العنكبوت
Al-Ankaboot
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓمٓ
Open ayah 29:1ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
أَحَسِبَ ٱلنَّاسُ أَن يُتۡرَكُوٓاْ أَن يَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا وَهُمۡ لَا يُفۡتَنُونَ
Open ayah 29:2ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي قېلىۋېرىمىز، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ؟
وَلَقَدۡ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡكَٰذِبِينَ
Open ayah 29:3بىز ھەقىقەتەن ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَسۡبِقُونَاۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
Open ayah 29:4يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
مَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ ٱللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ لَأٓتٖۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 29:5كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَمَن جَٰهَدَ فَإِنَّمَا يُجَٰهِدُ لِنَفۡسِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 29:6كىمكى جىھاد[102] قىلىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلغان بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر.
- بۇ يەردىكى «جىھاد» ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَحۡسَنَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 29:7ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى چوقۇم ئۆچۈرۈۋېتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز.
وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حُسۡنٗاۖ وَإِن جَٰهَدَاكَ لِتُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَآۚ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 29:8ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىقلارنى ۋە خىزمەتنى) قېتىرقىنىپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئەگەر ئاتا _ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەرنىڭ قايتىشىڭلار مەن تەرەپكىدۇر. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە قىلمىشلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُدۡخِلَنَّهُمۡ فِي ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 29:9ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى چوقۇم سالىھلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ فَإِذَآ أُوذِيَ فِي ٱللَّهِ جَعَلَ فِتۡنَةَ ٱلنَّاسِ كَعَذَابِ ٱللَّهِۖ وَلَئِن جَآءَ نَصۡرٞ مِّن رَّبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمۡۚ أَوَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 29:10بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئوخشاش قىلىۋېلىپ (ۋايساپ كېتىدۇ ۋە ئىماندىن يېنىۋالىدۇ)، ئەگەر رەببىڭدىن بىرەر مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ قەلبىدىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان زات ئەمەسمۇ؟
وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ
Open ayah 29:11ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّبِعُواْ سَبِيلَنَا وَلۡنَحۡمِلۡ خَطَٰيَٰكُمۡ وَمَا هُم بِحَٰمِلِينَ مِنۡ خَطَٰيَٰهُم مِّن شَيۡءٍۖ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
Open ayah 29:12كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شەكسىزكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.
وَلَيَحۡمِلُنَّ أَثۡقَالَهُمۡ وَأَثۡقَالٗا مَّعَ أَثۡقَالِهِمۡۖ وَلَيُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَمَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
Open ayah 29:13ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ (ئۆزى ئازدۇرغان كىشىلەرنىڭ) گۇناھلىرىنىمۇ ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە سوراققا تارتىلىدۇ.
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَلَبِثَ فِيهِمۡ أَلۡفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمۡسِينَ عَامٗا فَأَخَذَهُمُ ٱلطُّوفَانُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
Open ayah 29:14شەكسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى. ئۇلار (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىۋاتقان پەيتتە ئۇلارنى توپان (بالاسى) ھالاك قىلىۋەتتى.
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَصۡحَٰبَ ٱلسَّفِينَةِ وَجَعَلۡنَٰهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 29:15بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى قۇتقۇزدۇق ۋە بۇنى ئالەملەرگە ئىبرەت قىلدۇق.
وَإِبۡرَٰهِيمَ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُۖ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 29:16ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
إِنَّمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا وَتَخۡلُقُونَ إِفۡكًاۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ لَكُمۡ رِزۡقٗا فَٱبۡتَغُواْ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزۡقَ وَٱعۡبُدُوهُ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥٓۖ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 29:17سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەتلا بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر ۋە يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتىسىلەر. ھەقىقەت شۇكى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنىڭ رىزقىڭلارغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا، سىلەر رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَإِن تُكَذِّبُواْ فَقَدۡ كَذَّبَ أُمَمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡۖ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 29:18ئەگەر سىلەر مېنى ئىنكار قىلساڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولغان) ئىدى. پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى روشەن يەتكۈزۈشتۇر».
