القصص

Al-Qasas

The Stories · Surah 28 · Ayahs: 88 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. طسٓمٓ

    Open ayah 28:1

    تا، سىين، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ

    Open ayah 28:2

    بۇ (ھەر نەرسىنى) ئېنىق بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.

  3. نَتۡلُواْ عَلَيۡكَ مِن نَّبَإِ مُوسَىٰ وَفِرۡعَوۡنَ بِٱلۡحَقِّ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 28:3

    (ئى پەيغەمبەر! قۇرئانغا) ئىشىنىدىغان قەۋم (نىڭ ئىبرەت ئېلىشى) ئۈچۈن، ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.

  4. إِنَّ فِرۡعَوۡنَ عَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَجَعَلَ أَهۡلَهَا شِيَعٗا يَسۡتَضۡعِفُ طَآئِفَةٗ مِّنۡهُمۡ يُذَبِّحُ أَبۡنَآءَهُمۡ وَيَسۡتَحۡيِۦ نِسَآءَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

    Open ayah 28:4

    شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى تەبىقىلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن (ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىبارەت) بىر تەبىقىنى بوزەك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى. چۈنكى، پىرئەۋن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.

  5. وَنُرِيدُ أَن نَّمُنَّ عَلَى ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَنَجۡعَلَهُمۡ أَئِمَّةٗ وَنَجۡعَلَهُمُ ٱلۡوَٰرِثِينَ

    Open ayah 28:5

    بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى، ئۇلارنى يولباشچى قىلىشنى، ئۇلارنى (پىرئەۋننىڭ مۈلۈكىگە) ۋارىس قىلىشنى، ئۇلارنى ئۇ زېمىندا كۈچ _ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىشنى، پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا (ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت) ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىدىن (كېلىدۇ، دەپ) ئەنسىرىگەن نەرسىسىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدۇق. [5 _ 6]

  6. وَنُمَكِّنَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَنُرِيَ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا مِنۡهُم مَّا كَانُواْ يَحۡذَرُونَ

    Open ayah 28:6

    بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى، ئۇلارنى يولباشچى قىلىشنى، ئۇلارنى (پىرئەۋننىڭ مۈلۈكىگە) ۋارىس قىلىشنى، ئۇلارنى ئۇ زېمىندا كۈچ _ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىشنى، پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا (ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت) ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىدىن (كېلىدۇ، دەپ) ئەنسىرىگەن نەرسىسىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدۇق. [5 _ 6]

  7. وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ أُمِّ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَرۡضِعِيهِۖ فَإِذَا خِفۡتِ عَلَيۡهِ فَأَلۡقِيهِ فِي ٱلۡيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحۡزَنِيٓۖ إِنَّا رَآدُّوهُ إِلَيۡكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 28:7

    مۇسانىڭ ئانىسىغا: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا قويۇپ بەرگىن، (ئۇنىڭدىن) ئەنسىرىمىگىن ۋە قايغۇرمىغىن، ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرىمىز ۋە پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز» دەپ ئىلھام قىلدۇق.

  8. فَٱلۡتَقَطَهُۥٓ ءَالُ فِرۡعَوۡنَ لِيَكُونَ لَهُمۡ عَدُوّٗا وَحَزَنًاۗ إِنَّ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا كَانُواْ خَٰطِـِٔينَ

    Open ayah 28:8

    پىرئەۋن تەۋەلىرى مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. مۇسا ئاقىۋەتتە ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) بولۇپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقۇچىلار ئىدى.

  9. وَقَالَتِ ٱمۡرَأَتُ فِرۡعَوۡنَ قُرَّتُ عَيۡنٖ لِّي وَلَكَۖ لَا تَقۡتُلُوهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

    Open ayah 28:9

    پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇقمايتتى.

  10. وَأَصۡبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَٰرِغًاۖ إِن كَادَتۡ لَتُبۡدِي بِهِۦ لَوۡلَآ أَن رَّبَطۡنَا عَلَىٰ قَلۡبِهَا لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ 

    Open ayah 28:10

    مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ قەلبىدە (ئوغلىنىڭ ھەسرىتىدىن باشقا) ھېچ نەرسە قالمىدى، ئەگەر بىز ئۇنى (ۋەدىمىزگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋر بىلەن) كۈچلەندۈرمىگەن بولساق، ئۇ ئۇنى (يەنى مۇسانىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى) ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى.

