ص

Saad

The letter Saad · Surah 38 · Ayahs: 88 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. صٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ذِي ٱلذِّكۡرِ

    Open ayah 38:1

    ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). ۋەز _ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (ئى پەيغەمبەر! سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىنسەن)، لېكىن كاپىرلار ھاكاۋۇرلۇق ۋە (ساڭا قارشى) دۈشمەنلىك ئىچىدىدۇر. [1 _ 2]

  2. بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي عِزَّةٖ وَشِقَاقٖ

    Open ayah 38:2

    ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). ۋەز _ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (ئى پەيغەمبەر! سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىنسەن)، لېكىن كاپىرلار ھاكاۋۇرلۇق ۋە (ساڭا قارشى) دۈشمەنلىك ئىچىدىدۇر. [1 _ 2]

  3. كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّن قَرۡنٖ فَنَادَواْ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٖ

    Open ayah 38:3

    بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، (ئازاب كەلگەندە) ئۇلار پەرياد قىلىشتى. ھالبۇكى، ئۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.

  4. وَعَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡۖ وَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا سَٰحِرٞ كَذَّابٌ

    Open ayah 38:4

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى، ئۇ كاپىرلار: «بۇ ئۇچىغا چىققان يالغانچى سېھىرگەردۇر.

  5. أَجَعَلَ ٱلۡأٓلِهَةَ إِلَٰهٗا وَٰحِدًاۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٌ عُجَابٞ

    Open ayah 38:5

    ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» دېدى.

  6. وَٱنطَلَقَ ٱلۡمَلَأُ مِنۡهُمۡ أَنِ ٱمۡشُواْ وَٱصۡبِرُواْ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٞ يُرَادُ

    Open ayah 38:6

    ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ (ئۇلارغا): «سىلەرئىلاھلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. بۇ (مۇھەممەد دەۋەت قىلىۋاتقان ئىش ئۇنىڭ نوپۇزغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە پىلانلىق بولۇۋاتقان بىر ئىشتۇر.

  7. مَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِي ٱلۡمِلَّةِ ٱلۡأٓخِرَةِ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا ٱخۡتِلَٰقٌ

    Open ayah 38:7

    بىز بۇنى ئاخىرقى دىن (خىرىستىيان دىنى) دا ئاڭلىمىغان ئىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر.

  8. أَءُنزِلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ مِنۢ بَيۡنِنَاۚ بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ مِّن ذِكۡرِيۚ بَل لَّمَّا يَذُوقُواْ عَذَابِ

    Open ayah 38:8

    قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل بولۇپتۇمۇ؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (قۇرئان) توغرۇلۇق شەكتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى (ئەگەر تېتىغان بولسا بۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى).

  9. أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَحۡمَةِ رَبِّكَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡوَهَّابِ

    Open ayah 38:9

    ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك رەببىڭنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى بارمۇ؟

  10. أَمۡ لَهُم مُّلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ فَلۡيَرۡتَقُواْ فِي ٱلۡأَسۡبَٰبِ 

    Open ayah 38:10

    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر شۇنداق بولسا) ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاسمانغا چىقىپ باقسۇن.

  11. جُندٞ مَّا هُنَالِكَ مَهۡزُومٞ مِّنَ ٱلۡأَحۡزَابِ

    Open ayah 38:11

    ئۇلار بىر قانچە گۇرۇھتىن ئۇيۇشقان ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولغان بىر قوشۇندۇر.

  12. كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ ذُو ٱلۡأَوۡتَادِ

    Open ayah 38:12

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە كۈچلۈك سەلتەنەت ئىگىسى بولغان پىرئەۋن، سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ (ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى) ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى. [12 _ 13]

  13. وَثَمُودُ وَقَوۡمُ لُوطٖ وَأَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡأَحۡزَابُ

    Open ayah 38:13

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە كۈچلۈك سەلتەنەت ئىگىسى بولغان پىرئەۋن، سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ (ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى) ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى. [12 _ 13]

  14. إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ

    Open ayah 38:14

    (ئۇلاردىن) ھەربىرى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى.

  15. وَمَا يَنظُرُ هَٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ مَّا لَهَا مِن فَوَاقٖ

    Open ayah 38:15

    بۇلار (يەنى مەككىلىك مۇشرىكلار سۇرنىڭ) قىلچە كېچىكتۈرۈلمەيدىغان بىر قاتتىق ئاۋازىنىلا كۈتىدۇ.

  16. وَقَالُواْ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 38:16

    ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ) «ئى رەببىمىز! ھېساب كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن (سەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابتىن) نېسىۋىمىزنى تېزرەك بەرگىن» دېيىشتى.

  17. ٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلۡأَيۡدِۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ

    Open ayah 38:17

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ دەۋاتقان سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. ئۇ ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) ئىتائەتمەن بەندە ئىدى.

  18. إِنَّا سَخَّرۡنَا ٱلۡجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحۡنَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِشۡرَاقِ

    Open ayah 38:18

    شەكسىزكى، بىز (ئۇنىڭغا) تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇ تاغلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى (داۋۇد بىلەن) بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى.

  19. وَٱلطَّيۡرَ مَحۡشُورَةٗۖ كُلّٞ لَّهُۥٓ أَوَّابٞ

    Open ayah 38:19

    قۇشلارنىمۇ (ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇلارمۇ) توپلىشىپ تۇرۇپ، ھەربىرى داۋۇدقا ئەگىشىپ تەسبىھ ئېيتاتتى.

  20. وَشَدَدۡنَا مُلۡكَهُۥ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحِكۡمَةَ وَفَصۡلَ ٱلۡخِطَابِ 

    Open ayah 38:20

    بىز ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) ۋە (ھەق _ ناھەقنى) ئايرىپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدۇق.

  21. ۞وَهَلۡ أَتَىٰكَ نَبَؤُاْ ٱلۡخَصۡمِ إِذۡ تَسَوَّرُواْ ٱلۡمِحۡرَابَ

    Open ayah 38:21

    (ئى پەيغەمبەر!) دەۋاگەرلەرنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبادەتگاھنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرىۋىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز بىر _ بىرىمىزگە يولسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى. [21 _ 22]

  22. إِذۡ دَخَلُواْ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنۡهُمۡۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ خَصۡمَانِ بَغَىٰ بَعۡضُنَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فَٱحۡكُم بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَلَا تُشۡطِطۡ وَٱهۡدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ

    Open ayah 38:22

    (ئى پەيغەمبەر!) دەۋاگەرلەرنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبادەتگاھنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرىۋىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز بىر _ بىرىمىزگە يولسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى. [21 _ 22]

  23. إِنَّ هَٰذَآ أَخِي لَهُۥ تِسۡعٞ وَتِسۡعُونَ نَعۡجَةٗ وَلِيَ نَعۡجَةٞ وَٰحِدَةٞ فَقَالَ أَكۡفِلۡنِيهَا وَعَزَّنِي فِي ٱلۡخِطَابِ

    Open ayah 38:23

    (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ توقسان توققۇز ساغلىقى بار، مېنىڭ بىرلا ساغلىقىم بار ئىدى، قېرىندىشىم ئاشۇ (بىرلا ساغلىق) نىمۇ ماڭا بەرگىن دەۋاتىدۇ، ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى.

  24. قَالَ لَقَدۡ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعۡجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦۖ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡخُلَطَآءِ لَيَبۡغِي بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَقَلِيلٞ مَّا هُمۡۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّٰهُ فَٱسۡتَغۡفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّۤ رَاكِعٗاۤ وَأَنَابَ۩

    Open ayah 38:24

    داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا ساڭا ئۇۋال قىپتۇ. شېرىكلەرنىڭ تولىسى بىر _ بىرىگە (شۇنداق) يولسىزلىق قىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇنداقلار بەكمۇ ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلىپ، رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، سەجدىگە باش قويدى ۋە (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى.

  25. فَغَفَرۡنَا لَهُۥ ذَٰلِكَۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ

    Open ayah 38:25

    بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئەلۋەتتە ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يېقىنلىققا ۋە گۈزەل بىر ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.

