الزخرف
Az-Zukhruf
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
حمٓ
Open ayah 43:1ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 43:2(بۇ) روشەن كىتاب بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. [2 _ 3]
إِنَّا جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 43:3(بۇ) روشەن كىتاب بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. [2 _ 3]
وَإِنَّهُۥ فِيٓ أُمِّ ٱلۡكِتَٰبِ لَدَيۡنَا لَعَلِيٌّ حَكِيمٌ
Open ayah 43:4شەكسىزكى، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىكى لەۋھۇلمەھفۇزدا (ئورۇن ئالغان)، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ھېكمەتلىك كىتابتۇر.
أَفَنَضۡرِبُ عَنكُمُ ٱلذِّكۡرَ صَفۡحًا أَن كُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّسۡرِفِينَ
Open ayah 43:5سىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار سەۋەبلىك قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟
وَكَمۡ أَرۡسَلۡنَا مِن نَّبِيّٖ فِي ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 43:6ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
Open ayah 43:7ئۇلار ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر پەيغەمبەر كەلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى.
فَأَهۡلَكۡنَآ أَشَدَّ مِنۡهُم بَطۡشٗا وَمَضَىٰ مَثَلُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 43:8بىز كۈچ _ قۇۋۋەتتە بۇلار (يەنى مەككىلىكلەر)دىن ئۈستۈن بولغانلارنىمۇ ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى (قۇرئاندا) بايان قىلىندى.
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 43:9(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئۇلارنى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ.
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
Open ayah 43:10ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى سېلىنچا قىلغان، (كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە يەر يۈزىدە (نۇرغۇن) يوللارنى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
وَٱلَّذِي نَزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَنشَرۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ تُخۡرَجُونَ
Open ayah 43:11ئاللاھ بۇلۇتتىن ئۆلچەملىك مىقداردا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەرمۇ (قەبرەڭلەردىن) مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
وَٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡفُلۡكِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مَا تَرۡكَبُونَ
Open ayah 43:12ئاللاھ (مەخلۇقاتلاردىن) بارلىق تۈرلەرنى ياراتقان، سىلەرنىڭ چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنى ۋە مىنىىشڭلار ئۈچۈن ئۇلاغلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا چىققاندا ۋە مىنگەندە رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (چىقىشقا ۋە مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېيىشىڭلار ئۈچۈندۇر. [12 _ 14]
لِتَسۡتَوُۥاْ عَلَىٰ ظُهُورِهِۦ ثُمَّ تَذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ رَبِّكُمۡ إِذَا ٱسۡتَوَيۡتُمۡ عَلَيۡهِ وَتَقُولُواْ سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُۥ مُقۡرِنِينَ
Open ayah 43:13ئاللاھ (مەخلۇقاتلاردىن) بارلىق تۈرلەرنى ياراتقان، سىلەرنىڭ چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنى ۋە مىنىىشڭلار ئۈچۈن ئۇلاغلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا چىققاندا ۋە مىنگەندە رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (چىقىشقا ۋە مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېيىشىڭلار ئۈچۈندۇر. [12 _ 14]
وَإِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ
Open ayah 43:14ئاللاھ (مەخلۇقاتلاردىن) بارلىق تۈرلەرنى ياراتقان، سىلەرنىڭ چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنى ۋە مىنىىشڭلار ئۈچۈن ئۇلاغلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا چىققاندا ۋە مىنگەندە رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (چىقىشقا ۋە مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېيىشىڭلار ئۈچۈندۇر. [12 _ 14]
وَجَعَلُواْ لَهُۥ مِنۡ عِبَادِهِۦ جُزۡءًاۚ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَكَفُورٞ مُّبِينٌ
Open ayah 43:15مۇشرىكلار (‹پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر› دەپ) ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر قىسمىنى ئاللاھنىڭ بىر بۆلىكى قىلىۋالدى. (بۇنداق) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئوپئوچۇق كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.
أَمِ ٱتَّخَذَ مِمَّا يَخۡلُقُ بَنَاتٖ وَأَصۡفَىٰكُم بِٱلۡبَنِينَ
Open ayah 43:16(ئى نادانلار!) ئاللاھ مەخلۇقاتتىن (ئۆزى ئۈچۈن) قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلغانمىدۇ؟
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحۡمَٰنِ مَثَلٗا ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٌ
Open ayah 43:17ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆزلىرى رەھمان ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىۋالغان قىز بالا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلسە، قايغۇغا چۆمۈپ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ.
أَوَمَن يُنَشَّؤُاْ فِي ٱلۡحِلۡيَةِ وَهُوَ فِي ٱلۡخِصَامِ غَيۡرُ مُبِينٖ
Open ayah 43:18(ئۇلار) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، (مۇنازىرىدە) مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىۋالسا بولامدۇ؟).
وَجَعَلُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ ٱلَّذِينَ هُمۡ عِبَٰدُ ٱلرَّحۡمَٰنِ إِنَٰثًاۚ أَشَهِدُواْ خَلۡقَهُمۡۚ سَتُكۡتَبُ شَهَٰدَتُهُمۡ وَيُسۡـَٔلُونَ
Open ayah 43:19ئۇلار رەھمان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى چىشى دەۋالدى. ئەجىبا ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىغا ھازىر بولغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى يېزىپ قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.
وَقَالُواْ لَوۡ شَآءَ ٱلرَّحۡمَٰنُ مَا عَبَدۡنَٰهُمۗ مَّا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
Open ayah 43:20ئۇلار: «رەھمان ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ خۇسۇستا ئۇلارنىڭ ھېچبىر مەلۇماتى يوق، ئۇلار پەقەت (ئاللاھ نامىدىن) يالغان ئېيتىدۇ.
أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا مِّن قَبۡلِهِۦ فَهُم بِهِۦ مُسۡتَمۡسِكُونَ
Open ayah 43:21ياكى بىز ئۇلارغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئېسىلىۋاتامدۇ؟
بَلۡ قَالُوٓاْ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّهۡتَدُونَ
Open ayah 43:22ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار: «بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئارقىلىق توغرا يولنى تاپقۇچىلارمىز» دەيدۇ.
وَكَذَٰلِكَ مَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّقۡتَدُونَ
Open ayah 43:23شۇنىڭدەك (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر يۇرتقا بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇ يۇرتنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، شەكسىزكى، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچىلارمىز» دېيىشەتتى.
۞قَٰلَ أَوَلَوۡ جِئۡتُكُم بِأَهۡدَىٰ مِمَّا وَجَدتُّمۡ عَلَيۡهِ ءَابَآءَكُمۡۖ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
Open ayah 43:24(ھەربىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى ئېلىپ كەلگەن تۇرسام (سىلەر يەنە ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇۋالامسىلەر؟)» دېگەندە، ئۇلار: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشتى.
فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
Open ayah 43:25بىز ئۇلارنى جازالىدۇق. (ھەق دىننى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦٓ إِنَّنِي بَرَآءٞ مِّمَّا تَعۡبُدُونَ
Open ayah 43:26-ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن مېنى ياراتقان ئاللاھتىن باشقا، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ». [26 _ 27]
إِلَّا ٱلَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُۥ سَيَهۡدِينِ
Open ayah 43:27-ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن مېنى ياراتقان ئاللاھتىن باشقا، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ». [26 _ 27]
وَجَعَلَهَا كَلِمَةَۢ بَاقِيَةٗ فِي عَقِبِهِۦ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 43:28ئىبراھىم كېيىنكىلەردىن (كاپىر بولغانلارنى ئىمانغا) قايتسۇن دەپ، (‹ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق› دېگەن) تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەۋلادى ئىچىدە مەڭگۈلۈك كەلىمە قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.
