السجدة
As-Sajda
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
الٓمٓ
Open ayah 32:1ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 32:2(بۇ) كىتابنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا قىلچە شەك يوقتۇر.
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۚ بَلۡ هُوَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَهۡتَدُونَ
Open ayah 32:3مۇشرىكلار: «ئۇنى (يەنى قۇرئاننى مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ (قۇرئان) سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر.
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِيّٖ وَلَا شَفِيعٍۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
Open ayah 32:4ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق. سىلەر (بۇنىڭدىن) نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يَعۡرُجُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥٓ أَلۡفَ سَنَةٖ مِّمَّا تَعُدُّونَ
Open ayah 32:5ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (ھەممە) ئىشنى ئاللاھ ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بۇ (ئىشلار) ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.
ذَٰلِكَ عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 32:6ئەنە شۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، غالىب ۋە ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر.
ٱلَّذِيٓ أَحۡسَنَ كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥۖ وَبَدَأَ خَلۡقَ ٱلۡإِنسَٰنِ مِن طِينٖ
Open ayah 32:7ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر، ئۇ ئىنساننى يارىتىشنى دەسلەپتە لايدىن باشلىدى.
ثُمَّ جَعَلَ نَسۡلَهُۥ مِن سُلَٰلَةٖ مِّن مَّآءٖ مَّهِينٖ
Open ayah 32:8ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (بولغان مەنىي)دىن ياراتتى.
ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
Open ayah 32:9ئاندىن ئۇنى بېجىرىم (ئىنسان) قىلىپ، ئۇنىڭغا (ئۆزى ياراتقان) روھتىن پۈۋلىدى (يەنى جان كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر تولىمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
وَقَالُوٓاْ أَءِذَا ضَلَلۡنَا فِي ٱلۡأَرۡضِ أَءِنَّا لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدِۭۚ بَلۡ هُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 32:10ئۇلار: «بىز يەر ئاستىدا (تۇپراققا ئايلىنىپ) يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن راستتىنلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.
۞قُلۡ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلۡمَوۡتِ ٱلَّذِي وُكِّلَ بِكُمۡ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 32:11ئېيتقىنكى، «جېنىڭلارنى ئېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلۡمُجۡرِمُونَ نَاكِسُواْ رُءُوسِهِمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ رَبَّنَآ أَبۡصَرۡنَا وَسَمِعۡنَا فَٱرۡجِعۡنَا نَعۡمَلۡ صَٰلِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
Open ayah 32:12ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا: «ئى رەببىمىز! (بىز ھەقىقەتنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز ياخشى ئەمەللەرنى قىلايلى، بىز ھەقىقەتەن (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) قەتئىي ئىشەندۇق» دەپ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان ۋاقتىدىكى ھالىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ).
وَلَوۡ شِئۡنَا لَأٓتَيۡنَا كُلَّ نَفۡسٍ هُدَىٰهَا وَلَٰكِنۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ مِنِّي لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 32:13ئەگەر بىز خالىساق، ھەربىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت ئاتا قىلاتتۇق، لېكىن مېنىڭ «جىنلار ۋە ئىنسانلار (ئارىسىدىكى گۇناھكارلار) نىڭ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى چوقۇم تولدۇرىمەن» دېگەن ھۆكۈمۈم بېكىتىلىپ بولدى.
فَذُوقُواْ بِمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَآ إِنَّا نَسِينَٰكُمۡۖ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡخُلۡدِ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 32:14(ئۇ كۈنى دوزاخ ئەھلىگە مۇنداق دېيىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈنگە يولۇقىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ ئازابنى) تېتىڭلار، بىزمۇ ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار».
إِنَّمَا يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِهَا خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَسَبَّحُواْ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ۩
Open ayah 32:15بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە پەقەت شۇنداق كىشىلەرلا ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەزـ نەسىھەت قىلىنغان ھامان، ئۇلار چوڭچىلىق قىلماي، سەجدىگە باش قويىدۇ، رەببىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ.
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمۡ عَنِ ٱلۡمَضَاجِعِ يَدۡعُونَ رَبَّهُمۡ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
Open ayah 32:16ئۇلار (كېچىلىرى ئىبادەت قىلىپ، ئاز ئۇخلىغانلىقتىن) ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن _ كۆرپىلەردىن يىراقلىشىدۇ، ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىزنىڭ ئاتا قىلغانلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) چىقىم قىلىدۇ.
فَلَا تَعۡلَمُ نَفۡسٞ مَّآ أُخۡفِيَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعۡيُنٖ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 32:17ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا) ئۇلار ئۈچۈن ساقلانغان ھۇزۇر- ھالاۋەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
أَفَمَن كَانَ مُؤۡمِنٗا كَمَن كَانَ فَاسِقٗاۚ لَّا يَسۡتَوُۥنَ
Open ayah 32:18(ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ) مۇئمىن بولغان ئادەم (توغرا يولدىن چەتنەپ) پاسىق بولغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار باراۋەر ئەمەس.
أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡمَأۡوَىٰ نُزُلَۢا بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 32:19ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ. (جەننەت) ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (ھازىرلانغان جايدۇر).
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُواْ فَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَآ أُعِيدُواْ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمۡ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
Open ayah 32:20توغرا يولدىن ئازغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. ئۇلار ھەر قاچان دوزاختىن چىقىشقا تەمشەلسە، دەرھال دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا «سىلەر ئۆزۈڭلار ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 32:21بىز ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتىكى) ئەڭ چوڭ ئازابتىن ئىلگىرى (بۇ دۇنيادىكى) ئەڭ يېقىن ئازابنى چوقۇم تېتىتىمىز.
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ ثُمَّ أَعۡرَضَ عَنۡهَآۚ إِنَّا مِنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ مُنتَقِمُونَ
Open ayah 32:22رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شەكسىزكى، بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز.
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَلَا تَكُن فِي مِرۡيَةٖ مِّن لِّقَآئِهِۦۖ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 32:23شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەن (مىراج كېچىسىدە) مۇسا بىلەن ئۇچرىشىشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق.
وَجَعَلۡنَا مِنۡهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا لَمَّا صَبَرُواْۖ وَكَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يُوقِنُونَ
Open ayah 32:24ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداشتا) چىداملىق بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالارنى چىقاردۇق.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفۡصِلُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
Open ayah 32:25شەكسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ (ئىچىدىكى مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار) ئوتتۇرىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان (دىنىي) ئىشلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
أَوَلَمۡ يَهۡدِ لَهُمۡ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ يَمۡشُونَ فِي مَسَٰكِنِهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٍۚ أَفَلَا يَسۡمَعُونَ
Open ayah 32:26ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (ھالبۇكى) ئۇلار (ھالاك بولغان) بۇ ئۈممەتلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار (بۇنىڭغا) قۇلاق سالمامدۇ؟
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا نَسُوقُ ٱلۡمَآءَ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡجُرُزِ فَنُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا تَأۡكُلُ مِنۡهُ أَنۡعَٰمُهُمۡ وَأَنفُسُهُمۡۚ أَفَلَا يُبۡصِرُونَ
Open ayah 32:27ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز قۇرۇپ كەتكەن زېمىنغا يامغۇرنى ھەيدەپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋانلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡفَتۡحُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 32:28ئۇلار (يەنى مەككىلىك مۇشرىكلار ئازابقا ئالدىراپ): «(سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ)» دەيدۇ.
قُلۡ يَوۡمَ ٱلۡفَتۡحِ لَا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِيمَٰنُهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
Open ayah 32:29(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ».
فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَٱنتَظِرۡ إِنَّهُم مُّنتَظِرُونَ
Open ayah 32:30سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە بىرەر يامانلىق كېلىشىنى) كۈتۈپ تۇرغۇچىلاردۇر.