayah 19:81ئۇلار ئىززەت ۋە كۈچ _ قۇۋۋەتكە ئېرىشىمىز دېگەن خام خىيال بىلەن ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.
كَلَّاۚ سَيَكۡفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمۡ وَيَكُونُونَ عَلَيۡهِمۡ ضِدًّا
Open ayah 19:82ئىش ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (چوقۇنغان ساختا ئىلاھلار ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە) ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّآ أَرۡسَلۡنَا ٱلشَّيَٰطِينَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ تَؤُزُّهُمۡ أَزّٗا
Open ayah 19:83(ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى (ئاسىيلىققا) قىزىقتۇرىدىغان شەيتانلارنى ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟
فَلَا تَعۡجَلۡ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمۡ عَدّٗا
Open ayah 19:84سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، بىز (ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى) بىر _ بىرلەپ ساناپ تۇرىمىز.
يَوۡمَ نَحۡشُرُ ٱلۡمُتَّقِينَ إِلَى ٱلرَّحۡمَٰنِ وَفۡدٗا
Open ayah 19:85بىز (قىيامەت) كۈنىدە تەقۋادارلارنى رەھمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت _ ئىكرام بىلەن يىغىمىز.
وَنَسُوقُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرۡدٗا
Open ayah 19:86گۇناھكارلارنى بولسا (سۇغا) تەشنا بولغان ھالىتىدە جەھەننەمگە ھەيدەيمىز.
لَّا يَمۡلِكُونَ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَنِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحۡمَٰنِ عَهۡدٗا
Open ayah 19:87رەھمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (شاپائەت قىلىش) ئەھدىسىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلارنىڭ قولىدىن شاپائەت قىلىش كەلمەيدۇ.
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗا
Open ayah 19:88ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلار): «رەھمان (ئاللاھ)نىڭ بالىسى بار» دېيىشتى.
لَّقَدۡ جِئۡتُمۡ شَيۡـًٔا إِدّٗا
Open ayah 19:89سىلەر شەك-شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار.
تَكَادُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ يَتَفَطَّرۡنَ مِنۡهُ وَتَنشَقُّ ٱلۡأَرۡضُ وَتَخِرُّ ٱلۡجِبَالُ هَدًّا
Open ayah 19:90بۇ سۆزنىڭ (قەبىھلىكىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ، يەر يېرىلىپ، تاغلار يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.
أَن دَعَوۡاْ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٗا
Open ayah 19:91بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار «رەھمان (ئاللاھ)نىڭ بالىسى» بار دەپ بىلجىرلىدى.
وَمَا يَنۢبَغِي لِلرَّحۡمَٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا
Open ayah 19:92بالىلىق بولۇش رەھمان ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر.
إِن كُلُّ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ إِلَّآ ءَاتِي ٱلرَّحۡمَٰنِ عَبۡدٗا
Open ayah 19:93ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا رەھمان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بەندە بولۇپ (بويسۇنۇپ) كەلمەيدىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر.
لَّقَدۡ أَحۡصَىٰهُمۡ وَعَدَّهُمۡ عَدّٗا
Open ayah 19:94شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى (ئىلىمى بىلەن) قورشىدى ۋە سانىنى تولۇق ئىگىلىدى.
وَكُلُّهُمۡ ءَاتِيهِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَرۡدًا
Open ayah 19:95قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَيَجۡعَلُ لَهُمُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وُدّٗا
Open ayah 19:96شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن، رەھمان ئاللاھ (دىللاردا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ.
فَإِنَّمَا يَسَّرۡنَٰهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ ٱلۡمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِۦ قَوۡمٗا لُّدّٗا
Open ayah 19:97(ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە جېدەلخور قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئوڭايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هَلۡ تُحِسُّ مِنۡهُم مِّنۡ أَحَدٍ أَوۡ تَسۡمَعُ لَهُمۡ رِكۡزَۢا
Open ayah 19:98بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. سەن ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلارغا ئائىت بىرەر پەس ئاۋازنى بولسىمۇ ئاڭلىيالامسەن؟