  26. يَٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلۡنَٰكَ خَلِيفَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱحۡكُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلۡهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدُۢ بِمَا نَسُواْ يَوۡمَ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 38:26

    ئى داۋۇد! شەكسىزكى، بىز سېنى يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىن، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب (ئېلىنىدىغان) كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.

  27. وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا بَٰطِلٗاۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنَ ٱلنَّارِ

    Open ayah 38:27

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، بۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارنىڭ دوزاختىكى ھالىغا ۋاي!

  28. أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَٱلۡمُفۡسِدِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلۡمُتَّقِينَ كَٱلۡفُجَّارِ

    Open ayah 38:28

    بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟

  29. كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ مُبَٰرَكٞ لِّيَدَّبَّرُوٓاْ ءَايَٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 38:29

    (ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان) ئايەتلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئەتراپلىق) تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.

  30. وَوَهَبۡنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيۡمَٰنَۚ نِعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ 

    Open ayah 38:30

    بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! شەكسىزكى، ئۇ (ئاللاھقا) بەكمۇ ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى.

  31. إِذۡ عُرِضَ عَلَيۡهِ بِٱلۡعَشِيِّ ٱلصَّٰفِنَٰتُ ٱلۡجِيَادُ

    Open ayah 38:31

    ئۆز ۋاقتىدا بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئېسىل يۈگۈرۈك ئاتلار ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

  32. فَقَالَ إِنِّيٓ أَحۡبَبۡتُ حُبَّ ٱلۡخَيۡرِ عَن ذِكۡرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتۡ بِٱلۡحِجَابِ

    Open ayah 38:32

    ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن بۇلارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. نىھايەت، ئاتلار كۆزدىن غايىب بولغان ۋاقتىدا، «ئۇلارنى ماڭا قايتۇرۇپ كېلىڭلار» دېدى. (ئاتلار قايتۇرۇپ كېلىنىۋىدى) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. [32 _ 33]

  33. رُدُّوهَا عَلَيَّۖ فَطَفِقَ مَسۡحَۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلۡأَعۡنَاقِ

    Open ayah 38:33

    ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن بۇلارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. نىھايەت، ئاتلار كۆزدىن غايىب بولغان ۋاقتىدا، «ئۇلارنى ماڭا قايتۇرۇپ كېلىڭلار» دېدى. (ئاتلار قايتۇرۇپ كېلىنىۋىدى) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. [32 _ 33]

  34. وَلَقَدۡ فَتَنَّا سُلَيۡمَٰنَ وَأَلۡقَيۡنَا عَلَىٰ كُرۡسِيِّهِۦ جَسَدٗا ثُمَّ أَنَابَ

    Open ayah 38:34

    بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلاپ قويدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ): «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ تەۋبە قىلدى. [34 _ 35]

  35. قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَهَبۡ لِي مُلۡكٗا لَّا يَنۢبَغِي لِأَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ

    Open ayah 38:35

    بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلاپ قويدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ): «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ تەۋبە قىلدى. [34 _ 35]

  36. فَسَخَّرۡنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦ رُخَآءً حَيۡثُ أَصَابَ

    Open ayah 38:36

    بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى.

  37. وَٱلشَّيَٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٖ وَغَوَّاصٖ

    Open ayah 38:37

    ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا بىناكار ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. [37 _ 38]

  38. وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ

    Open ayah 38:38

    ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا بىناكار ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. [37 _ 38]

  39. هَٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمۡنُنۡ أَوۡ أَمۡسِكۡ بِغَيۡرِ حِسَابٖ

    Open ayah 38:39

    (بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، (باشقىلارغا) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ».

  40. وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ 

    Open ayah 38:40

    شەكسىزكى، سۇلەيمان بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يېقىنلىققا ۋە گۈزەل جايغا ئىگە بولىدۇ.

  41. وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَآ أَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِنُصۡبٖ وَعَذَابٍ

    Open ayah 38:41

    (ئى پەيغەمبەر!) بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە (دۇئا قىلىپ): «شەيتان ماڭا كۆپ جاپاـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.

  42. ٱرۡكُضۡ بِرِجۡلِكَۖ هَٰذَا مُغۡتَسَلُۢ بَارِدٞ وَشَرَابٞ

    Open ayah 38:42

    بىز ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» (دېۋىدۇق، ئۇ يەرنى تەپكەندىن كېيىن، بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئاندىن ئۇنىڭغا) «مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق).

  43. وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ أَهۡلَهُۥ وَمِثۡلَهُم مَّعَهُمۡ رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 38:43

    بىز ئۇنىڭ (ئالەمدىن ئۆتكەن) ئەھلى _ ئەۋلادىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ (يېڭىدىن) بەردۇق. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) بىزدىن بىر رەھمەتتۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (سەۋرنىڭ نەتىجىسى غەلىبە ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىدىغان) نەسىھەتتۇر.

  44. وَخُذۡ بِيَدِكَ ضِغۡثٗا فَٱضۡرِب بِّهِۦ وَلَا تَحۡنَثۡۗ إِنَّا وَجَدۡنَٰهُ صَابِرٗاۚ نِّعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٞ

    Open ayah 38:44

    بىز (ئۇنىڭغا) «قولۇڭغا بىر باغلام چىۋىقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن، قەسىمىڭنى بۇزمىغىن»[116] (دېدۇق). بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىنتايىن سەۋرچان ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ناھايىتى ئىتائەت قىلغۇچىدۇر.

    1. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام كېسەل ۋاقتىدا، ئايالىنىڭ ئېتىقادقا زىت كېلىدىغان بىر خاتا سۆزى سەۋەبلىك، ساقايغاندا ئۇنى يۈز قامچا ئۇرۇشقا قەسەم قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايالنىڭ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ياخشى خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن ئۇنى بىر باغلام چىۋىق بىلەن ئايالنى بىر قېتىم ئۇرۇش ئارقىلىق قەسىمىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. («تەپسىر نەسەفى» 4 _ توم، 66 _ بەت) .
  45. وَٱذۡكُرۡ عِبَٰدَنَآ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ أُوْلِي ٱلۡأَيۡدِي وَٱلۡأَبۡصَٰرِ

    Open ayah 38:45

    (ئى پەيغەمبەر!) كۈچلۈك ۋە پاراسەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن.

  46. إِنَّآ أَخۡلَصۡنَٰهُم بِخَالِصَةٖ ذِكۡرَى ٱلدَّارِ

    Open ayah 38:46

    بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە قىلدۇق.

  47. وَإِنَّهُمۡ عِندَنَا لَمِنَ ٱلۡمُصۡطَفَيۡنَ ٱلۡأَخۡيَارِ

    Open ayah 38:47

    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە تاللانغان ياخشى كىشىلەردۇر.

  48. وَٱذۡكُرۡ إِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَذَا ٱلۡكِفۡلِۖ وَكُلّٞ مِّنَ ٱلۡأَخۡيَارِ

    Open ayah 38:48

    سەن ئىسمائىلنى، ئەليەسەئنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر.

  49. هَٰذَا ذِكۡرٞۚ وَإِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ لَحُسۡنَ مَـَٔابٖ

    Open ayah 38:49

    (ئى پەيغەمبەر!) بۇ (قۇرئان ساڭا ۋە قەۋمىڭگە كاتتا) شەرەپتۇر، تەقۋادارلارغا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە گۈزەل بىر مەنزىل بار.

  50. جَنَّٰتِ عَدۡنٖ مُّفَتَّحَةٗ لَّهُمُ ٱلۡأَبۡوَٰبُ 

    Open ayah 38:50

    (ئۇ گۈزەل مەنزىل) دەرۋازىلىرى ئۇلارغا ئوچۇق تۇرىدىغان، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر.

  51. مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدۡعُونَ فِيهَا بِفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ وَشَرَابٖ

    Open ayah 38:51

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە (تەختلەرگە) يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، شەربەتلەرنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ.

  52. ۞وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ أَتۡرَابٌ

    Open ayah 38:52

    ئۇلارنىڭ يانلىرىدا باشقىغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپلىرى بولىدۇ.

  53. هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 38:53

    (ئى تەقۋادارلار!) بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە (بېرىلىدىغانلىقى) ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر.

  54. إِنَّ هَٰذَا لَرِزۡقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ

    Open ayah 38:54

    شەكسىزكى، بۇ بىزنىڭ ھەرگىز تۈگەپ قالمايدىغان ئىنئامىمىزدۇر.

  55. هَٰذَاۚ وَإِنَّ لِلطَّٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٖ

    Open ayah 38:55

    بۇ (تەقۋادارلارنىڭ ئەھۋالىدۇر، ئەمما كۇفرىدا ۋە گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر، ئۇ جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! [55 _ 56]

  56. جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَا فَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ

    Open ayah 38:56

    بۇ (تەقۋادارلارنىڭ ئەھۋالىدۇر، ئەمما كۇفرىدا ۋە گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر، ئۇ جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! [55 _ 56]

  57. هَٰذَا فَلۡيَذُوقُوهُ حَمِيمٞ وَغَسَّاقٞ

    Open ayah 38:57

    بۇ (يۇقىرى ھارارەتلىك) قىزىق سۇدۇر، قان _ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن.

  58. وَءَاخَرُ مِن شَكۡلِهِۦٓ أَزۡوَٰجٌ

    Open ayah 38:58

    يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلارمۇ بار.

  59. هَٰذَا فَوۡجٞ مُّقۡتَحِمٞ مَّعَكُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِهِمۡۚ إِنَّهُمۡ صَالُواْ ٱلنَّارِ

    Open ayah 38:59

    (ئازغۇنلار دوزاخقا كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىغا): «بۇ گۇرۇھمۇ سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر» (دېيىلىدۇ. باشلامچىلار) «ئۇلارغىمۇ ياخشىلىق يوق، چۈنكى ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» (دەيدۇ).

  60. قَالُواْ بَلۡ أَنتُمۡ لَا مَرۡحَبَۢا بِكُمۡۖ أَنتُمۡ قَدَّمۡتُمُوهُ لَنَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ 

    Open ayah 38:60

    (ئەگەشكۈچىلىرى): «بەلكى سىلەرگە ياخشىلىق يوق، بۇ (ئازاب)نى بىزگە سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!» دەيدۇ.

  61. قَالُواْ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدۡهُ عَذَابٗا ضِعۡفٗا فِي ٱلنَّارِ

    Open ayah 38:61

    (ئەگەشكۈچىلىرى يەنە): «ئى رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى كىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ دوزاخ ئىچىدىكى ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ.

  62. وَقَالُواْ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالٗا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلۡأَشۡرَارِ

    Open ayah 38:62

    (باشلامچىلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟

  63. أَتَّخَذۡنَٰهُمۡ سِخۡرِيًّا أَمۡ زَاغَتۡ عَنۡهُمُ ٱلۡأَبۡصَٰرُ

    Open ayah 38:63

    بىز ئۇلارنى (دۇنيادا خاتا) مەسخىرە قىلىپ قالدۇقمۇ ياكى (ئۇلار بۇ يەردە بولسىمۇ) كۆزلەر ئۇلاردىن ئېغىپ كەتتىمۇ؟».

  64. إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقّٞ تَخَاصُمُ أَهۡلِ ٱلنَّارِ

    Open ayah 38:64

    دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۆزئارا مۇشۇنداق خۇسۇمەتلىشىشى مۇقەررەردۇر.

  65. قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٞۖ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ

    Open ayah 38:65

    (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر.

  66. رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّٰرُ

    Open ayah 38:66

    (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، (كاپىرلارنى جازالاشتا) غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر».

  67. قُلۡ هُوَ نَبَؤٌاْ عَظِيمٌ

    Open ayah 38:67

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بۇ (قۇرئان) چوڭ بىر خەۋەردۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر. [67 _ 68]

  68. أَنتُمۡ عَنۡهُ مُعۡرِضُونَ

    Open ayah 38:68

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بۇ (قۇرئان) چوڭ بىر خەۋەردۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر. [67 _ 68]

  69. مَا كَانَ لِيَ مِنۡ عِلۡمِۭ بِٱلۡمَلَإِ ٱلۡأَعۡلَىٰٓ إِذۡ يَخۡتَصِمُونَ

    Open ayah 38:69

    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم.

  70. إِن يُوحَىٰٓ إِلَيَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ 

    Open ayah 38:70

    پەقەت مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، ماڭا ۋەھيى قىلىنىدۇ».

  71. إِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن طِينٖ

    Open ayah 38:71

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن چوقۇم لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن.

  72. فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ

    Open ayah 38:72

    ئۇنى مەن بېجىرىم قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا، دەرھال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېۋىدى، پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى سەجدە قىلدى. [72 _ 73]

  73. فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ

    Open ayah 38:73

    ئۇنى مەن بېجىرىم قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا، دەرھال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېۋىدى، پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى سەجدە قىلدى. [72 _ 73]

  74. إِلَّآ إِبۡلِيسَ ٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 38:74

    پەقەت ئىبلىسلا (سەجدە قىلمىدى، ئۇ) بويۇنتاۋلىق قىلىپ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.

  75. قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسۡجُدَ لِمَا خَلَقۡتُ بِيَدَيَّۖ أَسۡتَكۡبَرۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡعَالِينَ

    Open ayah 38:75

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتامسەن ياكى سەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمۇ؟».

  76. قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ

    Open ayah 38:76

    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.

  77. قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ

    Open ayah 38:77

    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىگە قەدەر مېنىڭ لەنىتىم يېغىپ تۇرسۇن» دېدى. [77 _ 78]

  78. وَإِنَّ عَلَيۡكَ لَعۡنَتِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ

    Open ayah 38:78

    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىگە قەدەر مېنىڭ لەنىتىم يېغىپ تۇرسۇن» دېدى. [77 _ 78]

  79. قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

    Open ayah 38:79

    ئىبلىس: «ئى رەببىم! ئۇنداقتا، سەن ماڭا (ئىنسانلار) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ» دېدى.

  80. قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ 

    Open ayah 38:80

    ئاللاھ: «شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىنسەن» دېدى. [80 _ 81]

  81. إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ

    Open ayah 38:81

    ئاللاھ: «شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىنسەن» دېدى. [80 _ 81]

  82. قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 38:82

    ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن.

  83. إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

    Open ayah 38:83

    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا مۇستەسنادۇر».

  84. قَالَ فَٱلۡحَقُّ وَٱلۡحَقَّ أَقُولُ

    Open ayah 38:84

    (ئاللاھ) ئېيتتىكى: «(مېنىڭ سۆزلىرىم) ھەقتۇر، مەن ھەقىقەتنىلا سۆزلەيمەن،

  85. لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ أَجۡمَعِينَ

    Open ayah 38:85

    ئەلۋەتتە سەن بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن».

  86. قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٖ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُتَكَلِّفِينَ

    Open ayah 38:86

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمىگە) سىلەردىن قىلچە ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (بۇيرۇلمىغان ئىشنى قىلىپ) ئۆزىنى جاپاغا سالغۇچىلاردىن ئەمەسمەن [117].

    1. بەزى مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنى «مەن ئاللاھ ئېيتمىغاننى ئويدۇرپ چىقارغۇچىلاردىن ئەمەسمەن» دەپ تەپسىر قىلغان.
  87. إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 38:87

    بۇ (قۇرئان) پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن نەسىھەتتۇر.

  88. وَلَتَعۡلَمُنَّ نَبَأَهُۥ بَعۡدَ حِينِۭ

    Open ayah 38:88

    ئۇنىڭ بەرگەن خەۋىرىنىڭ (راست ئىكەنلىكىنى) بىر مەزگىلدىن كېيىن چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر».