الصافات

As-Saaffaat

Those drawn up in Ranks · Surah 37 · Ayahs: 182 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. وَٱلصَّٰٓفَّٰتِ صَفّٗا

    Open ayah 37:1

    سەپ _ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى قوزغىتىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر. [1 _ 4]

  2. فَٱلزَّٰجِرَٰتِ زَجۡرٗا

    Open ayah 37:2

    سەپ _ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى قوزغىتىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر. [1 _ 4]

  3. فَٱلتَّٰلِيَٰتِ ذِكۡرًا

    Open ayah 37:3

    سەپ _ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى قوزغىتىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر. [1 _ 4]

  4. إِنَّ إِلَٰهَكُمۡ لَوَٰحِدٞ

    Open ayah 37:4

    سەپ _ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى قوزغىتىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر. [1 _ 4]

  5. رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَرَبُّ ٱلۡمَشَٰرِقِ

    Open ayah 37:5

    (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، شۇنداقلا مەشرىقلەرنىڭ رەببىدۇر.

  6. إِنَّا زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِزِينَةٍ ٱلۡكَوَاكِبِ

    Open ayah 37:6

    شەكسىزكى، بىز يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق.

  7. وَحِفۡظٗا مِّن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ مَّارِدٖ

    Open ayah 37:7

    ئۇنى ھەربىر ئاسىي شەيتاندىن قوغدىدۇق.

  8. لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰ وَيُقۡذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٖ

    Open ayah 37:8

    (ئۇ شەيتانلار) ئاسماندىكى پەرىشتىلەر (نىڭ سۆزلىرى)نى ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن (ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب بار. [8 _ 9]

  9. دُحُورٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ وَاصِبٌ

    Open ayah 37:9

    (ئۇ شەيتانلار) ئاسماندىكى پەرىشتىلەر (نىڭ سۆزلىرى)نى ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن (ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب بار. [8 _ 9]

  10. إِلَّا مَنۡ خَطِفَ ٱلۡخَطۡفَةَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ ثَاقِبٞ 

    Open ayah 37:10

    (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان، ئاندىن كۆيدۈرگۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلىغان) شەيتان بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

  11. فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَهُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَم مَّنۡ خَلَقۡنَآۚ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّن طِينٖ لَّازِبِۭ

    Open ayah 37:11

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلاردىن (يەنى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ ياكى (ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ) مەخلۇقاتنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.

  12. بَلۡ عَجِبۡتَ وَيَسۡخَرُونَ

    Open ayah 37:12

    بەلكىم سەن (ئۇلارنىڭ ئىنكارىدىن) ھەيران قالغانسەن، ھالبۇكى ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

  13. وَإِذَا ذُكِّرُواْ لَا يَذۡكُرُونَ

    Open ayah 37:13

    ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، قوبۇل قىلمايدۇ.

  14. وَإِذَا رَأَوۡاْ ءَايَةٗ يَسۡتَسۡخِرُونَ

    Open ayah 37:14

    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا مەسخىرە قىلىشىدۇ.

  15. وَقَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٌ

    Open ayah 37:15

    ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيدۇ. [15 _ 17]

  16. أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ

    Open ayah 37:16

    ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيدۇ. [15 _ 17]

  17. أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ

    Open ayah 37:17

    ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيدۇ. [15 _ 17]

  18. قُلۡ نَعَمۡ وَأَنتُمۡ دَٰخِرُونَ

    Open ayah 37:18

    ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالەتتە تىرىلىسىلەر».

  19. فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ فَإِذَا هُمۡ يَنظُرُونَ

    Open ayah 37:19

    (ئۇ تىرىلىش) قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ-دە شۇھامان ئۇلار (ھېساب مەيدانىغا ھازىر بولۇپ) قارىشىپ تۇرىدۇ.

  20. وَقَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا هَٰذَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ 

    Open ayah 37:20

    ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ.

  21. هَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

    Open ayah 37:21

    (ئۇلارغا) مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ھۆكۈم كۈنىدۇر (دېيىلىدۇ).

  22. ۞ٱحۡشُرُواْ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَأَزۡوَٰجَهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَعۡبُدُونَ

    Open ayah 37:22

    (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە دەيدۇ) زۇلۇم قىلغانلارنى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى ھېساب مەيدانىغا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا ھەيدەڭلار. [22 _ 23]

  23. مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهۡدُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:23

    (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە دەيدۇ) زۇلۇم قىلغانلارنى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى ھېساب مەيدانىغا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا ھەيدەڭلار. [22 _ 23]

  24. وَقِفُوهُمۡۖ إِنَّهُم مَّسۡـُٔولُونَ

    Open ayah 37:24

    ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوراق قىلىنىدۇ».

  25. مَا لَكُمۡ لَا تَنَاصَرُونَ

    Open ayah 37:25

    (ئاندىن ئۇلارغا كايىپ): «سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر- بىرىڭلارغا ياردەم قىلىشمايۋاتىسىلەرغۇ؟» (دېيىلىدۇ).

  26. بَلۡ هُمُ ٱلۡيَوۡمَ مُسۡتَسۡلِمُونَ

    Open ayah 37:26

    بەلكى ئۇلار بۇ كۈندە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىدۇر.

  27. وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ

    Open ayah 37:27

    ئۇلار بىر _ بىرىگە قارىشىپ مۇنازىرە قىلىشىدۇ.

  28. قَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَأۡتُونَنَا عَنِ ٱلۡيَمِينِ

    Open ayah 37:28

    ئۇلار (باشلامچىلىرىغا) : «سىلەر بىزگە بىز ياخشىلىق دەپ ئويلىغان تەرەپتىن كېلەتتىڭلار (يەنى بىزنى توغرا يولغا باشلىغاندەك كۆرۈنۈپ ئىماندىن توساتتىڭلار)» دەيدۇ.

  29. قَالُواْ بَل لَّمۡ تَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 37:29

    (باشلامچىلار) ئېيتىدۇ: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتمىدىڭلار.

  30. وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭۖ بَلۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا طَٰغِينَ 

    Open ayah 37:30

    بىزنىڭ سىلەرنى زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى بىر قەۋم ئىدىڭلار.

  31. فَحَقَّ عَلَيۡنَا قَوۡلُ رَبِّنَآۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ

    Open ayah 37:31

    رەببىمىزنىڭ (ئازابلاش ھەققىدىكى) ھۆكمى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۇڭا بىز (بۇ ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىلارمىز.

  32. فَأَغۡوَيۡنَٰكُمۡ إِنَّا كُنَّا غَٰوِينَ

    Open ayah 37:32

    سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى ئۆزىمىزمۇ راستتىنلا ئازغان ئىدۇق».

  33. فَإِنَّهُمۡ يَوۡمَئِذٖ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ

    Open ayah 37:33

    شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ كۈندە ئازابتا ئورتاقتۇر.

  34. إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 37:34

    بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق (مۇئامىلە) قىلىمىز.

  35. إِنَّهُمۡ كَانُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسۡتَكۡبِرُونَ

    Open ayah 37:35

    چۈنكى ئۇلارغا «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى.

  36. وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓاْ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٖ مَّجۡنُونِۭ

    Open ayah 37:36

    ئۇلار: «بىز بىر مەجنۇن شائىرنى دەپ ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى.

  37. بَلۡ جَآءَ بِٱلۡحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:37

    (ياق، مۇھەممەد سىلەر تۆھمەت قىلغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ (ھەقلىقىنى) ئىسپاتلىدى.

  38. إِنَّكُمۡ لَذَآئِقُواْ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَلِيمِ

    Open ayah 37:38

    (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر چوقۇم قىينىغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر.

  39. وَمَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 37:39

    (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر.

  40. إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ 

    Open ayah 37:40

    (بۇ جازادىن) ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا ساقلىنىپ قالىدۇ.

  41. أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ رِزۡقٞ مَّعۡلُومٞ

    Open ayah 37:41

    ئەنە شۇلار مەلۇم رىزىقتىن — تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ئىززەت _ ئىكرام قىلىنىدۇ. [41 _ 42]

  42. فَوَٰكِهُ وَهُم مُّكۡرَمُونَ

    Open ayah 37:42

    ئەنە شۇلار مەلۇم رىزىقتىن — تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ئىززەت _ ئىكرام قىلىنىدۇ. [41 _ 42]

  43. فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

    Open ayah 37:43

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە، تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىرـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. [43 _ 44]

  44. عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

    Open ayah 37:44

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە، تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىرـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. [43 _ 44]

  45. يُطَافُ عَلَيۡهِم بِكَأۡسٖ مِّن مَّعِينِۭ

    Open ayah 37:45

    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان، ئاپئاق شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. [45 _ 46]

  46. بَيۡضَآءَ لَذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ

    Open ayah 37:46

    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان، ئاپئاق شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. [45 _ 46]

  47. لَا فِيهَا غَوۡلٞ وَلَا هُمۡ عَنۡهَا يُنزَفُونَ

    Open ayah 37:47

    ئۇنىڭدا ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ.

  48. وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ عِينٞ

    Open ayah 37:48

    ئۇلارنىڭ يېنىدا (ئەرلىرىدىن) باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى (ئەتىۋارلاپ) ساقلانغان (ئاقلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە) تۇخۇمدەك، شەھلا كۆزلۈك (جۈپلەر) بولىدۇ. [48 _ 49]

  49. كَأَنَّهُنَّ بَيۡضٞ مَّكۡنُونٞ

    Open ayah 37:49

    ئۇلارنىڭ يېنىدا (ئەرلىرىدىن) باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى (ئەتىۋارلاپ) ساقلانغان (ئاقلىقتا ۋە سۈزۈكلۈكتە) تۇخۇمدەك، شەھلا كۆزلۈك (جۈپلەر) بولىدۇ. [48 _ 49]

  50. فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ 

    Open ayah 37:50

    ئۇلار بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئەھۋال سورىشىدۇ.

  51. قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ

    Open ayah 37:51

    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى، ئۇ: (ماڭا) ‹سەنمۇ راستتىنلا (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) ئىشىنىدىغانلاردىنمۇ؟ بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، (تىرىلدۈرۈلۈپ) بىزگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟› دەيتتى». [51 _ 53]

  52. يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُصَدِّقِينَ

    Open ayah 37:52

    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى، ئۇ: (ماڭا) ‹سەنمۇ راستتىنلا (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) ئىشىنىدىغانلاردىنمۇ؟ بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، (تىرىلدۈرۈلۈپ) بىزگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟› دەيتتى». [51 _ 53]

  53. أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ

    Open ayah 37:53

    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى، ئۇ: (ماڭا) ‹سەنمۇ راستتىنلا (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە) ئىشىنىدىغانلاردىنمۇ؟ بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، (تىرىلدۈرۈلۈپ) بىزگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟› دەيتتى». [51 _ 53]

  54. قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ

    Open ayah 37:54

    ئۇ (يېنىدىكىلەرگە): «سىلەر ئۇنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟» دەيدۇ.

  55. فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِي سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:55

    ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ.

  56. قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرۡدِينِ

    Open ayah 37:56

    ئۇ (مۇئمىن ئادەم) ئېيتىدۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قالغان ئىكەنسەن.

  57. وَلَوۡلَا نِعۡمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ

    Open ayah 37:57

    ئەگەر رەببىمنىڭ (ھىدايەتتىن ئىبارەت) نېمىتى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلار قاتارىدىن بولار ئىكەنمەن.

  58. أَفَمَا نَحۡنُ بِمَيِّتِينَ

    Open ayah 37:58

    بىز تۇنجى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئەمدى ئۆلمەيمىز ۋە ئازابقىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58 _ 59]

  59. إِلَّا مَوۡتَتَنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ

    Open ayah 37:59

    بىز تۇنجى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئەمدى ئۆلمەيمىز ۋە ئازابقىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58 _ 59]

  60. إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ 

    Open ayah 37:60

    شەكسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە كاتتا ئۇتۇقتۇر.

  61. لِمِثۡلِ هَٰذَا فَلۡيَعۡمَلِ ٱلۡعَٰمِلُونَ

    Open ayah 37:61

    ئەمەل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق (زور ئۇتۇققا ئېرىشىش يولىدا) ئەمەل قىلسۇن!».

  62. أَذَٰلِكَ خَيۡرٞ نُّزُلًا أَمۡ شَجَرَةُ ٱلزَّقُّومِ

    Open ayah 37:62

    زىياپەت بولۇشقا بۇ (نېمەتلەر) ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟

  63. إِنَّا جَعَلۡنَٰهَا فِتۡنَةٗ لِّلظَّٰلِمِينَ

    Open ayah 37:63

    بىز زەققۇمنى زالىملار ئۈچۈن ئازاب (دەرىخى) قىلدۇق.

  64. إِنَّهَا شَجَرَةٞ تَخۡرُجُ فِيٓ أَصۡلِ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:64

    شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر.

  65. طَلۡعُهَا كَأَنَّهُۥ رُءُوسُ ٱلشَّيَٰطِينِ

    Open ayah 37:65

    ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.

  66. فَإِنَّهُمۡ لَأٓكِلُونَ مِنۡهَا فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ

    Open ayah 37:66

    ئۇلار چوقۇم شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تولدۇرىدۇ.

  67. ثُمَّ إِنَّ لَهُمۡ عَلَيۡهَا لَشَوۡبٗا مِّنۡ حَمِيمٖ

    Open ayah 37:67

    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناپ تۇرغان ئارىلاشما سۇنى ئىچىدۇ.

  68. ثُمَّ إِنَّ مَرۡجِعَهُمۡ لَإِلَى ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:68

    ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى ئەلۋەتتە دوزاخ بولىدۇ.

  69. إِنَّهُمۡ أَلۡفَوۡاْ ءَابَآءَهُمۡ ضَآلِّينَ

    Open ayah 37:69

    شەكسىزكى، ئۇلار ئاتا _ بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇقتا كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا تىزلا ئەگىشىپ كەتتى. [69 _ 70]

  70. فَهُمۡ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ يُهۡرَعُونَ 

    Open ayah 37:70

    شەكسىزكى، ئۇلار ئاتا _ بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇقتا كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا تىزلا ئەگىشىپ كەتتى. [69 _ 70]

  71. وَلَقَدۡ ضَلَّ قَبۡلَهُمۡ أَكۡثَرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 37:71

    (ئى پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭدىن) ئىلگىرى، بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازغان ئىدى.

  72. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ

    Open ayah 37:72

    شەكسىزكى، بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) لەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.

  73. فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُنذَرِينَ

    Open ayah 37:73

    سەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.

  74. إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

    Open ayah 37:74

    ئۇلاردىن پەقەت ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا مۇستەسنا.

  75. وَلَقَدۡ نَادَىٰنَا نُوحٞ فَلَنِعۡمَ ٱلۡمُجِيبُونَ

    Open ayah 37:75

    نۇھ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن) بىزگە ئىلتىجا قىلدى (بىز ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدۇق)، بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچى!

  76. وَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 37:76

    بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى چوڭ بىر بالا (توپان بالاسى)دىن قۇتقۇزدۇق.

  77. وَجَعَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلۡبَاقِينَ

    Open ayah 37:77

    ئۇنىڭ نەسلىنىلا (يەر يۈزىدە) داۋاملىشىدىغان قىلدۇق.

  78. وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

    Open ayah 37:78

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى نامىنى) قالدۇردۇق.

  79. سَلَٰمٌ عَلَىٰ نُوحٖ فِي ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 37:79

    جاھان ئەھلىدىن نۇھقا سالام بولسۇن!.

  80. إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ 

    Open ayah 37:80

    بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  81. إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 37:81

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.

  82. ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

    Open ayah 37:82

    ئاندىن بىز قالغانلارنى (كاپىرلارنى) غەرق قىلدۇق.

  83. ۞وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبۡرَٰهِيمَ

    Open ayah 37:83

    ئىبراھىممۇ ئەلۋەتتە نۇھنىڭ دىنىغا تەۋە كىشىلەردىن ئىدى.

  84. إِذۡ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلۡبٖ سَلِيمٍ

    Open ayah 37:84

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە ساغلام دىل بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى.

  85. إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَاذَا تَعۡبُدُونَ

    Open ayah 37:85

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟

  86. أَئِفۡكًا ءَالِهَةٗ دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ

    Open ayah 37:86

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟

  87. فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 37:87

    سىلەر ئالەملەرنىڭ رەببىنى قانداق گۇمان قىلىۋاتىسىلەر؟ (يەنى سىلەرنى جازالىمايدۇ، دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟)» دېگەن ئىدى.

  88. فَنَظَرَ نَظۡرَةٗ فِي ٱلنُّجُومِ

    Open ayah 37:88

    ئاندىن ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قارىۋېتىپ: «مەن كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى. [88 _ 89]

  89. فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٞ

    Open ayah 37:89

    ئاندىن ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قارىۋېتىپ: «مەن كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى. [88 _ 89]

  90. فَتَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ مُدۡبِرِينَ 

    Open ayah 37:90

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى.

  91. فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمۡ فَقَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ

    Open ayah 37:91

    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا باردى، (ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ) : «(ئالدىڭلارغا قويۇلغان تاماقلاردىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى. [91 _ 92]

  92. مَا لَكُمۡ لَا تَنطِقُونَ

    Open ayah 37:92

    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا باردى، (ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ) : «(ئالدىڭلارغا قويۇلغان تاماقلاردىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى. [91 _ 92]

  93. فَرَاغَ عَلَيۡهِمۡ ضَرۡبَۢا بِٱلۡيَمِينِ

    Open ayah 37:93

    ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۇلارنى چېقىشقا باشلىدى.

  94. فَأَقۡبَلُوٓاْ إِلَيۡهِ يَزِفُّونَ

    Open ayah 37:94

    ئۇلار (يەنى ئىبراھىمنىڭ قەۋمى) ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراپ كېلىشتى.

  95. قَالَ أَتَعۡبُدُونَ مَا تَنۡحِتُونَ

    Open ayah 37:95

    ئىبراھىم: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟

  96. وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 37:96

    ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ياراتقان ئاللاھتۇر» دېدى.

  97. قَالُواْ ٱبۡنُواْ لَهُۥ بُنۡيَٰنٗا فَأَلۡقُوهُ فِي ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:97

    ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر قورۇق ياساڭلار، ئاندىن ئۇنى (شۇ قورۇق ئىچىدىكى) ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى.

  98. فَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَسۡفَلِينَ

    Open ayah 37:98

    ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان ئىدى، بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق.

  99. وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهۡدِينِ

    Open ayah 37:99

    ئىبراھىم: «مەن رەببىم (بۇيرۇغان يەر)گە ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ.

  100. رَبِّ هَبۡ لِي مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ 

    Open ayah 37:100

    ئى رەببىم! ماڭا بىر سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلغىن» دېدى.

  101. فَبَشَّرۡنَٰهُ بِغُلَٰمٍ حَلِيمٖ 

    Open ayah 37:101

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.

  102. فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعۡيَ قَالَ يَٰبُنَيَّ إِنِّيٓ أَرَىٰ فِي ٱلۡمَنَامِ أَنِّيٓ أَذۡبَحُكَ فَٱنظُرۡ مَاذَا تَرَىٰۚ قَالَ يَٰٓأَبَتِ ٱفۡعَلۡ مَا تُؤۡمَرُۖ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰبِرِينَ 

    Open ayah 37:102

    ئۇ (ئوغۇل) ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنە! قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن».

  103. فَلَمَّآ أَسۡلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلۡجَبِينِ 

    Open ayah 37:103

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق. [103 _ 106]

  104. وَنَٰدَيۡنَٰهُ أَن يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ 

    Open ayah 37:104

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق. [103 _ 106]

  105. قَدۡ صَدَّقۡتَ ٱلرُّءۡيَآۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ 

    Open ayah 37:105

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق. [103 _ 106]

  106. إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡبَلَٰٓؤُاْ ٱلۡمُبِينُ 

    Open ayah 37:106

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، (ئىبراھىم ئۇنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن راستتىنلا ئۇ چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شەكسىزكى، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق. [103 _ 106]

  107. وَفَدَيۡنَٰهُ بِذِبۡحٍ عَظِيمٖ 

    Open ayah 37:107

    بىز ئۇنىڭ (ئوغلىنىڭ) ئورنىغا (جەننەتتىن چىققان) چوڭ بىر قۇربانلىق (قوچقار)نى بەردۇق.

  108. وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ 

    Open ayah 37:108

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.

  109. سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ 

    Open ayah 37:109

    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

  110. كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ 

    Open ayah 37:110

    بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  111. إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 37:111

    شەكسىزكى، ئۇ بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.

  112. وَبَشَّرۡنَٰهُ بِإِسۡحَٰقَ نَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

    Open ayah 37:112

    بىز ئۇنىڭغا سالىھلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەر بولۇپ چىقىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.

  113. وَبَٰرَكۡنَا عَلَيۡهِ وَعَلَىٰٓ إِسۡحَٰقَۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحۡسِنٞ وَظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ مُبِينٞ

    Open ayah 37:113

    ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىدىن (رەببىگە تائەت-ئىبادەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىلارمۇ، (كۇفرى _ مەئسىيەت بىلەن) ئۆزىگە ئوپئوچۇق زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ.

  114. وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

    Open ayah 37:114

    شەكسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ (پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن) ئېھسان قىلدۇق.

  115. وَنَجَّيۡنَٰهُمَا وَقَوۡمَهُمَا مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ

    Open ayah 37:115

    ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.

  116. وَنَصَرۡنَٰهُمۡ فَكَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

    Open ayah 37:116

    بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىبلارغا ئايلاندى.

  117. وَءَاتَيۡنَٰهُمَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلۡمُسۡتَبِينَ

    Open ayah 37:117

    ئۇ ئىككىيلەنگە (تەۋراتتىن ئىبارەت) روشەن بىر كىتابنى بەردۇق.

  118. وَهَدَيۡنَٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ

    Open ayah 37:118

    ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.

  119. وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِمَا فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

    Open ayah 37:119

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇ ئىككىسىنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.

  120. سَلَٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ 

    Open ayah 37:120

    مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!

  121. إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 37:121

    بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  122. إِنَّهُمَا مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 37:122

    ئۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.

  123. وَإِنَّ إِلۡيَاسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:123

    ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.

  124. إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ

    Open ayah 37:124

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببى بولغان ئاللاھنى قويۇپ بەئلىگە[114] چوقۇنامسىلەر؟» دېگەن ئىدى. [124 _ 126]

    1. بەئلى _ ھازىرقى لىۋاندىكى بىر ۋادىدا ياشىغان ئاھالىلار چوقۇنىدىغان بىر بۇتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ۋادىنىڭ ئاھالىسىگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. («تەپسىرى بەيزاۋى» 2 _ توم، 2301 _ بەت).
  125. أَتَدۡعُونَ بَعۡلٗا وَتَذَرُونَ أَحۡسَنَ ٱلۡخَٰلِقِينَ

    Open ayah 37:125

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببى بولغان ئاللاھنى قويۇپ بەئلىگە[114] چوقۇنامسىلەر؟» دېگەن ئىدى. [124 _ 126]

    1. بەئلى _ ھازىرقى لىۋاندىكى بىر ۋادىدا ياشىغان ئاھالىلار چوقۇنىدىغان بىر بۇتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ۋادىنىڭ ئاھالىسىگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. («تەپسىرى بەيزاۋى» 2 _ توم، 2301 _ بەت).
  126. ٱللَّهَ رَبَّكُمۡ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 37:126

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببى بولغان ئاللاھنى قويۇپ بەئلىگە[114] چوقۇنامسىلەر؟» دېگەن ئىدى. [124 _ 126]

    1. بەئلى _ ھازىرقى لىۋاندىكى بىر ۋادىدا ياشىغان ئاھالىلار چوقۇنىدىغان بىر بۇتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ۋادىنىڭ ئاھالىسىگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. («تەپسىرى بەيزاۋى» 2 _ توم، 2301 _ بەت).
  127. فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ

    Open ayah 37:127

    ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇڭا، ئۇلار چوقۇم (جەھەننەمگە) ھازىر قىلىنىدۇ.

  128. إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

    Open ayah 37:128

    پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

  129. وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

    Open ayah 37:129

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ (ياخشى) نامىنى قالدۇردۇق.

  130. سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِلۡ يَاسِينَ

    Open ayah 37:130

    ئىلياسقا سالام بولسۇن!

  131. إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 37:131

    بىز ھەقىقەتەن (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

  132. إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 37:132

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.

  133. وَإِنَّ لُوطٗا لَّمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:133

    لۇتمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.

  134. إِذۡ نَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 37:134

    بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قالغان قېرى ئايالىدىن باشقا تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. [134 _ 135]

  135. إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ

    Open ayah 37:135

    بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قالغان قېرى ئايالىدىن باشقا تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. [134 _ 135]

  136. ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

    Open ayah 37:136

    ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق.

  137. وَإِنَّكُمۡ لَتَمُرُّونَ عَلَيۡهِم مُّصۡبِحِينَ

    Open ayah 37:137

    (ئى مەككىلىكلەر!) سىلەر ئۇلارنىڭ (خارابىلىرى) ئۈستىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ [137 _ 138]

  138. وَبِٱلَّيۡلِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

    Open ayah 37:138

    (ئى مەككىلىكلەر!) سىلەر ئۇلارنىڭ (خارابىلىرى) ئۈستىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ [137 _ 138]

  139. وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:139

    يۇنۇسمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.

  140. إِذۡ أَبَقَ إِلَى ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ 

    Open ayah 37:140

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قېچىپ، (ئادەم بىلەن) تولۇپ كەتكەن بىر كېمىگە چىقىۋالدى.

  141. فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُدۡحَضِينَ

    Open ayah 37:141

    يۇنۇس (كېمىدىكىلەر بىلەن) چەك تاشلاشتى[115]، نەتىجىدە، ئۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغانلاردىن بولۇپ چىقتى (شۇنىڭ بىلەن دېڭىزغا تاشلاندى).

    1. كېمىدە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، يولۇچىلاردىن بىرىنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ھالاك بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن كېمىدىلەر ئۆزئارا چەك تاشلاشقان بولۇپ، چەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىقىپ قالغان ۋە ئۇ دېڭىزغا تاشلانغان.
  142. فَٱلۡتَقَمَهُ ٱلۡحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٞ

    Open ayah 37:142

    ئۇ ئۆزىگە مالامەت قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە، ئۇنى چوڭ بىر كىت يۇتۇۋەتتى.

  143. فَلَوۡلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُسَبِّحِينَ

    Open ayah 37:143

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، كىتنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى. [143 _ 144]

  144. لَلَبِثَ فِي بَطۡنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

    Open ayah 37:144

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، كىتنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى. [143 _ 144]

  145. ۞فَنَبَذۡنَٰهُ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٞ

    Open ayah 37:145

    بىز ئۇنى (كىتنىڭ قارنىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق جايغا ئاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىنى زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى.

  146. وَأَنۢبَتۡنَا عَلَيۡهِ شَجَرَةٗ مِّن يَقۡطِينٖ

    Open ayah 37:146

    ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرسۇن دەپ) بىر تۈپ كاۋا ئۆستۈرۈپ بەردۇق.

  147. وَأَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ مِاْئَةِ أَلۡفٍ أَوۡ يَزِيدُونَ

    Open ayah 37:147

    ئۇنى بىز يۈز مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق.

  148. فَـَٔامَنُواْ فَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ

    Open ayah 37:148

    ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەلۇم مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق.

  149. فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَلِرَبِّكَ ٱلۡبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلۡبَنُونَ

    Open ayah 37:149

    (ئى پەيغەمبەر!) مۇشرىكلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمىكەن؟

  150. أَمۡ خَلَقۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِنَٰثٗا وَهُمۡ شَٰهِدُونَ 

    Open ayah 37:150

    ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار كۆرۈپتىكەنمۇ؟

  151. أَلَآ إِنَّهُم مِّنۡ إِفۡكِهِمۡ لَيَقُولُونَ

    Open ayah 37:151

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ئوپئوچۇق يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر. [151 _ 152]

  152. وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ

    Open ayah 37:152

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ئوپئوچۇق يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر. [151 _ 152]

  153. أَصۡطَفَى ٱلۡبَنَاتِ عَلَى ٱلۡبَنِينَ

    Open ayah 37:153

    ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟

  154. مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ

    Open ayah 37:154

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقلارچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟

  155. أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 37:155

    ئويلاپ باقمامسىلەر؟

  156. أَمۡ لَكُمۡ سُلۡطَٰنٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 37:156

    ياكى بۇنىڭغا ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟

  157. فَأۡتُواْ بِكِتَٰبِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 37:157

    ئەگەر (گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، كىتابىڭلار (بولسا) ئەكىلىپ بېقىڭلار.

  158. وَجَعَلُواْ بَيۡنَهُۥ وَبَيۡنَ ٱلۡجِنَّةِ نَسَبٗاۚ وَلَقَدۡ عَلِمَتِ ٱلۡجِنَّةُ إِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ

    Open ayah 37:158

    ئۇلار ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەسەب ئويدۇردى. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازابقا)  ھازىر قىلىنىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلىدۇ.

  159. سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

    Open ayah 37:159

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.

  160. إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ 

    Open ayah 37:160

    لېكىن ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىلا بۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ئاللاھقا تۆھمەت قىلمايدۇ ۋە ئازابقا دۇچار بولمايدۇ).

  161. فَإِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ

    Open ayah 37:161

    (ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھقا قارشى ئازدۇرالمايسىلەر. [161 _ 163]

  162. مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ بِفَٰتِنِينَ

    Open ayah 37:162

    (ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھقا قارشى ئازدۇرالمايسىلەر. [161 _ 163]

  163. إِلَّا مَنۡ هُوَ صَالِ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 37:163

    (ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھقا قارشى ئازدۇرالمايسىلەر. [161 _ 163]

  164. وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٞ مَّعۡلُومٞ

    Open ayah 37:164

    (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار.

  165. وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلصَّآفُّونَ

    Open ayah 37:165

    شەكسىزكى، بىز (تائەت _ ئىبادەتتە) سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز.

  166. وَإِنَّا لَنَحۡنُ ٱلۡمُسَبِّحُونَ

    Open ayah 37:166

    بىز ئەلۋەتتە (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز».

  167. وَإِن كَانُواْ لَيَقُولُونَ

    Open ayah 37:167

    شەكسىزكى، (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىرەر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى. [167 _ 169]

  168. لَوۡ أَنَّ عِندَنَا ذِكۡرٗا مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 37:168

    شەكسىزكى، (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىرەر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى. [167 _ 169]

  169. لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

    Open ayah 37:169

    شەكسىزكى، (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىرەر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى. [167 _ 169]

  170. فَكَفَرُواْ بِهِۦۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ 

    Open ayah 37:170

    (ئۇ كىتاب كېلىۋىدى) ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار (بۇ ئىنكارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ.

  171. وَلَقَدۡ سَبَقَتۡ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:171

    شەكسىزكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىزگە ئالدىن بەرگەن (مۇنداق) سۆزىمىز بار ئىدى:

  172. إِنَّهُمۡ لَهُمُ ٱلۡمَنصُورُونَ

    Open ayah 37:172

    «ئۇلار چوقۇم ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

  173. وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلۡغَٰلِبُونَ

    Open ayah 37:173

    بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر».

  174. فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ

    Open ayah 37:174

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار (يەنى كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار) بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن.

  175. وَأَبۡصِرۡهُمۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ

    Open ayah 37:175

    سەن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.

  176. أَفَبِعَذَابِنَا يَسۡتَعۡجِلُونَ

    Open ayah 37:176

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزغا ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟.

  177. فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمۡ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلۡمُنذَرِينَ

    Open ayah 37:177

    ئازاب ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ تۇرغان يېرىگە چۈشكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!

  178. وَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ حَتَّىٰ حِينٖ

    Open ayah 37:178

    ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن.

  179. وَأَبۡصِرۡ فَسَوۡفَ يُبۡصِرُونَ

    Open ayah 37:179

    سەن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.

  180. سُبۡحَٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلۡعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ 

    Open ayah 37:180

    قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.

  181. وَسَلَٰمٌ عَلَى ٱلۡمُرۡسَلِينَ

    Open ayah 37:181

    پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!

  182. وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 37:182

    جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!.