سبإ

Saba

Sheba · Surah 34 · Ayahs: 54 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ

    Open ayah 34:1

    جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

  2. يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۚ وَهُوَ ٱلرَّحِيمُ ٱلۡغَفُورُ

    Open ayah 34:2

    ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

  3. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَأۡتِينَا ٱلسَّاعَةُۖ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتَأۡتِيَنَّكُمۡ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِۖ لَا يَعۡزُبُ عَنۡهُ مِثۡقَالُ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَآ أَصۡغَرُ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرُ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 34:3

    (ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان) كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، غەيىبنى بىلگۈچى رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە بولسۇن ۋە زەررىدىنمۇ كىچىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق نەرسە بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر، روشەن كىتابتا (لەۋھۇلمەھفۇزدا) خاتىرىلەنمىگەن ھېچنەرسە يوقتۇر».

  4. لِّيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ

    Open ayah 34:4

    (ھەممە نەرسىنىڭ مۇنداق خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.

  5. وَٱلَّذِينَ سَعَوۡ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مِّن رِّجۡزٍ أَلِيمٞ

    Open ayah 34:5

    بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قوتۇلۇشىنى گۇمان قىلىپ، ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغانلارغا ئەڭ يىرگىنىشلىك ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار.

  6. وَيَرَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ ٱلۡحَقَّ وَيَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ

    Open ayah 34:6

    ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (قۇرئان) نىڭ شەكسىز ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

  7. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هَلۡ نَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ يُنَبِّئُكُمۡ إِذَا مُزِّقۡتُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمۡ لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدٍ

    Open ayah 34:7

    كاپىرلار (بىر _ بىرىگە) «سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما _ تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يارىتىلىدىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟

  8. أَفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَم بِهِۦ جِنَّةُۢۗ بَلِ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ فِي ٱلۡعَذَابِ وَٱلضَّلَٰلِ ٱلۡبَعِيدِ

    Open ayah 34:8

    ئۇ ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» دەيدۇ. ئىش ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابقا ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا مەھكۇمدۇر.

  9. أَفَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِن نَّشَأۡ نَخۡسِفۡ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ نُسۡقِطۡ عَلَيۡهِمۡ كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ

    Open ayah 34:9

    ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە _ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (تەۋبە قىلىپ) ئاللاھقا قايتقۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.

  10. ۞وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ مِنَّا فَضۡلٗاۖ يَٰجِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُۥ وَٱلطَّيۡرَۖ وَأَلَنَّا لَهُ ٱلۡحَدِيدَ 

    Open ayah 34:10

    شەكسىزكى، بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن (پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق ۋە ئىلىم قاتارلىق) ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى ئۇنىڭغا يۇمشىتىپ بەردۇق.

  11. أَنِ ٱعۡمَلۡ سَٰبِغَٰتٖ وَقَدِّرۡ فِي ٱلسَّرۡدِۖ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

    Open ayah 34:11

    بىز (ئۇنىڭغا) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى) ئۆلچەملىك قىلغىن، ھەممىڭلار ياخشى ئىش قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن» (دەپ ۋەھيى قىلدۇق).

  12. وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهۡرٞ وَرَوَاحُهَا شَهۡرٞۖ وَأَسَلۡنَا لَهُۥ عَيۡنَ ٱلۡقِطۡرِۖ وَمِنَ ٱلۡجِنِّ مَن يَعۡمَلُ بَيۡنَ يَدَيۡهِ بِإِذۡنِ رَبِّهِۦۖ وَمَن يَزِغۡ مِنۡهُمۡ عَنۡ أَمۡرِنَا نُذِقۡهُ مِنۡ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ

    Open ayah 34:12

    بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (ئۇ شامال نورمال مېڭىشتا) چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى (سەلدەك) ئاققۇزۇپ بەردۇق، جىنلاردىن رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيدىغانلىرى بار ئىدى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز.

  13. يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ ٱعۡمَلُوٓاْ ءَالَ دَاوُۥدَ شُكۡرٗاۚ وَقَلِيلٞ مِّنۡ عِبَادِيَ ٱلشَّكُورُ

    Open ayah 34:13

    جىنلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان بويىچە مەسجىدلەرنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلىقىدىن) مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان قازانلارنى ياساپ بېرەتتى، (بىز): «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، بەندىلىرىمدىن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئازدۇر» (دېدۇق).

  14. فَلَمَّا قَضَيۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَوۡتَ مَا دَلَّهُمۡ عَلَىٰ مَوۡتِهِۦٓ إِلَّا دَآبَّةُ ٱلۡأَرۡضِ تَأۡكُلُ مِنسَأَتَهُۥۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ ٱلۡجِنُّ أَن لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ ٱلۡغَيۡبَ مَا لَبِثُواْ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ

    Open ayah 34:14

    سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جىنلارغا پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلا بىلدۈرۈپ قويدى. سۇلەيمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلار شۇنى ئېنىق بىلدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيىبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى.

  15. لَقَدۡ كَانَ لِسَبَإٖ فِي مَسۡكَنِهِمۡ ءَايَةٞۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٖ وَشِمَالٖۖ كُلُواْ مِن رِّزۡقِ رَبِّكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥۚ بَلۡدَةٞ طَيِّبَةٞ وَرَبٌّ غَفُورٞ

    Open ayah 34:15

    شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىنىڭ تۇرىدىغان جايلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار ئىدى، (ئۇ جاينىڭ) ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە (بىردىن) ئىككى باغ بار ئىدى. (ئۇلارغا): «رەببىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، (سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ) ياخشى يۇرتتۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر» (دېگەن ئىدۇق).

  16. فَأَعۡرَضُواْ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سَيۡلَ ٱلۡعَرِمِ وَبَدَّلۡنَٰهُم بِجَنَّتَيۡهِمۡ جَنَّتَيۡنِ ذَوَاتَيۡ أُكُلٍ خَمۡطٖ وَأَثۡلٖ وَشَيۡءٖ مِّن سِدۡرٖ قَلِيلٖ

    Open ayah 34:16

    (ئۇلار شۈكۈر قىلىشتىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا كۈچلۈك كەلكۈننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ شۇ ئىككى بېغىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز _ تولا سىدرىلىق (ياۋا چىلانلىق) ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

  17. ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِمَا كَفَرُواْۖ وَهَلۡ نُجَٰزِيٓ إِلَّا ٱلۡكَفُورَ

    Open ayah 34:17

    ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنى مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز (مۇشۇنداق ئېغىر جازا بىلەن) پەقەت تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز.

  18. وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ ٱلۡقُرَى ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا قُرٗى ظَٰهِرَةٗ وَقَدَّرۡنَا فِيهَا ٱلسَّيۡرَۖ سِيرُواْ فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا ءَامِنِينَ

    Open ayah 34:18

    ئۇلار (نىڭ يۇرتى) بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن يۇرتلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارىسىدىكى قاتناشنى (ئۆتەڭلەر بىلەن) ئۆلچەملىك قىلدۇق، (ئۇلارغا): «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ _ ئامان مېڭىڭلار!» (دېدۇق).

  19. فَقَالُواْ رَبَّنَا بَٰعِدۡ بَيۡنَ أَسۡفَارِنَا وَظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَحَادِيثَ وَمَزَّقۡنَٰهُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ

    Open ayah 34:19

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! سەپىرىمىز (دىكى ئۆتەڭلەر)نىڭ ئارىسىنى يىراق قىلىپ بەرگىن» دېدى (ۋە كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. بىز ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى كېيىنكىلەرگە) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تامامەن تىرى -پىرەن قىلىۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (تائەت _ ئىبادەتتە) ناھايىتى چىداملىق، (ئاللاھقا) كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (مۇئمىن) بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

  20. وَلَقَدۡ صَدَّقَ عَلَيۡهِمۡ إِبۡلِيسُ ظَنَّهُۥ فَٱتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقٗا مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ 

    Open ayah 34:20

    ئىبلىس ئۇلار (نى ئازدۇرۇش) ھەققىدىكى تەخمىنىنى ھەقىقەتەن راستقا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم مۇئمىنلەردىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگىشىپ كەتتى.

  21. وَمَا كَانَ لَهُۥ عَلَيۡهِم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يُؤۡمِنُ بِٱلۡأٓخِرَةِ مِمَّنۡ هُوَ مِنۡهَا فِي شَكّٖۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَفِيظٞ

    Open ayah 34:21

    ھالبۇكى، ئىبلىسنىڭ ئۇلار ئۈستىدە ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقى يوق ئىدى. پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلارنى ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئايرىشىمىز ئۈچۈن (ئىبلىسقا ۋەسۋەسە قىلىش پۇرسىتىنى بەردۇق)، رەببىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.

  22. قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا لَهُمۡ فِيهِمَا مِن شِرۡكٖ وَمَا لَهُۥ مِنۡهُم مِّن ظَهِيرٖ

    Open ayah 34:22

    (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، بۇ ئىككىسى (نىڭ يارىتىلىشى ۋە ئىدارە قىلىنىشى)دا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق شېرىكچىلىكى يوق، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئاللاھقا ياردەمچىمۇ ئەمەس».

  23. وَلَا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ عِندَهُۥٓ إِلَّا لِمَنۡ أَذِنَ لَهُۥۚ حَتَّىٰٓ إِذَا فُزِّعَ عَن قُلُوبِهِمۡ قَالُواْ مَاذَا قَالَ رَبُّكُمۡۖ قَالُواْ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ

    Open ayah 34:23

    ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھ ئۆزى رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ئۇلار (بىر _ بىرىگە): «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەقنى (دېدى)» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھ (ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر ۋە (ھەممىدىن) كاتتىدۇر.

  24. ۞قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قُلِ ٱللَّهُۖ وَإِنَّآ أَوۡ إِيَّاكُمۡ لَعَلَىٰ هُدًى أَوۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

    Open ayah 34:24

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرۇۋاتقان كىم؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھتۇر! شەكسىزكى، بىز ياكى سىلەر (يەنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى) چوقۇم ھىدايەت ئۈستىدە، يەنە بىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر».

  25. قُل لَّا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّآ أَجۡرَمۡنَا وَلَا نُسۡـَٔلُ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 34:25

    ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىزدىن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، بىزمۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلمايمىز».

  26. قُلۡ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفۡتَحُ بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَهُوَ ٱلۡفَتَّاحُ ٱلۡعَلِيمُ

    Open ayah 34:26

    ئېيتقىنكى، «رەببىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) بىر ئارىغا توپلايدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ئادالەتلىك ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».

  27. قُلۡ أَرُونِيَ ٱلَّذِينَ أَلۡحَقۡتُم بِهِۦ شُرَكَآءَۖ كَلَّاۚ بَلۡ هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 34:27

    ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئۇنىڭغا قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى ماڭا بىر كۆرسىتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەمەلىيەت ھەرگىز سىلەر دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».

  28. وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا كَآفَّةٗ لِّلنَّاسِ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 34:28

    سېنى بىز پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  29. وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 34:29

    ئۇلار: «ئەگەر سىلەر (گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (قىلىنغان قىيامەت) قاچان بولىدۇ؟» دەيدۇ.

  30. قُل لَّكُم مِّيعَادُ يَوۡمٖ لَّا تَسۡتَـٔۡخِرُونَ عَنۡهُ سَاعَةٗ وَلَا تَسۡتَقۡدِمُونَ 

    Open ayah 34:30

    ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن بىردەممۇ كېچىكىپ قالالمايسىلەر ۋە بىردەممۇ ئىلگىرى كېتەلمەيسىلەر».

  31. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ بِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَلَا بِٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ مَوۡقُوفُونَ عِندَ رَبِّهِمۡ يَرۡجِعُ بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٍ ٱلۡقَوۡلَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لَوۡلَآ أَنتُمۡ لَكُنَّا مُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 34:31

    كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغىمۇ قەتئىي ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. سەن زالىملارنىڭ رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى، بىر _ بىرى بىلەن جېدەللىشىۋاتقان ھالىنى بىر كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ.

  32. قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُوٓاْ أَنَحۡنُ صَدَدۡنَٰكُمۡ عَنِ ٱلۡهُدَىٰ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَكُمۖ بَلۡ كُنتُم مُّجۡرِمِينَ

    Open ayah 34:32

    چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ بەلكى، سىلەر گۇناھكار ئادەملەر ئىدىڭلار» دەيدۇ.

  33. وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ بَلۡ مَكۡرُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ إِذۡ تَأۡمُرُونَنَآ أَن نَّكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَنَجۡعَلَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ وَجَعَلۡنَا ٱلۡأَغۡلَٰلَ فِيٓ أَعۡنَاقِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ هَلۡ يُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 34:33

    بوزەك قىلىنغانلار ھاكاۋۇر يولباشچىلارغا: «ياق! (سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىزنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن) كېچە _ كۈندۈز ھىيلە – مىكىر قىلىش ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ھەسرەت – نادامەتلىرىنى يوشۇرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.

  34. وَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

    Open ayah 34:34

    قانداقلا بىر يۇرتقا بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇ يۇرتنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىننى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز» دېدى.

  35. وَقَالُواْ نَحۡنُ أَكۡثَرُ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ

    Open ayah 34:35

    ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ پۇل _ مېلىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابقا ئۇچرىمايمىز» دېدى.

  36. قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 34:36

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شەكسىزكى، رەببىم خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ».

  37. وَمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُم بِٱلَّتِي تُقَرِّبُكُمۡ عِندَنَا زُلۡفَىٰٓ إِلَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَزَآءُ ٱلضِّعۡفِ بِمَا عَمِلُواْ وَهُمۡ فِي ٱلۡغُرُفَٰتِ ءَامِنُونَ

    Open ayah 34:37

    سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسە سىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىڭلار ياكى بالىلىرىڭلار ئەمەس، لېكىن كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئەنە شۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتتىكى) ئېسىل سارايلاردا خاتىرجەم ھالدا تۇرىدۇ.

  38. وَٱلَّذِينَ يَسۡعَوۡنَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ

    Open ayah 34:38

    بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قوتۇلۇشىنى گۇمان قىلىپ، ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئازابقا ھازىر قىلىنىدىغانلاردۇر.

  39. قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥۚ وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَهُوَ يُخۡلِفُهُۥۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

    Open ayah 34:39

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «شۈبھىسىزكى، رەببىم بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، سىلەر (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى بەرسەڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».

  40. وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ يَقُولُ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَهَٰٓؤُلَآءِ إِيَّاكُمۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ 

    Open ayah 34:40

    (قىيامەت) كۈنىدە (ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ) ھەممىسىنى توپلايدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «ئاشۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ.

  41. قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِمۖ بَلۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ ٱلۡجِنَّۖ أَكۡثَرُهُم بِهِم مُّؤۡمِنُونَ

    Open ayah 34:41

    پەرىشتىلەر ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ ئىگىمىز ئۇلار ئەمەس، پەقەتلا سەن. ئۇلار ئەمەلىيەتتە جىنغا چوقۇناتتى، ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئېتىقاد قىلاتتى».

  42. فَٱلۡيَوۡمَ لَا يَمۡلِكُ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٖ نَّفۡعٗا وَلَا ضَرّٗا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ

    Open ayah 34:42

    بۈگۈن سىلەر بىر- بىرىڭلارغا يا پايدا، يا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (مۇشرىك بولۇپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز.

  43. وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّا رَجُلٞ يُرِيدُ أَن يَصُدَّكُمۡ عَمَّا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُكُمۡ وَقَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٞ مُّفۡتَرٗىۚ وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 34:43

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوپئوچۇق ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا - بوۋاڭلار چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دېدى، ئۇلار يەنە: «بۇ (قۇرئان) توقۇلغان يالغان سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر» دېدى. كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (قۇرئان) يېتىپ كەلگەندە: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.

  44. وَمَآ ءَاتَيۡنَٰهُم مِّن كُتُبٖ يَدۡرُسُونَهَاۖ وَمَآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمۡ قَبۡلَكَ مِن نَّذِيرٖ

    Open ayah 34:44

    بىز ئۇلارغا (قۇرئاندىن ئىلگىرى) ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتاب ئاتا قىلمىغان ئىدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) مۇ ئەۋەتمىگەن ئىدۇق.

  45. وَكَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَمَا بَلَغُواْ مِعۡشَارَ مَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ فَكَذَّبُواْ رُسُلِيۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ

    Open ayah 34:45

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. بۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) بىز ئىلگىرىكىلەرگە بەرگەن (كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە بايلىق قاتارلىق) نېمەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشكىنى يوق. ئىلگىرىكىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق بولدى؟

  46. ۞قُلۡ إِنَّمَآ أَعِظُكُم بِوَٰحِدَةٍۖ أَن تَقُومُواْ لِلَّهِ مَثۡنَىٰ وَفُرَٰدَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُواْۚ مَا بِصَاحِبِكُم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ لَّكُم بَيۡنَ يَدَيۡ عَذَابٖ شَدِيدٖ

    Open ayah 34:46

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى _ ئىككىدىن، ياكى بىر _ بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)دا ھېچبىر مەجنۇنلۇق يوق، ئۇ پەقەت قاتتىق ئازاب چۈشۈشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».

  47. قُلۡ مَا سَأَلۡتُكُم مِّنۡ أَجۡرٖ فَهُوَ لَكُمۡۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٞ

    Open ayah 34:47

    ئېيتقىنكى، «مەن (دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، (ئەگەر تەلەپ قىلغان بولسام) سىلەرنىڭ بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىشنى پەقەتلا ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».

  48. قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

    Open ayah 34:48

    ئېيتقىنكى، «رەببىم ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق (باتىلنى ۋە ھەرقانداق سەپسەتىنى) ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ئاللاھ غەيىبلەرنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».

  49. قُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَمَا يُبۡدِئُ ٱلۡبَٰطِلُ وَمَا يُعِيدُ

    Open ayah 34:49

    ئېيتقىنكى، «ھەقىقەت كەلدى، باتىل (بىرەر نەرسىنى) پەيدا قىلالمايدۇ، ئەسلىگىمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ».

  50. قُلۡ إِن ضَلَلۡتُ فَإِنَّمَآ أَضِلُّ عَلَىٰ نَفۡسِيۖ وَإِنِ ٱهۡتَدَيۡتُ فَبِمَا يُوحِيٓ إِلَيَّ رَبِّيٓۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٞ قَرِيبٞ 

    Open ayah 34:50

    ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن (ھەق يولدىن) ئېزىپ كەتسەم، ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى پەقەت ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر مەن ھىدايەت تاپسام (بۇ) رەببىم ماڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئاننىڭ) سەۋەبىدىندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ناھايىتى يېقىندۇر».

  51. وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ فَزِعُواْ فَلَا فَوۡتَ وَأُخِذُواْ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ

    Open ayah 34:51

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (ئازابنى كۆرۈپ) قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقان، دوزاخقا يېقىن بىر جايدا تۇتۇلغان ۋاقىتتىكى ھالىنى بىر كۆرسەڭ (ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ).

  52. وَقَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِهِۦ وَأَنَّىٰ لَهُمُ ٱلتَّنَاوُشُ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ

    Open ayah 34:52

    ئۇلار (ئازابنى كۆرگەن چاغدىلا): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار (ئاخىرەتتىن ئىبارەت) يىراق جايدا تۇرۇپ (دۇنيادىكى) ئىماننى قانداقمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟

  53. وَقَدۡ كَفَرُواْ بِهِۦ مِن قَبۡلُۖ وَيَقۡذِفُونَ بِٱلۡغَيۡبِ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ

    Open ayah 34:53

    ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيىب توغرۇلۇق (ھېچ نەرسە) بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا سۆزلەيتتى.

  54. وَحِيلَ بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ مَا يَشۡتَهُونَ كَمَا فُعِلَ بِأَشۡيَاعِهِم مِّن قَبۡلُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ فِي شَكّٖ مُّرِيبِۭ

    Open ayah 34:54

    ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىسى ئارىسىدا خۇددى ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە قىلىنغاندەك توسالغۇ پەيدا قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار (ئاخىرەت توغرۇلۇق) چوڭقۇر شەكتە ئىدى.