الشعراء
Ash-Shu'araa
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
طسٓمٓ
Open ayah 26:1تا، سىيم، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 26:2بۇ (ھەر نەرسىنى) ئېنىق بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
لَعَلَّكَ بَٰخِعٞ نَّفۡسَكَ أَلَّا يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:3(ئى پەيغەمبەر!) بەلكىم، سەن ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىدىغاندەك قىلىسەن.
إِن نَّشَأۡ نُنَزِّلۡ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ءَايَةٗ فَظَلَّتۡ أَعۡنَٰقُهُمۡ لَهَا خَٰضِعِينَ
Open ayah 26:4ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرەتتۇق _ دە، ئۇلار ئۇنىڭغا (مەجبۇرىي) باش ئەگكەن بولاتتى.
وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن ذِكۡرٖ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ مُحۡدَثٍ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهُ مُعۡرِضِينَ
Open ayah 26:5ئۇلارغا رەھمان ئاللاھ تەرىپىدىن يېڭى بىر نەسىھەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
فَقَدۡ كَذَّبُواْ فَسَيَأۡتِيهِمۡ أَنۢبَٰٓؤُاْ مَا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 26:6ئۇلار راستتىنلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى (ۋە مەسخىرە قىلدى). ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئىشنىڭ خەۋەرلىرى (ئازابى) ئۇلارغا ئۇزاققا قالماي كېلىدۇ.
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَمۡ أَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجٖ كَرِيمٍ
Open ayah 26:7ئۇلار زېمىندا قانچىلىغان تۈرلۈك ئېسىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ باقمىدىمۇ؟
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:8بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:9شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِذۡ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱئۡتِ ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 26:10ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا (مۇنداق دەپ) نىدا قىلغان ئىدى: «سەن ئۇ زالىم قەۋمنىڭ — پىرئەۋن قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار (مېنىڭ جازايىمدىن) قورقمامدۇ؟». [10 _ 11]
قَوۡمَ فِرۡعَوۡنَۚ أَلَا يَتَّقُونَ
Open ayah 26:11ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا (مۇنداق دەپ) نىدا قىلغان ئىدى: «سەن ئۇ زالىم قەۋمنىڭ — پىرئەۋن قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار (مېنىڭ جازايىمدىن) قورقمامدۇ؟». [10 _ 11]
قَالَ رَبِّ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
Open ayah 26:12مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن.
وَيَضِيقُ صَدۡرِي وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِي فَأَرۡسِلۡ إِلَىٰ هَٰرُونَ
Open ayah 26:13(ئۇلار مېنى ئىنكار قىلسا) مېنىڭ يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم گەپكە كەلمەي قالىدۇ، شۇڭا (ماڭا ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن) ھارۇنغىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغىن.
وَلَهُمۡ عَلَيَّ ذَنۢبٞ فَأَخَافُ أَن يَقۡتُلُونِ
Open ayah 26:14ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، (بۇ سەۋەبتىن) ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن».
قَالَ كَلَّاۖ فَٱذۡهَبَا بِـَٔايَٰتِنَآۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسۡتَمِعُونَ
Open ayah 26:15ئاللاھ ئېيتتى: «مۇمكىن ئەمەس (ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، شەكسىزكى، بىز سىلەر بىلەن بىللىمىز، (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز.
فَأۡتِيَا فِرۡعَوۡنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:16سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ: ›بىز راستتىنلا ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز.
أَنۡ أَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 26:17ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن› دەڭلار».
قَالَ أَلَمۡ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدٗا وَلَبِثۡتَ فِينَا مِنۡ عُمُرِكَ سِنِينَ
Open ayah 26:18(ئۇلار ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن (مۇساغا): « بىز سېنى ئائىلىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ھاياتىڭدىن ئۇزۇن يىل ئارىمىزدا تۇرمىدىڭمۇ؟
وَفَعَلۡتَ فَعۡلَتَكَ ٱلَّتِي فَعَلۡتَ وَأَنتَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 26:19سەن قىلىدىغان قىلغۇلۇقۇڭنى قىلغانغۇ! (يەنى ئادەم ئۆلتۈرگەنغۇ!)، سەن تۇزكورلاردىن ئىكەنسەن» دېدى.
قَالَ فَعَلۡتُهَآ إِذٗا وَأَنَا۠ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 26:20مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم.
فَفَرَرۡتُ مِنكُمۡ لَمَّا خِفۡتُكُمۡ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكۡمٗا وَجَعَلَنِي مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:21شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن قورقۇپ يېنىڭلاردىن قېچىپ كەتتىم، كېيىن رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى.
وَتِلۡكَ نِعۡمَةٞ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنۡ عَبَّدتَّ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 26:22سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىۋالغان تۇرۇپ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلىدىغان ياخشىلىقىڭ شۇمۇ؟».
قَالَ فِرۡعَوۡنُ وَمَا رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:23پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟».
قَالَ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
Open ayah 26:24مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر (ھەقىقەتكە) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ رەببىدۇر».
قَالَ لِمَنۡ حَوۡلَهُۥٓ أَلَا تَسۡتَمِعُونَ
Open ayah 26:25پىرئەۋن ئەتراپىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى.
قَالَ رَبُّكُمۡ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 26:26مۇسا ئېيتتى: «ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر».
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ ٱلَّذِيٓ أُرۡسِلَ إِلَيۡكُمۡ لَمَجۡنُونٞ
Open ayah 26:27پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى راستتىنلا مەجنۇن ئىكەن».
قَالَ رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 26:28مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار (بىلىسىلەركى، ئۇ) كۈنچىقىشنىڭ، كۈنپېتىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەۋجۇداتنىڭ رەببىدۇر».
قَالَ لَئِنِ ٱتَّخَذۡتَ إِلَٰهًا غَيۡرِي لَأَجۡعَلَنَّكَ مِنَ ٱلۡمَسۡجُونِينَ
Open ayah 26:29پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغانلاردىن قىلىمەن».
قَالَ أَوَلَوۡ جِئۡتُكَ بِشَيۡءٖ مُّبِينٖ
Open ayah 26:30مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر مەن ئوپئوچۇق بىر دەلىل كەلتۈرسەمچۇ؟».
قَالَ فَأۡتِ بِهِۦٓ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 26:31پىرئەۋن: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن» دېدى.
فَأَلۡقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعۡبَانٞ مُّبِينٞ
Open ayah 26:32مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى.
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِيَ بَيۡضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ
Open ayah 26:33مۇسا قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، شۇ ھامان ئۇ قاراپ تۇرغانلارغا ئاپئاق (نۇر) بولۇپ كۆرۈندى.
قَالَ لِلۡمَلَإِ حَوۡلَهُۥٓ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٞ
Open ayah 26:34پىرئەۋن ئەتراپىدىكى كاتتىباشلارغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى. سىلەر (بۇ ھەقتە) ماڭا نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟». [34 _ 35]
يُرِيدُ أَن يُخۡرِجَكُم مِّنۡ أَرۡضِكُم بِسِحۡرِهِۦ فَمَاذَا تَأۡمُرُونَ
Open ayah 26:35پىرئەۋن ئەتراپىدىكى كاتتىباشلارغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى. سىلەر (بۇ ھەقتە) ماڭا نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟». [34 _ 35]
قَالُوٓاْ أَرۡجِهۡ وَأَخَاهُ وَٱبۡعَثۡ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
Open ayah 26:36ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنىڭ ۋە قېرىندىشىنىڭ (ئىشىنى ھازىرچە) قويۇپ تۇرغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن.
يَأۡتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٖ
Open ayah 26:37ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن».
فَجُمِعَ ٱلسَّحَرَةُ لِمِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
Open ayah 26:38شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توپلاندى.
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلۡ أَنتُم مُّجۡتَمِعُونَ
Open ayah 26:39كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى. [39 _ 40]
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
Open ayah 26:40كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى. [39 _ 40]
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُواْ لِفِرۡعَوۡنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
Open ayah 26:41سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى.
قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
Open ayah 26:42پىرئەۋن: «ھەئە، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى.
