طه

Taa-Haa

Taa-Haa · Surah 20 · Ayahs: 135 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. تا، ھا (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. مَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ لِتَشۡقَىٰٓ

    Open ayah 20:2

    بىز ساڭا قۇرئاننى سېنى جاپاغا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. [2 _ 3]

  3. إِلَّا تَذۡكِرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰ

    Open ayah 20:3

    بىز ساڭا قۇرئاننى سېنى جاپاغا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. [2 _ 3]

  4. تَنزِيلٗا مِّمَّنۡ خَلَقَ ٱلۡأَرۡضَ وَٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلۡعُلَى

    Open ayah 20:4

    بۇ (قۇرئان) زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

  5. ٱلرَّحۡمَٰنُ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ ٱسۡتَوَىٰ

    Open ayah 20:5

    رەھمان ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىدى.

  6. لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَمَا تَحۡتَ ٱلثَّرَىٰ

    Open ayah 20:6

    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر.

  7. وَإِن تَجۡهَرۡ بِٱلۡقَوۡلِ فَإِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ وَأَخۡفَى

    Open ayah 20:7

    سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭمۇ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭمۇ، ئاللاھ ئۈچۈن بەرىبىردۇر)، چۈنكى ئاللاھ (ھەرقانداق) سىرنى ۋە ئۇنىڭدىن بەك مەخپىي ئىشلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.

  8. ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ لَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ

    Open ayah 20:8

    ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار.

  9. وَهَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ

    Open ayah 20:9

    (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسانىڭ قىسسىسى كەلدىمۇ؟

  10. إِذۡ رَءَا نَارٗا فَقَالَ لِأَهۡلِهِ ٱمۡكُثُوٓاْ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا لَّعَلِّيٓ ءَاتِيكُم مِّنۡهَا بِقَبَسٍ أَوۡ أَجِدُ عَلَى ٱلنَّارِ هُدٗى 

    Open ayah 20:10

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە: «سىلەر (بۇ يەردە) تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ قالدىم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىر تال چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

  11. فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِيَ يَٰمُوسَىٰٓ

    Open ayah 20:11

    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭمەن، كەشىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن (ھازىر) مۇقەددەس تۇۋا [84] ۋادىسىدا تۇرۇۋاتىسەن. [11 _ 12]

    1. تۇۋا _ جاي ئىسمى بولۇپ، مىسىرنىڭ سىينا رايونىدىكى تۇر تېغىنىڭ يېنىدىكى بىر ۋادىنىڭ نامىدۇر. ئايەتتىكى «تۇۋا» سۆزىگە ئىككى قېتىم مۇقەددەس قىلىنغان جاي دەپ مەنە ئېيتقانلارمۇ بار. چۈنكى بۇ جاينىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ۋەھيى قىلىنغان جاي ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
  12. إِنِّيٓ أَنَا۠ رَبُّكَ فَٱخۡلَعۡ نَعۡلَيۡكَ إِنَّكَ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوٗى

    Open ayah 20:12

    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭمەن، كەشىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن (ھازىر) مۇقەددەس تۇۋا [84] ۋادىسىدا تۇرۇۋاتىسەن. [11 _ 12]

    1. تۇۋا _ جاي ئىسمى بولۇپ، مىسىرنىڭ سىينا رايونىدىكى تۇر تېغىنىڭ يېنىدىكى بىر ۋادىنىڭ نامىدۇر. ئايەتتىكى «تۇۋا» سۆزىگە ئىككى قېتىم مۇقەددەس قىلىنغان جاي دەپ مەنە ئېيتقانلارمۇ بار. چۈنكى بۇ جاينىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ۋەھيى قىلىنغان جاي ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
  13. وَأَنَا ٱخۡتَرۡتُكَ فَٱسۡتَمِعۡ لِمَا يُوحَىٰٓ

    Open ayah 20:13

    مەن سېنى تاللىدىم، ئەمدى سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن.

  14. إِنَّنِيٓ أَنَا ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدۡنِي وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِذِكۡرِيٓ

    Open ayah 20:14

    مەن ھەقىقەتەن ئاللاھمەن، مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا سەن ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.

  15. إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخۡفِيهَا لِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا تَسۡعَىٰ

    Open ayah 20:15

    ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ياكى جازالىنىشى ئۈچۈن، مەن ۋاقتىنى قاتتىق مەخپىي تۇتقان قىيامەت چوقۇم بولىدۇ.

  16. فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنۡهَا مَن لَّا يُؤۡمِنُ بِهَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ فَتَرۡدَىٰ

    Open ayah 20:16

    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن) توسۇپ قويمىسۇن، ئۇ چاغدا، ئۆزۈڭ ھالاك بولۇپ كېتىسەن.

  17. وَمَا تِلۡكَ بِيَمِينِكَ يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:17

    ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟».

  18. قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّؤُاْ عَلَيۡهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَـَٔارِبُ أُخۡرَىٰ

    Open ayah 20:18

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنى يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمغىمۇ ئىشلىتىمەن».

  19. قَالَ أَلۡقِهَا يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:19

    ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى.

  20. فَأَلۡقَىٰهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٞ تَسۡعَىٰ 

    Open ayah 20:20

    مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان تېز مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى.

  21. قَالَ خُذۡهَا وَلَا تَخَفۡۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا ٱلۡأُولَىٰ

    Open ayah 20:21

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنى تۇتقىن! قورقمىغىن! بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.

  22. وَٱضۡمُمۡ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٍ ءَايَةً أُخۡرَىٰ

    Open ayah 20:22

    قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر ئەيىب – نۇقسان بولغانلىقىدىن ئەمەس، يەنە بىر مۆجىزە سۈپىتىدە ئاپئاق نۇرلۇق بولۇپ چىقىدۇ.

