الأحقاف

Al-Ahqaf

The Dunes · Surah 46 · Ayahs: 35 · Meccan

Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

  1. ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).

  2. تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ

    Open ayah 46:2

    (بۇ) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.

  3. مَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَمَّآ أُنذِرُواْ مُعۡرِضُونَ

    Open ayah 46:3

    ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ۋە مۇئەييەن بىر مۇددەتكىچە (داۋام قىلىدىغان قىلىپ) ياراتتۇق. كاپىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.

  4. قُلۡ أَرَءَيۡتُم مَّا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُواْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ لَهُمۡ شِرۡكٞ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِۖ ٱئۡتُونِي بِكِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ هَٰذَآ أَوۡ أَثَٰرَةٖ مِّنۡ عِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

    Open ayah 46:4

    (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار (نىڭ نېمە قىلغانلىقى)نى ئېيتىپ بېرىڭلار، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلارچۇ، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى بۆلىكىنى يارىتىپتىكەن؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە يارىتىپتىكەنمۇ؟ ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرنى قوللاپ نازىل قىلىنغان) بىرەر كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان بىرەر ئىلىم بولسا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار».

  5. وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّن يَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَن لَّا يَسۡتَجِيبُ لَهُۥٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَهُمۡ عَن دُعَآئِهِمۡ غَٰفِلُونَ

    Open ayah 46:5

    ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگىچىلىك ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ دۇئا قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىزدۇر.

  6. وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُواْ لَهُمۡ أَعۡدَآءٗ وَكَانُواْ بِعِبَادَتِهِمۡ كَٰفِرِينَ

    Open ayah 46:6

    ئىنسانلار (قىيامەت مەيدانىغا) توپلانغان چاغدا، ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا دۈشمەن بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.

  7. وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٌ

    Open ayah 46:7

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق (قۇرئان)نى: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.

  8. أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ إِنِ ٱفۡتَرَيۡتُهُۥ فَلَا تَمۡلِكُونَ لِي مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِۚ كَفَىٰ بِهِۦ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۖ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

    Open ayah 46:8

    ياكى ئۇلار (مۇھەممەد) ئۇنى ئۆزى توقۇپ چىقتى دېيىشەمدۇ؟ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھتىن (كېلىدىغان ئازابنىڭ) ھېچبىرىنى توسۇپ قالالمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».

  9. قُلۡ مَا كُنتُ بِدۡعٗا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدۡرِي مَا يُفۡعَلُ بِي وَلَا بِكُمۡۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ

    Open ayah 46:9

    ئېيتقىنكى، «مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».

  10. قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرۡتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثۡلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ 

    Open ayah 46:10

    ئېيتقىنكى، «سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، بۇ (قۇرئان) ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن تۇرسا، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقان تۇرسا، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (سىلەر ئوپئوچۇق ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان بولمامسىلەر؟). شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».

  11. وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡ كَانَ خَيۡرٗا مَّا سَبَقُونَآ إِلَيۡهِۚ وَإِذۡ لَمۡ يَهۡتَدُواْ بِهِۦ فَسَيَقُولُونَ هَٰذَآ إِفۡكٞ قَدِيمٞ

    Open ayah 46:11

    كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا قارىتا: «ئەگەر (بۇ قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا (ئىمان ئېيتىشتا) ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتمىگەن بولاتتى» دېدى. ئۇلار ئۇ (قۇرئان) بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمىي ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ.

  12. وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةٗۚ وَهَٰذَا كِتَٰبٞ مُّصَدِّقٞ لِّسَانًا عَرَبِيّٗا لِّيُنذِرَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُحۡسِنِينَ

    Open ayah 46:12

    قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن كىتاب (تەۋرات) يېتەكچى ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ (قۇرئان) ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىقلىغۇچىدۇر، زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش، (ئەمەل _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن (نازىل قىلىنغاندۇر).

  13. إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

    Open ayah 46:13

    «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توپتوغرا يولدا بولغانلارغا شەكسىزكى، (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.

  14. أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

    Open ayah 46:14

    ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.

  15. وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ إِحۡسَٰنًاۖ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ كُرۡهٗا وَوَضَعَتۡهُ كُرۡهٗاۖ وَحَمۡلُهُۥ وَفِصَٰلُهُۥ ثَلَٰثُونَ شَهۡرًاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗ قَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَصۡلِحۡ لِي فِي ذُرِّيَّتِيٓۖ إِنِّي تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَإِنِّي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ

    Open ayah 46:15

    بىز ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىق خىزمەتلەرنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ _ قۇۋۋەتكە تولۇپ، قىرىق ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «ئى رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا _ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشىمنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن ئەۋلادلىرىمنى تۈزىگىن (يەنى ياخشى كىشىلەردىن قىلىپ بەرگىن)، مەن راستتىنلا ساڭا تەۋبە قىلدىم، شەكسىزكى، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دەيدۇ.

