يس
Yaseen
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
يسٓ
Open ayah 36:1يا، سىين (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡحَكِيمِ
Open ayah 36:2ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن. [2 _ 3]
إِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 36:3ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن. [2 _ 3]
عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 36:4توغرا يولدىسەن.
تَنزِيلَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 36:5(بۇ قۇرئان) سېنىڭ ئاتاـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. [5 _ 6]
لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أُنذِرَ ءَابَآؤُهُمۡ فَهُمۡ غَٰفِلُونَ
Open ayah 36:6(بۇ قۇرئان) سېنىڭ ئاتاـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. [5 _ 6]
لَقَدۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَىٰٓ أَكۡثَرِهِمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 36:7قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
إِنَّا جَعَلۡنَا فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ أَغۡلَٰلٗا فَهِيَ إِلَى ٱلۡأَذۡقَانِ فَهُم مُّقۡمَحُونَ
Open ayah 36:8(گويا) بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى سالدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقىقەتكە) باشلىرىنى ئېگەلمەيدۇ.
وَجَعَلۡنَا مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ سَدّٗا وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ سَدّٗا فَأَغۡشَيۡنَٰهُمۡ فَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ
Open ayah 36:9ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلىپ، ئۇلارنى ئوراپ قويدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (توغرا يولنى) كۆرەلمەيدۇ.
وَسَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 36:10(بۇ ھالەتتە) ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلذِّكۡرَ وَخَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِۖ فَبَشِّرۡهُ بِمَغۡفِرَةٖ وَأَجۡرٖ كَرِيمٍ
Open ayah 36:11سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن. سەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَنَكۡتُبُ مَا قَدَّمُواْ وَءَاثَٰرَهُمۡۚ وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ فِيٓ إِمَامٖ مُّبِينٖ
Open ayah 36:12شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن (ياخشى – يامان) ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىمىز. بىز ھەممە نەرسىنى روشەن كىتاب (لەۋھۇلمەھفۇز)دا تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز.
وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلًا أَصۡحَٰبَ ٱلۡقَرۡيَةِ إِذۡ جَآءَهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ
Open ayah 36:13(ئى پەيغەمبەر!) ئۇ كاپىرلارغا يۇرت ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى.
إِذۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱثۡنَيۡنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزۡنَا بِثَالِثٖ فَقَالُوٓاْ إِنَّآ إِلَيۡكُم مُّرۡسَلُونَ
Open ayah 36:14ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇ ئىككىسىنى) كۈچلەندۈردۇق. بۇ پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمىز» دېدى.
قَالُواْ مَآ أَنتُمۡ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا وَمَآ أَنزَلَ ٱلرَّحۡمَٰنُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَكۡذِبُونَ
Open ayah 36:15ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر» دېدى.
قَالُواْ رَبُّنَا يَعۡلَمُ إِنَّآ إِلَيۡكُمۡ لَمُرۡسَلُونَ
Open ayah 36:16پەيغەمبەرلەر: «رەببىمىز بىلىدۇكى، ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرمىز.
وَمَا عَلَيۡنَآ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
Open ayah 36:17بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەتلا دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» دېدى.
قَالُوٓاْ إِنَّا تَطَيَّرۡنَا بِكُمۡۖ لَئِن لَّمۡ تَنتَهُواْ لَنَرۡجُمَنَّكُمۡ وَلَيَمَسَّنَّكُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 36:18ئۇلار (پەيغەمبەرلەرگە): «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز. قەسەم قىلىمىزكى، ئەگەر سىلەر (بۇ دەۋىتىڭلاردىن) ۋاز كەچمىسەڭلار، سىلەرنى چوقۇم چالما _ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىز تەرەپتىن قىينىغۇچى ئازابقا ئۇچرايسىلەر» دېدى.
قَالُواْ طَٰٓئِرُكُم مَّعَكُمۡ أَئِن ذُكِّرۡتُمۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ مُّسۡرِفُونَ
Open ayah 36:19پەيغەمبەرلەر: «سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، (شۇملۇق ھېس قىلىۋاتامسىلەر؟) بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى.
وَجَآءَ مِنۡ أَقۡصَا ٱلۡمَدِينَةِ رَجُلٞ يَسۡعَىٰ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱتَّبِعُواْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
Open ayah 36:20شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار.
ٱتَّبِعُواْ مَن لَّا يَسۡـَٔلُكُمۡ أَجۡرٗا وَهُم مُّهۡتَدُونَ
Open ayah 36:21(دىننى يەتكۈزگەنلىكىگە) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان بۇ كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار، ئۇلار توغرا يولدىكى كىشىلەردۇر.
