الزمر

Az-Zumar

The Groups · Surah 39 · Ayahs: 75 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ

    Open ayah 39:1

    بۇ كىتاب غالىب ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

  2. إِنَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ فَٱعۡبُدِ ٱللَّهَ مُخۡلِصٗا لَّهُ ٱلدِّينَ

    Open ayah 39:2

    (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، ساڭا بىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق، سەن دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىپ ئىبادەت قىلغىن.

  3. أَلَا لِلَّهِ ٱلدِّينُ ٱلۡخَالِصُۚ وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ مَا نَعۡبُدُهُمۡ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَآ إِلَى ٱللَّهِ زُلۡفَىٰٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ فِي مَا هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ كَٰذِبٞ كَفَّارٞ

    Open ayah 39:3

    بىلىڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىگە تۇتۇۋالغانلار: «بىز بۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپلا چوقۇنىمىز» (دەيدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھېچقانداق يالغانچىنى ۋە ھەددىدىن ئاشقان كاپىرنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  4. لَّوۡ أَرَادَ ٱللَّهُ أَن يَتَّخِذَ وَلَدٗا لَّٱصۡطَفَىٰ مِمَّا يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ سُبۡحَٰنَهُۥۖ هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ

    Open ayah 39:4

    ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقاتىدىن خالىغاننى تاللىۋالاتتى. ئاللاھ (بالىلىق بولۇشتىن) پاكتۇر، (بەندىلىرىنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن) بويسۇندۇرغۇچى يېگانە ئاللاھتۇر.

  5. خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ يُكَوِّرُ ٱلَّيۡلَ عَلَى ٱلنَّهَارِ وَيُكَوِّرُ ٱلنَّهَارَ عَلَى ٱلَّيۡلِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمًّىۗ أَلَا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّٰرُ

    Open ayah 39:5

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

  6. خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۚ يَخۡلُقُكُمۡ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ خَلۡقٗا مِّنۢ بَعۡدِ خَلۡقٖ فِي ظُلُمَٰتٖ ثَلَٰثٖۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ

    Open ayah 39:6

    (ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ سىلەرنى بىر جان (ئادەم ئەلەيھىسسالام) دىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتى (ھەۋۋا) نى ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن ئەركەك _ چىشى بولۇپ، سەككىزنى[118] سىلەر ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر، ھەرنەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇنىڭغىلا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. (شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

    1. بۇ يەردە، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىدىن ئەركەك _ چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز ھايۋان كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
  7. إِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمۡۖ وَلَا يَرۡضَىٰ لِعِبَادِهِ ٱلۡكُفۡرَۖ وَإِن تَشۡكُرُواْ يَرۡضَهُ لَكُمۡۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرۡجِعُكُمۡ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 39:7

    ئەگەر سىلەر كاپىر بولساڭلار، (ئۇنتۇماڭلاركى) ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر. ئۇ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، ھېچبىر گۇناھكار باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، شۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.

  8. ۞وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ضُرّٞ دَعَا رَبَّهُۥ مُنِيبًا إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُۥ نِعۡمَةٗ مِّنۡهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدۡعُوٓاْ إِلَيۡهِ مِن قَبۡلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِۦۚ قُلۡ تَمَتَّعۡ بِكُفۡرِكَ قَلِيلًا إِنَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِ

    Open ayah 39:8

    ئىنساننىڭ بېشىغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، ئۇ رەببىگە يۈزلەنگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ (ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ) ئۆز پەزلىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىلىقىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ دۇنيادىن ئازراق) مەنپەئەتلىنىۋالغىن، سەن چوقۇم دوزاخ ئەھلىدىنسەن.

  9. أَمَّنۡ هُوَ قَٰنِتٌ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ سَاجِدٗا وَقَآئِمٗا يَحۡذَرُ ٱلۡأٓخِرَةَ وَيَرۡجُواْ رَحۡمَةَ رَبِّهِۦۗ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 39:9

    (ئاشۇ كاپىر ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (نىڭ ئازابى)دىن قورقۇپ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشى)مۇ؟». (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ».

