المؤمنون

Al-Muminoon

The Believers · Surah 23 · Ayahs: 118 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. قَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 23:1

    مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مۇرادىغا يەتتى.

  2. ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي صَلَاتِهِمۡ خَٰشِعُونَ

    Open ayah 23:2

    ئۇلار نامىزىدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.

  3. وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنِ ٱللَّغۡوِ مُعۡرِضُونَ

    Open ayah 23:3

    ئۇلار بىھۇدە سۆز _ ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.

  4. وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِلزَّكَوٰةِ فَٰعِلُونَ

    Open ayah 23:4

    ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر.

  5. وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ

    Open ayah 23:5

    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر.

  6. إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ

    Open ayah 23:6

    پەقەت ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئۇلارغا (ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك) مالامەت قىلىنمايدۇ.

  7. فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ

    Open ayah 23:7

    كىمكى بۇلارنىڭ باشقىسىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر.

  8. وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ

    Open ayah 23:8

    ئۇ مۇئمىنلەر ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.

  9. وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمۡ يُحَافِظُونَ

    Open ayah 23:9

    ئۇلار نامازلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر.

  10. أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡوَٰرِثُونَ 

    Open ayah 23:10

    ئەنە شۇلار ۋارىسلاردۇر.

  11. ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلۡفِرۡدَوۡسَ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

    Open ayah 23:11

    ئۇلار فىردەۋس جەننىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ.

  12. وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن سُلَٰلَةٖ مِّن طِينٖ

    Open ayah 23:12

    بىز (تۇنجى) ئىنسان (ئادەم)نى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.

  13. ثُمَّ جَعَلۡنَٰهُ نُطۡفَةٗ فِي قَرَارٖ مَّكِينٖ

    Open ayah 23:13

    ئاندىن بىز ئۇ (ئادەمنىڭ ئەۋلادى)نى ئابىمەنىي ھالىتىدە پۇختا قارارگاھقا (بالىياتقۇغا) يەرلەشتۈردۇق.

  14. ثُمَّ خَلَقۡنَا ٱلنُّطۡفَةَ عَلَقَةٗ فَخَلَقۡنَا ٱلۡعَلَقَةَ مُضۡغَةٗ فَخَلَقۡنَا ٱلۡمُضۡغَةَ عِظَٰمٗا فَكَسَوۡنَا ٱلۡعِظَٰمَ لَحۡمٗا ثُمَّ أَنشَأۡنَٰهُ خَلۡقًا ءَاخَرَۚ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحۡسَنُ ٱلۡخَٰلِقِينَ

    Open ayah 23:14

    ئاندىن ئابىمەنىينى ئەلەقكە [92] ئايلاندۇردۇق، ئاندىن ئەلەقنى بىر پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن بۇ بىر پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقىچە (مۇكەممەل) بىر ئىنسانغا ئايلاندۇردۇق [93]. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرى كۆپتۇر.

    1. ئەلەق _ تاللانغان ئۇرۇق دېگەنلىك بولۇپ، ھەج سۈرىسىنىڭ 5 _ ئايىتىگە بەت ئاستىدا بېرىلگەن ئىزاھاتتا چۈشەندۈرۈش بېرىلدى.
    2. بۇ ئايەتنى ئايرىم بىر ئىنسانغا ئايلاندۇردۇق، دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار. مۇنداق تەپسىر قىلغانلارغا كۆرە، بۇ ئايەتتە ئانا قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ ئانىسىدىن مۇستەقىل بىر ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇزاققا قالماي ئانىسىدىن ئايرىلىپ دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
  15. ثُمَّ إِنَّكُم بَعۡدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ

    Open ayah 23:15

    ئاندىن شەكسىزكى سىلەر ئاشۇ (باسقۇچلاردىن) كېيىن چوقۇم ئۆلىسىلەر.

  16. ثُمَّ إِنَّكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تُبۡعَثُونَ

    Open ayah 23:16

    ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر.

  17. وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعَ طَرَآئِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ ٱلۡخَلۡقِ غَٰفِلِينَ

    Open ayah 23:17

    بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قات ئاسماننى ياراتتۇق، بىز ھېچبىر مەخلۇقاتتىن خەۋەرسىز ئەمەسمىز.

  18. وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَسۡكَنَّٰهُ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابِۭ بِهِۦ لَقَٰدِرُونَ

    Open ayah 23:18

    بىز بۇلۇتتىن ئۆلچەملىك مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، بىز ئۇنى كەتكۈزۈۋېتىشكىمۇ ئەلۋەتتە قادىرمىز.

  19. فَأَنشَأۡنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ لَّكُمۡ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ

    Open ayah 23:19

    شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغلىرى ۋە ئۈزۈم باغلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر.

  20. وَشَجَرَةٗ تَخۡرُجُ مِن طُورِ سَيۡنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهۡنِ وَصِبۡغٖ لِّلۡأٓكِلِينَ 

    Open ayah 23:20

    يەنە شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (يېتىشتۈرۈپ بەردۇقكى) ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ ۋە (تاماق) يېگۈچىلەر ئۈچۈن تېتىتقۇ چىقىدۇ.

  21. وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ

    Open ayah 23:21

    چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسە (سۈت) بىلەن سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.

  22. وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ

    Open ayah 23:22

    (قۇرۇقلۇقتا) ئۇلارغا مىنىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە ئولتۇرىسىلەر.

  23. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ

    Open ayah 23:23

    شەكسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟».

  24. فَقَالَ ٱلۡمَلَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ مَا هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُرِيدُ أَن يَتَفَضَّلَ عَلَيۡكُمۡ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةٗ مَّا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِيٓ ءَابَآئِنَا ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 23:24

    ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاتتىباشلار ئېيتىشتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بىز بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز.

  25. إِنۡ هُوَ إِلَّا رَجُلُۢ بِهِۦ جِنَّةٞ فَتَرَبَّصُواْ بِهِۦ حَتَّىٰ حِينٖ

    Open ayah 23:25

    ئۇ پەقەت بىر مەجنۇن (ئەقلىدىن ئازغان) ئادەمدۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىڭلار».

  26. قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي بِمَا كَذَّبُونِ

    Open ayah 23:26

    نۇھ: «ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، (ئۇلارغا قارشى) ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.

  27. فَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ أَنِ ٱصۡنَعِ ٱلۡفُلۡكَ بِأَعۡيُنِنَا وَوَحۡيِنَا فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ فَٱسۡلُكۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ مِنۡهُمۡۖ وَلَا تُخَٰطِبۡنِي فِي ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِنَّهُم مُّغۡرَقُونَ

    Open ayah 23:27

    بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار (نى قوغداپ قېلىش) توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.

  28. فَإِذَا ٱسۡتَوَيۡتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلۡفُلۡكِ فَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 23:28

    سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن!» دېگىن.

  29. وَقُل رَّبِّ أَنزِلۡنِي مُنزَلٗا مُّبَارَكٗا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ

    Open ayah 23:29

    ھەمدە: «ئى رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك بىر مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن.

  30. إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ وَإِن كُنَّا لَمُبۡتَلِينَ 

    Open ayah 23:30

    ئەلۋەتتە بۇنىڭدا (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. بىز (بەندىلىرىمىزنى) ئەلۋەتتە (مۇشۇنداق) سىنايمىز.

  31. ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قَرۡنًا ءَاخَرِينَ

    Open ayah 23:31

    ئاندىن (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن) كېيىن باشقا بىر قەۋمنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

  32. فَأَرۡسَلۡنَا فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ

    Open ayah 23:32

    بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. (ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى) «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟».

  33. وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَتۡرَفۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا مَا هَٰذَآ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يَأۡكُلُ مِمَّا تَأۡكُلُونَ مِنۡهُ وَيَشۡرَبُ مِمَّا تَشۡرَبُونَ

    Open ayah 23:33

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرغان، ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلغان كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «ئۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.

  34. وَلَئِنۡ أَطَعۡتُم بَشَرٗا مِّثۡلَكُمۡ إِنَّكُمۡ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ

    Open ayah 23:34

    ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شەكسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتىپ قالىسىلەر.

  35. أَيَعِدُكُمۡ أَنَّكُمۡ إِذَا مِتُّمۡ وَكُنتُمۡ تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَنَّكُم مُّخۡرَجُونَ

    Open ayah 23:35

    ئۇ سىلەرنى ‹سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر› دەپ قورقۇتامدۇ؟

  36. ۞هَيۡهَاتَ هَيۡهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ

    Open ayah 23:36

    سىلەر قورقۇتۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر، تولىمۇ يىراقتۇر.

  37. إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ

    Open ayah 23:37

    ھايات پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز (بىر تەرەپتىن) ئۆلۈپ تۇرىمىز، (يەنە بىر تەرەپتىن) تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، بىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز.

  38. إِنۡ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا وَمَا نَحۡنُ لَهُۥ بِمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 23:38

    ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز».

  39. قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي بِمَا كَذَّبُونِ

    Open ayah 23:39

    ھۇد ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، (ئۇلارغا قارشى) ماڭا ياردەم بەرگىن».

  40. قَالَ عَمَّا قَلِيلٖ لَّيُصۡبِحُنَّ نَٰدِمِينَ 

    Open ayah 23:40

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ».

  41. فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ بِٱلۡحَقِّ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ غُثَآءٗۚ فَبُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 23:41

    (دېگەندەك) قاتتىق بىر ئاۋاز ئۇلارنى ھەقلىق رەۋىشتە ھالاك قىلىۋەتتى. ئۇلارنى بىز سەل سۈپۈرۈپ كەتكەن ئەخلەتلەردەك قىلىۋەتتۇق. بۇ زالىم قەۋم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن!

  42. ثُمَّ أَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قُرُونًا ءَاخَرِينَ

    Open ayah 23:42

    ئاندىن (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن) كېيىن، باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.

  43. مَا تَسۡبِقُ مِنۡ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ

    Open ayah 23:43

    (ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەردىن) ھېچقانداق بىر ئۈممەت (ھالاك بولۇشى ئۈچۈن) بەلگىلەنگەن ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، (ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن) ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ.

  44. ثُمَّ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا تَتۡرَاۖ كُلَّ مَا جَآءَ أُمَّةٗ رَّسُولُهَا كَذَّبُوهُۖ فَأَتۡبَعۡنَا بَعۡضَهُم بَعۡضٗا وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَحَادِيثَۚ فَبُعۡدٗا لِّقَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 23:44

    ئاندىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق. ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئارقىمۇئارقا ھالاك قىلدۇق ۋە ئىبرەتلىك قىسسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. ھالاكەت ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە بولسۇن!

  45. ثُمَّ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَٰرُونَ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ

    Open ayah 23:45

    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى. [45 _ 46]

  46. إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ وَكَانُواْ قَوۡمًا عَالِينَ

    Open ayah 23:46

    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى. [45 _ 46]

  47. فَقَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ لِبَشَرَيۡنِ مِثۡلِنَا وَقَوۡمُهُمَا لَنَا عَٰبِدُونَ

    Open ayah 23:47

    ئۇلار: «بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا» دېيىشتى.

  48. فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُواْ مِنَ ٱلۡمُهۡلَكِينَ

    Open ayah 23:48

    ئاندىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى يالغانغا چىقاردى، (بۇ سەۋەبتىن) ئۇلار ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى.

  49. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ لَعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ

    Open ayah 23:49

    ئۇلارنى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا (تەۋراتتىن ئىبارەت ساماۋى) كىتابنى ئاتا قىلدۇق.

  50. وَجَعَلۡنَا ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَأُمَّهُۥٓ ءَايَةٗ وَءَاوَيۡنَٰهُمَآ إِلَىٰ رَبۡوَةٖ ذَاتِ قَرَارٖ وَمَعِينٖ 

    Open ayah 23:50

    بىز مەريەم ئوغلى (ئىيسا)نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  51. يَٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُواْ مِنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ

    Open ayah 23:51

    ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن.