وَمَا لِيَ لَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 36:22مەن مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان ئاللاھقا نېمىشقا ئىبادەت قىلمايدىكەنمەن؟
ءَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً إِن يُرِدۡنِ ٱلرَّحۡمَٰنُ بِضُرّٖ لَّا تُغۡنِ عَنِّي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يُنقِذُونِ
Open ayah 36:23مەن ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالامدىمەن؟ ئەگەر رەھمان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان _ زەخمەتنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا قىلچە ئەسقاتمايدۇ ۋە ئۇلارمۇ مېنى (زىيان _ زەخمەتتىن) قۇتقۇزالمايدۇ.
إِنِّيٓ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
Open ayah 36:24شۈبھىسىزكى، مەن ئۇ چاغدا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان بولىمەن.
إِنِّيٓ ءَامَنتُ بِرَبِّكُمۡ فَٱسۡمَعُونِ
Open ayah 36:25مەن ھەقىقەتەن رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار».
قِيلَ ٱدۡخُلِ ٱلۡجَنَّةَۖ قَالَ يَٰلَيۡتَ قَوۡمِي يَعۡلَمُونَ
Open ayah 36:26(قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم رەببىمنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئىززەت _ ئىكرامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!» دېدى. [26 _ 27]
بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ
Open ayah 36:27(قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم رەببىمنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئىززەت _ ئىكرامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!» دېدى. [26 _ 27]
۞وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنۢ بَعۡدِهِۦ مِن جُندٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ
Open ayah 36:28ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە (ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئاسماندىن بىرەر قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، (بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھېچبىر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرمىگەن ئىدۇق.
إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ خَٰمِدُونَ
Open ayah 36:29(ئۇلارنىڭ جازاسى) بىر قېتىملىق قاتتىق ئاۋاز بولدى، شۇ ھامان ئۇلار قېتىپ قالدى.
يَٰحَسۡرَةً عَلَى ٱلۡعِبَادِۚ مَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 36:30ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.
أَلَمۡ يَرَوۡاْ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ أَنَّهُمۡ إِلَيۡهِمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
Open ayah 36:31ئۇلار ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى— ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا (دۇنياغا) قايتمايدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟).
وَإِن كُلّٞ لَّمَّا جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ
Open ayah 36:32ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئۈچۈن) ئالدىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.
وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ
Open ayah 36:33(سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كەتكەن) ئۆلۈك زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى چىقىرىپ بەرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىلدۇر.
وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ
Open ayah 36:34بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى چىقاردۇق. بۇ (نەرسىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ [34 _ 35]
لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 36:35بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى چىقاردۇق. بۇ (نەرسىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ [34 _ 35]
سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ وَمِنۡ أَنفُسِهِمۡ وَمِمَّا لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 36:36زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن، (ئىنسانلارنىڭ) ئۆزلىرىدىن ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان مەخلۇقاتلاردىن ھەممە تۈرنى ياراتقان ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر.
وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلَّيۡلُ نَسۡلَخُ مِنۡهُ ٱلنَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظۡلِمُونَ
Open ayah 36:37ئۇلارغا كېچىمۇ بىر دەلىلكى، بىز ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋەتكىنىمىزدە، ئۇلار شۇ ھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ.
وَٱلشَّمۡسُ تَجۡرِي لِمُسۡتَقَرّٖ لَّهَاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
Open ayah 36:38كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىۋەتكەن ئىشىدۇر.
وَٱلۡقَمَرَ قَدَّرۡنَٰهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَٱلۡعُرۡجُونِ ٱلۡقَدِيمِ
Open ayah 36:39بىز ئاي ئۈچۈن ئايلىنىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىردا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش (ئەگمەچ) بولۇپ قالىدۇ.
لَا ٱلشَّمۡسُ يَنۢبَغِي لَهَآ أَن تُدۡرِكَ ٱلۡقَمَرَ وَلَا ٱلَّيۡلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِۚ وَكُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ
Open ayah 36:40كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى (ئايرىم) ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ.
وَءَايَةٞ لَّهُمۡ أَنَّا حَمَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ
Open ayah 36:41(توپاندىن كېيىن يەر يۈزىدە ھايات داۋاملاشسۇن دەپ) ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى[111] توشقۇزۇلغان كېمىگە (نۇھنىڭ كېمىسىگە) چىقارغانلىقىمىز ئۇلارغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) يەنە بىر دەلىلدۇر.
- نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى توپان بالاسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ چاغدا ئىمان ئېيتقانلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىگە چىقىرىلغان ۋە غەرق بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇ ۋاقىتتا قۇتۇلۇپ قالغانلار ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.
وَخَلَقۡنَا لَهُم مِّن مِّثۡلِهِۦ مَا يَرۡكَبُونَ
Open ayah 36:42بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇنىڭغا (نۇھنىڭ كېمىسىگە) ئوخشاش چۈشىدىغان نەرسىلەرنى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى) ياراتتۇق.
وَإِن نَّشَأۡ نُغۡرِقۡهُمۡ فَلَا صَرِيخَ لَهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنقَذُونَ
Open ayah 36:43ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز _ دە، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قۇتقۇزۇلمايدۇ.
إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ
Open ayah 36:44لېكىن بىز ئۇلارغا رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا (ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ).
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّقُواْ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيكُمۡ وَمَا خَلۡفَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
Open ayah 36:45ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكى ۋە ئارقاڭلاردىكى (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ).
وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ
Open ayah 36:46ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنُطۡعِمُ مَن لَّوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ أَطۡعَمَهُۥٓ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 36:47ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن (يوقسۇللارغا) سەدىقە قىلىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۇئمىنلەرگە قارىتىپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئۆزى رىزىقلاندۇرىدىغان ئادەمنى بىز باقامدۇق؟ سىلەر پەقەت ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 36:48ئۇلار يەنە: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (قىلىنغان قىيامەت) قاچان بولىدۇ؟» دەيدۇ.
مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ تَأۡخُذُهُمۡ وَهُمۡ يَخِصِّمُونَ
Open ayah 36:49ئۇلار بىر _ بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ تۇرغان پەيتتە، تۇيۇقسىز كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان قاتتىق بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ[112].
- بۇ قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام چالىدىغان بىرىنچى قېتىملىق سۇرنىڭ ئاۋازىدۇر.
فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ تَوۡصِيَةٗ وَلَآ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 36:50ئۇ (ئاۋاز كەلگەن) چاغدا ئۇلار بىر _ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.
وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يَنسِلُونَ
Open ayah 36:51سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ[113].
- بۇ يەردە ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام چالىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق سۇر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرۡقَدِنَاۜۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَصَدَقَ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
Open ayah 36:52ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم ئويغىتىۋەتتى؟» دەيدۇ. (ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ) «رەھمان ئاللاھ ۋەدە قىلغان (قىيامەت) مۇشۇدۇر، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» (دېيىلىدۇ).
إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ
Open ayah 36:53(تىرىلىپ قەبرىلەردىن چىقىش) پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا بولىدۇ، شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ھېساب ئۈچۈن) بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ.
فَٱلۡيَوۡمَ لَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗا وَلَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 36:54ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلغان ئىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ.
إِنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ ٱلۡيَوۡمَ فِي شُغُلٖ فَٰكِهُونَ
Open ayah 36:55شۈبھىسىزكى، جەننەت ئەھلى ئۇ كۈندە نېمەت ئىچىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ.
هُمۡ وَأَزۡوَٰجُهُمۡ فِي ظِلَٰلٍ عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ مُتَّكِـُٔونَ
Open ayah 36:56ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى سايىلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ.
لَهُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ
Open ayah 36:57ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلارغا (يەنە) تەلەپ قىلغان نەرسىلىرى بېرىلىدۇ.
سَلَٰمٞ قَوۡلٗا مِّن رَّبّٖ رَّحِيمٖ
Open ayah 36:58رەھىم _ شەپقەتلىك رەببى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) «سالام» دېيىلىدۇ.
وَٱمۡتَٰزُواْ ٱلۡيَوۡمَ أَيُّهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
Open ayah 36:59(گۇناھكارلارغا): «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (مۇئمىنلەردىن) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ).
۞أَلَمۡ أَعۡهَدۡ إِلَيۡكُمۡ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعۡبُدُواْ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
Open ayah 36:60ئى ئادەم بالىلىرى! (مەن) سىلەرگە: «شەيتانغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ [60 _ 61]
وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
Open ayah 36:61ئى ئادەم بالىلىرى! (مەن) سىلەرگە: «شەيتانغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ [60 _ 61]
وَلَقَدۡ أَضَلَّ مِنكُمۡ جِبِلّٗا كَثِيرًاۖ أَفَلَمۡ تَكُونُواْ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 36:62شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتتى، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟
هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
Open ayah 36:63مانا بۇ سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەمدۇر.
ٱصۡلَوۡهَا ٱلۡيَوۡمَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
Open ayah 36:64سىلەر كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىڭلار».
ٱلۡيَوۡمَ نَخۡتِمُ عَلَىٰٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَتُكَلِّمُنَآ أَيۡدِيهِمۡ وَتَشۡهَدُ أَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 36:65شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
وَلَوۡ نَشَآءُ لَطَمَسۡنَا عَلَىٰٓ أَعۡيُنِهِمۡ فَٱسۡتَبَقُواْ ٱلصِّرَٰطَ فَأَنَّىٰ يُبۡصِرُونَ
Open ayah 36:66ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق _ دە، ئۇلار يولنى تېپىۋېلىشقا ئالدىرايتتى، ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
وَلَوۡ نَشَآءُ لَمَسَخۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمۡ فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مُضِيّٗا وَلَا يَرۡجِعُونَ
Open ayah 36:67ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى تۇرغان يېرىدىلا باشقا نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى.
وَمَن نُّعَمِّرۡهُ نُنَكِّسۡهُ فِي ٱلۡخَلۡقِۚ أَفَلَا يَعۡقِلُونَ
Open ayah 36:68بىز كىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلساق، ئۇنىڭ تېنىنى (دەسلەپتىكى ئاجىزلىق ھالىتىگە) قايتۇرۇۋېتىمىز، ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەمدۇ؟
وَمَا عَلَّمۡنَٰهُ ٱلشِّعۡرَ وَمَا يَنۢبَغِي لَهُۥٓۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ وَقُرۡءَانٞ مُّبِينٞ
Open ayah 36:69بىز ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) شېئىر ئۆگەتمىدۇق، ئۇنىڭغا (شېئىر) مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى پەقەت (قەلبى) تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز _ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر. [69 _ 70]
لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيّٗا وَيَحِقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
Open ayah 36:70بىز ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) شېئىر ئۆگەتمىدۇق، ئۇنىڭغا (شېئىر) مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى پەقەت (قەلبى) تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز _ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر. [69 _ 70]
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ
Open ayah 36:71ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇن چارۋىلارنى ياراتتۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلاردۇر.
وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ
Open ayah 36:72ئۇ چارۋىلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ.
وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ
Open ayah 36:73ئۇلار شۇ چارۋىلاردىن پايدىلىنىدۇ، سۈتلىرىنى ئىچىدۇ. ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لَّعَلَّهُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 36:74مۇشرىكلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.
لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَهُمۡ وَهُمۡ لَهُمۡ جُندٞ مُّحۡضَرُونَ
Open ayah 36:75ھالبۇكى، (ئۇ ئىلاھلار) ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار شۇ ئىلاھلار ئۈچۈن ھازىر قىلىنغان قوشۇندۇر.
فَلَا يَحۡزُنكَ قَوۡلُهُمۡۘ إِنَّا نَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَ
Open ayah 36:76(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ (كۇفرى) سۆزلىرى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىمىز.
أَوَلَمۡ يَرَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَنَّا خَلَقۡنَٰهُ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ
Open ayah 36:77ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتقان ئىدۇق. مانا ئەمدى ئۇ (رەببىگە قارشى) ئوپئوچۇق خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى.
وَضَرَبَ لَنَا مَثَلٗا وَنَسِيَ خَلۡقَهُۥۖ قَالَ مَن يُحۡيِ ٱلۡعِظَٰمَ وَهِيَ رَمِيمٞ
Open ayah 36:78ئۇ بىزگە (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ: «بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى.
قُلۡ يُحۡيِيهَا ٱلَّذِيٓ أَنشَأَهَآ أَوَّلَ مَرَّةٖۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلۡقٍ عَلِيمٌ
Open ayah 36:79ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ بارلىق مەخلۇقاتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر».
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلشَّجَرِ ٱلۡأَخۡضَرِ نَارٗا فَإِذَآ أَنتُم مِّنۡهُ تُوقِدُونَ
Open ayah 36:80ئۇ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئوت ياقىسىلەر.
أَوَلَيۡسَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يَخۡلُقَ مِثۡلَهُمۚ بَلَىٰ وَهُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 36:81ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قادىر. ئاللاھ ئاجايىپ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
إِنَّمَآ أَمۡرُهُۥٓ إِذَآ أَرَادَ شَيۡـًٔا أَن يَقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Open ayah 36:82ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ.
فَسُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 36:83ھەربىر نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ پاكتۇر، سىلەر (ئاخىر) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.