  10. قُلۡ يَٰعِبَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ لِلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۗ وَأَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٌۗ إِنَّمَا يُوَفَّى ٱلصَّٰبِرُونَ أَجۡرَهُم بِغَيۡرِ حِسَابٖ 

    Open ayah 39:10

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(ئاللاھ دېدىكى) ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بۇ دۇنيادا (ئەمەل – ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».

  11. قُلۡ إِنِّيٓ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱللَّهَ مُخۡلِصٗا لَّهُ ٱلدِّينَ

    Open ayah 39:11

    ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم،

  12. وَأُمِرۡتُ لِأَنۡ أَكُونَ أَوَّلَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ

    Open ayah 39:12

    ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».

  13. قُلۡ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ

    Open ayah 39:13

    ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، (قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».

  14. قُلِ ٱللَّهَ أَعۡبُدُ مُخۡلِصٗا لَّهُۥ دِينِي

    Open ayah 39:14

    ئېيتقىنكى، «مەن دىنىمنى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىمەن.

  15. فَٱعۡبُدُواْ مَا شِئۡتُم مِّن دُونِهِۦۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَأَهۡلِيهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡخُسۡرَانُ ٱلۡمُبِينُ

    Open ayah 39:15

    (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خالىغىنىڭلارغا چوقۇنۇڭلار!» ئېيتقىنكى، «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئوپئوچۇق زىياندۇر.

  16. لَهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ ظُلَلٞ مِّنَ ٱلنَّارِ وَمِن تَحۡتِهِمۡ ظُلَلٞۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ ٱللَّهُ بِهِۦ عِبَادَهُۥۚ يَٰعِبَادِ فَٱتَّقُونِ

    Open ayah 39:16

    ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنى شۇ (ئازاب) بىلەن قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! مەندىن قورقۇڭلار!

  17. وَٱلَّذِينَ ٱجۡتَنَبُواْ ٱلطَّٰغُوتَ أَن يَعۡبُدُوهَا وَأَنَابُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰۚ فَبَشِّرۡ عِبَادِ

    Open ayah 39:17

    ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغان ۋە ئاللاھ تەرەپكە يول ئالغان كىشىلەرگە (بۇ دۇنيادا ھىدايەت، ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا (قۇرئان ۋە ھەدىسكە) ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر. [17 _ 18]

  18. ٱلَّذِينَ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقَوۡلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحۡسَنَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَىٰهُمُ ٱللَّهُۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 39:18

    ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغان ۋە ئاللاھ تەرەپكە يول ئالغان كىشىلەرگە (بۇ دۇنيادا ھىدايەت، ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا (قۇرئان ۋە ھەدىسكە) ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر. [17 _ 18]

  19. أَفَمَنۡ حَقَّ عَلَيۡهِ كَلِمَةُ ٱلۡعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِي ٱلنَّارِ

    Open ayah 39:19

    (ئى پەيغەمبەر!) ھەققىدە ئازابلاش ھۆكمى چۈشكەن ئادەم (نى سەن ھىدايەت قىلالمايسەن)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟

  20. لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ غُرَفٞ مِّن فَوۡقِهَا غُرَفٞ مَّبۡنِيَّةٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ ٱلۡمِيعَادَ 

    Open ayah 39:20

    ئەمما رەببىدىن قورققانلارغا (جەننەتتە) قەۋەت – قەۋەت سېلىنغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان سارايلار بار. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

  21. أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَلَكَهُۥ يَنَٰبِيعَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ حُطَٰمًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 39:21

    (ئى پەيغەمبەر!) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئۇنى شاخ _ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىر پەند-نەسىھەت بار.

  22. أَفَمَن شَرَحَ ٱللَّهُ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٖ مِّن رَّبِّهِۦۚ فَوَيۡلٞ لِّلۡقَٰسِيَةِ قُلُوبُهُم مِّن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ

    Open ayah 39:22

    ئاللاھ كۆڭلى _ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچقان ۋە بۇنىڭ سايىسىدا رەببىنىڭ نۇرى (ھىدايىتى) ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى قېتىپ كەتكەن ئازغۇن ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر.

