الشورى

Ash-Shura

Consultation · Surah 42 · Ayahs: 53 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ھا، مىيم، ئەين، سىين، قاف (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). [1 _ 2]

  2. عٓسٓقٓ

    Open ayah 42:2

    ھا، مىيم، ئەين، سىين، قاف (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). [1 _ 2]

  3. كَذَٰلِكَ يُوحِيٓ إِلَيۡكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكَ ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 42:3

    غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر)لەرگە مۇشۇنداق ۋەھيى قىلىدۇ.

  4. لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ

    Open ayah 42:4

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر.

  5. تَكَادُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ يَتَفَطَّرۡنَ مِن فَوۡقِهِنَّۚ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَيَسۡتَغۡفِرُونَ لِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 42:5

    ئاسمانلار (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمىنىپ، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن سۆزىگە غەزەپلىنىپ) يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر رەببىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە (مۇئمىنلەرگە) مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

  6. وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهُ حَفِيظٌ عَلَيۡهِمۡ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٖ

    Open ayah 42:6

    ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە مەدەتكار قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلاردىن جاۋابكار ئەمەسسەن.

  7. وَكَذَٰلِكَ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا لِّتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَا وَتُنذِرَ يَوۡمَ ٱلۡجَمۡعِ لَا رَيۡبَ فِيهِۚ فَرِيقٞ فِي ٱلۡجَنَّةِ وَفَرِيقٞ فِي ٱلسَّعِيرِ

    Open ayah 42:7

    مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە كىشىلەرنى (كېلىدىغانلىقىدا) قەتئىي شەك بولمىغان جەم قىلىش (قىيامەت) كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق. (ئۇ كۈندە ئىنسانلاردىن) بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە جەھەننەمدە بولىدۇ.

  8. وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَهُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن يُدۡخِلُ مَن يَشَآءُ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ وَٱلظَّٰلِمُونَ مَا لَهُم مِّن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ

    Open ayah 42:8

    ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ. زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار يوقتۇر.

  9. أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَۖ فَٱللَّهُ هُوَ ٱلۡوَلِيُّ وَهُوَ يُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

    Open ayah 42:9

    بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى مەدەتكار قىلىۋالدى، پەقەت ئاللاھلا ھەقىقىي مەدەتكاردۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

  10. وَمَا ٱخۡتَلَفۡتُمۡ فِيهِ مِن شَيۡءٖ فَحُكۡمُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبِّي عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ 

    Open ayah 42:10

    (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) سىلەر قانداقلا بىر نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا خاستۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىمەن.

  11. فَاطِرُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ أَزۡوَٰجٗا يَذۡرَؤُكُمۡ فِيهِۚ لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ

    Open ayah 42:11

    (ئاللاھ) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى، ھايۋانلارغىمۇ (ئۆز تىپىدىن) جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ شەيئى يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  12. لَهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

    Open ayah 42:12

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىن (خەزىلىرى) نىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  13. ۞شَرَعَ لَكُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِۦ نُوحٗا وَٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَمَا وَصَّيۡنَا بِهِۦٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰٓۖ أَنۡ أَقِيمُواْ ٱلدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُواْ فِيهِۚ كَبُرَ عَلَى ٱلۡمُشۡرِكِينَ مَا تَدۡعُوهُمۡ إِلَيۡهِۚ ٱللَّهُ يَجۡتَبِيٓ إِلَيۡهِ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَن يُنِيبُ

    Open ayah 42:13

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ «دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار» دەپ، دىندىن نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى، ساڭا ۋەھيى قىلغانلىرىمىزنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغانلىرىمىزنى سىلەرگە دىن قىلىپ بەلگىلىدى. (ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەتنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا قىلىشتىن ئىبارەت) سەن مۇشرىكلارنى دەۋەت قىلىۋاتقان بۇ (دىن) ئۇلارغا ئېغىر كەلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ ۋە ئۆزى تەرەپكە يۈزلەنگەن ئادەمنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

  14. وَمَا تَفَرَّقُوٓاْ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى لَّقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُورِثُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ

    Open ayah 42:14

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ (ئۇلارنىڭ جازاسىنى) مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك كېچىكتۈرۈش (ھەققىدىكى) سۆزى ئالدىن دېيىلمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان (يەنى جازاسى شۇ ۋاقىتتىلا بېرىلگەن) بولاتتى. ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار كىتاب توغرۇلۇق چوڭقۇر شەك ئىچىدە بولدى.

  15. فَلِذَٰلِكَ فَٱدۡعُۖ وَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَۖ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡۖ وَقُلۡ ءَامَنتُ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِن كِتَٰبٖۖ وَأُمِرۡتُ لِأَعۡدِلَ بَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡۖ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡۖ لَا حُجَّةَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

    Open ayah 42:15

    (ئى پەيغەمبەر! سەن ئىنسانلارنى) ئاشۇ دىنغا چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) مۇستەھكەم بولغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىنكى، «مەن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ رەببىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇنازىرىلىشىپ يۈرۈشكە ھاجەت يوق. (بەرىبىر قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممىمىزنى يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر».

  16. وَٱلَّذِينَ يُحَآجُّونَ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ٱسۡتُجِيبَ لَهُۥ حُجَّتُهُمۡ دَاحِضَةٌ عِندَ رَبِّهِمۡ وَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ وَلَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٌ

    Open ayah 42:16

    (كىشىلەر ئىسلامغا كىرىپ) ئاللاھنىڭ دەۋىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ (نىڭ) دىنى توغرۇلۇق بەس _ مۇنازىرە قىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋالىرى رەببىنىڭ دەرگاھىدا پۈتۈنلەي بىكاردۇر. ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بار.

  17. ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ وَٱلۡمِيزَانَۗ وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ قَرِيبٞ

    Open ayah 42:17

    ئاللاھ كىتابنى ۋە ئادالەتنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان زاتتۇر. سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكىم قىيامەت يېقىندۇر؟

  18. يَسۡتَعۡجِلُ بِهَا ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِهَاۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مُشۡفِقُونَ مِنۡهَا وَيَعۡلَمُونَ أَنَّهَا ٱلۡحَقُّۗ أَلَآ إِنَّ ٱلَّذِينَ يُمَارُونَ فِي ٱلسَّاعَةِ لَفِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٍ

    Open ayah 42:18

    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ تېز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، قىيامەتكە ئىشىنىدىغانلار بولسا ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق جېدەللىشىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتىدۇر.

  19. ٱللَّهُ لَطِيفُۢ بِعِبَادِهِۦ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ

    Open ayah 42:19

    ئاللاھ بەندىلىرىگە بەكمۇ كۆيۈمچاندۇر. ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

  20. مَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلۡأٓخِرَةِ نَزِدۡ لَهُۥ فِي حَرۡثِهِۦۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ 

    Open ayah 42:20

    كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز، كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ (ئۇ كۆزلىگەن) مەنپەئەتتىن بىر قىسمىنى بېرىمىز. ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچبىر نېسىۋە يوقتۇر.

  21. أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْ شَرَعُواْ لَهُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا لَمۡ يَأۡذَنۢ بِهِ ٱللَّهُۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةُ ٱلۡفَصۡلِ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 42:21

    ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن مەبۇدلىرى بارمىكەن؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دەرھال ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، زالىملارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.

  22. تَرَى ٱلظَّٰلِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا كَسَبُواْ وَهُوَ وَاقِعُۢ بِهِمۡۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فِي رَوۡضَاتِ ٱلۡجَنَّاتِۖ لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡكَبِيرُ

    Open ayah 42:22

    (ئى پەيغەمبەر!) بۇ زالىملارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، جازا ئۇلارغا (چوقۇم) چۈشكۈچىدۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر.

  23. ذَٰلِكَ ٱلَّذِي يُبَشِّرُ ٱللَّهُ عِبَادَهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِۗ قُل لَّآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًا إِلَّا ٱلۡمَوَدَّةَ فِي ٱلۡقُرۡبَىٰۗ وَمَن يَقۡتَرِفۡ حَسَنَةٗ نَّزِدۡ لَهُۥ فِيهَا حُسۡنًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ شَكُورٌ

    Open ayah 42:23

    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە خۇش خەۋەر بەرگەن (مۇكاپات) ئەنە شۇدۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەردىن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن (مېنى) دوست تۇتۇشۇڭلار (زىيان يەتكۈزمەسلىكىڭلار) نىلا تىلەيمەن». كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.

  24. أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗاۖ فَإِن يَشَإِ ٱللَّهُ يَخۡتِمۡ عَلَىٰ قَلۡبِكَۗ وَيَمۡحُ ٱللَّهُ ٱلۡبَٰطِلَ وَيُحِقُّ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

    Open ayah 42:24

    ئۇلار (سېنى) «ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ (ئۇنداق قىلغان بولساڭ) ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سېنىڭ قەلبىڭنىمۇ پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق باتىلنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  25. وَهُوَ ٱلَّذِي يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَعۡفُواْ عَنِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ وَيَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ

    Open ayah 42:25

    ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدىغان، يامان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.

  26. وَيَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضۡلِهِۦۚ وَٱلۡكَٰفِرُونَ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞ

    Open ayah 42:26

    ئاللاھ ئىمان ئېيتىقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا (مۇكاپاتلىرىنى) ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بار.

  27. ۞وَلَوۡ بَسَطَ ٱللَّهُ ٱلرِّزۡقَ لِعِبَادِهِۦ لَبَغَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِن يُنَزِّلُ بِقَدَرٖ مَّا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرُۢ بَصِيرٞ

    Open ayah 42:27

    ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى كەڭ قىلىۋەتسە ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە (يەر يۈزىدە) ھەددىدىن ئېشىپ كېتەتتى. لېكىن، (ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى) ئۆزى خالىغان مىقداردا چۈشۈرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەھۋالى)دىن تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  28. وَهُوَ ٱلَّذِي يُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ مِنۢ بَعۡدِ مَا قَنَطُواْ وَيَنشُرُ رَحۡمَتَهُۥۚ وَهُوَ ٱلۡوَلِيُّ ٱلۡحَمِيدُ

    Open ayah 42:28

    ئاللاھ ئىنسانلار (يامغۇردىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغان ۋە رەھمىتىنى ھەر تەرەپكە يايىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

  29. وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِن دَآبَّةٖۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمۡعِهِمۡ إِذَا يَشَآءُ قَدِيرٞ

    Open ayah 42:29

    ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىن بىرى، ئاسمانلارنى، زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقانلىقى ۋە بۇ ئىككىسىدە جانلىقلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىدۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى توپلاشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.

  30. وَمَآ أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖ 

    Open ayah 42:30

    (ئى ئىنسانلار!) بېشىڭلارغا كەلگەن ھەرقانداق بىر مۇسىبەت سىلەرنىڭ ئۆز قولۇڭلار (بىلەن) قىلغان (گۇناھىڭلار) تۈپەيلىدىندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ (گۇناھىڭلاردىن) نۇرغۇنلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ.

  31. وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ

    Open ayah 42:31

    (ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلساڭلار) سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىگە ۋە ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر.

  32. وَمِنۡ ءَايَٰتِهِ ٱلۡجَوَارِ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ

    Open ayah 42:32

    تاغدەك (چوڭ) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا قاتناپ يۈرۈشىمۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر.

  33. إِن يَشَأۡ يُسۡكِنِ ٱلرِّيحَ فَيَظۡلَلۡنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٍ

    Open ayah 42:33

    ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ _ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ناھايىتى چىدامچان، كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

  34. أَوۡ يُوبِقۡهُنَّ بِمَا كَسَبُواْ وَيَعۡفُ عَن كَثِيرٖ

    Open ayah 42:34

    ياكى ئاللاھ (خالىسا، ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ) گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بوران ئەۋەتىپ) كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن) نۇرغۇنلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ.

  35. وَيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ

    Open ayah 42:35

    (بۇنداق قىلىشىمىز) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە (ئورۇنسىز) دەتالاش قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىشى (ئۈچۈندۇر).

  36. فَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَيۡءٖ فَمَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ

    Open ayah 42:36

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە پەقەت دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات بولسا ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگە تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشى ۋە مەڭگۈلۈكتۇر.

  37. وَٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُواْ هُمۡ يَغۡفِرُونَ

    Open ayah 42:37

    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغان، رەببىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، ئىشلىرىنى ئۆز ئارىسىدا مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغان كىشىلەردۇر. [37 _ 39]

  38. وَٱلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِرَبِّهِمۡ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَمۡرُهُمۡ شُورَىٰ بَيۡنَهُمۡ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ

    Open ayah 42:38

    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغان، رەببىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، ئىشلىرىنى ئۆز ئارىسىدا مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغان كىشىلەردۇر. [37 _ 39]

  39. وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَابَهُمُ ٱلۡبَغۡيُ هُمۡ يَنتَصِرُونَ

    Open ayah 42:39

    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغان، رەببىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، ئىشلىرىنى ئۆز ئارىسىدا مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغان كىشىلەردۇر. [37 _ 39]

  40. وَجَزَٰٓؤُاْ سَيِّئَةٖ سَيِّئَةٞ مِّثۡلُهَاۖ فَمَنۡ عَفَا وَأَصۡلَحَ فَأَجۡرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 42:40

    بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر، كىمكى (يامانلىق قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۇنىڭ بىلەن ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجىرىنى ئاللاھ بېرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

  41. وَلَمَنِ ٱنتَصَرَ بَعۡدَ ظُلۡمِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَا عَلَيۡهِم مِّن سَبِيلٍ

    Open ayah 42:41

    كىمكى زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن (يوللۇق ھالدا) ئىنتىقام ئالسا، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

  42. إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَظۡلِمُونَ ٱلنَّاسَ وَيَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 42:42

    ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، يەر يۈزىدە ناھەق زورلۇق _ زومبۇلۇق قىلىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.

  43. وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ

    Open ayah 42:43

    كىمكى سەۋر قىلسا ۋە ئەپۇ قىلسا، شەكسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە ئىرادە باغلاپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.

  44. وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن وَلِيّٖ مِّنۢ بَعۡدِهِۦۗ وَتَرَى ٱلظَّٰلِمِينَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَ يَقُولُونَ هَلۡ إِلَىٰ مَرَدّٖ مِّن سَبِيلٖ

    Open ayah 42:44

    ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇ ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئىگە يوقتۇر. زالىملارنىڭ ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دەۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن.

  45. وَتَرَىٰهُمۡ يُعۡرَضُونَ عَلَيۡهَا خَٰشِعِينَ مِنَ ٱلذُّلِّ يَنظُرُونَ مِن طَرۡفٍ خَفِيّٖۗ وَقَالَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَأَهۡلِيهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَآ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ فِي عَذَابٖ مُّقِيمٖ

    Open ayah 42:45

    يەنە ئۇلارنىڭ خارلىقتىن بېشىنى ساڭگىلاتقان ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن يوشۇرۇن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. (بۇ چاغدا) مۇئمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر.

  46. وَمَا كَانَ لَهُم مِّنۡ أَوۡلِيَآءَ يَنصُرُونَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن سَبِيلٍ

    Open ayah 42:46

    ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان مەدەتكارلىرى يوقتۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچبىر (نىجاتلىق) يولى بولمايدۇ.

  47. ٱسۡتَجِيبُواْ لِرَبِّكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۚ مَا لَكُم مِّن مَّلۡجَإٖ يَوۡمَئِذٖ وَمَا لَكُم مِّن نَّكِيرٖ

    Open ayah 42:47

    ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار. ئۇ كۈندە سىلەرگە پاناھلىنىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. سىلەر (قىلمىشىڭلارنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر.

  48. فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظًاۖ إِنۡ عَلَيۡكَ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَإِنَّآ إِذَآ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ فَرِحَ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَإِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ كَفُورٞ

    Open ayah 42:48

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتسا، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ئەگەر بىز ئىنسانغا دەرگاھىمىزدىن بىر رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇ خۇش بولۇپ كېتىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە (نېمەتنى ئۇنتۇيدۇ). چۈنكى، ئىنسان تولىمۇ تۇزكورلۇق قىلىدۇ.

  49. لِّلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ يَهَبُ لِمَن يَشَآءُ إِنَٰثٗا وَيَهَبُ لِمَن يَشَآءُ ٱلذُّكُورَ

    Open ayah 42:49

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.

  50. أَوۡ يُزَوِّجُهُمۡ ذُكۡرَانٗا وَإِنَٰثٗاۖ وَيَجۡعَلُ مَن يَشَآءُ عَقِيمًاۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٞ قَدِيرٞ 

    Open ayah 42:50

    ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى پەرزەنت كۆرمەيدىغان قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.

  51. ۞وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُكَلِّمَهُ ٱللَّهُ إِلَّا وَحۡيًا أَوۡ مِن وَرَآيِٕ حِجَابٍ أَوۡ يُرۡسِلَ رَسُولٗا فَيُوحِيَ بِإِذۡنِهِۦ مَا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ عَلِيٌّ حَكِيمٞ

    Open ayah 42:51

    ئاللاھنىڭ بىرەر ئىنسانغا گەپ قىلىشى پەقەت ئىلھام ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن ۋەياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن (ئۇنىڭغا) خالىغىنىنى ۋەھيى قىلىش ئارقىلىقلا بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  52. وَكَذَٰلِكَ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ رُوحٗا مِّنۡ أَمۡرِنَاۚ مَا كُنتَ تَدۡرِي مَا ٱلۡكِتَٰبُ وَلَا ٱلۡإِيمَٰنُ وَلَٰكِن جَعَلۡنَٰهُ نُورٗا نَّهۡدِي بِهِۦ مَن نَّشَآءُ مِنۡ عِبَادِنَاۚ وَإِنَّكَ لَتَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

    Open ayah 42:52

    (ئى پەيغەمبەر!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغىنىمزدەك) ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، (سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى) كىتابنىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ، لېكىن بىز ئۇ (قۇرئان)نى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر نۇر قىلدۇق. شەك _ شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولغا _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. (ئى ئىنسانلار!) بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ. [52 _ 53]

  53. صِرَٰطِ ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِلَى ٱللَّهِ تَصِيرُ ٱلۡأُمُورُ

    Open ayah 42:53

    (ئى پەيغەمبەر!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغىنىمزدەك) ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، (سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى) كىتابنىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ، لېكىن بىز ئۇ (قۇرئان)نى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر نۇر قىلدۇق. شەك _ شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولغا _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. (ئى ئىنسانلار!) بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ. [52 _ 53]