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ كَيۡفَ يُبۡدِئُ ٱللَّهُ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥٓۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
Open ayah 29:19ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ شەكسىزكى، بۇ ئاللاھقا تولىمۇ ئاساندۇر.
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ بَدَأَ ٱلۡخَلۡقَۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأٓخِرَةَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 29:20(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر زېمىننى كېزىپ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتنى) يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَرۡحَمُ مَن يَشَآءُۖ وَإِلَيۡهِ تُقۡلَبُونَ
Open ayah 29:21ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (ئاخىر) سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
Open ayah 29:22سىلەر مەيلى زېمىندا بولۇڭلار، مەيلى ئاسماندا بولۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا بىرەر ئىگە بولغۇچىمۇ، بىرەر مەدەتكارمۇ يوق».
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَلِقَآئِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يَئِسُواْ مِن رَّحۡمَتِي وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 29:23ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلغانلار — ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن ئۈمىد ئۈزگەنلەردۇر، ئەنە شۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱقۡتُلُوهُ أَوۡ حَرِّقُوهُ فَأَنجَىٰهُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلنَّارِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 29:24ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى (ئوتقا تاشلاپ) كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا مَّوَدَّةَ بَيۡنِكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُ بَعۡضُكُم بِبَعۡضٖ وَيَلۡعَنُ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 29:25ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاراڭلاردىكى دۇنيا ھاياتىغا خاس دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر _ بىرىڭلارنى تونۇماس بولۇۋالىسىلەر، بىر _ بىرىلىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ بارىدىغان يېرىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ».
۞فَـَٔامَنَ لَهُۥ لُوطٞۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 29:26ئىبراھىمغا (بىرىنچى بولۇپ) لۇت ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم رەببىم (بۇيرۇغان) تەرەپكە ھىجرەت قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَجۡرَهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
Open ayah 29:27بىز ئىبراھىمغا (ئوغلى) ئىسھاقنى، (نەۋرىسى) يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. (شۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، (ساماۋى) كىتابنى ئۇنىڭ نەسلى (دىن كەلگەنلەر) ئىچىدە قىلدۇق، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا دۇنيادا بەردۇق، شەكسىزكى، ئۇ ئاخىرەتتىمۇ ئەلۋەتتە سالىھلار قاتارىدىن بولىدۇ.
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 29:28لۇتنىمۇ (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچكىم (مۇنداق قەبىھ ئىشنى) قىلغان ئەمەس.
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ وَتَقۡطَعُونَ ٱلسَّبِيلَ وَتَأۡتُونَ فِي نَادِيكُمُ ٱلۡمُنكَرَۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتِنَا بِعَذَابِ ٱللَّهِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
Open ayah 29:29سىلەر ھەقىقەتەن بەچچىۋازلىق قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا بۇ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟». ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرۈپ باققىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
Open ayah 29:30لۇت: «ئى رەببىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُوٓاْ إِنَّا مُهۡلِكُوٓاْ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِۖ إِنَّ أَهۡلَهَا كَانُواْ ظَٰلِمِينَ
Open ayah 29:31بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا (ئوغلى ئىسھاق توغرۇلۇق) خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى.
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطٗاۚ قَالُواْ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَن فِيهَاۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
Open ayah 29:32ئىبراھىم: «ئۇ يۇرتتا لۇت بارغۇ؟» دېۋىدى. پەرىشتىلەر: «ئۇ يۇرتتا كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەلۋەتتە قۇتقۇزىمىز، پەقەت ئۇنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالىدۇ» دېدى.
وَلَمَّآ أَن جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗاۖ وَقَالُواْ لَا تَخَفۡ وَلَا تَحۡزَنۡ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهۡلَكَ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
Open ayah 29:33بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەن چاغدا، لۇت (قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن) ئەنسىرەپ چوڭقۇر قايغۇغا پاتتى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز سېنى ۋە ئائىلەڭنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز، پەقەت ئايالىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالىدۇ.
