النور
An-Noor
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
سُورَةٌ أَنزَلۡنَٰهَا وَفَرَضۡنَٰهَا وَأَنزَلۡنَا فِيهَآ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ لَّعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
Open ayah 24:1(بۇ) بىز نازىل قىلغان ۋە (كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان بىر سۈرىدۇر. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەرنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
ٱلزَّانِيَةُ وَٱلزَّانِي فَٱجۡلِدُواْ كُلَّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا مِاْئَةَ جَلۡدَةٖۖ وَلَا تَأۡخُذۡكُم بِهِمَا رَأۡفَةٞ فِي دِينِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ وَلۡيَشۡهَدۡ عَذَابَهُمَا طَآئِفَةٞ مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 24:2(ئۆيلەنمىگەن) زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدا (ھۆكۈم ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتماڭلار، ئۇلارنى جازالىغاندا مۇئمىنلەردىن بىر بۆلەك كىشى ھازىر بولسۇن.
ٱلزَّانِي لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوۡ مُشۡرِكَةٗ وَٱلزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَآ إِلَّا زَانٍ أَوۡ مُشۡرِكٞۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 24:3زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايالمۇ پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىك ئەرگىلا تېگىدۇ، بۇ مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَأۡتُواْ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَ فَٱجۡلِدُوهُمۡ ثَمَٰنِينَ جَلۡدَةٗ وَلَا تَقۡبَلُواْ لَهُمۡ شَهَٰدَةً أَبَدٗاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 24:4ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن (بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئادالەتلىك) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى مەڭگۈ قوبۇل قىلماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 24:5شۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر (ئۇلارنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ).
وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ أَزۡوَٰجَهُمۡ وَلَمۡ يَكُن لَّهُمۡ شُهَدَآءُ إِلَّآ أَنفُسُهُمۡ فَشَهَٰدَةُ أَحَدِهِمۡ أَرۡبَعُ شَهَٰدَٰتِۭ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 24:6ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ۋە ئۆزىدىن تۆھمەتنىڭ جازاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن) ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. [6 _ 7]
وَٱلۡخَٰمِسَةُ أَنَّ لَعۡنَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 24:7ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ۋە ئۆزىدىن تۆھمەتنىڭ جازاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن) ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. [6 _ 7]
وَيَدۡرَؤُاْ عَنۡهَا ٱلۡعَذَابَ أَن تَشۡهَدَ أَرۡبَعَ شَهَٰدَٰتِۭ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 24:8ئايالنىڭ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا، «ئەگەر ئۇ راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن» دەپ ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىشى (ئۇنىڭدىن زىنانىڭ) جازاسىنى توسۇپ قالىدۇ. [8 _ 9]
وَٱلۡخَٰمِسَةَ أَنَّ غَضَبَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَآ إِن كَانَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 24:9ئايالنىڭ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا، «ئەگەر ئۇ راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن» دەپ ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىشى (ئۇنىڭدىن زىنانىڭ) جازاسىنى توسۇپ قالىدۇ. [8 _ 9]
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ
Open ayah 24:10ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىغان بولسا، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولمىغان بولسا ئىدى (ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلاتتى، جازاغا تېگىشلىك بولغانلارنى ئۆز ۋاقتىدا جازالىغان بولاتتى).
إِنَّ ٱلَّذِينَ جَآءُو بِٱلۡإِفۡكِ عُصۡبَةٞ مِّنكُمۡۚ لَا تَحۡسَبُوهُ شَرّٗا لَّكُمۖ بَلۡ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُم مَّا ٱكۡتَسَبَ مِنَ ٱلۡإِثۡمِۚ وَٱلَّذِي تَوَلَّىٰ كِبۡرَهُۥ مِنۡهُمۡ لَهُۥ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 24:11شۈبھىسىزكى، (ئائىشەگە) [95] بۇ بوھتاننى چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھتۇر. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارىماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (باشلامچى بولۇپ) بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىغا مەسئۇل بولغان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
- ئۆز ۋاقتىدا مەدىنىدىكى مۇناپىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئائىشەگە بوھتان چاپلىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق ئائىشەنى ئاقلىغان.
لَّوۡلَآ إِذۡ سَمِعۡتُمُوهُ ظَنَّ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بِأَنفُسِهِمۡ خَيۡرٗا وَقَالُواْ هَٰذَآ إِفۡكٞ مُّبِينٞ
Open ayah 24:12بۇ بوھتاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا ئەر _ ئايال مۇئمىنلەر بىر _ بىرى ھەققىدە نېمىشقا ياخشى ئويلاردا بولۇپ، «بۇ ئېنىق بوھتاندۇر» دېمىدى؟
لَّوۡلَا جَآءُو عَلَيۡهِ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَۚ فَإِذۡ لَمۡ يَأۡتُواْ بِٱلشُّهَدَآءِ فَأُوْلَٰٓئِكَ عِندَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
Open ayah 24:13ئۇلار نېمىشقا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچىلاردۇر.
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ لَمَسَّكُمۡ فِي مَآ أَفَضۡتُمۡ فِيهِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
Open ayah 24:14سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەر تارقاتقان بۇ بوھتان ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.
إِذۡ تَلَقَّوۡنَهُۥ بِأَلۡسِنَتِكُمۡ وَتَقُولُونَ بِأَفۡوَاهِكُم مَّا لَيۡسَ لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞ وَتَحۡسَبُونَهُۥ هَيِّنٗا وَهُوَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمٞ
Open ayah 24:15ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بۇ بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، سىلەر ئۇنى كىچىك ئىش دەپ قارىدىڭلار، ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر.
وَلَوۡلَآ إِذۡ سَمِعۡتُمُوهُ قُلۡتُم مَّا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبۡحَٰنَكَ هَٰذَا بُهۡتَٰنٌ عَظِيمٞ
Open ayah 24:16سىلەر نېمىشقا ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، بۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، «بۇ چوڭ بوھتاندۇر» دېمىدىڭلار؟
يَعِظُكُمُ ٱللَّهُ أَن تَعُودُواْ لِمِثۡلِهِۦٓ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 24:17ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر (راستتىنلا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولساڭلار، ھەرگىز قايتا بۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار.
وَيُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
Open ayah 24:18ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ ٱلۡفَٰحِشَةُ فِي ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 24:19مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 24:20ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىبان بولمىغان بولسا ئىدى (ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئەلۋەتتە جازالىغان بولاتتى).
۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ وَمَن يَتَّبِعۡ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَإِنَّهُۥ يَأۡمُرُ بِٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۚ وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ مَا زَكَىٰ مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ أَبَدٗا وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 24:21ئى ئىمان ئېيتقانلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ ئىشلارغا، يامان ئەمەللەرگە بۇيرۇيدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم مەڭگۈ پاك بولالمايتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَا يَأۡتَلِ أُوْلُواْ ٱلۡفَضۡلِ مِنكُمۡ وَٱلسَّعَةِ أَن يُؤۡتُوٓاْ أُوْلِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ وَلۡيَعۡفُواْ وَلۡيَصۡفَحُوٓاْۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
Open ayah 24:22ئاراڭلاردىكى مەرتىۋىلىك ۋە دۆلەتمەن بولغانلار يېقىن تۇغقانلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡغَٰفِلَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ لُعِنُواْ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
Open ayah 24:23شەكسىزكى، (يامان ئىشلاردىن) بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
يَوۡمَ تَشۡهَدُ عَلَيۡهِمۡ أَلۡسِنَتُهُمۡ وَأَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 24:24ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
يَوۡمَئِذٖ يُوَفِّيهِمُ ٱللَّهُ دِينَهُمُ ٱلۡحَقَّ وَيَعۡلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 24:25شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق (ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى) ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
ٱلۡخَبِيثَٰتُ لِلۡخَبِيثِينَ وَٱلۡخَبِيثُونَ لِلۡخَبِيثَٰتِۖ وَٱلطَّيِّبَٰتُ لِلطَّيِّبِينَ وَٱلطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَٰتِۚ أُوْلَٰٓئِكَ مُبَرَّءُونَ مِمَّا يَقُولُونَۖ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
Open ayah 24:26پاسكىنا ئاياللار پاسكىنا ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاسكىنا ئەرلەر پاسكىنا ئاياللارغا لايىقتۇر، پاك ئاياللار پاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار باشقىلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ بُيُوتِكُمۡ حَتَّىٰ تَسۡتَأۡنِسُواْ وَتُسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَهۡلِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
Open ayah 24:27ئى ئىمان ئېيتقانلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئۈمىدكى، سىلەر (بۇنىڭدىن) نەسىھەت ئالغايسىلەر.
