الحج
Al-Hajj
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ إِنَّ زَلۡزَلَةَ ٱلسَّاعَةِ شَيۡءٌ عَظِيمٞ
Open ayah 22:1ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن دەھشەتلىك بىر ھادىسىدۇر.
يَوۡمَ تَرَوۡنَهَا تَذۡهَلُ كُلُّ مُرۡضِعَةٍ عَمَّآ أَرۡضَعَتۡ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمۡلٍ حَمۡلَهَا وَتَرَى ٱلنَّاسَ سُكَٰرَىٰ وَمَا هُم بِسُكَٰرَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ ٱللَّهِ شَدِيدٞ
Open ayah 22:2سىلەر ئۇنى كۆرگەن كۈندە، بالا ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا (قاتتىق قورققىنىدىن) ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەربىر ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست ھالىتىدە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر (شۇڭا ئۇلار ئاشۇنداق بولۇپ قالىدۇ).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيۡطَٰنٖ مَّرِيدٖ
Open ayah 22:3بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ ئۈلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىق قۇدرىتى) توغرىسىدا دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ ۋە ھەربىر گەدەنكەش شەيتانغا ئەگىشىدۇ.
كُتِبَ عَلَيۡهِ أَنَّهُۥ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُۥ يُضِلُّهُۥ وَيَهۡدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
Open ayah 22:4ئۇ (شەيتان) توغرۇلۇق شۇنداق بەلگىلەنگەنكى: «كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئەلۋەتتە ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە يالقۇنلۇق ئوت ئازابىغا باشلايدۇ».
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّنَ ٱلۡبَعۡثِ فَإِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ مِن مُّضۡغَةٖ مُّخَلَّقَةٖ وَغَيۡرِ مُخَلَّقَةٖ لِّنُبَيِّنَ لَكُمۡۚ وَنُقِرُّ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ نُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡلَا يَعۡلَمَ مِنۢ بَعۡدِ عِلۡمٖ شَيۡـٔٗاۚ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ هَامِدَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡ وَأَنۢبَتَتۡ مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
Open ayah 22:5ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، (شۇنى بىلىڭلاركى) بىز سىلەرگە قۇدرىتىمىزنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن ئەلەقتىن[89]، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن گۆش پارچىسىدىن ياراتتۇق. بىز (تۇغۇلىشىنى) خالىغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇدا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز. ئاندىن سىلەرنىڭ قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن (سىلەرنى كۈچ _ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، بەزىڭلار ياش تۇرۇپلا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار (ئىلگىرى) بىلگەن نەرسىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغۇدەك قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) سەن زېمىننىڭ قاقاس ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ، كۆپىدۇ ۋە تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ.
- ئەلەق _ ئېسىلغان، مۇئەللەقتە قالغان دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگەن مىليونلارچە ئۇرۇق ئىچىدىن تۆرىلىشكە تاللىنىپ بالىياتقۇ تېمىغا ئېسىلىپ قالغان ئۇرۇقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقى زاماندا بايقالغان مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان چاغلاردا ئىنسانلار بۇنى بىلمەيتتى.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّهُۥ يُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَأَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 22:6بۇ ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەممە نەرسىگە ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى (سىلەرگە) بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٞ لَّا رَيۡبَ فِيهَا وَأَنَّ ٱللَّهَ يَبۡعَثُ مَن فِي ٱلۡقُبُورِ
Open ayah 22:7شۇنداقلا قىيامەتنىڭ كېلىشىدە قىلچە شەك يوق ئىكەنلىكىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ
Open ayah 22:8ئىنسانلار ئىچىدە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز تۇرۇپ، ئاللاھ توغرىسىدا مەغرۇرانە مۇنازىرىلىشىدىغان كىشى بار. ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز. [8 _ 9]
ثَانِيَ عِطۡفِهِۦ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۖ لَهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞۖ وَنُذِيقُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
Open ayah 22:9ئىنسانلار ئىچىدە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز تۇرۇپ، ئاللاھ توغرىسىدا مەغرۇرانە مۇنازىرىلىشىدىغان كىشى بار. ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز. [8 _ 9]
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ يَدَاكَ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
Open ayah 22:10(ئۇنىڭغا): «ئەنە شۇ (خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر» (دېيىلىدۇ).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَعۡبُدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ حَرۡفٖۖ فَإِنۡ أَصَابَهُۥ خَيۡرٌ ٱطۡمَأَنَّ بِهِۦۖ وَإِنۡ أَصَابَتۡهُ فِتۡنَةٌ ٱنقَلَبَ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ خَسِرَ ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةَۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡخُسۡرَانُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 22:11بەزىلەر ئاللاھقا شەك _ شۈبھە بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە، ئۇ دىنىدا خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر سىناق كەلسە، دىنىدىن يېنىۋالىدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، مانا بۇ ئوپئوچۇق زىياندۇر.
يَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُۥ وَمَا لَا يَنفَعُهُۥۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَٰلُ ٱلۡبَعِيدُ
Open ayah 22:12ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە ھېچبىر پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. مانا بۇ (ھەقىقەتتىن تامامەن) يىراق بىر ئازغۇنلۇقتۇر.
يَدۡعُواْ لَمَن ضَرُّهُۥٓ أَقۡرَبُ مِن نَّفۡعِهِۦۚ لَبِئۡسَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَلَبِئۡسَ ٱلۡعَشِيرُ
Open ayah 22:13ئۇ پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى بەكرەك كۆرۈنۈپ تۇرغان كىشىگە (ساختا مەبۇدلارغا) چوقۇنىدۇ. ئۇ (چوقۇنغان) نەرسە نېمىدېگەن يامان دوست، نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ
Open ayah 22:14شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ.
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ ٱللَّهُ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ فَلۡيَمۡدُدۡ بِسَبَبٍ إِلَى ٱلسَّمَآءِ ثُمَّ لۡيَقۡطَعۡ فَلۡيَنظُرۡ هَلۡ يُذۡهِبَنَّ كَيۡدُهُۥ مَا يَغِيظُ
Open ayah 22:15كىمكى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇۋالسۇن، ئاندىن قاراپ باقسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) قىلىقى غەزىپىنى باسالامدىكىن؟
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ وَأَنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يُرِيدُ
Open ayah 22:16بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلصَّٰبِـِٔينَ وَٱلنَّصَٰرَىٰ وَٱلۡمَجُوسَ وَٱلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡصِلُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
Open ayah 22:17شەكسىزكى، مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار[90]، خىرىستىيانلار، ئاتەشپەرەسلەر ۋە مۇشرىكلار ئارىسىدا ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
- سابىئىيلار— مۇئەييەن بىر دىنغا تەۋە بولماستىن، تۇغۇلۇشتىكى ھالىتى بىلەن قالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَسۡجُدُۤ لَهُۥۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ وَٱلنُّجُومُ وَٱلۡجِبَالُ وَٱلشَّجَرُ وَٱلدَّوَآبُّ وَكَثِيرٞ مِّنَ ٱلنَّاسِۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيۡهِ ٱلۡعَذَابُۗ وَمَن يُهِنِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّكۡرِمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ۩
Open ayah 22:18بىلمەمسەنكى، ئاسمانلاردىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئازابقا لايىق بولدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
۞هَٰذَانِ خَصۡمَانِ ٱخۡتَصَمُواْ فِي رَبِّهِمۡۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قُطِّعَتۡ لَهُمۡ ثِيَابٞ مِّن نَّارٖ يُصَبُّ مِن فَوۡقِ رُءُوسِهِمُ ٱلۡحَمِيمُ
Open ayah 22:19بۇ رەببى توغرىسىدا جېدەللەشكەن (كاپىرلار بىلەن مۇئمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقىدۇر. كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ قۇيۇلىدۇ.
يُصۡهَرُ بِهِۦ مَا فِي بُطُونِهِمۡ وَٱلۡجُلُودُ
Open ayah 22:20ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ–باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ.
وَلَهُم مَّقَٰمِعُ مِنۡ حَدِيدٖ
Open ayah 22:21ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ.
كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا مِنۡ غَمٍّ أُعِيدُواْ فِيهَا وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
Open ayah 22:22ھەرقاچان ئۇلار غەم _ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ ۋە (ئۇلارغا): «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَلُؤۡلُؤٗاۖ وَلِبَاسُهُمۡ فِيهَا حَرِيرٞ
Open ayah 22:23شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلاردىن (ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى) تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.
وَهُدُوٓاْ إِلَى ٱلطَّيِّبِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَهُدُوٓاْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡحَمِيدِ
Open ayah 22:24ئۇلار (دۇنيادا) ياخشى سۆز (كەلىمە تەييىبە)گە يېتەكلەنگەن ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىنغان ئىدى.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ ٱلَّذِي جَعَلۡنَٰهُ لِلنَّاسِ سَوَآءً ٱلۡعَٰكِفُ فِيهِ وَٱلۡبَادِۚ وَمَن يُرِدۡ فِيهِ بِإِلۡحَادِۭ بِظُلۡمٖ نُّذِقۡهُ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
Open ayah 22:25شەكسىزكى، كاپىرلارغا، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا، مەيلى ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەنلەر بولسۇن، بىز ئىنسانلارغا ئورتاق ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (قاتتىق ئازاب بار). كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ چىقماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازابنى تېتىتىمىز.
وَإِذۡ بَوَّأۡنَا لِإِبۡرَٰهِيمَ مَكَانَ ٱلۡبَيۡتِ أَن لَّا تُشۡرِكۡ بِي شَيۡـٔٗا وَطَهِّرۡ بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
Open ayah 22:26بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بېرىپ، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن،
وَأَذِّن فِي ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَجِّ يَأۡتُوكَ رِجَالٗا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٖ يَأۡتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٖ
Open ayah 22:27كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە (ئۇزۇن سەپەرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان)[91] ئورۇق تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە يىراق يوللارنى بېسىپ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىدۇ.
- ئەرەبلەر سەپەرگە ئېلىپ چىقىدىغان ئات ۋە تۆگىلىرىنى ئاۋۋال سەمرىتەتتى، ئاندىن يەم-خەشەكنى ئازايتىش ئارقىلىق ئورۇقلىتىپ كۈچلەندۈرەتتى. («صحيح مسلم» 1870-ھەدىس).
لِّيَشۡهَدُواْ مَنَٰفِعَ لَهُمۡ وَيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡلُومَٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۖ فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡبَآئِسَ ٱلۡفَقِيرَ
Open ayah 22:28ئۇلار (ھەج جەريانىدا) ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن (قۇربانلىق) كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، قىيىن ئەھۋالدىكى موھتاجلارغا بېرىڭلار.
ثُمَّ لۡيَقۡضُواْ تَفَثَهُمۡ وَلۡيُوفُواْ نُذُورَهُمۡ وَلۡيَطَّوَّفُواْ بِٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ
Open ayah 22:29ئاندىن ئۇلار (بەدەنلىرىدىكى) كىرلىرىنى تازىلىسۇن، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي ئۆي (كەئبە)نى تاۋاپ قىلسۇن.
ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ حُرُمَٰتِ ٱللَّهِ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥ عِندَ رَبِّهِۦۗ وَأُحِلَّتۡ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمُ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡۖ فَٱجۡتَنِبُواْ ٱلرِّجۡسَ مِنَ ٱلۡأَوۡثَٰنِ وَٱجۡتَنِبُواْ قَوۡلَ ٱلزُّورِ
Open ayah 22:30(ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا، بۇ (ئۇلۇغلاش) رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن (قۇرئاندا ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن يىراق تۇرۇڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار.
حُنَفَآءَ لِلَّهِ غَيۡرَ مُشۡرِكِينَ بِهِۦۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَتَخۡطَفُهُ ٱلطَّيۡرُ أَوۡ تَهۡوِي بِهِ ٱلرِّيحُ فِي مَكَانٖ سَحِيقٖ
Open ayah 22:31ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەي، (تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن) ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى ئۇنى بوران يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقۡوَى ٱلۡقُلُوبِ
Open ayah 22:32(ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى) مانا مۇشۇدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (سىمۋوللۇق) ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، شەكسىزكى، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر.
لَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ مَحِلُّهَآ إِلَى ٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ
Open ayah 22:33سىلەر (ھەرەمگە ھەدىيە قىلىدىغان) ماللاردىن بوغۇزلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقتىغىچىلىك پايدىلانساڭلار بولىدۇ، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر).
وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ فَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَلَهُۥٓ أَسۡلِمُواْۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُخۡبِتِينَ
Open ayah 22:34ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (بوغۇزلىغاندا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق. (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. (ئى پەيغەمبەر!) ئىتائەتمەن، كەمتەر كىشىلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.
ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَٱلصَّٰبِرِينَ عَلَىٰ مَآ أَصَابَهُمۡ وَٱلۡمُقِيمِي ٱلصَّلَوٰةِ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
Open ayah 22:35ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى تىترەيدۇ، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ بۇيرۇغان يوللارغا) سەرپ قىلىدۇ.
وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 22:36قۇربانلىق تۆگىلىرىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (سىمۋوللۇق) ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنى (ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن) تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا (بىسمىللاھ دەپ) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاڭلار، ئۇلارنىڭ جېنى چىققاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقۡوَىٰ مِنكُمۡۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمۡ لِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 22:37ئاللاھقا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا (تەكبىر ئېيتىپ) ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. (ئى پەيغەمبەر! تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
۞إِنَّ ٱللَّهَ يُدَٰفِعُ عَنِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٖ كَفُورٍ
Open ayah 22:38ئاللاھ (ھەقىقىي) مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق خىيانەتچى، تۇزكور بەندىنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَٰتَلُونَ بِأَنَّهُمۡ ظُلِمُواْۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصۡرِهِمۡ لَقَدِيرٌ
Open ayah 22:39ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بِغَيۡرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّهُدِّمَتۡ صَوَٰمِعُ وَبِيَعٞ وَصَلَوَٰتٞ وَمَسَٰجِدُ يُذۡكَرُ فِيهَا ٱسۡمُ ٱللَّهِ كَثِيرٗاۗ وَلَيَنصُرَنَّ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
Open ayah 22:40ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغانلاردۇر. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن توسۇپ تۇرمىسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە ئەلۋەتتە ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
ٱلَّذِينَ إِن مَّكَّنَّٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَمَرُواْ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَنَهَوۡاْ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۗ وَلِلَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ
Open ayah 22:41ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلار شۇنداق كىشىلەركى، ئەگەر بىز ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَثَمُودُ
Open ayah 22:42ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (بۇنىڭغا بىئارام بولمىغىن)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقارغان، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟ [42 _ 44]
وَقَوۡمُ إِبۡرَٰهِيمَ وَقَوۡمُ لُوطٖ
Open ayah 22:43ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (بۇنىڭغا بىئارام بولمىغىن)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقارغان، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟ [42 _ 44]
وَأَصۡحَٰبُ مَدۡيَنَۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰۖ فَأَمۡلَيۡتُ لِلۡكَٰفِرِينَ ثُمَّ أَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
Open ayah 22:44ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (بۇنىڭغا بىئارام بولمىغىن)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقارغان، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟ [42 _ 44]
فَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَا وَهِيَ ظَالِمَةٞ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئۡرٖ مُّعَطَّلَةٖ وَقَصۡرٖ مَّشِيدٍ
Open ayah 22:45بىز نۇرغۇنلىغان يۇرتلارنى ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلىۋاتقان پەيتتە ھالاك قىلدۇق. (ئۇ جايلاردا) ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، تاملىرى ئۈستىگە يىقىلغان نۇرغۇن يۇرتلار، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە (ئاھالىسىز قالغان) ئېگىز قەسىرلەر قالدى.
أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَتَكُونَ لَهُمۡ قُلُوبٞ يَعۡقِلُونَ بِهَآ أَوۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۖ فَإِنَّهَا لَا تَعۡمَى ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَلَٰكِن تَعۡمَى ٱلۡقُلُوبُ ٱلَّتِي فِي ٱلصُّدُورِ
Open ayah 22:46ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار قەدىمىي يۇرتلارنىڭ خارابىلىرىنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن) يەر يۈزىنى كەزمىدىمۇ؟ (شۇنداق قىلغان بولسا) ئۇلارنىڭ چۈشىنىدىغان ئەقىللىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، بەلكى كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر (ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن) كور بولىدۇ.
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَن يُخۡلِفَ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥۚ وَإِنَّ يَوۡمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلۡفِ سَنَةٖ مِّمَّا تَعُدُّونَ
Open ayah 22:47(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئۇنى چوقۇم چۈشۈرىدۇ). ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلچىلىكتۇر.
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ أَمۡلَيۡتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٞ ثُمَّ أَخَذۡتُهَا وَإِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 22:48نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىلىرى زالىم بولسىمۇ، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى ئازابقا تۇتتۇم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَآ أَنَا۠ لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 22:49(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن پەقەت سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
Open ayah 22:50ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
وَٱلَّذِينَ سَعَوۡاْ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 22:51بىز بىلەن قارشىلىشىپ، ئايەتلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشقانلار __ ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رَّسُولٖ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّآ إِذَا تَمَنَّىٰٓ أَلۡقَى ٱلشَّيۡطَٰنُ فِيٓ أُمۡنِيَّتِهِۦ فَيَنسَخُ ٱللَّهُ مَا يُلۡقِي ٱلشَّيۡطَٰنُ ثُمَّ يُحۡكِمُ ٱللَّهُ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 22:52(ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل (كىتاب بېرىلگەن پەيغەمبەر)، قايسىبىر نەبى (كىتاب بېرىلمىگەن پەيغەمبەر) بولسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى) تىلاۋەت قىلغان چاغدا، شەيتان ئۇنىڭ تىلاۋىتىگە (شەك _ شۈبھىلەرنى) تاشلايتتى. ئاللاھ شەيتان تاشلىغان شەك-شۈبھىلەرنى بەربات قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لِّيَجۡعَلَ مَا يُلۡقِي ٱلشَّيۡطَٰنُ فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَفِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
Open ayah 22:53(ئاللاھنىڭ شەيتانغا مۇنداق يول قويۇشى) دىللىرىدا (شەك ۋە مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنى، دىللىرى قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ تاشلىغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، بۇ زالىملار (ھەقتىن) تامامەن يىراق، (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) چوڭقۇر قارشىلىق ئىچىدىدۇر.
وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤۡمِنُواْ بِهِۦ فَتُخۡبِتَ لَهُۥ قُلُوبُهُمۡۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 22:54(ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى ۋە دىللىرىنىڭ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىغۇچىدۇر.
وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي مِرۡيَةٖ مِّنۡهُ حَتَّىٰ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةً أَوۡ يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابُ يَوۡمٍ عَقِيمٍ
Open ayah 22:55كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگەنگە ياكى ئۇلارغا دەھشەتلىك كۈننىڭ ئازابى چۈشكەنگە قەدەر داۋاملىق قۇرئاندىن شەكلىنىدۇ.
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
Open ayah 22:56ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
Open ayah 22:57كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوٓاْ أَوۡ مَاتُواْ لَيَرۡزُقَنَّهُمُ ٱللَّهُ رِزۡقًا حَسَنٗاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
Open ayah 22:58ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغان، ئاندىن (جىھاد مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلگەن ياكى (باشقا جايلاردا) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
لَيُدۡخِلَنَّهُم مُّدۡخَلٗا يَرۡضَوۡنَهُۥۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٞ
Open ayah 22:59ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
۞ذَٰلِكَۖ وَمَنۡ عَاقَبَ بِمِثۡلِ مَا عُوقِبَ بِهِۦ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيۡهِ لَيَنصُرَنَّهُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ
Open ayah 22:60ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ
Open ayah 22:61بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ هُوَ ٱلۡبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ
Open ayah 22:62بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى باتىلدۇر، شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَتُصۡبِحُ ٱلۡأَرۡضُ مُخۡضَرَّةًۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٞ
Open ayah 22:63ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن ئاشۇ يامغۇر بىلەن زېمىننى يېشىللىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
Open ayah 22:64ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦ وَيُمۡسِكُ ٱلسَّمَآءَ أَن تَقَعَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 22:65ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئاسمان (جىسىملىرى)نى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىسىز يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَكَفُورٞ
Open ayah 22:66ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدىغان، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدىغان، ئاندىن يەنە سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر. ئىنسان ھەقىقەتەن بەكمۇ تۇزكوردۇر.
لِّكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكًا هُمۡ نَاسِكُوهُۖ فَلَا يُنَٰزِعُنَّكَ فِي ٱلۡأَمۡرِۚ وَٱدۡعُ إِلَىٰ رَبِّكَۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدٗى مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 22:67بىز ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن، ئۇلار ئەمەل قىلىدىغان ئىبادەت يوللىرىنى بېكىتتۇق، ئۇلار شۇنىڭغائەمەل قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) مۇشرىكلار شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، (كىشىلەرنى) رەببىڭنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توپتوغرا يولدىسەن.
وَإِن جَٰدَلُوكَ فَقُلِ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 22:68ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
ٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 22:69ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَٰبٍۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
Open ayah 22:70(ئى پەيغەمبەر!) بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغاندۇر. بۇ (يەنى ئۇلارنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاساندۇر.
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗا وَمَا لَيۡسَ لَهُم بِهِۦ عِلۡمٞۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٖ
Open ayah 22:71ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (مەبۇدلىقى ھەققىدە) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوقتۇر.
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمُنكَرَۖ يَكَادُونَ يَسۡطُونَ بِٱلَّذِينَ يَتۡلُونَ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَاۗ قُلۡ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرّٖ مِّن ذَٰلِكُمُۚ ٱلنَّارُ وَعَدَهَا ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 22:72كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە يامان كۆرگەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالىدۇ. ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ، ئاللاھ كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرغان دوزاختۇر. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!».
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٞ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخۡلُقُواْ ذُبَابٗا وَلَوِ ٱجۡتَمَعُواْ لَهُۥۖ وَإِن يَسۡلُبۡهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيۡـٔٗا لَّا يَسۡتَنقِذُوهُ مِنۡهُۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلۡمَطۡلُوبُ
Open ayah 22:73ئى ئىنسانلار! (سىلەرگە) بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار (ھەممىسى) يىغىلغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز بىر تال چىۋىننىمۇ يارىتالمايدۇ، ئەگەر چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىۋالالمايدۇ. (دېمەك) تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر.
مَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
Open ayah 22:74ئۇ كاپىرلار ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
ٱللَّهُ يَصۡطَفِي مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ رُسُلٗا وَمِنَ ٱلنَّاسِۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ
Open ayah 22:75ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەرنى تاللايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
Open ayah 22:76ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ ۋە ئارقىسىدىكىنىمۇ (يەنى ھازىرقى ئەھۋالىنىمۇ ۋە كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنمۇ) بىلىپ تۇرىدۇ. (بارلىق) ئىشلار پەقەتلا ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱرۡكَعُواْ وَٱسۡجُدُواْۤ وَٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمۡ وَٱفۡعَلُواْ ٱلۡخَيۡرَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ۩
Open ayah 22:77ئى ئىمان ئېيتقانلار! نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار.
وَجَٰهِدُواْ فِي ٱللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِۦۚ هُوَ ٱجۡتَبَىٰكُمۡ وَمَا جَعَلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلدِّينِ مِنۡ حَرَجٖۚ مِّلَّةَ أَبِيكُمۡ إِبۡرَٰهِيمَۚ هُوَ سَمَّىٰكُمُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ مِن قَبۡلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ ٱلرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيۡكُمۡ وَتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِۚ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱعۡتَصِمُواْ بِٱللَّهِ هُوَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ فَنِعۡمَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَنِعۡمَ ٱلنَّصِيرُ
Open ayah 22:78ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە (خالىس نىيەت بىلەن) جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (بۇ ئەمەلگە) سىلەرنى تاللىدى. دىندا سىلەرگە ھېچقانداق قىيىنچىلىق قىلمىدى. (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇنىڭدىمۇ (يەنى قۇرئاندىمۇ) شۇنداق دەپ ئاتىدى. شۇڭا، سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا چىن دىلىڭلار بىلەن باغلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!.