  23. لِنُرِيَكَ مِنۡ ءَايَٰتِنَا ٱلۡكُبۡرَى

    Open ayah 20:23

    (بۇنداق قىلىش) ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بەزىسىنى كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈندۇر.

  24. ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ

    Open ayah 20:24

    پىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».

  25. قَالَ رَبِّ ٱشۡرَحۡ لِي صَدۡرِي

    Open ayah 20:25

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مېنىڭ كۆڭلى _ كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،

  26. وَيَسِّرۡ لِيٓ أَمۡرِي

    Open ayah 20:26

    مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن.

  27. وَٱحۡلُلۡ عُقۡدَةٗ مِّن لِّسَانِي

    Open ayah 20:27

    تىلىمدىن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن،

  28. يَفۡقَهُواْ قَوۡلِي

    Open ayah 20:28

    ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.

  29. وَٱجۡعَل لِّي وَزِيرٗا مِّنۡ أَهۡلِي

    Open ayah 20:29

    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن. [29 _ 30]

  30. هَٰرُونَ أَخِي 

    Open ayah 20:30

    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن. [29 _ 30]

  31. ٱشۡدُدۡ بِهِۦٓ أَزۡرِي

    Open ayah 20:31

    ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن.

  32. وَأَشۡرِكۡهُ فِيٓ أَمۡرِي

    Open ayah 20:32

    مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن.

  33. كَيۡ نُسَبِّحَكَ كَثِيرٗا

    Open ayah 20:33

    بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.

  34. وَنَذۡكُرَكَ كَثِيرًا

    Open ayah 20:34

    ساڭا كۆپ زىكىر ئېيتقايمىز.

  35. إِنَّكَ كُنتَ بِنَا بَصِيرٗا

    Open ayah 20:35

    شەكسىزكى، سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن».

  36. قَالَ قَدۡ أُوتِيتَ سُؤۡلَكَ يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:36

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغانلىرىڭ ھەقىقەتەن ساڭا بېرىلدى.

  37. وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَيۡكَ مَرَّةً أُخۡرَىٰٓ

    Open ayah 20:37

    بىز ھەقىقەتەن (بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ) ساڭا باشقا بىر نېمەت ئاتا قىلغان ئىدۇق.

  38. إِذۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰٓ

    Open ayah 20:38

    ئۆز ۋاقتىدا بىز ئاناڭغا: ‹مۇسانى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بەرگىن، شۇنىڭ بىلەن دەريا ئۇنى قىرغاققا چىقىرىپ قويسۇن، ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى (بولغان پىرئەۋن) ئېلىۋالسۇن!› دەپ، ئىلھام قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى (شۇنداق) ئىلھام قىلغان ئىدۇق. (ئى مۇسا! سېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشۈڭ)، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يېتىشتۈرۈلىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا ئۆز تەرىپىمدىن مېھرى ئىسسىقلىق ئاتا قىلدىم. [38 _ 39]

  39. أَنِ ٱقۡذِفِيهِ فِي ٱلتَّابُوتِ فَٱقۡذِفِيهِ فِي ٱلۡيَمِّ فَلۡيُلۡقِهِ ٱلۡيَمُّ بِٱلسَّاحِلِ يَأۡخُذۡهُ عَدُوّٞ لِّي وَعَدُوّٞ لَّهُۥۚ وَأَلۡقَيۡتُ عَلَيۡكَ مَحَبَّةٗ مِّنِّي وَلِتُصۡنَعَ عَلَىٰ عَيۡنِيٓ

    Open ayah 20:39

    ئۆز ۋاقتىدا بىز ئاناڭغا: ‹مۇسانى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بەرگىن، شۇنىڭ بىلەن دەريا ئۇنى قىرغاققا چىقىرىپ قويسۇن، ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى (بولغان پىرئەۋن) ئېلىۋالسۇن!› دەپ، ئىلھام قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى (شۇنداق) ئىلھام قىلغان ئىدۇق. (ئى مۇسا! سېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشۈڭ)، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يېتىشتۈرۈلىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا ئۆز تەرىپىمدىن مېھرى ئىسسىقلىق ئاتا قىلدىم. [38 _ 39]

  40. إِذۡ تَمۡشِيٓ أُخۡتُكَ فَتَقُولُ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ مَن يَكۡفُلُهُۥۖ فَرَجَعۡنَٰكَ إِلَىٰٓ أُمِّكَ كَيۡ تَقَرَّ عَيۡنُهَا وَلَا تَحۡزَنَۚ وَقَتَلۡتَ نَفۡسٗا فَنَجَّيۡنَٰكَ مِنَ ٱلۡغَمِّ وَفَتَنَّٰكَ فُتُونٗاۚ فَلَبِثۡتَ سِنِينَ فِيٓ أَهۡلِ مَدۡيَنَ ثُمَّ جِئۡتَ عَلَىٰ قَدَرٖ يَٰمُوسَىٰ 

    Open ayah 20:40

    ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: ‹سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇرغان ئىدىڭ. كېيىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (مەديەندىن تۇرسىناغا) كەلدىڭ.

  41. وَٱصۡطَنَعۡتُكَ لِنَفۡسِي

    Open ayah 20:41

    مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ چىقتىم.

  42. ٱذۡهَبۡ أَنتَ وَأَخُوكَ بِـَٔايَٰتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكۡرِي

    Open ayah 20:42

    (ئى مۇسا!) سەن ۋە قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى ياد ئېتىشتە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار.

