الروم
Ar-Room
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓمٓ
Open ayah 30:1ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
غُلِبَتِ ٱلرُّومُ
Open ayah 30:2رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [2 _ 5]
فِيٓ أَدۡنَى ٱلۡأَرۡضِ وَهُم مِّنۢ بَعۡدِ غَلَبِهِمۡ سَيَغۡلِبُونَ
Open ayah 30:3رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [2 _ 5]
فِي بِضۡعِ سِنِينَۗ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ مِن قَبۡلُ وَمِنۢ بَعۡدُۚ وَيَوۡمَئِذٖ يَفۡرَحُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
Open ayah 30:4رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [2 _ 5]
بِنَصۡرِ ٱللَّهِۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 30:5رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [2 _ 5]
وَعۡدَ ٱللَّهِۖ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 30:6بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَعۡلَمُونَ ظَٰهِرٗا مِّنَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ عَنِ ٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ غَٰفِلُونَ
Open ayah 30:7ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر.
أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۗ مَّا خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ بِلِقَآيِٕ رَبِّهِمۡ لَكَٰفِرُونَ
Open ayah 30:8ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەت بىلەن ۋە مۇئەييەن مۇددەت بىلەن ياراتتى. شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.
أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَأَثَارُواْ ٱلۡأَرۡضَ وَعَمَرُوهَآ أَكۡثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
Open ayah 30:9ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكىلەر قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار تېرىقچىلىق قىلغان ۋە زېمىننى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ھالاك بولدى). ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
ثُمَّ كَانَ عَٰقِبَةَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ ٱلسُّوٓأَىٰٓ أَن كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَكَانُواْ بِهَا يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 30:10ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە داۋاملىق مەسخىرە قىلغان ئىدى.
ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 30:11ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) يەنە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ھەممىڭلار ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُبۡلِسُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 30:12قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار (ئازابتىن قۇتۇلۇشتىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
وَلَمۡ يَكُن لَّهُم مِّن شُرَكَآئِهِمۡ شُفَعَٰٓؤُاْ وَكَانُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ كَٰفِرِينَ
Open ayah 30:13ئۇلار (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار (ئۇ كۈندە) ئۆزلىرى شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن تانىدۇ.
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَتَفَرَّقُونَ
Open ayah 30:14قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر _ بىرىدىن ئايرىلىدۇ.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَهُمۡ فِي رَوۡضَةٖ يُحۡبَرُونَ
Open ayah 30:15ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار (جەننەت) باغچىلىرىدا (دائىملىق نازۇنېمەتلەر بىلەن) خۇشاللىققا چۆمدۈرۈلىدۇ.
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَلِقَآيِٕ ٱلۡأٓخِرَةِ فَأُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ
Open ayah 30:16(ئاللاھنى) ئىنكار قىلىپ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۇچرىشىشنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار داۋاملىق ئازابتا قالىدۇ.
فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ حِينَ تُمۡسُونَ وَحِينَ تُصۡبِحُونَ
Open ayah 30:17(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَعَشِيّٗا وَحِينَ تُظۡهِرُونَ
Open ayah 30:18ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىمۇ (ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار).
يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَيُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ وَكَذَٰلِكَ تُخۡرَجُونَ
Open ayah 30:19ئاللاھ جانسىزدىن جانلىقنى چىقىرىدۇ، جانلىقتىن جانسزنى چىقىرىدۇ، (قۇرغاقچىلىقتىن) ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرمۇ (تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن) شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ إِذَآ أَنتُم بَشَرٞ تَنتَشِرُونَ
Open ayah 30:20ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ (يەر يۈزىگە) تارقىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا لِّتَسۡكُنُوٓاْ إِلَيۡهَا وَجَعَلَ بَيۡنَكُم مَّوَدَّةٗ وَرَحۡمَةًۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
Open ayah 30:21كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفُ أَلۡسِنَتِكُمۡ وَأَلۡوَٰنِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡعَٰلِمِينَ
Open ayah 30:22ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭدا ھەربىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ مَنَامُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱبۡتِغَآؤُكُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ
Open ayah 30:23سىلەرنىڭ كېچىسى ئۇخلىشىڭلار، كۈندۈزى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزقىڭلارنى) ئىزدىشىڭلار ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَيُحۡيِۦ بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 30:24ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن تَقُومَ ٱلسَّمَآءُ وَٱلۡأَرۡضُ بِأَمۡرِهِۦۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمۡ دَعۡوَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ إِذَآ أَنتُمۡ تَخۡرُجُونَ
Open ayah 30:25ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاندىن (قىيامەت كۈنى) سىلەرنى (تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىلەر كۆمۈلگەن) يەر ئاستىدىن چاقىرسا دەرھال چىقىسىلەر.
وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ كُلّٞ لَّهُۥ قَٰنِتُونَ
Open ayah 30:26ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِي يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَهُوَ أَهۡوَنُ عَلَيۡهِۚ وَلَهُ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 30:27ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بارلىققا كەلتۈرىدىغان، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ ئوڭايدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ضَرَبَ لَكُم مَّثَلٗا مِّنۡ أَنفُسِكُمۡۖ هَل لَّكُم مِّن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن شُرَكَآءَ فِي مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ فَأَنتُمۡ فِيهِ سَوَآءٞ تَخَافُونَهُمۡ كَخِيفَتِكُمۡ أَنفُسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
Open ayah 30:28ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان مال – مۈلۈككە قول ئاستىڭلاردىكى قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭلار (يەنى سىلەرگە ئوخشاش ئازاد كىشىلەر) بىر _ بىرىڭىلاردىن تەپ تارتقاندەك تەپ تارتىشقا رازىمۇسىلەر؟ ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
بَلِ ٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ فَمَن يَهۡدِي مَنۡ أَضَلَّ ٱللَّهُۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ
Open ayah 30:29بەلكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلار ئىلىمسىز ھالدا نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچىلىرى بولمايدۇ.
فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗاۚ فِطۡرَتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي فَطَرَ ٱلنَّاسَ عَلَيۡهَاۚ لَا تَبۡدِيلَ لِخَلۡقِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 30:30(ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا — ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
۞مُنِيبِينَ إِلَيۡهِ وَٱتَّقُوهُ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَلَا تَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 30:31(ھەممىڭلار) ئاللاھقا (تەۋبە ۋە ئىخلاس بىلەن) يۈزلەنگۈچىلەر بولۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، مۇشرىكلاردىن، يەنى دىنىنى ئۆزگەرتىپ (ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ)، پىرقە _ پىرقە بولۇپ كەتكەنلەردىن بولماڭلار. (ئۇلاردىن) ھەربىر پىرقە ئۆزىدىكى (ئەقىدە ۋە قاراشلىرى) بىلەن خۇشالدۇر. [31 _ 32]
مِنَ ٱلَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمۡ وَكَانُواْ شِيَعٗاۖ كُلُّ حِزۡبِۭ بِمَا لَدَيۡهِمۡ فَرِحُونَ
Open ayah 30:32(ھەممىڭلار) ئاللاھقا (تەۋبە ۋە ئىخلاس بىلەن) يۈزلەنگۈچىلەر بولۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، مۇشرىكلاردىن، يەنى دىنىنى ئۆزگەرتىپ (ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ)، پىرقە _ پىرقە بولۇپ كەتكەنلەردىن بولماڭلار. (ئۇلاردىن) ھەربىر پىرقە ئۆزىدىكى (ئەقىدە ۋە قاراشلىرى) بىلەن خۇشالدۇر. [31 _ 32]
وَإِذَا مَسَّ ٱلنَّاسَ ضُرّٞ دَعَوۡاْ رَبَّهُم مُّنِيبِينَ إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَآ أَذَاقَهُم مِّنۡهُ رَحۡمَةً إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ
Open ayah 30:33ئىنسانلارغا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار دەرھال رەببىگە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىشقا باشلايدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز دەرگاھىدىن بىر رەھمەتنى تېتىتسا، شۇ ھامان ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
Open ayah 30:34ئۇلار بىز بەرگەن نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلىدۇ). (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر (دۇنيا ھاياتىدىن) بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، سىلەر (بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى) يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر.
أَمۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُواْ بِهِۦ يُشۡرِكُونَ
Open ayah 30:35ياكى بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرۈشىنىڭ (توغرىلىقىنى) سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل _ ئىسپات چۈشۈردۇقمۇ؟
وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ فَرِحُواْ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ إِذَا هُمۡ يَقۡنَطُونَ
Open ayah 30:36بىز ئىنسانلارغا بىرەر نېمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 30:37ئاللاھنىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار.
فَـَٔاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
Open ayah 30:38يېقىن تۇغقانلارغا، يوقسۇللارغا، (يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان) مۇساپىرلارغا (ياخشىلىقتىن) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن رِّبٗا لِّيَرۡبُوَاْ فِيٓ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرۡبُواْ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن زَكَوٰةٖ تُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُضۡعِفُونَ
Open ayah 30:39سىلەر ئىنسانلارنىڭ پۇل _ مېلى ئىچىدە كۆپەيسۇن دەپ، ئۆسۈم ئۈچۈن بەرگەن ھەرقانداق نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا كەلسەك، ئەنە شۇنداق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ (ساۋابىنى ۋە پۇل _ مېلىنى) ھەسسىلەپ كۆپەيتكۈچىلەردۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ ثُمَّ رَزَقَكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۖ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَفۡعَلُ مِن ذَٰلِكُم مِّن شَيۡءٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
Open ayah 30:40ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەرگەن زاتتۇر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. (سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان) نەرسىلىرىڭلار ئىچىدە بۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلالايدىغان بىرى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.
ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 30:41ئىنسانلارنى (ئاللاھ تەرەپكە) قايتسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قىسىم قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت [104] يۈز بەردى.
- ﴿الْفَسَادُ﴾ دېگەن سۆز لۇغەتتە بىر نەرسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئايەتنى مۇپەسسىرلەرنىڭ بەزىسى گۇناھ _ مەئسىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى، دەپ تەپسىر قىلسا، يەنە بەزىسى، ھۆل _ يېغىننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ قۇرغاقچىلىق، مول ھوسۇلنىڭ كېمىيىشى دېگەندەك ئاپەتلەر يۈز بەردى، دەپ تەپسىر قىلغان.
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلُۚ كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّشۡرِكِينَ
Open ayah 30:42(ئى پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغانلارغا) «يەر يۈزىدە كېزىپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» دېگىن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى.
فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ ٱلۡقَيِّمِ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۖ يَوۡمَئِذٖ يَصَّدَّعُونَ
Open ayah 30:43ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، سەن توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە، (ئىنسانلار) پىرقە _ پىرقە بولۇپ كېتىدۇ.
مَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِأَنفُسِهِمۡ يَمۡهَدُونَ
Open ayah 30:44كىمكى كاپىر بولغان بولسا، كاپىرلىقىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، مۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن (جەننەتتىن) ئورۇن ھازىرلىغان بولىدۇ.
لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 30:45(بۇ) ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن يُرۡسِلَ ٱلرِّيَاحَ مُبَشِّرَٰتٖ وَلِيُذِيقَكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَلِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 30:46ئاللاھنىڭ سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرگە رەھمىتىدىن تېتىتىشى ئۈچۈن، ئەمرى بىلەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزلاردا مېڭىشى ئۈچۈن، (كېمىلەر ئارقىلىق تىجارەت قىلىپ) ئۇنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، شاماللارنى (يامغۇردىن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ (بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىندۇر.
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱنتَقَمۡنَا مِنَ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيۡنَا نَصۡرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
Open ayah 30:47شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا كۆپلىگەن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۇلارغا قۇلاق سالماي) گۇناھقا پاتقانلارغا تېگىشلىك جازا بەردۇق. مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزدۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَيَبۡسُطُهُۥ فِي ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ يَشَآءُ وَيَجۡعَلُهُۥ كِسَفٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ
Open ayah 30:48ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدىغان، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدىغان ۋە ئۇنى ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىدىغان زاتتۇر. شۇنىڭ بىلەن سەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.
وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلِ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡهِم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمُبۡلِسِينَ
Open ayah 30:49ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يامغۇر ياغدۇرۇلۇشىدىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.
فَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ ءَاثَٰرِ رَحۡمَتِ ٱللَّهِ كَيۡفَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 30:50ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە _ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى چوقۇم (ئاشۇنداق) تىرىلدۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَلَئِنۡ أَرۡسَلۡنَا رِيحٗا فَرَأَوۡهُ مُصۡفَرّٗا لَّظَلُّواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ يَكۡفُرُونَ
Open ayah 30:51ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) بوراننى ئەۋەتسەك، ئۇلار (بوران سەۋەبلىك) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار چوقۇم تۇزكورلۇق قىلىشقا باشلايدۇ.
فَإِنَّكَ لَا تُسۡمِعُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَلَا تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوۡاْ مُدۡبِرِينَ
Open ayah 30:52شەكسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (يەنى قەلبى ئۆلگەن كاپىرلارغا ھەقنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
وَمَآ أَنتَ بِهَٰدِ ٱلۡعُمۡيِ عَن ضَلَٰلَتِهِمۡۖ إِن تُسۡمِعُ إِلَّا مَن يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُم مُّسۡلِمُونَ
Open ayah 30:53سەن (دىلى) كورلارنى ئازغۇنلۇقىدىن (چىقىرىپ) ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەمەسسەن. سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
۞ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعۡفٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ ضَعۡفٖ قُوَّةٗ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٖ ضَعۡفٗا وَشَيۡبَةٗۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ
Open ayah 30:54ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتقان، ئاندىن ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلغان، ئاندىن كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلغان ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزگەن زاتتۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُقۡسِمُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ مَا لَبِثُواْ غَيۡرَ سَاعَةٖۚ كَذَٰلِكَ كَانُواْ يُؤۡفَكُونَ
Open ayah 30:55قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ) ئەنە شۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ وَٱلۡإِيمَٰنَ لَقَدۡ لَبِثۡتُمۡ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡبَعۡثِۖ فَهَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡبَعۡثِ وَلَٰكِنَّكُمۡ كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 30:56(دۇنيادا ئۆزلىرىگە) ئىلىم ۋە ئىمان ئاتا قىلىنغان كىشىلەر: «شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا (ۋەدە قىلىنغان) تىرىلىش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار، مانا بۇ تىرىلىش كۈنىدۇر، ئەمما سىلەر (بۇنى) بىلمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَعۡذِرَتُهُمۡ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
Open ayah 30:57بۇ كۈندە زالىملارنىڭ ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَلَئِن جِئۡتَهُم بِـَٔايَةٖ لَّيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا مُبۡطِلُونَ
Open ayah 30:58شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەت كەلتۈرسەڭ، بۇ كاپىرلار ئەلۋەتتە: «سىلەر پەقەت باتىلغا ئەگىشىۋاتقان ئادەملەرسىلەر» دەيدۇ.
كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 30:59(دىننىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ وَلَا يَسۡتَخِفَّنَّكَ ٱلَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
Open ayah 30:60(ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بولغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) چىن ئىشەنمەيدىغانلار (نىڭ قىلمىشى) سېنى ھەرگىز يەڭگىللىك قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن.