فاطر
Faatir
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ جَاعِلِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ رُسُلًا أُوْلِيٓ أَجۡنِحَةٖ مَّثۡنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَۚ يَزِيدُ فِي ٱلۡخَلۡقِ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
Open ayah 35:1جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ ياراتقىنىدا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
مَّا يَفۡتَحِ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ مِن رَّحۡمَةٖ فَلَا مُمۡسِكَ لَهَاۖ وَمَا يُمۡسِكۡ فَلَا مُرۡسِلَ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 35:2ئاللاھ ئىنسانلارغا قانداقلا بىر رەھمەتنى ئاچسا ئۇنى ھېچبىر توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ قانداق بىر نەرسىنى توسۇپ قالسا، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنى ھېچبىر قويۇپ بەرگۈچى يوقتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡۚ هَلۡ مِنۡ خَٰلِقٍ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
Open ayah 35:3ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار (يەنى تىلىڭلار، دىلىڭلار ۋە ئەمەلىڭلار بىلەن ئاللاھقا شۈكرى قىلىڭلار)، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان بىرەر ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا) سىلەر قانداقمۇ (بۇ ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
Open ayah 35:4(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
Open ayah 35:5ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا ھاياتى ئالداپ قويمىسۇن، ئۇ ئالدامچى (شەيتان) سىلەرنى ئاللاھ (نىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى) بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن.
إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لَكُمۡ عَدُوّٞ فَٱتَّخِذُوهُ عَدُوًّاۚ إِنَّمَا يَدۡعُواْ حِزۡبَهُۥ لِيَكُونُواْ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
Open ayah 35:6شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، سىلەرمۇ ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ.
ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٌ
Open ayah 35:7(ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان) كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات بار.
أَفَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ فَرَءَاهُ حَسَنٗاۖ فَإِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۖ فَلَا تَذۡهَبۡ نَفۡسُكَ عَلَيۡهِمۡ حَسَرَٰتٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ
Open ayah 35:8ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان ئادەم (ھىدايەت تاپقان ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىگە ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا، سەن (ئىمان ئېيتمىدى دەپ) ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋەتمىگىن، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
وَٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَسُقۡنَٰهُ إِلَىٰ بَلَدٖ مَّيِّتٖ فَأَحۡيَيۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ كَذَٰلِكَ ٱلنُّشُورُ
Open ayah 35:9ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدىغان زاتتۇر. بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (قاغجىراپ كەتكەن) بىر يەرگە ھەيدەيمىز _ دە، (يامغۇر ياغدۇرىمىز). شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعِزَّةَ فَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ جَمِيعًاۚ إِلَيۡهِ يَصۡعَدُ ٱلۡكَلِمُ ٱلطَّيِّبُ وَٱلۡعَمَلُ ٱلصَّٰلِحُ يَرۡفَعُهُۥۚ وَٱلَّذِينَ يَمۡكُرُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۖ وَمَكۡرُ أُوْلَٰٓئِكَ هُوَ يَبُورُ
Open ayah 35:10كىمكى كۈچ-قۇۋۋەت ئىزدەيدىكەن[110]، (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). چۈنكى، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ياخشى سۆزلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، يامان ئىش قىلغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرلىرى بىتچىت بولىدۇ.
- بۇ ئايەتكە «كىمكى شەرەپ ئىزدەيدىكەن، (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). چۈنكى، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەپ مەنە ئېيتقانلارمۇ بار.
وَٱللَّهُ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ جَعَلَكُمۡ أَزۡوَٰجٗاۚ وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَمَا يُعَمَّرُ مِن مُّعَمَّرٖ وَلَا يُنقَصُ مِنۡ عُمُرِهِۦٓ إِلَّا فِي كِتَٰبٍۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
Open ayah 35:11ئاللاھ سىلەرنى (ئاۋۋال) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن ياراتتى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت) جۈپلەر قىلدى، ھېچقانداق بىر چىشىنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى كىتابتا (لەۋھۇلمەھفۇزدا) يېزىلغان. شەكسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُونَ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
Open ayah 35:12ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك ۋە ئىچىشلىكتۇر، ئۇنىڭ سۈيى ناھايىتى ئاچچىق ۋە تۇزلۇقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن (دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت) يېڭى _ يېڭى گۆشلەرنى يەيسىلەر ۋە سىلەر تاقايدىغان (ئۈنچە _ مارجاندىن ئىبارەت) زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (نېسىۋەڭلەرنى) ئىزدىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۚ وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مَا يَمۡلِكُونَ مِن قِطۡمِيرٍ
Open ayah 35:13ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (قىيامەتتىن ئىبارەت) مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئايلىنىدۇ. ئەنە شۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر، ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇنىڭغا خاستۇر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس.