  16. أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنۡهُمۡ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّـَٔاتِهِمۡ فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلۡجَنَّةِۖ وَعۡدَ ٱلصِّدۡقِ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ

    Open ayah 46:16

    ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇ ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.

  17. وَٱلَّذِي قَالَ لِوَٰلِدَيۡهِ أُفّٖ لَّكُمَآ أَتَعِدَانِنِيٓ أَنۡ أُخۡرَجَ وَقَدۡ خَلَتِ ٱلۡقُرُونُ مِن قَبۡلِي وَهُمَا يَسۡتَغِيثَانِ ٱللَّهَ وَيۡلَكَ ءَامِنۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ فَيَقُولُ مَا هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

    Open ayah 46:17

    بەزىلەر (ئۆزىنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان) ئاتا _ ئانىسىغا: «ۋاي _ ۋۇي! سىلەر مېنى (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ قەبرەڭدىن) چىقىرىلىسەن دەپ قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىنسانلار ئۆتتى (ئۇلاردىن كىم تىرىلىپتۇ؟)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ، (ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) تىلەپ، (ئۇنىڭغا): «ئىسىت ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر» دېگەندە، ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋۋالقىلاردىن قالغان بىر ئەپسانىدۇر» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىدا (ئاللاھنىڭ ئازابلايدىغانلىقى ھەققىدىكى) ھۆكمى تېگىشلىك بولدى. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. [17 _ 18]

  18. أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ

    Open ayah 46:18

    بەزىلەر (ئۆزىنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان) ئاتا _ ئانىسىغا: «ۋاي _ ۋۇي! سىلەر مېنى (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ قەبرەڭدىن) چىقىرىلىسەن دەپ قورقۇتۇۋاتامسىلەر؟ مەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىنسانلار ئۆتتى (ئۇلاردىن كىم تىرىلىپتۇ؟)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ، (ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) تىلەپ، (ئۇنىڭغا): «ئىسىت ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەلۋەتتە ھەقتۇر» دېگەندە، ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋۋالقىلاردىن قالغان بىر ئەپسانىدۇر» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىدا (ئاللاھنىڭ ئازابلايدىغانلىقى ھەققىدىكى) ھۆكمى تېگىشلىك بولدى. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. [17 _ 18]

  19. وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۖ وَلِيُوَفِّيَهُمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

    Open ayah 46:19

    ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى) ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلماستىن تولۇق بېرىشى ئۈچۈندۇر.

  20. وَيَوۡمَ يُعۡرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَلَى ٱلنَّارِ أَذۡهَبۡتُمۡ طَيِّبَٰتِكُمۡ فِي حَيَاتِكُمُ ٱلدُّنۡيَا وَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهَا فَٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَسۡتَكۡبِرُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَفۡسُقُونَ 

    Open ayah 46:20

    كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا بەھرىمەن بولۇپ تۈگىتىپ بولدۇڭلار. سىلەر يەر يۈزىدە ئورۇنسىز چوڭچىلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر».

  21. ۞وَٱذۡكُرۡ أَخَا عَادٍ إِذۡ أَنذَرَ قَوۡمَهُۥ بِٱلۡأَحۡقَافِ وَقَدۡ خَلَتِ ٱلنُّذُرُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦٓ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ

    Open ayah 46:21

    (ئى پەيغەمبەر!) ئاد قەۋمىنىڭ قېرىندىشى (ھۇد)نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر)دىكى قەۋمنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن ئىدى. (ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ): «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن راستتىنلا سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېگەن ئىدى.

  22. قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَأۡفِكَنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

    Open ayah 46:22

    ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بىزگە بىزنى قورقۇتۇۋاتقان (شۇ) ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.

  23. قَالَ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَأُبَلِّغُكُم مَّآ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦ وَلَٰكِنِّيٓ أَرَىٰكُمۡ قَوۡمٗا تَجۡهَلُونَ

    Open ayah 46:23

    ھۇد: «(ئازابنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى) مەلۇمات پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن سىلەرگە پەقەت ماڭا كەلگەن ۋەھيىنىلا يەتكۈزىمەن. ئەمما مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى نادان قەۋم دەپ قارايمەن» دېدى.

  24. فَلَمَّا رَأَوۡهُ عَارِضٗا مُّسۡتَقۡبِلَ أَوۡدِيَتِهِمۡ قَالُواْ هَٰذَا عَارِضٞ مُّمۡطِرُنَاۚ بَلۡ هُوَ مَا ٱسۡتَعۡجَلۡتُم بِهِۦۖ رِيحٞ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٞ

    Open ayah 46:24

    ئۇلار (ئازابنى كۆتۈرۈپ كەلگەن) بۇلۇتنى ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسى تەرەپكە سۈرۈلۈۋاتقان ھالدا كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر تېزرەك كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ ئىچىدە قىينىغۇچى ئازاب بولغان بوراندۇر.

  25. تُدَمِّرُ كُلَّ شَيۡءِۭ بِأَمۡرِ رَبِّهَا فَأَصۡبَحُواْ لَا يُرَىٰٓ إِلَّا مَسَٰكِنُهُمۡۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

    Open ayah 46:25

    ئۇ (بوران) رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن (ئۇلار ھالاك بولۇپ، ئۇ يەردە) ئۇلارنىڭ (خارابىگە ئايلانغان) ئۆي _ ماكانلىرىدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.

  26. وَلَقَدۡ مَكَّنَّٰهُمۡ فِيمَآ إِن مَّكَّنَّٰكُمۡ فِيهِ وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ سَمۡعٗا وَأَبۡصَٰرٗا وَأَفۡـِٔدَةٗ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُمۡ سَمۡعُهُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُهُمۡ وَلَآ أَفۡـِٔدَتُهُم مِّن شَيۡءٍ إِذۡ كَانُواْ يَجۡحَدُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

    Open ayah 46:26

    شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى سىلەرگە بەرمىگەن(كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە بايلىق قاتارلىق) نەرسىلەرگە ئىگە قىلغان ئىدۇق. ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە قەلبلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالدى.

  27. وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا مَا حَوۡلَكُم مِّنَ ٱلۡقُرَىٰ وَصَرَّفۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

    Open ayah 46:27

    (ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ، ئايەتلەرنى (ھەرخىل ئۇسۇلدا) قايتا _ قايتا بايان قىلدۇق.

  28. فَلَوۡلَا نَصَرَهُمُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ قُرۡبَانًا ءَالِهَةَۢۖ بَلۡ ضَلُّواْ عَنۡهُمۡۚ وَذَٰلِكَ إِفۡكُهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ

    Open ayah 46:28

    ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) يېقىنلىق ئىزدەيمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى (ئازاب كەلگەن چاغدا) ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاردىن غايىب بولدى. بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دېگەن سۆز) ئۇلارنىڭ (توقۇپ چىقارغان) يالغىنىدۇر ۋە ئويدۇرمىسىدۇر.

  29. وَإِذۡ صَرَفۡنَآ إِلَيۡكَ نَفَرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوٓاْ أَنصِتُواْۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوۡاْ إِلَىٰ قَوۡمِهِم مُّنذِرِينَ

    Open ayah 46:29

    (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى سېنىڭ يېنىڭغا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر _ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشكەن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشقان ئىدى.

  30. قَالُواْ يَٰقَوۡمَنَآ إِنَّا سَمِعۡنَا كِتَٰبًا أُنزِلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٖ مُّسۡتَقِيمٖ 

    Open ayah 46:30

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى كىتابلار)نى تەستىقلايدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتاب (قۇرئان)نى تىڭشىدۇق.

  31. يَٰقَوۡمَنَآ أَجِيبُواْ دَاعِيَ ٱللَّهِ وَءَامِنُواْ بِهِۦ يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُجِرۡكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ

    Open ayah 46:31

    ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ بەزى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلەرنى قىينىغۇچى ئازابتىن ساقلايدۇ.

  32. وَمَن لَّا يُجِبۡ دَاعِيَ ٱللَّهِ فَلَيۡسَ بِمُعۡجِزٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَيۡسَ لَهُۥ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءُۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ

    Open ayah 46:32

    كىمكى ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ئۇ يەر يۈزىدە ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، (ئازاب كەلگەندە) ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇچى چىقمايدۇ. ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر».

  33. أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَلَمۡ يَعۡيَ بِخَلۡقِهِنَّ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

    Open ayah 46:33

    ئۇلار (يەنى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە قادىردۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

  34. وَيَوۡمَ يُعۡرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَلَى ٱلنَّارِ أَلَيۡسَ هَٰذَا بِٱلۡحَقِّۖ قَالُواْ بَلَىٰ وَرَبِّنَاۚ قَالَ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ

    Open ayah 46:34

    كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە: «بۇ راست ئەمەسمىكەن؟» (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارغا): «ئۇنداقتا، ئىنكار قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.

  35. فَٱصۡبِرۡ كَمَا صَبَرَ أُوْلُواْ ٱلۡعَزۡمِ مِنَ ٱلرُّسُلِ وَلَا تَسۡتَعۡجِل لَّهُمۡۚ كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَ مَا يُوعَدُونَ لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّن نَّهَارِۭۚ بَلَٰغٞۚ فَهَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ

    Open ayah 46:35

    (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن، ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا كېلىدىغان ئازابقا) ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن كۈندە، (دۇنيادا) كۈندۈزنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىلا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ (قۇرئان ئىنسان ۋە جىنلار ئۈچۈن) يېتەرلىكتۇر، پەقەت ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.