  52. وَإِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱتَّقُونِ

    Open ayah 23:52

    سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، شۇڭا مەندىنلا قورقۇڭلار.

  53. فَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡ زُبُرٗاۖ كُلُّ حِزۡبِۭ بِمَا لَدَيۡهِمۡ فَرِحُونَ

    Open ayah 23:53

    (ئىنسانلار) ئۆز ئارىسىدا (دىن) ئىشىدا نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەربىر پىرقە ئۆزىدىكى (ئەقىدە ۋە قاراشلىرى) بىلەن خۇشالدۇر.

  54. فَذَرۡهُمۡ فِي غَمۡرَتِهِمۡ حَتَّىٰ حِينٍ

    Open ayah 23:54

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى (ئازاب چۈشىدىغان) مۇددەتكىچە ئۆز ئازغۇنلۇقىدا قويۇپ تۇرغىن.

  55. أَيَحۡسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٖ وَبَنِينَ

    Open ayah 23:55

    بىزنىڭ ئۇلارغا مال _ مۈلۈك ۋە ئوغلانلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۇلار ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى) ئۇقمايدۇ. [55 _ 56]

  56. نُسَارِعُ لَهُمۡ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ بَل لَّا يَشۡعُرُونَ

    Open ayah 23:56

    بىزنىڭ ئۇلارغا مال _ مۈلۈك ۋە ئوغلانلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۇلار ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئىشنىڭ تېگى _ تەكتىنى) ئۇقمايدۇ. [55 _ 56]

  57. إِنَّ ٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ خَشۡيَةِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ

    Open ayah 23:57

    شەكسىزكى، رەببىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن (ئەيمىنىپ) تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەر،

  58. وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 23:58

    رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن كىشىلەر،

  59. وَٱلَّذِينَ هُم بِرَبِّهِمۡ لَا يُشۡرِكُونَ

    Open ayah 23:59

    رەببىگە شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر،

  60. وَٱلَّذِينَ يُؤۡتُونَ مَآ ءَاتَواْ وَّقُلُوبُهُمۡ وَجِلَةٌ أَنَّهُمۡ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ رَٰجِعُونَ 

    Open ayah 23:60

    رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بېرىدىغانلىرىنى دىللىرى قورقۇپ تۇرۇپ بېرىدىغان كىشىلەر،

  61. أُوْلَٰٓئِكَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡخَيۡرَٰتِ وَهُمۡ لَهَا سَٰبِقُونَ

    Open ayah 23:61

    ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلاردا بەسلەشكۈچىلەردۇر ۋە ئۇنىڭدا (باشقىلارنىڭ) ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر.

  62. وَلَا نُكَلِّفُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ وَلَدَيۡنَا كِتَٰبٞ يَنطِقُ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

    Open ayah 23:62

    بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا راست سۆزلەيدىغان كىتاب (نامە _ ئەمەل دەپتىرى) بار، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

  63. بَلۡ قُلُوبُهُمۡ فِي غَمۡرَةٖ مِّنۡ هَٰذَا وَلَهُمۡ أَعۡمَٰلٞ مِّن دُونِ ذَٰلِكَ هُمۡ لَهَا عَٰمِلُونَ

    Open ayah 23:63

    كاپىرلارنىڭ دىللىرى بۇ (قۇرئان)دىن غەپلەتتىدۇر، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يامان ئەمەللىرى باركى، ئۇلار ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

  64. حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذۡنَا مُتۡرَفِيهِم بِٱلۡعَذَابِ إِذَا هُمۡ يَجۡـَٔرُونَ

    Open ayah 23:64

    ئۇلارنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار پەرياد قىلىشقا باشلايدۇ.

  65. لَا تَجۡـَٔرُواْ ٱلۡيَوۡمَۖ إِنَّكُم مِّنَّا لَا تُنصَرُونَ

    Open ayah 23:65

    (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ) «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر».

  66. قَدۡ كَانَتۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡ تَنكِصُونَ

    Open ayah 23:66

    ھەقىقەتەن مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، ئاندىن سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيتتىڭلار، كېچىلىك پاراڭلىرىڭلاردا (قۇرئان توغرۇلۇق) يامان سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار. [66 _ 67]

  67. مُسۡتَكۡبِرِينَ بِهِۦ سَٰمِرٗا تَهۡجُرُونَ

    Open ayah 23:67

    ھەقىقەتەن مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، ئاندىن سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيتتىڭلار، كېچىلىك پاراڭلىرىڭلاردا (قۇرئان توغرۇلۇق) يامان سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار. [66 _ 67]

  68. أَفَلَمۡ يَدَّبَّرُواْ ٱلۡقَوۡلَ أَمۡ جَآءَهُم مَّا لَمۡ يَأۡتِ ءَابَآءَهُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 23:68

    ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟

  69. أَمۡ لَمۡ يَعۡرِفُواْ رَسُولَهُمۡ فَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ

    Open ayah 23:69

    ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى تونۇماي قالغانلىقتىن، ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟

  70. أَمۡ يَقُولُونَ بِهِۦ جِنَّةُۢۚ بَلۡ جَآءَهُم بِٱلۡحَقِّ وَأَكۡثَرُهُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ 

    Open ayah 23:70

    ياكى ئۇلار ئۇنى جىن چاپلىشىۋالغان دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ (پەيغەمبەر) ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ.

  71. وَلَوِ ٱتَّبَعَ ٱلۡحَقُّ أَهۡوَآءَهُمۡ لَفَسَدَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِذِكۡرِهِمۡ فَهُمۡ عَن ذِكۡرِهِم مُّعۡرِضُونَ

    Open ayah 23:71

    ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلار بۇزۇلۇپ تۈگەشكەن بولاتتى. ئۇنداق بولغىنى يوق. بىز ئۇلارغا شان _ شەرەپ (كەلتۈرىدىغان قۇرئاننى) ئاتا قىلدۇق، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ شان _ شەرىپىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە.

  72. أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ خَرۡجٗا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيۡرٞۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

    Open ayah 23:72

    (ئى پەيغەمبەر!) ياكى سەن ئۇلاردىن (دىننى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق بېرىشىنى تەلەپ قىلامسەن؟ رەببىڭنىڭ (ساڭا ئاتا قىلىدىغان) ئەجىرى ھەممىدىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

  73. وَإِنَّكَ لَتَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

    Open ayah 23:73

    سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىۋاتىسەن.

  74. وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَٰكِبُونَ

    Open ayah 23:74

    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن بۇ يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر.

  75. ۞وَلَوۡ رَحِمۡنَٰهُمۡ وَكَشَفۡنَا مَا بِهِم مِّن ضُرّٖ لَّلَجُّواْ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

    Open ayah 23:75

    ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەكمۇ، ئۇلار ئەلۋەتتە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.

  76. وَلَقَدۡ أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ

    Open ayah 23:76

    بىز ئۇلارنى ھەقىقەتەن (قەھەتچىلىك) ئازابى بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويسۇنمىدى، (ئۇنىڭغا) ئىلتىجا قىلىپمۇ باقمىدى.

  77. حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا ذَا عَذَابٖ شَدِيدٍ إِذَا هُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ

    Open ayah 23:77

    نىھايەت، ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا، ئۇلار شۇ ھامان ئۈمىدىنى تامامەن يوقىتىدۇ.

  78. وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 23:78

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتقان زاتتۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.

  79. وَهُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ

    Open ayah 23:79

    ئۇ سىلەرنى زېمىندا كۆپەيتىپ (تەرەپ- تەرەپكە) تارقىتىۋەتكەن زاتتۇر. (ئاخىر) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.

  80. وَهُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخۡتِلَٰفُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ 

    Open ayah 23:80

    ئۇ تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر، كېچە _ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇلارنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟

  81. بَلۡ قَالُواْ مِثۡلَ مَا قَالَ ٱلۡأَوَّلُونَ

    Open ayah 23:81

    بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى.

  82. قَالُوٓاْ أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ

    Open ayah 23:82

    ئۇلار ئېيتتىكى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (چىرىگەن) سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنە چوقۇم تىرىلەمدۇق؟

  83. لَقَدۡ وُعِدۡنَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا هَٰذَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 23:83

    ھەقىقەتەن بىز (مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلدۇق)، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر».

  84. قُل لِّمَنِ ٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 23:84

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ) زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟».

  85. سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 23:85

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. «ئۇنداقتا، سىلەر (بۇنىڭدىن) پەند _ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟» دېگىن.

  86. قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلسَّبۡعِ وَرَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 23:86

    ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟».

  87. سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ

    Open ayah 23:87

    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. «(ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭدىن) قورقمامسىلەر؟» دېگىن.

  88. قُلۡ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيۡهِ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 23:88

    ئېيتقىنكى، «ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان، (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولىدىغان ۋە (ئۇ ھالاك قىلماقچى بولغان بىرىگە) ئۇنىڭغا قارشى ھېچكىم پاناھ بولالمايدىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلىدىغان بولساڭلار (ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟!)».

  89. سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ فَأَنَّىٰ تُسۡحَرُونَ

    Open ayah 23:89

    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) سىلەر نېمىدەپ ئالجىپ يۈرىسىلەر؟».

  90. بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ 

    Open ayah 23:90

    ئەمەلىيەتتە، بىز ئۇلارغا ھەقىقەتنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، شەكسىزكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.

  91. مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٖ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنۡ إِلَٰهٍۚ إِذٗا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهِۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

    Open ayah 23:91

    ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن ھېچبىرىنى) بالا قىلىۋالمىدى، ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا ھېچبىر ئىلاھمۇ بولمىدى. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەربىر ئىلاھ ئەلۋەتتە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن كېلەتتى (كائىناتنىڭ نىزامى بۇزۇلاتتى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر.

  92. عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

    Open ayah 23:92

    ئاللاھ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.

  93. قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ

    Open ayah 23:93

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ئەگەر سەن ئۇلار ئاگاھلاندۇرلغان ئازابنى (ئۇلارغا چۈشۈرۈپ) ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ، ئى رەببىم! ئۇ ھالدا مېنى ئۇ زالىم قەۋم ئىچىدە قىلمىغىن». [93 _ 94]

  94. رَبِّ فَلَا تَجۡعَلۡنِي فِي ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 23:94

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ئەگەر سەن ئۇلار ئاگاھلاندۇرلغان ئازابنى (ئۇلارغا چۈشۈرۈپ) ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ، ئى رەببىم! ئۇ ھالدا مېنى ئۇ زالىم قەۋم ئىچىدە قىلمىغىن». [93 _ 94]

  95. وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمۡ لَقَٰدِرُونَ

    Open ayah 23:95

    بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.

  96. ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ ٱلسَّيِّئَةَۚ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَصِفُونَ

    Open ayah 23:96

    سەن يامانلىققا ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن، ئۇلارنىڭ (بىز توغرۇلۇق) نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

  97. وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنۡ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَٰطِينِ

    Open ayah 23:97

    ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.

  98. وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحۡضُرُونِ

    Open ayah 23:98

    ئى رەببىم! ساڭا سىغىنىپ ئۇلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن».

  99. حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ رَبِّ ٱرۡجِعُونِ

    Open ayah 23:99

    كاپىرلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن،

  100. لَعَلِّيٓ أَعۡمَلُ صَٰلِحٗا فِيمَا تَرَكۡتُۚ كَلَّآۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَاۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرۡزَخٌ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ 

    Open ayah 23:100

    مەن قويۇپ كەلگەنلىرىم بىلەن ياخشىلىق قىلىۋالسام» دەيدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ قۇرۇق گېپىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توساق بولىدۇ.

  101. فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ 

    Open ayah 23:101

    سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق رىشتىسى قالمايدۇ، ئۇلار (بىر _ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ.

  102. فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ 

    Open ayah 23:102

    كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى (تارازىدا) ئېغىر كەلسە، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.

  103. وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فِي جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ 

    Open ayah 23:103

    كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى (تارازىدا) يېنىك كەلسە، ئەنە شۇلار ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

  104. تَلۡفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمۡ فِيهَا كَٰلِحُونَ 

    Open ayah 23:104

    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي بولۇپ) قالىدۇ.

  105. أَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ 

    Open ayah 23:105

    (ئۇلارغا) «سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، ئەمما سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟» (دېيىلىدۇ).

  106. قَالُواْ رَبَّنَا غَلَبَتۡ عَلَيۡنَا شِقۡوَتُنَا وَكُنَّا قَوۡمٗا ضَآلِّينَ 

    Open ayah 23:106

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز بىزگە غالىب كېلىپ، ئازغۇن قەۋم بولۇپ قالغان ئىكەنمىز.

  107. رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡهَا فَإِنۡ عُدۡنَا فَإِنَّا ظَٰلِمُونَ 

    Open ayah 23:107

    ئى رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز (كۇفرىغا) يەنە قايتساق، ئۇ چاغدا بىز راستتىنلا (ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز) ئۇۋال قىلغان بولىمىز».

  108. قَالَ ٱخۡسَـُٔواْ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ 

    Open ayah 23:108

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خارلانغان ھالدا قېلىڭلار، (بۇ ھەقتە) ماڭا گەپ قىلغۇچى بولماڭلار».

  109. إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ 

    Open ayah 23:109

    شەكسىزكى بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر[94] ‹ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى.

    1. ئۇلار بىلال، خەبباب، سۇھەيبلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى ئەبۇ جەھل قاتارلىق كاپىرلار مەسخىرە قىلاتتى.
  110. فَٱتَّخَذۡتُمُوهُمۡ سِخۡرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوۡكُمۡ ذِكۡرِي وَكُنتُم مِّنۡهُمۡ تَضۡحَكُونَ 

    Open ayah 23:110

    سىلەر بولساڭلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا بۇ ئىش سىلەرگە مېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى، يەنە سىلەر ئۇلارنى (زاڭلىق قىلىپ) كۈلەتتىڭلار.

  111. إِنِّي جَزَيۡتُهُمُ ٱلۡيَوۡمَ بِمَا صَبَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ

    Open ayah 23:111

    ئۇلار سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم. شەكسىزكى، ئۇلار مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر».

  112. قَٰلَ كَمۡ لَبِثۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ عَدَدَ سِنِينَ

    Open ayah 23:112

    ئاللاھ (ئازابتىكىلەردىن): «سىلەر يەر يۈزىدە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ.

  113. قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖ فَسۡـَٔلِ ٱلۡعَآدِّينَ

    Open ayah 23:113

    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (بۇنى) ھېسابلاپ تۇرغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ.

  114. قَٰلَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗاۖ لَّوۡ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 23:114

    ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار پەقەت ئازغىنە تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

  115. أَفَحَسِبۡتُمۡ أَنَّمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ عَبَثٗا وَأَنَّكُمۡ إِلَيۡنَا لَا تُرۡجَعُونَ

    Open ayah 23:115

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىزنىڭ پەقەتلا بىھۇدە (مەقسەتسىز) ياراتقانلىقىمىزنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟

  116. فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡحَقُّۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡكَرِيمِ

    Open ayah 23:116

    ھەقىقىي پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر.

  117. وَمَن يَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرۡهَٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡكَٰفِرُونَ

    Open ayah 23:117

    كىمكى ھېچقانداق دەلىلى يوق تۇرۇقلۇق، ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر ئىلاھقا چوقۇنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. كاپىرلار ھەرگىز نىجات تاپالمايدۇ.

  118. وَقُل رَّبِّ ٱغۡفِرۡ وَٱرۡحَمۡ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ

    Open ayah 23:118

    (ئى پەيغەمبەر!) «ئى رەببىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن» دېگىن.