الحديد
Al-Hadid
Translation: Muhammad Yusuf Muhammad Tursun · Open the surah
بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
Open ayah 57:1ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
Open ayah 57:2ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
هُوَ ٱلۡأَوَّلُ وَٱلۡأٓخِرُ وَٱلظَّٰهِرُ وَٱلۡبَاطِنُۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
Open ayah 57:3ئاللاھ ئەۋۋەلدۇر (ھەممىدىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر)، ئاخىردۇر (ھەممە يوقالغاندىن كېيىنمۇ باقىيدۇر)، زاھىردۇر (دەلىل - پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىدۇر)، باتىندۇر (كۆزلەرنىڭ كۆرۈشىدىن مەخپىيدۇر). ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۖ وَهُوَ مَعَكُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
Open ayah 57:4ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئۇ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
Open ayah 57:5ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش پەقەتلا ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِۚ وَهُوَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
Open ayah 57:6ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَأَنفِقُواْ مِمَّا جَعَلَكُم مُّسۡتَخۡلَفِينَ فِيهِۖ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَأَنفَقُواْ لَهُمۡ أَجۡرٞ كَبِيرٞ
Open ayah 57:7ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى باشقۇرۇشقا ئىگە قىلغان نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بار.
وَمَا لَكُمۡ لَا تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلرَّسُولُ يَدۡعُوكُمۡ لِتُؤۡمِنُواْ بِرَبِّكُمۡ وَقَدۡ أَخَذَ مِيثَٰقَكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
Open ayah 57:8(ئى كاپىرلار!) پەيغەمبەر سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىۋاتقان، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتماقچى بولساڭلار (ئۇنىڭغا ئالدىراڭلار).
هُوَ ٱلَّذِي يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦٓ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ لِّيُخۡرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ بِكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 57:9ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن، بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلغان زاتتۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر، تولىمۇ رەھىم-شەپقەتلىكتۇر.
وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تُنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا يَسۡتَوِي مِنكُم مَّنۡ أَنفَقَ مِن قَبۡلِ ٱلۡفَتۡحِ وَقَٰتَلَۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡظَمُ دَرَجَةٗ مِّنَ ٱلَّذِينَ أَنفَقُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَقَٰتَلُواْۚ وَكُلّٗا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
Open ayah 57:10ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاس تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل _ مال) سەرپ قىلمايسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن مەككە فەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (ئاللاھ يولىدا) ئۇرۇشقا قاتناشقانلار بىلەن (مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقانلار) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى كېيىن پۇل _ مال سەرپ قىلغان ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرىدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
مَّن ذَا ٱلَّذِي يُقۡرِضُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥ وَلَهُۥٓ أَجۡرٞ كَرِيمٞ
Open ayah 57:11كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئۇنداق كىشىگە ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قىممەتلىك مۇكاپات بېرىدۇ.
يَوۡمَ تَرَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَسۡعَىٰ نُورُهُم بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَبِأَيۡمَٰنِهِمۖ بُشۡرَىٰكُمُ ٱلۡيَوۡمَ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
Open ayah 57:12ئۇ كۈندە مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ، (ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ تۇرىسىلەر، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ).
يَوۡمَ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتُ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱنظُرُونَا نَقۡتَبِسۡ مِن نُّورِكُمۡ قِيلَ ٱرۡجِعُواْ وَرَآءَكُمۡ فَٱلۡتَمِسُواْ نُورٗاۖ فَضُرِبَ بَيۡنَهُم بِسُورٖ لَّهُۥ بَابُۢ بَاطِنُهُۥ فِيهِ ٱلرَّحۡمَةُ وَظَٰهِرُهُۥ مِن قِبَلِهِ ٱلۡعَذَابُ
Open ayah 57:13ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلەرگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق نەپ ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەپ بېقىڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە (مۇئمىنلەر بار تەرەپتە) رەھمەت، تېشىدا (مۇناپىقلار بار تەرەپتە) ئازاب بولىدۇ.
يُنَادُونَهُمۡ أَلَمۡ نَكُن مَّعَكُمۡۖ قَالُواْ بَلَىٰ وَلَٰكِنَّكُمۡ فَتَنتُمۡ أَنفُسَكُمۡ وَتَرَبَّصۡتُمۡ وَٱرۡتَبۡتُمۡ وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡأَمَانِيُّ حَتَّىٰ جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ وَغَرَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
Open ayah 57:14ئۇلار مۇئمىنلەرنى چاقىرىپ: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۇئمىنلەر: «(كۆرۈنۈشتە) شۇنداق ئىدى، لېكىن سىلەر (مۇناپىقلىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاك قىلدىڭلار، (مۇئمىنلەرگە بالايىئاپەت كېلىشىنى) كۈتتۈڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشتىن) شەكلەندىڭلار، (يالغان) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى. ئاخىر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئۆلۈم) كەلدى. ئۇچىغا چىققان ئالدامچى (شەيتان) سىلەرنى ئاللاھنىڭ (كەڭچىلىكى) بىلەن ئالدىدى» دەيدۇ.
فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُؤۡخَذُ مِنكُمۡ فِدۡيَةٞ وَلَا مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ مَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُۖ هِيَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
Open ayah 57:15(ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كاپىرلاردىنمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) فىديە ئېلىنمايدۇ، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!» (دېيىلىدۇ).