  43. ٱذۡهَبَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ

    Open ayah 20:43

    سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.

  44. فَقُولَا لَهُۥ قَوۡلٗا لَّيِّنٗا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوۡ يَخۡشَىٰ

    Open ayah 20:44

    ئۇنىڭغا سىلىق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ئەقلىنى تېپىشى ياكى (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقىشى مۇمكىن.

  45. قَالَا رَبَّنَآ إِنَّنَا نَخَافُ أَن يَفۡرُطَ عَلَيۡنَآ أَوۡ أَن يَطۡغَىٰ

    Open ayah 20:45

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن (بىز پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن) ئۇنىڭ بىزگە ئالدىراپ قول سېلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى.

  46. قَالَ لَا تَخَافَآۖ إِنَّنِي مَعَكُمَآ أَسۡمَعُ وَأَرَىٰ

    Open ayah 20:46

    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، (ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (مۇئامىلىسىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن.

  47. فَأۡتِيَاهُ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَا تُعَذِّبۡهُمۡۖ قَدۡ جِئۡنَٰكَ بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّكَۖ وَٱلسَّلَٰمُ عَلَىٰ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلۡهُدَىٰٓ

    Open ayah 20:47

    سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ‹بىز ئىككىمىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئەمدى، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. بىز ساڭا راستتىنلا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق، ئامانلىق ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە مەنسۇپتۇر.

  48. إِنَّا قَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡنَآ أَنَّ ٱلۡعَذَابَ عَلَىٰ مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ

    Open ayah 20:48

    بىزگە شەكسىز ۋەھيى قىلىندىكى، ئازاب (ھەقىقەتنى) يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمگە بولىدۇ› دەڭلار».

  49. قَالَ فَمَن رَّبُّكُمَا يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:49

    پىرئەۋن: «ئى مۇسا! سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟» دېدى.

  50. قَالَ رَبُّنَا ٱلَّذِيٓ أَعۡطَىٰ كُلَّ شَيۡءٍ خَلۡقَهُۥ ثُمَّ هَدَىٰ 

    Open ayah 20:50

    مۇسا ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە خاس) شەكىل، (ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت) ئاتا قىلغان، ئاندىن (ھەربىر مەخلۇقنى ھاياتلىق يوللىرىغا) يېتەكلىگەن زاتتۇر».

  51. قَالَ فَمَا بَالُ ٱلۡقُرُونِ ٱلۡأُولَىٰ

    Open ayah 20:51

    پىرئەۋن: «ئۇنداقتا، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق بولغان؟» دېدى.

  52. قَالَ عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّي فِي كِتَٰبٖۖ لَّا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنسَى

    Open ayah 20:52

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمنىڭ دەرگاھىدىكى كىتاب (لەۋھۇلمەھفۇز)دا خاتىرىلەنگەندۇر. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ.

  53. ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَسَلَكَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّن نَّبَاتٖ شَتَّىٰ

    Open ayah 20:53

    ئۇ زېمىننى سىلەرگە سېلىنچا قىلىپ بەرگەن، سىلەر ئۈچۈن يوللارنى ئېچىپ بەرگەن، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇنىڭ بىلەن (رەڭدە، شەكىلدە، پۇراقتا ۋە تەمدە) بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق».

  54. كُلُواْ وَٱرۡعَوۡاْ أَنۡعَٰمَكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلنُّهَىٰ

    Open ayah 20:54

    سىلەر (ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  55. ۞مِنۡهَا خَلَقۡنَٰكُمۡ وَفِيهَا نُعِيدُكُمۡ وَمِنۡهَا نُخۡرِجُكُمۡ تَارَةً أُخۡرَىٰ

    Open ayah 20:55

    بىز سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، (ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرىمىز، (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) سىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن چىقىرىمىز.

  56. وَلَقَدۡ أَرَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ

    Open ayah 20:56

    شەكسىزكى، بىز (پىرئەۋنگە) مۆجىزىلىرىمىزنىڭ ھەممە تۈرىنى كۆرسەتكەن ئىدۇق. ئۇ (يەنىلا) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشقا) ئۇنىمىدى.

  57. قَالَ أَجِئۡتَنَا لِتُخۡرِجَنَا مِنۡ أَرۡضِنَا بِسِحۡرِكَ يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:57

    پىرئەۋن ئېيتتى: «ھەي مۇسا! سەن سېھىرىڭگە تايىنىپ بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟

  58. فَلَنَأۡتِيَنَّكَ بِسِحۡرٖ مِّثۡلِهِۦ فَٱجۡعَلۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكَ مَوۡعِدٗا لَّا نُخۡلِفُهُۥ نَحۡنُ وَلَآ أَنتَ مَكَانٗا سُوٗى

    Open ayah 20:58

    (بىلىپ قويغىنكى)، بىزمۇ ساڭا شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇناسىپ جاينى بەلگىلەپد بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى».

  59. قَالَ مَوۡعِدُكُمۡ يَوۡمُ ٱلزِّينَةِ وَأَن يُحۡشَرَ ٱلنَّاسُ ضُحٗى

    Open ayah 20:59

    مۇسا ئېيتتى: «سىلەر بىلەن كېلىشكەن ۋاقتىمىز بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن».

  60. فَتَوَلَّىٰ فِرۡعَوۡنُ فَجَمَعَ كَيۡدَهُۥ ثُمَّ أَتَىٰ 

    Open ayah 20:60

    پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ، ھىيلىسىنى (يەنى سېھىرگەرلىرىنى) توپلىدى، ئاندىن (ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى.

