لقمان

Luqman

Luqman · Surah 31 · Ayahs: 34 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. الٓمٓ

    Open ayah 31:1

    ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ

    Open ayah 31:2

    بۇلار (دىنغا) ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغۇچىلار[105] ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. [2 _ 3]

    1. بۇ ئايەتتىكى ﴿الْمُحْسِنِيْنَ﴾ دېگەن سۆز «ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار»، «مۇكەممەل ئەمەل قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىگەندەك، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار»، «خەير _ ساخاۋەت قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ58 _ ئايىتىنىڭ بەت ئاستىدىكى ئىزاھاتقا قارالسۇن.
  3. هُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 31:3

    بۇلار (دىنغا) ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغۇچىلار[105] ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. [2 _ 3]

    1. بۇ ئايەتتىكى ﴿الْمُحْسِنِيْنَ﴾ دېگەن سۆز «ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار»، «مۇكەممەل ئەمەل قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىگەندەك، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار»، «خەير _ ساخاۋەت قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ58 _ ئايىتىنىڭ بەت ئاستىدىكى ئىزاھاتقا قارالسۇن.
  4. ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ

    Open ayah 31:4

    ئۇلار ئاخىرەت كۈنىگە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان كىشىلەردۇر.

  5. أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

    Open ayah 31:5

    ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھىدايىتى ئۈستىدە بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.

  6. وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ

    Open ayah 31:6

    بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ[106]. ئەنە شۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار.

    1. بۇ يەردە نەزر ئىبنى ھارىس ئىسىملىك بىر كاپىر ئادەمنىڭ ئىرانغا تىجارەت ئۈچۈن بارغاندا، ھەرخىل ئەپسانە ۋە قوشاق- داسستانلارغا دائىر كىتابچىلارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، «مۇھەممەد سىلەرگە ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بەرسە، مەن سىلەرگە رۇستەم ۋە كىسرا قاتارلىق پادىشاھلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن» دەپ كىشىلەرنى ئىسلام دەۋىتىدىن توسماقچى بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
  7. وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا وَلَّىٰ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَا كَأَنَّ فِيٓ أُذُنَيۡهِ وَقۡرٗاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

    Open ayah 31:7

    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇ گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابتىن بېشارەت بەرگىن.

  8. إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلنَّعِيمِ

    Open ayah 31:8

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەر بار.

  9. خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 31:9

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەق ۋەدىنى قىلدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  10. خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجٖ كَرِيمٍ 

    Open ayah 31:10

    ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك تۈۋرۈكسىز ياراتتى، سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمىسۇن دەپ، يەر يۈزىدە مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى تارقاتتى. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.

  11. هَٰذَا خَلۡقُ ٱللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ بَلِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 31:11

    مانا بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلارچۇ، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىنى يارىتىپتۇ؟ بەلكى بۇ زالىملار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر.

  12. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا لُقۡمَٰنَ ٱلۡحِكۡمَةَ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِلَّهِۚ وَمَن يَشۡكُرۡ فَإِنَّمَا يَشۡكُرُ لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٞ

    Open ayah 31:12

    بىز لۇقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر».

  13. وَإِذۡ قَالَ لُقۡمَٰنُ لِٱبۡنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَٰبُنَيَّ لَا تُشۡرِكۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّ ٱلشِّرۡكَ لَظُلۡمٌ عَظِيمٞ

    Open ayah 31:13

    ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىدى.

  14. وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ وَهۡنًا عَلَىٰ وَهۡنٖ وَفِصَٰلُهُۥ فِي عَامَيۡنِ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيۡكَ إِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ

    Open ayah 31:14

    بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىدىغان ياخشىلىق ۋە خىزمەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنىڭغا قاتمۇقات ئاجىزلاپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى) ماڭا ۋە ئاتا _ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.

  15. وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَاۖ وَصَاحِبۡهُمَا فِي ٱلدُّنۡيَا مَعۡرُوفٗاۖ وَٱتَّبِعۡ سَبِيلَ مَنۡ أَنَابَ إِلَيَّۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 31:15

    ئەگەر ئاتا _ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلەنگەن ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن قايتىدىغان جايىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، شۇ چاغدا مەن سىلەرگە قىلغان _ ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن».

  16. يَٰبُنَيَّ إِنَّهَآ إِن تَكُ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٖ فَتَكُن فِي صَخۡرَةٍ أَوۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَوۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَأۡتِ بِهَا ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٞ

    Open ayah 31:16

    (لۇقمان ئېيتتى) «ئى ئوغلۇم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

  17. يَٰبُنَيَّ أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱنۡهَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَآ أَصَابَكَۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ

    Open ayah 31:17

    ئى ئوغلۇم! نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. شەكسىزكى، بۇلار مۇستەھكەم ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر.

