محمد
Muhammad
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ أَضَلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:1كۇفرىدا چىڭ تۇرغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَءَامَنُواْ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٖ وَهُوَ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡ كَفَّرَ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَأَصۡلَحَ بَالَهُمۡ
Open ayah 47:2ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مۇھەممەدكە رەببىى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتكە چىن ئىشەنگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱتَّبَعُواْ ٱلۡبَٰطِلَ وَأَنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّبَعُواْ ٱلۡحَقَّ مِن رَّبِّهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ أَمۡثَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:3بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىر بولغانلار باتىلغا ئەگەشتى، ئىمان ئېيتقانلار بولسا رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا (بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدىغان) شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
فَإِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَضَرۡبَ ٱلرِّقَابِ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَثۡخَنتُمُوهُمۡ فَشُدُّواْ ٱلۡوَثَاقَ فَإِمَّا مَنَّۢا بَعۡدُ وَإِمَّا فِدَآءً حَتَّىٰ تَضَعَ ٱلۡحَرۡبُ أَوۡزَارَهَاۚ ذَٰلِكَۖ وَلَوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَٱنتَصَرَ مِنۡهُمۡ وَلَٰكِن لِّيَبۡلُوَاْ بَعۡضَكُم بِبَعۡضٖۗ وَٱلَّذِينَ قُتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:4سىلەر (جەڭ مەيدانىدا) كاپىرلار بىلەن ئېلىشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا (قىلىچ بىلەن) ئۇرۇڭلار، سىلەر ئۇلارغا ئېغىر زەربە بېرىپ ھالسىراتقان چاغدا، (ئەسىرگە چۈشگەنلەرنى) مەھكەم باغلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، (كاپىرلار مۇسۇلمان بولغان ياكى سۈلھى بىلەن) ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر ئىش مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلاردىن (مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئۇرۇشسىزمۇ) ئىنتىقام ئېلىپ بېرەتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى بىر _ بىرىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (سىلەرگە جىھادنى پەرز قىلدى). ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
سَيَهۡدِيهِمۡ وَيُصۡلِحُ بَالَهُمۡ
Open ayah 47:5ئاللاھ ئۇلارنى (جەننەتكە) يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ،
وَيُدۡخِلُهُمُ ٱلۡجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمۡ
Open ayah 47:6ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تونۇشتۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَنصُرُواْ ٱللَّهَ يَنصُرۡكُمۡ وَيُثَبِّتۡ أَقۡدَامَكُمۡ
Open ayah 47:7ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا (ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَتَعۡسٗا لَّهُمۡ وَأَضَلَّ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:8كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَرِهُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:9بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)نى يامان كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.
۞أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ دَمَّرَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۖ وَلِلۡكَٰفِرِينَ أَمۡثَٰلُهَا
Open ayah 47:10ئۇلار يەر يۈزىنى كېزىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ مَوۡلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَأَنَّ ٱلۡكَٰفِرِينَ لَا مَوۡلَىٰ لَهُمۡ
Open ayah 47:11بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَتَمَتَّعُونَ وَيَأۡكُلُونَ كَمَا تَأۡكُلُ ٱلۡأَنۡعَٰمُ وَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡ
Open ayah 47:12شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار بولسا (دۇنيا ھاياتىدىن بىرئاز) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ھايۋانلاردەك يەپ _ ئىچىدۇ. (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ.
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةٗ مِّن قَرۡيَتِكَ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَتۡكَ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ فَلَا نَاصِرَ لَهُمۡ
Open ayah 47:13(ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەر (مەككە) نىڭ ئاھالىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى.
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ كَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم
Open ayah 47:14رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ئوپئوچۇق دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟
مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ فِيهَآ أَنۡهَٰرٞ مِّن مَّآءٍ غَيۡرِ ءَاسِنٖ وَأَنۡهَٰرٞ مِّن لَّبَنٖ لَّمۡ يَتَغَيَّرۡ طَعۡمُهُۥ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ خَمۡرٖ لَّذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ عَسَلٖ مُّصَفّٗىۖ وَلَهُمۡ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَمَغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡۖ كَمَنۡ هُوَ خَٰلِدٞ فِي ٱلنَّارِ وَسُقُواْ مَآءً حَمِيمٗا فَقَطَّعَ أَمۡعَآءَهُمۡ
Open ayah 47:15تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمەيدىغان سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابتىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرى بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە _ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟
وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُ إِلَيۡكَ حَتَّىٰٓ إِذَا خَرَجُواْ مِنۡ عِندِكَ قَالُواْ لِلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ مَاذَا قَالَ ءَانِفًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡ
Open ayah 47:16ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ ئارىسىدا سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (مەسخىرە قىلغانلىقتىن): «بىرئاز ئىلگىرى (مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ زَادَهُمۡ هُدٗى وَءَاتَىٰهُمۡ تَقۡوَىٰهُمۡ
Open ayah 47:17ھىدايەت تاپقانلارغا ئاللاھ ھىدايەتنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى تەقۋالىققا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَ أَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ
Open ayah 47:18كاپىرلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزىگە تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شەكسىزكى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. قىيامەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەتنىڭ قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن؟
فَٱعۡلَمۡ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لِذَنۢبِكَ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مُتَقَلَّبَكُمۡ وَمَثۡوَىٰكُمۡ
Open ayah 47:19(ئى پەيغەمبەر!) بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە تۇرىدىغان جايىڭلارنى بىلىدۇ.
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡلَا نُزِّلَتۡ سُورَةٞۖ فَإِذَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ مُّحۡكَمَةٞ وَذُكِرَ فِيهَا ٱلۡقِتَالُ رَأَيۡتَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ نَظَرَ ٱلۡمَغۡشِيِّ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَأَوۡلَىٰ لَهُمۡ
Open ayah 47:20ئىمان ئېيتقانلار: «كاشكى، (جىھاد ھەققىدە) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا ئىدى» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) جىھادتىن سۆز ئېچىلغان، مەزمۇنى ئېنىق بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان چاغدا، دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنىڭ ساڭا ئۆلۈمدىن (قورقۇپ) ھوشىدىن كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن.
طَاعَةٞ وَقَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞۚ فَإِذَا عَزَمَ ٱلۡأَمۡرُ فَلَوۡ صَدَقُواْ ٱللَّهَ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ
Open ayah 47:21ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
فَهَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن تَوَلَّيۡتُمۡ أَن تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَتُقَطِّعُوٓاْ أَرۡحَامَكُمۡ
Open ayah 47:22(ئى مۇناپىقلار!) ئەگەر سىلەر (قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ (جاھىلىيەتكە قايتىپ) يەر يۈزىدە بۇغۇنچىلىق قىلىشىڭلار ۋە تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويۇشۇڭلار مۇقەررەردۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فَأَصَمَّهُمۡ وَأَعۡمَىٰٓ أَبۡصَٰرَهُمۡ
Open ayah 47:23ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ، (ھەق سۆزنى ئاڭلاشتىن) گاس، كۆزلىرىنى (توغرا يولنى كۆرۈشتىن) كور قىلىپ قويدى.
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ
Open ayah 47:24ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱرۡتَدُّواْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡهُدَى ٱلشَّيۡطَٰنُ سَوَّلَ لَهُمۡ وَأَمۡلَىٰ لَهُمۡ
Open ayah 47:25شەكسىزكى، ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن (ئىماندىن) يېنىۋالغانلارغا شەيتان (مۇرتەدلىكنى) چىرايلىق كۆرسەتتى ۋە (شېرىن ئارزۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لِلَّذِينَ كَرِهُواْ مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ سَنُطِيعُكُمۡ فِي بَعۡضِ ٱلۡأَمۡرِۖ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِسۡرَارَهُمۡ
Open ayah 47:26بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرىدىغانلارغا (يەھۇدىيلارغا): «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
فَكَيۡفَ إِذَا تَوَفَّتۡهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ
Open ayah 47:27پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولار؟
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱتَّبَعُواْ مَآ أَسۡخَطَ ٱللَّهَ وَكَرِهُواْ رِضۡوَٰنَهُۥ فَأَحۡبَطَ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:28بۇ (ئازاب)نىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىلەرگە ئەگەشتى ۋە ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ياقتۇرمىدى. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى.
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخۡرِجَ ٱللَّهُ أَضۡغَٰنَهُمۡ
Open ayah 47:29دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاللاھ ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
وَلَوۡ نَشَآءُ لَأَرَيۡنَٰكَهُمۡ فَلَعَرَفۡتَهُم بِسِيمَٰهُمۡۚ وَلَتَعۡرِفَنَّهُمۡ فِي لَحۡنِ ٱلۡقَوۡلِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ أَعۡمَٰلَكُمۡ
Open ayah 47:30(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى چوقۇم ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىدىن تونۇيتتىڭ. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى سۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَلَنَبۡلُوَنَّكُمۡ حَتَّىٰ نَعۡلَمَ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰبِرِينَ وَنَبۡلُوَاْ أَخۡبَارَكُمۡ
Open ayah 47:31بىز سىلەرنى تاكى ئاراڭلاردىن جىھادقا چىققۇچىلارنى ۋە بەرداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە (ئوتتۇرىغا چىقارغانغا) ۋە ئەھۋالىڭلارنى تولۇق ئاشكارا قىلغانغا قەدەر ئەلۋەتتە (جىھاد ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشەققەتلىك ئەمەللەر بىلەن) سىنايمىز.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَشَآقُّواْ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡهُدَىٰ لَن يَضُرُّواْ ٱللَّهَ شَيۡـٔٗا وَسَيُحۡبِطُ أَعۡمَٰلَهُمۡ
Open ayah 47:32شەكسىزكى، ئۆزلىرىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ۋە پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَلَا تُبۡطِلُوٓاْ أَعۡمَٰلَكُمۡ
Open ayah 47:33ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ مَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٞ فَلَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡ
Open ayah 47:34شەكسىزكى، كاپىر بولغان، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ.
فَلَا تَهِنُواْ وَتَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱلسَّلۡمِ وَأَنتُمُ ٱلۡأَعۡلَوۡنَ وَٱللَّهُ مَعَكُمۡ وَلَن يَتِرَكُمۡ أَعۡمَٰلَكُمۡ
Open ayah 47:35(ئى ئىمان ئېيتقانلار! جىھاد مەيدانىدا) بوشىشىپ قالماڭلار، سىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تۇرۇپ (دۈشمەننى) سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ ئەمەلىڭلار (نىڭ ساۋابى)نى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
إِنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۚ وَإِن تُؤۡمِنُواْ وَتَتَّقُواْ يُؤۡتِكُمۡ أُجُورَكُمۡ وَلَا يَسۡـَٔلۡكُمۡ أَمۡوَٰلَكُمۡ
Open ayah 47:36دۇنيا ھاياتى پەقەت پەقەت ئويۇن _ تاماشا ۋە بىخۇدلۇقتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجىرىڭلارنى بېرىدۇ، سىلەردىن پۇل _ مېلىڭلار (نىڭ ھەممىسى)نى تەلەپ قىلمايدۇ (بەلكى مەلۇم مىقدارىنى تەلەپ قىلىدۇ).
إِن يَسۡـَٔلۡكُمُوهَا فَيُحۡفِكُمۡ تَبۡخَلُواْ وَيُخۡرِجۡ أَضۡغَٰنَكُمۡ
Open ayah 47:37ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن پۇل _ مېلىڭلار (نىڭ ھەممىسى)نى تەلەپ قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قويسا، سىلەر بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا بولغان) ئۆچلۈكۈڭلارنى ئاشكارىلايدۇ.
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تُدۡعَوۡنَ لِتُنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَمِنكُم مَّن يَبۡخَلُۖ وَمَن يَبۡخَلۡ فَإِنَّمَا يَبۡخَلُ عَن نَّفۡسِهِۦۚ وَٱللَّهُ ٱلۡغَنِيُّ وَأَنتُمُ ٱلۡفُقَرَآءُۚ وَإِن تَتَوَلَّوۡاْ يَسۡتَبۡدِلۡ قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ ثُمَّ لَا يَكُونُوٓاْ أَمۡثَٰلَكُم
Open ayah 47:38(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل _ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار. كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، بېخىللىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ. ئاللاھ (ھېچ نەرسىگە) موھتاج ئەمەستۇر، سىلەر بولساڭلار ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.