۞أَلَمۡ يَأۡنِ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن تَخۡشَعَ قُلُوبُهُمۡ لِذِكۡرِ ٱللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ ٱلۡحَقِّ وَلَا يَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلُ فَطَالَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَمَدُ فَقَسَتۡ قُلُوبُهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
Open ayah 57:16ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئاللاھنى ياد ئەتكەندە ۋە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت (قۇرئان ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا) دىللىرى ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولۇپ قالمىسۇنكى، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن ۋە كۆپ سانلىقى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلار ئىدى.
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ قَدۡ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
Open ayah 57:17بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن زېمىننى (سۇسىزلىقتىن) ئۆلگەندىن كېيىن (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرىدۇ. شەكسىزكى، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن (شۇنىڭ بىلەن ئىبرەت ئالسۇن) دەپ، سىلەرگە (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق.
إِنَّ ٱلۡمُصَّدِّقِينَ وَٱلۡمُصَّدِّقَٰتِ وَأَقۡرَضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا يُضَٰعَفُ لَهُمۡ وَلَهُمۡ أَجۡرٞ كَرِيمٞ
Open ayah 57:18سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگۈچىلەرگە (ئۇلارنىڭ بەرگەنلىرى) ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ ھەم ئۇلارغا تولىمۇ ئېسىل بىر مۇكاپات بار.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصِّدِّيقُونَۖ وَٱلشُّهَدَآءُ عِندَ رَبِّهِمۡ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ وَنُورُهُمۡۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
Open ayah 57:19ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار— ئەنە شۇلار سىددىقلاردۇر[126]. شېھىتلەر رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپاتقا ۋە نۇرغا ئېرىشىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە يالغانغا چىقارغانلار— ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
- سىددىقلار— پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى مۇكەممەل دەرىجىدە تەسىتقلىغان كىشىلەردۇر.
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞ وَزِينَةٞ وَتَفَاخُرُۢ بَيۡنَكُمۡ وَتَكَاثُرٞ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِۖ كَمَثَلِ غَيۡثٍ أَعۡجَبَ ٱلۡكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَكُونُ حُطَٰمٗاۖ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٞ شَدِيدٞ وَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٞۚ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ
Open ayah 57:20(ئى ئىنسانلار!) بىلىڭلاركى، دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن _ تاماشىدىن، بىخۇتلۇقتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل _ مال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ماختىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇشال قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ _ دە، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يانجىلغان چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كاپىرلارغا) قاتتىق ئازاب بار، (مۇئمىنلەرگە) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا ھاياتى پەقەت (غەپلەتتىكى ئادەم) ئالدىنىپ قالىدىغان بىر مەنپەئەتتىن ئىبارەتتۇر.
سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 57:21رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان _ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراڭلار. بۇ (مەغپىرەت بىلەن جەننەت) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ أَن نَّبۡرَأَهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
Open ayah 57:22يەر يۈزىدە يۈز بەرگەن (ھادىسىلەر) ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان بالا _ قازالارنىڭ ھەممىسى بىز يارىتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىلىپ كەتكەن ئىدى، شەكسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
لِّكَيۡلَا تَأۡسَوۡاْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا تَفۡرَحُواْ بِمَآ ءَاتَىٰكُمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٍ
Open ayah 57:23(ئاللاھ بۇنى) قولۇڭلاردىن كەتكەنگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە (ئاللاھنىڭ) بەرگەنلىرىگە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ماختانچاقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِۗ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
Open ayah 57:24ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر. كىمكى (ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَنزَلۡنَا مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَنزَلۡنَا ٱلۡحَدِيدَ فِيهِ بَأۡسٞ شَدِيدٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
Open ayah 57:25بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئوپئوچۇق دەلىل – پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى ۋە مىزاننى چۈشۈردۇق. بىز كۈچ _ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇق. بۇ ئاللاھنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە غايىبانە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى (يەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى) ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحٗا وَإِبۡرَٰهِيمَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَۖ فَمِنۡهُم مُّهۡتَدٖۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
Open ayah 57:26بىز ھەقىقەتەن نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھىدايەت تاپقانلار بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
ثُمَّ قَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِرُسُلِنَا وَقَفَّيۡنَا بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَۖ وَجَعَلۡنَا فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ رَأۡفَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَرَهۡبَانِيَّةً ٱبۡتَدَعُوهَا مَا كَتَبۡنَٰهَا عَلَيۡهِمۡ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ رِضۡوَٰنِ ٱللَّهِ فَمَا رَعَوۡهَا حَقَّ رِعَايَتِهَاۖ فَـَٔاتَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۡهُمۡ أَجۡرَهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
Open ayah 57:27ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇردۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، ئۇلار يېڭىدىن پەيدا قىلىۋالغان رەھبانىيەتكە (تەركىدۇنيالىققا) ئۇلارنى بىز بۇيرۇمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ (پەيدا قىلىۋالدى)، بىراق ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى. ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجىرىنى بەردۇق. ئۇلاردىن كۆپلىرى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَءَامِنُواْ بِرَسُولِهِۦ يُؤۡتِكُمۡ كِفۡلَيۡنِ مِن رَّحۡمَتِهِۦ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ نُورٗا تَمۡشُونَ بِهِۦ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
Open ayah 57:28ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ ۋە سىلەرگە سىلەر (يورۇقىدا) ماڭىدىغان نۇرنى ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لِّئَلَّا يَعۡلَمَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ أَلَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡفَضۡلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
Open ayah 57:29بۇ ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىگە ئۆزلىرىنىڭ قىلچىلىك ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، پەزلنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەزل _ كەرەم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر.