الدخان
Ad-Dukhaan
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
حمٓ
Open ayah 44:1ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
Open ayah 44:2روشەن كىتاب (قۇرئان) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىر مۇبارەك كېچىدە (قەدر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى، بىز ھەقىقەتەن (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. [2 _ 3]
إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةٖ مُّبَٰرَكَةٍۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ
Open ayah 44:3روشەن كىتاب (قۇرئان) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىر مۇبارەك كېچىدە (قەدر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى، بىز ھەقىقەتەن (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. [2 _ 3]
فِيهَا يُفۡرَقُ كُلُّ أَمۡرٍ حَكِيمٍ
Open ayah 44:4بۇ كېچىدە (بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى قاتارلىق) ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
أَمۡرٗا مِّنۡ عِندِنَآۚ إِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ
Open ayah 44:5(ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلگەن بۇ ئىشلار) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان بۇيرۇقتۇر، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغان ئىدۇق.
رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
Open ayah 44:6(بۇ) رەببىڭنىڭ رەھمىتىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
Open ayah 44:7ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار (بىلىڭلاركى، ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر.
لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ رَبُّكُمۡ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 44:8ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئۇ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.
بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ يَلۡعَبُونَ
Open ayah 44:9(مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ) بەلكى ئۇلار شەك ئىچىدە ئويناپ يۈرىدۇ.
فَٱرۡتَقِبۡ يَوۡمَ تَأۡتِي ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٖ مُّبِينٖ
Open ayah 44:10(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاسمان ئاشكارا تۈتۈننى ئېلىپ كېلىدىغان كۈننى كۈتكىن.
يَغۡشَى ٱلنَّاسَۖ هَٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٞ
Open ayah 44:11(ئۇ تۈتۈن) ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قىينىغۇچى ئازابتۇر.
رَّبَّنَا ٱكۡشِفۡ عَنَّا ٱلۡعَذَابَ إِنَّا مُؤۡمِنُونَ
Open ayah 44:12(ئۇ چاغدا ئىنسانلار) «ئى رەببىمىز! بىزدىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» (دەيدۇ).
أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكۡرَىٰ وَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مُّبِينٞ
Open ayah 44:13ھالبۇكى، ئۇلارغا (ھەقىقەتنى) ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگۈچى پەيغەمبەر كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، (ئۇنى): «(قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەنگەن، مەجنۇن ئادەم» [121] دېگەن تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن؟ [13 _ 14]
- يەنى مۇھەممەدكە قۇرئاننى كاھىنلار ياكى جىنلار ئۆگەتكەن، ئۇ ئەقلىنى يوقاتقان ئادەمدۇر، ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس، دېمەكچى.
ثُمَّ تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَقَالُواْ مُعَلَّمٞ مَّجۡنُونٌ
Open ayah 44:14ھالبۇكى، ئۇلارغا (ھەقىقەتنى) ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگۈچى پەيغەمبەر كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، (ئۇنى): «(قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەنگەن، مەجنۇن ئادەم» [121] دېگەن تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن؟ [13 _ 14]
- يەنى مۇھەممەدكە قۇرئاننى كاھىنلار ياكى جىنلار ئۆگەتكەن، ئۇ ئەقلىنى يوقاتقان ئادەمدۇر، ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس، دېمەكچى.
إِنَّا كَاشِفُواْ ٱلۡعَذَابِ قَلِيلًاۚ إِنَّكُمۡ عَآئِدُونَ
Open ayah 44:15بىز ئەلۋەتتە ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر چوقۇم (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر.
يَوۡمَ نَبۡطِشُ ٱلۡبَطۡشَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ
Open ayah 44:16بىز شىددەت بىلەن تۇتىدىغان كۈندە ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئالغۇچىمىز.
۞وَلَقَدۡ فَتَنَّا قَبۡلَهُمۡ قَوۡمَ فِرۡعَوۡنَ وَجَآءَهُمۡ رَسُولٞ كَرِيمٌ
Open ayah 44:17بىز ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)دىن ئىلگىرى پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى ھەقىقەتەن سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا بىر ئېسىل پەيغەمبەر (مۇسا) كەلگەن ئىدى.