إِن تَدۡعُوهُمۡ لَا يَسۡمَعُواْ دُعَآءَكُمۡ وَلَوۡ سَمِعُواْ مَا ٱسۡتَجَابُواْ لَكُمۡۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُونَ بِشِرۡكِكُمۡۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثۡلُ خَبِيرٖ
Open ayah 35:14ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار سىلەرنىڭ (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (بۇ ھەقىقەتلەرنى) ھېچكىم ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ أَنتُمُ ٱلۡفُقَرَآءُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
Open ayah 35:15ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ بولسا (ھېچكىمگە) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ
Open ayah 35:16ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ.
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ
Open ayah 35:17بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس.
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ وَإِن تَدۡعُ مُثۡقَلَةٌ إِلَىٰ حِمۡلِهَا لَا يُحۡمَلۡ مِنۡهُ شَيۡءٞ وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰٓۗ إِنَّمَا تُنذِرُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَمَن تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفۡسِهِۦۚ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 35:18ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا ئادەمنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، (ئى پەيغەمبەر!) سەن پەقەت خىلۋەتتە رەببىدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرالايسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. (ئاخىر) قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ
Open ayah 35:19كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق، سايە بىلەن ئاپتاپ باراۋەر بولمايدۇ. [19 _ 21]
وَلَا ٱلظُّلُمَٰتُ وَلَا ٱلنُّورُ
Open ayah 35:20كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق، سايە بىلەن ئاپتاپ باراۋەر بولمايدۇ. [19 _ 21]
وَلَا ٱلظِّلُّ وَلَا ٱلۡحَرُورُ
Open ayah 35:21كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق، سايە بىلەن ئاپتاپ باراۋەر بولمايدۇ. [19 _ 21]
وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَحۡيَآءُ وَلَا ٱلۡأَمۡوَٰتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُسۡمِعُ مَن يَشَآءُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُسۡمِعٖ مَّن فِي ٱلۡقُبُورِ
Open ayah 35:22تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرمۇ (باراۋەر بولمايدۇ). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە (يەنى دىللىرى ئۆلگەن كاپىرلارغا) ئاڭلىتالمايسەن.
إِنۡ أَنتَ إِلَّا نَذِيرٌ
Open ayah 35:23سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗاۚ وَإِن مِّنۡ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٞ
Open ayah 35:24بىز ھەقىقەتەن سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولسۇن، ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن.
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَبِٱلزُّبُرِ وَبِٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُنِيرِ
Open ayah 35:25ئۇلار سېنى ئىنكار قىلغان بولسا، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى، نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
ثُمَّ أَخَذۡتُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
Open ayah 35:26ئاندىن كاپىرلارنى ئازابقا تۇتتۇم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق بولدى؟
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ ثَمَرَٰتٖ مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهَاۚ وَمِنَ ٱلۡجِبَالِ جُدَدُۢ بِيضٞ وَحُمۡرٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٞ
Open ayah 35:27كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئاندىن بىز ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلارنىڭمۇ پەرقلىق رەڭدىكى ئاق، قىزىل يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرى بار.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ وَٱلدَّوَآبِّ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مُخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ كَذَٰلِكَۗ إِنَّمَا يَخۡشَى ٱللَّهَ مِنۡ عِبَادِهِ ٱلۡعُلَمَٰٓؤُاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
Open ayah 35:28شۇنىڭدەك ئىنسانلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە چارۋىلاردىنمۇ ھەر خىل رەڭلىكلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَتۡلُونَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ يَرۡجُونَ تِجَٰرَةٗ لَّن تَبُورَ
Open ayah 35:29شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر (بۇ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن) ئاللاھنىڭ ئۇلارغا مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىشى ۋە ئۆز مەرھەمىتىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، مەڭگۈ كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر. [29 _ 30]
لِيُوَفِّيَهُمۡ أُجُورَهُمۡ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ غَفُورٞ شَكُورٞ
Open ayah 35:30شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر (بۇ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن) ئاللاھنىڭ ئۇلارغا مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىشى ۋە ئۆز مەرھەمىتىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، مەڭگۈ كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر. [29 _ 30]
وَٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ هُوَ ٱلۡحَقُّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِعِبَادِهِۦ لَخَبِيرُۢ بَصِيرٞ
Open ayah 35:31(ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان كىتاب (قۇرئان) ھەقتۇر، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەلۋەتتە تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ثُمَّ أَوۡرَثۡنَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِينَ ٱصۡطَفَيۡنَا مِنۡ عِبَادِنَاۖ فَمِنۡهُمۡ ظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ وَمِنۡهُم مُّقۡتَصِدٞ وَمِنۡهُمۡ سَابِقُۢ بِٱلۡخَيۡرَٰتِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡكَبِيرُ
Open ayah 35:32ئاندىن بىز كىتاب (قۇرئان)نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر، يەنە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. مانا بۇ كاتتا ئىنئامدۇر.
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَلُؤۡلُؤٗاۖ وَلِبَاسُهُمۡ فِيهَا حَرِيرٞ
Open ayah 35:33ئۇلار دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى سالىدۇ، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.
وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَذۡهَبَ عَنَّا ٱلۡحَزَنَۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٞ شَكُورٌ
Open ayah 35:34ئۇلار (جەننەتتە شۇنداق) دەيدۇ: «بىزدىن غەم _ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن! بىزنىڭ رەببىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.
ٱلَّذِيٓ أَحَلَّنَا دَارَ ٱلۡمُقَامَةِ مِن فَضۡلِهِۦ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٞ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٞ
Open ayah 35:35ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن بىزنى دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز».
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقۡضَىٰ عَلَيۡهِمۡ فَيَمُوتُواْ وَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُم مِّنۡ عَذَابِهَاۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي كُلَّ كَفُورٖ
Open ayah 35:36كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۆلۈم بىلەن ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن دوزاخ ئازابى ئازراقمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەرقانداق كاپىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
وَهُمۡ يَصۡطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا نَعۡمَلۡ صَٰلِحًا غَيۡرَ ٱلَّذِي كُنَّا نَعۡمَلُۚ أَوَلَمۡ نُعَمِّرۡكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَآءَكُمُ ٱلنَّذِيرُۖ فَذُوقُواْ فَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
Open ayah 35:37ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇ) «سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز _ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ! (نېمىشقا ئىمان ئېيتمىدىڭلار؟) ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ياردەم بەرگۈچى يوق».
إِنَّ ٱللَّهَ عَٰلِمُ غَيۡبِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 35:38شەكسىزكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ فَمَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ إِلَّا مَقۡتٗاۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ إِلَّا خَسَارٗا
Open ayah 35:39(ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە بىر _ بىرىڭلارغا ئورۇنباسار قىلغان زاتتۇر. كىمكى ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭ كاپىرلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇفرىلىقى رەببىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا ئاشۇرىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ئۇلار ئۈچۈن پەقەت زىياننىلا كۆپەيتىدۇ.
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ شُرَكَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُواْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ لَهُمۡ شِرۡكٞ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا فَهُمۡ عَلَىٰ بَيِّنَتٖ مِّنۡهُۚ بَلۡ إِن يَعِدُ ٱلظَّٰلِمُونَ بَعۡضُهُم بَعۡضًا إِلَّا غُرُورًا
Open ayah 35:40(ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان) بۇ زالىملار بىر- بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ.
۞إِنَّ ٱللَّهَ يُمۡسِكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ أَن تَزُولَاۚ وَلَئِن زَالَتَآ إِنۡ أَمۡسَكَهُمَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا
Open ayah 35:41شەكسىزكى، ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ لَّيَكُونُنَّ أَهۡدَىٰ مِنۡ إِحۡدَى ٱلۡأُمَمِۖ فَلَمَّا جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ مَّا زَادَهُمۡ إِلَّا نُفُورًا
Open ayah 35:42ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلسە، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۈممەتكە قارىغاندا، ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەن ئىدى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كېلىۋىدى، بۇ ئۇلارنى (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
ٱسۡتِكۡبَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَكۡرَ ٱلسَّيِّيِٕۚ وَلَا يَحِيقُ ٱلۡمَكۡرُ ٱلسَّيِّئُ إِلَّا بِأَهۡلِهِۦۚ فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ ٱلۡأَوَّلِينَۚ فَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗاۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَحۡوِيلًا
Open ayah 35:43(بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقى ۋە رەزىل ھىيلە _ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەنلىكى (ئۈچۈندۇر). ھالبۇكى، رەزىل ھىيلە _ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەننىڭ ئۇۋالى ئۇنى ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكىلەرگە قوللىنىلغان (جازالاش) قانۇنىيىتىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق يۆتكىلىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھتىن كەلگەن ئازابنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى ئۆزىدىن باشقىسىغا يۆتكەپ قويالمايدۇ).
أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَكَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعۡجِزَهُۥ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَلِيمٗا قَدِيرٗا
Open ayah 35:44ئۇلار يەر يۈزىنى كېزىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكىلەر بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىز قىلالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.
وَلَوۡ يُؤَاخِذُ ٱللَّهُ ٱلنَّاسَ بِمَا كَسَبُواْ مَا تَرَكَ عَلَىٰ ظَهۡرِهَا مِن دَآبَّةٖ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِعِبَادِهِۦ بَصِيرَۢا
Open ayah 35:45ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دەرھال) جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قالدۇرمىغان بولاتتى. لېكىن، (ئاللاھ) ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرىدۇ، ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ جازاسى ئىلگىرى - كېيىن بولمايدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.