بَلۡ مَتَّعۡتُ هَٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ وَرَسُولٞ مُّبِينٞ
Open ayah 43:29(ئى پەيغەمبەر!) بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى)نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىنى تاكى ئۇلارغا ھەق (قۇرئان) ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر كەلگەنگە قەدەر ياشىتىپ (دۇنيا نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن قىلدىم.
وَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ وَإِنَّا بِهِۦ كَٰفِرُونَ
Open ayah 43:30ئۇلارغا ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ئۇنى شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشتى.
وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنَ ٱلۡقَرۡيَتَيۡنِ عَظِيمٍ
Open ayah 43:31ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا (مەككە ۋە تائىف) ئىككى شەھەر ئەھلىدىن كاتتا بىر كىشىگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى.
أَهُمۡ يَقۡسِمُونَ رَحۡمَتَ رَبِّكَۚ نَحۡنُ قَسَمۡنَا بَيۡنَهُم مَّعِيشَتَهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَرَفَعۡنَا بَعۡضَهُمۡ فَوۡقَ بَعۡضٖ دَرَجَٰتٖ لِّيَتَّخِذَ بَعۡضُهُم بَعۡضٗا سُخۡرِيّٗاۗ وَرَحۡمَتُ رَبِّكَ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
Open ayah 43:32رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدىكەن؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر.
وَلَوۡلَآ أَن يَكُونَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ لَّجَعَلۡنَا لِمَن يَكۡفُرُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ لِبُيُوتِهِمۡ سُقُفٗا مِّن فِضَّةٖ وَمَعَارِجَ عَلَيۡهَا يَظۡهَرُونَ
Open ayah 43:33ئىنسانلار ھەممىسى (كاپىرلىقتا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، رەھمان ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.
وَلِبُيُوتِهِمۡ أَبۡوَٰبٗا وَسُرُرًا عَلَيۡهَا يَتَّكِـُٔونَ
Open ayah 43:34ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق،
وَزُخۡرُفٗاۚ وَإِن كُلُّ ذَٰلِكَ لَمَّا مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَٱلۡأٓخِرَةُ عِندَ رَبِّكَ لِلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 43:35ھەمدە (ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى) ئالتۇندىن بېزەپ بېرەتتۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى ئاخىرەت (مۇكاپاتلىرى بولسا) تەقۋادارلارغا خاستۇر.
وَمَن يَعۡشُ عَن ذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ نُقَيِّضۡ لَهُۥ شَيۡطَٰنٗا فَهُوَ لَهُۥ قَرِينٞ
Open ayah 43:36كىمكى رەھمان ئاللاھنىڭ زىكرى (بولغان قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىپ قويىمىز _ دە، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ.
وَإِنَّهُمۡ لَيَصُدُّونَهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ
Open ayah 43:37شەك _ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَنَا قَالَ يَٰلَيۡتَ بَيۡنِي وَبَيۡنَكَ بُعۡدَ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرِينُ
Open ayah 43:38نىھايەت، ئۇ (ئادم ھەمراھى بىلەن) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسىچۇ! سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!» دەيدۇ.
وَلَن يَنفَعَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ إِذ ظَّلَمۡتُمۡ أَنَّكُمۡ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ
Open ayah 43:39(ئۇلارغا) «سىلەر (دۇنيادىكى چاغدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.
أَفَأَنتَ تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ أَوۡ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَمَن كَانَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
Open ayah 43:40(ئى پەيغەمبەر!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن ياكى كورلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان ئادەمنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
فَإِمَّا نَذۡهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنۡهُم مُّنتَقِمُونَ
Open ayah 43:41(ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) بىز سېنى (دەرگاھىمىزغا) ئېلىپ كەتسەك، (سېنىڭ ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز.
أَوۡ نُرِيَنَّكَ ٱلَّذِي وَعَدۡنَٰهُمۡ فَإِنَّا عَلَيۡهِم مُّقۡتَدِرُونَ
Open ayah 43:42ياكى بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى (سەن ھايات چاغدا كەلتۈرۈپ) ساڭا كۆرسىتىمىز. بىز ئۇلارنى ئازابلاشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز.
فَٱسۡتَمۡسِكۡ بِٱلَّذِيٓ أُوحِيَ إِلَيۡكَۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
Open ayah 43:43(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ۋەھيى قىلىنغان(قۇرئان)غا چىڭ ئېسىلغىن. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولدىسەن.
وَإِنَّهُۥ لَذِكۡرٞ لَّكَ وَلِقَوۡمِكَۖ وَسَوۡفَ تُسۡـَٔلُونَ
Open ayah 43:44شەكسىزكى، بۇ (قۇرئان) ساڭا ۋە قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە كاتتا شەرەپتۇر. سىلەر كەلگۈسىدە (ئۇنىڭغا قارىتا مەسئۇلىيىتىڭلاردىن) سورىلىسىلەر.
وَسۡـَٔلۡ مَنۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رُّسُلِنَآ أَجَعَلۡنَا مِن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ءَالِهَةٗ يُعۡبَدُونَ
Open ayah 43:45(ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز (نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى)دىن سوراپ باققىنكى، بىز رەھمان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلەپتىمىزمۇ؟
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 43:46شەكسىزكى، بىز مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
فَلَمَّا جَآءَهُم بِـَٔايَٰتِنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَضۡحَكُونَ
Open ayah 43:47مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇلار شۇ ھامان بۇ مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلۈشتى.
وَمَا نُرِيهِم مِّنۡ ءَايَةٍ إِلَّا هِيَ أَكۡبَرُ مِنۡ أُخۡتِهَاۖ وَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
Open ayah 43:48بىز ئۇلارغا بىر _ بىرىدىن چوڭ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازاب بىلەن جازالىدۇق.
وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَ ٱلسَّاحِرُ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ إِنَّنَا لَمُهۡتَدُونَ
Open ayah 43:49ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! سەن رەببىڭنىڭ (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىمەن دېگەن) ۋەدىسى بويىچە، ئۇنىڭغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، (ئۇ بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە) بىز چوقۇم توغرا يولغا كىرىمىز» دېدى.
فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِذَا هُمۡ يَنكُثُونَ
Open ayah 43:50(مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىۋىدۇق، ئۇلار شۇ ھامان (ئەھدىسىدىن) يېنىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇرۇۋالدى.
وَنَادَىٰ فِرۡعَوۡنُ فِي قَوۡمِهِۦ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَيۡسَ لِي مُلۡكُ مِصۡرَ وَهَٰذِهِ ٱلۡأَنۡهَٰرُ تَجۡرِي مِن تَحۡتِيٓۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
Open ayah 43:51پىرئەۋن ئۆز قەۋمىگە نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ بەلكى مەن گېپىنى ئوچۇق قىلالمايدىغان شۇ ئەرزىمەس ئادەم (مۇسا)دىن ياخشىمەن. [51 _ 52]
أَمۡ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ مَهِينٞ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
Open ayah 43:52پىرئەۋن ئۆز قەۋمىگە نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ بەلكى مەن گېپىنى ئوچۇق قىلالمايدىغان شۇ ئەرزىمەس ئادەم (مۇسا)دىن ياخشىمەن. [51 _ 52]
فَلَوۡلَآ أُلۡقِيَ عَلَيۡهِ أَسۡوِرَةٞ مِّن ذَهَبٍ أَوۡ جَآءَ مَعَهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مُقۡتَرِنِينَ
Open ayah 43:53(ئەگەر ئۇ راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا) نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
فَٱسۡتَخَفَّ قَوۡمَهُۥ فَأَطَاعُوهُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
Open ayah 43:54(پىرئەۋن) قەۋمىنى (شۇنداق) ئالدىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى، ئۇلار (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى.
فَلَمَّآ ءَاسَفُونَا ٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 43:55ئۇلار بىزنى غەزەپلەندۈرگەندە، بىز ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق.
فَجَعَلۡنَٰهُمۡ سَلَفٗا وَمَثَلٗا لِّلۡأٓخِرِينَ
Open ayah 43:56ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆتمۈشنىڭ (ئاچچىق) ئەسلىمىسى ۋە ئىبرەت قىلدۇق.
۞وَلَمَّا ضُرِبَ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوۡمُكَ مِنۡهُ يَصِدُّونَ
Open ayah 43:57(ئى پەيغەمبەر!) مەريەم ئوغلى (ئىيسا) مىسال كەلتۈرۈلگەندە، سېنىڭ قەۋمىڭ شۇ ھامان (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ.
وَقَالُوٓاْ ءَأَٰلِهَتُنَا خَيۡرٌ أَمۡ هُوَۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلَۢاۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٌ خَصِمُونَ
Open ayah 43:58ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت جېدەل تېرىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر.
إِنۡ هُوَ إِلَّا عَبۡدٌ أَنۡعَمۡنَا عَلَيۡهِ وَجَعَلۡنَٰهُ مَثَلٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
Open ayah 43:59ئۇ (ئىيسا) پەقەت بىز (پەيغەمبەرلىك) نېمىتىمىزگە ئېرىشتۈرگەن بىر بەندىدۇر، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق.
وَلَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَا مِنكُم مَّلَٰٓئِكَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَخۡلُفُونَ
Open ayah 43:60ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە زېمىندا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى قىلاتتۇق.
وَإِنَّهُۥ لَعِلۡمٞ لِّلسَّاعَةِ فَلَا تَمۡتَرُنَّ بِهَا وَٱتَّبِعُونِۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
Open ayah 43:61شەكسىزكى، ئۇ (يەنى ئىيسانىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ (يېقىنلاشقانلىقىنىڭ) ئالامىتىدۇر. ئۇنىڭغا ھەرگىز شەك كەلتۈرمەڭلار، (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا دېگىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر.
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
Open ayah 43:62شەيتان سىلەرنى (توغرا يولدىن) توسۇپ قويمىسۇن، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر».
وَلَمَّا جَآءَ عِيسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالَ قَدۡ جِئۡتُكُم بِٱلۡحِكۡمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي تَخۡتَلِفُونَ فِيهِۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
Open ayah 43:63ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) ئېلىپ كەلدىم، سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
Open ayah 43:64شەكسىزكى، ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ توغرا يولدۇر».
فَٱخۡتَلَفَ ٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَيۡنِهِمۡۖ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمٍ أَلِيمٍ
Open ayah 43:65ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پىرقىلەر (ئىيسا توغرىسىدا) ئىختىلاپ قىلىشتى. (قىيامەتتىن ئىبارەت) قىينىغۇچى كۈننىڭ ئازابىدىن زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي!
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
Open ayah 43:66ئۇلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ.
ٱلۡأَخِلَّآءُ يَوۡمَئِذِۭ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلَّا ٱلۡمُتَّقِينَ
Open ayah 43:67بۇ كۈندە دوستلار بىر _ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا بۇنىڭ سىرتىدا.
يَٰعِبَادِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ
Open ayah 43:68(تەقۋادارلارغا): «ئى بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قىلچە قورقۇنچ يوق، سىلەر غەمكىن بولمايسىلەر» (دېيىلىدۇ).
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ مُسۡلِمِينَ
Open ayah 43:69ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى.
ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ
Open ayah 43:70(ئۇلارغا): «سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلار خۇشال _ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).
يُطَافُ عَلَيۡهِم بِصِحَافٖ مِّن ذَهَبٖ وَأَكۡوَابٖۖ وَفِيهَا مَا تَشۡتَهِيهِ ٱلۡأَنفُسُ وَتَلَذُّ ٱلۡأَعۡيُنُۖ وَأَنتُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
Open ayah 43:71ئۇلارغا (نازۇنېمەتلەر تىزىلغان) ئالتۇن لېگەنلەر ۋە (شەربەت تولدۇرۇلغان) ئالتۇن جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار. (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىسىلەر.
وَتِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِيٓ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
Open ayah 43:72سىلەر قىلغان ئەمەلىڭلار يۈزىسىدىن ۋارىس قىلىنغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.
لَكُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ كَثِيرَةٞ مِّنۡهَا تَأۡكُلُونَ
Open ayah 43:73جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر».
إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ
Open ayah 43:74شەكسىزكى، ئۇ (ئىمانسىز) گۇناھكارلار دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
لَا يُفَتَّرُ عَنۡهُمۡ وَهُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ
Open ayah 43:75ئۇلاردىن ئازاب بىردەممۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار ئازاب ئىچىدە (قۇتۇلۇشتىن) ئۈمىدسىزلەنگۈچىلەردۇر.
وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُواْ هُمُ ٱلظَّٰلِمِينَ
Open ayah 43:76ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، ئەمما ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
وَنَادَوۡاْ يَٰمَٰلِكُ لِيَقۡضِ عَلَيۡنَا رَبُّكَۖ قَالَ إِنَّكُم مَّٰكِثُونَ
Open ayah 43:77ئۇلار (دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئەلۋەتتە (بۇ ئازابتا شۇنداق) تۇرۇۋېرىسىلەر» دەيدۇ.
لَقَدۡ جِئۡنَٰكُم بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَكُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ
Open ayah 43:78شەكسىزكى، بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقىقەتنى ياقتۇرمايتتىڭلار.
أَمۡ أَبۡرَمُوٓاْ أَمۡرٗا فَإِنَّا مُبۡرِمُونَ
Open ayah 43:79ئۇلار (پەيغەمبەرگە قارشى) بىرەر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ بىزمۇ چوقۇم (ئۇلارنىڭ جازاسىنى بېرىش ھەققىدە بىر ئىشنى) قارار قىلىمىز.
أَمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّا لَا نَسۡمَعُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيۡهِمۡ يَكۡتُبُونَ
Open ayah 43:80ئۇلار بىزنى ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. (بىز ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە) بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ (قىلمىشلىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ.
قُلۡ إِن كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٞ فَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡعَٰبِدِينَ
Open ayah 43:81(ئى پەيغەمبەر! «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دەيدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر رەھمان ئاللاھنىڭ بالىسى بولسا ئىدى، مەن ئۇنىڭغا (يەنى ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم، (ئەمما ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر)».
سُبۡحَٰنَ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ
Open ayah 43:82ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى (ئاللاھ) ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر.
فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ
Open ayah 43:83ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر (ئۆز باتىللىرىغا) چۆكۈپ ئويناپ تۇرسۇن.
وَهُوَ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّمَآءِ إِلَٰهٞ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَٰهٞۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 43:84(ئاللاھ شۇنداق زاتكى) ئۇ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، يەردىمۇ ئىلاھتۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَتَبَارَكَ ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
Open ayah 43:85ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان زات (ئاللاھ)نىڭ بەرىكىتى كۆپتۇر. قىيامەتنىڭ (ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم پەقەت ئۇنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغىلا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَلَا يَمۡلِكُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 43:86ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (ئۇلارغا) شاپائەت قىلالمايدۇ، پەقەت ھەق دىننى بىلىپ، (ئۇنىڭغا) گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلار شاپائەت قىلالايدۇ).
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَهُمۡ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
Open ayah 43:87(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. (شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
وَقِيلِهِۦ يَٰرَبِّ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ لَّا يُؤۡمِنُونَ
Open ayah 43:88(ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى رەببىم! بۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن (سۆزىنى بىلىپ تۇرىدۇ).
فَٱصۡفَحۡ عَنۡهُمۡ وَقُلۡ سَلَٰمٞۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
Open ayah 43:89(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (ئۇلارغا) «ئامان بولايلى» دېگىن، ئۇلار (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.