  61. قَالَ لَهُم مُّوسَىٰ وَيۡلَكُمۡ لَا تَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا فَيُسۡحِتَكُم بِعَذَابٖۖ وَقَدۡ خَابَ مَنِ ٱفۡتَرَىٰ

    Open ayah 20:61

    مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ».

  62. فَتَنَٰزَعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَىٰ

    Open ayah 20:62

    ئۇلار (مۇسا ۋە ھارۇنغا قوللىنىلىدىغان) تەدبىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىشتى ۋە يوشۇرۇن مەسلىھەتلەشتى.

  63. قَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَٰنِ لَسَٰحِرَٰنِ يُرِيدَانِ أَن يُخۡرِجَاكُم مِّنۡ أَرۡضِكُم بِسِحۡرِهِمَا وَيَذۡهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ ٱلۡمُثۡلَىٰ

    Open ayah 20:63

    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئەڭ توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى.

  64. فَأَجۡمِعُواْ كَيۡدَكُمۡ ثُمَّ ٱئۡتُواْ صَفّٗاۚ وَقَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡيَوۡمَ مَنِ ٱسۡتَعۡلَىٰ

    Open ayah 20:64

    سىلەر ھىيلەڭلارنى (بارلىق سېھىرلىرىڭلارنى) توپلاڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ كېلىڭلار. بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ».

  65. قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلۡقِيَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنۡ أَلۡقَىٰ

    Open ayah 20:65

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! سەن ئاۋۋال تاشلامسەن ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟».

  66. قَالَ بَلۡ أَلۡقُواْۖ فَإِذَا حِبَالُهُمۡ وَعِصِيُّهُمۡ يُخَيَّلُ إِلَيۡهِ مِن سِحۡرِهِمۡ أَنَّهَا تَسۡعَىٰ

    Open ayah 20:66

    مۇسا: «ياق، سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىۋىدى) شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭغا تېز مېڭىۋاتقان (يىلانلار)دەك تۇيۇلدى.

  67. فَأَوۡجَسَ فِي نَفۡسِهِۦ خِيفَةٗ مُّوسَىٰ

    Open ayah 20:67

    (بۇنىڭدىن) مۇسا بىردىنلا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى.

  68. قُلۡنَا لَا تَخَفۡ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡأَعۡلَىٰ

    Open ayah 20:68

    بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن! شەكسىزكى، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن.

  69. وَأَلۡقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلۡقَفۡ مَا صَنَعُوٓاْۖ إِنَّمَا صَنَعُواْ كَيۡدُ سَٰحِرٖۖ وَلَا يُفۡلِحُ ٱلسَّاحِرُ حَيۡثُ أَتَىٰ

    Open ayah 20:69

    ئوڭ قولۇڭدىكىنى (ھاسىنى) تاشلىغىنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر. سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».

  70. فَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سُجَّدٗا قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ هَٰرُونَ وَمُوسَىٰ 

    Open ayah 20:70

    (مۇسانىڭ ھاسىسى سېھىرگەرلەرنىڭ سېھىرلىرىنى يۇتۇپ كەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر دەرھال سەجدىگە باش قويۇپ: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.

  71. قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ فِي جُذُوعِ ٱلنَّخۡلِ وَلَتَعۡلَمُنَّ أَيُّنَآ أَشَدُّ عَذَابٗا وَأَبۡقَىٰ

    Open ayah 20:71

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ شەكسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن. ئەمدى چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ _ سول قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن. سىلەر (مەن بىلەن مۇسانىڭ رەببىدىن) قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر».

  72. قَالُواْ لَن نُّؤۡثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَآءَنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلَّذِي فَطَرَنَاۖ فَٱقۡضِ مَآ أَنتَ قَاضٍۖ إِنَّمَا تَقۡضِي هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَآ

    Open ayah 20:72

    ئۇلار ئېيتتى: «بىز سېنى بىزگە كەلگەن ئوپئوچۇق مۆجىزىلەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ھەرگىز ئارتۇق كۆرمەيمىز (ئاللاھنى تاشلاپ سېنى تاللىمايمىز). سەن (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) قانداق ھۆكۈم قىلغۇڭ كەلسە، شۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەر! سەن پەقەت مۇشۇ دۇنيا ھاياتىدىلا ھۆكۈم قىلالايسەن.

  73. إِنَّآ ءَامَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغۡفِرَ لَنَا خَطَٰيَٰنَا وَمَآ أَكۡرَهۡتَنَا عَلَيۡهِ مِنَ ٱلسِّحۡرِۗ وَٱللَّهُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ

    Open ayah 20:73

    بىز ھەقىقەتەن خاتالىقلىرىمىزنى ۋە سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا سېھىر كۆرسەتكەنلىك گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ رەببىمىزگە شەكسىز ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھ (مۇكاپاتى) ئەڭ ياخشى، (جازاسى) دائىمىي بولغان زاتتۇر».

  74. إِنَّهُۥ مَن يَأۡتِ رَبَّهُۥ مُجۡرِمٗا فَإِنَّ لَهُۥ جَهَنَّمَ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ

    Open ayah 20:74

    كىمكى رەببىنىڭ ئالدىغا گۇناھكار ھالدا بارىدىكەن، ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يا ئۆلمەيدۇ، ياكى (ئوبدان) ياشىمايدۇ.

  75. وَمَن يَأۡتِهِۦ مُؤۡمِنٗا قَدۡ عَمِلَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلدَّرَجَٰتُ ٱلۡعُلَىٰ

    Open ayah 20:75

    كىمكى رەببىنىڭ ئالدىغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بىر مۇئمىن ھالىتىدە بارسا، ئەنە شۇلارغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلەر بار.

  76. جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ مَن تَزَكَّىٰ

    Open ayah 20:76

    (ئۇ دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، (قەسىرلىرىنىڭ ۋە دەل-دەرەخلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇ جايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەمنىڭ مۇكاپاتىدۇر.

  77. وَلَقَدۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَسۡرِ بِعِبَادِي فَٱضۡرِبۡ لَهُمۡ طَرِيقٗا فِي ٱلۡبَحۡرِ يَبَسٗا لَّا تَخَٰفُ دَرَكٗا وَلَا تَخۡشَىٰ

    Open ayah 20:77

    شەكسىزكى، بىز مۇساغا: «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىلەپ (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، ھاساڭنى دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋن قوشۇنلىرىنىڭ سىلەرگە) يېتىشىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.

  78. فَأَتۡبَعَهُمۡ فِرۡعَوۡنُ بِجُنُودِهِۦ فَغَشِيَهُم مِّنَ ٱلۡيَمِّ مَا غَشِيَهُمۡ

    Open ayah 20:78

    پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋىدى، ئۇلارنى دەھشەتلىك دېڭىز سۈيى ئورىۋېلىپ غەرق قىلىۋەتتى.

  79. وَأَضَلَّ فِرۡعَوۡنُ قَوۡمَهُۥ وَمَا هَدَىٰ

    Open ayah 20:79

    پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىمىدى.

  80. يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ قَدۡ أَنجَيۡنَٰكُم مِّنۡ عَدُوِّكُمۡ وَوَٰعَدۡنَٰكُمۡ جَانِبَ ٱلطُّورِ ٱلۡأَيۡمَنَ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰ 

    Open ayah 20:80

    ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەرگە تۇر (تېغى)نىڭ ئوڭ تەرىپىدە (ئۇچرىشىشنى) ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق.

  81. كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ وَلَا تَطۡغَوۡاْ فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيۡكُمۡ غَضَبِيۖ وَمَن يَحۡلِلۡ عَلَيۡهِ غَضَبِي فَقَدۡ هَوَىٰ

    Open ayah 20:81

    (ئېيتتۇقكى) «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، سىلەرگە غەزىپىم چۈشىدۇ. مېنىڭ غەزىپىم كىمگە چۈشسە، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ.

  82. وَإِنِّي لَغَفَّارٞ لِّمَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا ثُمَّ ٱهۡتَدَىٰ

    Open ayah 20:82

    شەكسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمگە ھەقىقەتەن بەك مەغپىرەت قىلغۇچىمەن».

  83. ۞وَمَآ أَعۡجَلَكَ عَن قَوۡمِكَ يَٰمُوسَىٰ

    Open ayah 20:83

    «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇر تېغىغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» (دېدۇق).

  84. قَالَ هُمۡ أُوْلَآءِ عَلَىٰٓ أَثَرِي وَعَجِلۡتُ إِلَيۡكَ رَبِّ لِتَرۡضَىٰ

    Open ayah 20:84

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلارمۇ كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ. ئى رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم».

  85. قَالَ فَإِنَّا قَدۡ فَتَنَّا قَوۡمَكَ مِنۢ بَعۡدِكَ وَأَضَلَّهُمُ ٱلسَّامِرِيُّ

    Open ayah 20:85

    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن (قەۋمىڭنىڭ يېنىدىن كەتكەن)دىن كېيىن، بىز ئۇلارنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى[85] ئازدۇردى».

    1. سامىربي- كالىغا چوقۇنىدىغان قەۋمدىن بولۇپ، يالغاندىن ئىمان ئېيتىپ ئىسرائىل ئەۋلادىغا قوشۇلۇۋالغان كاپىر ئادەمدۇر.
  86. فَرَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ غَضۡبَٰنَ أَسِفٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَمۡ يَعِدۡكُمۡ رَبُّكُمۡ وَعۡدًا حَسَنًاۚ أَفَطَالَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡعَهۡدُ أَمۡ أَرَدتُّمۡ أَن يَحِلَّ عَلَيۡكُمۡ غَضَبٞ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُم مَّوۡعِدِي

    Open ayah 20:86

    مۇسا (بۇنى ئاڭلاپ) قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە رەببىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (بۇ ۋەدىگە) شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى خالىغانلىقتىن، شۇڭا ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى.

  87. قَالُواْ مَآ أَخۡلَفۡنَا مَوۡعِدَكَ بِمَلۡكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلۡنَآ أَوۡزَارٗا مِّن زِينَةِ ٱلۡقَوۡمِ فَقَذَفۡنَٰهَا فَكَذَٰلِكَ أَلۡقَى ٱلسَّامِرِيُّ

    Open ayah 20:87

    ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە بىز ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىزگە (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن زور مىقداردا يۈكلەنگەن ئىدى، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ تاشلىدى».

  88. فَأَخۡرَجَ لَهُمۡ عِجۡلٗا جَسَدٗا لَّهُۥ خُوَارٞ فَقَالُواْ هَٰذَآ إِلَٰهُكُمۡ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ

    Open ayah 20:88

    سامىرى ئۇلارغا (ئېرىتىلگەن زىننەت بۇيۇملىرىدىن) مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلى ياساپ چىقتى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر، مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر. مۇسا (بۇنى) ئۇنتۇپ قاپتۇ» دېدى.

  89. أَفَلَا يَرَوۡنَ أَلَّا يَرۡجِعُ إِلَيۡهِمۡ قَوۡلٗا وَلَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا

    Open ayah 20:89

    ئۇلار ئۇ موزاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پايدا _ زىيىنىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟

  90. وَلَقَدۡ قَالَ لَهُمۡ هَٰرُونُ مِن قَبۡلُ يَٰقَوۡمِ إِنَّمَا فُتِنتُم بِهِۦۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَٱتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوٓاْ أَمۡرِي 

    Open ayah 20:90

    شەكسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇ (ھەيكەل) بىلەن سىنالدىڭلار، شەكسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھمان ئاللاھتۇر، ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېگەن ئىدى.

  91. قَالُواْ لَن نَّبۡرَحَ عَلَيۡهِ عَٰكِفِينَ حَتَّىٰ يَرۡجِعَ إِلَيۡنَا مُوسَىٰ

    Open ayah 20:91

    ئۇلار: «مۇسا يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى.

  92. قَالَ يَٰهَٰرُونُ مَا مَنَعَكَ إِذۡ رَأَيۡتَهُمۡ ضَلُّوٓاْ

    Open ayah 20:92

    مۇسا (قايتىپ كېلىپ) ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا مېنىڭ ئارقامدىن كېلىشىڭگە نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟». [92 _ 93]

  93. أَلَّا تَتَّبِعَنِۖ أَفَعَصَيۡتَ أَمۡرِي

    Open ayah 20:93

    مۇسا (قايتىپ كېلىپ) ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا مېنىڭ ئارقامدىن كېلىشىڭگە نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟». [92 _ 93]

  94. قَالَ يَبۡنَؤُمَّ لَا تَأۡخُذۡ بِلِحۡيَتِي وَلَا بِرَأۡسِيٓۖ إِنِّي خَشِيتُ أَن تَقُولَ فَرَّقۡتَ بَيۡنَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَمۡ تَرۡقُبۡ قَوۡلِي

    Open ayah 20:94

    ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن راستتىنلا سېنىڭ مېنى ‹سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، مېنىڭ سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».

  95. قَالَ فَمَا خَطۡبُكَ يَٰسَٰمِرِيُّ

    Open ayah 20:95

    مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزىڭ نېمە؟».

  96. قَالَ بَصُرۡتُ بِمَا لَمۡ يَبۡصُرُواْ بِهِۦ فَقَبَضۡتُ قَبۡضَةٗ مِّنۡ أَثَرِ ٱلرَّسُولِ فَنَبَذۡتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتۡ لِي نَفۡسِي

    Open ayah 20:96

    سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (جىبرىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم _ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم (ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقتى)، مۇشۇنداق قىلىشنى ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى».

  97. قَالَ فَٱذۡهَبۡ فَإِنَّ لَكَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ أَن تَقُولَ لَا مِسَاسَۖ وَإِنَّ لَكَ مَوۡعِدٗا لَّن تُخۡلَفَهُۥۖ وَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ إِلَٰهِكَ ٱلَّذِي ظَلۡتَ عَلَيۡهِ عَاكِفٗاۖ لَّنُحَرِّقَنَّهُۥ ثُمَّ لَنَنسِفَنَّهُۥ فِي ٱلۡيَمِّ نَسۡفًا

    Open ayah 20:97

    مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «يوقال! چۈنكى ھاياتى دۇنيادا ساڭا بېرىلىدىغان جازا (ساڭا ئۇچرىغان ھەربىر ئادەمگە) ‹ماڭا تەگمەڭلار!› دېيىشىڭدىن ئىبارەت بولىدۇ، شەكسىزكى، (ئاخىرەتتىكى جازايىڭ ئۈچۈن) ساڭا ۋەدە قىلىنغان مۇئەييەن بىر ۋاقىت بار، ئۇ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىنمايدۇ. سەن چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا سورۇۋېتىمىز».

  98. إِنَّمَآ إِلَٰهُكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ وَسِعَ كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمٗا

    Open ayah 20:98

    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ئىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.

  99. كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ مَا قَدۡ سَبَقَۚ وَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ مِن لَّدُنَّا ذِكۡرٗا

    Open ayah 20:99

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىپ بېرىمىز، شەكسىزكى، بىز ساڭا دەرگاھىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق.

  100. مَّنۡ أَعۡرَضَ عَنۡهُ فَإِنَّهُۥ يَحۡمِلُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وِزۡرًا 

    Open ayah 20:100

    كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ چوقۇم قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن ئىبارەت) ئېغىر بىر يۈكنى كۆتۈرىدۇ.

  101. خَٰلِدِينَ فِيهِۖ وَسَآءَ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ حِمۡلٗا 

    Open ayah 20:101

    ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچبىر زامان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان) گۇناھ نېمىدېگەن يامان!

  102. يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ وَنَحۡشُرُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ زُرۡقٗا 

    Open ayah 20:102

    ئۇ كۈندە سۇر (ئىككىنچى قېتىم) [86] چېلىنىدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى كۆك كۆز[87]، (قارا يۈزلۈك) ھالەتتە (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز.

    1. سۇر _ قىيامەت قايىم بولغاندا بىر قېتىم، ئاندىن ئاخىرەتتە ئىنسانلار تىرىلىدىغان چاغدا يەنە بىر قېتىم چېلىنىدىغان كانايدۇر.
    2. كۆزنىڭ كۆكلىكى قورقۇنچنى ۋە قاتتىق ئۇسسۇزلۇقنى ئىپادىلەيدۇ، ئەرەبلەر كۆزنىڭ كۆكلىكىنى شۇملۇقنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ.
  103. يَتَخَٰفَتُونَ بَيۡنَهُمۡ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا عَشۡرٗا 

    Open ayah 20:103

    (قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن دۇنيا ھاياتى قىسقا تۇيۇلۇپ كېتىپ) ئۇلار بىر _ بىرىگە «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ.

