الفرقان

Al-Furqaan

The Criterion · Surah 25 · Ayahs: 77 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. تَبَارَكَ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡفُرۡقَانَ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦ لِيَكُونَ لِلۡعَٰلَمِينَ نَذِيرًا

    Open ayah 25:1

    بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، بالىلىق بولمىغان، ھاكىمىيىتىدە شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەم بېكىتكەن ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. [1 _ 2]

  2. ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖ فَقَدَّرَهُۥ تَقۡدِيرٗا

    Open ayah 25:2

    بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، بالىلىق بولمىغان، ھاكىمىيىتىدە شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەم بېكىتكەن ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. [1 _ 2]

  3. وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا

    Open ayah 25:3

    مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى توسۇپ قالالمايدىغان، ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى توسۇپ قالالمايدىغان، ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان، ئۆلتۈرۈشكە، ھاياتلىق بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدىغان (باتىل) ئىلاھلارغا چوقۇندى.

  4. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا

    Open ayah 25:4

    كاپىرلار: «بۇ (قۇرئان) پەقەتلا (مۇھەممەد ئۆزى) توقۇپ چىققان يالغان سۆزدۇر، ئۇنىڭ توقۇپ چىقىشىغا باشقا بىر قەۋم ياردەم بەرگەن» دېيىشتى. ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق (پەيغەمبىرىمىزگە) ھەقسىزلىق قىلدى ۋە بوھتان چاپلىدى.

  5. وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا

    Open ayah 25:5

    ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ ئايەتلەر) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى بولۇپ، ئۇ (مۇھەممەد) ئۇلارنى (باشقىلارغا) يازدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ».

  6. قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا

    Open ayah 25:6

    ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ رەھىم-شەپقەتلىكتۇر».

  7. وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا

    Open ayah 25:7

    ئۇلار: «بۇ (بىزگە ئوخشاش) تاماق يەيدىغان، بازارلاردا مېڭىپ يۈرىدىغان قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن، نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟ يا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىملىدى؟ يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىرەر باغ بېرىلمىدى؟» دېيىشتى. بۇ زالىملار (مۇئمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى. [7 _ 8]

  8. أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا

    Open ayah 25:8

    ئۇلار: «بۇ (بىزگە ئوخشاش) تاماق يەيدىغان، بازارلاردا مېڭىپ يۈرىدىغان قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن، نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟ يا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىملىدى؟ يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىرەر باغ بېرىلمىدى؟» دېيىشتى. بۇ زالىملار (مۇئمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى. [7 _ 8]

  9. ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا

    Open ayah 25:9

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق كەلتۈرگەن مىساللىرىغا قارىغىن، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار راستتىنلا ئازغۇنلۇققا پاتتى، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تاپالمايدۇ.

  10. تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا 

    Open ayah 25:10

    ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا، ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە (چوڭ) سارايلارنى ئاتا قىلاتتى.

  11. بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا

    Open ayah 25:11

    ئۇلار (سېنى ئەيىبلەپلا قالمىدى) بەلكى قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق.

  12. إِذَا رَأَتۡهُم مِّن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ سَمِعُواْ لَهَا تَغَيُّظٗا وَزَفِيرٗا

    Open ayah 25:12

    دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە شىددەت بىلەن گۈركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.

  13. وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا

    Open ayah 25:13

    ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ.

  14. لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا

    Open ayah 25:14

    (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ).

  15. قُلۡ أَذَٰلِكَ خَيۡرٌ أَمۡ جَنَّةُ ٱلۡخُلۡدِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۚ كَانَتۡ لَهُمۡ جَزَآءٗ وَمَصِيرٗا

    Open ayah 25:15

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىدۇر.

  16. لَّهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَٰلِدِينَۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعۡدٗا مَّسۡـُٔولٗا

    Open ayah 25:16

    ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇش بىلەن بىللە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ رەببىڭدىن (ئىشقا ئاشۇرۇش) تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر.

  17. وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمۡ أَضۡلَلۡتُمۡ عِبَادِي هَٰٓؤُلَآءِ أَمۡ هُمۡ ضَلُّواْ ٱلسَّبِيلَ

    Open ayah 25:17

    ئاللاھ شۇ كۈندە ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى يىغىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا: «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى توغرا يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ.

  18. قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِي لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِن مَّتَّعۡتَهُمۡ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ نَسُواْ ٱلذِّكۡرَ وَكَانُواْ قَوۡمَۢا بُورٗا

    Open ayah 25:18

    ئۇ مەبۇدلار (زۇۋانغا كېلىپ) ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى مەدەتكار تۇتۇش بىزگە لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۈڭكى، ھەتتا ئۇلار سېنى ياد ئېتىشىنى ئۇنتۇدى ۋە ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى».

  19. فَقَدۡ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسۡتَطِيعُونَ صَرۡفٗا وَلَا نَصۡرٗاۚ وَمَن يَظۡلِم مِّنكُمۡ نُذِقۡهُ عَذَابٗا كَبِيرٗا

    Open ayah 25:19

    (چوقۇنغۇچىلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر چوقۇنغان مەبۇدلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى توسۇپ قالالمايسىلەر ۋە ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەردىن كىمكى (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز چوڭ ئازابنى تېتىتىمىز».

  20. وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمۡ لَيَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشُونَ فِي ٱلۡأَسۡوَاقِۗ وَجَعَلۡنَا بَعۡضَكُمۡ لِبَعۡضٖ فِتۡنَةً أَتَصۡبِرُونَۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرٗا 

    Open ayah 25:20

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى. (ئى ئىنسانلار!) بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. (بۇ سىناققا) بەرداشلىق بېرەلەمسىلەر؟ رەببىڭ ئەزەلدىن (ھەممىنى) ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  21. ۞وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا

    Open ayah 25:21

    بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار ئۆزىنى تولىمۇ چوڭ ساناپ كەتتى ۋە بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.

  22. يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا

    Open ayah 25:22

    ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(خۇش خەۋەر ئاڭلاش سىلەرگە) قەتئىي ھارامدۇر» دەيدۇ.

  23. وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا

    Open ayah 25:23

    بىز ئۇلار قىلغان ھەربىر ئەمەلگە يۈزلىنىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز.

  24. أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا

    Open ayah 25:24

    جەننەت ئەھلى ئۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ.

  25. وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا

    Open ayah 25:25

    شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئارقىمۇئارقا چۈشۈرىلىدۇ.

  26. ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا

    Open ayah 25:26

    ئۇ كۈندە ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي رەھمان ئاللاھقا خاستۇر، كاپىرلار ئۈچۈن ئۇ تولىمۇ قىيىن بىر كۈن بولىدۇ.

  27. وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا

    Open ayah 25:27

    شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر ئىنسان) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! كاشكى، مەن پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! مەن پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن مېنى قۇرئاندىن ئازدۇرۇپتىكەن» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى ھەر دائىم (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ. [27 _ 29]

  28. يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا

    Open ayah 25:28

    شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر ئىنسان) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! كاشكى، مەن پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! مەن پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن مېنى قۇرئاندىن ئازدۇرۇپتىكەن» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى ھەر دائىم (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ. [27 _ 29]

  29. لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا

    Open ayah 25:29

    شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر ئىنسان) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! كاشكى، مەن پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! مەن پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن مېنى قۇرئاندىن ئازدۇرۇپتىكەن» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى ھەر دائىم (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ. [27 _ 29]

  30. وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا 

    Open ayah 25:30

    پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق (كىتابتەك) قىلىپ قويدى».

  31. وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا

    Open ayah 25:31

    شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە گۇناھكارلارنىڭ ئىچىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق، (ساڭا) يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ يېتەرلىكتۇر.

  32. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا

    Open ayah 25:32

    كاپىرلار: «نېمىشقا قۇرئان (مۇھەممەدكە) بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق (بۆلۈپ _ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، چۈشىنىش ۋە يادلاش ئۈچۈن ئوڭاي بولسۇن دەپ)، ئۇنى دانە _ دانە ئوقۇپ بەردۇق.

  33. وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا

    Open ayah 25:33

    ئۇلار ساڭا قانداقلا بىر سوئالنى قويسۇن، بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق.

  34. ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا

    Open ayah 25:34

    ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ توپلىنىدۇ. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇن كىشىلەردۇر.

  35. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا

    Open ayah 25:35

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق.

  36. فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا

    Open ayah 25:36

    ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دېدۇق. (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق.

  37. وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا

    Open ayah 25:37

    نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا، ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، (ئۇ) زالىملارغا (يەنە) قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.

  38. وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا

    Open ayah 25:38

    ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ زامانلىرى ئارىلىقىدا ياشىغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنىمۇ (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق).

  39. وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا

    Open ayah 25:39

    ھەربىر قەۋمگە (ھەقىقەتنىڭ دەلىل – پاكىتلىرىنى بايان قىلىپ) مىساللارنى كەلتۈردۇق، (نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدۇق.

  40. وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا 

    Open ayah 25:40

    ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) پالاكەت يامغۇرى (تاش) ياغدۇرۇلغان يۇرتلاردىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمامدۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىكى) تىرىلىشكە ئىشەنمەيدۇ.

