النمل
An-Naml
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
طسٓۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡقُرۡءَانِ وَكِتَابٖ مُّبِينٍ
Open ayah 27:1تا، سىين (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار قۇرئاننىڭ ۋە (ھەر نەرسىنى) روشەن بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
هُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 27:2ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەردۇر. [2 _ 3]
ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ
Open ayah 27:3ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەردۇر. [2 _ 3]
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُمۡ يَعۡمَهُونَ
Open ayah 27:4شەكسىزكى، بىز ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق. شۇڭا، ئۇلار (ئازغۇنلۇقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَهُمۡ سُوٓءُ ٱلۡعَذَابِ وَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡأَخۡسَرُونَ
Open ayah 27:5ئەنە شۇلارغا ئەڭ قاتتىق ئازاب بار، ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارمۇ دەل شۇلاردۇر.
وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى ٱلۡقُرۡءَانَ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ عَلِيمٍ
Open ayah 27:6(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلمەكتە.
إِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهۡلِهِۦٓ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا سَـَٔاتِيكُم مِّنۡهَا بِخَبَرٍ أَوۡ ءَاتِيكُم بِشِهَابٖ قَبَسٖ لَّعَلَّكُمۡ تَصۡطَلُونَ
Open ayah 27:7ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن بىر ئوت كۆردۈم، مەن (بېرىپ) سىلەرگە ئۇ يەردىن (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن (ئوتتىن) بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا جَآءَهَا نُودِيَ أَنۢ بُورِكَ مَن فِي ٱلنَّارِ وَمَنۡ حَوۡلَهَا وَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 27:8مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا قىلىندى: «ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىگە ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىندى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پاكتۇر.
يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّهُۥٓ أَنَا ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 27:9ئى مۇسا! شەكسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
وَأَلۡقِ عَصَاكَۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهۡتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنّٞ وَلَّىٰ مُدۡبِرٗا وَلَمۡ يُعَقِّبۡۚ يَٰمُوسَىٰ لَا تَخَفۡ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
Open ayah 27:10ھاساڭنى تاشلىغىن!». مۇسا (ھاسىسىنى تاشلىغاندىن كېيىن) ھاسىسىنىڭ گويا يىلاندەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، (قورققىنىدىن) كەينىگە قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى): «ئى مۇسا! قورقمىغىن، شەكسىزكى، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر قورقمايدۇ.
إِلَّا مَن ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسۡنَۢا بَعۡدَ سُوٓءٖ فَإِنِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 27:11پەقەت كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىپ، ئاندىن (تەۋبە قىلىپ) يامان قىلمىشلىرىنى تاشلاپ، ياخشى ئىش قىلسا، ھەقىقەتەن مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، تولىمۇ مېھرىبانمەن.
وَأَدۡخِلۡ يَدَكَ فِي جَيۡبِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٖۖ فِي تِسۡعِ ءَايَٰتٍ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَقَوۡمِهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
Open ayah 27:12قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر كېسەلدىن ئەمەس (بەلكى مۆجىزە سۈپىتىدە) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى».
فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَٰتُنَا مُبۡصِرَةٗ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
Open ayah 27:13ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىز (ھەقىقەتنى ئوپئوچۇق) نامايان قىلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
وَجَحَدُواْ بِهَا وَٱسۡتَيۡقَنَتۡهَآ أَنفُسُهُمۡ ظُلۡمٗا وَعُلُوّٗاۚ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 27:14ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرگە دىلىدا شەكسىز ئىشەنگەن تۇرۇپ، ھەقىقەتكە قارشى چىقىش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ عِلۡمٗاۖ وَقَالَا ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّنۡ عِبَادِهِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 27:15ھەقىقەتەن بىز داۋۇدقا ۋە سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلار: «ئاللاھقا شۈكۈركى، ئۇ بىزنى نۇرغۇنلىغان مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلدى» دېدى.
وَوَرِثَ سُلَيۡمَٰنُ دَاوُۥدَۖ وَقَالَ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ عُلِّمۡنَا مَنطِقَ ٱلطَّيۡرِ وَأُوتِينَا مِن كُلِّ شَيۡءٍۖ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 27:16سۇلەيمان (ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى بىلدۈرۈلدى ۋە (ئېھتىياجلىق بولغان) ھەممە نەرسە بېرىلدى. بۇ ئەلۋەتتە، (ئاللاھتىن كەلگەن) ئوپئوچۇق ئېھساندۇر» دېدى.