  104. نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذۡ يَقُولُ أَمۡثَلُهُمۡ طَرِيقَةً إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا يَوۡمٗا 

    Open ayah 20:104

    ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنىمۇ: «سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

  105. وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡجِبَالِ فَقُلۡ يَنسِفُهَا رَبِّي نَسۡفٗا 

    Open ayah 20:105

    ئۇلار سەندىن (قىيامەت كۈنى) تاغلار (نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «رەببىم ئۇلارنى توزۇتۇپ سورۇيدۇ،

  106. فَيَذَرُهَا قَاعٗا صَفۡصَفٗا 

    Open ayah 20:106

    ئاندىن (ئۇلارنىڭ ئورنىنى) تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.

  107. لَّا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجٗا وَلَآ أَمۡتٗا 

    Open ayah 20:107

    سەن ئۇ تۈزلەڭلىكتە چوڭقۇرلۇقنىمۇ، ئېگىزلىكنىمۇ كۆرمەيسەن».

  108. يَوۡمَئِذٖ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُۥۖ وَخَشَعَتِ ٱلۡأَصۡوَاتُ لِلرَّحۡمَٰنِ فَلَا تَسۡمَعُ إِلَّا هَمۡسٗا 

    Open ayah 20:108

    بۇ كۈندە ئىنسانلار بىر چاقىرغۇچىغا (ئىسرافىلغا) ئەگىشىپ ئۇدۇل ماڭىدۇ، رەھمان ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلىشىشتىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن.

  109. يَوۡمَئِذٖ لَّا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُۥ قَوۡلٗا 

    Open ayah 20:109

    بۇ كۈندە رەھمان ئاللاھ رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ.

  110. يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِۦ عِلۡمٗا 

    Open ayah 20:110

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى (يەنى ئۆتمۈشلىرىنى ۋە كېلەچەكلىرىنى) بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئاللاھنى تولۇق بىلمەيدۇ.

  111. ۞وَعَنَتِ ٱلۡوُجُوهُ لِلۡحَيِّ ٱلۡقَيُّومِۖ وَقَدۡ خَابَ مَنۡ حَمَلَ ظُلۡمٗا

    Open ayah 20:111

    يۈزلەر (يەنى بەندىلەر) مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى مەڭگۈ ھايات ئاللاھ ئۈچۈن ئېگىلىدۇ، (ئاخىرەتكە) زۇلۇم بىلەن كەلگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.

  112. وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا يَخَافُ ظُلۡمٗا وَلَا هَضۡمٗا

    Open ayah 20:112

    مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (گۇناھىنىڭ) كۆپىيىپ كېتىشىدىن، (ساۋابىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ.

  113. وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا وَصَرَّفۡنَا فِيهِ مِنَ ٱلۡوَعِيدِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ أَوۡ يُحۡدِثُ لَهُمۡ ذِكۡرٗا

    Open ayah 20:113

    بىز شۇنىڭدەك، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) ساقلانسۇن ياكى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاننى ساڭا ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق.

  114. فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡحَقُّۗ وَلَا تَعۡجَلۡ بِٱلۡقُرۡءَانِ مِن قَبۡلِ أَن يُقۡضَىٰٓ إِلَيۡكَ وَحۡيُهُۥۖ وَقُل رَّبِّ زِدۡنِي عِلۡمٗا

    Open ayah 20:114

    ھەقىقىي پادىشاھ بولغان ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. (ئى پەيغەمبەر!) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىۋاتقان بۆلۈكى تولۇق نازىل قىلىنىپ بولمىغۇچە، ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. «ئى رەببىم! ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن.

  115. وَلَقَدۡ عَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ ءَادَمَ مِن قَبۡلُ فَنَسِيَ وَلَمۡ نَجِدۡ لَهُۥ عَزۡمٗا

    Open ayah 20:115

    ئىلگىرى بىز ئادەمگە (مەلۇم دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق، ئۇ بۇنى يادىدىن چىقاردى، بىز ئۇنىڭدا مۇستەھكەم ئىرادىنىمۇ كۆرمىدۇق.

  116. وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ

    Open ayah 20:116

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى.

  117. فَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوّٞ لَّكَ وَلِزَوۡجِكَ فَلَا يُخۡرِجَنَّكُمَا مِنَ ٱلۡجَنَّةِ فَتَشۡقَىٰٓ

    Open ayah 20:117

    بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ (شەيتان) سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، ئۇ چاغدا سەن جاپا _ مۇشەققەتتە قالىسەن.

  118. إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعۡرَىٰ

    Open ayah 20:118

    جەننەتتە سەن ئاچ قالمايسەن، يالىڭاچمۇ قالمايسەن.

  119. وَأَنَّكَ لَا تَظۡمَؤُاْ فِيهَا وَلَا تَضۡحَىٰ

    Open ayah 20:119

    ھەمدە جەننەتتە ئۇسساپ قالمايسەن، ئىسسىقتىمۇ قالمايسەن».

  120. فَوَسۡوَسَ إِلَيۡهِ ٱلشَّيۡطَٰنُ قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ هَلۡ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ ٱلۡخُلۡدِ وَمُلۡكٖ لَّا يَبۡلَىٰ 

    Open ayah 20:120

    شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! مەن ساڭا (مېۋىسىنى يېگەن ئادەم ئۆلمەيدىغان) ئەبەدىيلىك دەرىخىنى ۋە قولدىن كەتمەس سەلتەنەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.

  121. فَأَكَلَا مِنۡهَا فَبَدَتۡ لَهُمَا سَوۡءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخۡصِفَانِ عَلَيۡهِمَا مِن وَرَقِ ٱلۡجَنَّةِۚ وَعَصَىٰٓ ءَادَمُ رَبَّهُۥ فَغَوَىٰ

    Open ayah 20:121

    نىھايەت ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۇ يەرلىرىنى يۆگەشكە كىرىشتى. ئادەم رەببىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى.

  122. ثُمَّ ٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَتَابَ عَلَيۡهِ وَهَدَىٰ

    Open ayah 20:122

    ئاندىن رەببى ئۇنى (ئۆزىگە يېقىن قىلىپ) تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتتى.

  123. قَالَ ٱهۡبِطَا مِنۡهَا جَمِيعَۢاۖ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَنِ ٱتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشۡقَىٰ

    Open ayah 20:123

    رەببى (ئۇلارغا) ئېيتتىكى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر _ بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار! (ئى ئادەم ئەۋلادى!) سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلگەندە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىمايدۇ.

  124. وَمَنۡ أَعۡرَضَ عَن ذِكۡرِي فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةٗ ضَنكٗا وَنَحۡشُرُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَعۡمَىٰ

    Open ayah 20:124

    كىمكى مېنىڭ زىكرىم (بولغان قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ، قىيامەت كۈنى بىز ئۇنى كور ھالىتىدە تىرىلدۈرىمىز».

  125. قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرۡتَنِيٓ أَعۡمَىٰ وَقَدۡ كُنتُ بَصِيرٗا

    Open ayah 20:125

    ئۇ: «ئى رەببىم! نېمىشقا مېنى كور ھالەتتە تىرىلدۈردۈڭ؟ ھالبۇكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ.

  126. قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتۡكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَاۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمَ تُنسَىٰ

    Open ayah 20:126

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «سېنى شۇنداق (كور ھالەتتە تىرىلدۈردۈم)، چۈنكى ساڭا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز كەلگەن تۇرۇقلۇق، سەن ئۇلارنى تاشلاپ قويغان ئىدىڭ. سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق تاشلىنىپ قالىسەن».

  127. وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَنۡ أَسۡرَفَ وَلَمۡ يُؤۡمِنۢ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦۚ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبۡقَىٰٓ

    Open ayah 20:127

    ھەددىدىن ئاشقان ۋە رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا ئەنە شۇنداق جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر.

  128. أَفَلَمۡ يَهۡدِ لَهُمۡ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ يَمۡشُونَ فِي مَسَٰكِنِهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلنُّهَىٰ

    Open ayah 20:128

    ئۇلار بىزنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولالمىدىمۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا كېزىپ يۈرىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

  129. وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَكَانَ لِزَامٗا وَأَجَلٞ مُّسَمّٗى

    Open ayah 20:129

    ئەگەر رەببىڭ تەرىپىدىن (گۇناھكارلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە) ئىلگىرى بېرىلگەن بىر سۆز (ھۆكۈم) ۋە ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقىت بولمىسا ئىدى، ئۇلار دەرھال ھالاك بولغان بولاتتى.

  130. فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ غُرُوبِهَاۖ وَمِنۡ ءَانَآيِٕ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡ وَأَطۡرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرۡضَىٰ 

    Open ayah 20:130

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن، كېچىلەردە ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ھەم ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا (رەببىڭگە) تەسبىھ ئېيتقىن، (شۇنداق قىلساڭ، رەببىڭ بېرىدىغان ساۋاب بىلەن) مەمنۇن بولىسەن.

  131. وَلَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ زَهۡرَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا لِنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَرِزۡقُ رَبِّكَ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰ

    Open ayah 20:131

    بىز كاپىرلارنىڭ بەزىسىنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيا ھاياتىنىڭ تۈرلۈك زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن. بىز ئۇلارنى (بۇ ئارقىلىق) سىنايمىز. رەببىڭنىڭ (ئاتا قىلىدىغان) رىزقى ھەممىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر.

  132. وَأۡمُرۡ أَهۡلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصۡطَبِرۡ عَلَيۡهَاۖ لَا نَسۡـَٔلُكَ رِزۡقٗاۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُكَۗ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلتَّقۡوَىٰ

    Open ayah 20:132

    (ئى پەيغەمبەر!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ (ئۇنى ئادا قىلىشتا) چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بىز سېنى رىزىقلاندۇرۇۋاتىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.

  133. وَقَالُواْ لَوۡلَا يَأۡتِينَا بِـَٔايَةٖ مِّن رَّبِّهِۦٓۚ أَوَلَمۡ تَأۡتِهِم بَيِّنَةُ مَا فِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ

    Open ayah 20:133

    ئۇلار: «(مۇھەممەد) رەببى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى كىتابلاردىكى ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدىغان (مۆجىزە) قۇرئان كەلمىدىمۇ؟

  134. وَلَوۡ أَنَّآ أَهۡلَكۡنَٰهُم بِعَذَابٖ مِّن قَبۡلِهِۦ لَقَالُواْ رَبَّنَا لَوۡلَآ أَرۡسَلۡتَ إِلَيۡنَا رَسُولٗا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ مِن قَبۡلِ أَن نَّذِلَّ وَنَخۡزَىٰ

    Open ayah 20:134

    ئەگەر بىز ئۇلارنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى بىرەر ئازاب بىلەن ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «ئى رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭچۇ! (ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ)، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ئەمەسمۇ؟!» دەيتتى.

  135. قُلۡ كُلّٞ مُّتَرَبِّصٞ فَتَرَبَّصُواْۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ أَصۡحَٰبُ ٱلصِّرَٰطِ ٱلسَّوِيِّ وَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ

    Open ayah 20:135

    (ئى پەيغەمبەر! ئاشۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».