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰٓ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
Open ayah 29:34بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز».
وَلَقَد تَّرَكۡنَا مِنۡهَآ ءَايَةَۢ بَيِّنَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 29:35ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بىز بۇ يۇرت (خارابىسى)دىن ئوپئوچۇق بىر ئالامەت قالدۇردۇق.
وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗا فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱرۡجُواْ ٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
Open ayah 29:36مەديەن (ئاھالىسى) گىمۇ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلاڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرمەڭلار» دېدى.
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ
Open ayah 29:37ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى _ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى.
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَٰكِنِهِمۡۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُواْ مُسۡتَبۡصِرِينَ
Open ayah 29:38ئاد ۋە سەمۇد (قەۋملىرىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قانداق ھالاك قىلىنغانلىقى) ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدىن سىلەرگە ئوپئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا، شەيتان ئۇلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى.
وَقَٰرُونَ وَفِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانُواْ سَٰبِقِينَ
Open ayah 29:39قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار (بىزنىڭ ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى.
فَكُلًّا أَخَذۡنَا بِذَنۢبِهِۦۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِ حَاصِبٗا وَمِنۡهُم مَّنۡ أَخَذَتۡهُ ٱلصَّيۡحَةُ وَمِنۡهُم مَّنۡ خَسَفۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ وَمِنۡهُم مَّنۡ أَغۡرَقۡنَاۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 29:40بىز ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا تۇتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى (مال _ مۈلۈكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
مَثَلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَ كَمَثَلِ ٱلۡعَنكَبُوتِ ٱتَّخَذَتۡ بَيۡتٗاۖ وَإِنَّ أَوۡهَنَ ٱلۡبُيُوتِ لَبَيۡتُ ٱلۡعَنكَبُوتِۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 29:41ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. شەكسىزكى، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ھەقىقەتەن ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى).
إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 29:42شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِۖ وَمَا يَعۡقِلُهَآ إِلَّا ٱلۡعَٰلِمُونَ
Open ayah 29:43بۇ مىساللارنى بىز ئىنسانلار (نىڭ پايدىلىنىشى) ئۈچۈن كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.
خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 29:44ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.
ٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَۖ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۗ وَلَذِكۡرُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَصۡنَعُونَ
Open ayah 29:45(ئى پەيغەمبەر!) قۇرئاندىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغىن ۋە نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىن. شەكسىزكى، (مۇكەممەل ئادا قىلىنغان) ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش (ئىبادەتلەرنىڭ) ئەڭ كاتتىسىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
۞وَلَا تُجَٰدِلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡۖ وَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَأُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمۡ وَٰحِدٞ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
Open ayah 29:46(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئەھلى كىتاب بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتىلا مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئېيتىڭلاركى، «بىز ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئۇ ئىلاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَۚ فَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَمِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ مَن يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلۡكَٰفِرُونَ
Open ayah 29:47(ئى پەيغەمبەر!) شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب نازىل قىلدۇق. بىز (ئىلگىرى) كىتاب بەرگەنلەر ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلار (يەنى ئەرەبلەر) ئىچىدىمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
وَمَا كُنتَ تَتۡلُواْ مِن قَبۡلِهِۦ مِن كِتَٰبٖ وَلَا تَخُطُّهُۥ بِيَمِينِكَۖ إِذٗا لَّٱرۡتَابَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ
Open ayah 29:48سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن بىلگەن بولساڭ) ئۇ چاغدا، ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچىلار (قۇرئاننىڭ ئىلاھىي كىتاب ئىكەنلىكىدىن) چوقۇم گۇمانلىناتتى.
بَلۡ هُوَ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ فِي صُدُورِ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلظَّٰلِمُونَ
Open ayah 29:49بەلكى بۇ (قۇرئان) ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆكرەكلىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت (ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بوي ئەگمەيدىغان) زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ.
وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَٰتٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ
Open ayah 29:50ئۇلار: «نېمىشقا رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا (باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان) مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن بولسام پەقەت ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
أَوَلَمۡ يَكۡفِهِمۡ أَنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحۡمَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 29:51ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلغانلىقىمىز كۇپايە قىلمامدۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك _ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە نەسىھەت بار.
قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡ شَهِيدٗاۖ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ وَكَفَرُواْ بِٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
Open ayah 29:52ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەر— ئىككى تەرەپ ئارىسىدا (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. باتىلغا ئىشەنگەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار— ئەنە شۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردۇر».
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 29:53ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقىت بولمىسا ئىدى، ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلارغا (تەلەپ قىلغان ۋاقتىدىلا) كەلگەن بولاتتى، ئۇ ئازاب ئۇلارغا چوقۇم ئۇلار تۇيماي قالغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ.
يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 29:54ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (مۇنداق) كاپىرلارنى چوقۇم قورشىۋالىدۇ.
يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 29:55ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ھەم ئۈستىدىن ھەم ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ
Open ayah 29:56ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! شەكسىزكى، مېنىڭ زېمىنىم كەڭدۇر، شۇڭا سىلەر (نەدە بولساڭلار) ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
Open ayah 29:57ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
Open ayah 29:58ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار ئۇ جايلاردا مەڭگۈ تۇرىدۇ. (ياخشى) ئەمەللەرنى قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى!
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
Open ayah 29:59ئۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 29:60(يەر يۈزىدە) نۇرغۇن ھايۋانلار باركى، ئۇلار ئۆز رىزقىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىمۇ، سىلەرنىمۇ ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
Open ayah 29:61(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) كىم بويسۇندۇرۇپ بەردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
Open ayah 29:62ئاللاھ رىزىقنى بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىپ بېرىدۇ، (خالىغان كىشىگە) تار قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
Open ayah 29:63ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ.
وَمَا هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَهۡوٞ وَلَعِبٞۚ وَإِنَّ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ لَهِيَ ٱلۡحَيَوَانُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 29:64بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەت بىخۇتلۇق ۋە ئويۇن _ تاماشادىنلا ئىبارەتتۇر. شەكسىزكى، ھەقىقىي ھاياتلىق ئاخىرەت يۇرتىدىكى ھاياتلىقتۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) بىلسە ئىدى (دۇنيالىقنى ئاخىرەتلىكتىن ئارتۇق كۆرمەيتتى).
فَإِذَا رَكِبُواْ فِي ٱلۡفُلۡكِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ إِذَا هُمۡ يُشۡرِكُونَ
Open ayah 29:65ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئامان _ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا بولسا، ئۇلار شۇ ھامان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ وَلِيَتَمَتَّعُواْۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 29:66ئۇلار بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلسۇن ۋە كەيپ-ساپا سۈرۈۋالسۇن! (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا جَعَلۡنَا حَرَمًا ءَامِنٗا وَيُتَخَطَّفُ ٱلنَّاسُ مِنۡ حَوۡلِهِمۡۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 29:67ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۇلارغا (مەككىنى) چېقىلىشقا بولمايدىغان، ئامان (جاي) قىلىپ بەردۇق. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىنسانلار ئېلىپ قېچىلىۋاتىدۇ. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلامدۇ؟
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 29:68ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ھەقىقەت كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە (بۇنداق) كاپىرلارغا تۇرارجاي يوقمۇ؟
وَٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ فِينَا لَنَهۡدِيَنَّهُمۡ سُبُلَنَاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
Open ayah 29:69بىز ئۈچۈن جىھاد[103] قىلغانلارنى بىز ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شەكسىزكى، ئاللاھ (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
- بۇ يەردىكى «جىھاد» ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش، دەلىل-پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەقىقەتنى قوغداش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت «جىھاد» سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىپادىلەيدۇ.