الفتح
Al-Fath
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِنَّا فَتَحۡنَا لَكَ فَتۡحٗا مُّبِينٗا
Open ayah 48:1(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى، ساڭا ناھايىتى كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق. [1 _ 3]
لِّيَغۡفِرَ لَكَ ٱللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنۢبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَيَهۡدِيَكَ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
Open ayah 48:2(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى، ساڭا ناھايىتى كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق. [1 _ 3]
وَيَنصُرَكَ ٱللَّهُ نَصۡرًا عَزِيزًا
Open ayah 48:3(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى، ساڭا ناھايىتى كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق. [1 _ 3]
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ لِيَزۡدَادُوٓاْ إِيمَٰنٗا مَّعَ إِيمَٰنِهِمۡۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
Open ayah 48:4ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىك سالغان زاتتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ئەزەلدىن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لِّيُدۡخِلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِندَ ٱللَّهِ فَوۡزًا عَظِيمٗا
Open ayah 48:5مۇئمىن ئەرلەرنى ۋە مۇئمىن ئاياللارنى (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن (بىز ساڭا ئوپئوچۇق غەلىبە ئاتا قىلدۇق). مانا بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ ٱلظَّآنِّينَ بِٱللَّهِ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۖ وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَلَعَنَهُمۡ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرٗا
Open ayah 48:6(شۇنداقلا) ئاللاھ توغرۇلۇق يامان ئويلاردا بولغان مۇناپىق ئەرلەرنى ۋە مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش ئۈچۈندۇر. يامان ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
وَلِلَّهِ جُنُودُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
Open ayah 48:7ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ شَٰهِدٗا وَمُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
Open ayah 48:8(ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، بىز سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
لِّتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُۚ وَتُسَبِّحُوهُ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلًا
Open ayah 48:9(ئى ئىنسانلار! بۇ) سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار، ئۇ پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىشىڭلار، ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭلار ۋە ئەتىگەن _ ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
Open ayah 48:10شەكسىزكى، (ئى پەيغەمبەر! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئۇنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
سَيَقُولُ لَكَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ شَغَلَتۡنَآ أَمۡوَٰلُنَا وَأَهۡلُونَا فَٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَاۚ يَقُولُونَ بِأَلۡسِنَتِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ ضَرًّا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ نَفۡعَۢاۚ بَلۡ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرَۢا
Open ayah 48:11سەھرالىق ئەرەبلەردىن (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز ۋە بالىچاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ چىقالمىدۇق، سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ، ئۇلار دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىنىڭ (ئۇچىدىلا) دەپ قويىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى بىرەر پايدىنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ (ئىرادىسى) ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن كىم بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
بَلۡ ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَنقَلِبَ ٱلرَّسُولُ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِلَىٰٓ أَهۡلِيهِمۡ أَبَدٗا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمۡ وَظَنَنتُمۡ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِ وَكُنتُمۡ قَوۡمَۢا بُورٗا
Open ayah 48:12(ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس) بەلكى سىلەر: پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر (جەڭدە ئۆلۈپ) ئۆز ئۆيلىرىگە مەڭگۈ قايتالمايدۇ، دەپ ئويلىدىڭلار، بۇ (ئويۇڭلار) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق كۆرۈندى. سىلەر (ئۇلار ھەققىدە) يامان ئويدا بولدۇڭلار _ دە، ھالاك بولغۇچى قەۋم بولۇپ قالدىڭلار».
وَمَن لَّمۡ يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ فَإِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَعِيرٗا
Open ayah 48:13كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن، شەكسىزكى، بىز (بۇنداق) كاپىرلارغا يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتنى تەييارلىدۇق.
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
Open ayah 48:14ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزەلدىن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
سَيَقُولُ ٱلۡمُخَلَّفُونَ إِذَا ٱنطَلَقۡتُمۡ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأۡخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعۡكُمۡۖ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُواْ كَلَٰمَ ٱللَّهِۚ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمۡ قَالَ ٱللَّهُ مِن قَبۡلُۖ فَسَيَقُولُونَ بَلۡ تَحۡسُدُونَنَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَفۡقَهُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
Open ayah 48:15(ھۇدەيبىيەدىن) قېلىپ قالغانلار سىلەر غەنىيمەت ئالغىلى ماڭغاندا: «رۇخسەت قىلىڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەرنىڭ غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنىڭ بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى سىلەر توغرۇلۇق مۇشۇنداق دېگەن» دېسەڭ، ئۇلار: «ياق (ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. (ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس)، ئەكسىچە ئۇلار (دىننىڭ ئەھكاملىرىنىڭ) پەقەت ئاز قىسمىنىلا چۈشىنىدۇ.
قُل لِّلۡمُخَلَّفِينَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ سَتُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ قَوۡمٍ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ تُقَٰتِلُونَهُمۡ أَوۡ يُسۡلِمُونَۖ فَإِن تُطِيعُواْ يُؤۡتِكُمُ ٱللَّهُ أَجۡرًا حَسَنٗاۖ وَإِن تَتَوَلَّوۡاْ كَمَا تَوَلَّيۡتُم مِّن قَبۡلُ يُعَذِّبۡكُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 48:16سەھرالىق ئەرەبلەردىن (ھۇدەيبىيەگە) چىقماي قېلىپ قالغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر يېقىندا قاتتىق جەڭگىۋار بىر قەۋمگە (قارشى ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلىسىلەر. يا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىز) مۇسۇلمان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە گۈزەل مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئىلگىرى (ھۇدەيبىيەدە بۇيرۇققا) ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقاندەك باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ».
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَمَن يَتَوَلَّ يُعَذِّبۡهُ عَذَابًا أَلِيمٗا
Open ayah 48:17(جىھادقا چىقمىغان) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (قەسىرلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقىشتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايدۇ.
۞لَّقَدۡ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذۡ يُبَايِعُونَكَ تَحۡتَ ٱلشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَثَٰبَهُمۡ فَتۡحٗا قَرِيبٗا
Open ayah 48:18(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەر ساڭا (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلىۋاتقاندا، ئاللاھ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، ئۇلارنى يېقىندا قولغا كېلىدىغان بىر غەلىبە بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [18 _ 19]
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةٗ يَأۡخُذُونَهَاۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
Open ayah 48:19(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەر ساڭا (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلىۋاتقاندا، ئاللاھ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، ئۇلارنى يېقىندا قولغا كېلىدىغان بىر غەلىبە بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [18 _ 19]
وَعَدَكُمُ ٱللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةٗ تَأۡخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمۡ هَٰذِهِۦ وَكَفَّ أَيۡدِيَ ٱلنَّاسِ عَنكُمۡ وَلِتَكُونَ ءَايَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَيَهۡدِيَكُمۡ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
Open ayah 48:20ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلىپ، بۇ (خەيبەرنىڭ غەنىيمىتى) نى ئالدىن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى. بۇ مۇئمىنلەرگە (ئاللاھنىڭ ياردەم قىلغانلىقىغا) بىر بەلگە بولۇپ قېلىشى ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈندۇر.
وَأُخۡرَىٰ لَمۡ تَقۡدِرُواْ عَلَيۡهَا قَدۡ أَحَاطَ ٱللَّهُ بِهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
Open ayah 48:21يەنە سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (سىلەر ئۈچۈن) ساقلاپ قويغان باشقا بىر غەنىيمەتنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
وَلَوۡ قَٰتَلَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوَلَّوُاْ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
Open ayah 48:22ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشقان بولسا، ئۇلار ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن ھېچبىر ئىگە بولغۇچى ۋە ھېچبىر ياردەم قىلغۇچى تاپالمايتتى.
سُنَّةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا
Open ayah 48:23بۇ ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇنىيىتىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا
Open ayah 48:24ئاللاھ مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن، سىلەرنىمۇ ئۇلارغا قول سېلىشتىن توسقان زاتتۇر. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَـُٔوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا
Open ayah 48:25ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە توختىتىپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنى ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توسقانلاردۇر. (مەككىدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر _ ئايال مۇئمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھكار بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئاللاھ سىلەرنى ئۇرۇش قىلىشتىن ئەلۋەتتە توسمايتتى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدى). ئەگەر (مۇئمىنلەر كاپىرلاردىن) ئايرىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالايتتۇق.
إِذۡ جَعَلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَلۡزَمَهُمۡ كَلِمَةَ ٱلتَّقۡوَىٰ وَكَانُوٓاْ أَحَقَّ بِهَا وَأَهۡلَهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
Open ayah 48:26كاپىرلار مۇتەئەسسىپلىكنى _ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنى _ دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە تەمكىنلىك چۈشۈردى، ئۇلارنى تەقۋالىق كەلىمىسى (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، دېگەن سۆز) دە مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلار شۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
لَّقَدۡ صَدَقَ ٱللَّهُ رَسُولَهُ ٱلرُّءۡيَا بِٱلۡحَقِّۖ لَتَدۡخُلُنَّ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمۡ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَۖ فَعَلِمَ مَا لَمۡ تَعۡلَمُواْ فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَٰلِكَ فَتۡحٗا قَرِيبًا
Open ayah 48:27ھەقىقەتەن ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى: (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چېچىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ بۇنىڭدىن (سىلەر مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشتىن) بۇرۇن سىلەرگە يېقىنقى بىر غەلىبىنى ئاتا قىلدى.
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا
Open ayah 48:28ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر. ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر.
مُّحَمَّدٞ رَّسُولُ ٱللَّهِۚ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ أَشِدَّآءُ عَلَى ٱلۡكُفَّارِ رُحَمَآءُ بَيۡنَهُمۡۖ تَرَىٰهُمۡ رُكَّعٗا سُجَّدٗا يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٗاۖ سِيمَاهُمۡ فِي وُجُوهِهِم مِّنۡ أَثَرِ ٱلسُّجُودِۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمۡ فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِۚ وَمَثَلُهُمۡ فِي ٱلۡإِنجِيلِ كَزَرۡعٍ أَخۡرَجَ شَطۡـَٔهُۥ فَـَٔازَرَهُۥ فَٱسۡتَغۡلَظَ فَٱسۡتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِۦ يُعۡجِبُ ٱلزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ ٱلۡكُفَّارَۗ وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنۡهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمَۢا
Open ayah 48:29مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار(ساھابىلەر) كاپىرلارغا قاتتىق قولدۇر، ئۆزئارىسىدا كۆيۈمچاندۇر، سەن ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى سەجدىنىڭ ئەسەرلىرىدىن يۈزلىرىدە (ئاشكارىدۇر). ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى شۇكى، (ئۇلار) بىخ ئۇرۇپ چىقىپ، كۈچلىنىپ، غولى چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، (بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن) دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. (بۇنداق ئوخشىتىش) مۇئمىنلەر ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەتنى ۋە كاتتا ئەجىرنى ۋەدە قىلدى.