الأنبياء
Al-Anbiyaa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱقۡتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمۡ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 21:1ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىدىغان ۋاقتى (قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدە (بۇ ھەقىقەتتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
مَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّن رَّبِّهِم مُّحۡدَثٍ إِلَّا ٱسۡتَمَعُوهُ وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ
Open ayah 21:2ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز _ نەسىھەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئويۇن _ تاماشاغا بېرىلگەن ۋە دىللىرى غاپىل ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ. بۇ زالىملار (ئۆزئارىسىدا): «بۇ (مۇھەممەد) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان تۇرسا، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ. [2 _ 3]
لَاهِيَةٗ قُلُوبُهُمۡۗ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ هَلۡ هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡۖ أَفَتَأۡتُونَ ٱلسِّحۡرَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
Open ayah 21:3ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز _ نەسىھەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئويۇن _ تاماشاغا بېرىلگەن ۋە دىللىرى غاپىل ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ. بۇ زالىملار (ئۆزئارىسىدا): «بۇ (مۇھەممەد) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان تۇرسا، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ. [2 _ 3]
قَالَ رَبِّي يَعۡلَمُ ٱلۡقَوۡلَ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 21:4(پەيغەمبەر) ئېيتتى: «رەببىم ئاسمان، زېمىندىكى ھەربىر سۆزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
بَلۡ قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمِۭ بَلِ ٱفۡتَرَىٰهُ بَلۡ هُوَ شَاعِرٞ فَلۡيَأۡتِنَا بِـَٔايَةٖ كَمَآ أُرۡسِلَ ٱلۡأَوَّلُونَ
Open ayah 21:5(كاپىرلار: قۇرئان سېھىردۇر دەپلا قالماي): «بەلكى ئۇ (مۇھەممەد كۆرگەن) قالايمىقان چۈشلەردۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققاندۇر. بەلكى ئۇ شائىردۇر. (ئەگەر ئۇ ئۇنداق بولمىسا) بىزگە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.
مَآ ءَامَنَتۡ قَبۡلَهُم مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآۖ أَفَهُمۡ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 21:6ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىدىن ھېچقايسىسى (مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ) ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، بۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 21:7(ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەردىن ئەمەس) پەقەت (ئىنسانلاردىن) ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق. ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار.
وَمَا جَعَلۡنَٰهُمۡ جَسَدٗا لَّا يَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُواْ خَٰلِدِينَ
Open ayah 21:8بىز پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، ئۇلار (دۇنيادا) مەڭگۈ قالغۇچىلارمۇ ئەمەس.
ثُمَّ صَدَقۡنَٰهُمُ ٱلۡوَعۡدَ فَأَنجَيۡنَٰهُمۡ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهۡلَكۡنَا ٱلۡمُسۡرِفِينَ
Open ayah 21:9ئاندىن بىز ئۇلارغا (بەرگەن) ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە زۇلۇمدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق.
لَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ كِتَٰبٗا فِيهِ ذِكۡرُكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 21:10ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ شان _ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
وَكَمۡ قَصَمۡنَا مِن قَرۡيَةٖ كَانَتۡ ظَالِمَةٗ وَأَنشَأۡنَا بَعۡدَهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ
Open ayah 21:11بىز ئاھالىسى زالىم بولغان نۇرغۇنلىغان يۇرتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
فَلَمَّآ أَحَسُّواْ بَأۡسَنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَرۡكُضُونَ
Open ayah 21:12ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى ھېس قىلغان چاغدا (ئۇ يەردىن) دەرھال قاچىدۇ.
لَا تَرۡكُضُواْ وَٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰ مَآ أُتۡرِفۡتُمۡ فِيهِ وَمَسَٰكِنِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡـَٔلُونَ
Open ayah 21:13(بۇ چاغدا ئۇلارغا مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا) «قاچماڭلار! سىلەردىن سوئال سورۇلۇشى ئۈچۈن، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Open ayah 21:14ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىكەنمىز» دېيىشىدۇ.
فَمَا زَالَت تِّلۡكَ دَعۡوَىٰهُمۡ حَتَّىٰ جَعَلۡنَٰهُمۡ حَصِيدًا خَٰمِدِينَ
Open ayah 21:15بىز ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك قىلىۋەتكىنىمىزگە قەدەر، ئۇلارنىڭ پەريادى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدۇ.
