الأحزاب
Al-Ahzaab
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ ٱتَّقِ ٱللَّهَ وَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 33:1ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھتىن قورققىن، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا بويسۇنمىغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
Open ayah 33:2ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنىۋاتقان (قۇرئان)غا ئەگەشكىن. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
Open ayah 33:3سەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
مَّا جَعَلَ ٱللَّهُ لِرَجُلٖ مِّن قَلۡبَيۡنِ فِي جَوۡفِهِۦۚ وَمَا جَعَلَ أَزۡوَٰجَكُمُ ٱلَّٰٓـِٔي تُظَٰهِرُونَ مِنۡهُنَّ أُمَّهَٰتِكُمۡۚ وَمَا جَعَلَ أَدۡعِيَآءَكُمۡ أَبۡنَآءَكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ قَوۡلُكُم بِأَفۡوَٰهِكُمۡۖ وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلۡحَقَّ وَهُوَ يَهۡدِي ٱلسَّبِيلَ
Open ayah 33:4ئاللاھ ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقان ئەمەس، سىلەر زىھار[107] قىلغان ئاياللىرىڭلارنى سىلەرگە ئانا قىلغانمۇ ئەمەس، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنى ئۆز بالاڭلار (نىڭ ھۆكمىدە) قىلغانمۇ ئەمەس، بۇ پەقەت سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر، ئاللاھ ھەقىقەتنى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.
- جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەردە «زىھار» دەيدىغان بىر ئادەت بار ئىدى. بىرى ئۆزىنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىۋەتمەكچى بولسا، «سېنىڭ ئۇچاڭ مېنىڭ ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشايدۇ» دەييتى، بۇ گەپنى دېگەن ھامان بۇ ئايال ئېرىگە ھارام بولۇپ كېتەتتى. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەت ھارام قىلىنغان ۋە بۇنداق سۆزنى قىلغان ئەرلەرگە جازا بەلگىلەنگەن.
ٱدۡعُوهُمۡ لِأٓبَآئِهِمۡ هُوَ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِۚ فَإِن لَّمۡ تَعۡلَمُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَمَوَٰلِيكُمۡۚ وَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٞ فِيمَآ أَخۡطَأۡتُم بِهِۦ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتۡ قُلُوبُكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمًا
Open ayah 33:5ئۇلارنى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستۇڭلاردۇر. سەۋەنلىكتىن قىلىپ قويغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
ٱلنَّبِيُّ أَوۡلَىٰ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ مِنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَأَزۡوَٰجُهُۥٓ أُمَّهَٰتُهُمۡۗ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ إِلَّآ أَن تَفۡعَلُوٓاْ إِلَىٰٓ أَوۡلِيَآئِكُم مَّعۡرُوفٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا
Open ayah 33:6پەيغەمبەر مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز جېنىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، (پەيغەمبەر مۇئمىنلەرنىڭ ئاتىسىغا ئوخشاش بولغانلىقتىن) پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر (شۇڭا، پەيغەمبەردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاياللىرىغا نىكاھلىنىش مۇئمىنلەرگە ھارامدۇر). ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇرۇق _ تۇغقانلار (مىراس ئېلىشتا) بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن ھەقلىقتۇر[108]. لېكىن مۇئمىن قېرىنداشلىرىڭلارغا (بىر نەرسە بېرىشكە) ۋەسىيەت قىلساڭلار بولىدۇ، بۇلار (لەۋھۇلمەھفۇز دېگەن) كىتابتا يېزىلغاندۇر.
- ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىنىي قېرىنداشلىق ۋە مۇھاجىرلىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىر-بىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بار ئىدى. كېيىنچە، مىراس ھەققىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغاندىن كېيىن، بۇ تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِيثَٰقَهُمۡ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٖ وَإِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَۖ وَأَخَذۡنَا مِنۡهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
Open ayah 33:7(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن (جۈملىدىن) سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسادىن (دىننى يەتكۈزۈش توغرۇلۇق) ئەھدە ئالدۇق. راستچىللاردىن (يەنى پەيغەمبەرلەردىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى) راستچىللىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاللاھ كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدى. [7 _ 8]
لِّيَسۡـَٔلَ ٱلصَّٰدِقِينَ عَن صِدۡقِهِمۡۚ وَأَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 33:8(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن (جۈملىدىن) سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسادىن (دىننى يەتكۈزۈش توغرۇلۇق) ئەھدە ئالدۇق. راستچىللاردىن (يەنى پەيغەمبەرلەردىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى) راستچىللىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاللاھ كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدى. [7 _ 8]
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَآءَتۡكُمۡ جُنُودٞ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا وَجُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا
Open ayah 33:9ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (ئىتتىپاقداش) قوشۇن (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە (پەرىشتىلەردىن ئىبارەت) سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇن ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذۡ جَآءُوكُم مِّن فَوۡقِكُمۡ وَمِنۡ أَسۡفَلَ مِنكُمۡ وَإِذۡ زَاغَتِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَبَلَغَتِ ٱلۡقُلُوبُ ٱلۡحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِٱللَّهِ ٱلظُّنُونَا۠
Open ayah 33:10ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ، يۈرىكىڭلار ئېغىزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.
هُنَالِكَ ٱبۡتُلِيَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَزُلۡزِلُواْ زِلۡزَالٗا شَدِيدٗا
Open ayah 33:11ئۇ يەردە مۇئمىنلەر سىنالغان ۋە قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى.
وَإِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ مَّا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ إِلَّا غُرُورٗا
Open ayah 33:12ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار بىلەن دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپتىكەن» دېيىشكەن ئىدى.
وَإِذۡ قَالَت طَّآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ يَٰٓأَهۡلَ يَثۡرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمۡ فَٱرۡجِعُواْۚ وَيَسۡتَـٔۡذِنُ فَرِيقٞ مِّنۡهُمُ ٱلنَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوۡرَةٞ وَمَا هِيَ بِعَوۡرَةٍۖ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارٗا
Open ayah 33:13ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر![109] (بۇ يەدە) تۇرۇشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، شۇڭا سىلەر (ئۆيۈڭلەرگە) قايتىڭلار!» دىدى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقلۇقتا (يەنى بىخەتەر ئەمەس)» دەپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقلۇقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ.
- يەسرىپ _ مەدىنىنىڭ بۇرۇنقى ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.
وَلَوۡ دُخِلَتۡ عَلَيۡهِم مِّنۡ أَقۡطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُواْ ٱلۡفِتۡنَةَ لَأٓتَوۡهَا وَمَا تَلَبَّثُواْ بِهَآ إِلَّا يَسِيرٗا
Open ayah 33:14ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىماندىن يېنىپ، (مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش) تەلەپ قىلىنسا ئىدى، ئۇلار بۇ تەلەپكە دەرھال ماقۇل بولۇپ، ئۇنى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا (ئورۇندايتتى).
وَلَقَدۡ كَانُواْ عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ لَا يُوَلُّونَ ٱلۡأَدۡبَٰرَۚ وَكَانَ عَهۡدُ ٱللَّهِ مَسۡـُٔولٗا
Open ayah 33:15ئۇلار ئىلگىرى (جىھادتىن) ئارقىسىنى قىلىپ قاچماسلىق ھەققىدە ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدە ئەلۋەتتە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
قُل لَّن يَنفَعَكُمُ ٱلۡفِرَارُ إِن فَرَرۡتُم مِّنَ ٱلۡمَوۡتِ أَوِ ٱلۡقَتۡلِ وَإِذٗا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 33:16(ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن (قورقۇپ، جىھادتىن) قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقان تەقدىردىمۇ (بۇ ھاياتتىن) پەقەت ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولالايسىلەر».
قُلۡ مَن ذَا ٱلَّذِي يَعۡصِمُكُم مِّنَ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ سُوٓءًا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ رَحۡمَةٗۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
Open ayah 33:17ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، سىلەرنى ئاللاھتىن كىم قوغداپ قالالايدۇ، ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەتنى ئىرادە قىلسا، (ئۇنى كىم توسۇپ قالالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىگە ۋە ھېچبىر ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.
۞قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلۡمُعَوِّقِينَ مِنكُمۡ وَٱلۡقَآئِلِينَ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ هَلُمَّ إِلَيۡنَاۖ وَلَا يَأۡتُونَ ٱلۡبَأۡسَ إِلَّا قَلِيلًا
Open ayah 33:18ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە ئۆز تەرەپدارلىرىغا (مۇسۇلمانلارنى تەرك ئېتىپ) بىزگە قوشۇلۇڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار (رىيا قىلىپ) جەڭگە ئاندا- ساندا قاتنىشىپ قويىدۇ.
أَشِحَّةً عَلَيۡكُمۡۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلۡخَوۡفُ رَأَيۡتَهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ تَدُورُ أَعۡيُنُهُمۡ كَٱلَّذِي يُغۡشَىٰ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلۡخَوۡفُ سَلَقُوكُم بِأَلۡسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلۡخَيۡرِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَمۡ يُؤۡمِنُواْ فَأَحۡبَطَ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
Open ayah 33:19ئۇلار (قاتناشقاندىمۇ) سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىللىق قىلىدۇ، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل _ مالغا قارىتا ئاچكۆزلۈك قىلىپ سىلەرنى ئۆتكۈر (ۋە زەھەرلىك) تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئەنە شۇلار (دىلى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر.
يَحۡسَبُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ لَمۡ يَذۡهَبُواْۖ وَإِن يَأۡتِ ٱلۡأَحۡزَابُ يَوَدُّواْ لَوۡ أَنَّهُم بَادُونَ فِي ٱلۡأَعۡرَابِ يَسۡـَٔلُونَ عَنۡ أَنۢبَآئِكُمۡۖ وَلَوۡ كَانُواْ فِيكُم مَّا قَٰتَلُوٓاْ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 33:20ئۇلار ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (چۆلدە) سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇقۇشقاچ، (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، جەڭگە ئاندا _ ساندا قاتنىشىپ قوياتتى.
لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا
Open ayah 33:21شەكسىزكى، سىلەرگە — ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.
وَلَمَّا رَءَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ قَالُواْ هَٰذَا مَا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَصَدَقَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥۚ وَمَا زَادَهُمۡ إِلَّآ إِيمَٰنٗا وَتَسۡلِيمٗا
Open ayah 33:22مۇئمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتقان» دېيىشتى. بۇ (ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ كەلگەنلىكى) پەقەت ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئىتائەتمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ رِجَالٞ صَدَقُواْ مَا عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ عَلَيۡهِۖ فَمِنۡهُم مَّن قَضَىٰ نَحۡبَهُۥ وَمِنۡهُم مَّن يَنتَظِرُۖ وَمَا بَدَّلُواْ تَبۡدِيلٗا
Open ayah 33:23مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (ۋەدىسىنى) قەتئىي ئۆزگەرتمىدى.
لِّيَجۡزِيَ ٱللَّهُ ٱلصَّٰدِقِينَ بِصِدۡقِهِمۡ وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ إِن شَآءَ أَوۡ يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 33:24ئاللاھ راستچىللارنى راستچىللىقى يۈزىسىدىن مۇكاپاتلاش، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلاش ياكى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىش ئۈچۈن (جىھادنى پەرز قىلدى). شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَرَدَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِغَيۡظِهِمۡ لَمۡ يَنَالُواْ خَيۡرٗاۚ وَكَفَى ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلۡقِتَالَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزٗا
Open ayah 33:25ئاللاھ كاپىرلارنى (مەدىنىدىن) ئاچچىقتىن ئىچىنى يېگەن (ئۇچرىغان تالاپەت سەۋەبلىك ھەممىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن) ھېچقانداق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن ھالدا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئاللاھ (بوران ۋە پەرىشتە ئارقىلىق) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
وَأَنزَلَ ٱلَّذِينَ ظَٰهَرُوهُم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مِن صَيَاصِيهِمۡ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعۡبَ فَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ وَتَأۡسِرُونَ فَرِيقٗا
Open ayah 33:26ئاللاھ ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئى ئىمان ئېيتقانلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ) بىر بۆلىكىنى ئۆلتۈردۈڭلار ۋە بىر بۆلىكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.
وَأَوۡرَثَكُمۡ أَرۡضَهُمۡ وَدِيَٰرَهُمۡ وَأَمۡوَٰلَهُمۡ وَأَرۡضٗا لَّمۡ تَطَـُٔوهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
Open ayah 33:27ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەر _ زېمىنلىرىغا، قورۇ _ جايلىرىغا، مال _ مۈلۈكىگە ۋە بۇرۇن سىلەر قەدەم بېسىپ باقمىغان جايلارغا ئىگە قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيۡنَ أُمَتِّعۡكُنَّ وَأُسَرِّحۡكُنَّ سَرَاحٗا جَمِيلٗا
Open ayah 33:28ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ ئالدىڭغا توپلىشىپ كەلگەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيالىق ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرىپ، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي.
وَإِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ فَإِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡمُحۡسِنَٰتِ مِنكُنَّ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 33:29ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى (تائەت-ئىبادەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىلارغا چوڭ مۇكاپات تەييارلىدى».
يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ مَن يَأۡتِ مِنكُنَّ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖ يُضَٰعَفۡ لَهَا ٱلۡعَذَابُ ضِعۡفَيۡنِۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
Open ayah 33:30ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئاراڭلاردىن كىمكى ئوپئوچۇق بىر قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
۞وَمَن يَقۡنُتۡ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا نُّؤۡتِهَآ أَجۡرَهَا مَرَّتَيۡنِ وَأَعۡتَدۡنَا لَهَا رِزۡقٗا كَرِيمٗا
Open ayah 33:31سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، بىز ئۇنىڭغا مۇكاپاتىنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ لَسۡتُنَّ كَأَحَدٖ مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِنِ ٱتَّقَيۡتُنَّۚ فَلَا تَخۡضَعۡنَ بِٱلۡقَوۡلِ فَيَطۡمَعَ ٱلَّذِي فِي قَلۡبِهِۦ مَرَضٞ وَقُلۡنَ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
Open ayah 33:32ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (شۇڭا گەپ قىلغاندا گۇماندىن خالىي) نورمال گەپ قىلىڭلار.
وَقَرۡنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجۡنَ تَبَرُّجَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ ٱلۡأُولَىٰۖ وَأَقِمۡنَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتِينَ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِعۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُذۡهِبَ عَنكُمُ ٱلرِّجۡسَ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِ وَيُطَهِّرَكُمۡ تَطۡهِيرٗا
Open ayah 33:33سىلەر ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، (سىرتقا) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ (يۇقىرىقى ئەمرى ئارقىلىق) پەقەت سىلەردىن نالايىق سۆز ۋە قىلمىشلارنى يىراق قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
وَٱذۡكُرۡنَ مَا يُتۡلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱلۡحِكۡمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
Open ayah 33:34ئۆيۈڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى (ھەدىسلەرنى) ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە) ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر، (ئەھۋالىڭلاردىن) خەۋەرداردۇر.
إِنَّ ٱلۡمُسۡلِمِينَ وَٱلۡمُسۡلِمَٰتِ وَٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ وَٱلۡقَٰنِتِينَ وَٱلۡقَٰنِتَٰتِ وَٱلصَّٰدِقِينَ وَٱلصَّٰدِقَٰتِ وَٱلصَّٰبِرِينَ وَٱلصَّٰبِرَٰتِ وَٱلۡخَٰشِعِينَ وَٱلۡخَٰشِعَٰتِ وَٱلۡمُتَصَدِّقِينَ وَٱلۡمُتَصَدِّقَٰتِ وَٱلصَّٰٓئِمِينَ وَٱلصَّٰٓئِمَٰتِ وَٱلۡحَٰفِظِينَ فُرُوجَهُمۡ وَٱلۡحَٰفِظَٰتِ وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 33:35شەكسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، چىدامچان ئەرلەر ۋە چىدامچان ئاياللارغا، ئاللاھتىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھتىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات تەييارلىدى.
وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٖ وَلَا مُؤۡمِنَةٍ إِذَا قَضَى ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَمۡرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ ٱلۡخِيَرَةُ مِنۡ أَمۡرِهِمۡۗ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلٗا مُّبِينٗا
Open ayah 33:36ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ھېچبىر مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايالنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.
وَإِذۡ تَقُولُ لِلَّذِيٓ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَأَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِ أَمۡسِكۡ عَلَيۡكَ زَوۡجَكَ وَٱتَّقِ ٱللَّهَ وَتُخۡفِي فِي نَفۡسِكَ مَا ٱللَّهُ مُبۡدِيهِ وَتَخۡشَى ٱلنَّاسَ وَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخۡشَىٰهُۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيۡدٞ مِّنۡهَا وَطَرٗا زَوَّجۡنَٰكَهَا لِكَيۡ لَا يَكُونَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ حَرَجٞ فِيٓ أَزۡوَٰجِ أَدۡعِيَآئِهِمۡ إِذَا قَضَوۡاْ مِنۡهُنَّ وَطَرٗاۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ مَفۡعُولٗا
Open ayah 33:37(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى (نىكاھىڭدا) تۇتقىن ۋە ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقاتتىڭ. ھالبۇكى، قورقۇشۇڭغا ئاللاھ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇنى ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئەنە شۇنداق) ئورۇندالدى.
مَّا كَانَ عَلَى ٱلنَّبِيِّ مِنۡ حَرَجٖ فِيمَا فَرَضَ ٱللَّهُ لَهُۥۖ سُنَّةَ ٱللَّهِ فِي ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلُۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قَدَرٗا مَّقۡدُورًا
Open ayah 33:38ئاللاھ پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان (بۇ) ئىشتا ئۇنىڭغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر.
ٱلَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَٰلَٰتِ ٱللَّهِ وَيَخۡشَوۡنَهُۥ وَلَا يَخۡشَوۡنَ أَحَدًا إِلَّا ٱللَّهَۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبٗا
Open ayah 33:39ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَآ أَحَدٖ مِّن رِّجَالِكُمۡ وَلَٰكِن رَّسُولَ ٱللَّهِ وَخَاتَمَ ٱلنَّبِيِّـۧنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
Open ayah 33:40مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، پەقەت ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ ذِكۡرٗا كَثِيرٗا
Open ayah 33:41ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.
وَسَبِّحُوهُ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلًا
Open ayah 33:42ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
هُوَ ٱلَّذِي يُصَلِّي عَلَيۡكُمۡ وَمَلَٰٓئِكَتُهُۥ لِيُخۡرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَكَانَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ رَحِيمٗا
Open ayah 33:43ئاللاھ سىلەرنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان زاتتۇر. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئەزەلدىن مۇئمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
تَحِيَّتُهُمۡ يَوۡمَ يَلۡقَوۡنَهُۥ سَلَٰمٞۚ وَأَعَدَّ لَهُمۡ أَجۡرٗا كَرِيمٗا
Open ayah 33:44ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان كۈندە «سالام» بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ شَٰهِدٗا وَمُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
Open ayah 33:45ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يولىمىزغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق. [45 _ 46]
وَدَاعِيًا إِلَى ٱللَّهِ بِإِذۡنِهِۦ وَسِرَاجٗا مُّنِيرٗا
Open ayah 33:46ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يولىمىزغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق. [45 _ 46]
وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ بِأَنَّ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَضۡلٗا كَبِيرٗا
Open ayah 33:47(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۈيۈك ئېھسانغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
وَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَدَعۡ أَذَىٰهُمۡ وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
Open ayah 33:48كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا بويسۇنمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا يەتكۈزگەن) ئەزىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (تەۋەككۈل قىلغۇچىلارغا) يېتەرلىك ھامىيدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نَكَحۡتُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ ثُمَّ طَلَّقۡتُمُوهُنَّ مِن قَبۡلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمۡ عَلَيۡهِنَّ مِنۡ عِدَّةٖ تَعۡتَدُّونَهَاۖ فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحٗا جَمِيلٗا
Open ayah 33:49ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇئمىن ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۈن ساناپ ئىددەت تۇتۇشى لازىم ئەمەس، ئۇلارغا (مەلۇم مىقداردا) بىر نەرسە بېرىپ، چىرايلىق يوسۇندا قويۇپ بېرىڭلار.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِنَّآ أَحۡلَلۡنَا لَكَ أَزۡوَٰجَكَ ٱلَّٰتِيٓ ءَاتَيۡتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَ مِمَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَيۡكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّٰتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَٰلَٰتِكَ ٱلَّٰتِي هَاجَرۡنَ مَعَكَ وَٱمۡرَأَةٗ مُّؤۡمِنَةً إِن وَهَبَتۡ نَفۡسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنۡ أَرَادَ ٱلنَّبِيُّ أَن يَسۡتَنكِحَهَا خَالِصَةٗ لَّكَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۗ قَدۡ عَلِمۡنَا مَا فَرَضۡنَا عَلَيۡهِمۡ فِيٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ لِكَيۡلَا يَكُونَ عَلَيۡكَ حَرَجٞۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 33:50ئى پەيغەمبەر! سەن مەھرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەن چۆرىلەرنى بىز ساڭا ھالال قىلدۇق، سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ئاتا تەرەپ تاغا _ ھاممىلىرىڭنىڭ قىزلىرىنى ۋە ئانا تەرەپ تاغا _ ھاممىلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق). ئەگەر بىر مۇئمىن ئايال ئۆزىنى پەيغەمبەرگە (مەھرى تەلەپ قىلمايلا) تەقدىم قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا ھالال قىلدۇق. شەكسىزكى، مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر. (بۇ) سېنىڭ تەڭلىكتە قالماسلىقىڭ ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
۞تُرۡجِي مَن تَشَآءُ مِنۡهُنَّ وَتُـٔۡوِيٓ إِلَيۡكَ مَن تَشَآءُۖ وَمَنِ ٱبۡتَغَيۡتَ مِمَّنۡ عَزَلۡتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكَۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن تَقَرَّ أَعۡيُنُهُنَّ وَلَا يَحۡزَنَّ وَيَرۡضَيۡنَ بِمَآ ءَاتَيۡتَهُنَّ كُلُّهُنَّۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمٗا
Open ayah 33:51(ئى پەيغەمبەر!) ئاياللىرىڭدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنىڭ (سەن بىلەن يېتىش) نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭمۇ، خالىغىنىڭدىن بىرى بىلەن بىللە بولساڭمۇ، سەن نۆۋىتىنى كېچىكتۈرگەن ئاياللىرىڭدىن خالىغان بىرىنى قايتىدىن تەلەپ قىلساڭمۇ ساڭا گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، سېنىڭ تەقسىماتىڭغا ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعۡدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ حُسۡنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ رَّقِيبٗا
Open ayah 33:52(ئى پەيغەمبەر!) بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خوتۇن ئېلىشىڭ ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ھۆسنى _ جامالى سېنى قىزىقتۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. پەقەت قول ئاستىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتَ ٱلنَّبِيِّ إِلَّآ أَن يُؤۡذَنَ لَكُمۡ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيۡرَ نَٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَٰكِنۡ إِذَا دُعِيتُمۡ فَٱدۡخُلُواْ فَإِذَا طَعِمۡتُمۡ فَٱنتَشِرُواْ وَلَا مُسۡتَـٔۡنِسِينَ لِحَدِيثٍۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ يُؤۡذِي ٱلنَّبِيَّ فَيَسۡتَحۡيِۦ مِنكُمۡۖ وَٱللَّهُ لَا يَسۡتَحۡيِۦ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ وَإِذَا سَأَلۡتُمُوهُنَّ مَتَٰعٗا فَسۡـَٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٖۚ ذَٰلِكُمۡ أَطۡهَرُ لِقُلُوبِكُمۡ وَقُلُوبِهِنَّۚ وَمَا كَانَ لَكُمۡ أَن تُؤۡذُواْ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓاْ أَزۡوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦٓ أَبَدًاۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا
Open ayah 33:53ئى ئىمان ئېيتقانلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە پەقەت سىلەر تاماققا چاقىرىلغاندىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا ئىجازەت سوراپ كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار _ يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا تارقىلىپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىپ ئولتۇرماڭلار، بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ. ئاللاھ ھەقنى ئېيتىشتىن تارتىنمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.
إِن تُبۡدُواْ شَيۡـًٔا أَوۡ تُخۡفُوهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
Open ayah 33:54سىلەر بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يوشۇرساڭلارمۇ (بەرىبىردۇر)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّا جُنَاحَ عَلَيۡهِنَّ فِيٓ ءَابَآئِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآئِهِنَّ وَلَآ إِخۡوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآءِ إِخۡوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآءِ أَخَوَٰتِهِنَّ وَلَا نِسَآئِهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّۗ وَٱتَّقِينَ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا
Open ayah 33:55ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۇئمىن ئاياللار بىلەن، قۇل _ چۆرىلىرى بىلەن (پەردىسىز) كۆرۈشۈشتە ھېچبىر گۇناھ يوق. (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ وَمَلَٰٓئِكَتَهُۥ يُصَلُّونَ عَلَى ٱلنَّبِيِّۚ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ صَلُّواْ عَلَيۡهِ وَسَلِّمُواْ تَسۡلِيمًا
Open ayah 33:56شەكسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن) مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمۡ عَذَابٗا مُّهِينٗا
Open ayah 33:57شەكسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.
وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ بِغَيۡرِ مَا ٱكۡتَسَبُواْ فَقَدِ ٱحۡتَمَلُواْ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
Open ayah 33:58مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار چوڭ بىر بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ يُدۡنِينَ عَلَيۡهِنَّ مِن جَلَٰبِيبِهِنَّۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يُعۡرَفۡنَ فَلَا يُؤۡذَيۡنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 33:59ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (تەقۋادار ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
۞لَّئِن لَّمۡ يَنتَهِ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡمُرۡجِفُونَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لَنُغۡرِيَنَّكَ بِهِمۡ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَآ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 33:60ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار ئازغىنە بىر مۇددەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەدىنىدە سەن بىلەن تۇرالمايدۇ، لەنەت قىلىنغان ھالدا (مەدىنىدىن چىقىرىلىدۇ)، قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. [60 _ 61]
مَّلۡعُونِينَۖ أَيۡنَمَا ثُقِفُوٓاْ أُخِذُواْ وَقُتِّلُواْ تَقۡتِيلٗا
Open ayah 33:61ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار ئازغىنە بىر مۇددەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەدىنىدە سەن بىلەن تۇرالمايدۇ، لەنەت قىلىنغان ھالدا (مەدىنىدىن چىقىرىلىدۇ)، قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. [60 _ 61]
سُنَّةَ ٱللَّهِ فِي ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا
Open ayah 33:62(بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكىلەر ئىچىدە (يۈرگۈزۈپ كەلگەن) قانۇنىدۇر. ئاللاھنىڭ قانۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
يَسۡـَٔلُكَ ٱلنَّاسُ عَنِ ٱلسَّاعَةِۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ ٱللَّهِۚ وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
Open ayah 33:63(ئى پەيغەمبەر!) كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن. سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكىم قىيامەتنىڭ ۋاقتى يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
إِنَّ ٱللَّهَ لَعَنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمۡ سَعِيرًا
Open ayah 33:64شۇ ئېنىقكى، ئاللاھ كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.
خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ لَّا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
Open ayah 33:65ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.
يَوۡمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمۡ فِي ٱلنَّارِ يَقُولُونَ يَٰلَيۡتَنَآ أَطَعۡنَا ٱللَّهَ وَأَطَعۡنَا ٱلرَّسُولَا۠
Open ayah 33:66دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دېيىشىپ كېتىدۇ.
وَقَالُواْ رَبَّنَآ إِنَّآ أَطَعۡنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَآءَنَا فَأَضَلُّونَا ٱلسَّبِيلَا۠
Open ayah 33:67ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، چوڭلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، نەتىجىدە، ئۇلار بىزنى يولدىن چىقاردى، ئى رەببىمىز! ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن ۋە ئۇلارنى رەھمىتىڭدىن تامامەن يىراق قىلغىن» دەيدۇ. [67 _ 68]
رَبَّنَآ ءَاتِهِمۡ ضِعۡفَيۡنِ مِنَ ٱلۡعَذَابِ وَٱلۡعَنۡهُمۡ لَعۡنٗا كَبِيرٗا
Open ayah 33:68ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، چوڭلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، نەتىجىدە، ئۇلار بىزنى يولدىن چىقاردى، ئى رەببىمىز! ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن ۋە ئۇلارنى رەھمىتىڭدىن تامامەن يىراق قىلغىن» دەيدۇ. [67 _ 68]
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ ءَاذَوۡاْ مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ ٱللَّهُ مِمَّا قَالُواْۚ وَكَانَ عِندَ ٱللَّهِ وَجِيهٗا
Open ayah 33:69ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇساغا ئازار بەرگەنلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ (تۆھمەت) سۆزلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدٗا
Open ayah 33:70ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار.
يُصۡلِحۡ لَكُمۡ أَعۡمَٰلَكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدۡ فَازَ فَوۡزًا عَظِيمًا
Open ayah 33:71(شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.
إِنَّا عَرَضۡنَا ٱلۡأَمَانَةَ عَلَى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلۡجِبَالِ فَأَبَيۡنَ أَن يَحۡمِلۡنَهَا وَأَشۡفَقۡنَ مِنۡهَا وَحَمَلَهَا ٱلۡإِنسَٰنُۖ إِنَّهُۥ كَانَ ظَلُومٗا جَهُولٗا
Open ayah 33:72شۈبھىسىزكى، بىز (دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت) ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىۋىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى، ئۇنىڭ (مەسئۇلىيىتى) دىن قورقتى. ئىنسان بولسا ئۇنى ئۈستىگە ئالدى. ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ ناداندۇر.
لِّيُعَذِّبَ ٱللَّهُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ وَيَتُوبَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمَۢا
Open ayah 33:73ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن (مەزكۇر ئامانەتنى ئىنساننىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.