فَإِن لَّمۡ تَجِدُواْ فِيهَآ أَحَدٗا فَلَا تَدۡخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤۡذَنَ لَكُمۡۖ وَإِن قِيلَ لَكُمُ ٱرۡجِعُواْ فَٱرۡجِعُواْۖ هُوَ أَزۡكَىٰ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ
Open ayah 24:28ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچقانداق ئادەم تاپالمىساڭلار، سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە ئۇ ئۆيلەرگە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە، شۇ ھامان قايتىپ كېتىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ مَسۡكُونَةٖ فِيهَا مَتَٰعٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ
Open ayah 24:29(دۇكان ۋە كىتابخانىغا ئوخشاش) تۇرالغۇ بولمىغان، ئىچىدە سىلەرگە مەنپەئەتلىك ئىشلار بار ئۆيلەرگە (ئىجازەت سورىماي) كىرىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىدۇ.
قُل لِّلۡمُؤۡمِنِينَ يَغُضُّواْ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِمۡ وَيَحۡفَظُواْ فُرُوجَهُمۡۚ ذَٰلِكَ أَزۡكَىٰ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ
Open ayah 24:30(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ أَخَوَٰتِهِنَّ أَوۡ نِسَآئِهِنَّ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّ أَوِ ٱلتَّٰبِعِينَ غَيۡرِ أُوْلِي ٱلۡإِرۡبَةِ مِنَ ٱلرِّجَالِ أَوِ ٱلطِّفۡلِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يَظۡهَرُواْ عَلَىٰ عَوۡرَٰتِ ٱلنِّسَآءِۖ وَلَا يَضۡرِبۡنَ بِأَرۡجُلِهِنَّ لِيُعۡلَمَ مَا يُخۡفِينَ مِن زِينَتِهِنَّۚ وَتُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
Open ayah 24:31مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن (يەنى باشلىرىغا سالغان رومال بىلەن باشلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ئوراپ، ياتلاردىن يوشۇرسۇن)، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتكارلاردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (نارەسىدە) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، يوشۇرۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.
وَأَنكِحُواْ ٱلۡأَيَٰمَىٰ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰلِحِينَ مِنۡ عِبَادِكُمۡ وَإِمَآئِكُمۡۚ إِن يَكُونُواْ فُقَرَآءَ يُغۡنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 24:32ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ، ئۆيلىنىشكە لاياقەتلىك قۇل -چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَلۡيَسۡتَعۡفِفِ ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغۡنِيَهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱلَّذِينَ يَبۡتَغُونَ ٱلۡكِتَٰبَ مِمَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَكَاتِبُوهُمۡ إِنۡ عَلِمۡتُمۡ فِيهِمۡ خَيۡرٗاۖ وَءَاتُوهُم مِّن مَّالِ ٱللَّهِ ٱلَّذِيٓ ءَاتَىٰكُمۡۚ وَلَا تُكۡرِهُواْ فَتَيَٰتِكُمۡ عَلَى ٱلۡبِغَآءِ إِنۡ أَرَدۡنَ تَحَصُّنٗا لِّتَبۡتَغُواْ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَمَن يُكۡرِههُّنَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ مِنۢ بَعۡدِ إِكۡرَٰهِهِنَّ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 24:33ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن (ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن ئۆزىنىڭ ئازادلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن) توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلاردا ياخشىلىقنى (يەنى مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشكە ۋە ئىشلەشكە قادىر ئىكەنلىكىنى) بايقىساڭلار، ئۇلار بىلەن توختام تۈزۈڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مال _ مۈلۈكتىن ئۇلارغا بېرىڭلار. دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ چۆرىلىرىڭلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلىماڭلار، ئۇلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالايدىغان تۇرسا (سىلەر قانداقلارچە ئۇلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلايسىلەر؟!). كىمكى ئۇلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن شەكسىزكى، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) رەھىم قىلغۇچىدۇر (زىنانىڭ گۇناھى مەجبۇرلىغانلارغا بولىدۇ).
وَلَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖ وَمَثَلٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۡ وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 24:34(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) شەكسىزكى، بىز سىلەرگە (ھەقىقەتنى) روشەن بايان قىلغۇچى ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
۞ٱللَّهُ نُورُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ مَثَلُ نُورِهِۦ كَمِشۡكَوٰةٖ فِيهَا مِصۡبَاحٌۖ ٱلۡمِصۡبَاحُ فِي زُجَاجَةٍۖ ٱلزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوۡكَبٞ دُرِّيّٞ يُوقَدُ مِن شَجَرَةٖ مُّبَٰرَكَةٖ زَيۡتُونَةٖ لَّا شَرۡقِيَّةٖ وَلَا غَرۡبِيَّةٖ يَكَادُ زَيۡتُهَا يُضِيٓءُ وَلَوۡ لَمۡ تَمۡسَسۡهُ نَارٞۚ نُّورٌ عَلَىٰ نُورٖۚ يَهۡدِي ٱللَّهُ لِنُورِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَ لِلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 24:35ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۇئمىن بەندىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراغ بولۇپ، چىراغ شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شېشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ كۈنچىقىشقىمۇ، كۈنپېتىشقىمۇ تەۋە بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىدىن (چىقىرىلغان ياغ بىلەن) يورۇتۇلغان، ئۇنىڭ يېغى (سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ (ھىدايەت) نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) ئىنسانلارغا (مانا مۇشۇنداق) مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
فِي بُيُوتٍ أَذِنَ ٱللَّهُ أَن تُرۡفَعَ وَيُذۡكَرَ فِيهَا ٱسۡمُهُۥ يُسَبِّحُ لَهُۥ فِيهَا بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ
Open ayah 24:36ئاللاھ، ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكرى قىلىنىشىغا ئىزىن بەرگەن ئۆيلەردە (مەسجىدلەردە) ئەتىگەن– ئاخشامدا (مۇئمىنلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
رِجَالٞ لَّا تُلۡهِيهِمۡ تِجَٰرَةٞ وَلَا بَيۡعٌ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَإِقَامِ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءِ ٱلزَّكَوٰةِ يَخَافُونَ يَوۡمٗا تَتَقَلَّبُ فِيهِ ٱلۡقُلُوبُ وَٱلۡأَبۡصَٰرُ
Open ayah 24:37ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، نە تىجارەت، نە سودا _ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، ناماز ئوقۇشتىن ۋە زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. ئۇلار (قورقۇنچتىن) دىللار پاراكەندە ۋە كۆزلەر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن قورقىدۇ.
لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
Open ayah 24:38ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە مۇكاپات بېرىشى ۋە ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَسَرَابِۭ بِقِيعَةٖ يَحۡسَبُهُ ٱلظَّمۡـَٔانُ مَآءً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَهُۥ لَمۡ يَجِدۡهُ شَيۡـٔٗا وَوَجَدَ ٱللَّهَ عِندَهُۥ فَوَفَّىٰهُ حِسَابَهُۥۗ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
Open ayah 24:39كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ، قىلغان) ئەمەللىرى خۇددى تەشنا ئادەم (يىراقتىن) سۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان، يېنىغا كەلسە (سۇدىن) ھېچبىر ئەسەر تاپالمايدىغان باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاشتۇر. (قىيامەت كۈنى) ئۇ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەمەلىگە تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
أَوۡ كَظُلُمَٰتٖ فِي بَحۡرٖ لُّجِّيّٖ يَغۡشَىٰهُ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ سَحَابٞۚ ظُلُمَٰتُۢ بَعۡضُهَا فَوۡقَ بَعۡضٍ إِذَآ أَخۡرَجَ يَدَهُۥ لَمۡ يَكَدۡ يَرَىٰهَاۗ وَمَن لَّمۡ يَجۡعَلِ ٱللَّهُ لَهُۥ نُورٗا فَمَا لَهُۥ مِن نُّورٍ
Open ayah 24:40ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر. (بۇ قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئادەم) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كىمگە نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ نۇردىن (يەنى ھىدايەتتىن ئەسلا) نېسىۋىسى بولمايدۇ.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلطَّيۡرُ صَٰٓفَّٰتٖۖ كُلّٞ قَدۡ عَلِمَ صَلَاتَهُۥ وَتَسۡبِيحَهُۥۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ
Open ayah 24:41(ئى پەيغەمبەر!) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كېرىگەن (ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ھەربىرى ئۆزىنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 24:42ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُزۡجِي سَحَابٗا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيۡنَهُۥ ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ رُكَامٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦ وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن جِبَالٖ فِيهَا مِنۢ بَرَدٖ فَيُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ وَيَصۡرِفُهُۥ عَن مَّن يَشَآءُۖ يَكَادُ سَنَا بَرۡقِهِۦ يَذۡهَبُ بِٱلۡأَبۡصَٰرِ
Open ayah 24:43كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلانغان ھالغا كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ، (بۇلۇتتىكى) چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى نابۇت قىلىۋەتكىلى تاس قالىدۇ.
يُقَلِّبُ ٱللَّهُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
Open ayah 24:44ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
وَٱللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَآبَّةٖ مِّن مَّآءٖۖ فَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ بَطۡنِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ رِجۡلَيۡنِ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰٓ أَرۡبَعٖۚ يَخۡلُقُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 24:45ئاللاھ بارلىق جانلىقنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
لَّقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖۚ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 24:46شۈبھىسىزكى، (بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى) روشەن بايان قىلغۇچى ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
وَيَقُولُونَ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلرَّسُولِ وَأَطَعۡنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۚ وَمَآ أُوْلَٰٓئِكَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 24:47(مۇناپىقلار): «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ شۇنىڭدىن (يەنى شۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن ئىتائەتتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار (ئەمەلىيەتتە) مۇئمىن ئەمەس.
وَإِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم مُّعۡرِضُونَ
Open ayah 24:48(پەيغەمبەرنىڭ) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى شۇ ھامان باش تارتىدۇ.
وَإِن يَكُن لَّهُمُ ٱلۡحَقُّ يَأۡتُوٓاْ إِلَيۡهِ مُذۡعِنِينَ
Open ayah 24:49ئەگەر ھەقىقەت ئۇلار تەرىپىدە بولۇپ قالغاندا، ئۇلار پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان قىياپەتتە (يۈگۈرۈپ) كېلىشىدۇ.
أَفِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ٱرۡتَابُوٓاْ أَمۡ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَرَسُولُهُۥۚ بَلۡ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 24:50ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىللەت بارمۇ؟ يا ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) شەك قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ، دەپ قورقامدۇ؟ ياق، بەلكى ئۇلار زالىملارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
إِنَّمَا كَانَ قَوۡلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ أَن يَقُولُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 24:51(پەيغەمبەرنىڭ) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەقەت: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئەنە شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَخۡشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقۡهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
Open ayah 24:52كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا، ئاللاھتىن قورقسا ۋە ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلسا، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر.
۞وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِنۡ أَمَرۡتَهُمۡ لَيَخۡرُجُنَّۖ قُل لَّا تُقۡسِمُواْۖ طَاعَةٞ مَّعۡرُوفَةٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 24:53(مۇناپىقلار ساڭا): «ئەگەر سەن بىزنى (جىھادقا) چىقىشقا بۇيرۇساڭ، بىز چوقۇم چىقىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(يالغاندىن) قەسەم قىلماڭلار، سىلەرنىڭ ئىتائىتىڭلار چاغلىقتۇر. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر».
قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيۡكُم مَّا حُمِّلۡتُمۡۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 24:54ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر باش تارتساڭلار، پەيغەمبەر (دىننى يەتكۈزۈش) ۋەزىپىسىدىن جاۋابكاردۇر، سىلەر (ئىتائەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش) ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارسىلەر. ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر».
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَيَسۡتَخۡلِفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ كَمَا ٱسۡتَخۡلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمۡ دِينَهُمُ ٱلَّذِي ٱرۡتَضَىٰ لَهُمۡ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعۡدِ خَوۡفِهِمۡ أَمۡنٗاۚ يَعۡبُدُونَنِي لَا يُشۡرِكُونَ بِي شَيۡـٔٗاۚ وَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
Open ayah 24:55ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنى يەر يۈزىدە ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
Open ayah 24:56ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى تولۇق بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.
لَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 24:57(ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنى يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 24:58ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇ) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن ئەۋرەتتۇر (يەنى ئەۋرىتىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئىجازەت سورىماي كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (ئادەتتە) سىلەر بىر _ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ _ چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِذَا بَلَغَ ٱلۡأَطۡفَٰلُ مِنكُمُ ٱلۡحُلُمَ فَلۡيَسۡتَـٔۡذِنُواْ كَمَا ٱسۡتَـٔۡذَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
Open ayah 24:59كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلارمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار ئۆيگە كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ھەر ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱلۡقَوَٰعِدُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا يَرۡجُونَ نِكَاحٗا فَلَيۡسَ عَلَيۡهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعۡنَ ثِيَابَهُنَّ غَيۡرَ مُتَبَرِّجَٰتِۭ بِزِينَةٖۖ وَأَن يَسۡتَعۡفِفۡنَ خَيۡرٞ لَّهُنَّۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
Open ayah 24:60ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (سېلىۋەتمەي) ئىپپەتلىك يۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞ وَلَا عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَن تَأۡكُلُواْ مِنۢ بُيُوتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أُمَّهَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ إِخۡوَٰنِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَعۡمَٰمِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ عَمَّٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخۡوَٰلِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ خَٰلَٰتِكُمۡ أَوۡ مَا مَلَكۡتُم مَّفَاتِحَهُۥٓ أَوۡ صَدِيقِكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَأۡكُلُواْ جَمِيعًا أَوۡ أَشۡتَاتٗاۚ فَإِذَا دَخَلۡتُم بُيُوتٗا فَسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ تَحِيَّةٗ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُبَٰرَكَةٗ طَيِّبَةٗۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 24:61(جىھادقا ئوخشاش كۆز، پۇت– قول ۋە بەدەن ساق بولمىسا قىلغىلى بولمايدىغان پەرز ئەمەللەرنى ئۆزرىسى سەۋەبلىك قىلالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (شۇنداقلا بالىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەرگە ئاچقۇچلىرىنى تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نەرسە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، توپلىشىپ ياكى ئايرىم _ ئايرىم يېسەڭلارمۇ سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانلىق ۋە بەرىكەت تىلىكى بىلەن ئۆزۈڭلارغا (ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەرگە) سالام بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَإِذَا كَانُواْ مَعَهُۥ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ جَامِعٖ لَّمۡ يَذۡهَبُواْ حَتَّىٰ يَسۡتَـٔۡذِنُوهُۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ فَإِذَا ٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِبَعۡضِ شَأۡنِهِمۡ فَأۡذَن لِّمَن شِئۡتَ مِنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمُ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 24:62ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن كىشىلەر (ھەقىقىي) مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك) بىرەر مۇھىم ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، ئۇنىڭدىن ئىجازەت سورىمىغۇچە ھەرگىز كېتىپ قالمايدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىجازەت سورايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لَّا تَجۡعَلُواْ دُعَآءَ ٱلرَّسُولِ بَيۡنَكُمۡ كَدُعَآءِ بَعۡضِكُم بَعۡضٗاۚ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمۡ لِوَاذٗاۚ فَلۡيَحۡذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنۡ أَمۡرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمۡ فِتۡنَةٌ أَوۡ يُصِيبَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Open ayah 24:63(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر پەيغەمبەرنى ئاراڭلاردا بىر _ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كېتىدىغانلارنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن.
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قَدۡ يَعۡلَمُ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ وَيَوۡمَ يُرۡجَعُونَ إِلَيۡهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ
Open ayah 24:64بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان–ئەتكەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.