أَنۡ أَدُّوٓاْ إِلَيَّ عِبَادَ ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
Open ayah 44:18(مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى): «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى (ئىسرائىل ئەۋلادى)نى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئىشەنچلىك پەيغەمبەرمەن.
وَأَن لَّا تَعۡلُواْ عَلَى ٱللَّهِۖ إِنِّيٓ ءَاتِيكُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
Open ayah 44:19ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق مۆجىزە بىلەن كەلدىم.
وَإِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمۡ أَن تَرۡجُمُونِ
Open ayah 44:20مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى چالما _ كېسەك (قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلار)دىن پاناھ تىلەيمەن.
وَإِن لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ لِي فَٱعۡتَزِلُونِ
Open ayah 44:21ئەگەر سىلەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار، مېنى (ئۆز ھالىمغا) قۇيۇۋېتىڭلار».
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ مُّجۡرِمُونَ
Open ayah 44:22مۇسا: «بۇلار ھەقىقەتەن گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ رەببىگە ئىلتىجا قىلدى.
فَأَسۡرِ بِعِبَادِي لَيۡلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
Open ayah 44:23(ئاللاھ ئېيتتى): «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، چۈنكى قوغلىغۇچىلار ئارقاڭلارغا چۈشىدۇ.
وَٱتۡرُكِ ٱلۡبَحۡرَ رَهۡوًاۖ إِنَّهُمۡ جُندٞ مُّغۡرَقُونَ
Open ayah 44:24دېڭىزنى سۈيى يېرىلغان پېتى قويغىن. چۈنكى، ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان قوشۇندۇر».
كَمۡ تَرَكُواْ مِن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
Open ayah 44:25ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى، ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. [25 _ 27]
وَزُرُوعٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ
Open ayah 44:26ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى، ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. [25 _ 27]
وَنَعۡمَةٖ كَانُواْ فِيهَا فَٰكِهِينَ
Open ayah 44:27ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى، ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. [25 _ 27]
كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ
Open ayah 44:28ئىش ئەنە شۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىگە باشقىلارنى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ۋارىس قىلدۇق.
فَمَا بَكَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَا كَانُواْ مُنظَرِينَ
Open ayah 44:29ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
وَلَقَدۡ نَجَّيۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ
Open ayah 44:30شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى، پىرئەۋن چوڭچىلىق قىلغۇچى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. [30 _ 31]
مِن فِرۡعَوۡنَۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيٗا مِّنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ
Open ayah 44:31شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى، پىرئەۋن چوڭچىلىق قىلغۇچى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. [30 _ 31]
وَلَقَدِ ٱخۡتَرۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ عِلۡمٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 44:32شەكسىزكى، بىز (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ، ئۇلارنى (ئۆز زامانىسىدىكى) جاھان ئەھلىدىن (ئارتۇق قىلىپ) تاللىدۇق.
وَءَاتَيۡنَٰهُم مِّنَ ٱلۡأٓيَٰتِ مَا فِيهِ بَلَٰٓؤٞاْ مُّبِينٌ
Open ayah 44:33ئۇلارغا روشەن سىناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق.
إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ
Open ayah 44:34بۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: «بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، تىرىلمەيمىز. ئەگەر (ئاخىرەتتە تىرىلىمىز دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار». [34 _ 36]
إِنۡ هِيَ إِلَّا مَوۡتَتُنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُنشَرِينَ
Open ayah 44:35بۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: «بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، تىرىلمەيمىز. ئەگەر (ئاخىرەتتە تىرىلىمىز دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار». [34 _ 36]
فَأۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 44:36بۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: «بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، تىرىلمەيمىز. ئەگەر (ئاخىرەتتە تىرىلىمىز دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار». [34 _ 36]
أَهُمۡ خَيۡرٌ أَمۡ قَوۡمُ تُبَّعٖ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ
Open ayah 44:37ئۇلار كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۇببە[122] قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى، ئۇلار گۇناھكارلار ئىدى.
- تۇببە- مىلادىيەدىن ئىلگىرى ھازىرقى يەمەندە قۇرۇلغان كۈچلۈك بىر پادىشاھلىقنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلار ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى سەۋەبلىك تۇببە (باغلىغۇچى) دەپ ئاتالغان. بۇ دۆلەت مىلادىيە 400- يىلىدا ئېپوپىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ
Open ayah 44:38ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكاردىن - بىكار ياراتقىنىمىز يوق.
مَا خَلَقۡنَٰهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
Open ayah 44:39ئۇلارنى بىز پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ مِيقَٰتُهُمۡ أَجۡمَعِينَ
Open ayah 44:40شەكسىزكى، (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان) قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى توپلاشقا بەلگىلەنگە ۋاقىتتۇر.
يَوۡمَ لَا يُغۡنِي مَوۡلًى عَن مَّوۡلٗى شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
Open ayah 44:41ئۇ كۈندە دوست دوستقا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
Open ayah 44:42پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ
Open ayah 44:43زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن ھەربىر گۇناھكارنىڭ تامىقىدۇر. [43 _ 44]
طَعَامُ ٱلۡأَثِيمِ
Open ayah 44:44زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن ھەربىر گۇناھكارنىڭ تامىقىدۇر. [43 _ 44]
كَٱلۡمُهۡلِ يَغۡلِي فِي ٱلۡبُطُونِ
Open ayah 44:45ئۇ ئېرىتىلگەن مەدەندەك (قىزىق)تۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناق سۇ قاينىغاندەك قاينايدۇ. [45 _ 46]
كَغَلۡيِ ٱلۡحَمِيمِ
Open ayah 44:46ئۇ ئېرىتىلگەن مەدەندەك (قىزىق)تۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناق سۇ قاينىغاندەك قاينايدۇ. [45 _ 46]
خُذُوهُ فَٱعۡتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 44:47(دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناق سۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار!» (دېيىلىدۇ). [47 _ 48]
ثُمَّ صُبُّواْ فَوۡقَ رَأۡسِهِۦ مِنۡ عَذَابِ ٱلۡحَمِيمِ
Open ayah 44:48(دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناق سۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار!» (دېيىلىدۇ). [47 _ 48]
ذُقۡ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡكَرِيمُ
Open ayah 44:49(ئۇنىڭغا): «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك بىرى ئىدىڭ.
إِنَّ هَٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمۡتَرُونَ
Open ayah 44:50شەكسىزكى، بۇ (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن ئازابتۇر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٖ
Open ayah 44:51تەقۋادارلار ئەلۋەتتە بىخەتەر جايدا بولىدۇ.
فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ
Open ayah 44:52باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
يَلۡبَسُونَ مِن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَقَٰبِلِينَ
Open ayah 44:53ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر _ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ.
كَذَٰلِكَ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ
Open ayah 44:54ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىززەتلەيمىز، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز.
يَدۡعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ
Open ayah 44:55ئۇلار جەننەتتە خاتىرجەم ھالدا (كۆڭلى تارتقان) ھەر خىل مېۋىلەرنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ.
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلۡمَوۡتَ إِلَّا ٱلۡمَوۡتَةَ ٱلۡأُولَىٰۖ وَوَقَىٰهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 44:56ئۇلار تۇنجى ئۆلۈمدىن باشقا جەننەتتە ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغاندۇر.
فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكَۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 44:57(بۇلار) رەببىڭ تەرىپىدىن (بېرىلگەن) ئىنئامدۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
فَإِنَّمَا يَسَّرۡنَٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
Open ayah 44:58(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭدا (نازىل قىلىپ، ئۇنىڭ لەۋزىنى ۋە مەنىسىنى) قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
فَٱرۡتَقِبۡ إِنَّهُم مُّرۡتَقِبُونَ
Open ayah 44:59سەن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە كۈتمەكتە.