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلۡقُواْ مَآ أَنتُم مُّلۡقُونَ
Open ayah 26:43مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى.
فَأَلۡقَوۡاْ حِبَالَهُمۡ وَعِصِيَّهُمۡ وَقَالُواْ بِعِزَّةِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبُونَ
Open ayah 26:44ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ قۇدرىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ، ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى.
فَأَلۡقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ
Open ayah 26:45مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، شۇ ھامان (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى يۈتۈۋەتتى.
فَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ
Open ayah 26:46سېھىرگەرلەر دەرھال سەجدىگە باردى.
قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:47ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە _ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە _ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى. [47 _ 48]
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ
Open ayah 26:48ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە _ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە _ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى. [47 _ 48]
قَالَ ءَامَنتُمۡ لَهُۥ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِي عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحۡرَ فَلَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 26:49پىرئەۋن: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار؟ شەكسىزكى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، سىلەر (مېنىڭ قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ _ سول قىلىپ كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم (دارغا) ئاسىمەن» دېدى.
قَالُواْ لَا ضَيۡرَۖ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ
Open ayah 26:50سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ئاۋۋال ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. [50 _ 51]
إِنَّا نَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَٰيَٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:51سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ئاۋۋال ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. [50 _ 51]
۞وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَسۡرِ بِعِبَادِيٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
Open ayah 26:52بىز مۇساغا: «سەن كېچىدە بەندىلىرىمنى ئېلىپ ئاتلانغىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
فَأَرۡسَلَ فِرۡعَوۡنُ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
Open ayah 26:53پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى.
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَشِرۡذِمَةٞ قَلِيلُونَ
Open ayah 26:54(پىرئەۋن) «بۇلار پەقەتلا بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر.
وَإِنَّهُمۡ لَنَا لَغَآئِظُونَ
Open ayah 26:55ئۇلار راستتىنلا بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى.
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَٰذِرُونَ
Open ayah 26:56بىز بولساق ئەلۋەتتە ھوشيار جامائەمىز» دېدى.
فَأَخۡرَجۡنَٰهُم مِّن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
Open ayah 26:57بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇلاردىن ئايرىۋەتتۇق. [57 _ 58]
وَكُنُوزٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ
Open ayah 26:58بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇلاردىن ئايرىۋەتتۇق. [57 _ 58]
كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 26:59شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق.
فَأَتۡبَعُوهُم مُّشۡرِقِينَ
Open ayah 26:60(پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى.
فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلۡجَمۡعَانِ قَالَ أَصۡحَٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدۡرَكُونَ
Open ayah 26:61ئىككى توپ بىر _ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ھەمراھلىرى: «بىز چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېدى.
قَالَ كَلَّآۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهۡدِينِ
Open ayah 26:62مۇسا ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ».
فَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡبَحۡرَۖ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرۡقٖ كَٱلطَّوۡدِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 26:63شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ئۇرۇۋىدى) دېڭىز يېرىلدى، (ھەربىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى.
وَأَزۡلَفۡنَا ثَمَّ ٱلۡأٓخَرِينَ
Open ayah 26:64ئىككىنچى توپ (پىرئەۋننىڭ قوشۇنى)نى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق.
وَأَنجَيۡنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 26:65مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
Open ayah 26:66ئاندىن ئىككىنچى توپنى سۇغا غەرق قىلدۇق.
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:67شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار. (شۇنداق تۇرسىمۇ، پىرئەۋن قەۋمىنىڭ) كۆپ سانلىقى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:68شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ إِبۡرَٰهِيمَ
Open ayah 26:69ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن.
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا تَعۡبُدُونَ
Open ayah 26:70ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟» دېدى.
قَالُواْ نَعۡبُدُ أَصۡنَامٗا فَنَظَلُّ لَهَا عَٰكِفِينَ
Open ayah 26:71ئۇلار: «بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىشتى.