  23. ٱللَّهُ نَزَّلَ أَحۡسَنَ ٱلۡحَدِيثِ كِتَٰبٗا مُّتَشَٰبِهٗا مَّثَانِيَ تَقۡشَعِرُّ مِنۡهُ جُلُودُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُمۡ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمۡ وَقُلُوبُهُمۡ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٍ

    Open ayah 39:23

    ئاللاھ ئەڭ گۈزەل سۆز (قۇرئان)نى (ئايەتلىرى پاساھەت ۋە بالاغەتتە) بىر _ بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، (مەزمۇنلىرى) تەكرارلىنىدىغان بىر كىتاب قىلىپ نازىل قىلدى. (ئۇ تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) رەببىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى ئۇنىڭ (تەسىرى)دىن تىترەپ كېتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ (مۇئمىنلەرگە بولغان) رەھمىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى ئارام تاپىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ شۇ (قۇرئان) بىلەن خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچبىر يول كۆرسەتكۈچى بولمايدۇ.

  24. أَفَمَن يَتَّقِي بِوَجۡهِهِۦ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَقِيلَ لِلظَّٰلِمِينَ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ

    Open ayah 39:24

    قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابتىن ئۆزىنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىشقا تىرىشقان ئادەم (ئامانلىق ئىچىدىكى ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ (ئۇ كۈندە) زالىملارغا: «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  25. كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ

    Open ayah 39:25

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن (يەنى قەۋمىڭدىن) ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلگەن ئىدى.

  26. فَأَذَاقَهُمُ ٱللَّهُ ٱلۡخِزۡيَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 39:26

    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنى تېتىتتى. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) بىلسە ئىدى (ئەلۋەتتە ۋەز-نەسىھەت ئالغان بولاتتى).

  27. وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 39:27

    شەكسىزكى، بىز كىشىلەرنىڭ پەند-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق.

  28. قُرۡءَانًا عَرَبِيًّا غَيۡرَ ذِي عِوَجٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ

    Open ayah 39:28

    ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن، ھەرقانداق نۇقساندىن خالىي بولغان، ئەرەبچە قۇرئاننى (نازىل قىلدۇق).

  29. ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلٗا فِيهِ شُرَكَآءُ مُتَشَٰكِسُونَ وَرَجُلٗا سَلَمٗا لِّرَجُلٍ هَلۡ يَسۡتَوِيَانِ مَثَلًاۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 39:29

    ئاللاھ (سىلەرگە) بىر _ بىرى بىلەن تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىر قۇل بىلەن بىرلا خوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇلنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ ھالى ئوخشاشمۇ؟ (ھەرگىز ئوخشاش ئەمەس). جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئەمما كىشىلەرنىڭ تولىسى (ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ.

  30. إِنَّكَ مَيِّتٞ وَإِنَّهُم مَّيِّتُونَ 

    Open ayah 39:30

    (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەن ۋاپات بولىسەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ئۆلىدۇ.

  31. ثُمَّ إِنَّكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عِندَ رَبِّكُمۡ تَخۡتَصِمُونَ

    Open ayah 39:31

    (ئى ئىنسانلار!) شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر چوقۇم قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر _ بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىسىلەر.

  32. ۞فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى ٱللَّهِ وَكَذَّبَ بِٱلصِّدۡقِ إِذۡ جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 39:32

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان، ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟!

  33. وَٱلَّذِي جَآءَ بِٱلصِّدۡقِ وَصَدَّقَ بِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ

    Open ayah 39:33

    بۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن كىشىلەر _ ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر.

  34. لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 39:34

    ئۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نېمەتلەر بار. مانا بۇ بۇرۇن قىلىپ قويغان ئەڭ يامان ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىشىنى ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلىشىنى كۆزلەپ (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. [34 _ 35]

  35. لِيُكَفِّرَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 39:35

    ئۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نېمەتلەر بار. مانا بۇ بۇرۇن قىلىپ قويغان ئەڭ يامان ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىشىنى ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلىشىنى كۆزلەپ (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. [34 _ 35]

  36. أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِكَافٍ عَبۡدَهُۥۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ

    Open ayah 39:36

    ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقىلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ ئازغۇن قىلغان ئادەمنى ھېچبىر ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.

  37. وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّضِلٍّۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِعَزِيزٖ ذِي ٱنتِقَامٖ

    Open ayah 39:37

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچبىر ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ غالىب، (كاپىرلارنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟

  38. وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَنِيَ ٱللَّهُ بِضُرٍّ هَلۡ هُنَّ كَٰشِفَٰتُ ضُرِّهِۦٓ أَوۡ أَرَادَنِي بِرَحۡمَةٍ هَلۡ هُنَّ مُمۡسِكَٰتُ رَحۡمَتِهِۦۚ قُلۡ حَسۡبِيَ ٱللَّهُۖ عَلَيۡهِ يَتَوَكَّلُ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ

    Open ayah 39:38

    ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشكە ياكى ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى توسۇۋېلىشقا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ كۈچى يېتەمدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن!».

  39. قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَٰمِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

    Open ayah 39:39

    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە قىلىمەن. سىلەر رەسۋا قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر». [39 _ 40]

  40. مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ 

    Open ayah 39:40

    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە قىلىمەن. سىلەر رەسۋا قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر». [39 _ 40]

  41. إِنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ لِلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٍ

    Open ayah 39:41

    (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلار (نى توغرا يولغا باشلاش) ئۈچۈن ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى (ئۇنىڭ بىلەن) ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئازغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن.

  42. ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

    Open ayah 39:42

    ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئەجىلى توشمىغانلارنىڭ جېنىنى ئۇخلىغان چاغدا (يېرىم) ئېلىپ تۇرىدۇ؛ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ جېنىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جېنىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى توشقۇچە) قويۇپ بېرىدۇ. شەكسىزكى، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  43. أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُفَعَآءَۚ قُلۡ أَوَلَوۡ كَانُواْ لَا يَمۡلِكُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 39:43

    مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقىلارنى شاپائەتچى قىلىۋالدىمۇ؟ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ئاتالمىش شاپائەتچىلەر ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋە ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان تۇرسىمۇ، يەنە ئۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامسىلەر؟»

  44. قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَٰعَةُ جَمِيعٗاۖ لَّهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

    Open ayah 39:44

    ئېيتقىنكى، «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇنىڭغا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».

  45. وَإِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُ ٱشۡمَأَزَّتۡ قُلُوبُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِۖ وَإِذَا ذُكِرَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ

    Open ayah 39:45

    ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىچى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقىلىرى تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار يايراپ كېتىدۇ.

  46. قُلِ ٱللَّهُمَّ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ عَٰلِمَ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ أَنتَ تَحۡكُمُ بَيۡنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ

    Open ayah 39:46

    ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە پەقەت سەن ھۆكۈم چىقىرىسەن».

  47. وَلَوۡ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفۡتَدَوۡاْ بِهِۦ مِن سُوٓءِ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَبَدَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مَا لَمۡ يَكُونُواْ يَحۡتَسِبُونَ

    Open ayah 39:47

    ئەگەر يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە زالىملارنىڭ بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە فىديە قىلىپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. (ئۇ كۈندە) ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا ئۆزلىرى (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئىشلار (ئازابلار) ئاشكارا بولىدۇ.

  48. وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 39:48

    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.

  49. فَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ضُرّٞ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلۡنَٰهُ نِعۡمَةٗ مِّنَّا قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلۡمِۭۚ بَلۡ هِيَ فِتۡنَةٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 39:49

    ئىنساننىڭ بېشىغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، بىزگە ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا دەرگاھىمىزدىن بىرەر نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ (نېمەت) ماڭا پەقەت ئۆز ئىلىمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  50. قَدۡ قَالَهَا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ 

    Open ayah 39:50

    مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ (دۇنيالىقتىن) قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى.