  18. وَلَا تُصَعِّرۡ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٖ

    Open ayah 31:18

    تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈمىگىن، يەر يۈزىدە غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى، ئاللاھ ھەرقانداق ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ.

  19. وَٱقۡصِدۡ فِي مَشۡيِكَ وَٱغۡضُضۡ مِن صَوۡتِكَۚ إِنَّ أَنكَرَ ٱلۡأَصۡوَٰتِ لَصَوۡتُ ٱلۡحَمِيرِ

    Open ayah 31:19

    يول يۈرگەندە ئوتتۇراھال بولغىن، ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن. شەكسىزكى، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر».

  20. أَلَمۡ تَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَسۡبَغَ عَلَيۡكُمۡ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةٗ وَبَاطِنَةٗۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ 

    Open ayah 31:20

    سىلەر، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلەرنى كەڭتاشا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ بەزى كىشىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەي، ھىدايەتكە ۋە نۇرلۇق كىتابقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئاللاھ ھەققىدە جېدەللىشىدۇ.

  21. وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ بَلۡ نَتَّبِعُ مَا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ يَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ

    Open ayah 31:21

    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسىمۇ (ئۇلار شۇنداق دەمدۇ؟).

  22. ۞وَمَن يُسۡلِمۡ وَجۡهَهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰۗ وَإِلَى ٱللَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ

    Open ayah 31:22

    كىمكى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغان ھالدا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ مەھكەم تۇتقۇغا ئېسىلغان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

  23. وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحۡزُنكَ كُفۡرُهُۥٓۚ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 31:23

    كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاپىرلىقى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر. شۇ چاغدا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  24. نُمَتِّعُهُمۡ قَلِيلٗا ثُمَّ نَضۡطَرُّهُمۡ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٖ

    Open ayah 31:24

    ئۇلارنى (دۇنيالىقتىن) ئازغىنە بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن قاتتىق ئازابقا ھەيدەيمىز.

  25. وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 31:25

    ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەن (ئۇلارغا): «ئاللاھقا شۈكرىكى (ئاخىر ئېتىراپ قىلدىڭلار)» دېگىن. لېكىن، ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  26. لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ

    Open ayah 31:26

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

  27. وَلَوۡ أَنَّمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن شَجَرَةٍ أَقۡلَٰمٞ وَٱلۡبَحۡرُ يَمُدُّهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦ سَبۡعَةُ أَبۡحُرٖ مَّا نَفِدَتۡ كَلِمَٰتُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

    Open ayah 31:27

    (ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن) ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز – ئوكيان (سىياھ بولغان)، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلۇپ (سىياھ بولغا) تەقدىردىمۇ (قەلەملەر ئۇپراپ، سىياھلار قۇرۇپ تۈگەيدۇ)، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ھەرگىز تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  28. مَّا خَلۡقُكُمۡ وَلَا بَعۡثُكُمۡ إِلَّا كَنَفۡسٖ وَٰحِدَةٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ

    Open ayah 31:28

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلار ۋە (قىيامەت كۈنى) تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار (ئوڭايلىقتا) پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  29. أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَأَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

    Open ayah 31:29

    كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ (يەنى كېچىنى قىسقا، كۈندۈزنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (يەنى كۈندۈزنى قىسقا، كېچىنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ئۆز ئوربىتىسىدا) ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

  30. ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلۡبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ 

    Open ayah 31:30

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى باتىلدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ناھايىتى بۈيۈكتۇر.

  31. أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنۡ ءَايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ

    Open ayah 31:31

    كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتى (ۋە ئەمرى) بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (تائەت _ ئىبادەتتە) ناھايىتى چىداملىق، (ئاللاھقا) كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (مۇئمىن) بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  32. وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوۡجٞ كَٱلظُّلَلِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ فَمِنۡهُم مُّقۡتَصِدٞۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا كُلُّ خَتَّارٖ كَفُورٖ

    Open ayah 31:32

    (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالىدۇ (يەنى ئاللاھقا لايىقىدا شۈكۈر قىلمايدۇ). بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت بىۋاپا، تۇزكور ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ.

  33. يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡ وَٱخۡشَوۡاْ يَوۡمٗا لَّا يَجۡزِي وَالِدٌ عَن وَلَدِهِۦ وَلَا مَوۡلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِۦ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ

    Open ayah 31:33

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇڭا، دۇنيا تىرىكچىلىكى سىلەرنى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭلىكى) بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار.

  34. إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡأَرۡحَامِۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسٞ مَّاذَا تَكۡسِبُ غَدٗاۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسُۢ بِأَيِّ أَرۡضٖ تَمُوتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرُۢ

    Open ayah 31:34

    شەكسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى بىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچكىم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.