قَالَ هَلۡ يَسۡمَعُونَكُمۡ إِذۡ تَدۡعُونَ
Open ayah 26:72ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟
أَوۡ يَنفَعُونَكُمۡ أَوۡ يَضُرُّونَ
Open ayah 26:73يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ياكى زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟».
قَالُواْ بَلۡ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفۡعَلُونَ
Open ayah 26:74ئۇلار ئېيتتى: «ياق (ئۇنداق قىلالمايدۇ)، لېكىن بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق».
قَالَ أَفَرَءَيۡتُم مَّا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ
Open ayah 26:75ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ۋە قەدىمقى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ نېمىگە چوقۇنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟ [75 _ 76]
أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلۡأَقۡدَمُونَ
Open ayah 26:76ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ۋە قەدىمقى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ نېمىگە چوقۇنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟ [75 _ 76]
فَإِنَّهُمۡ عَدُوّٞ لِّيٓ إِلَّا رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:77شەكسىزكى، ئۇلار (بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىلا (مەن ئىبادەت قىلىدىغان يېگانە زاتتۇر).
ٱلَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهۡدِينِ
Open ayah 26:78ئۇ مېنى ياراتقان، ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان زاتتۇر.
وَٱلَّذِي هُوَ يُطۡعِمُنِي وَيَسۡقِينِ
Open ayah 26:79ماڭا تائام ۋە ئۇسسۇلۇق بېرىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَإِذَا مَرِضۡتُ فَهُوَ يَشۡفِينِ
Open ayah 26:80ئاغرىپ قالسام مېنى ساقايتىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَٱلَّذِي يُمِيتُنِي ثُمَّ يُحۡيِينِ
Open ayah 26:81مېنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
وَٱلَّذِيٓ أَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لِي خَطِيٓـَٔتِي يَوۡمَ ٱلدِّينِ
Open ayah 26:82مەن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان زاتمۇ شۇدۇر.
رَبِّ هَبۡ لِي حُكۡمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 26:83ئى رەببىم! ماڭا ئىلىم _ ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى سالىھلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن.
وَٱجۡعَل لِّي لِسَانَ صِدۡقٖ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
Open ayah 26:84كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.
وَٱجۡعَلۡنِي مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ
Open ayah 26:85مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن.
وَٱغۡفِرۡ لِأَبِيٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 26:86ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن بولدى.
وَلَا تُخۡزِنِي يَوۡمَ يُبۡعَثُونَ
Open ayah 26:87(ئىنسانلار) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن.
يَوۡمَ لَا يَنفَعُ مَالٞ وَلَا بَنُونَ
Open ayah 26:88ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ.
إِلَّا مَنۡ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلۡبٖ سَلِيمٖ
Open ayah 26:89پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 26:90جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.
وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِلۡغَاوِينَ
Open ayah 26:91دوزاخ ئازغۇنلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.
وَقِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ
Open ayah 26:92ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قېنى؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرى ياردەمگە ئېرىشەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ. [92 _ 93]
مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلۡ يَنصُرُونَكُمۡ أَوۡ يَنتَصِرُونَ
Open ayah 26:93ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قېنى؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرى ياردەمگە ئېرىشەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ. [92 _ 93]
فَكُبۡكِبُواْ فِيهَا هُمۡ وَٱلۡغَاوُۥنَ
Open ayah 26:94ساختا مەبۇدلار، (ئۇلارغا چوقۇنغان) ئازغۇنلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى _ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. [94 _ 95]
وَجُنُودُ إِبۡلِيسَ أَجۡمَعُونَ
Open ayah 26:95ساختا مەبۇدلار، (ئۇلارغا چوقۇنغان) ئازغۇنلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى _ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. [94 _ 95]
قَالُواْ وَهُمۡ فِيهَا يَخۡتَصِمُونَ
Open ayah 26:96ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئۆتكەن ئىكەنمىز. [96 _ 97]
تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
Open ayah 26:97ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئۆتكەن ئىكەنمىز. [96 _ 97]
إِذۡ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:98(ئى ساختا ئىلاھلار!) ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن كۆرگەن ئىكەنمىز.
وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 26:99بىزنى پەقەت ئاشۇ گۇناھكارلار ئازدۇرغان ئىكەن.
فَمَا لَنَا مِن شَٰفِعِينَ
Open ayah 26:100شۇڭا ئەمدى بىزگە ھېچقانداق شاپائەتچى يوق، يېقىن دوستمۇ يوق. [100 _ 101]
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٖ
Open ayah 26:101شۇڭا ئەمدى بىزگە ھېچقانداق شاپائەتچى يوق، يېقىن دوستمۇ يوق. [100 _ 101]
فَلَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:102كاشكى، بىزگە (دۇنياغا) قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق».
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:103شەكسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىدە، كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:104شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتۡ قَوۡمُ نُوحٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:105نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 26:106ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ: «سىلەر (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 26:107مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:108شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:109مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:110شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئىدى.
۞قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلۡأَرۡذَلُونَ
Open ayah 26:111ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، بىز ساڭا ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى.
قَالَ وَمَا عِلۡمِي بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 26:112نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقمايمەن.
إِنۡ حِسَابُهُمۡ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّيۖ لَوۡ تَشۡعُرُونَ
Open ayah 26:113ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت رەببىم ئۈستىگە ئالغان.
وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:114مەن مۇئمىنلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن.
إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 26:115مەن پەقەت ئوچۇق _ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمَرۡجُومِينَ
Open ayah 26:116ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (بۇ دەۋىتىڭدىن) ۋاز كەچمىسەڭ، سەن چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن».
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوۡمِي كَذَّبُونِ
Open ayah 26:117نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى.
فَٱفۡتَحۡ بَيۡنِي وَبَيۡنَهُمۡ فَتۡحٗا وَنَجِّنِي وَمَن مَّعِيَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:118سەن ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزغىن».
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ
Open ayah 26:119بىز (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق.
ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا بَعۡدُ ٱلۡبَاقِينَ
Open ayah 26:120(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن، ئاندىن قالغانلارنى سۇدا غەرق قىلدۇق.
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:121شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئيىتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:122شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتۡ عَادٌ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:123ئاد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 26:124ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 26:125مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:126شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:127مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتَبۡنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةٗ تَعۡبَثُونَ
Open ayah 26:128سىلەر بىھۇدە ئىش قىلىپ، ھەربىر ئېگىز جايغا بىر قەسىر بىنا قىلامسىلەر؟
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمۡ تَخۡلُدُونَ
Open ayah 26:129(دۇنيادا) مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟
وَإِذَا بَطَشۡتُم بَطَشۡتُمۡ جَبَّارِينَ
Open ayah 26:130بىراۋنى جازالىساڭلار، زالىملارچە جازالايسىلەر.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:131سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِيٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 26:132سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان (تۈرلۈك) نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
أَمَدَّكُم بِأَنۡعَٰمٖ وَبَنِينَ
Open ayah 26:133ئاللاھ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى ۋە بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى. [133 _ 134]
وَجَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ
Open ayah 26:134ئاللاھ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى ۋە بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى. [133 _ 134]
إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
Open ayah 26:135مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».
قَالُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَوَعَظۡتَ أَمۡ لَمۡ تَكُن مِّنَ ٱلۡوَٰعِظِينَ
Open ayah 26:136ئۇلار ئېيتتى: «سەن نەسىھەت قىلامسەن ياكى نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىزگە بەرىبىر ئوخشاش.
إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 26:137بۇ (يەنى بۇتلارغا چوقۇنۇش) پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت.
وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ
Open ayah 26:138بىز ھەرگىز جازالانمايمىز».
فَكَذَّبُوهُ فَأَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:139ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىۋىدى، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى. (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:140شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:141سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ صَٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 26:142ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 26:143مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:144شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:145مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتُتۡرَكُونَ فِي مَا هَٰهُنَآ ءَامِنِينَ
Open ayah 26:146سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالدۇرىلىمىز دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ [146 _ 148]
فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
Open ayah 26:147سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالدۇرىلىمىز دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ [146 _ 148]
وَزُرُوعٖ وَنَخۡلٖ طَلۡعُهَا هَضِيمٞ
Open ayah 26:148سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالدۇرىلىمىز دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ [146 _ 148]
وَتَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا فَٰرِهِينَ
Open ayah 26:149ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:150سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَلَا تُطِيعُوٓاْ أَمۡرَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
Open ayah 26:151زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار». [151 _ 152]
ٱلَّذِينَ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ
Open ayah 26:152زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار». [151 _ 152]
قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ
Open ayah 26:153ئۇلار ئېيتتى: «سەن راستتىنلا قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىن ئىكەنسەن.
مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا فَأۡتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 26:154سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىنە؟».
قَالَ هَٰذِهِۦ نَاقَةٞ لَّهَا شِرۡبٞ وَلَكُمۡ شِرۡبُ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
Open ayah 26:155سالىھ ئېيتتى: «بۇ بىر چىشى تۆگىدۇر، ئۇنىڭ (قۇدۇق سۈيىدىن) بىر كۈن ئىچىش نۆۋىتى بولىدۇ، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بولىدۇ.
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابُ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
Open ayah 26:156ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قالىسىلەر».
فَعَقَرُوهَا فَأَصۡبَحُواْ نَٰدِمِينَ
Open ayah 26:157ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇشايماندا قالدى.
فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:158(ئاگاھلاندۇرۇلغان) ئازاب ئۇلارغا چۈشتى. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تولىسى (يەنىلا) ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:159شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:160لۇتنىڭ قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 26:161ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 26:162مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:163شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:164مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
أَتَأۡتُونَ ٱلذُّكۡرَانَ مِنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:165رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ، جاھان ئەھلى ئىچىدىن ئەرلەرگە يېقىن كېلەمسىلەر؟ (بەچچىۋازلىق قىلامسىلەر؟) سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر قەۋم ئىكەنسىلەر». [165 _ 166]
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٌ عَادُونَ
Open ayah 26:166رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ، جاھان ئەھلى ئىچىدىن ئەرلەرگە يېقىن كېلەمسىلەر؟ (بەچچىۋازلىق قىلامسىلەر؟) سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر قەۋم ئىكەنسىلەر». [165 _ 166]
قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُخۡرَجِينَ
Open ayah 26:167ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (بۇ دەۋىتىڭدىن) ۋاز كەچمىسەڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن».
قَالَ إِنِّي لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلۡقَالِينَ
Open ayah 26:168لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن.
رَبِّ نَجِّنِي وَأَهۡلِي مِمَّا يَعۡمَلُونَ
Open ayah 26:169ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى (تۈپەيلىدىن ئۇلارغا كېلىدىغان ئازاب)دىن مېنى ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتىمنى قۇتقۇزغىن».
فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 26:170بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق، پەقەت قېرى ئايالىلا ھالاك بولىدىغانلارنىڭ ئىچىدە (قېلىپ قالدى). [170 _ 171]
إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ
Open ayah 26:171بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق، پەقەت قېرى ئايالىلا ھالاك بولىدىغانلارنىڭ ئىچىدە (قېلىپ قالدى). [170 _ 171]
ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
Open ayah 26:172ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق.
وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلۡمُنذَرِينَ
Open ayah 26:173ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز (تاشتىن) يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:174شەكسىزكى، بۇنىڭدا (كېيىنكىلەر ئۈچۈن) ئەلۋەتتە چوڭ ئىبرەت بار ئىدى، (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئيىتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:175شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 26:176ئەيكەلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ شُعَيۡبٌ أَلَا تَتَّقُونَ
Open ayah 26:177ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 26:178مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 26:179شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:180مەن بۇنىڭغا (يەنى سىلەرگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىدىغان زات پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
۞أَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَلَا تَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُخۡسِرِينَ
Open ayah 26:181(ئۆلچىگەندە) تولۇق ئۆلچەڭلار، (كىشىلەرنىڭ ھەققىنى) كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار.
وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِ
Open ayah 26:182توغرا تارازىدا تارتىڭلار.
وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
Open ayah 26:183كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە _ پاسات تېرىماڭلار.
وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلۡجِبِلَّةَ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 26:184سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار».
قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ
Open ayah 26:185ئۇلار ئېيتتى: «سەن راستتىنلا قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىن ئىكەنسەن.
وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 26:186سەن پەقەت بىزگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز.
فَأَسۡقِطۡ عَلَيۡنَا كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 26:187ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بۇلۇتتىن بىر قانچە پارچىنى چۈشۈرۈپ باققىن».
قَالَ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 26:188شۇئەيب ئېيتتى: «رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ».
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمۡ عَذَابُ يَوۡمِ ٱلظُّلَّةِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٍ
Open ayah 26:189ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سايە [97] كۈنىنىڭ ئازابىغا تۇتۇلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر كۈننىڭ ئازابى ئىدى.
- ئەيكەلىكلەر قاتتىق ئىسسىقتا قالغان بولۇپ، بۇ ئىسسىق يەتتە كۈن داۋام قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر بۇلۇت پەيدا بولغان. ئۇلار سايىداش ئۈچۈن ھەممىسى بۇلۇتنىڭ ئاستىغا توپلانغاندا، ئوت چۈشۈپ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. (تەپسىرى رازى12/24، 165) .
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:190بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئىبرەت بار ئىدى. (ئەمما) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمىدى.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 26:191شەكسىزكى، رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 26:192شۈبھىسىزكى، بۇ (قۇرئان) ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلۡأَمِينُ
Open ayah 26:193(ئى پەيغەمبەر!) ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىشەنچلىك (پەرىشتە) جىبرىل سېنىڭ قەلبىڭگە روشەن ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى. [193 _ 195]
عَلَىٰ قَلۡبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُنذِرِينَ
Open ayah 26:194(ئى پەيغەمبەر!) ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىشەنچلىك (پەرىشتە) جىبرىل سېنىڭ قەلبىڭگە روشەن ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى. [193 _ 195]
بِلِسَانٍ عَرَبِيّٖ مُّبِينٖ
Open ayah 26:195(ئى پەيغەمبەر!) ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىشەنچلىك (پەرىشتە) جىبرىل سېنىڭ قەلبىڭگە روشەن ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى. [193 _ 195]
وَإِنَّهُۥ لَفِي زُبُرِ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 26:196ھەقىقەتەن ئۇ (قۇرئان) ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلاردا زىكىر قىلىنغاندۇر.
أَوَلَمۡ يَكُن لَّهُمۡ ءَايَةً أَن يَعۡلَمَهُۥ عُلَمَٰٓؤُاْ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 26:197ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى ئۆلىمالارنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) كۆرسىتىدىغان دەلىل بولالمامدۇ؟
وَلَوۡ نَزَّلۡنَٰهُ عَلَىٰ بَعۡضِ ٱلۡأَعۡجَمِينَ
Open ayah 26:198ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ ئادەم قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى. [198 _ 199]
فَقَرَأَهُۥ عَلَيۡهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ مُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:199ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ ئادەم قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى. [198 _ 199]
كَذَٰلِكَ سَلَكۡنَٰهُ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 26:200شۇنىڭدەك، گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىنكارچىلىقنى سېلىۋەتتۇق.
لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
Open ayah 26:201ئۇلار قىينىغۇچى ئازابنى كۆرمىگۈچە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.
فَيَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 26:202(ئۇ ئازاب) ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار (ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ.
فَيَقُولُواْ هَلۡ نَحۡنُ مُنظَرُونَ
Open ayah 26:203(شۇ چاغدا) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدىغاندۇ؟» دېيىشىپ كېتىدۇ.
أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ
Open ayah 26:204(ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، يەنىلا) ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىگە ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟
أَفَرَءَيۡتَ إِن مَّتَّعۡنَٰهُمۡ سِنِينَ
Open ayah 26:205(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتىپ باققىنە! ئەگەر ئۇلارنى يىللارچە (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ [205 _ 207]
ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُواْ يُوعَدُونَ
Open ayah 26:206(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتىپ باققىنە! ئەگەر ئۇلارنى يىللارچە (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ [205 _ 207]
مَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يُمَتَّعُونَ
Open ayah 26:207(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتىپ باققىنە! ئەگەر ئۇلارنى يىللارچە (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ [205 _ 207]
وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ
Open ayah 26:208بىز ھېچقانداق بىر يۇرتنى ئۇنىڭ ئاھالىسىغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق، بىز ئەسلا زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس. [208 _ 209]
ذِكۡرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
Open ayah 26:209بىز ھېچقانداق بىر يۇرتنى ئۇنىڭ ئاھالىسىغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق، بىز ئەسلا زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس. [208 _ 209]
وَمَا تَنَزَّلَتۡ بِهِ ٱلشَّيَٰطِينُ
Open ayah 26:210قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق.
وَمَا يَنۢبَغِي لَهُمۡ وَمَا يَسۡتَطِيعُونَ
Open ayah 26:211بۇ ئۇلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس. (ئۇنىڭغا) ئۇلارنىڭ زادى كۈچى يەتمەيدۇ.
إِنَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّمۡعِ لَمَعۡزُولُونَ
Open ayah 26:212چۈنكى ئۇلار ئوغرىلىقچە (ۋەھيىنى) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان.
فَلَا تَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُعَذَّبِينَ
Open ayah 26:213ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى قوشۇپ ئىبادەت قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ) ئازابقا قالىدىغانلاردىن بولۇپ قالىسەن.
وَأَنذِرۡ عَشِيرَتَكَ ٱلۡأَقۡرَبِينَ
Open ayah 26:214(ئى پەيغەمبەر! ئاۋۋال) يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن.
وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 26:215ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.
فَإِنۡ عَصَوۡكَ فَقُلۡ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 26:216ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن بىزارمەن» دېگىن.
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 26:217سېنىڭ (نامازغا) تۇرغان ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ۋە سەجدە قىلغۇچىلار (ناماز ئوقۇغۇچىلار) ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [217 _ 220]
ٱلَّذِي يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ
Open ayah 26:218سېنىڭ (نامازغا) تۇرغان ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ۋە سەجدە قىلغۇچىلار (ناماز ئوقۇغۇچىلار) ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [217 _ 220]
وَتَقَلُّبَكَ فِي ٱلسَّٰجِدِينَ
Open ayah 26:219سېنىڭ (نامازغا) تۇرغان ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ۋە سەجدە قىلغۇچىلار (ناماز ئوقۇغۇچىلار) ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [217 _ 220]
إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 26:220سېنىڭ (نامازغا) تۇرغان ۋاقتىڭدىكى ھالىتىڭنى ۋە سەجدە قىلغۇچىلار (ناماز ئوقۇغۇچىلار) ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [217 _ 220]
هَلۡ أُنَبِّئُكُمۡ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَٰطِينُ
Open ayah 26:221مەن سىلەرگە شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٖ
Open ayah 26:222ئۇلار ھەربىر تۆھمەتخور گۇناھكارغا چۈشىدۇ.
يُلۡقُونَ ٱلسَّمۡعَ وَأَكۡثَرُهُمۡ كَٰذِبُونَ
Open ayah 26:223ئۇلار ئۇنىڭغا (ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغان) گەپلەرنى يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ (شەيتانلارنىڭ) تولىسى يالغانچىلاردۇر.
وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلۡغَاوُۥنَ
Open ayah 26:224شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ.
أَلَمۡ تَرَ أَنَّهُمۡ فِي كُلِّ وَادٖ يَهِيمُونَ
Open ayah 26:225ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى قىلمايدىغان ئىشلارنى دەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [225 _ 226]
وَأَنَّهُمۡ يَقُولُونَ مَا لَا يَفۡعَلُونَ
Open ayah 26:226ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى قىلمايدىغان ئىشلارنى دەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [225 _ 226]
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَذَكَرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱنتَصَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَيَّ مُنقَلَبٖ يَنقَلِبُونَ
Open ayah 26:227پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان [98] شائىرلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
- بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنى سۆكۈپ شېئىر ئېيتقان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنى يەڭگەن مۇسۇلمان شائىرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.