  51. فَأَصَابَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْۚ وَٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ سَيُصِيبُهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْ وَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ

    Open ayah 39:51

    ئۇلار قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ.

  52. أَوَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 39:52

    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

  53. ۞قُلۡ يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ أَسۡرَفُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ لَا تَقۡنَطُواْ مِن رَّحۡمَةِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 39:53

    (ئى پەيغەمبەر! گۇناھ قىلىۋېرىپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  54. وَأَنِيبُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ وَأَسۡلِمُواْ لَهُۥ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلۡعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ

    Open ayah 39:54

    سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمەي قېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلار تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار.

  55. وَٱتَّبِعُوٓاْ أَحۡسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلۡعَذَابُ بَغۡتَةٗ وَأَنتُمۡ لَا تَشۡعُرُونَ

    Open ayah 39:55

    سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن، بىراۋنىڭ: «ئاللاھنىڭ ھەققىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن راستتىنلا (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىلغانلاردىن بولغان ئىكەنمەن» دەيدىغان كۈنگە قېلىشىدىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (كىتابلارنىڭ) ئەڭ گۈزىلى (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار. [55 _ 56]

  56. أَن تَقُولَ نَفۡسٞ يَٰحَسۡرَتَىٰ عَلَىٰ مَا فَرَّطتُ فِي جَنۢبِ ٱللَّهِ وَإِن كُنتُ لَمِنَ ٱلسَّٰخِرِينَ

    Open ayah 39:56

    سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن، بىراۋنىڭ: «ئاللاھنىڭ ھەققىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن راستتىنلا (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىلغانلاردىن بولغان ئىكەنمەن» دەيدىغان كۈنگە قېلىشىدىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلار تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (كىتابلارنىڭ) ئەڭ گۈزىلى (قۇرئان)غا ئەگىشىڭلار. [55 _ 56]

  57. أَوۡ تَقُولَ لَوۡ أَنَّ ٱللَّهَ هَدَىٰنِي لَكُنتُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 39:57

    ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، (مەنمۇ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان، ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى (دۇنياغا) قايتىشىم مۇمكىن بولسا ئىدى، مەنمۇ (ئىمان ئېيتقان ۋە ئەمەل _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان (كۈنگە قېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ گۈزەل سۆز قۇرئانغا ئەگىشىڭلار)». [57 _ 58]

  58. أَوۡ تَقُولَ حِينَ تَرَى ٱلۡعَذَابَ لَوۡ أَنَّ لِي كَرَّةٗ فَأَكُونَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 39:58

    ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، (مەنمۇ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان، ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى (دۇنياغا) قايتىشىم مۇمكىن بولسا ئىدى، مەنمۇ (ئىمان ئېيتقان ۋە ئەمەل _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان (كۈنگە قېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ گۈزەل سۆز قۇرئانغا ئەگىشىڭلار)». [57 _ 58]

  59. بَلَىٰ قَدۡ جَآءَتۡكَ ءَايَٰتِي فَكَذَّبۡتَ بِهَا وَٱسۡتَكۡبَرۡتَ وَكُنتَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 39:59

    (ئاللاھ ئۇنىڭغا) «سېنىڭ دېگىنىڭ توغرا ئەمەس. ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ ئايەتلىرىم كەلگەن ئىدى، سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلغان، بويۇنتاۋلىق قىلىپ كاپىرلاردىن بولغان ئىدىڭ» (دېيىلىدۇ).

  60. وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تَرَى ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى ٱللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسۡوَدَّةٌۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡمُتَكَبِّرِينَ 

    Open ayah 39:60

    سەن ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەر ئۈچۈن ئورۇن يوقمىكەن؟

  61. وَيُنَجِّي ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ بِمَفَازَتِهِمۡ لَا يَمَسُّهُمُ ٱلسُّوٓءُ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

    Open ayah 39:61

    ئاللاھ تەقۋادارلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا ھېچبىر يامانلىق يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ.

