غافر

Al-Ghaafir

The Forgiver · Surah 40 · Ayahs: 85 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ

    Open ayah 40:2

    (بۇ) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى _ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر. [2 _ 3]

  3. غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوۡبِ شَدِيدِ ٱلۡعِقَابِ ذِي ٱلطَّوۡلِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ إِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

    Open ayah 40:3

    (بۇ) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى _ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر. [2 _ 3]

  4. مَا يُجَٰدِلُ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَلَا يَغۡرُرۡكَ تَقَلُّبُهُمۡ فِي ٱلۡبِلَٰدِ

    Open ayah 40:4

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا پەقەت كاپىرلارلا تالاش _ تارتىش قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەرنى كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.

  5. كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۖ وَهَمَّتۡ كُلُّ أُمَّةِۭ بِرَسُولِهِمۡ لِيَأۡخُذُوهُۖ وَجَٰدَلُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ لِيُدۡحِضُواْ بِهِ ٱلۡحَقَّ فَأَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ عِقَابِ

    Open ayah 40:5

    ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر)دىن بۇرۇن نۇھ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (ئاد، سەمۇد قاتارلىق) جامائەلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەربىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى تۇتۇپ جازالاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار ھەقنى بىكار قىلىۋېتىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر) بىلەن مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئازابقا تۇتتۇم. مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟

  6. وَكَذَٰلِكَ حَقَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ

    Open ayah 40:6

    شۇنىڭدەك (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرگە ئازاب ھەق بولغاندەك) رەببىڭنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلار توغرىسىدا: «ھەقىقەتەن ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ھەق بولدى.

  7. ٱلَّذِينَ يَحۡمِلُونَ ٱلۡعَرۡشَ وَمَنۡ حَوۡلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَيُؤۡمِنُونَ بِهِۦ وَيَسۡتَغۡفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْۖ رَبَّنَا وَسِعۡتَ كُلَّ شَيۡءٖ رَّحۡمَةٗ وَعِلۡمٗا فَٱغۡفِرۡ لِلَّذِينَ تَابُواْ وَٱتَّبَعُواْ سَبِيلَكَ وَقِهِمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ

    Open ayah 40:7

    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر ۋە ئەرشنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر رەببىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «ئى رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلىمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

  8. رَبَّنَا وَأَدۡخِلۡهُمۡ جَنَّٰتِ عَدۡنٍ ٱلَّتِي وَعَدتَّهُمۡ وَمَن صَلَحَ مِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَأَزۡوَٰجِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 40:8

    ئى رەببىمىز! سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەرگە كىرگۈزگىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.

  9. وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوۡمَئِذٖ فَقَدۡ رَحِمۡتَهُۥۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ

    Open ayah 40:9

    (ئى رەببىمىز!) سەن ئۇلارنى يامانلىقلىرىنىڭ (ئاقىۋىتىدىن) ساقلىغىن، بۇ كۈندە سەن كىمنى يامانلىقلىرىنىڭ (ئاقىۋىتىدىن) ساقلىساڭ، شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن. مانا بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر».

  10. إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُنَادَوۡنَ لَمَقۡتُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُ مِن مَّقۡتِكُمۡ أَنفُسَكُمۡ إِذۡ تُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلۡإِيمَٰنِ فَتَكۡفُرُونَ 

    Open ayah 40:10

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ بىر­ _ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ بەك قاتتىقتۇر، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرساڭلارمۇ ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.

  11. قَالُواْ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثۡنَتَيۡنِ وَأَحۡيَيۡتَنَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَٱعۡتَرَفۡنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلۡ إِلَىٰ خُرُوجٖ مِّن سَبِيلٖ

    Open ayah 40:11

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ [119]. بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار بولدۇق، ئەمدى (بىزگە دوزاختىن) چىقىش يولى بارمىدۇ؟» دەيدۇ.