  11. وَقَالَتۡ لِأُخۡتِهِۦ قُصِّيهِۖ فَبَصُرَتۡ بِهِۦ عَن جُنُبٖ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

    Open ayah 28:11

    ئانىسى مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكىن» دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆزىتىپ ماڭدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى تۇيمايتتى.

  12. ۞وَحَرَّمۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَرَاضِعَ مِن قَبۡلُ فَقَالَتۡ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰٓ أَهۡلِ بَيۡتٖ يَكۡفُلُونَهُۥ لَكُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ نَٰصِحُونَ

    Open ayah 28:12

    (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى ئىنىكئانىلارنى ئېمىشتىن چەكلىگەن ئىدۇق. (مۇسانىڭ ئاچىسى ئۇلارغا) ئېيتتى: «سىلەرگە مۇسانى ھىمايىسىگە ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ بېقىپ بېرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟».

  13. فَرَدَدۡنَٰهُ إِلَىٰٓ أُمِّهِۦ كَيۡ تَقَرَّ عَيۡنُهَا وَلَا تَحۡزَنَ وَلِتَعۡلَمَ أَنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 28:13

    ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن، بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.

  14. وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَٱسۡتَوَىٰٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 28:14

    مۇسا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئەقلى توشقاندا، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، بىز (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  15. وَدَخَلَ ٱلۡمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفۡلَةٖ مِّنۡ أَهۡلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيۡنِ يَقۡتَتِلَانِ هَٰذَا مِن شِيعَتِهِۦ وَهَٰذَا مِنۡ عَدُوِّهِۦۖ فَٱسۡتَغَٰثَهُ ٱلَّذِي مِن شِيعَتِهِۦ عَلَى ٱلَّذِي مِنۡ عَدُوِّهِۦ فَوَكَزَهُۥ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيۡهِۖ قَالَ هَٰذَا مِنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِۖ إِنَّهُۥ عَدُوّٞ مُّضِلّٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 28:15

    مۇسا شەھەر ئاھالىسى غەپلەتتىكى بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنىدىن ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنىدىن بولغان ئادەمگە قارشى مۇسادىن ياردەم سورىدى. مۇسا ئۇنى (مۇشت بىلەن بىرنى) ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر».

  16. قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمۡتُ نَفۡسِي فَٱغۡفِرۡ لِي فَغَفَرَ لَهُۥٓۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 28:16

    مۇسا: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنىڭ (گۇناھىمنى) مەغپىرەت قىلغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  17. قَالَ رَبِّ بِمَآ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ فَلَنۡ أَكُونَ ظَهِيرٗا لِّلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 28:17

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە ئېرىشىپ تۇرۇپ، ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن».

  18. فَأَصۡبَحَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ خَآئِفٗا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا ٱلَّذِي ٱسۡتَنصَرَهُۥ بِٱلۡأَمۡسِ يَسۡتَصۡرِخُهُۥۚ قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰٓ إِنَّكَ لَغَوِيّٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 28:18

    ئەتىسى ئەتىگەندە مۇسا شەھەردە قورقۇنچ ئىچىدە (خەۋەر) تىڭتىڭلاپ يۈرەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان ئادەم (بۇ قېتىم باشقا بىر قىبتىگە قارشى) مۇسادىن يەنە ياردەم سورىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن راستتىنلا ئوپئوچۇق ئازغۇن ئادەم ئىكەنسەن» دېدى.

  19. فَلَمَّآ أَنۡ أَرَادَ أَن يَبۡطِشَ بِٱلَّذِي هُوَ عَدُوّٞ لَّهُمَا قَالَ يَٰمُوسَىٰٓ أَتُرِيدُ أَن تَقۡتُلَنِي كَمَا قَتَلۡتَ نَفۡسَۢا بِٱلۡأَمۡسِۖ إِن تُرِيدُ إِلَّآ أَن تَكُونَ جَبَّارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا تُرِيدُ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلۡمُصۡلِحِينَ

    Open ayah 28:19

    مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەمگە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم سورىغان ئادەم (مۇسا مېنى ئۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ): «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايدىكەنسەن» دېدى.

  20. وَجَآءَ رَجُلٞ مِّنۡ أَقۡصَا ٱلۡمَدِينَةِ يَسۡعَىٰ قَالَ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّ ٱلۡمَلَأَ يَأۡتَمِرُونَ بِكَ لِيَقۡتُلُوكَ فَٱخۡرُجۡ إِنِّي لَكَ مِنَ ٱلنَّٰصِحِينَ 

    Open ayah 28:20

    شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىن بىر ئادەم ناھايىتى تېز كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە، ساڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرگۈچىلەردىنمەن» دېدى.

  21. فَخَرَجَ مِنۡهَا خَآئِفٗا يَتَرَقَّبُۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 28:21

    مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقىپ كەتتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى.

  22. وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلۡقَآءَ مَدۡيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّيٓ أَن يَهۡدِيَنِي سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ

    Open ayah 28:22

    مۇسا مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىمنىڭ مېنى (مەديەنگە بارىدىغان) توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  23. وَلَمَّا وَرَدَ مَآءَ مَدۡيَنَ وَجَدَ عَلَيۡهِ أُمَّةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ يَسۡقُونَ وَوَجَدَ مِن دُونِهِمُ ٱمۡرَأَتَيۡنِ تَذُودَانِۖ قَالَ مَا خَطۡبُكُمَاۖ قَالَتَا لَا نَسۡقِي حَتَّىٰ يُصۡدِرَ ٱلرِّعَآءُۖ وَأَبُونَا شَيۡخٞ كَبِيرٞ

    Open ayah 28:23

    ئۇ مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى قىزنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار (ماللىرىنى سۇغىرىپ بولۇپ) كەتمەستىن، بىز سۇغىرالمايمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى.

  24. فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰٓ إِلَى ٱلظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَآ أَنزَلۡتَ إِلَيَّ مِنۡ خَيۡرٖ فَقِيرٞ

    Open ayah 28:24

    مۇسا ئۇلارغا (قويلىرىنى) سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «ئى رەببىم! سەن ماڭا چۈشۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ياخشىلىققا مەن ھەقىقەتەن موھتاجمەن» دېدى.

  25. فَجَآءَتۡهُ إِحۡدَىٰهُمَا تَمۡشِي عَلَى ٱسۡتِحۡيَآءٖ قَالَتۡ إِنَّ أَبِي يَدۡعُوكَ لِيَجۡزِيَكَ أَجۡرَ مَا سَقَيۡتَ لَنَاۚ فَلَمَّا جَآءَهُۥ وَقَصَّ عَلَيۡهِ ٱلۡقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفۡۖ نَجَوۡتَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 28:25

    ئۇ ئىككى قىزنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى چاقىرىۋاتىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇ (قىزلارنىڭ ئاتىسى شۇئەيب) نىڭ قېشىغا كېلىپ (بېشىدىن ئۆتكەن) قىسسىنى سۆزلەپ بەردى. (شۇئەيب): «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.

  26. قَالَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا يَٰٓأَبَتِ ٱسۡتَـٔۡجِرۡهُۖ إِنَّ خَيۡرَ مَنِ ٱسۡتَـٔۡجَرۡتَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡأَمِينُ

    Open ayah 28:26

    ئىككى قىزنىڭ بىرى: «ئى ئاتا! سەن ئۇنى ياللاپ ئىشلەتكىن، ھەقىقەتەن سەن ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى (مۇشۇنداق) كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغىنىدۇر» دېدى.

  27. قَالَ إِنِّيٓ أُرِيدُ أَنۡ أُنكِحَكَ إِحۡدَى ٱبۡنَتَيَّ هَٰتَيۡنِ عَلَىٰٓ أَن تَأۡجُرَنِي ثَمَٰنِيَ حِجَجٖۖ فَإِنۡ أَتۡمَمۡتَ عَشۡرٗا فَمِنۡ عِندِكَۖ وَمَآ أُرِيدُ أَنۡ أَشُقَّ عَلَيۡكَۚ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

    Open ayah 28:27

    شۇئەيب ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى ساڭا بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ ئۇمۇ ئىختىيارىڭ، مەن سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، ئاللاھ خالىسا، مېنىڭ سالىھ ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن».

  28. قَالَ ذَٰلِكَ بَيۡنِي وَبَيۡنَكَۖ أَيَّمَا ٱلۡأَجَلَيۡنِ قَضَيۡتُ فَلَا عُدۡوَٰنَ عَلَيَّۖ وَٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ

    Open ayah 28:28

    مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام (توشقۇزاي)، ماڭا ئۇۋال بولۇپ قالمىسۇن، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر».

  29. ۞فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى ٱلۡأَجَلَ وَسَارَ بِأَهۡلِهِۦٓ ءَانَسَ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ نَارٗاۖ قَالَ لِأَهۡلِهِ ٱمۡكُثُوٓاْ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا لَّعَلِّيٓ ءَاتِيكُم مِّنۡهَا بِخَبَرٍ أَوۡ جَذۡوَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ لَعَلَّكُمۡ تَصۡطَلُونَ

    Open ayah 28:29

    مۇسا مۇددەتنى توشقۇزۇپ بولۇپ، ئائىلىسىنى ئېلىپ يولغا چىققان چېغىدا، ئۇ تۇر تېغى تەرەپتە بىر ئوتنى كۆردى، ئۇ ئائىلىسىگە: «سىلەر (بۇ يەردە) تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ھەقىقەتەن (يىراقتىن) بىر ئوتنى كۆرۈپ قالدىم، بەلكى ئۇ يەردىن سىلەرگە بىرەر خەۋەر ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەرمەن» دېدى.

  30. فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِيَ مِن شَٰطِيِٕ ٱلۡوَادِ ٱلۡأَيۡمَنِ فِي ٱلۡبُقۡعَةِ ٱلۡمُبَٰرَكَةِ مِنَ ٱلشَّجَرَةِ أَن يَٰمُوسَىٰٓ إِنِّيٓ أَنَا ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

    Open ayah 28:30

    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، مۇبارەك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دەرەخ تەرەپتىن: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھمەن.

  31. وَأَنۡ أَلۡقِ عَصَاكَۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهۡتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنّٞ وَلَّىٰ مُدۡبِرٗا وَلَمۡ يُعَقِّبۡۚ يَٰمُوسَىٰٓ أَقۡبِلۡ وَلَا تَخَفۡۖ إِنَّكَ مِنَ ٱلۡأٓمِنِينَ

    Open ayah 28:31

    سەن ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ نىدا كەلدى. مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا يىلاندەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىيالمىدى، (بۇ چاغدا مۇنداق نىدا كەلدى): «ئى مۇسا! (مەن تەرەپكە) كەل، قورقمىغىن. سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن.

  32. ٱسۡلُكۡ يَدَكَ فِي جَيۡبِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٖ وَٱضۡمُمۡ إِلَيۡكَ جَنَاحَكَ مِنَ ٱلرَّهۡبِۖ فَذَٰنِكَ بُرۡهَٰنَانِ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ

    Open ayah 28:32

    قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر كېسەلدىن ئەمەس، (بەلكى مۆجىزە سۈپىتىدە) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچتىن (ئېچىلغان) قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى (ھاسا ۋە قول مۆجىزىسى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ (قەۋمىنىڭ) كاتتىباشلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر. ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى».

  33. قَالَ رَبِّ إِنِّي قَتَلۡتُ مِنۡهُمۡ نَفۡسٗا فَأَخَافُ أَن يَقۡتُلُونِ

    Open ayah 28:33

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.

  34. وَأَخِي هَٰرُونُ هُوَ أَفۡصَحُ مِنِّي لِسَانٗا فَأَرۡسِلۡهُ مَعِيَ رِدۡءٗا يُصَدِّقُنِيٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ

    Open ayah 28:34

    قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان، شۇڭا ئۇنى مېنى (قوللاپ پەيغەمبەرلىكىمنى) ئىسپاتلايدىغان ياردەمچى قىلىپ مەن بىلەن ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن».

  35. قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجۡعَلُ لَكُمَا سُلۡطَٰنٗا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيۡكُمَا بِـَٔايَٰتِنَآۚ أَنتُمَا وَمَنِ ٱتَّبَعَكُمَا ٱلۡغَٰلِبُونَ

    Open ayah 28:35

    ئاللاھ ئېيتتى: «سېنى قېرىندىشىڭ بىلەن كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا شۇنداق (كۈچلۈك) پاكىت ئاتا قىلىمىزكى، ئۇلار سىلەرگە ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەر مۆجىزىلىرىمىز ئارقىلىق چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر».

  36. فَلَمَّا جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا بَيِّنَٰتٖ قَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّفۡتَرٗى وَمَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِيٓ ءَابَآئِنَا ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 28:36

    مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق» دېدى.

  37. وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَن جَآءَ بِٱلۡهُدَىٰ مِنۡ عِندِهِۦ وَمَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

    Open ayah 28:37

    مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمگە نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شەكسىزكى، زالىملار ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».

  38. وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ مَا عَلِمۡتُ لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرِي فَأَوۡقِدۡ لِي يَٰهَٰمَٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجۡعَل لِّي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ

    Open ayah 28:38

    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! سەن خىش پىشۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئېگىز بىر بىنا سالغىن، بەلكى مەن (ئۇنىڭغا چىقىپ) مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرىشىم مۇمكىن، ئەمما مەن ئۇنى ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىن دەپ ئويلايمەن».

  39. وَٱسۡتَكۡبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ إِلَيۡنَا لَا يُرۡجَعُونَ

    Open ayah 28:39

    پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا يولسىزلىق قىلىپ كۆرەڭلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلاشتى.

  40. فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 28:40

    نىھايەت، پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالاپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق. (ئى پەيغەمبەر!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.

  41. وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ

    Open ayah 28:41

    ئۇلارنى بىز دوزاخقا چاقىرىدىغان باشلامچىلار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.

  42. وَأَتۡبَعۡنَٰهُمۡ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلۡمَقۡبُوحِينَ

    Open ayah 28:42

    بىز ئۇلارنى بۇ دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.

  43. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِ مَآ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ ٱلۡأُولَىٰ بَصَآئِرَ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 28:43

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان دەلىللەر، ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتابنى (تەۋراتنى) بەردۇق.

  44. وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلۡغَرۡبِيِّ إِذۡ قَضَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَى ٱلۡأَمۡرَ وَمَا كُنتَ مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ

    Open ayah 28:44

    (ئى پەيغەمبەر!) بىز (تۇر تېغىنىڭ) غەرب تەرىپىدە مۇساغا ۋەھيى قىلغاندا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇ ۋەقەلىكنى) كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.

  45. وَلَٰكِنَّآ أَنشَأۡنَا قُرُونٗا فَتَطَاوَلَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۚ وَمَا كُنتَ ثَاوِيٗا فِيٓ أَهۡلِ مَدۡيَنَ تَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ

    Open ayah 28:45

    ئەمما بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىپ تۇرغانمۇ ئەمەسسەن، لېكىن (ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى ۋەھيى ئارقىلىق ساڭا) بىز ئەۋەتتۇق.

  46. وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلطُّورِ إِذۡ نَادَيۡنَا وَلَٰكِن رَّحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 28:46

    بىز (مۇساغا) نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز سېنى رەببىڭ تەرىپىدىن (كاتتا) بىر رەھمەت (قىلىپ ئەۋەتتۇق).

  47. وَلَوۡلَآ أَن تُصِيبَهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَيَقُولُواْ رَبَّنَا لَوۡلَآ أَرۡسَلۡتَ إِلَيۡنَا رَسُولٗا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 28:47

    ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر ئازاب -ئوقۇبەت كەلسە، «ئى رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق).

  48. فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُواْ لَوۡلَآ أُوتِيَ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ مُوسَىٰٓۚ أَوَلَمۡ يَكۡفُرُواْ بِمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ مِن قَبۡلُۖ قَالُواْ سِحۡرَانِ تَظَٰهَرَا وَقَالُوٓاْ إِنَّا بِكُلّٖ كَٰفِرُونَ

    Open ayah 28:48

    ئەمما ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە، ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر _ بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىككى سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار يەنە: «بىز ئەلۋەتتە (بۇ ئىككى كىتابنىڭ) ئىككىلىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.

  49. قُلۡ فَأۡتُواْ بِكِتَٰبٖ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ هُوَ أَهۡدَىٰ مِنۡهُمَآ أَتَّبِعۡهُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 28:49

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا بىرەر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلارچۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي».

  50. فَإِن لَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكَ فَٱعۡلَمۡ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّنِ ٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ بِغَيۡرِ هُدٗى مِّنَ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 28:50

    ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاب بېرەلمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

  51. ۞وَلَقَدۡ وَصَّلۡنَا لَهُمُ ٱلۡقَوۡلَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 28:51

    ئۇلارنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بۇ ئىلاھىي سۆز (قۇرئان)نى ئۇلارغا ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈرۈپ تۇردۇق.

  52. ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِهِۦ هُم بِهِۦ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 28:52

    قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب بەرگەنلەر (ئارىسىدىكى مۇئمىنلەر) قۇرئانغىمۇ ئىمان ئېيتىدۇ.

  53. وَإِذَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِهِۦٓ إِنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّنَآ إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلِهِۦ مُسۡلِمِينَ

    Open ayah 28:53

    ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شەكىسىزكى ئۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ.

  54. أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡتَوۡنَ أَجۡرَهُم مَّرَّتَيۡنِ بِمَا صَبَرُواْ وَيَدۡرَءُونَ بِٱلۡحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ

    Open ayah 28:54

    ئەنە شۇلارغا سەۋر _ تاقىتى يۈزىسىدىن ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى توسىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ.

  55. وَإِذَا سَمِعُواْ ٱللَّغۡوَ أَعۡرَضُواْ عَنۡهُ وَقَالُواْ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ لَا نَبۡتَغِي ٱلۡجَٰهِلِينَ

    Open ayah 28:55

    ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىزدىن سىلەرگە يامانلىق كەلمەيدۇ، بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق» دەيدۇ.

  56. إِنَّكَ لَا تَهۡدِي مَنۡ أَحۡبَبۡتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ

    Open ayah 28:56

    (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

  57. وَقَالُوٓاْ إِن نَّتَّبِعِ ٱلۡهُدَىٰ مَعَكَ نُتَخَطَّفۡ مِنۡ أَرۡضِنَآۚ أَوَلَمۡ نُمَكِّن لَّهُمۡ حَرَمًا ءَامِنٗا يُجۡبَىٰٓ إِلَيۡهِ ثَمَرَٰتُ كُلِّ شَيۡءٖ رِّزۡقٗا مِّن لَّدُنَّا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 28:57

    ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن بىللە توغرا يولغا ماڭىدىغان بولساق، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. بىز ئۇلارنى ئۆزىمىز تەرەپتىن رىزىق قىلىپ بېرىلگەن تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدىغان تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  58. وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةِۭ بَطِرَتۡ مَعِيشَتَهَاۖ فَتِلۡكَ مَسَٰكِنُهُمۡ لَمۡ تُسۡكَن مِّنۢ بَعۡدِهِمۡ إِلَّا قَلِيلٗاۖ وَكُنَّا نَحۡنُ ٱلۡوَٰرِثِينَ

    Open ayah 28:58

    بىز ئاھالىسى كەيىپ _ ساپالىق تۇرمۇشتىن خۇدىنى يوقاتقان نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، مانا بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى. ئۇلار (ھالاك بولغان)دىن كېيىن، (ئۇ جايلاردا) ئازغىنە ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا ئادەم تۇرغان ئەمەس. بىز (ھەممە نەرسىنىڭ ھەقىقىي) ۋارىسى بولدۇق.

  59. وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ حَتَّىٰ يَبۡعَثَ فِيٓ أُمِّهَا رَسُولٗا يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَاۚ وَمَا كُنَّا مُهۡلِكِي ٱلۡقُرَىٰٓ إِلَّا وَأَهۡلُهَا ظَٰلِمُونَ

    Open ayah 28:59

    رەببىڭ يۇرتلارنىڭ مەركىزىگە ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ، ئۇ يۇرتلارنى ھالاك قىلغان ئەمەس. بىز ئاھالىسى (بىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغان يۇرتلاردىن باشقىسىنى ھالاك قىلمىدۇق.

  60. وَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَيۡءٖ فَمَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتُهَاۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ 

    Open ayah 28:60

    سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلسۇن، (ئۇ پەقەت) دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟

  61. أَفَمَن وَعَدۡنَٰهُ وَعۡدًا حَسَنٗا فَهُوَ لَٰقِيهِ كَمَن مَّتَّعۡنَٰهُ مَتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا ثُمَّ هُوَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ

    Open ayah 28:61

    بىز (جەننەتتىن ئىبارەت) گۈزەل بىر ۋەدىنى قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغان ئادەم بىز دۇنيا ھاياتىنىڭ ھۇزۇر _ ھالاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى (ئازابقا) ھازىر قىلىنغانلار قاتارىدىن بولىدىغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟

  62. وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ

    Open ayah 28:62

    شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر ئۆز گۇمانىڭلارچە ماڭا شېرىك دەپ قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دەپ نىدا قىلىدۇ.

  63. قَالَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَغۡوَيۡنَآ أَغۡوَيۡنَٰهُمۡ كَمَا غَوَيۡنَاۖ تَبَرَّأۡنَآ إِلَيۡكَۖ مَا كَانُوٓاْ إِيَّانَا يَعۡبُدُونَ

    Open ayah 28:63

    ئازابقا لايىق بولغانلار: «ئى رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز قانداق ئازغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردۇق. (ئى رەببىمىز!) بىز ئەمدى (ئۇلاردىن) ئادا-جۇدا بولۇپ ساڭا سىغىندۇق. ئۇلار ئەسلىدە بىزگە چوقۇنمايتتى (ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا چوقۇناتتى)» دېيىشىدۇ.

  64. وَقِيلَ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ لَوۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ يَهۡتَدُونَ

    Open ayah 28:64

    ئۇلارغا: «(ئاللاھقا قوشۇۋالغان) شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاشكى، دۇنيادىكى ۋاقتىمىزدا) توغرا يولغا ئەگەشكەن بولساقچۇ! دېيىشىپ كېتىدۇ.

  65. وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ مَاذَآ أَجَبۡتُمُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 28:65

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار؟»

  66. فَعَمِيَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَنۢبَآءُ يَوۡمَئِذٖ فَهُمۡ لَا يَتَسَآءَلُونَ

    Open ayah 28:66

    ئۇ كۈندە ئۇلارغا (ئۈمىد بېرىدىغان بارلىق) خەۋەرلەر ئۈزۈلگەن بولىدۇ، (ھەتتا) ئۇلار ئۆزئارا سورىشالمايدۇ.

  67. فَأَمَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَعَسَىٰٓ أَن يَكُونَ مِنَ ٱلۡمُفۡلِحِينَ

    Open ayah 28:67

    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى مۇقەررەردۇر.

  68. وَرَبُّكَ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُ وَيَخۡتَارُۗ مَا كَانَ لَهُمُ ٱلۡخِيَرَةُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

    Open ayah 28:68

    رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە (خالىغىنىنى) تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈندۇر.

  69. وَرَبُّكَ يَعۡلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمۡ وَمَا يُعۡلِنُونَ

    Open ayah 28:69

    رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.

  70. وَهُوَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ لَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأُولَىٰ وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ 

    Open ayah 28:70

    ئۇ يەككە _ يېگانە ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد يوقتۇر، دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر. سىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

  71. قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمُ ٱلَّيۡلَ سَرۡمَدًا إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِضِيَآءٍۚ أَفَلَا تَسۡمَعُونَ

    Open ayah 28:71

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمامسىلەر؟».

  72. قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمُ ٱلنَّهَارَ سَرۡمَدًا إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِلَيۡلٖ تَسۡكُنُونَ فِيهِۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ

    Open ayah 28:72

    ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئالىدىغان كېچىنى كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر (بۇ ھەقىقەتنى) كۆرمەمسىلەر؟».

  73. وَمِن رَّحۡمَتِهِۦ جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 28:73

    سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (تىرىكچىلىك قىلىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقانلىقى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر.

  74. وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ

    Open ayah 28:74

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر ئۆز گۇمانىڭلارچە ماڭا شېرىك دەپ قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دەيدۇ.

  75. وَنَزَعۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدٗا فَقُلۡنَا هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ فَعَلِمُوٓاْ أَنَّ ٱلۡحَقَّ لِلَّهِ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ

    Open ayah 28:75

    (ئۇ كۈندە) بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا) گۇۋاھچى (قىلىپ) چىقىرىمىز، ئاندىن (ئۇ ئۈممەتكە): «قېنى پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار!» دەيمىز، ئۇلار شۇ چاغدىلا ھەقىقەتنىڭ پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (ساختا مەبۇدلىرى) ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولىدۇ.

  76. ۞إِنَّ قَٰرُونَ كَانَ مِن قَوۡمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيۡهِمۡۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡكُنُوزِ مَآ إِنَّ مَفَاتِحَهُۥ لَتَنُوٓأُ بِٱلۡعُصۡبَةِ أُوْلِي ٱلۡقُوَّةِ إِذۡ قَالَ لَهُۥ قَوۡمُهُۥ لَا تَفۡرَحۡۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡفَرِحِينَ

    Open ayah 28:76

    ھەقىقەتەن قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلدى، بىز ئۇنىڭغا خەزىنىلەردىن شۇنچىلىك كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇنىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى (نى كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ئۆز ۋاقتىدا قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، شەكسىزكى، ئاللاھ كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

  77. وَٱبۡتَغِ فِيمَآ ءَاتَىٰكَ ٱللَّهُ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَۖ وَلَا تَنسَ نَصِيبَكَ مِنَ ٱلدُّنۡيَاۖ وَأَحۡسِن كَمَآ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ إِلَيۡكَۖ وَلَا تَبۡغِ ٱلۡفَسَادَ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

    Open ayah 28:77

    ئاللاھ ساڭا بەرگەن (مال-دۇنيا) بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (باشقىلارغا) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى ئىستىمىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».

  78. قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلۡمٍ عِندِيٓۚ أَوَلَمۡ يَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ قَدۡ أَهۡلَكَ مِن قَبۡلِهِۦ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مَنۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُ قُوَّةٗ وَأَكۡثَرُ جَمۡعٗاۚ وَلَا يُسۡـَٔلُ عَن ذُنُوبِهِمُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ

    Open ayah 28:78

    قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا پەقەت مەندىكى ئالاھىدە بىلىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل _ مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغانلارنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار (بەلگىلىرى ئارقىلىق تونۇلغانلىقى ئۈچۈن) گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ.

  79. فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ فِي زِينَتِهِۦۖ قَالَ ٱلَّذِينَ يُرِيدُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا يَٰلَيۡتَ لَنَا مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ قَٰرُونُ إِنَّهُۥ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٖ

    Open ayah 28:79

    قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگىمۇ قارۇنغا بېرىلگەندەك (بايلىق) بېرىلسىچۇ، شەكسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى.

  80. وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ وَيۡلَكُمۡ ثَوَابُ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لِّمَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗاۚ وَلَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلصَّٰبِرُونَ 

    Open ayah 28:80

    ئىلىملىك كىشىلەر: «ئىسىت سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ (بېرىدىغان) مۇكاپاتى (ھەممىدىن) ياخشىدۇر. ئۇنىڭغا پەقەت (تائەت _ ئىبادەتتە) چىدامچان بولغان كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى.

  81. فَخَسَفۡنَا بِهِۦ وَبِدَارِهِ ٱلۡأَرۡضَ فَمَا كَانَ لَهُۥ مِن فِئَةٖ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُنتَصِرِينَ

    Open ayah 28:81

    نىھايەت، قارۇننى ئۇنىڭ ئۆي _ جايى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان بىرەر جامائە بولمىدى، قارۇن ئۆزىمۇ ئۆزىنى قوغداپ قالالمىدى.

  82. وَأَصۡبَحَ ٱلَّذِينَ تَمَنَّوۡاْ مَكَانَهُۥ بِٱلۡأَمۡسِ يَقُولُونَ وَيۡكَأَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُۖ لَوۡلَآ أَن مَّنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا لَخَسَفَ بِنَاۖ وَيۡكَأَنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡكَٰفِرُونَ

    Open ayah 28:82

    تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار: «مانا، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭكىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنىمۇ ئەلۋەتتە يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن بولاتتى، مانا كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىكەن» دەيدىغان بولدى.

  83. تِلۡكَ ٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ نَجۡعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوّٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فَسَادٗاۚ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 28:83

    ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ئەڭ ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.

  84. مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَى ٱلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 28:84

    كىمكى (بۇ ئاخىرەت يۇرتىغا) ياخشى ئەمەل بىلەن كېلىدىكەن، ئۇ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش بىلەن كېلىدىكەن، يامان ئىشلارنى قىلغانلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.

  85. إِنَّ ٱلَّذِي فَرَضَ عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ لَرَآدُّكَ إِلَىٰ مَعَادٖۚ قُل رَّبِّيٓ أَعۡلَمُ مَن جَآءَ بِٱلۡهُدَىٰ وَمَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 28:85

    (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا قۇرئاننى (يەتكۈزۈشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات ئەلۋەتتە سېنى قايتىدىغان يەر (مەككە)گە قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ».

  86. وَمَا كُنتَ تَرۡجُوٓاْ أَن يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبُ إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۖ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرٗا لِّلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 28:86

    سەن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ساڭا ۋەھيى قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى ۋەھيى قىلدى)، سەن كاپىرلارغا ھەرگىز ياردەمچى بولمىغىن.

  87. وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بَعۡدَ إِذۡ أُنزِلَتۡ إِلَيۡكَۖ وَٱدۡعُ إِلَىٰ رَبِّكَۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

    Open ayah 28:87

    ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، (كاپىرلار) سېنى ئۇ ئايەتلەر (گە ئەمەل قىلىش)دىن ھەرگىز توسۇپ قويمىسۇن. (كىشىلەرنى) رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.

  88. وَلَا تَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۘ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ كُلُّ شَيۡءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجۡهَهُۥۚ لَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

    Open ayah 28:88

    ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر (ساختا) ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغۇچىدۇر، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.