  62. ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٞ

    Open ayah 39:62

    ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر.

  63. لَّهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

    Open ayah 39:63

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار— ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

  64. قُلۡ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَأۡمُرُوٓنِّيٓ أَعۡبُدُ أَيُّهَا ٱلۡجَٰهِلُونَ

    Open ayah 39:64

    (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا): «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟» دېگىن.

  65. وَلَقَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكَ لَئِنۡ أَشۡرَكۡتَ لَيَحۡبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

    Open ayah 39:65

    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ (بارلىق ياخشى) ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەھيى قىلىندى.

  66. بَلِ ٱللَّهَ فَٱعۡبُدۡ وَكُن مِّنَ ٱلشَّٰكِرِينَ

    Open ayah 39:66

    بەلكى سەن يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن.

  67. وَمَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦ وَٱلۡأَرۡضُ جَمِيعٗا قَبۡضَتُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَٱلسَّمَٰوَٰتُ مَطۡوِيَّٰتُۢ بِيَمِينِهِۦۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

    Open ayah 39:67

    مۇشرىكلار ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.

  68. وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَصَعِقَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخۡرَىٰ فَإِذَا هُمۡ قِيَامٞ يَنظُرُونَ

    Open ayah 39:68

    سۇر چېلىنغان چاغدا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغان ھامان ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقىنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.

  69. وَأَشۡرَقَتِ ٱلۡأَرۡضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ ٱلۡكِتَٰبُ وَجِاْيٓءَ بِٱلنَّبِيِّـۧنَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

    Open ayah 39:69

    (قىيامەت كۈنىدە) زېمىن رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ كېتىدۇ، (ھەربىر ئادەمنىڭ) نامە _ ئەمەلى ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەتلىك ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

  70. وَوُفِّيَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَا يَفۡعَلُونَ 

    Open ayah 39:70

    ھەر ئادەم قىلغان ئەمەلىنىڭ بەدىلىنى (مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى) تولۇق ئالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  71. وَسِيقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا فُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَتۡلُونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِ رَبِّكُمۡ وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ بَلَىٰ وَلَٰكِنۡ حَقَّتۡ كَلِمَةُ ٱلۡعَذَابِ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 39:71

    كاپىرلار جەھەننەمگە توپ _ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، نىھايەت، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمگە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن، ئەمما (كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ دېگەن) ھۆكۈم (بىزدەك) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.

  72. قِيلَ ٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ

    Open ayah 39:72

    (ئۇلارغا): «سىلەر (ئەمدى) جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ.

  73. وَسِيقَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا وَفُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَا سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ طِبۡتُمۡ فَٱدۡخُلُوهَا خَٰلِدِينَ

    Open ayah 39:73

    تەقۋادارلار جەننەتكە توپ _ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، نىھايەت، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە سالام، خۇش كەپسىلەر، جەننەتكە مەڭگۈ تۇرۇش ئۈچۈن كىرىڭلار» دەيدۇ.

  74. وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي صَدَقَنَا وَعۡدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلۡأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلۡجَنَّةِ حَيۡثُ نَشَآءُۖ فَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ

    Open ayah 39:74

    ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ بولۇپ) «بارچە ھەمدۇسانا بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، بىزنى جەننەتنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلغان ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئەمدى جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز. (ئاخىرەتلىك ئۈچۈن) ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ.

  75. وَتَرَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ حَآفِّينَ مِنۡ حَوۡلِ ٱلۡعَرۡشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡۚ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡحَقِّۚ وَقِيلَ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 39:75

    (ئى پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى) سەن پەرىشتىلەرنىڭ رەببىگە ھەمدۇسانا بىلەن تەسبىھ ئېيتقان ھالدا، ئەرشنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ كۈندە ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە «بارچە ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ.