الواقعة
Al-Waaqia
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ
Open ayah 56:1قىيامەت قايىم بولغان چاغدا،
لَيۡسَ لِوَقۡعَتِهَا كَاذِبَةٌ
Open ayah 56:2ئۇنىڭ قايىم بولغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
خَافِضَةٞ رَّافِعَةٌ
Open ayah 56:3(ئۇ قىيامەت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرگۈچىدۇر، (مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن مەرتىۋىسىنى) كۆتۈرگۈچىدۇر.
إِذَا رُجَّتِ ٱلۡأَرۡضُ رَجّٗا
Open ayah 56:4زېمىن شىددەتلىك تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچە-پارچە بولۇپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، سىلەر ئۈچ پىرقىغا بۆلۈنىسىلەر. [4 _ 7]
وَبُسَّتِ ٱلۡجِبَالُ بَسّٗا
Open ayah 56:5زېمىن شىددەتلىك تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچە-پارچە بولۇپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، سىلەر ئۈچ پىرقىغا بۆلۈنىسىلەر. [4 _ 7]
فَكَانَتۡ هَبَآءٗ مُّنۢبَثّٗا
Open ayah 56:6زېمىن شىددەتلىك تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچە-پارچە بولۇپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، سىلەر ئۈچ پىرقىغا بۆلۈنىسىلەر. [4 _ 7]
وَكُنتُمۡ أَزۡوَٰجٗا ثَلَٰثَةٗ
Open ayah 56:7زېمىن شىددەتلىك تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچە-پارچە بولۇپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، سىلەر ئۈچ پىرقىغا بۆلۈنىسىلەر. [4 _ 7]
فَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ
Open ayah 56:8(بىرىنچى پىرقە) نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار نېمىدېگەن بەختلىك ئادەملەر!
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ
Open ayah 56:9(ئىككىنچى پىرقە) نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار نېمىدېگەن بەختسىز ئادەملەر!
وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلسَّٰبِقُونَ
Open ayah 56:10(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلاردا) ئەڭ ئالدىدا بولغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار مۇكاپاتلىرىنى ئېلىشتىمۇ) ئەڭ ئالدىدا بولغۇچىلاردۇر.
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡمُقَرَّبُونَ
Open ayah 56:11ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر. [11 _ 12]
فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ
Open ayah 56:12ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر. [11 _ 12]
ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 56:13بۇلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر. [13 _ 14]
وَقَلِيلٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ
Open ayah 56:14بۇلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر. [13 _ 14]
عَلَىٰ سُرُرٖ مَّوۡضُونَةٖ
Open ayah 56:15ئۇلار (ئالتۇندىن) ياسالغان تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ. [15 _ 16]
مُّتَّكِـِٔينَ عَلَيۡهَا مُتَقَٰبِلِينَ
Open ayah 56:16ئۇلار (ئالتۇندىن) ياسالغان تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ. [15 _ 16]
يَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ وِلۡدَٰنٞ مُّخَلَّدُونَ
Open ayah 56:17ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار (مۇلازىم بالىلار) ئېقىپ تۇرىدىغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (خىزمەت ئۈچۈن) ئايلىنىپ تۇرىدۇ. [17 _ 18]
بِأَكۡوَابٖ وَأَبَارِيقَ وَكَأۡسٖ مِّن مَّعِينٖ
Open ayah 56:18ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار (مۇلازىم بالىلار) ئېقىپ تۇرىدىغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (خىزمەت ئۈچۈن) ئايلىنىپ تۇرىدۇ. [17 _ 18]
لَّا يُصَدَّعُونَ عَنۡهَا وَلَا يُنزِفُونَ
Open ayah 56:19ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ.
وَفَٰكِهَةٖ مِّمَّا يَتَخَيَّرُونَ
Open ayah 56:20ئۇلارغا خالىغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بار. [20 _ 21]
وَلَحۡمِ طَيۡرٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ
Open ayah 56:21ئۇلارغا خالىغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بار. [20 _ 21]
وَحُورٌ عِينٞ
Open ayah 56:22ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدە ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بار. [22 _ 23]
كَأَمۡثَٰلِ ٱللُّؤۡلُوِٕ ٱلۡمَكۡنُونِ
Open ayah 56:23ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدە ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بار. [22 _ 23]
جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
Open ayah 56:24بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
لَا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا تَأۡثِيمًا
Open ayah 56:25ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (ھۇزۇر ۋە ئامان – ئېسەنلىك بېغىشلايدىغان) «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ. [25 _ 26]
إِلَّا قِيلٗا سَلَٰمٗا سَلَٰمٗا
Open ayah 56:26ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (ھۇزۇر ۋە ئامان – ئېسەنلىك بېغىشلايدىغان) «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ. [25 _ 26]
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ
Open ayah 56:27نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك كىشىلەر!
فِي سِدۡرٖ مَّخۡضُودٖ
Open ayah 56:28ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
وَطَلۡحٖ مَّنضُودٖ
Open ayah 56:29ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
وَظِلّٖ مَّمۡدُودٖ
Open ayah 56:30ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
وَمَآءٖ مَّسۡكُوبٖ
Open ayah 56:31ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
وَفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ
Open ayah 56:32ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
لَّا مَقۡطُوعَةٖ وَلَا مَمۡنُوعَةٖ
Open ayah 56:33ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
وَفُرُشٖ مَّرۡفُوعَةٍ
Open ayah 56:34ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. [28 _ 34]
إِنَّآ أَنشَأۡنَٰهُنَّ إِنشَآءٗ
Open ayah 56:35شەكسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق.
فَجَعَلۡنَٰهُنَّ أَبۡكَارًا
Open ayah 56:36ئۇلارنى (ھەمىشە) قىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان قىلدۇق.
عُرُبًا أَتۡرَابٗا
Open ayah 56:37ئۇلارنى ئەرلىرىگە ئامراق ۋە تەڭتۇش قىلدۇق.
لِّأَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
Open ayah 56:38بۇ (ئىنئاملار) نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر.
ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ
Open ayah 56:39بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر. [39 _ 40]
وَثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ
Open ayah 56:40بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر. [39 _ 40]
وَأَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ
Open ayah 56:41نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلگەنلەر نېمىدېگەن بەختسىز كىشىلەر!
فِي سَمُومٖ وَحَمِيمٖ
Open ayah 56:42ئۇلار (بەدەننىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدىغان) ئوتلۇق شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، يېقىملىقمۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. [42 _ 44]
وَظِلّٖ مِّن يَحۡمُومٖ
Open ayah 56:43ئۇلار (بەدەننىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدىغان) ئوتلۇق شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، يېقىملىقمۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. [42 _ 44]
لَّا بَارِدٖ وَلَا كَرِيمٍ
Open ayah 56:44ئۇلار (بەدەننىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدىغان) ئوتلۇق شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، يېقىملىقمۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. [42 _ 44]
إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُتۡرَفِينَ
Open ayah 56:45چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (ھارام بىلەن) راھەت _ پاراغەتكە چۆمگەن ئىدى،
وَكَانُواْ يُصِرُّونَ عَلَى ٱلۡحِنثِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 56:46ئۇلار چوڭ گۇناھتا (كاپىرلىقتا) چىڭ تۇرغان ئىدى.
وَكَانُواْ يَقُولُونَ أَئِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ
Open ayah 56:47ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدىمۇ چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى. [47 _ 48]
أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ
Open ayah 56:48ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدىمۇ چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى. [47 _ 48]
قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَوَّلِينَ وَٱلۡأٓخِرِينَ
Open ayah 56:49(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ (قىيامەتتىن ئىبارەت) مەلۇم كۈندىكى مۇئەييەن ۋاقىتتا ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ. [49 _ 50]
لَمَجۡمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
Open ayah 56:50(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ (قىيامەتتىن ئىبارەت) مەلۇم كۈندىكى مۇئەييەن ۋاقىتتا ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ. [49 _ 50]
ثُمَّ إِنَّكُمۡ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلۡمُكَذِّبُونَ
Open ayah 56:51ئاندىن سىلەر، ئى ئازغۇنلۇققا پاتقان ئىنكارچىلار!
لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ
Open ayah 56:52چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر،
فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ
Open ayah 56:53ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر،
فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ
Open ayah 56:54ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى قايناق سۇنى ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن تۆگىلەر ئىچكەندەك ئىچىسىلەر». [54 _ 55]
فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ
Open ayah 56:55ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى قايناق سۇنى ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن تۆگىلەر ئىچكەندەك ئىچىسىلەر». [54 _ 55]
هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ
Open ayah 56:56مانا بۇ ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر.
نَحۡنُ خَلَقۡنَٰكُمۡ فَلَوۡلَا تُصَدِّقُونَ
Open ayah 56:57(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتقان تۇرساق، (تىرىلدۈرۈشىمىزگە) نېمىشقا ئىشەنمەيسىلەر؟
أَفَرَءَيۡتُم مَّا تُمۡنُونَ
Open ayah 56:58سىلەر ئۆزۈڭلار (ئايالىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا) تۆكىدىغان مەنىيگە قاراپ باقمامسىلەر؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟ [58 _ 59]
ءَأَنتُمۡ تَخۡلُقُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡخَٰلِقُونَ
Open ayah 56:59سىلەر ئۆزۈڭلار (ئايالىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا) تۆكىدىغان مەنىيگە قاراپ باقمامسىلەر؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟ [58 _ 59]
نَحۡنُ قَدَّرۡنَا بَيۡنَكُمُ ٱلۡمَوۡتَ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ
Open ayah 56:60بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان (باشقا) بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز. [60 _ 61]
عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ أَمۡثَٰلَكُمۡ وَنُنشِئَكُمۡ فِي مَا لَا تَعۡلَمُونَ
Open ayah 56:61بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان (باشقا) بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز. [60 _ 61]
وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُولَىٰ فَلَوۡلَا تَذَكَّرُونَ
Open ayah 56:62شەكسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار، (ئاللاھنىڭ سىلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق) ئويلىنىپ كۆرمەمسىلەر؟
أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَحۡرُثُونَ
Open ayah 56:63سىلەر تېرىۋاتقان زىرائەتكە قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمۡ تَزۡرَعُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلزَّٰرِعُونَ
Open ayah 56:64ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى ئۈندۈرگۈچى بىزمۇ؟
لَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَٰهُ حُطَٰمٗا فَظَلۡتُمۡ تَفَكَّهُونَ
Open ayah 56:65ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق _ دە، ئۇ چاغدا سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە: «بىز راستتىنلا زىيان تارتتۇق، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» (دەپ كېتەتتىڭلار). [65 _ 67]
إِنَّا لَمُغۡرَمُونَ
Open ayah 56:66ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق _ دە، ئۇ چاغدا سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە: «بىز راستتىنلا زىيان تارتتۇق، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» (دەپ كېتەتتىڭلار). [65 _ 67]
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
Open ayah 56:67ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق _ دە، ئۇ چاغدا سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە: «بىز راستتىنلا زىيان تارتتۇق، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» (دەپ كېتەتتىڭلار). [65 _ 67]
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلۡمَآءَ ٱلَّذِي تَشۡرَبُونَ
Open ayah 56:68سىلەر ئىچىۋاتقان سۇغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمۡ أَنزَلۡتُمُوهُ مِنَ ٱلۡمُزۡنِ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنزِلُونَ
Open ayah 56:69ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى چۈشۈرگۈچى بىزمۇ؟
لَوۡ نَشَآءُ جَعَلۡنَٰهُ أُجَاجٗا فَلَوۡلَا تَشۡكُرُونَ
Open ayah 56:70ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. سىلەر (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامسىلەر؟
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي تُورُونَ
Open ayah 56:71سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتقا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمۡ أَنشَأۡتُمۡ شَجَرَتَهَآ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنشِـُٔونَ
Open ayah 56:72ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى ئۆستۈرگۈچى بىزمۇ؟
نَحۡنُ جَعَلۡنَٰهَا تَذۡكِرَةٗ وَمَتَٰعٗا لِّلۡمُقۡوِينَ
Open ayah 56:73بىز ئۇنى (كىشىلەرگە دوزاخ ئوتىنى) ئەسلىتىدىغان ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق.
فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 56:74شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
۞فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَوَٰقِعِ ٱلنُّجُومِ
Open ayah 56:75يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر. [75 _ 76]
وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٞ لَّوۡ تَعۡلَمُونَ عَظِيمٌ
Open ayah 56:76يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر. [75 _ 76]
إِنَّهُۥ لَقُرۡءَانٞ كَرِيمٞ
Open ayah 56:77شەكسىزكى، بۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. [77 _ 78]
فِي كِتَٰبٖ مَّكۡنُونٖ
Open ayah 56:78شەكسىزكى، بۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. [77 _ 78]
لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُطَهَّرُونَ
Open ayah 56:79ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ.
تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
Open ayah 56:80ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
أَفَبِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَنتُم مُّدۡهِنُونَ
Open ayah 56:81سىلەر بۇ سۆز (قۇرئان)نى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىلەر؟
وَتَجۡعَلُونَ رِزۡقَكُمۡ أَنَّكُمۡ تُكَذِّبُونَ
Open ayah 56:82سىلەر (ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن) رىزقىڭلارغا (شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا) تۇزكورلۇق قىلىۋاتامسىلەر؟
فَلَوۡلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلۡحُلۡقُومَ
Open ayah 56:83جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا، سىلەر (جان تالىشىۋاتقان كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر (شۇ ھالدا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالامسىلەر؟). [83 _ 84]
وَأَنتُمۡ حِينَئِذٖ تَنظُرُونَ
Open ayah 56:84جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا، سىلەر (جان تالىشىۋاتقان كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر (شۇ ھالدا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالامسىلەر؟). [83 _ 84]
وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُبۡصِرُونَ
Open ayah 56:85بىز ئۇنىڭغا سىلەردىن بەكرەك يېقىنمىز، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر.
فَلَوۡلَآ إِن كُنتُمۡ غَيۡرَ مَدِينِينَ
Open ayah 56:86ئەگەر (سىلەر ئويلىغاندەك) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار ۋە (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، سىلەر نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيتنىڭ جېنىنى تېنىگە) قايتۇرالمايسىلەر؟ [86 _ 87]
تَرۡجِعُونَهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
Open ayah 56:87ئەگەر (سىلەر ئويلىغاندەك) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار ۋە (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، سىلەر نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيتنىڭ جېنىنى تېنىگە) قايتۇرالمايسىلەر؟ [86 _ 87]
فَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ
Open ayah 56:88ئەگەر ئۇ (مېيىت) ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولسا، ئۇنىڭغا راھەت _ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بار. [88 _ 89]
فَرَوۡحٞ وَرَيۡحَانٞ وَجَنَّتُ نَعِيمٖ
Open ayah 56:89ئەگەر ئۇ (مېيىت) ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولسا، ئۇنىڭغا راھەت _ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بار. [88 _ 89]
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
Open ayah 56:90ئەگەر ئۇ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولسا، (ئۇنىڭغا) «نامەـ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا سالام!» (دېيىلىدۇ). [90 _ 91]
فَسَلَٰمٞ لَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
Open ayah 56:91ئەگەر ئۇ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولسا، (ئۇنىڭغا) «نامەـ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا سالام!» (دېيىلىدۇ). [90 _ 91]
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُكَذِّبِينَ ٱلضَّآلِّينَ
Open ayah 56:92ئەگەر ئۇ (تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇنلاردىن بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ، [92 _ 93]
فَنُزُلٞ مِّنۡ حَمِيمٖ
Open ayah 56:93ئەگەر ئۇ (تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇنلاردىن بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ، [92 _ 93]
وَتَصۡلِيَةُ جَحِيمٍ
Open ayah 56:94جەھەننەمگە تاشلىنىپ كۆيدۈرۈلىدۇ.
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ ٱلۡيَقِينِ
Open ayah 56:95شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر.
فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 56:96شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.