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ
Open ayah 21:16بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتتۇق).
لَوۡ أَرَدۡنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهۡوٗا لَّٱتَّخَذۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَٰعِلِينَ
Open ayah 21:17ئەگەر بىز تاماشا قىلايلى دېسەك، ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆز تەرىپىمىزدىن قىلغان بولاتتۇق، (ئەمما) بىز ئۇنداق قىلمىدۇق.
بَلۡ نَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَى ٱلۡبَٰطِلِ فَيَدۡمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٞۚ وَلَكُمُ ٱلۡوَيۡلُ مِمَّا تَصِفُونَ
Open ayah 21:18بەلكى بىز باتىلغا ھەق بىلەن زەربە بېرىمىز، ھەق باتىلنى ئېزىپ تاشلايدۇ، باتىل شۇ ھامان توزۇپ كېتىدۇ. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر (ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەر بىلەن) سۈپەتلىگەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن دەھشەتلىك ئازابقا قالىسىلەر.
وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَنۡ عِندَهُۥ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسۡتَحۡسِرُونَ
Open ayah 21:19ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (پەرىشتە) لەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ.
يُسَبِّحُونَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفۡتُرُونَ
Open ayah 21:20ئۇلار كېچە _ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ.
أَمِ ٱتَّخَذُوٓاْ ءَالِهَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ هُمۡ يُنشِرُونَ
Open ayah 21:21ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، بۇ نەرسىلەر ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟
لَوۡ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَاۚ فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ
Open ayah 21:22ئەگەر (ئاسمان _ زېمىن) ئىككىسىدە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىككىسى (نىڭ ۋە بارلىق كائىناتنىڭ نىزامى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. دېمەككى، ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ
Open ayah 21:23ئاللاھ قىلغانلىرىدىن سورالمايدۇ، ئۇلار بولسا سوئال _ سوراق قىلىنىدۇ.
أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡۖ هَٰذَا ذِكۡرُ مَن مَّعِيَ وَذِكۡرُ مَن قَبۡلِيۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡحَقَّۖ فَهُم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 21:24بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋالدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارلىقىغا) دەلىل - ئىسپاتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابىدۇر (بۇنىڭدا ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشقا دائىر دەلىل-ئىسپات يوقتۇر)». ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار (ئۇنىڭدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ.
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِيٓ إِلَيۡهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدُونِ
Open ayah 21:25(ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا سىلەر ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۚ بَلۡ عِبَادٞ مُّكۡرَمُونَ
Open ayah 21:26مۇشرىكلار: «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئەمەلىيەتتە (پەرىشتىلەر) ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.
لَا يَسۡبِقُونَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ وَهُم بِأَمۡرِهِۦ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 21:27ئۇلار ھېچقانداق سۆزدە ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يَشۡفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرۡتَضَىٰ وَهُم مِّنۡ خَشۡيَتِهِۦ مُشۡفِقُونَ
Open ayah 21:28ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگىلا شاپائەت قىلالايدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ.
۞وَمَن يَقُلۡ مِنۡهُمۡ إِنِّيٓ إِلَٰهٞ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجۡزِيهِ جَهَنَّمَۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 21:29ئۇلاردىن كىمكى مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن دەيدىكەن، بىز ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، بىز زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز.
أَوَلَمۡ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ كَانَتَا رَتۡقٗا فَفَتَقۡنَٰهُمَاۖ وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 21:30كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر _ بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىقنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزگە) ئىشەنمەمدۇ؟
وَجَعَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِهِمۡ وَجَعَلۡنَا فِيهَا فِجَاجٗا سُبُلٗا لَّعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
Open ayah 21:31يەر تەۋرەپ ئۇلارنى سىلكىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن جايلىرىغا يېتىۋېلىشى ئۈچۈن، زېمىندا كەڭ يوللارنى قىلدۇق.
وَجَعَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ سَقۡفٗا مَّحۡفُوظٗاۖ وَهُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهَا مُعۡرِضُونَ
Open ayah 21:32ئاسماننى بىز بىخەتەر تورۇس قىلدۇق، ھالبۇكى، مۇشرىكلار ئاسماندىكى (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ
Open ayah 21:33ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتقان زاتتۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى (بەلگىلەنگەن) ئوربىتىسىدا سەير قىلىدۇ.
وَمَا جَعَلۡنَا لِبَشَرٖ مِّن قَبۡلِكَ ٱلۡخُلۡدَۖ أَفَإِيْن مِّتَّ فَهُمُ ٱلۡخَٰلِدُونَ
Open ayah 21:34(ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرىمۇ ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشايدىغان قىلمىدۇق، سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدىكەن؟
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
Open ayah 21:35ھەربىر جان ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. بىز سىناش ئۈچۈن سىلەرنى يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىمتىھان قىلىمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَإِذَا رَءَاكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي يَذۡكُرُ ءَالِهَتَكُمۡ وَهُم بِذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 21:36(ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟» (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار رەھمان (ئاللاھ)نىڭ زىكرى (بولغان قۇرئان)نى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
خُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ مِنۡ عَجَلٖۚ سَأُوْرِيكُمۡ ءَايَٰتِي فَلَا تَسۡتَعۡجِلُونِ
Open ayah 21:37ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان. مەن سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (ئازابىمنى) كۆرسىتىمەن. شۇڭا مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 21:38ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى ئازاب) قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دېيىشىدۇ.
لَوۡ يَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ ٱلنَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمۡ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 21:39بۇ كاپىرلار يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى توسۇپ قالالمايدىغان ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان بىر ۋاقىتنىڭ (كېلىدىغانلىقىنى) بىلسە ئىدى (ھەرگىز ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى).
بَلۡ تَأۡتِيهِم بَغۡتَةٗ فَتَبۡهَتُهُمۡ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
Open ayah 21:40لېكىن، قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ _ دە، ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلار قىيامەتنى كەينىگە قايتۇرالمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُواْ مِنۡهُم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 21:41سەندىن ئىلگىرىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىنغان، ئاندىن مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالغان ئىدى.
قُلۡ مَن يَكۡلَؤُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ مِنَ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ بَلۡ هُمۡ عَن ذِكۡرِ رَبِّهِم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 21:42(ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھمان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم قوغداپ قالالايدۇ؟» دېگىن. بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
أَمۡ لَهُمۡ ءَالِهَةٞ تَمۡنَعُهُم مِّن دُونِنَاۚ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَ أَنفُسِهِمۡ وَلَا هُم مِّنَّا يُصۡحَبُونَ
Open ayah 21:43ياكى ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قوغداپ قالىدىغان مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان نەرسىلىرى) ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ھىمايىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.
بَلۡ مَتَّعۡنَا هَٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۗ أَفَلَا يَرَوۡنَ أَنَّا نَأۡتِي ٱلۡأَرۡضَ نَنقُصُهَا مِنۡ أَطۡرَافِهَآۚ أَفَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ
Open ayah 21:44بىز بۇ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇقەدەم تارايتىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (مۇشۇنداق ئەھۋالدا) غالىب كېلىۋاتقان تەرەپ ئۇلار بولامدۇ؟
قُلۡ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلۡوَحۡيِۚ وَلَا يَسۡمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
Open ayah 21:45«مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار (يەنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدىغان كاپىرلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ.
وَلَئِن مَّسَّتۡهُمۡ نَفۡحَةٞ مِّنۡ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Open ayah 21:46ئەگەر ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ئازابىدىن ئازراق بىر نەرسە يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز راستتىنلا ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىپتۇق» دەيدۇ.
وَنَضَعُ ٱلۡمَوَٰزِينَ ٱلۡقِسۡطَ لِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَلَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗاۖ وَإِن كَانَ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٍ أَتَيۡنَا بِهَاۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَٰسِبِينَ
Open ayah 21:47بىز قىيامەت كۈنى (ئەمەللەرنى تارتىش ئۈچۈن) ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىر تال قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرىمىز، ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز.
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ ٱلۡفُرۡقَانَ وَضِيَآءٗ وَذِكۡرٗا لِّلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 21:48شەكسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى (تەۋرات)نى، نۇرنى ۋە تەقۋادارلارغا (پايدىلىق) ۋەز _ نەسىھەتنى ئاتا قىلدۇق.
ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشۡفِقُونَ
Open ayah 21:49(ئۇ تەقۋادارلار) خىلۋەتتە رەببىدىن قورقىدىغان، قىيامەتتىن (قورقۇپ) تىترەيدىغان كىشىلەردۇر.
وَهَٰذَا ذِكۡرٞ مُّبَارَكٌ أَنزَلۡنَٰهُۚ أَفَأَنتُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ
Open ayah 21:50مانا بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. (شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر بۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟
۞وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ
Open ayah 21:51ھەقىقەتەن بىز ئىبراھىمغا بۇرۇنلا ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە لايىق ئىكەنلىكىنى) بىلەتتۇق.
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ
Open ayah 21:52ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» دېدى.
قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ
Open ayah 21:53ئۇلار: «بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.
قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 21:54ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا _ بوۋىلىرىڭلارمۇ ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دېدى.
قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا بِٱلۡحَقِّ أَمۡ أَنتَ مِنَ ٱللَّٰعِبِينَ
Open ayah 21:55ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى.
قَالَ بَل رَّبُّكُمۡ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
Open ayah 21:56ئىبراھىم ئېيتتى: «(چاقچاق قىلغىنىم يوق) بەلكى سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىنمەن.
وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصۡنَٰمَكُم بَعۡدَ أَن تُوَلُّواْ مُدۡبِرِينَ
Open ayah 21:57ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن چوقۇم بۇتلىرىڭلارغا (پىلانلىغان) تەدبىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن».
فَجَعَلَهُمۡ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرٗا لَّهُمۡ لَعَلَّهُمۡ إِلَيۡهِ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 21:58ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە _ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ (قايتىپ كېلىپ بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى) سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن، پەقەت چوڭ بۇتقا تەگمىدى.
قَالُواْ مَن فَعَلَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 21:59ئۇلار (قايتىپ كېلىپ): «ئىلاھلىرىمىزنى مۇنداق (پارچە-پارچە) قىلغان كىم؟ ئۇ چوقۇم زالىملاردىن ئىكەن» دېدى.
قَالُواْ سَمِعۡنَا فَتٗى يَذۡكُرُهُمۡ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبۡرَٰهِيمُ
Open ayah 21:60ئۇلار: «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ (ئىلاھلىرىمىزنى) ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېيىشتى.
قَالُواْ فَأۡتُواْ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعۡيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡهَدُونَ
Open ayah 21:61ئۇلار: «ئۇنداقتا، ئىبراھىمنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، بەلكى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىشى مۇمكىن» (دېدى).
قَالُوٓاْ ءَأَنتَ فَعَلۡتَ هَٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ
Open ayah 21:62ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.
قَالَ بَلۡ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمۡ هَٰذَا فَسۡـَٔلُوهُمۡ إِن كَانُواْ يَنطِقُونَ
Open ayah 21:63ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇنى بۇتلارنىڭ مۇشۇ چوڭى قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى.
فَرَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ فَقَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ أَنتُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 21:64شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ (بىر _ بىرىگە كايىغان ھالدا): «ئەسلى زالىملار سىلەر ئىكەنسىلەر!» دېيىشتى.
ثُمَّ نُكِسُواْ عَلَىٰ رُءُوسِهِمۡ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا هَٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ
Open ayah 21:65ئاندىن ئۇلار بۇرۇنقى تەرسالىقىغا قايتىپ «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى.
قَالَ أَفَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يَضُرُّكُمۡ
Open ayah 21:66ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
أُفّٖ لَّكُمۡ وَلِمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
Open ayah 21:67ئىسىت! سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
قَالُواْ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓاْ ءَالِهَتَكُمۡ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
Open ayah 21:68ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستتىنلا ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار، ئىبراھىمنى (ئوتقا تاشلاپ) كۆيدۈرۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار» دېدى.
قُلۡنَا يَٰنَارُ كُونِي بَرۡدٗا وَسَلَٰمًا عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ
Open ayah 21:69بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بولۇپ بەرگىن» دېدۇق.
وَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَخۡسَرِينَ
Open ayah 21:70ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىۋىدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلىۋەتتۇق.
وَنَجَّيۡنَٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا لِلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 21:71بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى (ئۇ جايدىن) قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى بىز جاھان ئەھلى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا يەتكۈزدۇق.
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ نَافِلَةٗۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا صَٰلِحِينَ
Open ayah 21:72بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى بەردۇق، يەنە (نەۋرىسى) يەئقۇبنىمۇ قوشۇپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سالىھ كىشىلەر قىلدۇق.
وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِمۡ فِعۡلَ ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِۖ وَكَانُواْ لَنَا عَٰبِدِينَ
Open ayah 21:73بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.
وَلُوطًا ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗا وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِي كَانَت تَّعۡمَلُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَٰسِقِينَ
Open ayah 21:74لۇتقىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى، ئۇلار ناچار، پاسىق قەۋم ئىدى.
وَأَدۡخَلۡنَٰهُ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 21:75بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. چۈنكى، ئۇ سالىھلاردىن ئىدى.
وَنُوحًا إِذۡ نَادَىٰ مِن قَبۡلُ فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 21:76(ئى پەيغەمبەر!) سەن نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى تىلەپ) بەتدۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى (مۇئمىن) لەرنى بۈيۈك بالا (توپان)دىن قۇتقۇزغان ئىدۇق.
وَنَصَرۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمَ سَوۡءٖ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 21:77ئۇنى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن قوغدىدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق.
وَدَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ إِذۡ يَحۡكُمَانِ فِي ٱلۡحَرۡثِ إِذۡ نَفَشَتۡ فِيهِ غَنَمُ ٱلۡقَوۡمِ وَكُنَّا لِحُكۡمِهِمۡ شَٰهِدِينَ
Open ayah 21:78داۋۇد بىلەن سۇلەيمان (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى[88]. ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى بىز كۆزىتىپ تۇرغان ئىدۇق.
- بىر ئادەمنىڭ قويلىرى كېچىسى يەنە بىر ئادەمنىڭ زىرائىتىنى پۈتۈنلەي يەپ كەتكەن بولۇپ، قويلارنىڭ ئىگىسى بىلەن زىرائەتنىڭ ئىگىسى دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇزۇلغان زىرائەتنىڭ بەدىلىگە قوينى زىرائەتنىڭ ئىگىسىگە بېرىشنى بۇيرۇغان. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام مەسىلىگە باشقىچىرەك قاراپ، قوي ئىگىسى زىرائەتنى قايتا تېرىپ بۇرۇنقىدەك ئۆستۈرۈپ بەرگەنگە قەدەر، قوينىڭ زىرائەت ئىگىسىگە قالدۇرۇلۇشىنى، زىرائەت ئىگىسىنىڭ قوينىڭ يۇڭى ۋە سۈتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى ئېيتقان.
فَفَهَّمۡنَٰهَا سُلَيۡمَٰنَۚ وَكُلًّا ءَاتَيۡنَا حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَسَخَّرۡنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلۡجِبَالَ يُسَبِّحۡنَ وَٱلطَّيۡرَۚ وَكُنَّا فَٰعِلِينَ
Open ayah 21:79قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلەيمانغا بىلدۈرگەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھۆكۈمدارلىق ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىدىغان قىلدۇق، بىز (شۇنداق قىلىشقا) ئەزەلدىن قادىرمىز.
وَعَلَّمۡنَٰهُ صَنۡعَةَ لَبُوسٖ لَّكُمۡ لِتُحۡصِنَكُم مِّنۢ بَأۡسِكُمۡۖ فَهَلۡ أَنتُمۡ شَٰكِرُونَ
Open ayah 21:80جەڭلەردە (دۈشمەننىڭ زەربىسىدىن) سىلەرنى ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىۋاتامسىلەر؟
وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةٗ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦٓ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَاۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيۡءٍ عَٰلِمِينَ
Open ayah 21:81سۇلەيمانغا كۈچلۈك شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، شامال سۇلەيماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) غا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلىپ تۇراتتۇق.
وَمِنَ ٱلشَّيَٰطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُۥ وَيَعۡمَلُونَ عَمَلٗا دُونَ ذَٰلِكَۖ وَكُنَّا لَهُمۡ حَٰفِظِينَ
Open ayah 21:82سۇلەيمانغا غەۋۋاسلىق (قىلىپ دېڭىزدىن ئۈنچە _ مارجان سۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىدىغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ نەرگەن ئىدۇق، بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.
۞وَأَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
Open ayah 21:83ئەييۇب (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىگە: «ھەقىقەتەن ماڭا بالا (يەنى كېسەل) تەگدى، سەن شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىسەن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى.
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ فَكَشَفۡنَا مَا بِهِۦ مِن ضُرّٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰبِدِينَ
Open ayah 21:84بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق. يەنە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋىرىنى ئاتا قىلدۇق.
وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِدۡرِيسَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰبِرِينَ
Open ayah 21:85ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفل (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
وَأَدۡخَلۡنَٰهُمۡ فِي رَحۡمَتِنَآۖ إِنَّهُم مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 21:86ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن سالىھلاردىن ئىدى.
وَذَا ٱلنُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَٰضِبٗا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقۡدِرَ عَلَيۡهِ فَنَادَىٰ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ أَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنتَ سُبۡحَٰنَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 21:87يۇنۇس (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ) ئۆز ۋاقتىدا (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاچچىقلىنىپ، (رەببىمنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىپ كەتسەممۇ) مېنى قىيىنچىلىقتا قويمايدۇ، دەپ ئويلاپ (يۇرتىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. (ئۇنى كىت يۇتتى) ئۇ (كىتنىڭ ئىچىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا: «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ ئىلتىجا قىلدى.
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَنَجَّيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡغَمِّۚ وَكَذَٰلِكَ نُـۨجِي ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 21:88ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، بىز مۇئمىنلەرنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز.
وَزَكَرِيَّآ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥ رَبِّ لَا تَذَرۡنِي فَرۡدٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡوَٰرِثِينَ
Open ayah 21:89زەكەرىييا (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىگە: «ئى رەببىم! مېنى (ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىسسەن» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
فَٱسۡتَجَبۡنَا لَهُۥ وَوَهَبۡنَا لَهُۥ يَحۡيَىٰ وَأَصۡلَحۡنَا لَهُۥ زَوۡجَهُۥٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَيَدۡعُونَنَا رَغَبٗا وَرَهَبٗاۖ وَكَانُواْ لَنَا خَٰشِعِينَ
Open ayah 21:90بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ھەقىقەتەن ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە ۋايىغا يەتكەن كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى.
وَٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلۡنَٰهَا وَٱبۡنَهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 21:91ئىپپىتىنى ساقلىغان ئايال (مەريەمنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بىر روھنى پۈۋلىدۇق (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلى (ئىيسا)نى ئالەملەر ئۈچۈن (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق.
إِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُونِ
Open ayah 21:92(ئى ئىنسانلار!) شەكسىزكى، سىلەرنىڭ دىنىڭلار (ئىسلامدىن ئىبارەت) بىرلا دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، شۇڭا سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.
وَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡۖ كُلٌّ إِلَيۡنَا رَٰجِعُونَ
Open ayah 21:93ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دىن) ئىشىدا پىرقە _ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر.
فَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا كُفۡرَانَ لِسَعۡيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَٰتِبُونَ
Open ayah 21:94كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشى زايە بولۇپ كەتمەيدۇ، بىز ئۇنى يېزىپ تۇرىمىز.
وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآ أَنَّهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
Open ayah 21:95بىز ھالاك (قىلىشنى ھۆكۈم) قىلغان يۇرت ئاھالىسىنىڭ (ئىمانغا) كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتۡ يَأۡجُوجُ وَمَأۡجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٖ يَنسِلُونَ
Open ayah 21:96نىھايەت، يەجۇج _ مەجۇج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ.
وَٱقۡتَرَبَ ٱلۡوَعۡدُ ٱلۡحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَٰخِصَةٌ أَبۡصَٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَٰوَيۡلَنَا قَدۡ كُنَّا فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا بَلۡ كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Open ayah 21:97ھەق ۋەدە (قىيامەت) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قاپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» (دەپ كېتىدۇ).
إِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمۡ لَهَا وَٰرِدُونَ
Open ayah 21:98(ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر.
لَوۡ كَانَ هَٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةٗ مَّا وَرَدُوهَاۖ وَكُلّٞ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 21:99ئەگەر (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان) ئاشۇ نەرسىلەر ئىلاھ بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. (چوقۇنغۇچى ۋە چوقۇنۇلغۇچى) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَهُمۡ فِيهَا لَا يَسۡمَعُونَ
Open ayah 21:100ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتۡ لَهُم مِّنَّا ٱلۡحُسۡنَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ عَنۡهَا مُبۡعَدُونَ
Open ayah 21:101شەكسىزكى، بىز تەرەپتىن سائادەتكە تېگىشلىك بولىدىغانلىقى ئالدىن بېكىتىلگەنلەر بولسا، ئەنە شۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ.
لَا يَسۡمَعُونَ حَسِيسَهَاۖ وَهُمۡ فِي مَا ٱشۡتَهَتۡ أَنفُسُهُمۡ خَٰلِدُونَ
Open ayah 21:102ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
لَا يَحۡزُنُهُمُ ٱلۡفَزَعُ ٱلۡأَكۡبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ هَٰذَا يَوۡمُكُمُ ٱلَّذِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
Open ayah 21:103(قىيامەتتىن ئىبارەت) ئەڭ چوڭ دەھشەتمۇ ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (بەختلىك) كۈنۈڭلاردۇر» دەپ ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ.
يَوۡمَ نَطۡوِي ٱلسَّمَآءَ كَطَيِّ ٱلسِّجِلِّ لِلۡكُتُبِۚ كَمَا بَدَأۡنَآ أَوَّلَ خَلۡقٖ نُّعِيدُهُۥۚ وَعۡدًا عَلَيۡنَآۚ إِنَّا كُنَّا فَٰعِلِينَ
Open ayah 21:104ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى (خۇددى پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.
وَلَقَدۡ كَتَبۡنَا فِي ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعۡدِ ٱلذِّكۡرِ أَنَّ ٱلۡأَرۡضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ ٱلصَّٰلِحُونَ
Open ayah 21:105لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىلغاندىن كېيىن، زەبۇردا (يەنى ساماۋى كىتابلاردا): «زېمىنغا چوقۇم مېنىڭ سالىھ بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ» دەپ يازدۇق.
إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَٰغٗا لِّقَوۡمٍ عَٰبِدِينَ
Open ayah 21:106شەكسىزكى، بۇ قۇرئاندا (بايان قىلىنغان خەۋەر ۋە ۋەز- نەسىھەتلەردە، ئاللاھقا لايىقىدا) ئىبادەت قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئىبرەت بار.
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 21:107(ئى پەيغەمبەر!) سېنى بىز ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.
قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 21:108ئېيتقىنكى، «ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى كېلىپ تۇرىدۇ، ئەمدىغۇ بويسۇنارسىلەر؟».
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ ءَاذَنتُكُمۡ عَلَىٰ سَوَآءٖۖ وَإِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٞ مَّا تُوعَدُونَ
Open ayah 21:109ئەگەر ئۇلار (يەنىلا ئىماندىن) باش تارتسا، ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى) ئوخشاشلا جاكارلىدىم، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان (ئازاب) يېقىنمۇ ياكى يىراقمۇ؟ بىلمەيمەن.
إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡتُمُونَ
Open ayah 21:110شەكسىزكى، ئاللاھ ئاشكارا سۆزنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرۇۋاتقانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.
وَإِنۡ أَدۡرِي لَعَلَّهُۥ فِتۡنَةٞ لَّكُمۡ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ
Open ayah 21:111مەن بىلمەيمەن، بەلكى (بۇ ئازابنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى) سىلەر ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولسا كېرەك».
قَٰلَ رَبِّ ٱحۡكُم بِٱلۡحَقِّۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
Open ayah 21:112(پەيغەمبەر ئېيتتى) «ئى رەببىم! (بىز بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھمان ئاللاھتۇر، ئۇ سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىنىدىغان زاتتۇر».