    1. ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈش _ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى جان كىرىشتىن ئىلگىرىكى ھالەت بىلەن دۇنيادىكى ئۆلۈمنى، ئىككى قېتىم تىرىلدۈرۈش _ ئانا قارنىدا جان كىرگۈزۈش بىلەن قىيامەت كۈنىدە تىرىلدۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ.
  12. ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِيَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُۥ كَفَرۡتُمۡ وَإِن يُشۡرَكۡ بِهِۦ تُؤۡمِنُواْۚ فَٱلۡحُكۡمُ لِلَّهِ ٱلۡعَلِيِّ ٱلۡكَبِيرِ

    Open ayah 40:12

    (ئى كاپىرلار! بۇ ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە (ئىمان ئېيتىشقا) چاقىرىلغاندا ئىنكار قىلاتتىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە، ئۇنى تەستىقلايتتىڭلار. ھۆكۈم قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مۇتلەق بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.

  13. هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزۡقٗاۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ

    Open ayah 40:13

    (ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىدىغان ۋە سىلەرگە ئاسماندىن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدىغان زاتتۇر. پەقەت (ئاللاھقا) يۈزلەنگەن كىشىلەرلا (بۇ ئايەتلەردىن) ۋەز – نەسىھەت ئالىدۇ.

  14. فَٱدۡعُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ

    Open ayah 40:14

    (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر كاپىرلارنىڭ يامان كۆرگىنىگە قارىماي، ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار.

  15. رَفِيعُ ٱلدَّرَجَٰتِ ذُو ٱلۡعَرۡشِ يُلۡقِي ٱلرُّوحَ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوۡمَ ٱلتَّلَاقِ

    Open ayah 40:15

    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇ ھەممە خالايىق ئۇچرىشىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، خالىغان بەندىسىگە ئۆز ھۆكمى بويىچە ۋەھيى نازىل قىلىدۇ.

  16. يَوۡمَ هُم بَٰرِزُونَۖ لَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنۡهُمۡ شَيۡءٞۚ لِّمَنِ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَۖ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ

    Open ayah 40:16

    خالايىق (قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھنىڭ ئالدىغا) ھازىر بولغان كۈندە ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشى مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ ئەلۋەتتە قەھرلىك بىر ئاللاھقىلا خاستۇر!

  17. ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۚ لَا ظُلۡمَ ٱلۡيَوۡمَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 40:17

    ئۇ كۈندە ھەركىمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

  18. وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡأٓزِفَةِ إِذِ ٱلۡقُلُوبُ لَدَى ٱلۡحَنَاجِرِ كَٰظِمِينَۚ مَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ حَمِيمٖ وَلَا شَفِيعٖ يُطَاعُ

    Open ayah 40:18

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولغان يۈرەكلەر (قورقۇنچتىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىپ قالىدۇ، (ئىمان ئېيتماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا ھېچبىر يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىرەر شاپائەتچى چىقمايدۇ.

  19. يَعۡلَمُ خَآئِنَةَ ٱلۡأَعۡيُنِ وَمَا تُخۡفِي ٱلصُّدُورُ

    Open ayah 40:19

    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللارنىڭ يوشۇرغان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.

  20. وَٱللَّهُ يَقۡضِي بِٱلۡحَقِّۖ وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقۡضُونَ بِشَيۡءٍۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ 

    Open ayah 40:20

    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  21. ۞أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُواْ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُواْ هُمۡ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَءَاثَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٖ

    Open ayah 40:21

    ئۇلار زېمىننى كېزىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا يەر يۈزىدە كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە قالدۇرغان ئىزلىرى جەھەتتە بۇلاردىن (مەككىلىكلەردىن) كۆپ ئۈستۈن ئىدى. (ئۇلار شۇنداق كۈچلۈك بولسىمۇ) ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابقا تۇتتى، ئۇلارنى ئاللاھ (نىڭ جازاسى)دىن قوغداپ قالىدىغان ھېچكىم چىقمىدى.

  22. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَكَفَرُواْ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

    Open ayah 40:22

    بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى (ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئوپئوچۇق دەلىل – پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ئازابقا تۇتتى. چۈنكى، ئاللاھ كۈچلۈك، ئازابى قاتتىق زاتتۇر.

  23. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ

    Open ayah 40:23

    شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇنى سېھىرگەر، يالغانچى دېيىشتى. [23 _ 24]

  24. إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَقَٰرُونَ فَقَالُواْ سَٰحِرٞ كَذَّابٞ

    Open ayah 40:24

    شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇنى سېھىرگەر، يالغانچى دېيىشتى. [23 _ 24]

  25. فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلۡحَقِّ مِنۡ عِندِنَا قَالُواْ ٱقۡتُلُوٓاْ أَبۡنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ وَٱسۡتَحۡيُواْ نِسَآءَهُمۡۚ وَمَا كَيۡدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ

    Open ayah 40:25

    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر.

  26. وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ذَرُونِيٓ أَقۡتُلۡ مُوسَىٰ وَلۡيَدۡعُ رَبَّهُۥٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمۡ أَوۡ أَن يُظۡهِرَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡفَسَادَ

    Open ayah 40:26

    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى مۇسانى ئۆلتۈرگىلى قويۇڭلار، ئۇ رەببىنى چاقىرىپ باقسۇن. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق تېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن».

  27. وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٖ لَّا يُؤۡمِنُ بِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ

    Open ayah 40:27

    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار (بولغان ئاللاھ)غا سىغىنىپ، ھېساب بېرىدىغان كۈنگە ئىشەنمەيدىغان ھەربىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەن».

  28. وَقَالَ رَجُلٞ مُّؤۡمِنٞ مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَكۡتُمُ إِيمَٰنَهُۥٓ أَتَقۡتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّيَ ٱللَّهُ وَقَدۡ جَآءَكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ مِن رَّبِّكُمۡۖ وَإِن يَكُ كَٰذِبٗا فَعَلَيۡهِ كَذِبُهُۥۖ وَإِن يَكُ صَادِقٗا يُصِبۡكُم بَعۡضُ ٱلَّذِي يَعِدُكُمۡۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ مُسۡرِفٞ كَذَّابٞ

    Open ayah 40:28

    پىرئەۋن جەمەتىدىن بولۇپ، ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان كاززاپنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  29. يَٰقَوۡمِ لَكُمُ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَ ظَٰهِرِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأۡسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَاۚ قَالَ فِرۡعَوۡنُ مَآ أُرِيكُمۡ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهۡدِيكُمۡ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

    Open ayah 40:29

    ئى قەۋمىم! بۈگۈنكى كۈندە سىلەر (بۇ) زېمىندا غالىبلارچە سەلتەنەت سۈرۈۋاتىسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قالسا، (ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا) بىزگە كىم ياردەم قىلالايدۇ؟». پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى (توغرا دەپ) قارىسام شۇنى كۆرسىتىۋاتىمەن ۋە سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا يېتەكلەيمەن».

  30. وَقَالَ ٱلَّذِيٓ ءَامَنَ يَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُم مِّثۡلَ يَوۡمِ ٱلۡأَحۡزَابِ 

    Open ayah 40:30

    مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (ئەگەر سىلەر مۇسانى ئۆلتۈرسەڭلار) مەن سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى) بىرلەشكەنلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ. [30 _ 31]

  31. مِثۡلَ دَأۡبِ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلۡمٗا لِّلۡعِبَادِ

    Open ayah 40:31

    مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (ئەگەر سىلەر مۇسانى ئۆلتۈرسەڭلار) مەن سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى) بىرلەشكەنلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ. [30 _ 31]

  32. وَيَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ يَوۡمَ ٱلتَّنَادِ

    Open ayah 40:32

    ئى قەۋمىم! شەكسىزكى، مەن سىلەر ئۈچۈن (كىشىلەر بىر _ بىرىنى چاقىرىپ) نالە _ پەرياد قىلىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن.

  33. يَوۡمَ تُوَلُّونَ مُدۡبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ

    Open ayah 40:33

    ئۇ كۈندە سىلەر ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولىسىلەر، سىلەرنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ».

  34. وَلَقَدۡ جَآءَكُمۡ يُوسُفُ مِن قَبۡلُ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا زِلۡتُمۡ فِي شَكّٖ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلۡتُمۡ لَن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعۡدِهِۦ رَسُولٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنۡ هُوَ مُسۡرِفٞ مُّرۡتَابٌ

    Open ayah 40:34

    شەكسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر ئۇنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن ھەمىشە شەكلىنىش ئىچىدە بولدۇڭلار، نىھايەت ئۇ ۋاپات بولغاندا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان گۇمانخورنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.

  35. ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡۖ كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلۡبِ مُتَكَبِّرٖ جَبَّارٖ

    Open ayah 40:35

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق دەلىل كەلمىگەن تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىدىغانلاردۇر. (ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن قاتتىق نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ھەرقانداق مۇتەكەببىر، زومىگەرنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.

  36. وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰهَٰمَٰنُ ٱبۡنِ لِي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَبۡلُغُ ٱلۡأَسۡبَٰبَ

    Open ayah 40:36

    پىرئەۋن: «ئى ھامان! سەن ماڭا كاتتا بىر بىنا ياسىتىپ بەرگىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن يوللارغا _ ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ، مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. چۈنكى، مەن مۇسانى (ئاسماندا بىزنىڭ رەببىمىز بار دېگەن دەۋاسىدا) چوقۇم يالغانچى دەپ ئويلايمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ (ھىدايەت) يولىدىن توسۇپ قويۇلدى، پىرئەۋننىڭ تۇزاقلىرى تامامەن بەربات قىلىندى. [36 _ 37]

  37. أَسۡبَٰبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ كَٰذِبٗاۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرۡعَوۡنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِۚ وَمَا كَيۡدُ فِرۡعَوۡنَ إِلَّا فِي تَبَابٖ

    Open ayah 40:37

    پىرئەۋن: «ئى ھامان! سەن ماڭا كاتتا بىر بىنا ياسىتىپ بەرگىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن يوللارغا _ ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ، مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. چۈنكى، مەن مۇسانى (ئاسماندا بىزنىڭ رەببىمىز بار دېگەن دەۋاسىدا) چوقۇم يالغانچى دەپ ئويلايمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ (ھىدايەت) يولىدىن توسۇپ قويۇلدى، پىرئەۋننىڭ تۇزاقلىرى تامامەن بەربات قىلىندى. [36 _ 37]

  38. وَقَالَ ٱلَّذِيٓ ءَامَنَ يَٰقَوۡمِ ٱتَّبِعُونِ أَهۡدِكُمۡ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

    Open ayah 40:38

    ئىمان ئېيتقان ھېلىقى كىشى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.

  39. يَٰقَوۡمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا مَتَٰعٞ وَإِنَّ ٱلۡأٓخِرَةَ هِيَ دَارُ ٱلۡقَرَارِ

    Open ayah 40:39

    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەت (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتتۇر، شەكسىزكى، ئاخىرەت بولسا ئۇ (ھەقىقىي) قارارگاھتۇر.

  40. مَنۡ عَمِلَ سَيِّئَةٗ فَلَا يُجۡزَىٰٓ إِلَّا مِثۡلَهَاۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ يُرۡزَقُونَ فِيهَا بِغَيۡرِ حِسَابٖ 

    Open ayah 40:40

    كىمكى بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ يامانلىقىغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتى بىلەن بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ.

  41. ۞وَيَٰقَوۡمِ مَا لِيٓ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدۡعُونَنِيٓ إِلَى ٱلنَّارِ

    Open ayah 40:41

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى نىجاتلىققا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەرنىڭ مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتقىنىڭلار قانداق بولغىنى؟

  42. تَدۡعُونَنِي لِأَكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشۡرِكَ بِهِۦ مَا لَيۡسَ لِي بِهِۦ عِلۡمٞ وَأَنَا۠ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡغَفَّٰرِ

    Open ayah 40:42

    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن (ئىلاھ دەپ) بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھ (نىڭ يولى)غا دەۋەت قىلىۋاتىمەن.

  43. لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِ لَيۡسَ لَهُۥ دَعۡوَةٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَلَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ

    Open ayah 40:43

    ھەقىقەت شۇكى، سىلەر مېنى (چوقۇنۇشقا) چاقىرىۋاتقان نەرسىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىشقا لايىق نەرسىلەر ئەمەستۇر. شەكسىزكى، بىزنىڭ قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار چوقۇم جەھەننەم ئەھلىدۇر.

  44. فَسَتَذۡكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمۡۚ وَأُفَوِّضُ أَمۡرِيٓ إِلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ

    Open ayah 40:44

    سىلەر پات ئارىدا مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».

  45. فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُواْۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرۡعَوۡنَ سُوٓءُ ٱلۡعَذَابِ

    Open ayah 40:45

    ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن تەۋەلىرىنى بولسا ئازابنىڭ ئەڭ يامىنى قورشىۋالدى.

  46. ٱلنَّارُ يُعۡرَضُونَ عَلَيۡهَا غُدُوّٗا وَعَشِيّٗاۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدۡخِلُوٓاْ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ أَشَدَّ ٱلۡعَذَابِ

    Open ayah 40:46

    ئۇلار ئەتىگىنى _ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋن تەۋەلىرىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ).

  47. وَإِذۡ يَتَحَآجُّونَ فِي ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا نَصِيبٗا مِّنَ ٱلنَّارِ

    Open ayah 40:47

    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلىرى ھاكاۋۇر باشلامچىلىرىغا: «بىز راستتىنلا سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، ئەمدى بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ.

  48. قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُلّٞ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدۡ حَكَمَ بَيۡنَ ٱلۡعِبَادِ

    Open ayah 40:48

    ھاكاۋۇر باشلامچىلار: «(ھازىر) ھەممىمىز دوزاختىمىز، ئاللاھ ئەلۋەتتە بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بولدى» دەيدۇ.

  49. وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِي ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدۡعُواْ رَبَّكُمۡ يُخَفِّفۡ عَنَّا يَوۡمٗا مِّنَ ٱلۡعَذَابِ

    Open ayah 40:49

    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر رەببىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، ئۇ بىزدىن ئازابنى بىر كۈنلۈك بولسىمۇ يېنىكلىتىپ بەرگەن بولسىكەن» دەيدۇ.

  50. قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ تَكُ تَأۡتِيكُمۡ رُسُلُكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ قَالُواْ بَلَىٰۚ قَالُواْ فَٱدۡعُواْۗ وَمَا دُعَٰٓؤُاْ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٍ 

    Open ayah 40:50

    پەرىشتىلەر: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەئە (ئەلۋەتتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى)» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇنداق بولسا (ئۆزۈڭلار) دۇئا قىلىڭلار» دەيدۇ. ھالبۇكى، كاپىرلارنىڭ دۇئاسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

  51. إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ

    Open ayah 40:51

    شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلەرگە ھەم دۇنيا ھاياتىدا، ھەم گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.

  52. يَوۡمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّٰلِمِينَ مَعۡذِرَتُهُمۡۖ وَلَهُمُ ٱللَّعۡنَةُ وَلَهُمۡ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

    Open ayah 40:52

    ئۇ كۈندە زالىملارغا ئۆزرە ئېيتىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ، ئۇلار (دوزاختىن ئىبارەت) يامان جايغا تاشلىنىدۇ.

  53. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡهُدَىٰ وَأَوۡرَثۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡكِتَٰبَ

    Open ayah 40:53

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان كىتابقا ۋارىس قىلدۇق. [53 _ 54]

  54. هُدٗى وَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ

    Open ayah 40:54

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان كىتابقا ۋارىس قىلدۇق. [53 _ 54]

  55. فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ بِٱلۡعَشِيِّ وَٱلۡإِبۡكَٰرِ

    Open ayah 40:55

    ئى پەيغەمبەر! (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن. ئاللاھنىڭ (ساڭا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى _ ئەتىگىنى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن.

  56. إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡ إِن فِي صُدُورِهِمۡ إِلَّا كِبۡرٞ مَّا هُم بِبَٰلِغِيهِۚ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ

    Open ayah 40:56

    شۈبھىسىزكى، ئۆزىگە ھېچقانداق بىر دەلىل كەلمىگەن تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە كىبىردىن (يەنى ساڭا ئۈستۈن كېلىش ھەۋىسىدىن) باشقا نەرسە يوقتۇر. ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. سەن ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  57. لَخَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَكۡبَرُ مِنۡ خَلۡقِ ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 40:57

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن چوڭ ئىشتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

  58. وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَلَا ٱلۡمُسِيٓءُۚ قَلِيلٗا مَّا تَتَذَكَّرُونَ

    Open ayah 40:58

    كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە (شۇ ئىمانغا لايىق) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغان ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.

  59. إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞ لَّا رَيۡبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 40:59

    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ.

  60. وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدۡعُونِيٓ أَسۡتَجِبۡ لَكُمۡۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِي سَيَدۡخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ 

    Open ayah 40:60

    رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. شەكسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».

  61. ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ

    Open ayah 40:61

    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ) قىلىپ بەرگەن، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر، لېكىن، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا شۈكۈر قىلمايدۇ.

  62. ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ

    Open ayah 40:62

    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا (ھېچقانداق) ئىلاھ يوقتۇر، (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا) سىلەر قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

  63. كَذَٰلِكَ يُؤۡفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ

    Open ayah 40:63

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

  64. ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ قَرَارٗا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءٗ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 40:64

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، تۇرقۇڭلارنى چىرايلىق قىلغان ۋە سىلەرنى پاك نەرسىلەردىن رىزىقلاندۇرغان زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.

  65. هُوَ ٱلۡحَيُّ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدۡعُوهُ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَۗ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 40:65

    ئاللاھ مەڭگۈ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!

  66. ۞قُلۡ إِنِّي نُهِيتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِيَ ٱلۡبَيِّنَٰتُ مِن رَّبِّي وَأُمِرۡتُ أَنۡ أُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 40:66

    (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: «رەببىمدىن ماڭا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرى كېلىشى بىلەنلا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ رەببىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم».

  67. هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ يُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡ ثُمَّ لِتَكُونُواْ شُيُوخٗاۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبۡلُۖ وَلِتَبۡلُغُوٓاْ أَجَلٗا مُّسَمّٗى وَلَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ

    Open ayah 40:67

    ئاللاھ سىلەرنى (دەسلەپتە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن ئەلەقتىن[120] ياراتقان زاتتۇر. ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر— سىلەردىن بەزىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ— ئاندىن سىلەر بەلگىلەنگەن ئەجەلگە يېتىسىلەر. (بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تونۇشقا) ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.

    1. ئەلەق توغرۇلۇق ھەج سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىنىڭ بەت ئاستىدا بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارالسۇن.
  68. هُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

    Open ayah 40:68

    ئاللاھ ھەم تىرىلدۈرىدىغان ھەم ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر. ئۇ (قانداقلا) بىر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ شۇ ھامان بولىدۇ».

  69. أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصۡرَفُونَ

    Open ayah 40:69

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

  70. ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِٱلۡكِتَٰبِ وَبِمَآ أَرۡسَلۡنَا بِهِۦ رُسُلَنَاۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ 

    Open ayah 40:70

    ئۇلار كىتاب (قۇرئان)نى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز چۈشۈرگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلاردۇر. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (بۇ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ.

  71. إِذِ ٱلۡأَغۡلَٰلُ فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ وَٱلسَّلَٰسِلُ يُسۡحَبُونَ

    Open ayah 40:71

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ. ئۇلار قايناق سۇغا سۆرەپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. [71 _ 72]

  72. فِي ٱلۡحَمِيمِ ثُمَّ فِي ٱلنَّارِ يُسۡجَرُونَ

    Open ayah 40:72

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ. ئۇلار قايناق سۇغا سۆرەپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. [71 _ 72]

  73. ثُمَّ قِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تُشۡرِكُونَ

    Open ayah 40:73

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ نەرسىلەر بىزنىڭ كۆزىمىزدىن غايىب بولدى (يەنى بىزگە ئەسقاتمىدى)، بەلكى بىز ئىلگىرى (ئىبادەت قىلىشقا) ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. [73 _ 74]

  74. مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالُواْ ضَلُّواْ عَنَّا بَل لَّمۡ نَكُن نَّدۡعُواْ مِن قَبۡلُ شَيۡـٔٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلۡكَٰفِرِينَ

    Open ayah 40:74

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ نەرسىلەر بىزنىڭ كۆزىمىزدىن غايىب بولدى (يەنى بىزگە ئەسقاتمىدى)، بەلكى بىز ئىلگىرى (ئىبادەت قىلىشقا) ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. [73 _ 74]

  75. ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمۡ تَفۡرَحُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَمۡرَحُونَ

    Open ayah 40:75

    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە ھەقسىز كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىڭلار ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر.

  76. ٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ

    Open ayah 40:76

    سىلەر (ئەمدى) جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلار بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!

  77. فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ

    Open ayah 40:77

    (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بول! شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى (ئۇلارنى ئازابلاش بىلەن) ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، (بەرىبىر) ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.

  78. وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ مِنۡهُم مَّن قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّن لَّمۡ نَقۡصُصۡ عَلَيۡكَۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قُضِيَ بِٱلۡحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

    Open ayah 40:78

    شەكسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا قىسسىسىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەن چاغدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇ چاغدا (ھەقىقەتكە) قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.

  79. ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمَ لِتَرۡكَبُواْ مِنۡهَا وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ

    Open ayah 40:79

    ئاللاھ بەزىسىنى مىنىشىڭلار ۋە بەزىسىنىڭ گۆشىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە چارۋىلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر.

  80. وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَلِتَبۡلُغُواْ عَلَيۡهَا حَاجَةٗ فِي صُدُورِكُمۡ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ 

    Open ayah 40:80

    ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. سىلەر ئۇلارغا مىنىپ يۈرۈپ كۆڭلۈڭلاردىكى ھاجىتىڭلارغا يېتىسىلەر، سىلەر ئۇلارنىڭ ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈستىدە توشۇلىسىلەر.

  81. وَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ فَأَيَّ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ

    Open ayah 40:81

    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا) سىلەر ئاللاھنىڭ دەلىللىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

  82. أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِنۡهُمۡ وَأَشَدَّ قُوَّةٗ وَءَاثَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

    Open ayah 40:82

    ئۇلار زېمىننى كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلارغا قارىغاندا ئۇلار سان جەھەتتە كۆپ، كۈچ _ قۇۋۋەت جەھەتتە ئارتۇق ۋە يەر يۈزىدە قالدۇرغان ئىزلىرى جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى.

  83. فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرِحُواْ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 40:83

    پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرى بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى (ئاز _ تولا) بىلىمگە ئىشىنىپ مەغرۇرلىنىپ كەتتى. (نەتىجىدە) ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىدى.

  84. فَلَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَا قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥ وَكَفَرۡنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشۡرِكِينَ

    Open ayah 40:84

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى.

  85. فَلَمۡ يَكُ يَنفَعُهُمۡ إِيمَٰنُهُمۡ لَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَاۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ فِي عِبَادِهِۦۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡكَٰفِرُونَ

    Open ayah 40:85

    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈپ كەلگەن قانۇنىيىتىدۇر. بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتىدۇ.