فصلت
Fussilat
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
حمٓ
Open ayah 41:1ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Open ayah 41:2(بۇ قۇرئان) ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
كِتَٰبٞ فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 41:3(بۇ) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرى ئەرەبچە قۇرئان بولغان ھالدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.
بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا فَأَعۡرَضَ أَكۡثَرُهُمۡ فَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ
Open ayah 41:4ئۇ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ كىتابتىن) يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا، ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ.
وَقَالُواْ قُلُوبُنَا فِيٓ أَكِنَّةٖ مِّمَّا تَدۡعُونَآ إِلَيۡهِ وَفِيٓ ءَاذَانِنَا وَقۡرٞ وَمِنۢ بَيۡنِنَا وَبَيۡنِكَ حِجَابٞ فَٱعۡمَلۡ إِنَّنَا عَٰمِلُونَ
Open ayah 41:5ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر پەردە بار. شۇڭا سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرەيلى» دەيدۇ.
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَٱسۡتَقِيمُوٓاْ إِلَيۡهِ وَٱسۡتَغۡفِرُوهُۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡمُشۡرِكِينَ
Open ayah 41:6(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا توپتوغرا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن. ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىپ زاكات بەرمەيدىغان مۇشرىكلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن! [6 _ 7]
ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
Open ayah 41:7(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارغا: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا توپتوغرا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن. ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىپ زاكات بەرمەيدىغان مۇشرىكلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولسۇن! [6 _ 7]
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ
Open ayah 41:8شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدىغان مۇكاپات بار.
۞قُلۡ أَئِنَّكُمۡ لَتَكۡفُرُونَ بِٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَرۡضَ فِي يَوۡمَيۡنِ وَتَجۡعَلُونَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ ذَٰلِكَ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 41:9(سەن ئۇلارغا): «راستتىنلا سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قوشۇۋالامسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر» دېگىن.
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ مِن فَوۡقِهَا وَبَٰرَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَآ أَقۡوَٰتَهَا فِيٓ أَرۡبَعَةِ أَيَّامٖ سَوَآءٗ لِّلسَّآئِلِينَ
Open ayah 41:10ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، زېمىندا ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (بۇ ئىشلارنى ۋە زېمىننى يارىتىشنى) تولۇق تۆت كۈندە تاماملىدى. (زېمىن ۋە ئۇنىڭىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر).
ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِيَ دُخَانٞ فَقَالَ لَهَا وَلِلۡأَرۡضِ ٱئۡتِيَا طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا قَالَتَآ أَتَيۡنَا طَآئِعِينَ
Open ayah 41:11ئاندىن ئۇ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى. ھالبۇكى، ئۇ (ئاسمان) تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ھالدا كېلىڭلار» دېۋىدى، ئىككىلىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.
فَقَضَىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَاتٖ فِي يَوۡمَيۡنِ وَأَوۡحَىٰ فِي كُلِّ سَمَآءٍ أَمۡرَهَاۚ وَزَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَحِفۡظٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
Open ayah 41:12ئاللاھ يەتتە ئاسماننى (يارىتىشنى) ئىككى كۈندە تاماملىدى ۋە ھەر ئاسماندا (بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلىدىغان) ئىشلىرىنى بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.
فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَقُلۡ أَنذَرۡتُكُمۡ صَٰعِقَةٗ مِّثۡلَ صَٰعِقَةِ عَادٖ وَثَمُودَ
Open ayah 41:13ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن يەنىلا ئىماندىن) باش تارتسا، سەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن چاقماق ئازابىغا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن.
إِذۡ جَآءَتۡهُمُ ٱلرُّسُلُ مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۖ قَالُواْ لَوۡ شَآءَ رَبُّنَا لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةٗ فَإِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
Open ayah 41:14ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ئالدى _ كەينىدىن (ھەر تەرەپتىن) كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى. بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى.
فَأَمَّا عَادٞ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَقَالُواْ مَنۡ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةًۖ أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَهُمۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۖ وَكَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
Open ayah 41:15ئاد قەۋمى بولسا يەر يۈزىدە ئورۇنسىز يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ _ قۇۋۋەتتە بىزدىن ئارتۇق كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ _ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ (شۇنداق تۇرسىمۇ) ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى.
فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِيٓ أَيَّامٖ نَّحِسَاتٖ لِّنُذِيقَهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَخۡزَىٰۖ وَهُمۡ لَا يُنصَرُونَ
Open ayah 41:16ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيۡنَٰهُمۡ فَٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡعَمَىٰ عَلَى ٱلۡهُدَىٰ فَأَخَذَتۡهُمۡ صَٰعِقَةُ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡهُونِ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
Open ayah 41:17سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى (ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى كۆرمەسلىكنى) ئارتۇق بىلدى. ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى.
وَنَجَّيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
Open ayah 41:18بىز ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق.
وَيَوۡمَ يُحۡشَرُ أَعۡدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ
Open ayah 41:19ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا (تاشلىنىش ئۈچۈن) توپلىنىدىغان كۈندە، ئۇلار (ھەممىسى يىغىلىپ بولغۇچە) توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيۡهِمۡ سَمۡعُهُمۡ وَأَبۡصَٰرُهُمۡ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 41:20نىھايەت، ئۇلار دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
وَقَالُواْ لِجُلُودِهِمۡ لِمَ شَهِدتُّمۡ عَلَيۡنَاۖ قَالُوٓاْ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنطَقَ كُلَّ شَيۡءٖۚ وَهُوَ خَلَقَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 41:21ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «سىلەر نېمىشقا بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنىمۇ سۆزلەتتى، ئۇ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغان زاتتۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ.
وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
Open ayah 41:22(ھالبۇكى سىلەر دۇنيادىكى چاغلىرىڭلاردا) نە قۇلىقىڭلارنىڭ، نە كۆزۈڭلارنىڭ، نە تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمايتتىڭلار ۋە قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇنلىرىنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ ئويلايتتىڭلار.
وَذَٰلِكُمۡ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِي ظَنَنتُم بِرَبِّكُمۡ أَرۡدَىٰكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
Open ayah 41:23سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قارىتا ئاشۇ گۇمانلىق قارىشىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.
فَإِن يَصۡبِرُواْ فَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡۖ وَإِن يَسۡتَعۡتِبُواْ فَمَا هُم مِّنَ ٱلۡمُعۡتَبِينَ
Open ayah 41:24ئەگەر ئۇلار قانچىلىك چىداملىق بولۇپ كەتسىمۇ، دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتىشنى تىلىسە، ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ.
۞وَقَيَّضۡنَا لَهُمۡ قُرَنَآءَ فَزَيَّنُواْ لَهُم مَّا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ
Open ayah 41:25بىز ئۇلارغا (شەيتان) دوستلارنى تەيىنلەپ قويدۇق _ دە، ئۇلار (يەنى شەيتان دوستلار) بۇلارغا ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (يامان) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلار ۋە جىنلار (دىن بولغان گۇناھكارلار) جامائەسىگە تېگىشلىك بولغان ئازاب (بۇيرۇقى) بۇلارغىمۇ تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، بۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَسۡمَعُواْ لِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَٱلۡغَوۡاْ فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَغۡلِبُونَ
Open ayah 41:26كاپىرلار: «سىلەر بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، (قۇرئان ئوقۇلغاندا ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ) ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار، قۇرئاننى توسۇشتا) غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دېدى.
فَلَنُذِيقَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَذَابٗا شَدِيدٗا وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 41:27بىز (مۇشۇنداق دېگەن) كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز. بىز ئۇلارغا ئەڭ يامان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە بېرىمىز.
ذَٰلِكَ جَزَآءُ أَعۡدَآءِ ٱللَّهِ ٱلنَّارُۖ لَهُمۡ فِيهَا دَارُ ٱلۡخُلۡدِ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
Open ayah 41:28ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسى ئەنە شۇ دوزاختۇر. دوزاخ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايىدۇر. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازادۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ رَبَّنَآ أَرِنَا ٱلَّذَيۡنِ أَضَلَّانَا مِنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ نَجۡعَلۡهُمَا تَحۡتَ أَقۡدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ ٱلۡأَسۡفَلِينَ
Open ayah 41:29كاپىرلار (دوزاخقا كىرگەندە دەيدۇكى:) «ئى رەببىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلانغانلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى دەسسەپ تۇرايلى».
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ تَتَنَزَّلُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَبۡشِرُواْ بِٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
Open ayah 41:30شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن ھازىردۇر. (بۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن (سىلەر ئۈچۈن) تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ. [30 _ 32]
نَحۡنُ أَوۡلِيَآؤُكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَشۡتَهِيٓ أَنفُسُكُمۡ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
Open ayah 41:31شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن ھازىردۇر. (بۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن (سىلەر ئۈچۈن) تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ. [30 _ 32]
نُزُلٗا مِّنۡ غَفُورٖ رَّحِيمٖ
Open ayah 41:32شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن ھازىردۇر. (بۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن (سىلەر ئۈچۈن) تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ. [30 _ 32]
وَمَنۡ أَحۡسَنُ قَوۡلٗا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
Open ayah 41:33ئاللاھ (نىڭ يولى)غا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك كىشى بارمۇ؟
وَلَا تَسۡتَوِي ٱلۡحَسَنَةُ وَلَا ٱلسَّيِّئَةُۚ ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِي بَيۡنَكَ وَبَيۡنَهُۥ عَدَٰوَةٞ كَأَنَّهُۥ وَلِيٌّ حَمِيمٞ
Open ayah 41:34ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. (سەن يامانلىققا) ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن. (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٖ
Open ayah 41:35بۇ خىسلەتكە پەقەت (ئۆز نەپسىنى باشقۇرۇشتا) چىداملىق بولغان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋىگە ئىگە ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ.
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 41:36ئەگەر شەيتاندىن كەلگەن بىر ۋەسۋەسە سېنى (ياخشى خىسلەتتىن) يۈز ئۆرۈتمەكچى بولسا، دەرھال ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِ ٱلَّيۡلُ وَٱلنَّهَارُ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُۚ لَا تَسۡجُدُواْ لِلشَّمۡسِ وَلَا لِلۡقَمَرِ وَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ ٱلَّذِي خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
Open ayah 41:37ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىن بىرى كېچە بىلەن كۈندۈز ۋە قۇياش بىلەن ئايدۇر. سىلەر قۇياشقىمۇ، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر (راستتىنلا) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلماقچى بولساڭلار، ئۇ نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار.
فَإِنِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمۡ لَا يَسۡـَٔمُونَ۩
Open ayah 41:38ئەگەر ئۇلار (يەنى ئاشۇ مۇشرىكلار) چوڭچىلىق قىلسا (يەنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتسا، بىلىپ قويسۇنكى) رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر زېرىكمەستىن، كېچە _ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلۡأَرۡضَ خَٰشِعَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡۚ إِنَّ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاهَا لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 41:39سېنىڭ زېمىننى قاقاس كۆرۈشۈڭ، (ئاندىن) بىز ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭ (زىرائەتلەر بىلەن) ھەرىكەتلىنىپ كۆپۈشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، (ئۆلگەن) زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا لَا يَخۡفَوۡنَ عَلَيۡنَآۗ أَفَمَن يُلۡقَىٰ فِي ٱلنَّارِ خَيۡرٌ أَم مَّن يَأۡتِيٓ ءَامِنٗا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ٱعۡمَلُواْ مَا شِئۡتُمۡ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
Open ayah 41:40شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزدىن ھەرگىز يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ، دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا) خاتىرجەم كېلىدىغان ئادەممۇ؟ (ئى كاپىرلار!) خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلذِّكۡرِ لَمَّا جَآءَهُمۡۖ وَإِنَّهُۥ لَكِتَٰبٌ عَزِيزٞ
Open ayah 41:41شەكسىزكى، ئۆزلىرىگە قۇرئان كەلگەندە، ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (بۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ). قۇرئان ھەقىقەتەن غالىب كىتابتۇر.
لَّا يَأۡتِيهِ ٱلۡبَٰطِلُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَلَا مِنۡ خَلۡفِهِۦۖ تَنزِيلٞ مِّنۡ حَكِيمٍ حَمِيدٖ
Open ayah 41:42ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرەپتىن) باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدۡ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبۡلِكَۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٖ
Open ayah 41:43(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان) سۆزلەرنىڭ ئۆزىدۇر. شەكسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قىينىغۇچى ئازابنىڭ ئىگىسىدۇر.
وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا أَعۡجَمِيّٗا لَّقَالُواْ لَوۡلَا فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥٓۖ ءَا۬عۡجَمِيّٞ وَعَرَبِيّٞۗ قُلۡ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ هُدٗى وَشِفَآءٞۚ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٞ وَهُوَ عَلَيۡهِمۡ عَمًىۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُنَادَوۡنَ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
Open ayah 41:44مۇبادا بىز ئۇنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدىكى بىر قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «ئۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) ئوچۇق بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب تۇرسا، (ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاب) باشقا تىلدا بولامدۇ؟» دەيتتى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا (قۇرئاننى ئاڭلاشقا قارىتا) بىر ئېغىرلىق بار، (ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمىگەنلىكتىن) ئۇ (قۇرئان) ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قاراڭغۇلۇقتۇر. ئەنە شۇلار يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقان (ئەمما نېمىگە چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان) ئادەمگە ئوخشاشتۇر».
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
Open ayah 41:45شەكسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات) نى ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇنىڭدا ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭ تەرىپىدىن (ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش توغرۇلۇق) ئالدىن ئېيتىلغان بىر سۆز بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا چوڭقۇر شەك ئىچىدىدۇر.
مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
Open ayah 41:46كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.
۞إِلَيۡهِ يُرَدُّ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِۚ وَمَا تَخۡرُجُ مِن ثَمَرَٰتٖ مِّنۡ أَكۡمَامِهَا وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ أَيۡنَ شُرَكَآءِي قَالُوٓاْ ءَاذَنَّٰكَ مَا مِنَّا مِن شَهِيدٖ
Open ayah 41:47قىيامەتنىڭ (قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى) ئىلىم ئاللاھقا خاستۇر. مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەرقانداق بىر چىشىنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلىمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر. ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارغا: «(سىلەر ماڭا قوشۇۋالغان ئاتالمىش) شېرىكلىرىم قېنى؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا (ھېچكىم سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ.
وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَدۡعُونَ مِن قَبۡلُۖ وَظَنُّواْ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ
Open ayah 41:48ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن غايىب بولىدۇ ۋە ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.
لَّا يَسۡـَٔمُ ٱلۡإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلۡخَيۡرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٞ قَنُوطٞ
Open ayah 41:49ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا، (قۇتۇلۇشتىن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنَّا مِنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةٗ وَلَئِن رُّجِعۡتُ إِلَىٰ رَبِّيٓ إِنَّ لِي عِندَهُۥ لَلۡحُسۡنَىٰۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِمَا عَمِلُواْ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنۡ عَذَابٍ غَلِيظٖ
Open ayah 41:50ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن كېيىن دەرگاھىمىزدىن بىر رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ مېنىڭ ھەققىمدۇر، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن رەببىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، شەكسزكى، ئۇنىڭ يېنىدا ماڭا ئەڭ ياخشىسى بولىدۇ» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى (ئۇ كۈندە) ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.
وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ فَذُو دُعَآءٍ عَرِيضٖ
Open ayah 41:51ئەگەر بىز ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ (بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشتىن) باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يەتسە، (ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرۡتُم بِهِۦ مَنۡ أَضَلُّ مِمَّنۡ هُوَ فِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
Open ayah 41:52(ئى پەيغەمبەر! ئاشۇ ئىنكارچىلارغا) ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ (قۇرئان) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، ئاندىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، (سىلەردەك ھەقىقەتتىن پۈتۈنلەي) يىراقلىشىپ كەتكەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟».
سَنُرِيهِمۡ ءَايَٰتِنَا فِي ٱلۡأٓفَاقِ وَفِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّۗ أَوَلَمۡ يَكۡفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
Open ayah 41:53ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، رەببىڭنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (ھەمدە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقى ئۇلارغا) يېتەرلىك (دەلىل) ئەمەسمۇ؟
أَلَآ إِنَّهُمۡ فِي مِرۡيَةٖ مِّن لِّقَآءِ رَبِّهِمۡۗ أَلَآ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطُۢ
Open ayah 41:54بىلىڭلاركى، ئۇلار رەببىنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە شەك ئىچىدىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.