الجاثية

Al-Jaathiya

Crouching · Surah 45 · Ayahs: 37 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ

    Open ayah 45:2

    بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

  3. إِنَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

    Open ayah 45:3

    شەكسىزكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  4. وَفِي خَلۡقِكُمۡ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ

    Open ayah 45:4

    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانلىقلاردا (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  5. وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزۡقٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

    Open ayah 45:5

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ ئاسماندىن (ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان) يامغۇرنى ياغدۇرۇپ، (قۇرغاقچىلىقتىن) ئۆلگەن زېمىننى ئۇنىڭ بىلەن تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  6. تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَ ٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ يُؤۡمِنُونَ

    Open ayah 45:6

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئۇنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەي، قانداق سۆزگە ئىشىنىدىغاندۇ؟

  7. وَيۡلٞ لِّكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٖ

    Open ayah 45:7

    ھەربىر يالغانچى گۇناھكارنىڭ ھالىغا ۋاي!

  8. يَسۡمَعُ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٖ

    Open ayah 45:8

    ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ھېچ ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن «خۇش خەۋەر» بەرگىن.

  9. وَإِذَا عَلِمَ مِنۡ ءَايَٰتِنَا شَيۡـًٔا ٱتَّخَذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ

    Open ayah 45:9

    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا، ئۇنى مەسخىرە ماۋزۇسى قىلىۋالىدۇ. ئەنە شۇلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.

  10. مِّن وَرَآئِهِمۡ جَهَنَّمُۖ وَلَا يُغۡنِي عَنۡهُم مَّا كَسَبُواْ شَيۡـٔٗا وَلَا مَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٌ 

    Open ayah 45:10

    ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان) جەھەننەم تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە مەدەتكار قىلىۋالغان نەرسىلىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.

  11. هَٰذَا هُدٗىۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَهُمۡ عَذَابٞ مِّن رِّجۡزٍ أَلِيمٌ

    Open ayah 45:11

    بۇ (قۇرئان) ھىدايەتتۇر. رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا ئەڭ قىينىغۇچى ئازاب بار.

  12. ۞ٱللَّهُ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡبَحۡرَ لِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ فِيهِ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

    Open ayah 45:12

    ئاللاھ ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە (ئۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.

  13. وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مِّنۡهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

    Open ayah 45:13

    ئاللاھ سىلەرگە ئۆز پەزلىدىن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.

  14. قُل لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَغۡفِرُواْ لِلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ أَيَّامَ ٱللَّهِ لِيَجۡزِيَ قَوۡمَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

    Open ayah 45:14

    (ئى پەيغەمبەر!) ئىمان ئېيتقانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەربىر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ (مۇكاپات ۋە جازا) كۈنلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايغانلار (نىڭ ئەزىيەتلىرى)نى كەچۈرۈپ تۇرسۇن.

  15. مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ تُرۡجَعُونَ

    Open ayah 45:15

    كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر. ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

  16. وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 45:16

    شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب، ھۆكۈم ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەردىن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.

  17. وَءَاتَيۡنَٰهُم بَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِۖ فَمَا ٱخۡتَلَفُوٓاْ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ

    Open ayah 45:17

    بىز ئۇلارغا (ھالال – ھارام) ئىشىدا روشەن شەرىئەت ئاتا قىلدۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. شەكسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

  18. ثُمَّ جَعَلۡنَٰكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِ فَٱتَّبِعۡهَا وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 45:18

    ئاندىن كېيىن، (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، (ھەقىقەتنى) بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.

  19. إِنَّهُمۡ لَن يُغۡنُواْ عَنكَ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۚ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۖ وَٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلۡمُتَّقِينَ

    Open ayah 45:19

    شەكسىزكى، ئۇلار ئاللاھتىن (كېلىدىغان) ھېچبىر نەرسىنى سەندىن توسۇپ قالالمايدۇ. شەكسىزكى، زالىملار بىر _ بىرىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر.

  20. هَٰذَا بَصَٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ 

    Open ayah 45:20

    بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىپ بىرىدىغان ) روشەن پاكىتلاردۇر، (ھەق ئىكەنلىكىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.

  21. أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجۡتَرَحُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجۡعَلَهُمۡ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَوَآءٗ مَّحۡيَاهُمۡ وَمَمَاتُهُمۡۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ

    Open ayah 45:21

    يامان ئىشلارنى قىلغانلار بىزنىڭ ئۆزلىرىنى ھاياتلىقىدا ۋە ئۆلگىنىدە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!

  22. وَخَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَلِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

    Open ayah 45:22

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. (بۇ) ھەربىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلىنماستىن، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر.

  23. أَفَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلۡمٖ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمۡعِهِۦ وَقَلۡبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةٗ فَمَن يَهۡدِيهِ مِنۢ بَعۡدِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

    Open ayah 45:23

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى) بىلىپ ئازغۇنلۇقتا قويغان، قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ (ئازغۇنلۇقىدا قويغان)دىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالمامسىلەر؟

  24. وَقَالُواْ مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا يُهۡلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهۡرُۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ

    Open ayah 45:24

    ئۇلار: «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، بىزنى پەقەت زامانلا يوق قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت خىيالىغا كەلگەنچە سۆزلەيدۇ.

  25. وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 45:25

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكىلىپ بېقىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.

  26. قُلِ ٱللَّهُ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يَجۡمَعُكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

    Open ayah 45:26

    (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن قىلچە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ».

  27. وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَخۡسَرُ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

    Open ayah 45:27

    ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان شۇ كۈندە (ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) كاپىرلار زىيان تارتىدۇ.

  28. وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٖ جَاثِيَةٗۚ كُلُّ أُمَّةٖ تُدۡعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَٰبِهَا ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 45:28

    (ئۇ كۈندە) ھەربىر ئۈممەتنى تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە _ ئەمەلىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىلىدۇ، ھەمدە (ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەر ئەمەلىڭلارغا يارىشا (مۇكاپات ياكى جازادىن) تېگىشلىك بولغاننى ئالىسىلەر» (دېيىلىدۇ).

  29. هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيۡكُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّا كُنَّا نَسۡتَنسِخُ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

    Open ayah 45:29

    بۇ (نامە _ ئەمەل) سىلەرگە (بارلىق قىلمىشىڭلارنى) راستچىللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىدىغان كىتابىمىزدۇر. شەكسىزكى، بىز قىلمىشىڭلارنى (ئۇنىڭغا) يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق.

  30. فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُدۡخِلُهُمۡ رَبُّهُمۡ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ 

    Open ayah 45:30

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ ئوپئوچۇق مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

  31. وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَفَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ وَكُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

    Open ayah 45:31

    كاپىر بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، سىلەر چوڭچىلىق قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟ سىلەر(ئەسلىدە) گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار.

  32. وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيۡبَ فِيهَا قُلۡتُم مَّا نَدۡرِي مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ

    Open ayah 45:32

    (سىلەرگە) ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ بولۇشىدا ھېچ شەك يوق› دېيىلسە، سىلەر: ‹قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز (ئۇنىڭ بولۇشنى) پەقەتلا گۇمان قىلىمىز، (ئەمما ئۇنىڭغا) بىز چىن ئىشەنمەيمىز› دېدىڭلار» (دېيىلىدۇ).

  33. وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 45:33

    ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ.

  34. وَقِيلَ ٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰكُمۡ كَمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ

    Open ayah 45:34

    (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (دوزاختا تەرك ئېتىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچىمۇ بولمايدۇ.

  35. ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗا وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُخۡرَجُونَ مِنۡهَا وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ

    Open ayah 45:35

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە ماۋزۇسى قىلىۋالغان ئىدىڭلار ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكى سىلەرنى ئالدىغان ئىدى». بۇ كۈندە ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (ئاللاھنى) رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.

  36. فَلِلَّهِ ٱلۡحَمۡدُ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

    Open ayah 45:36

    جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!

  37. وَلَهُ ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

    Open ayah 45:37

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى (تەڭداشسىز) ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.