  41. وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا

    Open ayah 25:41

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟ ئەگەر بىز ئىلاھلىرىمىزغا (چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىپ قالىدۇ. [41 _ 42]

  42. إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا

    Open ayah 25:42

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟ ئەگەر بىز ئىلاھلىرىمىزغا (چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىپ قالىدۇ. [41 _ 42]

  43. أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا

    Open ayah 25:43

    (ئى پەيغەمبەر!) نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە قارىمامسەن؟ سەن ئۇنداق ئادەمگە ھامىي بولالامسەن؟

  44. أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا

    Open ayah 25:44

    ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر.

  45. أَلَمۡ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيۡفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوۡ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنٗا ثُمَّ جَعَلۡنَا ٱلشَّمۡسَ عَلَيۡهِ دَلِيلٗا

    Open ayah 25:45

    رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا، ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى. ئاندىن بىز قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق.

  46. ثُمَّ قَبَضۡنَٰهُ إِلَيۡنَا قَبۡضٗا يَسِيرٗا

    Open ayah 25:46

    ئاندىن ئۇ (سايە)نى ئاستا – ئاستا يىغىۋالدۇق.

  47. وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا وَٱلنَّوۡمَ سُبَاتٗا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورٗا

    Open ayah 25:47

    ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى يېپىنچا، ئۇيقۇنى راھەت، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن) تارقىلىدىغان ۋاقىت قىلغان زاتتۇر.

  48. وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا

    Open ayah 25:48

    ئاللاھ رەھمىتى (بولغان يامغۇر)نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زاتتۇر. بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان نۇرغۇن ھايۋانلارنى ۋە ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. [48 _ 49]

  49. لِّنُحۡـِۧيَ بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗا وَنُسۡقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقۡنَآ أَنۡعَٰمٗا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرٗا

    Open ayah 25:49

    ئاللاھ رەھمىتى (بولغان يامغۇر)نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زاتتۇر. بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان نۇرغۇن ھايۋانلارنى ۋە ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. [48 _ 49]

  50. وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَٰهُ بَيۡنَهُمۡ لِيَذَّكَّرُواْ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا 

    Open ayah 25:50

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ تۇردۇق. (ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ) ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۇفرىلىقتىن باشقىسىغا ئۇنىمىدى.

  51. وَلَوۡ شِئۡنَا لَبَعَثۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٖ نَّذِيرٗا

    Open ayah 25:51

    ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە ھەربىر يۇرتقا بىردىن ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق.

  52. فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا

    Open ayah 25:52

    (سېنى زېمىن ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) سەن كاپىرلارغا بويسۇنمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى چوڭ جىھاد[96] ئېلىپ بارغىن.

    1. بۇ يەردىكى «جىھاد» قۇرئان كەرىمنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى قوللىنىپ كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىش دېگەنلىكتۇر.
  53. ۞وَهُوَ ٱلَّذِي مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞ وَجَعَلَ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٗا وَحِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا

    Open ayah 25:53

    ئاللاھ بىرى بەك تاتلىق، بىرى بەك تۇزلۇق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىر _ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىلىپ ئاقتۇرغان ۋە (ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (كۆرۈنمەيدىغان) توسۇق ۋە مۇستەھكەم پاسىل بەرپا قىلغان زاتتۇر.

  54. وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ مِنَ ٱلۡمَآءِ بَشَرٗا فَجَعَلَهُۥ نَسَبٗا وَصِهۡرٗاۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرٗا

    Open ayah 25:54

    ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئۇنى نەسەبلىك ۋە قۇدا _ باجىلىق قىلغان زاتتۇر. رەببىڭ ئەزەلدىن ھەممىگە قادىردۇر.

  55. وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمۡ وَلَا يَضُرُّهُمۡۗ وَكَانَ ٱلۡكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرٗا

    Open ayah 25:55

    (ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر ئىنسان ھەر دائىم رەببىگە قارشى تۇرۇپ (شەيتانغا ياردەمچى بولۇپ) كەلدى.

  56. وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا

    Open ayah 25:56

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق.

  57. قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا

    Open ayah 25:57

    سەن (ئۇلارغا ئېيتقىنكى): «مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت خالىغان كىشىلەرنىڭ رەببى تەرەپكە يول ئېلىشنىلا تىلەيمەن».

  58. وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡحَيِّ ٱلَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِهِۦۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا

    Open ayah 25:58

    ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر.

  59. ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَسۡـَٔلۡ بِهِۦ خَبِيرٗا

    Open ayah 25:59

    ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. ئۇ رەھماندۇر. سەن بۇنى بىلىدىغان زاتتىن (يەنى ئاللاھتىن) سورىغىن.

  60. وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩ 

    Open ayah 25:60

    ئۇلارغا: «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز سەن بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. (بۇ سۆز) ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.

  61. تَبَارَكَ ٱلَّذِي جَعَلَ فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجٗا وَقَمَرٗا مُّنِيرٗا

    Open ayah 25:61

    ئاسماندا ئوربىتىلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ (قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.

  62. وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ خِلۡفَةٗ لِّمَنۡ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوۡ أَرَادَ شُكُورٗا

    Open ayah 25:62

    ئاللاھ ئىبرەت ئېلىشنى ياكى شۈكۈر قىلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.

  63. وَعِبَادُ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلَّذِينَ يَمۡشُونَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ هَوۡنٗا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ ٱلۡجَٰهِلُونَ قَالُواْ سَلَٰمٗا

    Open ayah 25:63

    رەھمان ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلار: «ئامان بولۇڭلار» دەيدۇ (يەنى گۈزەل سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ).

  64. وَٱلَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمۡ سُجَّدٗا وَقِيَٰمٗا

    Open ayah 25:64

    ئۇلار كېچىلەرنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

  65. وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱصۡرِفۡ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا

    Open ayah 25:65

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! جەھەننەم ئازابىنى بىزدىن يىراق قىلغىن، شەكسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابى دائىملىقتۇر.

  66. إِنَّهَا سَآءَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا

    Open ayah 25:66

    جەھەننەم راستتىنلا يامان قارارگاھتۇر، يامان تۇرالغۇدۇر».

  67. وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَنفَقُواْ لَمۡ يُسۡرِفُواْ وَلَمۡ يَقۡتُرُواْ وَكَانَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ قَوَامٗا

    Open ayah 25:67

    ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، (چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ) ئىسراپ قىلمايدۇ، (بېخىللىق قىلىپ) چىڭ تۇتۇۋالمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.

  68. وَٱلَّذِينَ لَا يَدۡعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقۡتُلُونَ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَا يَزۡنُونَۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ يَلۡقَ أَثَامٗا

    Open ayah 25:68

    ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ (ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ (گۇناھلاردىن بىرەرسى)نى قىلىدىكەن، ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ.

  69. يُضَٰعَفۡ لَهُ ٱلۡعَذَابُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَيَخۡلُدۡ فِيهِۦ مُهَانًا

    Open ayah 25:69

    قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ خارلانغان ھالدا ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.

  70. إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلٗا صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِهِمۡ حَسَنَٰتٖۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا 

    Open ayah 25:70

    پەقەت تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.

  71. وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَإِنَّهُۥ يَتُوبُ إِلَى ٱللَّهِ مَتَابٗا

    Open ayah 25:71

    كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئاللاھقا ھەقىقىي يۈزلەنگەن بولىدۇ.

  72. وَٱلَّذِينَ لَا يَشۡهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّواْ بِٱللَّغۡوِ مَرُّواْ كِرَامٗا

    Open ayah 25:72

    ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، بىھۇدە سۆز _ ھەرىكەتلەرگە يولۇققاندا، ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

  73. وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَمۡ يَخِرُّواْ عَلَيۡهَا صُمّٗا وَعُمۡيَانٗا

    Open ayah 25:73

    ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، گاس ۋە كور بولۇۋالمايدۇ.

  74. وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبۡ لَنَا مِنۡ أَزۡوَٰجِنَا وَذُرِّيَّٰتِنَا قُرَّةَ أَعۡيُنٖ وَٱجۡعَلۡنَا لِلۡمُتَّقِينَ إِمَامًا

    Open ayah 25:74

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىغىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى قىلغىن» دەيدۇ.

  75. أُوْلَٰٓئِكَ يُجۡزَوۡنَ ٱلۡغُرۡفَةَ بِمَا صَبَرُواْ وَيُلَقَّوۡنَ فِيهَا تَحِيَّةٗ وَسَلَٰمًا

    Open ayah 25:75

    ئەنە شۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن، (جەننەتتىكى) ئالىي سارايلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.

  76. خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ حَسُنَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا

    Open ayah 25:76

    ئۇلار ئالىي سارايلاردا مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇ سارايلار نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي!

  77. قُلۡ مَا يَعۡبَؤُاْ بِكُمۡ رَبِّي لَوۡلَا دُعَآؤُكُمۡۖ فَقَدۡ كَذَّبۡتُمۡ فَسَوۡفَ يَكُونُ لِزَامَۢا

    Open ayah 25:77

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ (دۇئا ۋە ئىبادەت بىلەن) يالۋۇرۇشۇڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. (ئى كاپىرلار!) سىلەر (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلدىڭلار، شۇڭا سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا قالىسىلەر».