وَحُشِرَ لِسُلَيۡمَٰنَ جُنُودُهُۥ مِنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ وَٱلطَّيۡرِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ
Open ayah 27:17سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا توپلاندى. ئۇلار ۋەزىپىلىرىگە تەرتىپلىك تەقسىملىنەتتى.
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَوۡاْ عَلَىٰ وَادِ ٱلنَّمۡلِ قَالَتۡ نَمۡلَةٞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّمۡلُ ٱدۡخُلُواْ مَسَٰكِنَكُمۡ لَا يَحۡطِمَنَّكُمۡ سُلَيۡمَٰنُ وَجُنُودُهُۥ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 27:18نىھايەت، ئۇلار چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چىشى[99] چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! (دەرھال) ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى تۇيماستىن سىلەرنى يانچىۋەتمىسۇن».
- چۈمۈلىلەرنىڭ شاھى چىشى چۈمۈلە بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنىدىكەن.
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكٗا مِّن قَوۡلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَدۡخِلۡنِي بِرَحۡمَتِكَ فِي عِبَادِكَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 27:19سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئېيتتى: «ئى رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا _ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى سالىھ بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
وَتَفَقَّدَ ٱلطَّيۡرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَآ أَرَى ٱلۡهُدۡهُدَ أَمۡ كَانَ مِنَ ٱلۡغَآئِبِينَ
Open ayah 27:20سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! يا ئۇ كەلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدىنمۇ؟
لَأُعَذِّبَنَّهُۥ عَذَابٗا شَدِيدًا أَوۡ لَأَاْذۡبَحَنَّهُۥٓ أَوۡ لَيَأۡتِيَنِّي بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
Open ayah 27:21ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلىۋېتىمەن ياكى ئۇ چوقۇم (ئۆزرىسىنى كۆرسىتىپ) ماڭا بىرەر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
فَمَكَثَ غَيۡرَ بَعِيدٖ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمۡ تُحِطۡ بِهِۦ وَجِئۡتُكَ مِن سَبَإِۭ بِنَبَإٖ يَقِينٍ
Open ayah 27:22ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ (كەلدى ۋە) ئېيتتى: «مەن سەن ئىگىلىمىگەن بىر مەلۇماتنى ئىگىلىدىم، ساڭا سەبەئ (قەبىلىسى) توغرىسىدا ئىشەنچلىك بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
إِنِّي وَجَدتُّ ٱمۡرَأَةٗ تَمۡلِكُهُمۡ وَأُوتِيَتۡ مِن كُلِّ شَيۡءٖ وَلَهَا عَرۡشٌ عَظِيمٞ
Open ayah 27:23مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭغا (سەلتەنەتكە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ كاتتا تەختكە ئىگە ئىكەن.
وَجَدتُّهَا وَقَوۡمَهَا يَسۡجُدُونَ لِلشَّمۡسِ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ فَهُمۡ لَا يَهۡتَدُونَ
Open ayah 27:24ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (ئېنىقكى) شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ، شۇڭا ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ.
أَلَّاۤ يَسۡجُدُواْۤ لِلَّهِ ٱلَّذِي يُخۡرِجُ ٱلۡخَبۡءَ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُخۡفُونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ
Open ayah 27:25(شەيتان) ئۇلارنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاشكارىلايدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان (بارلىق) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمىسۇن (دەپ شۇنداق ئازدۇرۇپ كېتىپتۇ).
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ۩
Open ayah 27:26ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر».
۞قَالَ سَنَنظُرُ أَصَدَقۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 27:27سۇلەيمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، ياكى يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قاراپ باقىمىز.
ٱذۡهَب بِّكِتَٰبِي هَٰذَا فَأَلۡقِهۡ إِلَيۡهِمۡ ثُمَّ تَوَلَّ عَنۡهُمۡ فَٱنظُرۡ مَاذَا يَرۡجِعُونَ
Open ayah 27:28بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا) تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (ئۆز ئارىسىدا) نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن».
قَالَتۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ إِنِّيٓ أُلۡقِيَ إِلَيَّ كِتَٰبٞ كَرِيمٌ
Open ayah 27:29(سۇلەيماننىڭ خېتىنى ئالغان سەبەئ مەلىكىسى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلەيماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭدا) ‹ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، [29 _ 30]
إِنَّهُۥ مِن سُلَيۡمَٰنَ وَإِنَّهُۥ بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 27:30(سۇلەيماننىڭ خېتىنى ئالغان سەبەئ مەلىكىسى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلەيماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭدا) ‹ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، [29 _ 30]
أَلَّا تَعۡلُواْ عَلَيَّ وَأۡتُونِي مُسۡلِمِينَ
Open ayah 27:31سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار› (دەپ يېزىلىپتۇ)».
قَالَتۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ أَفۡتُونِي فِيٓ أَمۡرِي مَا كُنتُ قَاطِعَةً أَمۡرًا حَتَّىٰ تَشۡهَدُونِ
Open ayah 27:32(بىلقىس) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىم توغرىسىدا ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار، مەن سىلەرنى قاتناشتۇرماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىشنى بېكىتكىنىم يوق».
قَالُواْ نَحۡنُ أُوْلُواْ قُوَّةٖ وَأُوْلُواْ بَأۡسٖ شَدِيدٖ وَٱلۡأَمۡرُ إِلَيۡكِ فَٱنظُرِي مَاذَا تَأۡمُرِينَ
Open ayah 27:33ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز. قانداق قىلىش يەنىلا سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر. بىزنى نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆرگىن».
قَالَتۡ إِنَّ ٱلۡمُلُوكَ إِذَا دَخَلُواْ قَرۡيَةً أَفۡسَدُوهَا وَجَعَلُوٓاْ أَعِزَّةَ أَهۡلِهَآ أَذِلَّةٗۚ وَكَذَٰلِكَ يَفۡعَلُونَ
Open ayah 27:34(بىلقىس) ئېيتتى: «شۇ ئېنىقكى، پادىشاھلار بىرەر يۇرتقا (ھۇجۇم قىلىپ) كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، ئۇ يۇرتنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى خار قىلىدۇ. (بەلكىم) ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
وَإِنِّي مُرۡسِلَةٌ إِلَيۡهِم بِهَدِيَّةٖ فَنَاظِرَةُۢ بِمَ يَرۡجِعُ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
Open ayah 27:35مەن ئۇلارغا سوۋغات ئەۋەتىمەن، ئاندىن ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن».
فَلَمَّا جَآءَ سُلَيۡمَٰنَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٖ فَمَآ ءَاتَىٰنِۦَ ٱللَّهُ خَيۡرٞ مِّمَّآ ءَاتَىٰكُمۚ بَلۡ أَنتُم بِهَدِيَّتِكُمۡ تَفۡرَحُونَ
Open ayah 27:36ئەلچى سۇلەيماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلەيمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا پۇل _ مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى سىلەرگە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلار سۆيۈنىسىلەر.
ٱرۡجِعۡ إِلَيۡهِمۡ فَلَنَأۡتِيَنَّهُم بِجُنُودٖ لَّا قِبَلَ لَهُم بِهَا وَلَنُخۡرِجَنَّهُم مِّنۡهَآ أَذِلَّةٗ وَهُمۡ صَٰغِرُونَ
Open ayah 27:37(ئى ئەلچى!) سەن (سوۋغىتىڭنى ئېلىپ) ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكىن. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم (باستۇرۇپ) بارىمىز، ئۇلارنى چوقۇم يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چىقىرىۋېتىمىز».
قَالَ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ أَيُّكُمۡ يَأۡتِينِي بِعَرۡشِهَا قَبۡلَ أَن يَأۡتُونِي مُسۡلِمِينَ
Open ayah 27:38(ئاندىن سۇلەيمان) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ماڭا ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىسىلەر؟».
قَالَ عِفۡرِيتٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبۡلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَۖ وَإِنِّي عَلَيۡهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٞ
Open ayah 27:39جىنلاردىن ئەڭ كۈچلۈك بىرى ئېيتتى: «سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بولغۇچە مەن ئۇنى يېنىڭغا ئەكېلىپ بولىمەن. شەكسىزكى، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن».
قَالَ ٱلَّذِي عِندَهُۥ عِلۡمٞ مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبۡلَ أَن يَرۡتَدَّ إِلَيۡكَ طَرۡفُكَۚ فَلَمَّا رَءَاهُ مُسۡتَقِرًّا عِندَهُۥ قَالَ هَٰذَا مِن فَضۡلِ رَبِّي لِيَبۡلُوَنِيٓ ءَأَشۡكُرُ أَمۡ أَكۡفُرُۖ وَمَن شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشۡكُرُ لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيّٞ كَرِيمٞ
Open ayah 27:40(ساماۋى) كىتابتىن مەلۇماتى بار بىرسى: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىڭغا ئەكېلىپ بولىمەن» دېدى (راستتىنلا ئېلىپ كەلدى). سۇلەيمان تەختنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ مېنى شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ دەپ سىناش ئۈچۈن ماڭا قىلغان پەزلىدۇر. كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ھەقىقەتەن رەببىم (ھەممىدىن) بىھاجەت، پەزل-كەرەمى كەڭ زاتتۇر» دېدى.
قَالَ نَكِّرُواْ لَهَا عَرۡشَهَا نَنظُرۡ أَتَهۡتَدِيٓ أَمۡ تَكُونُ مِنَ ٱلَّذِينَ لَا يَهۡتَدُونَ
Open ayah 27:41سۇلەيمان (بىلقىسنى سىناش ئۈچۈن، ئادەملىرىگە) ئېيتتى: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىۋېتىڭلار، ئۇنى تونۇيالامدۇ ياكى تونۇيالمايدىغانلاردىن بولامدۇ، قاراپ باقايلى».
فَلَمَّا جَآءَتۡ قِيلَ أَهَٰكَذَا عَرۡشُكِۖ قَالَتۡ كَأَنَّهُۥ هُوَۚ وَأُوتِينَا ٱلۡعِلۡمَ مِن قَبۡلِهَا وَكُنَّا مُسۡلِمِينَ
Open ayah 27:42بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمىدى؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلەيمان ئېيتتى) «بىزگە ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇنلا ئىلىم بېرىلگەن، بىز مۇسۇلمان بولغان ئىدۇق».
وَصَدَّهَا مَا كَانَت تَّعۡبُدُ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ إِنَّهَا كَانَتۡ مِن قَوۡمٖ كَٰفِرِينَ
Open ayah 27:43ئۇنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇنى (بۈگۈنگىچە ھەق دىندىن) توسۇپ قويغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى.
قِيلَ لَهَا ٱدۡخُلِي ٱلصَّرۡحَۖ فَلَمَّا رَأَتۡهُ حَسِبَتۡهُ لُجَّةٗ وَكَشَفَتۡ عَن سَاقَيۡهَاۚ قَالَ إِنَّهُۥ صَرۡحٞ مُّمَرَّدٞ مِّن قَوَارِيرَۗ قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي ظَلَمۡتُ نَفۡسِي وَأَسۡلَمۡتُ مَعَ سُلَيۡمَٰنَ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 27:44ئۇنىڭغا: «قەسىرگە كىرىڭ!» دېيىلدى، ئۇ قەسىرنى كۆرگەندە ئۇنى چوڭقۇر سۇ دەپ ئويلاپ (ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى. (سۇلەيمان ئۇنىڭغا): «بۇ ھەقىقەتەن ئەينەكتىن ياسالغان قەسىردۇر» دېدى. (بىلقىس) ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن (سېنى تونۇماي) ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم زۇلۇم قىپتىكەنمەن، ئەمدى سۇلەيمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى ئىمان ئېيتتىم)».
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ فَإِذَا هُمۡ فَرِيقَانِ يَخۡتَصِمُونَ
Open ayah 27:45بىز ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمىگە قېرىندىشى سالىھنى «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (دەپ دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن ئىدۇق. (ئۇ دەۋەت قىلىۋىدى) شۇ ھامان ئۇلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ جېدەللىشىپ كەتتى.
قَالَ يَٰقَوۡمِ لِمَ تَسۡتَعۡجِلُونَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبۡلَ ٱلۡحَسَنَةِۖ لَوۡلَا تَسۡتَغۡفِرُونَ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
Open ayah 27:46سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ تېزرەك كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟».
قَالُواْ ٱطَّيَّرۡنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَۚ قَالَ طَٰٓئِرُكُمۡ عِندَ ٱللَّهِۖ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تُفۡتَنُونَ
Open ayah 27:47ئۇلار ئېيتتى: «(بېشىمىزغا كەلگەن خاپىلىق) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «بېشىڭلارغا كېلىدىغىنى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەر سىنىلىۋاتقان بىر قەۋمسىلەر».
وَكَانَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ تِسۡعَةُ رَهۡطٖ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ
Open ayah 27:48(ھىجر[100]) شەھىرىدە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ياخشى ئىش قىلمايدىغان توققۇز ئادەم بار ئىدى.
- ھىجر- ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بىر جاينىڭ ئىسمى.
قَالُواْ تَقَاسَمُواْ بِٱللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِۦ مَا شَهِدۡنَا مَهۡلِكَ أَهۡلِهِۦ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
Open ayah 27:49ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشىڭلار، بىز بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەلىيسىگە (يېقىن تۇغقانلىرىغا): ‹بىز (سالىھنىڭ) ئائىلىسى ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا ئۇ يەردە يوق ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راست گەپ قىلىۋاتىمىز› دەيلى» دېيشتى.
وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا وَمَكَرۡنَا مَكۡرٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 27:50ئۇلار شۇنداق بىر سۇيىقەست پىلانلىۋىدى، بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى تۇيدۇرمايلا بىتچىت قىلىۋەتتۇق.
فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ مَكۡرِهِمۡ أَنَّا دَمَّرۡنَٰهُمۡ وَقَوۡمَهُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 27:51ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋەتتۇق.
فَتِلۡكَ بُيُوتُهُمۡ خَاوِيَةَۢ بِمَا ظَلَمُوٓاْۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 27:52مانا ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئادەمسىز قالغان ئۆيلىرى! شەكسىزكى، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
وَأَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
Open ayah 27:53ئىمان ئېيتقان ۋە (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن) ساقلانغانلارنى قۇتقۇزدۇق.
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
Open ayah 27:54لۇتنىمۇ (ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «سىلەر قاراپ تۇرۇپ، قەبىھ ئىشنى (بەچچىۋازلىقنى) قىلامسىلەر؟
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ
Open ayah 27:55سىلەر راستتىنلا ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىپىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ سىلەر ئىنتايىن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېگەن ئىدى.
۞فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَخۡرِجُوٓاْ ءَالَ لُوطٖ مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ أُنَاسٞ يَتَطَهَّرُونَ
Open ayah 27:56ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ئىنسانلاردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ قَدَّرۡنَٰهَا مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
Open ayah 27:57بىز ئۇنى ۋە ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇ (ئايال)نى ھالاك بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلدۇق.
وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلۡمُنذَرِينَ
Open ayah 27:58بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (تاشتىن) يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ وَسَلَٰمٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ ٱلَّذِينَ ٱصۡطَفَىٰٓۗ ءَآللَّهُ خَيۡرٌ أَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 27:59(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئامانلىق ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە بولسۇن!». ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ؟
أَمَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ حَدَآئِقَ ذَاتَ بَهۡجَةٖ مَّا كَانَ لَكُمۡ أَن تُنۢبِتُواْ شَجَرَهَآۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٞ يَعۡدِلُونَ
Open ayah 27:60(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتمۇ؟ ئاشۇ يامغۇر بىلەن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدىغان گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). بەلكى ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر.
أَمَّن جَعَلَ ٱلۡأَرۡضَ قَرَارٗا وَجَعَلَ خِلَٰلَهَآ أَنۡهَٰرٗا وَجَعَلَ لَهَا رَوَٰسِيَ وَجَعَلَ بَيۡنَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ حَاجِزًاۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 27:61(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ (تەۋرىمەسلىكى) ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتقان، (بىرىنىڭ سۈيى تاتلىق، يەنە بىرىنىڭ سۈيى تۇزلۇق) ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق پەيدا قىلغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ.
أَمَّن يُجِيبُ ٱلۡمُضۡطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكۡشِفُ ٱلسُّوٓءَ وَيَجۡعَلُكُمۡ خُلَفَآءَ ٱلۡأَرۡضِۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ
Open ayah 27:62(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). سىلەر تولىمۇ ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.
أَمَّن يَهۡدِيكُمۡ فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَمَن يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦٓۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ تَعَٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 27:63(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتى (بولغان يامغۇر)دىن ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈندۇر.
أَمَّن يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَمَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 27:64(ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى (مەخلۇقاتنى) دەسلەپتە ياراتقان، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان، سىلەرنى ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىقلاندۇرىدىغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار».
قُل لَّا يَعۡلَمُ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلۡغَيۡبَ إِلَّا ٱللَّهُۚ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ
Open ayah 27:65يەنە ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ»، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
بَلِ ٱدَّٰرَكَ عِلۡمُهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ مِّنۡهَاۖ بَلۡ هُم مِّنۡهَا عَمُونَ
Open ayah 27:66ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلىمى يېتىلدىمۇ؟ (ياق). بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق شەك ئىچىدىدۇر، بەلكى بۇ ھەقتە كوردۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبٗا وَءَابَآؤُنَآ أَئِنَّا لَمُخۡرَجُونَ
Open ayah 27:67كاپىرلار: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ قەبرىمىزدىن) چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟
لَقَدۡ وُعِدۡنَا هَٰذَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 27:68ھەقىقەتەن بىز ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
Open ayah 27:69(ئى پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا): «يەر يۈزىنى كېزىپ، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» دېگىن.
وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَلَا تَكُن فِي ضَيۡقٖ مِّمَّا يَمۡكُرُونَ
Open ayah 27:70سەن ئۇلار سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرىدىن ئىچىڭ سىقىلمىسۇن.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 27:71ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىللاردىن بولساڭلار، (سىلەر بىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان) شۇ ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دەيدۇ.
قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ رَدِفَ لَكُم بَعۡضُ ٱلَّذِي تَسۡتَعۡجِلُونَ
Open ayah 27:72ئېيتقىنكى، «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى يېقىندا بېشىڭلارغا كېلىشى مۇمكىن».
وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 27:73شەكسىزكى، رەببىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر (شۇڭا ئازابنى كېچىكتۈردى)، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَعۡلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمۡ وَمَا يُعۡلِنُونَ
Open ayah 27:74ھەقىقەتەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
وَمَا مِنۡ غَآئِبَةٖ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٍ
Open ayah 27:75ئاسمان _ زېمىندا روشەن كىتابقا (لەۋھۇلمەھفۇزغا) يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق.
إِنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَكۡثَرَ ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 27:76شەكسىزكى، بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقان نەرسىلىرىنىڭ نۇرغۇنىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
وَإِنَّهُۥ لَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 27:77ئۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.
إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُم بِحُكۡمِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 27:78(ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئۆزىنىڭ ئادالەتلىك ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
فَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۖ إِنَّكَ عَلَى ٱلۡحَقِّ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 27:79سەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، شەكسىزكى، سەن ئوپئوچۇق ھەقىقەت ئۈستىدىسەن.
إِنَّكَ لَا تُسۡمِعُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَلَا تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوۡاْ مُدۡبِرِينَ
Open ayah 27:80ئەلۋەتتە سەن ئۆلۈكلەرگە (يەنى قەلبى ئۆلگەن كاپىرلارغا ھەقنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
وَمَآ أَنتَ بِهَٰدِي ٱلۡعُمۡيِ عَن ضَلَٰلَتِهِمۡۖ إِن تُسۡمِعُ إِلَّا مَن يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 27:81سەن (دىلى) كورلارنى ئازغۇنلۇقىدىن (چىقىرىپ) ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەمەسسەن. سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
۞وَإِذَا وَقَعَ ٱلۡقَوۡلُ عَلَيۡهِمۡ أَخۡرَجۡنَا لَهُمۡ دَآبَّةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ تُكَلِّمُهُمۡ أَنَّ ٱلنَّاسَ كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا لَا يُوقِنُونَ
Open ayah 27:82ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئەمەلگە ئاشقان چاغدا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر مەخلۇقنى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
وَيَوۡمَ نَحۡشُرُ مِن كُلِّ أُمَّةٖ فَوۡجٗا مِّمَّن يُكَذِّبُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُمۡ يُوزَعُونَ
Open ayah 27:83(قىيامەت) كۈنىدە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى توپلايمىز _ دە، ئۇلار توپلانغان پېتى (ھېساب مەيدانىغا) ھەيدىلىدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُو قَالَ أَكَذَّبۡتُم بِـَٔايَٰتِي وَلَمۡ تُحِيطُواْ بِهَا عِلۡمًا أَمَّاذَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 27:84ئۇلار (ھېساب مەيدانىغا) كەلگەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر زادى نېمە قىلغانتىڭلار؟» دەيدۇ.
وَوَقَعَ ٱلۡقَوۡلُ عَلَيۡهِم بِمَا ظَلَمُواْ فَهُمۡ لَا يَنطِقُونَ
Open ayah 27:85ئۇلار (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب تېگىشلىك بولدى. شۇڭا، ئۇلار (ئۆزلىرىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن) گەپ قىلالماي قالىدۇ.
أَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا جَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِيَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 27:86ئۇلار كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى يورۇق قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَيَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَفَزِعَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُۚ وَكُلٌّ أَتَوۡهُ دَٰخِرِينَ
Open ayah 27:87سۇر چېلىنغان كۈندە ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ.
وَتَرَى ٱلۡجِبَالَ تَحۡسَبُهَا جَامِدَةٗ وَهِيَ تَمُرُّ مَرَّ ٱلسَّحَابِۚ صُنۡعَ ٱللَّهِ ٱلَّذِيٓ أَتۡقَنَ كُلَّ شَيۡءٍۚ إِنَّهُۥ خَبِيرُۢ بِمَا تَفۡعَلُونَ
Open ayah 27:88سەن تاغلارغا قاراپ ئۇلارنى تۇرغۇن ھالەتتە دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. (بۇ) ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھنىڭ سەنئىتىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَا وَهُم مِّن فَزَعٖ يَوۡمَئِذٍ ءَامِنُونَ
Open ayah 27:89كىمكى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) ياخشى ئەمەل بىلەن كەلسە، ئۇنىڭغا قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ.
وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَكُبَّتۡ وُجُوهُهُمۡ فِي ٱلنَّارِ هَلۡ تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 27:90كىمكى يامان ئىش بىلەن كەلسە، مۇنداقلار يۈزىچە دوزاخقا تاشلىنىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا تېگىشلىك جازالىنىسىلەر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّمَآ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ رَبَّ هَٰذِهِ ٱلۡبَلۡدَةِ ٱلَّذِي حَرَّمَهَا وَلَهُۥ كُلُّ شَيۡءٖۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 27:91(ئى پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان[101] بۇ شەھەر (مەككە مۇكەررەمە)نىڭ رەببىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئاننى (ئىنسانلارغا) ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم». كىمكى (قۇرئاننىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىپ) توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن». [91 _ 92]
- ھەرەمنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى جايلاردا ئۇرۇش قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زۇلۇم قىلىش، ھايۋانلارنى ياكى قۇشلارنى ئوۋلاش، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش قاتارلىق ئىشلار ھارامدۇر.
وَأَنۡ أَتۡلُوَاْ ٱلۡقُرۡءَانَۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَقُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُنذِرِينَ
Open ayah 27:92(ئى پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان[101] بۇ شەھەر (مەككە مۇكەررەمە)نىڭ رەببىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئاننى (ئىنسانلارغا) ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم». كىمكى (قۇرئاننىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىپ) توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن». [91 _ 92]
- ھەرەمنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى جايلاردا ئۇرۇش قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زۇلۇم قىلىش، ھايۋانلارنى ياكى قۇشلارنى ئوۋلاش، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش قاتارلىق ئىشلار ھارامدۇر.
وَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ فَتَعۡرِفُونَهَاۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 27:93(ئى پەيغەمبەر!) يەنە ئېيتقىنكى، «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇ دەلىللەرنى تونۇيسىلەر، رەببىڭ سىلەرنىڭ قىلغان قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».